غۇلجا يولىدىكى پاجىە

  1. غۇلجا يولىدىكى پاجىە
    13 سېنتيابر 2013 ئوقۇدۇق، پىكىر ئېيتىمىز 16 رېت ئوقىلدى 0 پىكىر
    يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىدىكى ئۇنتۇلمايدىغان، ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ۋاقىە — «ئاتۇ» پاجىەسى. بىيىل ئۇنىڭ يۈز بەرگىنىگە 95 ژىل بولدى. شۇنىڭغا باغلىق گېزىتىمىز سەھىپىلىرىدە ماقالىلار بېسىلدى، ئايرىم مەلىلەردە نەزىرلەر ئۆتكۈزۈلدى، ئۇچرىشىشلار بولۇپ ئۆتتى. ئالىم خەمىت ھەمراېۋ بولسا، قانلىق قىرغىنغا بېغىشلاپ رۇس تىلىدا يېزىلغان «كۇلدژىنسكىي تراكت» («غۇلجا يولى») ناملىق روماننى نەشىر قىلدى. بەدىىي ئەسەر سيۇژېتى ئاساسەن گېنوسىدقا باراۋەر قىرغىننى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، رومان موشۇ ئاممىۋىي قان تۆكۈشتىن بارى-يوقى ئىككى ژىل ئىلگىرىلا يۈز بەرگەن لاشمانلىقتىن باشلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق مۇەللىپ ئەينى چاغدا پادىشا پەرمانىغا قارشى بولغان خەلىق بىراز ۋاقىت ئۆتۈپلا چار ھاكىمىيىتىنى ياقلاپ، ئاممىۋىي تۈردە بولشېۋىكلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى مۈمكىن ئەمەس. دېمەك، ئۇيغۇرلارنى تۈگەل دېگىدەك قىرىشقا ھېچ بىر ئاساس بولمىغان، دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ.
    1916-ژىلقى پادىشانىڭ ئارقا سەپتىكى ئىشلار ئۈچۈن يەرلىك ئاھالىنى سەپەرۋەر قىلىش توغرىلىق پەرمانى قازاق دالاسىدا، شۇ جۈملىدىن يەتتىسۇدا كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلغانلىغى ھەم بۇ ۋاقىە خەلقىمىز ئارىسىدا «لاشمانلىق» دەپ ئاتالغانلىغىنى بىز قوشاقلار ۋە يازغۇچى مۆمۈن ھەمراېۋنىڭ «ئېغىر كۈنلەردە» پوۋېستى ئارقىلىق بىلىمىز. ئاددىي پۇخرالار ژىراقتىكى نامەلۇم جايلارغا سەپەرۋەر قىلىنىشىغا، تىزىملار تۈزۈلگەندە، ئادالەتسىزلىككە يول قويۇلغانلىغىغا قارشى ئېدى. «سارسكايا موبىلىزاسىيا» («پادىشا سەپەرۋەرلىگى») دەپ ئاتالغان روماننىڭ بىرىنچى قىسمىدا بۇنىڭ چوڭ ئاقسۇ ۋە قورام يېزىلىرىدا قانداق ئۆتكەنلىگى مىسالىدا كۆرسىتىلگەن. غەزەپلەڭەن توپ قورامدا بولۇس ئارۇپ ئابدراسۇلنى ئۆلتۈرىدۇ. ئامما ئۆزلىرى قاتتىق جازاغا ئۇچراپ، بىر نەچچە كىشىلىرىدىن ئايرىلىدۇ. ئەسەردە قۇراللىق كۈرەشمۇ ئورۇن ئالغان — پادىشا ئەسكەرلىرىگە لېپسى ئۇېزىدا بېكبولات ئوتريادى قارشى چىقىدۇ. ئۇنىڭ تەركىۋىدە ئۇيغۇرلارمۇ بولىدۇ. نارازىلىقلار توقۇنۇشلارغا ئايلانسىمۇ، پەرمان بەرىبىر ئورۇنلىنىدۇ. ژىراقتىكى روسسىيانىڭ ھەرخىل شەھەرلىرىگە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا چوڭاقسۇلۇق ئەركىنمۇ بولىدۇ. ئەركىن ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆسكەن يېقىن خوشنىسى ئازاتقا مۇناسىۋەتلىك پەيدا بولىدىغان مەزكۈر ئوبرازلار «ئاتۇ» ۋاقىەسى تۈپەيلى ھەممە قىرلىرى بىلەن ئېچىلىدۇ…
    «ئاتۇ» قىرغىنىغا سەۋەپ بولغان نەرسە — يېڭىشەلىكلەرنىڭ ئۆز بولۇسى جامالدىن بۇشرىېۋنىڭ — جامخان بولۇسنىڭ — سۆزىگە كىرىپ، كازاكلار قاتارىدا ئالمۇتىدىكى قىزىللار قورغىنى بولغان سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشى. روماندا بۇنىڭ ھەممىسى تەپسىلىي تەسۋىرلەڭەن. جامخان بولۇس ئۆزىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىگى، كۆپچىلىكنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىدىغانلىغى بىلەن ئابروي قازىنىدۇ. لاشمانلىقتىمۇ ئۆزىنى ئىجابىي تەرەپتىن كۆرسىتىدۇ ۋە تىزىمدىن ھال-ئەھۋالى ئېغىر بىر نەچچە كىشىنىڭ بالىلىرىنى ئۆچىرىپ تاشلايدۇ. ئۇ پادىشا ھاكىمىيىتىنىڭ پەقەت ياخشىلىغىنى كۆرگەچكە، ئۇنى جان-دىلى بىلەن ياقلاتتى. لېكىن جاماەت ئالدىدا بولۇس يېڭى ھاكىمىيەتنى ئوچۇق يامانلىمايدۇ — شۇنىڭ بىلەن بىللە بولشېۋىكلارنىڭ ھەممىنى —قاچا-قومۇچتىن تارتىپ ئاياللىرىغىچە ئۇمۇمىيلاشتۇرىدىغانلىغىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ. ئەندى قىزىللارنىڭ باي-كەمبەغەل بولۇشىدىن قەتىي نەزەر، ئارتۇق ئاشلىقنى تارتىۋېلىشقا كىرىشىشى ئۇنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيىدۇ ۋە ژۇتداشلىرىنى كازاكلار قاتارىدا كۆتىرىلىشكە دەۋەت قىلىدۇ.
    كازاكلار ۋە يېڭىشەلىكلەرنىڭ سېپىلغا بولغان ھۇجۇمى، چوڭ چىقىملار بىلەن قايتۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ بولۇش-بولماسلىغىغا قارىماستىن، يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن ئۇبدانلا چۆچۈگەن ۋېرنىي ئۇېزى خەلىق كومىسسارلىرى كېڭىشىنىڭ رەىسى پاۋېل ۋىنوگرادوۋ ھېچ كىم بىلەن مەسلىھەتلەشمەستىن، پېتروگرادقا، سمولنىيغا تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا كازاكلار ھەم ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى (پوسوبنىكى) تارانچىلار بىلەن كۈرىشىشكە ئالاھىدە ۋەزىپىلەر بەجىرىدىغان ئوتريادنى ئەۋەتىشنى سورايدۇ. سمولنىينىڭ بۇيرۇغى بويىچە قىزىل گۋاردىياچىلەرنىڭ ئاتلىق، تەقىپلەش ئوتريادى تاشكەنتتە شەكىللىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ كوماندىرى ئېگور مۇراېۋقا تۆۋەندىكى تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ:
    1. ۋېرنىي ئۇېزى تېررىتورىياسىدىكى ئاق كازاكلار قىسىملىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش.
    2. ئاق كازاكلار قوزغىلىڭىنى قىزغىن قوللىغان تارانچىلارنى تامامەن يوق قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
    3. سابىق پادىشا ئەمەلدارلىرىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن غۇلجىدىكى ئاقلار ھەرىكىتىنى قوللاپ-قۇۋەتلەۋاتقان چېگارىداش ئىلى ئۆلكىسىدىكى تارانچى ئاھالىسىنىڭ توقۇنۇشقا ئارىلىشىشىغا يول قويماسلىق.
    مۇراېۋقا بۇيرۇق بار پاكېتنى بەرگەن تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي كومىسسارى كونستانتىن ئوسىپوۋ ئەسلىدە مۇراېۋ ئوخشاش ئېسېرلاردىن ئېدى ۋە قىزىللار ئارىسىدا جاۋاپكەرلىك ئورۇنلارنى ئېگىلىسىمۇ، سابىق پادىشا ئوفىسېرلىرى، ئېسېر ۋە كادېتلارنى بىرلەشتۈرىدىغان «تۈركستان ھەربىي تەشكىلاتىنىڭ» ئەزاسى بولىدىغان. تەشكىلاتنىڭ مەخسىتى — تۈركستاندا بولشېۋىكلارغا قارشى ئىسىيان كۆتىرىش. شۇنىڭغىچە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى — يەرلىك ئاھالىنىڭ ھەربىر كۆتىرىلىشىنى ھەددى-ھېساپسىز شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كېڭەش ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىغىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئېدى. بۇيرۇقتا پەقەت «ئاق كازاكلار قوزغىلىڭىنى قىزغىن قوللىغانلارنى تامامەن يوق قىلىش» دېيىلسىمۇ، مۇراېۋ ئوسىپوۋنىڭ «بار قاتىللىغىڭ بىلەن ھەرىكەت قىل» دېگەن سۆزلىرىنى ئۆزىچە چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قولىدىكى خەرىتىدە پەقەت يېڭىشەرلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن غۇلجا يولىدىكى چوڭ ئاقسۇغىچە بولغان بارلىق ئۇيغۇر يېزىلىرى بەلگۈلىنىپ قويۇلغان ئېدى.
    ھەممىدىن قىزىغى — پ.ۋىنوگرادوۋ مۇراېۋقا مەخسۇس تىزىمنى بېرىدۇ. ئۇنىڭدا تالغىر ۋە ئىشىكتىدە كازاكلارغا ھىسداشلىق بىلدۈرگەنلەرنى كۆرسەتكەن ئېدى. شۇڭلاشقا مۇراېۋ ئالتە يۈز قىزىل گۋاردىياچىنىڭ ئىككى يۈزىنى ژۇقارقى يول بىلەن ماڭغۇزۇپ، ئۆزى ئاساسىي كۈچ بىلەن غۇلجا يولىغا چۈشىدۇ. تىزىمدىكىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بالا-چاقىسىنىمۇ ۋەھشىلەرچە ئۇجۇقتۇرغانلىغىنى مۇەللىپ مەتكەرىمباي مىسالىدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پەقەت تىجارەت-سودا بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، سەياسەتتىن ژىراق بولغاچقا، سېپىلغا ھۇجۇم قىلغانلىغىدىن خەۋىرى يوق باي ئاىلە ئەزالىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئوققا تۇتۇلىدۇ، ئۇنى ھىمايە قىلماقچى بولغان چوڭ ئايالى خاسىيەت قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىنىدۇ. تىزىمدا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەينە شۇنداق ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ. «ئاتۇنىڭ» ئۆزى بولسا، غۇلجا يولىدىكى يېڭىشەردىن باشلىنىدۇ.
    موشۇ يەردە بىر نەرسىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، مۇراېۋنىڭ قولىدىكى بۇيرۇق ۋېرنىيدا مۇھاكىمە قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭدىن پەقەت پ.ۋىنوگرادوۋلا خەۋەردار بولىدۇ. شۇڭلاشقا يەتتىسۇ ۋىلايىتىدىكى قىزىل گۋاردىياچى ئەسكەرلەرنىڭ قوماندانى ل.ئېمېلېۋنىڭ ئويى بويىچە سېپىلغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار پەقەت يېڭىشەرلىكلەر، ئۇلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىسى جامخان بولۇس بىلەن غۇلجا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا قالغانلىرىنى باشقا ئۇيغۇر يېزىلىرىغا ئۈلگە رېتىدىلا جازالاش لازىم. ئۇ ئۆزىنىڭ موشۇ پىكرىنى ئوترياد كومىسسارى ئا.ناخالوۋقا ئېيتىدۇ. مۇراېۋنىڭ يېقىنى م.تالوۋمۇ: «كېڭەش ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققانلار — كازاكلار، ئۇلار ھەقىقەتەن كۈچ، بۇ خەلىقتە بولسا، نېمە گۇنا، ئاشلىق تېرىپ، سودا قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ، قۇرالىمۇ يوق»، دەيدۇ. ئامما مۇراېۋ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئىناۋەتكە ئالمايدۇ: «بىز، ھەربىيلەر، ئىنتىزامغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئورۇنلىشىمىز لازىم. يېڭىشەر — كونتررېۋوليۇسىيانىڭ ئۇگىسى، باشقىلار ئۇلارنى قوللىغان؛ بۇيرۇققا بېناەن، ھېچكىمنى ئايىماستىن، شەپقەتسىز، پۈتۈنلەي ئۇجۇقتۇرۇشىمىز كېرەك»، دەيدۇ.
    يېڭىشەر، تاشتىقارا ۋە باشقا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى بېگۇنا خەلىقنى ئاممىۋىي تۈردە مىلتىق ۋە پۇلېمېتلار ئوقى ئاستىغا ئېلىشتىن تاشقىرى، قىزىل گۋاردىياچىلەر ئاتالغان مۇراېۋچىلارنىڭ نەقەدەر ۋەھشىلەرگە ئايلانغانلىغىنى ئەسەر مۇەللىپى ئۇلارنىڭ ئايرىم ئاىلىلەر ئۈستىدىن ھايۋانلارچە ژۈرگۈزگەن قىلمىشلىرى تۈپەيلى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. سابىر بوۋاي بىلەن ئۇنىڭ ھامىلدار كېلىنىنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىگىنى ئوقۇغان كىتاپخاننى ئىختىيارسىز تىتىرەك باسىدۇ. موشۇنىڭ شاھىدى بولغان سەككىز ياشلىق قىزىنىڭ چېچى ئاقىرىپ كېتىدۇ. قورامدىكى پاجىەدىن كېيىن ئەرلەر قالمىغانلىقتىن، جەسەتلەرنى ئاياللارنىڭ دەپىن قىلىشىمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ.
    بىر يېزىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىن توغرىلىق خەۋەر ئىككىنچىسىگە يېتىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنى ئاڭلاپ، بىرە-يېرىم كىشىلەرلا قاچىدۇ. كۆپچىلىگى: «بىزدە ھېچ قانداق گۇنا بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇللا روزىباقىېۋ يېڭى ھاكىمىيەت ئاددىي خەلىقنىڭ مەنپىيەتلىرىنى ياقلايدۇ، دېگەن. شۇنداق ئېكەن، نېمە ئۈچۈن قىزىللار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ، بىز بۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز» دەپ، جاللاتلارنى ھەرقانداق تەشۋىشكە بېرىلمەي قارشى ئالىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى بىر ئورۇندا ئۇجۇقتۇرۇش مەخسىتىدە، بىر جايغا توپلىشىڭلار دېگەندە، زۇۋان چىقارماي ژىغىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئوققا تۇتۇپ بېرىدۇ. ھەرقانداق پەيتتە ژۇتداشلىرىغا توغرا مەسلىھەت بېرىدىغان قورامدىكى دىنىي ئۆلىما ساۋۇتاخۇنۇممۇ قىزىللارنىڭ شۇنچە ۋەھشى بولۇشىغا ئىشەنمەيدۇ ۋە كىشىلەرنى سەۋىرلىككە چاقىرىدۇ. نەتىجىدە، باشقىلار قاتارىدا ئۆزىمۇ شېيىت بولىدۇ.
    «كۇلدژىنسكىي تراكت» رومانى رېال ۋاقىەلەر توغرىلىق بەدىىي ئەسەر. موشۇنى ئېتىۋارغا ئالغان يازغۇچى ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن ۋاقىەلەرگە بېۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولغان شەخسلەر ئوبرىزىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. لاشمانلىققا باغلىق روماندا تۈركستان ئۆلكىسىنىڭ گېنېرال-گۇبېرناتورى ئا.ن.كۇروپاتكىن، يەتتىسۇ ھەربىي گۇبېرناتورى م.ئا.فولباۇم پەيدا بولىدۇ. چوڭ ئاقسۇدىكى ھاكىمىيەت ئەسكەرلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە خەلىق قوشاقلىرىدا نامى قالغان توخنىياز يېتەكچىلىك قىلىدۇ. «ئاتۇنىڭ» ئالدىدا روماندا بىز ئەلىەكبەر ۋە ئابدۇللا روزىباقىېۋلارنى، پ.ۋىنوگرادوۋنى، ل.ئېمېلېۋنى، ج.بۇشرىېۋنى ئۇچرىتىمىز. ئەسەردە ساۋۇتاخۇنۇمغىمۇ خېلە ئورۇن بېرىلگەن. چېگارىغا ئاتلانغان بايسېيىتلىقلار ئارىسىدا بىز ئىككى بالىنى كۆرىمىز: ئۇلارنىڭ چوڭى گەۋدىلىگىرەك، كىچىگى ئۇنىڭ يېنىدا خېلىلا نازۇك كۆرۈنەتتى. بىرىنچىسىنىڭ ئىسمى غېنى، ئىككىنچىسىنىڭ روزى. ئۇلارنىڭ ۋاقىت ئۆتۈپ، غېنى باتۇر ۋە روزى تەمبۈر بولۇشىنى كىم بىلگەن.
    روماندىكى باش قەھرىمانلارنىڭ بىرى — ئەركىن ئۆز ژۇتداشلىرى بىلەن سامارا شەھىرىدە لاشمانلىقتا بولىدۇ. ئىنقىلاپتىن كېيىن قىزىل گۋاردىياچىلەر سېپىدە بولىدۇ، شۇلاردىن ئۇ ۋېرنىيغا يوللانما ئالىدۇ. بۇ يەردە ئۇ ئا.روزىباقىېۋ بىلەن تونۇشىدۇ ۋە كۆپ ۋاقىتلاردا شۇنىڭ يېنىدا تەشۋىقات ئىشلىرىنى ژۈرگۈزىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا بىز ئەركىننى ياركەنتتە، چەت ئەلدىكى ئاقلارنىڭ بېسىپ كىرىشىنى مۇناسىپ قارشى ئېلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلار ئارىسىدا كۆرىمىز.
    لاشمانلىققا بېرىشتىن قېچىپ ژۈرگەن ئازات ئالدى بىلەن چارىن، قورامدا مۆكۈپ ژۈرىدۇ. ئاندىن لېپسى ئۇېزىغا يۆتكىلىدۇ ھەم بۇ يەردە بېكبولات ئوتريادى تەركىۋىدە بولىدۇ ھەم مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن غۇلجىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. تۇققان ئىزدەپ، قەشقەرگە بارىدۇ. كېيىن چېگارىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ، ئىشىكتىگە جايلىشىدۇ ۋە شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمى تۈپەيلى جامخان بولۇسنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ. سېپىل ھۇجۇمىدا يارىدار بولۇپ، ئۆز يېتەكچىسى بىلەن غۇلجىغا ئاتلىنىدۇ.
    ئۆز ۋاقتىدا مەڭگۈ دوست بولۇپ قېلىش ئۈچۈن قوللىرىنى كېسىش ئارقىلىق قانلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، قەسەم ئىچكەنلەر تەغدىر تەققازاسىغا باغلىق چېگارىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، بىر-بىرىگە قارشى تۇرغان ئەسكەرلەر سېپىدە بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ تەغدىرىمۇ كۆڭۈلنى پەرىشان قىلىدۇ — ئازاتنىڭ دادىسى — ژۇتنى باشقۇرۇپ ژۈرگەن ئابدۇرۇسۇل ئېتىپ تاشلانسا، ئەركىننىڭ دادىسى — ھاشىمجان بالايۇ-ئاپەتنى سەزگەندەك، ئۇ قاتقا ئۆتۈپ كېتىدۇ…
    مۇراېۋنىڭ ئوتريادىمۇ بۇيرۇقنىڭ ئىككى پۇنكتىنى ئادا قىلىپ، ئۈچىنچىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ياركەنتكە يول تۇتىدۇ.
    ئەسەر سيۇژېتىنىڭ تەرەققىياتى باش قەھرىمانلارنىڭ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇچرىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساس يەنە بىر قىزىق نەرسە — قىزىللار تەرىپىدىكى ئەركىننىڭ ئاتا-ئانىسى غۇلجىدا. ئۇلارنىڭ خوشنىسىنىڭ ئوغلى ئازاتمۇ شۇ يەردە، ئامما ئاقلار تەرىپىدە بولىدۇ. موشۇ چىگىچنىڭ يېشىلىشى زۆرۈر. شۇنداقلا مۇراېۋمۇ ئۆز ئوتريادى بىلەن پۈتۈنسۈرۈك بىر خەلىقنى قىرىپ تاشلاشقا قارىتىلغان ژۈرۈشى ئۈچۈن جاۋاپقا تارتىلىشى لازىم. ئامما روماندا بىز ئۇنىڭغا جاۋاپ تاپالمايمىز. مۈمكىن ئەسەرنىڭ داۋامى باردۇر. ئالىمنىڭ بەدىىي ئەسەرگە تۇتۇش قىلىدىغانلىغىنى ھەم ئۆزىنىڭ رومانى ئۈچۈن خەلقىمىز تېنىدىكى ساقايمايدىغان يارا — «ئاتۇ» ماۋزۇسىنى تاللايدىغانلىغىنى ھېچ كىم ئويلىمىغان. ئويلىمىغان يەردىن نادىر ئەسەر ۋۇجۇتقا كەلگەن. ئۇنىڭدىكى نۇرغۇنلىغان ئېپىزودلار، شۇ دەۋىردىكى خەلىق مەنپىيىتىنى رېاللىق بىلەن كۆرسىتىشى، ئەسەرنىڭ يېنىك ئوقۇلۇشى، راستلىغىنى ئېيتقاندا، مېنىڭ ئۈچۈن يېڭىلىق بولدى. خ.ھەمراېۋنىڭ رومان ئۈچۈن خېلىدىن بېرى ماتېرىال توپلىغانلىغى، ئارخىۋ قوليازمىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققانلىغى، نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىگى، ھەتتا كىچىك ۋاقتىدا دادىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى پايدىلانغانلىغى بايقىلىپ تۇرىدۇ.
    ئىشىكتىدە رىزانىڭ قولىدا پرىكازچىك بولۇپ ئىشلىگەن ھەمرا — ئەسەر مۇەللىپى خەمىتنىڭ بوۋىسى. كېيىن ئۇ ئىشىكتە تەۋەسىدە ھەممىگە داڭلىق باغۋەن — «ھەمرا قەشقەرلىك» سۈپىتىدە كەڭ تونۇلغان. روماندا بىز ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن قەشقەردىن يەتتىسۇغا كەلگەنلىگىدىن، ئۆيلىنىپ، ئىككى بالا تاپقاندىن كېيىن ئايالىدىن ئايرىلغانلىغىدىن، ئۇنىڭ ئالمىلىق بېغى بارلىغىدىن خەۋەر تاپىمىز. پرىكازچىكنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى كەرىم — خەمىتنىڭ دادىسى. ئاتۇدا ئامان قالغان ھەمرا قەشقەرلىك ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1937-ژىلى ئېتىپ تاشلىنىدۇ.
    ئەندى مەتكەرىمباينىڭ كۈيوغلى رىزا — خەمىتنىڭ ئانا تەرەپتىن بوۋىسى، ئۇنىڭ «ئاتۇدا» تۇغۇلغان قىزى بەشەرەت —مۇەللىپنىڭ ئانىسى.
    1993-ژىلى «ئاتۇنىڭ» 75 ژىللىغىغا داىر، تاشتىقارا، لاۋار، قورام ۋە چوڭ ئاقسۇ يېزىلىرىدا شۇ قىرغىندا شېيىت بولغانلارغا يادىكارلىقلار ئورنىتىلدى. خەمىت ھەمراېۋنىڭ «كۇلدژىنسكىي تراكت» رومانى شۇلار قاتارىدىكى يادىكارلىقتۇر. بۇنىڭ ئۇلاردىن پەرقى — ھېچ قاچان ئۇپرىمايدىغانلىغى ۋە يوقىمايدىغانلىغى.
    رابىك ئىسمايىلوۋ