ئابباسقارى مەمەدىنوۋ

ئابباسقارى مەمەدىنوۋ كىم؟

ئابباسقارى مەمەدىنوۋ 1917-يىلى كۇچانىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە ھاللىق تىجارەتچى ھامۇدۇننىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. يەتتە ئاتىسىدىن تارتىپ ئازادلىق يولىدا كۈرەشكەن ئەجدادلىرىنىڭ يولىدا ماڭماقچى بولۇپ، بالاغەتكە ئەندىلا يەتكەن 13 ياش چېغىدا كىچىك دادىسى ھەمدەمبەگ ھاجى تەشكىللىگەن قوشۇننىڭ تەركىبىگە كىرىدۇ ۋە ھەمدەمبەگ ھاجى غوجىنىياز ھاجى بىلەن قوشۇلغاندا، بىرلەشكەن قوشۇنلار تەركىبىدە جەڭلەرگە قاتنىشىدۇ. ھەمدەمبەگ ھاجى – تارىخىي ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ھەربىي ئىلىمدا يېتىلگەن جەسۇر ئەرباب. پۈتۈن ئۆمرى جەڭ ئىچىدە ئۆتكەن ئەل ئوغلى ھەمدەمبەگ ھاجى ھەرقانداق جەڭدە مەغلۇپ بولماسلىقى بىلەن خەلق ئىچىدە چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە سازاۋەر بولغان. ئەپسۇسكى، شېڭ شىسەي ھەمدەمبەگ ھاجىنى كۆپلىگەن ۋەتەنپەرۋەرلەر قاتارىدا قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ قەبرىسى مۇشۇ كۈنگىچە نامەلۇم.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىن 2000-يىلى بېسىلىپ چىققان «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» دېگەن كىتابتا ھەمدەمبەگ ھاجى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن (203-بەت).

ئابباسقارى مەمەدىنوۋ ھەمدەمبەگ ھاجى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھامۇت بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ئۇلارنى شېڭ شىسەي جاللاتلىرى تۈرمىگە قامايدۇ. 1938-يىلى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ياردىمى بىلەن تۈرمىدىن چىقىپ، غۇلجىغا كېلىدۇ. رۇسچە ئۆگىنىش كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا، شۇ كۇرستا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان گۈلبىكە خاجىپ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، 1939-يىلى 30-سېنتەبىردە ئۆي-ئوچاقلىق بولىدۇ.
ئىنقىلاب پارتلىغانغا قەدەر ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن يەرلىك تۈزۈمگە قارشى تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بولىدۇ. ئىنقىلاب باشلانغاندا ئابدۇكېرىم ئابباسوفلار بىلەن تالاي قايناملاردا قاينايدۇ.
بۇ ۋاقىتلاردا گۈلبىكە مەمەدىنوۋا مەكتەپتىكى ئىشىدىن قول ئۈزۈپ، كۈرەش يولىدا يولدىشى بىلەن بىر سەپتە بولۇپ، بۇ دىيارنىڭ پەرزەنتى بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ. مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا، ھەربىي تەمىنات باشقارمىسىدا لېيتېنانت ئۇنۋانىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
1955-يىلى ئابباسقارى مەمەدىنوۋ ھەربىي سەپتىن بوشىتىلىپ، ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتورېمونت زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. كېيىنرەك ش ئۇ ئا ر يول قاتناش نازارىتىدە باشقارما باشلىقى، شۇ نازارەت نازىرىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىنى ئاتقۇرىدۇ. گۈلبىكە مەمەدىنوۋا ش ئۇ ئا ر ئاياللار جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبىسىدە خىزمەت ئاتقۇرىدۇ.
گويا دالاسىدەك كۆڭلى بىپايان قازاق يېرىگە ئورۇنلاشقان ئابباسقارى ھەربىي سەپتە ئۆگەنگەن شوپۇرلۇق كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاۋۋال سېلېسار، ئاندىن تا دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر تاكسىست بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1984-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنيادىن ئۆتتى. ھەرقانداق قەھرىمان ئەرنىڭ يېنىدىكى ئايالنى قەھرىمان دېيىشكە بولىدۇ. گۈلبىكە – تەقدىر تەقەززاسى بىلەن تارىخىي ۋەتىنىمىزگە ئورۇنلىشىپ قالغان قازان تاتارلىرىنىڭ ئەۋلادى خاجىپ كامالدىنوۋ بىلەن پەرخىنۇر غابىتوۋانىڭ تۇنجى قىزى. 2011-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە يورۇق دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

نەسەبنامە ۋە تۇپراقنىڭ تارتىش كۈچى
تەرجىمىھالدىكى ئاق قەغەزنى قارا قىلغان سۆزلەر مىللىتىگە، ۋەتىنىگە كۆيگەن شەخس كەچۈرمىشلىرىنى، ئۆمرىنىڭ ھەربىر دەقىقىسىگە تەئەللۇق دەرد-ئەلىمىنى، ھەسرىتىنى، ئۈمىدىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە بەزىدە ئاجىزلىقمۇ قىلىدۇ.
ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، گېنېرال-مايور مەرغۇپ ئىسقاقوۋ خاتىرىلىرىنىڭ بىرىدە: «…ئابباسقارى مەمەدىنوۋ ئەينى شۇنداق ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى ھەممىدىن ئەلا كۆرگەن، شۇ يولدا جان پىدالىق كۆرسەتكەن، ۋىجدانى پاك ئادەملەرنىڭ بىرى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئابباسقارىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئىنقىلابىي كۈرەشكە ئارىلاشتى»، دەپ ئەسلەيدۇ. مىللىي ئارمىيە گېنېرالى زۇنۇن تېيىپوۋمۇ بۈيۈك مۇددىئالارنى تۇغ قىلغان كۈرەشتە ئابباسقارى مەمەدىنوۋنىڭمۇ ئۆز ئىز-تامغىسى بار ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەسلىمىلىرىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
«1945-يىلى، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، مىرزىگۈل ناسىروۋ، سوپاخۇنلار ھۆكۈمەت ۋەكىلى قاسىمجان قەمبەرىي ۋە ئا.ئابباسوف رەھبەرلىكىدە تەشكىللەنگەن ئاتلىق ئوترياد 6-ئىيۇن غۇلجىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ… م.ناسىروۋ باش ئىشتابتىن ئاق داۋان، قارا داۋان دېگەن تاغدىن ئېشىپ، باي دېگەن ناھىيەگە قاراشلىق قىزىل دېگەن جايدا دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇش بۇيرۇقىنى ئالىدۇ. م.ناسىروۋ ئۆز ئوتريادى بىلەن 1-ئىيۇلدا ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، ۋىزۋود كوماندىرى مەمەتوۋقا، ئابدرىمغا قىزىلدىكى دۈشمەننىڭ ئاقسۇغا بارىدىغان يولىنى توسۇشنى تاپشۇردى. بۇ ۋىزۋودقا 30 كىشى قوشۇلىدۇ. ئۇلار 9 سائەت دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، دۈشمەننى چىقىمغا ئۇچرىتىدۇ. سوپاخۇن ئەسكەرلىرى باي ناھىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، گومىنداڭنىڭ 300دىن ئوشۇق ئەسكىرىنى يوق قىلىپ، 120 مىلتىق، 182 ئات، ئۈچ پىلىموت، ئالتە دىكتار پىلىموتى، 24 مىڭ ئوق، 150 دانە گىرانات غەنىيمەت ئالىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ۋىزۋود كوماندىرى ئابباس مەمەدىنوۋقا ئوق تېگىپ، يارىدار بولىدۇ» (زۇنۇن تېيىپوۋ «شەرقىي تۈركىستان يېرىدە»، 118-119-بەتلەر).
«…شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى شاھىتلىرى ھەققىدە مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە بىرئاز ماقالىلەرنى يازغان، كۆپنى كۆرگەن تارىخچى ئالىم قادىر كېرەم ئابباسقارى مەمەدىنوۋ ھەققىدە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىلكىدە مۇنداق دەيدۇ:
– ئابباسقارىنىڭ كىچىك دادىسى ھەمدەمبەگ ھاجى شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئابرۇيلۇق كىشى ئىدى. 1931-يىلى ھۆكۈمرانلار زۇلمىغا قارشى قۇمۇلدا غوجىنىياز باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە ھەمدەمبەگ ھاجى پولك كوماندىرى بولىدىغان. ئۇ ئىختىيارىي رەۋىشتە غوجىنىياز باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلدى ۋە ئۈرۈمچىگە كەلدى. لېكىن كېڭەش ئىتتىپاقى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى شېڭ شىسەي غوجىنىياز ھاجى، ھەمدەمبەگ ھاجى ئوخشاش كىشىلىرىمىزنى ھەر خىل يوللار بىلەن يوقىتىش چارىلىرىنى كۆرگەن. ھەمدەمبەگ ھاجى بەستلىك، قەددى-قامىتى كېلىشكەن كىشى بولغان. ئۇ ئاستىدىكى ئاتنىڭ تىزگىنىنى تۇتماي، بولۇشىچە قويۇپ بېرىپ، قاتتىق چاپتۇرۇپ، ئىككى قولىغا قۇرال تۇتۇپ، جەڭگە كىرەتتىكەن» («ئۇيغۇر ئاۋازى»، 27.02.1997-ژىل).
«…ئۇ ھەققىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قاتناشچىلىرىنىڭ بىرى شاكىر مامۇزا مۇنداق دەپ ئەسلىگەن: «1940 – 1941-يىللىرى ئىدى. مېنىڭ بىلىدىغىنىم، شۇ چاغلاردا ئابباسقارى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئىشەنچلىك جەڭگىۋار دوستى ئىكەن. مەن ئابباسقارى مەمەدىنوۋنىڭ يول-يورۇقى بىلەن ئىنقىلاب ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا باشلىدىم. ئىنقىلاب باشلانغاندا، مىللىي ئارمىيەنى قوراللاندۇرۇشتا، بولۇپمۇ ئۇنى ئات بىلەن تەمىنلەشتە ئابباسقارى مەمەدىنوۋنىڭ خىزمىتى زور بولدى».
«تۇرسۇن ھوسمانوۋ («تۇرسۇن تاپانچا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1921-يىلى تۇغۇلغان. غۇلجىدىكى ھەرەمباغ سېپىلىنى پارتلىتىشقا قاتناشقان، كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ ئەلچىخانىسىدا شوپۇر بولۇپ ئىشلىگەن، ئۈچ ۋىلايەت قاتناشچىلىرىنىڭ بىرى) شۇ كۈرەش يىللىرىنى، ئۇنىڭ قاتناشچىلىرىنى پات-پات ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«نىلقىدا ئالتە ئوغرى پەيدا بوپتۇ» دېگەن خەۋەر تارىلىپ، بىزنى غۇلجىغا ئەكېلىپ تاشلىدى. مەن ئابباسقارى ئاكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئەسخەت ئىسقاقوۋ بىلەن تونۇشتۇم. تونۇشۇش جەريانىدا ئابباسوف مېنىڭدىن «سىز نېمە مەقسەت بىلەن غۇلجىغا كەلدىڭىز؟»، دەپ سورىدى. مەن «خەلقىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەشكە ئۆز ھەسسەمنى قوشقۇم كېلىدۇ» دېدىم. ئۇ مېنىڭ قەلبىمنى چۈشەندى. كېيىن ئىنقىلابىي ئىشلاردا مېنىڭمۇ ياردىمىم كېرەك بولۇپ قالدى. يادىمدا، 1944-يىلى جەڭلەرنىڭ بىرىدە ئابباسقارى ھامىدىنوغلى بىر خەزىنە تېپىۋالدى ۋە ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىق ھەرىكىتىنى تەمىنلەش فوندىغا ئۆتكۈزدى. بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مارشال ئەلىخان تۆرە «ئابباسقارى، سەن ئارمىيە بىلەن ۋەتەنگە قانچىلىك زور تۆھپە قىلىۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن؟» – دەپ ئۇنىڭدىن بەك رازى بولۇپ كەتكەن ئىدى شۇ چاغدا.
ھە، ئابباسقارى ئوخشاش ئاكىلار ئارقىلىق ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق خەلقىمىزنىڭ داڭلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشەنچىگە مۇيەسسەر بولدۇم. ماڭا خىزمەت بابىدا ئابباسقارى ئاكا بىلەن كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭ ۋىجدانىڭ پاكلىقىغا مەنلا ئەمەس، ئۇنىڭ جەڭگىۋار سەپداشلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوف، رەھىم سابىرھاجىېۋلارمۇ قايىل ئىدى. خاتىرەمدە ئابباسقارى ئاكا شۇنداق ئىنسان سۈپىتىدە قالدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى چوڭ ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئالىمەن» («ئۇيغۇر ئاۋازى»، 27.02.1999).
دادىسىنىڭ ئىسمى «ئابباس» ۋە «قارى» دەپ ئاتىلىدىغان قوش ئىسىم بىلەن ئاتىلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. 1627-يىلى تۇغۇلغان نەق قارى ئىسىملىك بوۋىسىدىن باشلىنىدىغان نەسەبنامە ۋاققاس ئاكىنىڭ ئۆيىدە ئېسىقلىق تۇرىدۇ. يېنىدا مۇشۇ نەسەبنامىدىكى ئىنسانلارنىڭ قېنى تۆكۈلگەن، ئايرىملىرىنىڭ جېنى قىيىلغان مۇقەددەس زېمىننىڭ بىر پارچىسى، بىر سىقىم توپا بار. پورترېتتىكى دادىسىنىڭ نەزەرىمۇ مۇشۇ تۇپراق زەررىچىلىرىگە جەملەنگەن.
يەر-زېمىننىڭ تارتىش كۈچى ئىنسانلارنى ئۆرە قىلىدۇ، ئۇلارغا سالماق بېرىدۇ. تارتىش كۈچى يوق يەردە ئادەم لەيلەپ قالىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئانا دىيارىغا، مىللىتىگە بولغان تارتىش كۈچىنى يۈرىكىدىن ئۆتكۈزگەن ئادەملا ئالاھىدە سالماققا ئىگە بولىدىكەن. مىللىتىنىڭ غەم-تەشۋىشى بىلەن ياشاۋاتقان ۋاققاس مەمەدىنوۋ ئاتا-ئانا شەنىگە لايىق خىسلەتلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان ئىنسان. قازاق خەلقىنىڭ ئۆلۈمگە قىيماس ئوغلانى، «قارا بۇرا» جەمىيەتلىك فوندىنىڭ ئاساسچىسى، مەرھۇم قۇرال ئېرژانوۋ ئېيتقاندەك: «ۋاققاس، ئۆز مىللىتىگە قانچىلىك ئېتىقاد قىلسا، قازاق خەلقىگە بولغان ساداقىتىمۇ شۇنچىلىك. مۇنداق يۈرەككە ئىگە ئىنسانلار باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىدى. ھە، شۇنداق ئاتا-ئانا ئەقىدىسىگە سادىق قەلب ئىگىسى ئۆتمۈشنىڭ ئۆچمەس خاتىرىلىرىنى ۋاراقلايدۇ.

ئازنات تالىپوۋ