غازىباي

غازىباي خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تېۋىپ بولۇپ، ئۇنىڭ «غازىباينىڭ ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى» ناملىق مەشھۇر كىتابىنى يازغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بار. دەسلەپكى ئېگە بولغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشر قىلىنغان «ھەدىقەتۇل ئەقالىم» (ھەر قايسى ئەللەر تەزكىرىسى) دېگەن قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە مۇنداق مەزمۇندىكى مۇھىم مەنبەلەر قەيت قىلىنغان :
تېرىم (تارىم) يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن رايونى دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ 312 ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتون ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن، ئۇلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالتە ئاي تاغ- دەريالارنى كېزىپ غازىباينى تاپقان. غازىباينىڭ يۇرتىدا ھەر خىل مېۋە- چېۋىلەرنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ ياتقانلىقىنى، بىنەپشە، بەدىيان، سانا، يۇمغاقسۈت، ئوغرى تىكەن، ئاق لەيلى، لالە ئوت، ئاچچىق تاۋۇز… قاتارلىق نەچچە مىڭ خىل ئوت- چۆپ دورىلارنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن، غازىباينىڭ 312 ماددىلىق دورىلار كىتابىنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئوقۇغان ھەمدە ئەپلاتوننىڭ ھەر خىل ئىلىملەر تەھسىل قىلىدىغان ئالىم ئىكەنلىكى، ئەگەر ئەپلاتون بۇ ئەسەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىسا، غازىباي ۋە تارىم خەلقىگە ھەر جەھەتتىن زور ياردەملەر بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. غازىباي كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن ھەر قايسى ئەللەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىلىم – پەن ئالماشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، قىممەتلىك ئەسىرىنى 40 ياشلىق ئوغلى بارىينىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ، كەلگەنلەر بىلەن بىللە ئەپلاتوننىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئەپلاتون بارىينى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قىزغىن قارىشى ئالغان، غازىباينىڭ ئەسىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن كېچە – كۈندۈز ئوقۇپ چىقىپ، غازىباينىڭ تېببىي ئىلىمدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسنى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن.
مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بارىي بىلەن ئەنفىيالۇس تارىمغا قايتماقچى بولغاندا، ئەپلاتون غازىباينىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە جاۋابەن ھازىرقى خوتەن رايونىغا قاراشلىق شەھەرلەرنى تېخىمۇ ھەيۋەت- گۈزەل قىلىپ قۇرۇشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەرنى قوشۇپ ئەۋەتكەن، بۇ ھۈنەرۋەنلەر بارىينىڭ رەھبەرلىكىدە ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن دىيارى خەلقى بىلەن بىللە ھازىرقى كېرىيە، خوتەن، قاراقاش، گۇما شەھەرلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن، بىنالار سالغان. يەرلىك خەلق خاتىرە ئۈچۈن كېرىيەنى سېھراب، خوتەننى زىھراب، قاراقاشنى فاراب، گۇمىنى داراب دەپ يۇنانچە ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان.
ئەسەرنى ئاز دېگەندىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 350 يىل بۇرۇن يېزىلغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايانكى، ئەپلاتون مىلادىدىن بۇرۇن 427- يىلى تۇغۇلۇپ مىلادىدىن بۇرۇن 347- يىلى ۋاپات بولغان دۇنياغا مەشھۇر قەدىمكى يۇنانلىق ئالىم.
شۈبھىسىزكى، ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتون ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غازىباينىڭ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەر ئالغان. مەزكۇر «قامۇس» نىڭ قايسى يېزىقتا يېزىلغانلىقى بىزگە ھازىرچە نامەلۇم. لېكىن، يېزىقشۇناس ئالىملارنىڭ دەلىللىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا مۇقەددەم زامانلاردىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە جەمئىي 26 خىل يېزىق قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار مىلادىدىن 300-400 يىللار ئىلگىرى كارۇشتى ۋە بىراھمى يېزىقلىرىنى قوللانغان. خوتەن ئۇيغۇرلىرى كارۇشتى يېزىقىنى ئىشلەتكەن. «شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدىكى ئاقسېپىل قەدىمكى شەھەر خارابىسىدە ساقلىنىپ قالغان سېپىل تاملىرىنىڭ كېسەكلىرىدىمۇ كارۇشتى ھەرپلىرى تېپىلدى ۋە خوتەن رايونىدىن مىلادى 3-، 4- ئەسىردىن بۇرۇنقى تارىشا، تېرە ۋە قەغەزگە يېزىلغان ئىجتىمائىي- مەمۇرىي ۋەسىقىلەر كۆپ تېپىلدى… »، «ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرىدىن تېپىلغان يېزىقلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ كارۇشتى يېزىقى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ماددىي پاكىت…
ئەينى زامانلاردا خوتەن رايونىدا كۆپ ساننى ئىگىلىگەن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ كارۇشتى يېزىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقى» نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، مەزكۇر «قامۇس» نىڭ كارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغانلىق ئېھتىمالى چوڭ دەپ قاراشقا بولىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى 3-، 4- ئەسىرلەردىلا تېببىي ئىلىم جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قازانغانلىقى، يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە يەكۈنلىرىنى ئورخۇن-يېنسەي (ئانا ساي) يېزىقى بىلەن مەنىداش بولغان كارۇشتى يېزىقى بىلەن كىتاب قىلىپ يازغانلىقى، قەدىمكى يۇنان تېبابەت ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە شۇلار ئارقىلىق ئەڭگۈشتەر قاتارىدا پۈتۈن دۇنياغا تارقاپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەت ئىلمىگە غايەت زور تۆھپىلەر قوشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تەھرىر ئامراق، 20.11.2008 يىلى، سانكت پېتېربۇرگ.