Mewlanem meschiti-uey

مەۋلانەم مەسچىتى
مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر
مەۋلانەم مەسچىتى كۇچا خەلقى تەرىپىدىن 14-ئەسىردە سېلىنغان مەسچىت بولۇپ 700 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ مەسچىت تارىختا 1329-يىلى قۇرۇلغان چاغاتاي دۆلىتىنىڭ پادىشاھى تۇغلۇق تۆمۈرخاننى (تۇغلۇك تىمۇر 1311-1363) ئىمان ئېيتقۇزۇپ، مۇسۇلمان قىلىشتىن باشلاپ 241 يىل ھۆكۈم سۈرگەن چاغاتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئىسلام دۆلىتىگە ئايلىنىشىغا بىۋاستە سەۋەب بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئېقىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك ئىسلام ئالىمى مەۋلانا ئەرشىدىن (1290-1360) ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان.
1863-يىلى كۇچادا قۇرۇلغان راشىدىنخان خانلىقى (1863-1867)نىڭ خانى بۈيۈك دىنى ئالىم راشىدىنخان خوجا (1810-1867) مانا مۇشۇ مەۋلانەم مەسچىتىنىڭ مۇدەررىسى بولۇپ، 1863-يىلى مەۋلانەم مەسچىتىنىڭ مەدرىسلىرىدىكى تالىپلارنى باشلاپ، مەنچىڭ خىتايلىرىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، غەلىبە قىلغاندىن كېيىن راشىدىن خان خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى.
مەۋلانەم مەسچىتىنىڭ ئورنى ھازىر كۇچا شەھەر ئىچىدە، يېڭى شەھەر بىلەن كونا شەھەر ئوتتۇرىسىدا، شەھەرنىڭ شىمالىدىراق بولۇپ، شىمال تەرىپىدىن چوڭ بىر ئۆستەڭ سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. مەسچىتىنىڭ ئىشىكى (پەشتىقى) جەنۇبقا قارايدىغان بولۇپ، ئوڭ، سول ۋە ئۈستى تەرەپلىرىگە تۆتتىن مېھراپ شەكلى چىقىرىپ ياسالغان. تېمىغا يېشىل رەڭلىك ساپال (چاقچۇق) چاپلىنىپ زىننەتلەنگەن. مەسچىت ئىچى ۋە سىرتىدا بولۇپ تەخمىنەن ئىككى مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ.
مەسچىت دەرۋازىسىدىن ئۇدۇل مەسچىت سەيناسىغا كىرگىنىمىزدە، سول تەرىپى (غەرب) ئاساسلىق مەسچىت، ئۇدۇل تەرىپى تۆت تۈۋرۈكلۈك، رېشاتكىلىق ئايۋان بولۇپ، مەسچىتنىڭ بۇ قىسمى ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىلغان بۆلۈمدۇر.
مەسچىتكە كىرگەن ۋاقتىمىزدا ئوڭ تەرەپ يەنى شەرق تەرەپتە بىر ئىشىك بولۇپ، ئىشىكتىن كىرسەك ئالدىمىزدا تەخمىنەن 10-12 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 2 مېتىرچە كەڭلىكتە بىر يول بار. بۇ يول دەل مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ قەبرىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. قەبرىنىڭ كۆرۈنىشى تۆت چاسا دېگىدەك پېشايۋانلىق ئۆي شەكلىدە، ئەتراپى نەقىشلىك ۋە رېشاتكىلىق بولۇپ قەبرە بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە.
1979-1980-يىللىرى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ قەبرىسىنىڭ باش ۋە ئاياغ تەرىپىدە سۇ يېغى بىلەن يانىدىغان، تاكى مۇ مەسچىت سېلىنغان 14-ئەسىردىن باشلاپ دەۋرىمىزگىچە 700 يىلدىن بۇيان ئۆچمىگەن كېچە — كۈندۈز يېنىپ تۇرىدىغان چىراغلار بار ئىدى.
تۈنەك كېچىلىرى مەۋلانەم مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى سېدىلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا 5-6 يەردە مەدداھلار سورۇن قۇرۇپ، بىرسى ئېلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىسسىسىنى سۆزلىسە، يەنە بىرى سىيىت نوچىنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەيتتى. بىرسى پاتىمەمنىڭ (پاتىمە-پەيغەمبىرىمىز س. ئە ۋەسەللەمنىڭ قىزى) قىسسىسىنى سۆزلىسە بىرى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ قالماقلارنى قانداق مۇسۇلمان قىلغانلىقىنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەيتتى. يەنە بىرى راشىدىنخان خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە خانى راشىدىنخان خوجىنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەيتتى. مەدداھلار تېخىمۇ كۆپرەك كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن بارلىق ھۈنەرلىرىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ھەممە مەدداھلارنىڭ ئالدىغا بىرەر يۈز ئەتراپىدا ئادەملەر يىغىلاتتى. مەسچىتنىڭ ئالدى ناماز شامدىن باشلاپ تاكى ئەتىگىنى ناماز بامداتقىچە گويا بازاردەك قىزىپ كېتەتتى. بۇ ئەھۋاللار بىلىشىمچە 1984-1985-يىللارغىچە داۋاملاشتى.
مېنىڭ بۇ مەسچىتكە مۇناسىۋەتلىك، 45 يىلدىن بۇيان پات-پات ئويلاپ قالىدىغان مۇنداق بىر ئەسلىمەم بار:
1979-يىل ياكى 1980-يىلى بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا 11-12 ياشلاردا ئىدىم. بىر تۈنەك كېچىسى بىز 8 ئاغىنە كېچىچە ناماز ئوقۇپ تۈنىمەكچى بولۇپ، ناماز شامدىن كېيىن مەۋلانەم مەسچىتىگە كەلدۇق. بۇ مەسچىتنىڭ مەھەللىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلەتتى. مەسچىت يولنىڭ تەخمىنەن 100 مېتىر ئەتراپىدا ئىچى تەرەپتە-شىمالىدا بولۇپ، مەسچىت بىلەن يول ئارىلىقىدا نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە، ناھايىتى چوڭ 5-6 تۈپ سېدە دەرىخى بار ئىدى. بۇ سېدىلەردىن بولۇپمۇ بىرسى پەۋقۇلاددە چوڭ بولۇپ، بۇ سېدىنىڭ تارىخى بەلكىم مەسچىت بىلەن ئوخشاش بولىشى مۇمكىن. كېلىپ قارىساق مەسچىتنىڭ ئالدى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. ھەر بىر تۈپ سېدىنىڭ ئاستىدا بىردىن مەدداھ ھە دەپ قىزىقارلىق قىسسىلەرنى سۆزلەۋاتقان بولۇپ، ھەر بىر مەدداھنىڭ ئالدىدا بىرەر يۈز ئادەم بار ئىدى. بىز بىردەم مەدداھلارنىڭ قىسسىلىرىنى ئاڭلىدۇق. خۇپتەنگە ئەزان چىققاندىن كېيىن ھەممىمىز بىرلىكتە مەسچىتكە كىردۇق. مەسچىت ئىچىدىمۇ ئادەملەر كۆپ بولۇپ، مەسچىت ھەقىقەتەن بەك كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك ئىكەن. بىز خۇپتەن نامىزىنى خېلى ئالدى سەپلەردە تۇرۇپ ئوقۇدۇق. خۇپتەندىن كېيىن ھەممىمىز دېيىشىپ ھەر بىرىمىز يۈز رەكەتتىن ناماز ئوقۇماقچى بولدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن بىلگەن ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ، ھەر ئىككى رەكەتتە بىر سالام بېرىپ ھەممىمىز ئۆز ئالدىمىزغا ناماز ئوقۇشنى باشلىدۇق. مەن ناماز ئوقۇش جەريانىدا بىر قانچە قېتىم ئۇخلاپ قالدىم. باشقىلارمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش بولدى. كېيىن قوپۇپ، مەسچىتتىن چىقىپ، مەسچىتنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان، سۈپسۈزۈك سۈيى ئۆستەڭنى تولدۇرۇپ ئاجايىپ چىرايلىق ئاقىدىغان چوڭ ئۆستەڭگە بېرىپ تاھارەت ئېلىپ كېلىپ يەنە نامىزىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. بەزىدە ئۇيقۇ تۇتۇپ كەتسە تاھارەت ئېلىشنى تەس كۆرۈپ، ئۇخلاپ قالماسلىق ئۈچۈن مەسچىتتىن چىقىپ ئەتراپنى ئايلاندۇق. بەزىدە مەدداھلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىردەم گېپىنى ئاڭلاپ كېلىپ يەنە نامىزىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.
بىر قېتىم يەنە ئۇيقۇ تۇتۇپ كەتتى. مەن سىرتقا چىقىپ ئەتراپقا قارىدىم. مەسچىتكە كىرگەندە ئۇدۇلدىكى ئايۋاندىن ئاياللارنىڭ ئاجايىپ ئاۋازلىرى كېلىۋاتىدۇ. مەن قىزىقىپ بېرىپ قارىدىم. بۇ ئايۋان مەسچىتنىڭ مەخسۇس ئاياللار ناماز ئوقۇيدىغان يەر بولۇپ لىققىدە ئاياللار بار ئىكەن. ئەمما بۇ ئاياللار بىزگە ئوخشاش ناماز ئوقۇماي، ئايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىنى مەركەز قىلىپ يۇمىلاق بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئوتتۇرىدىكى ئاشۇ يۇمىلاقتا 7-8 ئايال بولۇپ بۇلار ئۆزلىرىنى ئالدى-كەينىگە تاشلاپ، يوقىرى ئاۋازدا ھۆكمەت ئوقۇپ ھۈم، ھۈم دەيدىكەن. باشقا ئاياللار بۇلارغا ئەگىشىپ، بەزىلىرى يىغلىشىپ يوقىرى ئاۋازدا تەڭ ھۈم، ھۈم دەيدىكەن. مەن ئۇلارغا بىردەم قاراپ تۇرسام يەنە ئۇيقۇم كېلىپ كەتتى. ھەي بۇ ئۇيقۇنىڭ تاتلىقلىقى، ئۇخلىسام ئاتايىتەن ئۆستەڭگە بېرىپ تاھارەت ئېلىشنىڭ تەسلىكى.
مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئەتراپقا قارىسام بەزى كىشىلەر مەسچىتنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن كىرگىنىچە ئۇدۇل شەرق تەرەپتىكى بىر ئىشىك تەرەپكە كېتىۋاتىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەرمۇ مەسچىتتىن چىقىپ ئۇدۇل شۇ ئىشىك تەرەپكە كېتىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشىكنىڭ ئىچىدە نېمە باردۇ؟ دەپ ئويلاپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم. ئىشىكتىن كىرسەم ئۇزۇنلۇقى 10-12 مېتىر، كەڭلىكى ئىككى مېتىر كەلگىدەك بىر يول بولۇپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەبرىلەر بار ئىكەن. بۇ يول دەل مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ قەبرىسىگە ئېلىپ بارىدىكەن. مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ قەبرىسى ئەتراپى پېشايۋانلىق، نەقىشلىك ۋە پەنجىرىلىك تۆت چاسا دېگىدەك بىر ئۆينىڭ ئىچىدە، دەل ئوتتۇرىدا بولۇپ، قەبرىنىڭ باش ۋە ئاياغ تەرەپلىرىدە سۇ يېغى بىلەن يانىدىغان، كېچە-كۈندۈز ئۆچمەيدىغان چىراغلار بار ئىكەن. مەخسۇس بۇ قەبرىگە قارايدىغان شەيخ بولۇپ، چىراغلارنىڭ پىلىكلىرىنى يىڭنە بىلەن تازىلىغاچ قەبرىنىڭ ئۈستىدىكى يۇپۇق ۋە ئەتراپنى سۈپۈرۈپ، تازىلاپ تۇرىدىكەن.
مەن بىر ھازا قەبرىگە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئەتراپىمغا قارىسام خېلىلا كۆپ ئادەم بۇ قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇۋاتىدۇ. مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىچىمدە، «بۇلار نېمىشقا قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ بۇ قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدىغاندۇ» دەپ ئويلاپ كەتكەن ئىدىم. چۈنكى، مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ قەبرىسى مەسچىتنىڭ شەرق تەرىپىدە بولغاچقا، قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇسا قىبلە دەل ئارقا تەرىپىدە قالاتتى.
شۇنداق قىلىپ ناماز بامداتقا ئەزان چىقىشتىن بۇرۇن 8 ئاغىنىدىن تۆتىمىز ۋەدىمىز بويىچە تولۇق يۈز رەكەتتىن ناماز ئوقۇدۇق. بۇ كۈن مەن ئۈچۈن كېيىنكى ھاياتىمدا پات-پات ئەسلەيدىغان شىرىن بىر ئەسلىمە بولۇپ قالدى. چۈنكى، بۇ مېنىڭ ۋەتەندە ئۆتكەن 28 يىللىق ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ۋە ئاخىرقى قېتىم تولۇق يۈز رەكەت ناماز ئوقۇغان بىردىن بىر كېچە بولۇپ قالغان ئىدى.
15-16 ياشلىرىمدا يەنە بىر قېتىم بۇ مەسچىتتە جۈمە نامىزى ئوقۇشقا توغرا كەلدى. بۇ قېتىم ئادەم كۆپ بولغاچقا مەسچىت سەيناسىدا ناماز ئوقۇدۇم. ئەمما بۇ قېتىم ئالدىراش بولغاچقا مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ قەبرىسى ۋە ئەتراپنى كۆزەتمەي قايتىپ كەتكەن ئىدىم.
1995-يىلى يازدا غۇلجىدىن تۇغقانلار كەلگەن ئىدى. بىر كۈنى ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ بۇ مەسچىت، مەسچىت ئەتراپىدىكى چوڭ قەبرىستانلىق ۋە مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدۇردۇم. ئەمما مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ قەبرىسىنىڭ ئىچىدىكى يەتتە ئەسىردىن بۇيان يېنىپ تۇرغان چىراغلار يوق ئىدى.
ۋەتىنىمىز بويىچە داڭلىق ئالىم ھامۇت مەۋلىۋى دەموللا ھاجىم (1898-1991)نىڭ قەبرىسى، مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ قەبرىسىگە ماڭغان يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىراق يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىكەن. بۇ ئالىمنىڭ ئىسمى مۇھەممەت سالى دەموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە قۇران كەرىمنىڭ «تەقرىز» قىسمىدا، قۇران كەرىمنىڭ تەرجىمە-تەپسىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتناشقان ئالىملار ئىچىدە، ئىككىنچى قاتاردا بار بولۇپ، تەقرىزدا: «خىتاي ئىسلام دىنى جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھامۇت مەۋلىۋى داموللا ھاجىم» دەپ يېزىلغان. بىز ھامۇت مەۋلىۋى دەموللا ھاجىمنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يەنە ئايرىم دۇئا قىلغان ئىدۇق. يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا خىتاي مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ قەبرىسىنى سىمۋول خاراكتېرلىك ساقلاپ قالغاندىن سىرت باشقا كۆپلىگەن قەبرىلەرنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەن. شۇ قاتاردا ھامۇت مەۋلىۋى دەموللا ھاجىمنىڭ قەبرىسىنىمۇ چېقىۋەتكەن.
مەۋلانەم مەسچىتى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پادىشاھى مۇھەممەد تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ قەبرىسى ۋەتىنىمىزدە 14-ئەسىردە سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككى قۇرۇلۇش دەۋرىمىزگىچە ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئىسلام بىناكارلىقى قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر مېمارچىلىقىنىڭ بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەسلىگە ئۇيغۇن رېمۇنت قىلىنمىغان ھەم كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن. مەسچىت ئىشىكىنىڭ يېشىل رەڭلىك ساپاللىرىنىڭ ئۈستى تەرەپتىكىلىرىمۇ تۆكۈلۈپ تۈگىگەن. شۇڭا كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويىدۇ. باشقا يەرلەردىن كەلگەن كىشىلەر بۇ مەسچىتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، گويا ئۇ سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بۇگۈنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىنى كۆرۈۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدۇ.
2016-يىلى 8-ئايدا مەۋلانەم مەسچىتى ھەققىدە يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان خىتايچە مەنبەلەردىمۇ بۇ مەسچىت ۋە قەبرىستانلىق ھەققىدە: مەۋلانەم مەسچىتى ۋە قەبرىستانلىقى تامامەن نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، ئومۇميۈزلۈك تاشلىۋېتىلگەن… دېگەندەك يېزىلغان.
تارىختا 1329-يىلى قۇرۇلغان چاغاتاي دۆلىتىنىڭ پادىشاھى تۇغلۇق تۆمۈرخاننى ئىمان ئېيتقۇزۇپ، مۇسۇلمان قىلىشتىن باشلاپ 241 يىل ھۆكۈم سۈرگەن چاغاتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئىسلام دۆلىتىگە ئايلىنىشىغا بىۋاستە سەۋەب بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئېقىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاپاتىدىن كېيىن كۇچا خەلقى تەرىپىدىن مۇبارەك نامىغا ئاتاپ سېلىنغان «مەۋلانەم مەسچىتى»نىڭ سېلىنىشىغا ۋەسىلە بولغان بۈيۈك ئىسلام ئالىمى مەۋلانا ئەرشىدىن تەخمىنەن 1290-1360-يىللار ئەتراپلىرىدا ياشىغان.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
«100 مەشھۇر ئۇيغۇر» 2017-يىل ئىستانبۇل نەشرى، 1-قىسىم 200-201-بەتلەر.
مەۋلانەم مەسچىتى ھەم قەبرىستانلىقىنىڭ ۋىدىئو ۋە سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى، دوستۇم ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت.
«ئانامنىڭ ئەسلىمىلىرى» ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت. 2018-يىل ئاۋغۇست-بىرىنچى نەشرى، ھامۇت مەۋلىۋى دەموللا ھاجىم ھەققىدىكى مەلۇماتلار. 204 ۋە 207-بەتلەر.
2025-02-13.
ھتتپس://ۋۋۋ.فاسەبووك.سوم/پەرمالىنك.پھپ؟ستوري_فبىد=پفبىد01س5قۋپاھۋقج4ز16ئۇۋيك5ئەووفيۇ5بۇ2تتقريۋرۋۋل74دھجساگسۋ2ردۋ7ئەۋتھكۋ78ھل&ئىد=100077407511763&لوسالە=تر_تر
