ئىلىم-پەن ئىپتىخارى

ۋاقىت ئېقىمى ژۈگرۈك. تېخى تۈنۈگۈنلا ھەم كەسىپداش، ھەم دوست سۈپىتىدە بىللە ژۈرگەندەك قىلىۋېدۇق، ھە بۈگۈنزە شۇ كۈنلەرنىڭ ئارتتا قالغىنىغا ژىگىرمە ژىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. ھە، خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى، قازاقستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ ئاكادېمىگى، ئىختىسات پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور رەخىمجان رەخمىدىن ئوغلى ئاۋۇتوۋ ھايات بولسا، بىيىل 80 ياشقا كىرەتتى.
مەن ئۇنىڭ بىلەن ستۇدېنتلىق دەۋىرلىرىمدىن باشلاپ يېقىن ئارىلاشتىم، ئايرىلماس قەدىناس دوستلاردىن بولدۇم. شۇنى ئىشەشلىك ئېيتالايمەنكى، ئۇ ستۇدېنت پەيتلىرىدىلا ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەڭە بولغان ئىشتىياقىنىڭ ناھايىتى ژۇقۇرى ئېكەنلىگىنى كۆرسەتتى. يادىمدا، ئىنستىتۇتنىڭ ئۈچىنچى كۇرسىدا ئوقۇۋاتقىنىدا يازغان ماقالىسى قازاقستان يېزا ئېگىلىگىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈشكە ئىلمىي ئاساستا يانداشقان چوڭ ئەمگەك بولۇپ، ئىنستىتۇت رەھبەرلىگىنىڭ دىققەت-ئېتىۋارىنى ئۆزىگە قاراتقان ئېدى. مەزكۈر ماقالە رۇس تىلىدا يېزىلغان بولسىمۇ، بارلىق ستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشى ئۈچۈن قازاقچە تەرجىمە قىلىنغانلىغى ھېلى يادىمدا.
ھازىرقى ئەۋلاتقا رەخىمجان ئاۋۇتوۋنىڭ كىم ئېكەنلىگىدىن قىسمەن بولسىمۇ خەۋەردار قىلىش مەخسىتىدە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى توغرا كۆرۈۋاتىمەن. ئۇ 1939-ژىلى 30-نويابر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. شەھەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنى ئالتۇن مېدالغا تاماملىغان. 1957-ژىلى ئالمۇتا يېزا ئېگىلىگى ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا چۈشىدۇ. رەخىمجان ئىنستىتۇت تارىخىدا دەسلەپكىلەردىن بولۇپ بىرىنچى كۇرستىن تا بەشىنچى كۇرسقىچە مەخسۇس لېنىن ستىپېندىياسىنىڭ ئېگىسى ئاتىلىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئەشۇ ستىپېندىيا ئەمەلىياتتىن قالغىنىغا قەدەر، ھېچبىر ستۇدېنت رەخىمجاننىڭ بۇ ئۇتۇغىنى تەكرارلالمىدى. بىز، يېزا ئېگىلىگى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنەتتۇق، ئۇنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ تۇتاتتۇق.
رەخىمجان ئاۋۇتوۋ ئىنستىتۇتنى 1962-ژىلى قىزىل دىپلوم بىلەن تاماملىدى. كەلگۈسىدىن چوڭ ئۈمۈت كۈتكۈزگەن ئۇنى دەرھال ئاسپىرانتۇرىغا قوبۇل قىلىدۇ. بىراق رەخىمجان ئانىسىنىڭ ئايلىق تاپاۋىتىگە قاراپ قېلىشنى خالىمايدۇ ۋە يېزا ئېگىلىگى ئىنستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلىشىدۇ. موشۇ ئىنستىتۇتتا ئىشلەپ ژۈرۈپ، ئارىدىن بەش ژىل ئۆتكەندىن كېيىن، نامزاتلىق دىسسېرتاسىياسىنى ياقلايدۇ.
بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە قەيت قىلىش كېرەككى، رەخىمجان رەخمىدىن ئوغلىنىڭ پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتى ئالمۇتا يېزا ئېگىلىگى ئىنستىتۇتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىق بولدى: 1968 — 1974-ژىللىرى چوڭ ئوقۇتقۇچى، دوسېنت؛ 1974 — 1995-ژىللىرى ئىختىسات فاكۇلتېتىنىڭ دېكانى، بۆلۈم باشلىغى؛ 1979-ژىلى دوكتورلۇق دىسسېرتاسىياسىنى ياقلاپ، پروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېگە بولدى؛ 1994-ژىلى قازاقستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ مۇخبىر-ئەزاسى ۋە 1997-ژىلى قازاقستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ ئاكادېمىگى بولۇپ سايلاندى. رەخىمجاننىڭ 23 يېشىدا ئىنستىتۇتتىكى ئابروي-شەنى ناھايىتى ژۇقۇرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كارۋان بېشى بولغانلىغى، 37 يېشىدا ئىختىسات پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئاتالغانلىغى، ھەقىقەتەنمۇ، چوڭ ئۇتۇق بولدى.
ئۇنىڭ ئىلمىي پاالىيىتى ھەرتەرەپلىمە كەڭ: 198 ئىلمىي ماقالە، جۈملىدىن 21 مونوگرافىيا، يېزا ئېگىلىگى ساھاسى ئوقۇتۇلىدىغان ئالىي بىلىم دەرگاھلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ستۇدېنتلىرى ئۈچۈن تېپىلماس قوللانما بولغان 32 كىتاپچىسى ئۇنىڭ قەلىمىگە مەنسۈپ. دۇنىيا ئىختىساتچى-ئالىملىرىنىڭ ژۇقۇرى باھاسىغا ئېگە بولغان مونوگرافىيالىرى — “سسسر ئوزۇق-تۈلۈك پروگراممىسىنى ئىشلەپ چىقىشنىڭ ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى”، “ئوزۇق-تۈلۈك پروگراممىسى ۋە ئاگروساناەت كومپلېكسىنىڭ تەرەققىياتى، “ئاگروساناەت كومپلېكسىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۇسۇللىرى”، “ئاگروساناەىت كومپلېكسى تەرەققىياتىنىڭ تەشكىلىي-تېخنولوگىيالىك پروبلېمىلىرى” — ۋە باشقىمۇ ئىلمىي ئەمگەكلىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئۇلاردا ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان شەخسىي دېخان (فېرمېر) ئېگىلىكلىرىنى قۇرۇش، ئۇلاردا ئىش ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخىرقى نەتىجىلەرگە بولغان مەنپىيەتدارلىقنى ئاشۇرۇش، يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىش ۋە ھاكازىلار ھەرتەرەپلىمە يورۇتۇلدى. دېمەك، رەخىمجاننىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئىلمىي مىراسى بۈگۈنمۇ ئۆزىنىڭ ئاكتۇاللىغىنى يوقاتمىدى.
مەرھۇم ئىلىم-پەڭە ئىشتىياقى بار ياشلارنى تاللاشنى ۋە تەربىيىلەشنى بىلەتتى. شۇ خىسلىتى تۈپەيلى ئۇ 5 پەن دوكتورىنىڭ ۋە 22 پەن نامزىتىنىڭ يېتىلىپ چىقىشىغا رەھبەرلىك قىلدى. بىزگە شۇ نەرسە ياخشى ئايانكى، رەخىمجان ئىختىسات فاكۇلتېتىنىڭ دېكانى ۋە پرورېكتور بولۇپ ئىشلىگەن ژىللىرى ئىنستىتۇتنىڭ بارلىق فاكۇلتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ستېدېنتلىرىنىڭ سانى 300دىن ئېشىپ كەتكەن ئېدى. بۇ، بىرىنچى نوۋەتتە، رەخىمجان رەخمىدىنوغلىنىڭ ئەجرى، مىللەتپەرۋەرلىگىنىڭ ئىپادىسى ئېدى. ئۇ دۇنىيانىڭ ئاتاقلىق ئىختىساتچى ئالىملىرى قاتارىدا تىلغان ئېلىناتتى. ئۇنىڭ شۇنداق ئېكەنلىگىنى مونۇ مىساللارلا ئىسپاتلىسا كېرەك. رەخىمجان 1977 — 1978-ژىللىرى لېنىڭراد (ھازىرقى سانكت-پېتېربۇرگ) يېزا ئېگىلىگى ئىنستىتۇتىدا، تۆرت ژىل ئۇدا، يەنى 1986 — 1990-ژىللىرى موسكۋادىكى تىمىريازېۋ نامىدىكى يېزا ئېگىلىگى ئاكادېمىياسىدە دۆلەتلىك ئېمتىھان كومىسسىياسىنىڭ كاتىۋى بولدى. شۇنداقلا 1989-ژىلى مادرىدتىكى (ئىسپانىيا) ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىۋى بىلەن شۇ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا قازاقستان ئىختىسادى توغرىلىق لېكسىيا ئوقۇدى.
1980 — 1991-ژىللىرى موسكۋا، لېنىڭراد، تاشكەنت، ئاشخاباد، بىشكېك شەھەرلىرىدىكى يېزا ئېگىلىگى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاسىيا ياقلاش بويىچە ئىختىساسلاشتۇرۇلغان كېڭەشلىرىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەت داىرىسىدە 1973-ژىلدىن تارتىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە قازاقستان يېزا ئېگىلىگى ئاكادېمىياسى يېنىدىكى ئىختىسات ۋە ئاگروساناەت كومپلېكسىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىنستىتۇتى ۋە قازاقستان باشقۇرۇش دۆلەت ئاكادېمىياسى ئىلمىي كېڭەشلىرىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، ئىلىم-پەن ساھاسى بويىچە ژۇقۇرى دەرىجىلىك كادرلارنى تەييارلاشقا سالماقلىق ھەسسە قوشتى. 19 ژىل جەرىيانىدا ئۇ ئالمۇتا يېزا ئېگىلىگى ئىنستىتۇتى ئىختىساسلاشتۇرۇلغان كېڭىشىنىڭ رەىسى بولدى.
ئەلۋەتتە، بۇ ماقالىدا ر. ئاۋۇتوۋنىڭ پۈتكۈل ئىلمىي پاالىيىتىگە توختىلىشنىڭ مۈمكىنچىلىگى يوق. پەقەت شۇنى قوشۇمچە قىلماقچىمەنكى، بۇنىڭدىن ئون ژىل ئىلگىرى، 70 ياشلىق تەۋەللۇدىنى نىشانلاش جەرىيانىدا، ئۆزى پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى بېغىشلىغان يېزا ئېگىلىگى ئىنستىتۇتىدا ئىلمىي كونفېرېنسىيا ئۆتۈپ، ئىختىسات فاكۇلتېتىنىڭ بىر كابىنېتىغا ئۇنىڭ نامى بېرىلدى ۋە خاتىرە تاختا ئورنىتىلدى. ئالىمنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش مانا موشۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. شۇڭلاشقا مۇنداق پىكىرنى ئالغا سۈرگۈم كېلىدۇ: رەخىمجاننىڭ شاگىرتلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ پەرزەنتلىرى بېسىم كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلدى. شۇڭلاشقا ئەينە شۇلار ئات سېلىشىپ، ناھىيە مەركىزى — چونجا يېزىسىدا ياكى ناھىيە يېزىلىرىنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ نامىدا بىر كوچىنى ئاتاش تەشەببۇسىنى كۆتەرسە، نۇر ئۈستىگە نۇر بولار ئېدى. بۇ پىكرىمنى مەن بۇنىڭدىن بەش ژىل ئىلگىرى، مەرھۇمنىڭ تەۋەللۇدىنىڭ 75 ژىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان بىر ماقالەمدە ئېيتىۋېدىم. ئەپسۇس، بۇ پىكرىمگە كۆڭۈل بۆلگەن ھېچكىم بولمىدى…
ئىشەنچىم كامىلكى، مەرھۇمنىڭ ئىلىم-پەن ساھاسىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ۋە ئۆز خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئەمگەك-ئەجرى ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدۇ.
مەھەمەتجان
ئابدۇللاېۋ،
يېزا ئېگىلىگى پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادېمىك