“ئۇيغۇر ئاۋازى” گېزىتىنىڭ 100 ژىللىغىغا

 

ئەسىر ساداسى

قازاق مەتبۇاتىنىڭ 100ژىللىغىنى نىشانلاش بىلەن  بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەتبۇاتىنىڭمۇ بىر ئەسىرلىك مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

قازاقستاندا ئانا تىلىمىزدا چىقىۋاتقان ھۆكۈمەت دائىرىسىدىكى يېگانە قەرەللىك  گېزىت «ئۇيغۇر ئاۋازى»نىڭ نەشىر قىلىنىۋاتقىنىغا 100ژىل تولدى. ژۇمھۇرىيەتلىك گېزىت قازاقستان ۋە چەت ئەللەردىكى سەياسىي، ئىژتىمائىي ۋە ژەمىيەت يېڭىلىقلىرىنى يورۇتۇپ، ئانا تىل، ئۇيغۇر ئۆرپى- ئادەت، تارىختىن مۇھىم ئۇچۇرلار ۋە مەشھۇر شەخسلەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ، ژەمىيەت تەرەققىياتىغا ئۈلۈش قوشۇپ كەلمەكتە.

قازاقستان مەتبۇاتىنىڭ 100ژىللىغى ھارپىسىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ھۇلى ھېساپلانغان بىرىنچى قالىغاچلاردىن بولۇپ يورۇققا چىققان «سادائىي تارانچى» گېزىتىنىڭ نەشىر قىلىنىشىنىڭمۇ 100 ژىللىغى نىشانلاندى..(تارانچى، دېمەك- ئۇيغۇر ساداسى). ئۆز زامانىسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر، تەتقىقاتچى ئالىملار ۋە ژۇرنالىستلار، مەتبۇات تۆھپىكارلىرى مىللىي نەشىرياتقا زور ئىشەنچە بىلەن قاراپ مەزكۇر گېزىتنى خەلقىگە تەغدىم قىلغان.ئۇنىڭدىن باشقا «كوممۇنىست»(ئىشتىراكىۇن) گېزىتى تەسىس قىلىنىپ،بۇ گېزىت تۇركىي تىللىق خەلىقلەرگە ئورتاق تىلدا چىققان بولسا، يەنە ئۇيغۇرچە «قەمبەغەللەر ئاۋازى» نەشىر قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى تەتقىق قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە يۈز بېرىلىۋاتقان ۋاقىەلىكلەر بىلەن ئاممىنى تونۇشتۇرۇش ئىشلىرى «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيىتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى يەنە بىر گېزىتى ئۆزبەكستان كومپارتىياسى تەركىۋىدە «قۇتۇلۇش»، كېيىنچە «كۈنچىقىش ھەقىقىتى»، «شەرىق ھەقىقىتى»دېگەن ناملار بىلەن نەشىر قىلىندى. شۇنداقلا مەلۇمكى لاتىن ئالفاۋىتى ئاساسىدا  «ياش ئۇيغۇر»(1923ژ) گېزىتى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان.

30ژىللاردىن كېيىن «قۇتۇلۇش» (شەرىق ھەقىقىتى)گېزىتى ئۆز سەھىپىلىرىدە كۆپلەپ يەتتىسۇ ۋە پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەخسەت-مۇددىاسى بولغان  ئەدەبىي تىل مەسىلىلىرى بويىچە يېزىلغان ماقالىلەرگە ئورۇن بەردى.مەسىلەن ئا. مۇھەممەدىينىڭ، ل. ئەنسارىينىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى.گېزىت ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مۇتلەق نەزەردىن نېرى قالدۇرمىغان.ئا. روزىباكىېۋنىڭ «بىزدە تىل ئەدەبىيات مەسىلىلىرى» ، «ئۇدۇل يول» بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.

ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشى ژىللىرىدا قازاقستاننىڭ  ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق پانفىلوۋ رايونىدا «كولخوزچىلار ئاۋازى»،ئۇيغۇر رايونىدا «ستالىنچى»،چېلەكتە «كولخوزچىلار ئەمگىگى» نەشىرىنى داۋاملاشتۇردى. مەتبۇات بەتلىرىدە «سوۋېت ئىنفورم بيۇروسىدىن»، «ئاخىرقى خەۋەرلەر»، «ژەڭگىۋارلىق ئېپىزودلار»، «ئۇرۇش مەيدانلىرىدا»قاتارلىق خەۋەرلىرىدە ئالدىنقى سەپ ۋە ئارقى سەپتىكى ژەڭگىۋارلىقلاردىن ئاممىنى خەۋەردار قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئۇچۇرلارنى بېرىپ تۇردى.

«كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ نەشىر قىلىنىشى.

فاشىزم ئۈستىدىن غەلىبە قازانغاندىن كېيىنمۇ، كېڭەش ژەمىيىتىنىڭ ئىختىسادىي، ئىژتىمائىي- سەياسىي ۋە مەدەنىيەت ژەھەتتىن تەرەققىياتىنى تېز ئارىدا ژۇقۇرىي پەللىگە كۆتۈرىش ئۈچۈن ئەخبارات ۋاسىتىلىرى ئەڭ ئاساسىي  رول ئويناتتى. شۇنداق بىر شارائىتتا 1957ژىلى 1مارتتىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتى نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.بۇ ئۇيغۇر تىلىدا يورۇققا چىققان ئاساسىي مەتبۇات ئورگىنى بولۇ، تارىخىي ئورۇنغا ئېگە ۋاقىەلىك بولدى. بۇ گېزىت ئالدىنقى نەشىرلەرنىڭ داۋامى سۈپىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرۇشقا باشلىدى

گېزىت سەھىپىلىرى خەلىقارادا بولۇۋاتقان يېڭىلىقلار، مەملىكەت ۋە ژۇمھۇرىيەت خەۋەرلىرى، ئىلىم-پەن، ساناەت تەرەققىياتى، تېرىلغۇ ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ساھالىرىدىكى ئۇتۇقلار شۇنداقلا مىللىي مائارىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ساھالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ماۋزۇلاردا يورۇق كۆردى

«قېرىنداش ژۇمھۇرىيەتلەردە» دېگەن رۇبرىكا ئاستىدا ئۆزبەكستان، قىرغىزستان ۋە تۈركمەنستانلاردا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى، ئەمگەك پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ تۇردى. «ئاق ئالتۇن ۋادىسى» ناملىق رۇبرىكا ئەنژان ۋىلايىتىگە بېغىشلاندى. شۇ ژەرىياندا چېلەك، ياركەنت، ئەمگەكچى-قازاق، ئىلى رايونلىرى، ئالمۇتا، تاشكەنت، ئەنژانلاردىن، فرۇنزې (بىشكېك) ۋە ئوش شەھەرلىرىدىن ژەمىي 2337 خەت ئېلىنغان

كېيىنكى ژىللاردا تارىخىي ۋەتەندىن كەلگەنلەر نەزەرگە ئېلىنغان ھالدا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ قوشۇمچىسى بولۇپ ئەرەپ گرافىكىسىدا «يېڭى ھايات» گېزىتى تەسىس قىلىنىپ ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ مەتبۇاتقا بولغان تەشنالىغىنى تېخىمۇ قاندۇرالىدى. قازاقستان مۇستەقىللىگىنى ئالغاندىن بۇيان  «كوممۇنىزم تۇغى» «ئۇيغۇر ئاۋازى» بىلەن ئاتىلىپ ئۆز ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاتقۇرۇپ كەمەكتە

تۆۋەندە بىز ھەر قايسى ژىللىرى گېزىتلىرىمىزنىڭ مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان شەخسلەرنىڭ رەسىملىرىنى تونۇشتۇرماقچىمىز

تەييارلىغان نائىلە تۇرسۇن