خەلقىمىز ئارىسىدىن چىققان دىپلومات.

روبېرت شاكىر ئوغلى تۇردىېۋ ئالمۇتا ۋىلايىتى, ئۇيغۇر ناھىيەسى, پودگورنوې يېزىسىدا تۇغۇلغان.
دادىسى شاكىر تۇردىېۋ «قازاق ئېلى», «يېڭى ھايات», «كوممۇنىزم تۇغى» (ئۇيغۇر ئاۋازى) ژۇرنال- گېزىتلىرىدا ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققىچە ئىشلىگەن ژۇرنالىست. روبېرت تۇردىېۋ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىدا شۇ ۋاقىتنىڭ تەلىۋى بويىچە زاۋود-فابرىكا ياكى كولخوز-سوۋخوزدا بىرەر ژىل ئىشلىگەندىن كېيىنلا ئالىي ئوقۇش ئورنىغا يوللانما بېرىلەتتى . روبېرت تۇردىېۋ دەسلەپ تاشكەنت شەھىرىدىكى «تاشسېلئماش» زاۋودىغا ئاددىي ئىشچى بولۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. بىر ژىلدىن كېيىن قازاقستان سسر پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ ئاۋتوبازىسىدا سلېسارئ بولۇپ ئىىشلەشكە باشلايدۇ . مەكتەپتىمۇ ۋە ئىش ئورنىدىمۇ ئۇ جەمىيەتلىك ئىشلارغا پاال ئارىلىشاتتى . ئالمۇتا شەھىرى لېنىن ناھىيەلىك كومسومول كومىتېتىنىڭ باشقارما ئەزالىرىنىڭ تەركىۋىگە كىرىدۇ . سپورتنىڭ بوكس تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ, ياشلار مەراسىملىرىدا «جان» كىرگۈزىۋېتىدىغان مۇزىكىلىق توپنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 50-ژىللار ئوتتۇرىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سەياسەتنىڭ سەل «ئىللىق شامىلى» تەسىرىدىن ياشلار دۇنىيادىن خەۋەردار بولغۇسى كېلەتتى. ئارانلا ئاڭلىنىدىغان كونا سوۋېت رادىوسىدا «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىوسىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاتتى. بۇ ئۇنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىگە ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزىدۇ.

1958-ژىلى ئۇ قوبۇل قىلىش ئېمتىھانلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاپشۇرۇپ, خەلىق ئارا مۇناسىۋەتلەر موسكۋا دۆلەت (مگىمو) ئىنستىتۇتىنىڭ ستۇدېنتى ئاتىلىدۇ. بۇ ئالىي ئوقۇش ئورنىدا كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ ژۇقۇرى لاۋازىملىق شەخسلەرنىڭ بالىلىرى ئوقاتتى .
قازاقستان مىنىسترلار كېڭىشىنىڭ تۇراقلىق ۋەكىلى, 1958-ژىللاردا ئالمۇتا شەھەرلىك كومسومول كومىتېتىنىڭ بىرىنچى كاتىۋى بولغان سابىت ژدانوۋنىڭ خاتىرىلىشىچە , قازاقستان جۇمھۇرىيىتىگە بېرىلگەن تۆرت ئورۇنغا تەلەپكارلارنى ئىشچىلار سىنىپىدىن ئىزدەپ , زاۋود-فابرىكىلارغا بارىدۇ. روبېرت تۇردىېۋنىڭ نامزىتى بارلىق تەلەپلەرگە جاۋاپ بېرىدىغانلىغىنى ئىش ئورنىدىن ئېنىقلايدۇ . شۇنداق قىلىپ, ئۇ مەزكۈر خەلىق ئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىغا يوللانما ئالىدۇ.
بۇ بىلىم دەرگاھىدا تەھسىل كۆرۈۋېتىپ, بەشىنچى كۇرستا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېگىپېتتىكى كونسۇلخانىسىدا باش كونسۇلنىڭ كاتىۋى خىزمىتىدە ئەمەلىي ئىش -تەجرىبىدىن ئۆتىدۇ . بۇ ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى دەسلەپكى ئىش سەپىرى بولۇپ, ئەمەلىياتتا ئەرەپ تىلىنى, دىپلوماتىيا ساھاسىدىكى بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ. ئېگىپېتنىڭ باشچىسى ئابدېلئ ناسېر بىلەن بولغان ئۇچرىشىش ئۇنىڭغا ئالھىدە تەسىرات قالدۇرىدۇ . تەرجىمان سۈپىتىدە قاتناشقان بۇ ئۇچرىشىشنى روبېرت شاكىر ئوغلى ھاياجانلىنىش بىلەن دايىم ئەسلەتتى . كەلگۈسىدە ئۇلار بىر نەچچە قېتىم ئۇچرىشىدۇ. ئامما كۆپىنچە ئېگىپېتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگى بىلەن ئىشلەشكە توغرا كەلدى .
1964-ژىلى خەلىق ئارا مۇناسىۋەتلەر موسكۋا دۆلەت ئىنستىتۇتىنىڭ «خەلىق ئارا ئىختىسات مۇناسىۋەتلىرى» مۇتەخەسىسلىگى بويىچە ئۇتۇقلۇق تاماملايدۇ.
1964-1968-ژىللىرى يېمېندىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلچىخانىسىدا ئاتتاشې بولۇپ, ئۆز كەسپى بويىچە ئەمگەك پاالىيىتىنى باشلايدۇ. يېمېندا گراژدانلار ئۇرۇشى ئوۋژ ئېلىپ, ئەلچىخانا خادىملىرى دايىم خوۋۇپ-خەتەردە ئېدى. ئۆز ئارا ئۇرۇشىۋاتقان قۇراللىق توپلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ موجۇت بولىدىغان . سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىنى بۇ ئەلدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش قارارى رەھبەرلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ . شۇ ۋاقىتتا روبېرت تۇردىېۋ ئاىلىسى بىلەن چۈشكەن ئۇچاق (سامولېت) ئوقنىڭ ئاستىدا قالىدۇ. ئاللاھ ئوڭلاپ, ئامان-ئېسەن ئېلىپ كېتىلىدۇ …
1968-ژىلدىن 1970-ژىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگىدە يېقىن شەرىق دېپارتامېنتىدا ئۈچىنچى كاتىپ , 1970-73-ژىللىرى ئېگىپېتتىكى ئەلچىخانىسىدا ئىككىنچى كاتىپ, 1973-1977-ژىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگىدە يېقىن شەرىق دېپارتامېنتىدا كاتىپ خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرىدۇ.
بۇ ژىللار ياش دىپلومات ئۈچۈن مېۋىلىك بولۇپ, تەجرىبە توپلىنىپ, كەسپىيلىگى ئاشىدۇ. ستۇدېنت دەۋرىدە ئەرەپ ۋە ئىڭلىز تىللىرىنى مۇكەممەل ئۈگەڭەچكە, روبېرت تۇردىېۋ تەرجىمان رېتىدە سوۋېت ۋە ئەرەپ ئەللىرى ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشاتتى .
ئەرەپ دۆلەتلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى مۇزاكىرىلەرگە ئىشتراك قىلغىنى ۋە خەلىق ئارا مۇناسىۋەتلەر ساھاسىدا توپلىغان ئىش -تەجرىبىسىنىڭ سالماقلىغىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگى ئۇنى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا تەرجىمان بولۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ .
كپسس مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى كاتىۋى ل. ئى. برېژنېۋنىڭ, سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىسترلار كېڭىشىنىڭ رەىسى ئا. ن. كوسىگىننىڭ, سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەىسى ن. ۋ. پودگورنىينىڭ رەسمىي ئۇچرىشىشلىرىدا تەرجىمانلىق قىلدى. بۇ ناھايىتى جاۋاپكەرلىك ئىش بولۇپ, تىلنى مۇكەممەل بىلىشلا ئەمەس, خەلىق ئارا مۇنسىۋەتلەر, دىپلوماتىيا سىرلىرىغا چوڭقۇرىراق چۆكۈشنى تەلەپ قىلاتتى. سەياسىي ماجرا چىققان يېقىن شەرىقتە دىپلومات بولۇش ئوڭاي ئەمەس ئېدى .
ئۇنىڭ دىپلوماتلىق پاالىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگىنى ئا . ئا. گرومىكو ۋە ئې. ئا. شېۋارنادزې باشقۇرغان ۋاقىتلارغا توغرا كېلەتتى. رەھبەرلىك ئۇنى ئەرەپ ئەللىرىنىڭ ژۇقۇرى دەرىجىلىك مۇتەخەسىسى سۈپىتى بولۇشى بىلەن قەدىرلەتتى , خاتىرجەملىك يوق بۇ رېگىوندا قىيىن مەسىلىلەرنى تېچلىق يول بىلەن ھەل قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرىلاتتى . يېقىن شەرىقتىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى تۈپەيلى ئېگىپېت ۋە سىرىيا باشچىلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردىكى تەرجىمانلىق پاالىيىتى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىسترلار كېڭىشى تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگىگە روبېرت تۇردىېۋ نامىغا ئالقىش خەت يوللىغان .
1979-ژىلى روبېرت شاكىر ئوغلى نامزاتلىق دىسسېرتاسىيانى ئىڭلىز تىلىدا ياقلاپ , تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزىتى ئاتىلىدۇ. تونۇلغان سەياسەتچى, جەمىيەت ئەربابى, شەرىقشۇناس, ئەرەپ ئەللىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى, 1996-1998-ژىللىرى روسسىيا تاشقى ئىشلار مىنىسترى بولغان پرىماكوۋ ئىلمىي رەھبىرى بولىدۇ .
روبېرت تۇردىېۋ 1978-1990-ژىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگىنىڭ يېقىن شەرىق دېپارتامېنتىدا مەسلىھەتچى, بۆلۈم باشلىغى خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرىدۇ. بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئاسسامبلېياسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى دېلېگاسىياسىنىڭ مەسلىھەتچىسى , يېقىن شەرىقتىكى سەياسىي ۋەزىيەت بويىچە ژېنېۋىنىڭ شتاب كۋارتىرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا , ئىېرۇسالىمدىكى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سېسسىيالىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى دېلېگاسىياسىنىڭ تۇراقلىق مەسلىھەتچىسى بولغان .
ئەرەپ ۋە ئىسراىل مۇناسىۋەتلىرى كەسكىنلەشكەن دەۋىردە ئۇلۇق برىتانىيا, فرانسىيا, شۋېسىيا تاشقى ئىشلار مىنىسترلىكلىرى بىلەن يېقىن شەرىق سەياسىي ۋەزىيىتىنى تېچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش تەكلىۋىنى بەرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگى ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا سەياسىي كېڭەشچى , مەسلىھەتچى بولدى.
1993-ژىلى ۋاشىڭتوندا پالېستىنا رەھبىرى ياسىر ئارافات بىلەن پالېستىنا — ئىسراىل كېلىشىمىنىڭ ئورۇنلىنىشى, تېچلىق ئورنىتىش جەرىيانىغا پالېستىنا تەرىپىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن تۇنىستىكى ئاقش ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ باردى . 1988-ژىلى روبېرت تۇردىېۋ سوۋېت دېلېگاسىياسى بىلەن بىللە دىپلوماتىيالىق مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش ۋە يېقىن شەرىقتىكى ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇش مۇھاكىمىسىگە قاتناشتى .
1990-ژىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي كېڭىشىنىڭ پەرمانى بىلەن روبېرت شاكىر ئوغلىغا پەۋقۇللادە ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى بولىدۇ . 1993-ژىلغىچە تۇنىستا روسسىيا ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىدۇ.
1993-ژىلى قازاقستان جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگى تەرىپىدىن يېقىن شەرىق ۋە شىمالىي ئافرىكا دېپارتامېنتىنىڭ رەھبىرى لاۋازىمىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ . كېيىنىرەك تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگى ئەخبارات ۋە سەياسىي ئانالىز دېپارتامېنتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ تايىنلىنىدۇ . 1995-1997-ژىللىرى قازاقستان تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگىدە ئەلچى خىزمىتىنى ئېگىلەپ, ناھايىتى جاۋاپكەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلايدۇ. يېقىن شەرىق مەسىلىسى بويىچە ئۇچرىشىشلاردا دىپلوماتىيالىق ئۇتۇقنىڭ كاپالىتى روبېرت تۇردىېۋنىڭ ئەرەپ ئەللىرى باشچىلىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى ئېدى .
ئىوردانىيا كورولى خۇسېين, پالېستىنا باشچىسى ياسىر ئارافات, سەۇدىيا ئەرەپستانى تاشقى ئىشلار مىنىسترى ئامىر ساۇد فېيسال, سەۇدىيا ئەرەپستانىنىڭ ئاقشتىكى ئەلچىسى سۇلتان بېن ئابدېلئ ئازىز ۋە باشقىلار ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن مۇناسىۋەت قىلاتتى . پالېستىنا-ئىسراىل مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىش ئۈچۈن ياسىر ئارافات بىلەن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى .
روبېرت تۇردىېۋنىڭ دىپلوماتىيالىك پاالىيىتى بارلىق ئەرەپ ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ , كەسىپداشلىرىنىڭ ئىچىدىكى ياشلار ئۈچۈن ئۇستاز رولىنى ئاتقۇردى, دىپلوماتىيانىڭ قىر سىرلىرىنى ئۇلارغا ئۈگەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىن شەرىق مەسىلىسى بويىچە مەۋقەسىنى دۇنىيا جاماەتچىلىگىگە يەتكۈزۈشتە روبېرت تۇردىېۋنىڭ ئەجرى ئالاھىدە ئېدى .
ئەرەپ ئەللىرى بويىچە يېتۈك مۇتەخەسىسنىڭ 200 دىن كۆپ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئىڭلىز ۋە ئەرەپ تىللىرىدا يورۇق كۆردى . «سسسر ۋە يېقىن شەرىقتىكى ۋەزىيەتنتى تۇراقلاشتۇرۇش, 1967-1988-ژىللار» ھۆججەتلىك ماتېرىاللار توپلىمىنىڭ تەھرىرات ھەيئىتىگە تەكلىپ قىلىنىپ, توپلامغا كىرىشمە سۆز يازدى. «فاكتلار سۆزلەيدۇ» كىتاۋىنىڭ «خەلىق ئارا» بۆلۈمىدە يېقىن شەرىق مەسىلىلىرىنى ئوبئېكتىۋ يورۇتقىنى ئۈچۈن پۈتكۈل ئىتتىپاقلىق «بىلىم» جەمىيىتىنىڭ دىپلومى بىلەن مۇكاپاتلاندى. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار, سەياسەتشۇناسلار قاتارىدا ئو. گرىنېۋسكىي ئۆزىنىڭ «سوۋېت دىپلوماتىياسىنىڭ سىرى», تېدد خور خوپف «تاشقى سەياسەت ئىنستىتۇتلىرى ۋە موسكۋا مەنپىيەتلىرى 1945-2000-ژىللار» ئەمگەكلىرىدە روبېرت تۇردىېۋ ھەققىدە مەمنۇنىيەت بىلەن تەكىتلەيدۇ. كەسىپداشلىرى ئۇنى شەرىقشۇناس ئالىم, ئەرەپ ئەللىرىنىڭ مۇتەخەسىسى, رېتىدىلا ئەمەس, يېقىن شەرىق, پالېستىنا مەسىلىسىنى ياخشى چۈشىنىدىغان سەياسەتشۇناس دەپ بىلەتتى.
روبېرت شاكىر ئوغلىنىڭ پاالىيىتى سەياسەت بىلەنلا چەكلەڭىنى يوق, ئۇنى ئۆزى خىزمەت بابى بىلەن بولغان دۆلەتلەرنىڭ تارىخى قىزىقتۇراتتى . ئىېرۇسالىم تارىخىغا بېغىشلانغان ماتېرىاللارنى كىتاپلارنى, سۈرەتلەرنى توپلاپ ژۈرەتتى. بۇ ئەجايىپ تارىخقا ئېگە شەھەر ھەققىدە كىتاپ يېزىش نىيىتىمۇ بار ئېدى .
ۋەتىنى قازاقستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇقەددەس مەككىگە ھاجىلىق سەپەرگە بېرىشنىڭ ماھىيىتىگە يەتتى .
ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى, تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ئۈگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى. ئەپسۇس كۆپلىگەن ئىش- رېژىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەجەل يار بەرمەي , 2008-ژىلى دۇنىيادىن ئۆتتى.
«قازاق ژېرىنىڭ زىيالى ئازاماتتارى» كىتاۋىدىن ئېلىندى.