ئارمىنىم بار قوغلاپ ھامان يەتمەيدىغان…

رەخىم ھوشۇروۋنى مەن كىچىگىمدىن ياخشى بىلەتتىم، ئۇ مەرھۇم ئاياز ئاكامنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە پات-پاتلا بىزنىڭ ئۆيگە كېلىدىغان. رەخىم ئاكا ئۇيغۇر ساز-ناخشىلىرىغا ھېرىسمەن، دىلكەش ئىنسان ئېدى.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-ژىللىرى رەخىم ئاكا شۇ چاغدىكى “كوممۇنىزم تۇغى” (ھازىرقى “ئۇيغۇر ئاۋازى”) گېزىتىنىڭ قوشۇمچىسى “يېڭى ھايات” گېزىتى رېداكسىياسىدە ئەدەبىي خادىم بولۇپ ئىشلىدى. ئەزەلدىن ئاكا-ئۇكىلاردەك بولۇپ ئۆتكەن ئىككىمىز خىزمەتداش بولدۇق.
رەخىم ئاكا بىلەن پات-پات مۇڭدىشىپ تۇراتتۇق. ئۇ بېشىدىن ئۆتكەن ۋاقىەلەرنى قىزىقارلىق ھېكايە قىلىپ بېرەتتى. ئۇ بولۇپمۇ تارىخىي ۋەتىنىمىزدە 1944-ژىلى پارتلىغان مىللىي-ئازاتلىق ئىنقىلاپ توغرىلىق ۋاقىەلەرنى تەسىرلىك سۆزلەپ بېرەتتى. رەخىم ئاكا بىلەن بولغان ئەينە شۇنداق سۆھبەتلىرىمىزنىڭ بىرىدە: “كۈنلەر ھەپتىلەرگە ئۇلىشىپ، ھەپتىلەر ئايلارنى تولتىرىپ، ئايلار ژىللارنى ھاسىل قىلىپ ھاياتلىق باھارىڭنىڭ كەتكىنى كەتكەن، سەن ئەينە شۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭدىن ھەسسەڭنى ژۇلۇپ ئالمىساڭ، ئەڭ ئېسىل ئەڭگۈشتەرىڭنى يوقاتقىنىڭ يوقاتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خەلقىم ئۈچۈن ئىشلەشنى ئۆزەمنىڭ مۇقەددەس بورچۇم دەپ بىلىمەن، ھەرقانداق ئاڭلىق، مىللەتپەرۋەر ئىنسانمۇ شۇنداق مەخسەت-نىشاندا ياشايدۇ. ھە، دانالار “بايلىغىنى يوقاتقان مىللەت قۇدرىتىنى يوقاتقانغا باراۋەر، ئەندى مەناۋىيىتىنى يوقاتقان مىللەت موجۇتلىغىنى يوقاتقانغا باراۋەر” دېگەنلىگى ئېسىمدا. بىز، ئۇيغۇر زىيالىلىرى، بۈيۈك ئەجداتلىرىمىزنىڭ ۋەسىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مەناۋىيىتىمىزنى رىۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلاتقا بېجىرىم تاپشۇرۇشىمىز كېرەك. پەرزەنتلىرىمىزنى رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشنى ئەۋزەل كۆرۈپ، ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلەۋاتىمىز. ئانا تىلىمىزدىن ئايرىلساق – بۇ مىللىتىمىزنىڭ يوقىلىشىغا ئېلىپ كېلىدىغان پاجىەگە دۇچ كېلىمىز. بىز ئۆز تەغدىرىمىزنى ئۆزىمىز ئۆزگەرتمىسەك، يات بىرلىرى ئۇنى ئۆزگەرتىپ قوياتتىمۇ؟ ئەزەلدىنلا ئۆزىنى-ئۆزى سۆيمىگەنلەرنى، ئۆز تەغدىرى ئۈچۈن كۆيۈنمىگەنلەرنى باشقىلارمۇ سۆيمەيدۇ، كۆيۈنمەيدۇ. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشىغا دەۋەت قىلىش ھەر-بىرىمىزنىڭ بورچى، بىرىنچى نوۋەتتە، بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ، بوۋا-مومىلارنىڭ بورچى…”، دېگەن سۆزى ھازىرمۇ يادىمدا.
دەرھەقىقەت، رەخىم ئاكا خەلقىمىزنىڭ مەناۋىيىتىنى بېيىتىش نىيىتىدە ئەجىر قىلىپ، كېيىنكى ژىللىرى “ئىزدەڭۈچىلەر”، “ئۈمۈت” دېگەن ترىلوگىيالەرنى، “بوغۇزلانغان ئاۋاز” توپلىمىنى، “ئۇيغۇر زەمبىرىگى” ناملىق قىسسىلەر توپلىمىنى، “پولات ئىرادە” ماقالىلار ۋە شېىرلار توپلىمىنى مەيدانغا ئاتقان مەھسۇلدار ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىرى ئېدى. ئەندى ئۇنىڭ ئۇزۇن ژىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان، 2011-ژىلى ئالمۇتىدىكى “مىر” نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان “تىسياچا ئۇيگۇرسكىخ بليۇد” دېگەن مىللىي تااملىرىمىز توغرىلىق يېزىلغان ئېتنوگرافىيالىك ئەمگىگىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغان نادىر كىتاپ دېسەك، ھېچ مۇبالىغە بولمايدۇ.
مەرھۇم رەخىم ئاكىنىڭ مۇنداق ئەدىپ ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر تااملىرىنىڭ ماھىر پازەندىسى بولۇپ يېتىلىشىدە ئىلى تەۋەسىدە ۋە قىرغىزستاننىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا ئۆز دەۋرىدە “ھېۋۇللا ئاشپەز” سۈپىتىدە كەڭ داىرىدە ئېتىراپ قىلىنغان ئۇنىڭ غەمگۈزار ئاتىسىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ بارغان تەربىيەسىنى ئىستىسنا قىلىشقا بولمايدۇ.
– ھاياتنىڭ ئىزغىرىن يوللىرىدىن سۈرۈنمەي ئۆتۈشنى بىلگەن، تىرىشچان ئاتام ھېۋۇللا مېنىڭ ئەل-ژۇتقا ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان. مەرھۇم دادام دايىم: “باشقىلار چايناپ بەرگەن ناندا لەززەت بولمايدۇ، ئۆز ھالال ئەجرىڭنىڭ دايىم نەرقى كام بولمايدۇ”، – دەيدىغان. ھە، مەن ئەينە شۇ دادامنىڭ بۇ سۆزلىرىگە دايىم ئەمەل قىلىپ، خەلقىمنىڭ مۇڭ-زارى ۋە شاتلىغىغا ئورتاقلىشىپ ياشاش نىيىتىدە قەلەم تەۋرىتىپ كەلدىم، ئەندى يازغانلىرىمنىڭ غېزىنى – غاز، ئۆدىگىنى – ئۆدەك دەپ باھالايدىغانلار – بۇ كىتاپخانلاردۇر، دېگەن ئېدى رەخىم ئاكا.
1985-ژىلى ر.ھوشۇروۋنىڭ ئالمۇتىدىكى “مېكتېپ” نەشرىياتىدا “ئۇيغۇر تااملىرى” دېگەن كىتاۋى نەشىر قىلىنغان ئېدى. مەزكۈر كىتاپقا قازاقستان خەلىق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى “ئۇيغۇر تااملىرىنىڭ قامۇسى” دېگەن ماۋزۇدا تەقرىز يازغان. مەشھۇر يازغۇچى ماقالىسىدا: “ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۆھىرى بولغان بۈيۈك “ئون ئىككى مۇقامنى” يوقاتماي ھازىرقى ئەۋلاتقا ساقلاپ قېلىشتا مەشھۇر سەنئەتكارلار تۇرداخۇن ئەلنەغمە، روزى تەمبىر كەبى خەلىق ھاپىزلىرىنىڭ ھەسسىسى بېباھادۇر. ئەندى رەخىم ھوشۇروۋنىڭ ئەمگىگىمۇ خۇددى شۇنداق بېباھادۇر. ئۇمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىپ بارغان ۋە تامامەن كۆپچىلىكنىڭ يادىدىن كۆتىرىلگەن كۆپلىگەن تاام تۈرلىرىنى بىزگە يەتكۈزدى. قېدىمىي باي مەدەنىي مىراسقا ئېگە خەلقىمىز ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقان ھەرخىل لەززەتلىك تااملىرى ھەققىدە موشۇ كۈڭىچە يازما ئەدەبىياتىمىزدا مۇنداق ئەھمىيەتلىك قوللانما بولمىغان ئېدى.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، رەخىم ھوشۇروۋ كىتاۋىغا كىرگۈزگەن ئۇيغۇر تااملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولى بىلەن گۈل كەلتۈرۈپ تەييارلاشقا ئۇستا. ر.ھوشۇروۋ مىللىي تااملىرىمىزنى بابىغا كەلتۈرۈپ تەييارلاشنى بىلىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، خەلىق غەزنىسىنى تېخىمۇ ئىجادىي بېيىتىپ، تااملارنى تەييارلاشنىڭ قاىدە ۋە ئۇسۇللىرىنى نەزەرىيەۋىي ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن مۇقۇملاشتۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن رەخىم ھوشۇروۋتەك مەىشەتنىڭ ساۋاتلىق مۇتەخەسسىسى ۋە ئېتنوگراف ھازىرچە ئارىمىزدا بولغان ئەمەس، دەپ ئېيتالايمىز…” – دەپ مەزكۈر كىتاپقا يۈكسەك باھا بەرگەن ئېدى (“كوممۇنىزم تۇغى”، 1985-ژ. 26-دېكابر).
ئەندى بىز سۆز قىلماقچى بولۇۋاتقان “تىسياچا ئۇيگۇرسكىخ بليۇد” ناملىق ئەمگەكمۇ، خۇددى مەشھۇر يازغۇچى زىيا سەمەدى تەرىپلىگەندەك، ناھايىتى نادىر ئەسەردۇر. پىكرىمىزچە، مەزكۈر كىتاپ ئۇيغۇر خەلقى توغرىلىق، ئۇنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى، ئۆز ئالاھىدىلىگىگە ئېگە مىللىي خاراكتېرى ۋە خىلمۇ-خىل ئۇيغۇر تااملىرى توغرىلىق رۇستىللىق كىتاپخانلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەخسەت قىلغان بولۇپ، ئەدىپنىڭ ئۇيغۇر تااملىرىنىڭ قامۇسى سۈپىتىدىكى بۇ مۇپەسسەل ئەمگىگىنى كىتاپخانلار زور قىزىقىش بىلەن قارشى ئالغانلىغىنىڭ گۇۋاچىسى بولدۇق. رەخىم ھوشۇروۋنىڭ مەزكۈر كىتاۋى خەلقىمىزنىڭ ماددىي مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ تاماق تەييارلاش سەنئىتىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىگىگە ئېگە ئەجايىپ بىر نادىر يادىكارلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا غەرىپ بىلەن شەرىقنىڭ ئۆزارا بىر-بىرىگە بولغان تەسىرى ياققال ئەكىس ئەتكەن. بۇ كىتاپتا شۇنداقلا ئەجايىپ ماھارەت، ھەيران قالغىدەك فانتازىيا، گۆزەللىككە ۋە ئۈزۋىيلىككە بولغان تەبىىي ئىنتىلىش ئەدىپنىڭ قېدىمىي ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك سىرلىرىنى بىلىشى ۋە دانالىغى يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىگىنى ئالاھىدە تەكىتلەش ئورۇنلۇقتۇر. كىتاپتا مۇەللىپ: پەرھىز (دىېتا) تااملىرى توغرىلىقمۇ ئالاھىدە توختىلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىدە بەزى ئاغرىقلارنى پەرھىز تاماقلار بىلەن داۋالاش ھەققىدە مەلۇماتلار بار. ر.ھوشۇروۋ موشۇ مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە كەڭ داىرىدە پىكىر ژۈرگۈزىدۇ.
ھېلىمۇ يادىمدا، 1979-ژىلى باھار ئايلىرىدا ئالمۇتىدا II پۈتكۈلىتتىپاقلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق كونفېرېنسىياسى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۈر ئەنجۇمانغا موسكۋا، لېنىڭراد (ھازىرقى سانكت-پېتېربۇرگ)، تاشكەنت، باكۇ، فرۇنزې (ھازىرقى بىشكېك)، نوۋوسىبىرسك، شۇنداقلا گېرمانىيا، شۋېسىيا ۋە باشقا ئەللەردىن كۆپلىگەن ژىرىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار كەلگەن ئېدى. كونفېرېنسىيا تاماملانغاندىن كېيىن مېھمانلار ئۇيغۇر يېزىلىرىنى ئارىلاپ خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىگى بىلەن تونۇشتى. ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى قاراتۇرۇق يېزىسىدىكى سوۋخوز ئاشخانىسىدا جاي-جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەت تااملىرىنى رەخىم ئاكا ھوشۇروۋ تەييارلىغان ئېدى. مانا موشۇ زىياپەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر گۈلتاۋاق، پېتىر مانتا، ھەرخىل لەززەتلىك قورۇلمىلار، ئۆپكە-ھېسىپ، دۈمبە- قۇيرۇق كەبى باشقىمۇ ئەجايىپ لەززەتلىك تااملاردىن دەم تارتىپ لەززەتلەڭەن مېھمانلار رەخىم ئاكىغا ئاپىرىن ئەيلىگەن. موشۇ زىياپەتتە لېنىڭرادلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئا.رېشېتوۋ: “رەخىم ھوشۇروۋ يېگانە ئاشپەزلىك ئالىمى دېسەم مۇبالىغە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاش-تاماقلارنى گۈل كەلتۈرۈپ لەززەتلىك تەييارلاشنى ۋە ئۇيغۇر تااملىرىنى تەييارلاش نەزەرىيەسىنى بىلىدىغان كىشى” دەپ تەرىپلىسە، گېرمانىيالىك ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىمە ئاننا مارىيا فون گابايىن خانىم “سىز شېىر، پوېمىلارنى يېزىپ نېمە قىلاتتىڭىز، ئۇيغۇر تااملىرى توغرىلىق كىتاپلارنى يازسىڭىز نۇر ئۈستىگە نۇر بولىدۇ، سىزنىڭ ماھارىتىڭىزگە ئاپىرىن!”، دېگەن ئېدى. مەرھۇم رەخىم ئاكا ھوشۇروۋنىڭ شۇ كونفېرېنسىياسىگە جاي-جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارغا بېرىلگەن زىياپەتتە خەلقىمىزنىڭ ئېتنوگرافىياسىنى، – يەنى ماددىي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرنىڭ خىلمۇ-خىل لەززەتلىك تااملىرىدىن دەم تارتقۇزۇپ، ئۇلاردا ئۇنتۇلماس بىر تەسىرات قالدۇرغانلىغىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، شۇ چاغدىكى قازاقستان سسر پەنلەر ئاكادېمىياسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىغى ئاكادېمىك غوجەخمەت ئاكا سەدۋاقاسوۋ مۇنداق دېگەن ئېدى: “بىز موشۇ II پۈتكۈلىتتىپاقلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق كونفېرېنسىياسىدە خەلقىمىزنىڭ تارىخى، قېدىمىي مەدەنىيىتى، سەنئىتى، تىلى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدۇق، جاي-جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار بۇ ئەنجۇماندا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىققا داىر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىلمىي ئىشلىرى ئۈستىدە توختالدى، پىكىر ئالماشتۇردى. ئەندى رەخىم ھوشۇروۋ بولسا ئۆزىنىڭ ئېتنوگراف، پازەندە، يەنى ئۇيغۇر تااملىرىنىڭ ھەقىقىي ئۇستىسى ئېكەنلىگىنى نەق مەيداندا نامايەن قىلدى. مېھمانلار رەخىم ھوشۇروۋنىڭ تەييارلىغان ئەجايىپ لەززەتلىك تااملىرىدىن دەم تارتىپ، ئۇنىڭ ماھارىتىگە ئاپىرىن ئېيتقانلىغىنىڭ گۇۋاچىسى بولغانلىغىمنى چوڭ مەمنۇنىيەت بىلەن تەكىتلەيمەن…”.
رەخىم ھوشۇروۋ 1928-ژىلى قىرغىزستاننىڭ پرېژېۋالسك شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-ژىللىرى كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ زورلۇق بىلەن كوللېكتىۋلاشتۇرۇش ئوخشاش قەبىھ سەياسىي ھەرىكەتلىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئۆز ماكانلىرىنى تاشلاپ چەتەللەردىن باش-پانا ئىزدەشكە مەجبۇرلىغان ئېدى. رەخىم ئاكىنىڭ ئاىلىسىمۇ باشقىلار قاتارى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىدۇ. رەخىم مەكتەپ يېشىغا يېتىپ، دەسلەپ “ھۈسەيىنە” باشلانغۇچ مەكتىۋىدە، ئاندىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىي نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇيدۇ. كىچىگىدىن زېرەك، بىلىم ئېلىشقا چەكسىز تەشنا بولۇپ ئۆسكەن ر.ھوشۇروۋ 1952-1955-ژىللىرى شىنجان ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيا فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ر.ھوشۇروۋ 1944-1949-ژىللاردىكى شەرقىي تۈركستان ئىنقىلاۋىنىڭ پاال ئىشتىراقچىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە گومىنداڭ باسقۇنچىلىرىغا قارشى جەڭلەرگە قاتناشقان. شتج مىللىي ئارمىياسىنىڭ باش كوماندانى گېنېرال-لېيتېنانت ئىسھاقبەك مونۇنوۋ رەخىم ئاكىنىڭ ماھىر ئاشپەز ئېكەنلىگىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى فرونتتىن چاقىرتىۋېلىپ، ئۆزىگە مەخسۇس ئاشپەز قىلىپ بەلگۈلەيدۇ.
– ھېچ يادىمدىن چىقمايدۇ، 1948-ژىلى 31-دېكابر كۈنى گېنېرال ئىسھاقبەك يېڭى ژىللىق چوڭ زىياپەت ئۇيۇشتۇرغان ئېدى. موشۇ سورۇندا مەن تەييارلىغان تااملاردىن دەم تارتقان ئەخمەتجان قاسىمى مېنى چاقىرتىپ يېنىغا ئولتارغۇزدى. “رەخىمجان ئىنىم، – دەپ سۆز باشلىدى دانا رەھبەر. – تااملىرىڭىز ئىنتايىن لەززەتلىك بوپتۇ، بۇمۇ بىر سەنئەت، ئۇ خەلىقنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك قېدىمىيلىغىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇيغۇر تااملىرى توغرىلىق بىرەر رىسالە – كىتاپنىڭ بار –يوقلۇغىنى بىلەمسىز؟” – دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق ئېكەنلىگىنى ئېيتسام، ئەخمەتجان قاسىمى مىيىغىدا كۈلۈپ: “يوقنى بار قىلىش كېرەك، قېدىمىي خەلقىمىزنىڭ مۇنداق بېباھا غەزنىسىنى كېلەچەك ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇشىمىز لازىم”، دەپ ماڭا ۋەسىيەت قىلغاندەك كۆپ تىلەكلەرنى بىلدۈرگىنى ھېلىمۇ يادىمدا. داھىنىڭ بۇ تىلەك-ۋەسىيىتى ماڭا كېيىن زور ئىلھام بېرىپ، ئۇيغۇر تااملىرىنىڭ نەزەرىيەسىنى تىكلەشكە بەل باغلىغان ئېدىم” – دېگەن ئېدى رەخىم ئاكا مېنىڭ بىلەن بولغان بىر سۆھبەتتە.
مانا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاپ، رەخىم ئاكا ژۇقۇرىدا تەكىتلىگىنىمىزدەك، 1985-ژىلى “مېكتېپ” نەشرىياتىدا “ئۇيغۇر تااملىرى” دېگەن كىتاۋىنى نەشىر قىلدۇردى، ئەندى 1990-ژىلى بولسا ئالمۇتىدىكى “راۇان” نەشرىياتىدا رۇس تىلىدا “ئۇيگۇرسكايا كۇخنيا” دېگەن كىتاۋى نەشىر قىلىندى. 50 مىڭ نۇسخىدا نەشىر قىلىنغان بۇ كىتاپ بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە سېتىلىپ تۈگەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رەخىم ئاكا يەنىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ، 2011-ژىلى “تىسياچا ئۇيگۇرسكىخ بليۇد” دېگەن كىتاپنى نەشىر قىلدۇردى.
ر.ھوشۇروۋ ئۇزاق ژىللار داۋامىدا قىرغىزستاندا ياشاپ ئىجات قىلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-70-ژىللىرى ئۇ قىرغىزستاننىڭ مەشھۇر يازغۇچى-شاىرلىرى، مەدەنىيەت ئەرباپلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن يېقىن دوست بولۇپ ئۆتتى. قىرغىز خەلقىنى دۇنىياغا تونۇتقان مەشھۇر يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋ ئۇنىڭ ئەينە щئۇنداق دوستلىرىنىڭ بىرىدۇر.
– مەن چىڭگىز ئايتماتوۋ بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتۈۋېدىم. ئۇنىڭ ئۆيىدە، داچىسىدا پات-پات بولۇپ، ئەدەبىيات ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم بەس-مۇنازىرە قىلىپ سىرداشقان ئېدۇق. بۇ ئۇلۇق ئەدىپنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىغا ئۇيغۇر تااملىرىنىڭ دەمىنى تارتقۇزغانمەن. ئۇ “ئىسسىقكۆل فورۇمىنى” ئۇيۇشتۇرغاندا مېنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ئېدى. مەن شۇنداقلا ئاتاقلىق كىنورېژىسسېر بولات شەمشىېۋ بىلەنمۇ ئەينە شۇنداق قويۇق دوست-بۇرادەر بولۇپ ئۆتتۈم. ئاتاقلىق شاىر دوستۇم ئا.قاراسارتوۋ كۆپلىگەن شېىرلىرىمنى قىرغىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ مېنى قىرغىز ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرغانلىغىنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن، – دېگەن ئېدى رەخىم ئاكا.
دەرھەقىقەت، مەرھۇم رەخىم ئاكا خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش نىيىتىدە كۆپ ئەجىر قىلىپ، 1981-ژىلى “مۇقامچى” ناملىق داستانلار توپلىمىنى ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا، كېيىنكى ژىللىرى “ئىزدەڭۈچىلەر”، “ئۈمۈت” دېگەن ترىلوگىيالەرنى، “بوغۇزلانغان ئاۋاز” دېگەن ماقالىلار توپلىمىنى “ئۇيغۇر زەمبىرىگى” ناملىق پوۋېستلار توپلىمىنى، “پولات ئىرادە” ناملىق ماقالىلار ۋە شېىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇردى.
كۆپلىگەن شېىرلىرى، ھېكايىلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى رۇس، قازاق، قىرغىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر تااملىرىنى تەييارلاشنىڭ ئۇسۇلىنى تەپسىلىي ئىزاھلاپ بېرەلەيدىغان ۋە، ئەڭ مۇھىمى، تااملىرىمىزنى تەييارلاشنىڭ تەۋەرۈك قوللانمىسىنى ياراتقان، بۇ ساھادا كۆپ ئىزدىنىپ ئەجىر قىلغان شەخسنىڭ ئىجادىيىتىگە لىللا باھا بېرىش كېرەك. تارىخىي ئەنئەنىلىرىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىيىتى ئۈچۈن ژىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىزدىنىپ، كېلەچەك ئەۋلاتقا ئۆزىنىڭ مەنىۋىي مىراسىنى قالدۇرغان رەخىم ئاكا ھوشۇروۋ 2016-ژىلى فېۋرالدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ھە، مەرھۇم رەخىم ئاكىنىڭ خالىس ئەمگەك قىلىپ، قالدۇرۇپ كەتكەن ئەدەبىيات ۋە ئېتنوگرافىيا ساھاسىدىكى مول مىراسى ھازىرقى ۋە كېلەچەك ئەۋلات ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئېكەنلىگىنى تەكىتلەشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.

يادىكار سابىتوۋ.