ئىلى خەلقىنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈشى

مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلىدا ئۆتكەن تارىخچى، تىلشۇناس ئىمىنجان باھاۋۇدۇن (1897 — 1948) نىڭ «ئىلى تارىخى» («تارانچى تارىخى») ناملىق ئەسىرى ئىلى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ، ئۇيغۇر مۇەررىخلەر يازغان ساناقلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى . بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا (5 — قىسمى) چارروسىيە ئىلىنى ئون يىل ئىشغال قىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامەن بويىچە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىدا ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگان ( خۇيزۇ ) لارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈش جەريانى بايان قىلىنىدۇ . ئەسەرنىڭ بۇ قىسمى بىزنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 — يىللىرىنىڭ بېشىدا بولۇپ ئۆتكەن » كۆچ — كۆچ » دەپ ئاتالغان بۇ تارىخى ۋەقەنىڭ ژەريانى توغرىسىدا تەپسىلىي ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ . تەزكىرە خادىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، » ئىلى تارىخى » دىگەن ئەسەرنىڭ مۇشۇ قىسمىنى ژورنىلىمىزدا قىسقارتىپ بەردۇق . ئەسەر ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ ئوغلى ئابدۈشۈكۈر ئىمىنجان ساقلاپ كەلگەن » ئىلى تارىخىنىڭ قوليازمىسىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلاندى . ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى نەزەردە تۇتۇلۇپ بەزى سۆز ئىبارىلەر ئەينەن ساقلاپ قېلىندى .


***

تارانچى تۇڭگانلارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈپ چىقىش تارىخى

روسىيە ھۆكۈمىتى 1871 — يىلى ئىلىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئېلىش بىلەن بىللە تارانچى ، تۇڭانلارنىڭ مۇستەقىل سۇلتانلىقى يوقىتىلغان ۋە ئۇ 1881 — يىلغىچە روسىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن . 1881 — يىلى 12 — فېۋرالدا پېتېربۇرگدا مانجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇ ئاھىدە (كېلىشىم) بويىچە ئىلى ۋىلايىتىنى بىرمۇنچە شەرتلەر بىلەن مانژۇ ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغان بولغان . روسىيە ئىلىنى مانجۇلارغا تاپشۇرۇپ ، مانجۇلار ئىلىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرغىچە بىر يىل ئىچىدە روسىيەگە تەۋە بولۇشنى خالىغۇچىلار بولسا ، روسىيە ئۆز ئېلىگە كۆچۈرۈپ كېتىشكە كېلىشكەندى ھەمدە مانجۇلار ئېلىگە تەۋە يەردىن روسىيە چېگرىسىغا يېقىن بولغان بىرمۇنچە يەرلەرنى (قورغاس دەرياسى بىلەن غالژات ئارىلىقىنى) روسىيەگە بەرگەندى . 1881 — يىلى فېۋرال ئېيىدا ئىككى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ مۇ ئاھىدە گېزىتكە بېسىلىپ ، ئەلگە مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىلىنى تاپشۇرىۋالغۇچى مانجۇ ھۆكۈمىتى تۆرىسى يېتىپ كېلەلمىگەنلىكتىن، ئىلى داۋاملىق رۇسلار قولىدا تۇرۇپ تۇرغان.

لېكىن ئىلىدىكى تارانچى، تۇڭگانلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى دۈشمىنى بولغان مانجۇلار ئىلىغا قايتىپ كەلسە ، ئۆزلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، يۇرت ئارىسىغا چوڭ ئەندىشە ۋە قايغا پەيدا قىلغان. ئاخىرىدا ئىلىنىڭ تارانچى تۇڭگانلىرى بىرلىشىپ، چوڭ — كىچىك ھەممىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن روسىيە زىمىنىغا كۆچۈشنى قارار قىلغان ۋە يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ گېنېرال — گۇبېرناتورىغا خەلق نامىدىن ئەرز سۇنغان. تارانچىلارنىڭ ئەرزنامىسىگە يۇقۇرقى ئۆستەڭدىن ئابابەكرى بولۇس، روزى بولۇس، سوپى نىياز، زىكرىيا بولۇس بىن توختى، مۇھەممەت بولۇسبەگ بىن نېدىر، تۆۋەنكى ئۆستەڭدىن موللا ئابدۇللا بولۇس، مۇھەممەت ئەلى، ھوشۇر قارى بىن موللا ھۈسەيىن، مەخپىر بىن ئىشاق، ئابدۇماناپ قازى بىن ئابدۇرازاق، خوجا نەمرى قازى بىن توختى، تاھىر قازى، ناسىر قازى، ئىمىن قازى، سادىر قازى قاتارلىق 24 كىشىنىڭ مۆھرى بېسىلغان.

بۇ ئىككى ئەرز مەخسۇس ئەلچى ئارقىلىق گۇبىرناتورغا يەتكۈزۈلگەن. يەتتە سۇ گۇبىرناتورى كولپاكوۋسكىي تۇركىستان گۇبىرناتورىنىڭ 20 — ئىيۇندا بەرگەن يوليورىقى بويىچە بۇلارغا كۆچۈشكە رۇخسەت قىلغان. قىلىنغان رۇخسەت يۇرتقا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، تارانچى، تۇڭگانلار بىرلىكتە روسىيەگە چىقىپ يەر — سۇنى كۆرۈپ كېلىش ۋە ئۆي — تام سېلىشقا كېرەك بولىدىغان ياغاچ — تاشلارنى جايلاپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋەكىللەرنى سايلاپ بەرگەن. گېنېرال كولپاكوۋسكىي تەرىپىدىن بۇ كۆچمەنلەر ئۈچۈن چېلەك دەرياسى بويىدىكى يەرلەر بىلەن ئىلى دەرياسىنىڭ ئوڭ قانىتىدىكى يەرلەر كۆرسىتىلىپ، ئەگەر بۇ كۆرسىتىلگەن يەرلەر يەتمىسە ياكى يارامسىز دەپ قارالسا، چۇ دەرياسىنىڭ يەرلىرىدىن ھەتتا ئەۋلىيا ئاتىغىچە يەر ئېلىشقا مۇمكىمچىلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھېلىقى يۇرت سايلاپ بەرگەن ۋەكىللەر ئىلى رۇسلارغا ئۆتكەن ۋاقىتتىن بېرى ئىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ناچالنىڭ (باشلىق) بولۇپ كەلگەن ئىزرەتوۋ دىگەن پولكوۋنىك باشچىلىقىدا 1881 — يىل 3 — ئىيۇلدا يولغا چىقىپ 27 — ئىيۇلغىچە غالژاتتىن قارا بالتىغىچە بىكار ياتقان يەرلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، باشقا يەرلەرگە بارماستىن قايتقان. نەتىجىدە ھەر بىر بولۇس ۋەكىللىرى كۆرگەن يەرلەردىن تۆۋەندىكىدەك بۆلۈشىۋالغان:

1 . چوڭ ئاقسۇ، كىچىك ئاقسۇ، بايانقازى يەرلىرى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ سول قانىتىدىكى (جەنۇبىدىكى) بىرمۇنچە يەرلەر 839 تۈتۈڭە بۆلۈڭەن، يەنى خونىخاي بولۇسىغا بۆلۈڭەن.

2 . چارىن دەرياسىنىڭ تۆۋىنىگە ھەرقايسى بولۇستىن يىغىپ — تېرىپ 500 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

3 . چېلەكنىڭ ئوڭ قانىتىغا (شىمالىغا) ئۈچ بولۇس (قاش، قاينۇق، بوبوسۇن) دىن 2465 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

4 . چېلەك دەرياسىنىڭ سول قانىتىغا (جەنۇبىغا) تۆرت بولۇس (قاش، ئارا ئۆستەڭ، بايتوقاي، ئارابوز) دىن 2694 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

5 . ئاتامقۇلنىڭ تۆۋىنىدىن (ۋەكىللەر ئاۋۋال تۈرگۈن سۈيىنى ياقىلاپ تۇتقانكەن، نىمىشقىدۇر، كېيىن ئۇلار مۇنداق بۆلمەپتۇ) ھازىرقى قارا سۇ بولۇسىغا 1685 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان (نىلقا، توققۇزتارادىن چىققانلار ھەم بىر ئاز شەھەرلىكلەر).

6 . چۇ دەرياسى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىغا تۇڭگانلاردىن 1410 تۈتۈن ھەم شەھەر تۆگۈرۈگى ۋە شەھەر ئىچىدىكى تارانچىلار بولۇپ 3340 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

لېكىن تۇڭگانلاردىن بىرمۇنچىسى بېرىپ قارىسا، ئۇ يەرگە بەلگىلەڭەن ھەممە تارانچىلار مۇشۇ كۈندىكى ياركەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولتۇرۇپ قالغان. يۇرت ۋەكىللىرى يۇقۇرىدىكى پىلان بويىچە يەرلەرنى كۆرۈپ قايتىپ كەلگەن. دەرۋەقە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا يەتتە سۇنىڭ يەر — زىمىنى پىلانلاپ ئۆلچەنمىگەن ۋە ياخشى — يامان يەرلەر، سۇلۇق — سۇسىز يەرلەر ھىساپقا ئېلىنمىغانلىقتىن، بۇ ۋەكىللەر غالژاتتىن قارا بالتىغىچە 1030 چاقىرىم يەرنى ئاتلىق 24 كۈن ئىچىدە كۆرۈپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن، يەرنىڭ ياخشى يامىنىنى ئوبدان بايقاپ كېتەلمىگەن. ئەل — يۇرت كۆچۈشكە غەملىنىپ تۇرغان چاغدا ئىچكىرىدىن ئىلىنى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىۋېلىشقا تەيىنلەڭەن تۆرە 1881 — يىلى ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىلىغا يېتىپ كېلىپ، ئىلىنى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە توختاۋسىز قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئەل — يۇرتقا ژاكارلىغان .

» مانجۇلار تارانچى، تۇڭگانلارنى رۇسلارغا بەرمىگۈدەك، ئۇنداق قىلغۇدەك، مۇنداق قىلغۇدەك…» دىگەن ئۆسەك پاراڭلار بىلەن ئەندىشىدە قالغان خەلقنى تىنىچلاندۇرۇش، يۇرتنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە ئىختىيارى بار — يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بۇ كەلگەن تۆرە ئەل — يۇرتنى ئارىلىغان. تۆرە ئىلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ھەممە يېزا كەنتلەرنى ئارىلاپ، «مانجۇلاردىن قورقماسلىق ۋە ئىلاجى بولسا ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغالماي تۇرۇپ قېلىش» ھەققىدە خەلققە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق كۆچۈپ كېتىش توغرىسىدا ئۈزۈل — كېسىل تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن. ئومۇمەن كۆچمەنچىلىكتە بولىدىغان بۆلگۈنچىلىك، مۇساپىرلىق، ۋەتەڭە مۇھەببەت، كۆچۈپ بارىدىغان يەردە يەر سۇ كەمچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېيتىپمۇ بۇلارنى توختىتالمىغان. شۇنىڭدەك خەلق كۆچۈپ چىقىش ئۈچۈن تۆرىدىن ئىككى يىللىق مۆھلەت سورىغان. بىراق ئاۋۋال كۆچمەنلەرنى بىر يىل ئىچىدە 1882 — يىلغىچە كۆچۈرۈپ چىقىپ بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆچۈش باشلانغان ۋاقتىدا ئەھۋال قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ تەلىپىدەك بولۇپ، كۆچۈش ۋاقتى 1883 — يىل 10 — مارتقىچە سوزۇلغان، كومىسسار تۆرە شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ئالاھىدە كومىسسىيە تەشكىللەپ، كۆچۈشنى خالىغانلارنىڭ ھىسابىنى ئالدۇرغان. كۆچمەكچى بولغانلار: تارانچىلار 11 مىڭ 365 تۈتۈن، تۇڭگانلار 1308 تۈتۈن، ژەمى ئىي 12 مىڭ 673 تۈتۈن (تەخمىنەن 51 مىڭ ژان) بولغان .

بۇلارنىڭ ئىچىدە 2000 ئۆيلۈك كىشى ئۈچۈن گېنېرال گۇبىرناتورنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆسەك بىلەن قورغاس ئارىسىدا يەر بېرىلىپ، قالغان 10 مىڭ 673 تۈتۈن ئۈچۈن باشقا يەردىن يەر — سۇ بېرىلمەك بولغان .

شىنژاڭ تەزكىرىسى ژورنىلىنىڭ 1996 — يىللىق 2 — سانىدىن ئېلىندى

***
تۇڭگانلارنىڭ كۆچۈشى

كۆچۈش 1881 — يىلى كۈزدە باشلانغان. بىرىنچى نۆۋەتتە 14 ئۆيلۈك تۇڭگان كۆچۈپ، ئالمۇتىغا كېلىپ قىشلىغان. بۇلار بىلەن 101 ئۆيلۈك تارانچىلار كۆچۈپ، ئاران دىگەندە چېلەككە يېتەلىگەن. تارانچىلارنىڭ ئاۋۋالراق چىققانلىرى پۈتۈنلەي كەمبەغەللەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە شۇ يىلى قىش بالدۇرراق كېلىپ بۇ قىشنى كىگىز ئۆيدە ئۆتكۈزگەنلىكتىن، خېلى قىيىنچىلىقلارنى تارتقان. شۇنىڭ بىلەن كۆچۈش توختاپ قالغان، 1882 — يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ كۆچمەكچى بولغان. بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ھىچقانداق ئوزۇق — تۈلۈكى يوق ھەمدە ئۇرۇقلىرى بولمىغانلىقتىن، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت (روسىيەنىڭ) باشلىقلىرىنىڭ مۇراجىتى بىلەن، فېۋرال ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېنېرال — گۇبېرناتور تەرىپىدىن چېلەك، تۈرگۈن ۋە پىشپەككە ئاشلىق توپلاش تاپشۇرۇلغان. بۇ راسخوتلار ئۈچۈن مانجۇ ھۆكۈمىتى مۇئاھىدە بويىچە روسىيەگە تۆلىمەكچى بولغان 9 مىليون سوم ئاقچىدىن 450 مىڭ سومنى غۇلجا كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېرىق — ئۆستەڭ چېپىش ئىشلىرىغا سەرپ قىلماقچى بولۇپ، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت مانجۇ ھۆكۈمىتىدىن سوراپ تەلەپ قىلغان. ئەشۇ 450 مىڭ سوم ھىسابىدىن 50 مىڭ سومى كۆچمەنلەرگە ئوزۇق ۋە ئۇرۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان. لېكىن بېرىلگەن بۇ ئاقچا كۆچمەنلەرگە قەرىز ھېسابىدا بېرىلىپ، ھەر يىلى سېلىق يىققاندا قوشۇپ ئېلىنغان. شۇنداق قىلىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پىشپەك ئويازىدا 3235 سوم 18 تىيىنغا 9211 پۇت (بىر پۇت 16 كىلوگىرام) ئاشلىق، ئالمالىق ئويازىدا 3636 سوم 60 تىيىنغا 12 مىڭ 202 پۇت ئاشلىق تەييارلانغان. چېگرىغا يېقىنراق بولۇسلاردىكى خەلقلەر قىش ۋاقتىدا مۇز قاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ چانا يولى بىلەن ئاشلىق — تۈلۈكلەرنى بەلگە (ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا) يەتكۈزىۋالغان. 1882 — يىلى ئىلى دەرياسىغا ئۈچ — تۆت كېمە سالدۇرۇپ ، كۆچمەنلەر كۆچۈپ چىقىشقا باشلىغان . ئالمۇتا بىلەن ئىلى يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چارېن ۋە چېلەك سۇلىرىدىن ئۆتمەك قىيىن بولغانلىقتىن، مەخسۇس كۆۋرۈكلەر سېلىنغان. 1882 — ئاۋۋال تۇڭگانلار كۆچۈرۈلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى: كۆچۈش مەسىلىسى چىقىش بىلەن تەڭ مانجۇ — تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئېھتىمالى بار ئىدى. بۇلارنى چاپسانراق كۆچۈرۈش مەقسىتىدە ئوبلاستتىن مەخسۇس بىر كىشى ئەۋەتىلىپ، شۇنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا 914 ھارۋا بىلەن 486 ئۆيلۈك، 2454 جان تۇڭگان كۆچۈرۈلۈپ چىقىلغان . ئۇلارغا توقماق ئويازىدىكى ھازىرقى پىشپەكنىڭ سوقۇلۇق دىگەن يېرىدىن يەر — سۇ بېرىلگەن. بۇ كۆچمەن تۇڭگانلارنىڭ تولىسى دىگۈدەك كەمبەغەل ۋە كۆپىنچىسى سودا — سېتىق، ھۈنەر — كەسىپ قىلىدىغان، شەھەر تىرىكچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولغانلىقى ھەم يولنىڭ يىراقلىقى سەۋەبىدىن، كۆچۈپ چىققان 1308 ئۆيلۈك تۇڭگاندىن پەقەت 350 تۈتۈنى توخماق ئويازىغا كەلگەن، ئۇلاردىن 200 تۈتۈنى سوقۇلۇققا ئورۇنلاشقان. قالغان 150 تۈتۈنى پىشپەك شەھىرىدە قېلىپ، شەھەر تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 115 تۈتۈن ئالمۇتىدا گورودسكايا ئۇپراۋا (شەھەرلىك ھۆكۈمەت) دىن يەر — جاي ئېلىپ، ئالمۇتىدا ئورۇنلاشقان. 100 تۈتۈن چېلەك بىلەن تۈرگۈن ئوتتۇرىسىدا تارانچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرقلىشىپ قالغان. شۇ يىلنىڭ ياز كۈنلىرىدە 600 تۈتۈن ئۆسەك بىلەن قورغاس ئارىلىقىدا ئورۇنلاشقان. 1884 — يىلى كۈز پەسلىدە پۈتۈن سوقولۇققا 318 تۈتۈن ، 1565 جان كۆچۈپ كەلگەن. بۇلارغا بۇرۇنقى سۈيدۈڭدە بولۇس بولغان مادىراخۇن دىگەن كىشى بولۇس بولۇپ، 1883 — يىلى تۇڭگانلار نامىدىن ۋەكىل بولۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، «خارۇنژا» دىگەن ئۇنۋاننى ئالغانكەن. پىشپەككە كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ جەم ئىيسى 208 تۈتۈن ، 644 جان، ياركەنت شەھرىگە كەلگەنلەر 333 تۈتۈن ، 1347 جان بولغان. پىشپەك، ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرغانلار كۆكتاتچىلىق، سودا — تىجارەت، ھارۋىكەشلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. ياركەنتكە كەلگەنلەرنىڭ بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

بۇلاردىن باشقا، ئالمۇتا ئۇيازىدىكى(ئۇېزد) تارانچىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 146 تۈتۈن 694 جان بولۇپ، پەقەت دېھقاناچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرقى ۋاقىتتا بۇلاردىن قورام بولۇسىدا بولغانلىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىم قىزىلجىگدە قىشلىقىدا ياشاپ كەلمەكتە. لېكىن قاراسۇ بولۇسىدا ئولتۇرغانلارنىڭ (پالتىبايدا 85 تۈتۈن، يېڭى شەھەردە 90 تۈتۈن) ھەممىسى دىگۈدەك باشقا جايلارغا تارىلىپ كەتكەندى. ئومۇمەن غۇلجىدىن كۆچۈپ چىققان تۇڭگانلارنىڭ سانى 1884 — يىلدا 1147 تۈتۈن 4682 جانغا يەتكەن . بۇ ھىساپقا قەشقەر تۇڭگانلىرى كىرمەيدۇ.
بېرىلگەن ياردەمنىڭ ھىسابى: توخماق ئۇېزىدىكىلەرگە 8241 سوم 78 تىيىن، ئالمۇتا ئۇېزىدىكىلەرگە 668 سوم 10 تىيىن ، ياركەنت ئۇېزىدىكىلەرگە 500 سوم، ئۈچ ئۇېزدىكىلەر ئۈچۈن جەمىي 9409 سوم 88 تىيىن بېرىلگەن.