Воскресенье, 22 декабря, 2024
Аммибаб

ئابلەت كامالوۋ

ئابلەت كامالوۋ
1961-ژىلى شۇارنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور.
ر.سۈلېيمېنوۋ نامىدىكى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى.
«ئىلھام» مۇكاپىتىنىڭ ساھىبى.

ئۆتسىمۇ ئەسىر، ئېچىلار ھامان سىر
1916-ژىلقى قوزغىلاڭ مەركىزىي ئازىيا تارىخىدا ئىمپېرىالىستىك دەۋىردىكى چوڭ بىر ۋاقىە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ بىرىنچى دۇنىيا ئۇرۇشى (1914–1918) ۋاقتىدا باشلىنىپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي روسسىيا ئىمپېرىياسى تەركىۋىدىكى بارلىق ئازىيا ئايماقلىرىغا تارالدى.
1916-ژىلقى قوزغىلاڭغا ئوتتۇرا ئازىيا ۋە دالا ئۆلكىلىرىنىڭ بارلىق خەلىقلىرى قاتناشتى. بۇ قوزغىلاڭغا يەتتىسۇ ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ 1916-ژىلقى قوزغىلاڭغا قاتنىشىشى ھەققىدە ئۇيغۇر مۇەللىپلىرى تەرىپىدىن كۆپلىگەن ماقالىلار يېزىلىپ، «لاشمانلىق» (موبىلىزاسىيا) ۋاقىەلىرى نامى ئاستىغا بىرلەشتۈرۈلگەن.
لاشمانلىق ۋاقىەلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدا ماقالىلارنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى بۇ ۋاقىەلەر توغرىسىدا ئاددىي خەلىق تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان قوشاقلارنىڭ نۇرغۇن بولۇشىغا باغلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، شۇ ۋاقىتتىكى ئارخىۋ ماتېرىاللىرىدا قوزغىلاڭنىڭ ھەر خىل ئېتاپلىرىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاال قاتناشقانلىغى ھەققىدە مەلۇماتلار بار.
1916-ژىلقى قوزغىلاڭغا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپكى مەلۇمات كۆرنەكلىك ئەدەبىياتشۇناس ۋە تارىخچى نەزەرغوژا ئابدۇسېمەتوۋنىڭ (ئۇيغۇر بالىسى) «ئىلى تارانچى تۈركلىرىنىڭ تارىخى» (1922) ناملىق كىتاۋىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا مۇەللىپ يەتتىسۇدىكى قازاق، قىرغىز ۋە تۇڭگانلارنىڭ قوزغىلىڭى توغرىسىدا بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تارانچىلارنىڭ بولغانلىغىنى ھەققىدە ئېيتمايدۇ. بىراق ئۇ تارانچىلارنىڭ پادىشانىڭ پەرمانىغا بوي سۇنۇشقا مەژبۇر بولغانلىغىنى ۋە ياركانت ئۇېزىدىن مىڭلىغان تارانچى ئېكاتىرىنوسلاۋقا قارا ئىشقا ئەۋەتىلگەنلىگىنى، پادىشا پەرمانىغا بوي سۇنمىغان 9 ئادەمنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىغىنى تەكىتلەيدۇ.
شۇنداقلا، 1937-ژىلى چىمكەنت ۋىلايىتى سايرام ناھىيەسى پارتىيا تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋى ئابدۇللا ئابدۇللىن تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان «1916-ژىلقى ۋاقىەلەر ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىمۇ دىققەتكە سازاۋەر. بۇ ماقالە كىرگۈزۈلگەن توپلامنىڭ مۇھەررىرلىرى قولغا ئېلىنىشىغا باغلىق نەشىر قىلىشقا مەنئىي قىلىنغان. توپلامنىڭ ماتېرىاللىرى پەقەت ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ژىللىرى يورۇق كۆردى: 1989-ژىلى كىتاپچە تۈرىدە «ياڭلىۋاشتىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى» نامى بىلەن نەشىردىن چىقتى. ئا. ئابدۇللىننىڭ ئانچە چوڭ ئەمەس ماقالىسىدا 1916-ژىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشقانلىغى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىراق ۋاقىەلەر سىنىپىي تېورىيا ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلىنىپ، پادىشا ھاكىمىيىتىگە ۋە ئەزگۈچىلەرگە قارشى سىنىپىي كۈرەش سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مۇلاھىزە تولۇغى بىلەن كۆرنەكلىك قازاق تارىخچىسى سانجار ئەسفاندىياروۋنىڭ «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ھەققىدە» ماقالىسىدىكى پىكرىگە ماس كېلىدۇ.
ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭغا قاتنىشىشىنى «خەلىق مۇدىاسىنى ساتقان بايلارغا ۋە پادىشا ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆتىرىلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ستىخىيالىك دېخانلار ئۇرۇشى» دەپ ئاتايدۇ. يەنە بىر ئېيتىپ كېتىدىغان نەرسە، ئاتالمىش توپلامغا 1916-ژىلقى قوشاقلارنىڭ بىر قىسىمى كىرگۈزۈلگەن.
1916-ژىلقى قوزغىلاڭنىڭ ماركسىستلىق مەزمۇنغا ئېگە دەپ چۈشەندۈرۈلۈشى 1930-ژىللىرى كېڭەش تارىخچىلىرى تەرىپىدىن قېلىپلىشىپ، كېيىنكى ژىللىرى كېڭەش تارىخنامىسىدا داۋامىنى تاپقان. بىراق پەيدىن-پەي قوزغىلاڭ ھەققىدىكى پىكىرلەر ئۇنىڭ مىللىي-ئازاتلىق ئاسپېكتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بۇ كۆزقاراشلار 1916-ژىلقى قوزغىلاڭنىڭ يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدىكى رولىنى ئېنىقلاشتا ئىككى كۆرنەكلىك كېڭەش ئەدىپلىرىنىڭ – تارىخچى مالىك كەبىروۋنىڭ «كېڭەشلىك كازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى بويىچە ئوچېركلار» (1975) ۋە كېڭەش دۆلەت ئەربابى مەشۈر روزىېۋنىڭ (مەنسۈر-ئەپەندى) «ياڭلىۋاشتىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى» كىتاپلىرىدا ئۆز ئەكسىنى تاپقان. مەزكۈر ئەمگەكلەرنىڭ ئالاھىدىلىگى – تەتقىقاتچىلارنىڭ رۇس ئارخىۋ ماتېرىاللىرىدىن پايدىلانغانلىغىدا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
كېڭەش ئىتتىپاقى تارقىغاندىن كېيىن، 1916-ژىلقى قوزغىلاڭ ماۋزۇسى يېڭى بىر مەناغا ئېگە بولۇشقا باشلىدى. مەركىزىي ئازىيادىكى سابىق كېڭەش مەملىكەتلىرىنىڭ زامانىۋىي تارىخنامىسىدە بۇ ھەرىكەت مىللىي-ئازاتلىق قوزغىلاڭ رېتىدە قاراشتۇرۇلۇپ، «ئازاتلىق» خاراكتېرى ھەر تۈرلۈك چۈشەندۈرۈلىدۇ. مەركىزىي ئازىيا ئەللىرىگە قارىغاندا، زامانىۋىي روسسىيالىك تارىخنامىدە بۇ قوزغىلاڭ پادىشا ھۆكۈمىتىنىڭ ئويلاشتۇرۇلمىغان ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى رېتىدە، بارلىق خەلىقلەرنىڭ، ئۇنىڭ ئىچىدە رۇسلارنىڭمۇ، باشقىچە ئېيتقاندا روسسىيالىك مەركىزىي ئازىيا خەلىقلىرىنىڭ ئۇمۇمىي پاجىيەسى رېتىدە قاراشتۇرۇلىدۇ.
مەلۇمكى، ئارقا سەپتە قوغدىنىش بېنالىرىنى سېلىشقا «يەرلىك» خەلىقتىن ئەر كىشىلەرنى لاشمانلىققا ئېلىش ھەققىدىكى 1916-ژىلى 25-ئىيۇن كۈنى ئىمپېراتورلۇق پەرماننىڭ ئېلان قىلىنىشى قوزغىلاڭنىڭ پارتىلىشىغا سەۋەپچى بولدى. قوزغىلاڭ 1916-ژىلى 4-ئىيۇل كۈنى خودژېنتتا باشلىنىپ، ئاندىن خوشنا سەمەرقەنت ۋە سىردەرىيا ۋىلايەتلىرىدا داۋاملاشتى، كېيىن قازاقستاننىڭ ھازىرقى تېررىتورىياسىدە، يەنى يەتتىسۇ ۋىلايىتىدە باشلاندى.
19-43 ياش ئارىلىغىدىكى ئەرلەرنى ئارقا سەپتىكى قارا ئىشقا، لاشمانلىققا ئېلىش ھەققىدىكى پەرمان قوزغىلاڭغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئالدىدا روسسىيا ھۆكۈمىتىدە يەرلىك خەلىقنى ھەربىي خىزمەتكە تارتىش ۋە ئېنىق لايىھەلەرنى تەكلىپ قىلىش مەسىلىسى ئۇزاق مۇھاكىمە قىلىنغان ئېدى. يەنە بىر ئاتاپ ئۆتىدىغان نەرسە، دالا ۋە تۈركستان گېنېرال-گۇبېرناتورلىغىنىڭ بۇيرۇغى بىلەن يەرلىك خەلىق ھەربىي خىزمەتتىن بوشىتىلغان. بىراق 1914-ژىلى بىرىنچى دۇنىيا ئۇرۇشى باشلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك روسسىيا ھۆكۈمىتىدە يېڭى قانۇن لايىھەسى ئىشلىنىپ، بۇ ئەھۋال كۈچىدىن قالدى ۋە يەرلىك خەلىق ئۈچۈن مەجبۇرىي ھەربىي ۋەزىپە كىرگۈزۈلدى. ئۇرۇشنىڭ بېشىدا ئىشلەڭەن پلانغا مۇۋاپىق، يەتتىسۇ ۋىلايىتىدە كېلەچەكتە قازاق ۋە ئۇيغۇرلار خىزمەت قىلىدىغان تۇراقلىق پولكنى بەرپا قىلىش پلانلانغان. تۇڭانلار مەخسۇس تۈركستان برىگادىسىغا، خىتاي بىلەن بولغان چېگارىنى تۇراقلىق قوغداشقا ئەۋەتىلىشى كېرەك ئېدى. پولكنىڭ ئۇمۇمىي سانى 750-800 ئەسكەر. قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇ پولكتا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا 180-200 ئادەمدىن ئاشماسلىغى كېرەك ئېدى. يەتتىسۇ ۋىلايىتى بويىچە يەرلىك خەلىقتىن ھەربىي خىزمەتكە 10 مىڭ ئادەمنى ئېلىش پلانلانغان (خەلىقنىڭ ئۇمۇمىي سانى 554-555 مىڭ ئادەم). ۋىلايەتتىكى 500 مىڭ قازاقلاردىن 9 مىڭ ئادەمنى، 43 مىڭ ئۇيغۇرلاردىن 800 ئادەمنى، 10 مىڭ تۇڭان ئاھالىسىدىن 180 ئادەمنى، 1300 سارتلاردىن 20 ئادەمنى چاقىرىش، ھەر ژىلى ھەربىي خىزمەتكە 3000 قازاق، 280 ئۇيغۇر، 40 تۇڭان ۋە 8 سارت (بارلىغى 3328 ئادەم) چاقىرىش پلانلانغان. قازاق ۋە ئۇيغۇرلاردىن، ئوتتۇرا ھېساپ بويىچە 1000 ئادەمدىن 2 دىن ئارتۇق كىشى ئالماسلىغى لازىم ئېدى.
1914-ژىلى ھەربىي خىزمەتكە يەرلىك خەلىقنى چاقىرىش لايىھەسى قوبۇل قىلىنمىدى. بۇ ئىدېيانى مۇھاكىمە قىلىش بىر ژىل ئۆتكەندىن كېيىن ياڭلىۋاشتىن كۆتۈرۈلدى. بىراق 1915-ژىلى ئاۋگۇستتا يەرلىك گۇبېرناتورلارنىڭ تەۋسىيەسىگە بېناەن، روسسىيا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەرلىك خەلىقلەرنى ھەربىي خىزمەتكە چاقىرىش مەسىلىسىنى كېيىڭە قالدۇرۇش ھەققىدە يەكۈن چىقىرىلدى. بۇ يەكۈن تۇرغۇنلارنىڭ ئۈچ كاتېگورىياسىگە مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئۇلار – كۆچۈرۈلۈپ كەلتۈرۈلگەن رۇسلار، شۇنداقلا خىتايدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر-تارانچىلىرى ۋە تۇڭگانلار ئېدى.
خىتايدىن رۇس ئىمپېرىياسى تەۋەسىگە كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنىڭ ھەربىي خىزمەتتىن بوشىتىلمايدىغانلىغى ھەققىدىكى قارار ھەر ئىككى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ كۆچ-كۆچ پەيتىدە «يېڭى ۋەتىنىنىڭ» بارلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى، شۇنىڭ ئىچىدە ھەربىي خىزمەتنىمۇ، دۆلەتنىڭ ئۆزگە پۇخرالىرى قاتارىدا تولۇق ئورۇنلاشقا بەرگەن ۋەدىسىگە باغلىق ئېدى. 28 ژىل داۋامىدا روسسىيا ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ژۈكلەڭەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئاتقۇرۇشقا تەلەپ قويمىدى.
روسسىيا ھۆكۈمىتى ئۇلارغا يېڭى ئەلنىڭ ئىختىسادىي ئەھۋالىنى رەتكە كەلتۈرۈشكە مۈمكىنچىلىك بەردى. شۇنىڭ بىلەن 1916-ژىلى كۆچۈرۈلۈپ كەلتۈرۈلگەن رۇسلار قاتارىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭانلارغىمۇ ھەربىي سەپكە چاقىرىلىش خوۋۇپى پەيدا بولدى. بىراق بۇ رېجىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئارقا سەپتە ئىشلىتىش ئۈچۈن يەرلىك خەلىقتىن لاشمانلىققا ئادەم ئېلىش پەرمانىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، قوزغىلاڭنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ھەم 1917-ژىلى روسسىيادە ئىنقىلاپنىڭ باشلىنىشى يار بەرمىدى.
1916-ژىلقى قوزغىلاڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشقانلىغى تارىخىنى تەكشۈرۈشتە ئاساسىي مەنبەلەر رۇس ئارخىۋ ماتېرىاللىرى ۋە ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇ ژىللاردىكى ۋاقىەلەر ھەققىدىكى خاتىرىلەر ناھايىتى ئاز يېزىلغان ۋە ئۇلار مۇستەقىل ئەخبارات مەنبەسى رېتىدە خىزمەت قىلالمايدۇ.
يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغان ۋاقىەلەرنى قايتا تىكلەپ كۆرەيلى. باشقا ئايماقلار قاتارىدا بۇ يەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنسىزلىككە چۈشىشىگە پادىشا ھۆكۈمىتىنىڭ لاشمانلىققا ئادەم ئېلىش ھەققىدىكى پەرمانى سەۋەپ بولدى. دەسلەپتە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا پەرمان بويىچە ئادەملەر ئۇرۇشقا چاقىرتىلدى، دېگەن ناتوغرا پىكىر قېلىپلىشىدۇ. رەسمىي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىگە خەلىققە دۇرۇس يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كەلگەن.
يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇېزد رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن تىزىملارنى تۈزۈش ھەققىدە بەرگەن بۇيرۇقلىرىغا بولغان دەسلەپكى تەسىرى ئەمەلدارلار تەرىپىدىن «تېنەش-تەنتىرەش» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان: كىشىلەر ئاىلە تەركىۋىنى تۈزۈش ژىغىنلىرىدىن ئۆزلىرىنى تارتىپ، ئوچۇق ھەرىكەتلەرگە ئۆتمىدى. «تېنەش-تەنتىرەش» ئەھۋالى بارا-بارا پاسسىۋ قارشىلىققا ئۆتۈپ، بۇ يەردە جاماەت باشلىقلىرى بولۇسلاردىن تىزىملارنى تۈزمەسلىكنى ئىلتىماس قىلدى، ئاھالە بولسا، كىشىلەرنى ئىشقا ئەۋەتمەسلىك خاھىشىنى بىلدۈردى.
ياركەنت-تارانچى ۋە ئاقسۇ-چارىن بولۇسلۇقلىرى ياركەنت ئۇېزىنىڭ نارازىلىق مەركەزلىرى ئايلاندى. ئارخىۋ ماتېرىاللىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا تۆۋەندىكى ۋاقىەلەر خرونولوگىياسىنى ئېنىقلاشقا بولىدۇ.

ياركەنت-تارانچى بولۇسلۇغى
ئىشچىلارنى چاقىرىش توغرىلىق تېلېگرامما ياركەنتتە 2-ئىيۇل كۈنى قوبۇل قىلىنغان. شۇ كۈنىلا «لاۋازىملىق شەخسلەر، موللىلار ۋە يەرلىك ئاھالە تەرىپىدىن ئابرويغا ئېگە ياركەنت-تارانچى ۋە ياركەنت-تۇڭگان بولۇسلۇقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ھەر خىل لاۋازىملىقلار… ئۇېزد باشقارمىسىغا چاقىرىلىپ، ئۇ يەردە ئۇلارغا تېلېگرامما ئوقۇلۇپ، چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلدى». ژىغىلىشلاردا ۋە مېچىتلاردا بۇيرۇقنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش تاپشۇرۇلدى. كېيىنكى كۈنلەردە شۇنىڭغا ئوخشاش چارە-تەدبىرلەر پەيدىن-پەي ئاقكەنت بولۇسلۇغى ۋە يېقىن ئارىدىكى قازاق بولۇسلۇقلىرى تۇرغۇنلىرى ئۈچۈنمۇ ئېلىپ بېرىلدى.
ياركەنت-تارانچى ۋە ياركەنت-تۇڭگان بولۇسلۇقلىرىنىڭ تۇرغۇنلىرى ئۈچۈن 4-ئىيۇلدا چاقىرىلغان بىرىنچى ژىغىن ئاھالىنىڭ بۇيرۇققا بولغان نارازىلىغىنى ئاشكارىلىدى. 6-ئىيۇلدا ئۇېزد رەھبىرى ئىشچىلار تىزىملىرىنى تۈزۈش ئۈچۈن ياركەنت-تارانچى بولۇسلۇغىدا ژىغىن ئۆتكەزدى. بۇ ژىغىننىڭ نەتىژىسى ھەققىدە ۋېرنىي شەھىرىگە تېلېگرامما ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا قازانچى ۋە يېڭى تىشقان يېزا ئاھالىسىنىڭ «تىزىم تۈزۈشتىن باش تارتقانلىغىنى ھەم بارلىق جاماەتچىلىكنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتكەنلىگىنى» خەۋەر قىلدى.
شەھەر ئاھالىسى ۋە قازانچى ھەم يېڭى تىشقان تۇرغۇنلىرى ئۈچۈن ئۆتكەن تەكرار ژىغىنلار شۇنىڭ بىلەن تاماملاندىكى، ژۇت باشلىقلىرى ژاماەتچىلىكنىڭ چوڭ قىسمىنى باشلاپ، سەزدۈرمەستىن كېتىپ قالدى. ئەتىسى بۇ يېزىلارنىڭ تۇرغۇنلىرى ژىغىنغا تامامەن كەلمىدى ۋە «جاماەتچىلىك تىزىم تۈزۈشكە كېلىشتىن باش تارتتى» دەپ بىلدۈردى. شۇ كۈنىلا ياركەنت ئۇېزىغا 100 ئادەمگە يېقىن تۇڭگان يېزىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كەلدى. ئۇلارمۇ نارازى بولۇپ، «ئۇ ياققا بارغاندىن ئۆلگىنىمىز ئارتۇق» دېگەن سۆزلەر بىلەن كېتىپ قالدى. ئاقىۋەتتە، ژۇت باشلىقلىرى ئۆز لاۋازىملىرىدىن بوشىتىلدى، بەزىلىرى ئالاھىدە بۇيرۇق چىققىچە تۇتقۇن قىلىندى، ئۇېزد رەھبىرى بولسا، «ئىشچىلارنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئېلىشقا توغرا كېلىدىغانلىغى» ھەققىدە خەۋەر قىلدى.
پادىشا بۇيرۇغىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇېزد رەھبىرى يەرلىك ئاھالىنىڭ ئىناۋەتلىك شەخسلىرىگە ياردىمىگە تايىنىشنى توغرا دەپ تاپتى. ئۇ ئۇيغۇر ۋە قازاق يېزىلىرىنىڭ موللىلىرى ۋە ستاروستىلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «ياركەنت تارانچى بولۇسلىغىدىن ھۈسەيىنباي يۇنۇسوۋ، جالالىدىن يولداشېۋ، ئاقكەنت بولۇسلىغىدىن غوجامبەردى ئىلىموۋ… ۋە باشقىلارغا يەرلىك ئاھالىغا تەسىر كۆرسىتىش تەكلىۋىنى بەردى. بولۇپمۇ، تارانچى ھۈسەيىنباي يۇنۇسوۋنىڭ «ژىغلاپ تۇرۇپ مېچىتتا» موللىلارغا ئېيتقان ۋەز-نېسىھىتى ئالاھىدە كۆزگە چۈشتى. بۇ پەيتتە ياركەنت ئۇيغۇر جاماىتىنىڭ ئابرويلۇق شەخسلىرىدىن بولغان ۋېلىۋاي يولداشېۋنىڭ يوقلۇغى ئالاھىدە بىلىندى. ئۇ موشۇ ۋاقىەلەردىن بىراز بۇرۇن دۇنىيادىن ئۆتكەن ئېدى.
10-ئىيۇلدا ياركەنت ئۇېزدىدا كەتمەن، ئاقسۇ-چارىن بولۇسلۇقلىرىنىڭ تۇڭگانلىرى، قارىقول (پرېژېۋالسك)، ۋېرنىي، قاپال ئۇېزدلىرىدىن كەلگەن ئەلچىلەر ھەم ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان قاتارلىق ھەرخىل مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ژىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ژىغىن «قارا ئىشقا ئادەم بەرمەسلىك، كۈچ بىلەن ئېلىنغان ھالدا قۇراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش» قارارىنى قوبۇل قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قانچېلىك دەرىجىدە قۇراللانغانلىغى ھەققىدىكى مەلۇماتنى بۇ ۋاقىەلەرنىڭ شاھىدى بولغان رۇس ئەسكىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن بىلىشكە بولىدۇ. ياركەنتتىن قورغاسقا بارىدىغان يولدا كۆرگەنلىرى ھەققىدە ئۇ: «ياركەنتتىن چىققاندا تارانچىلارنىڭ مازار مەلىسىنىڭ ئەتراپىدا بىزگە گۇمانلىق كۆرۈڭەن ئىككى ئاتلىق تارانچىنى ئۇچراتتۇق. ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇزۇن ياغاچقا بەكىتىۋالغان ئوغاقلىرى بار. دەل موشۇ چاغدا باشقا تەرەپتىن يەنە ئالتە ئادەم كېلىپ قوشۇلدى، ئۇلارنىڭ ئۈچى مىلتىق بىلەن، قالغانلىرى ئارا، توقماقلار بىلەن قۇراللانغان ئېدى.
مەن سەككىز ئادەمنىڭ بارلىغىنى «قولغا ئالدىم». بۇ ۋاقىتقا قەدەر كوچىلاردا تارانچىلار ژىغىلىشقا باشلاپ، بىز قولغا چۈشەرگەن 8 ئادەممۇ شۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلدى. بارلىغى ئاتلىق، بەزىلىرى ئوغاق، بەزىلىرى توخماق، نەيزىلەر بىلەن قۇراللانغان. بىزگە يول كۆرسەتكۈچى بىلەن ماڭغاندىمۇ، يولدا قۇراللانغان ئاتلىق تارانچىلارنىڭ نۇرغۇن توپلىرىنى ئۇچراتتۇق. ئۇلارنىڭ بارلىغى ياركەنت تەرەپكە قاراپ بەت ئالدى. كېچىلىرى بارلىق مەلىلەردە تارانچى ئەرلىرى قۇراللىنىپ، كوچىلاردا ئاتلىق ژۈرەتتى».
ياركەنت ئۇېزدىدىكى قۇراللىق قارشىلىقلار ئاۋگۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، قازاق قوزغىلاڭچىلىرى تېمىرلىكتىكى پوچتا ستانسىياسى، قارقارا يەرمەنكىسى ھەم سىنتاشنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئەۋجىگە يەتتى. ياركەنت ئۇېزدى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاكتىۋلىغى 1916-ژىلى سېنتيابردا باشلاندى. رەسمىي بىيلىكنىڭ ياركەنت شەھىرىدىكى ۋەكىللىرى قوزغىلاڭچىلار ئالدىدا دەرمانسىز بولۇپ، ئۇلارغا قارشى ئېنىق ھەرىكەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. ئىشچىلارنى ژىغىش پلانلانغان 15-سېنتيابر كۈنى بولسا، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنىڭ قوزغىلىشى ئېنىق بايقالدى.
پادىشا پەرمانىنى ئورۇنلاشقا قارشىلىق بىلدۈرگەنلىگى ئۈچۈن 57 ئۇيغۇر چارۋىچىسى ياركەنت تۈرمىسىگە تاشلاندى. 4-ئاۋگۇست كۈنى تۈرمىدە قوزغىلاڭ يۈز بېرىپ، 33 قوزغىلاڭچى قېچىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولدى.

ئاقسۇ-چارىن بولۇسلۇغى
پادىشا ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانىغا دەسلەپكىلەردىن بولۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەن چوڭ ئاقسۇ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنلىرى بولدى. ئۇلار بولۇسنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئاقساقاللار تۈزگەن تىزىملارنى يوق قىلدى. يېزا باشچىسىنىڭ خەۋەرلىشى بويىچە: « ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا قىرغىزلارنىڭ (يەنى قازاقلارنىڭ – ئا.ك.) قارا ئىشقا بالىلىرىنى بەرمەيدىغانلىغى ھەققىدە رەھبەرلىككە ئۆز نارازىلىغىنى بىلدۈرگەنلىگى مەلۇم بولدى. بۇ ۋاقىە تارانچىلارغا تەسىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلار قىرغىزلار بىلەن ئالاقە ئورناتتى ۋە ئادەم بەرمەيدىغانلىغىنى ئوچۇق بىلدۈرمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھەرىكىتىنى كۈزىتىپ تۇردى.
قارا ئىشقا ئېلىنىدىغان ئادەملەرنىڭ تىزىمىنى چوڭ ئاقسۇ يېزىسىنىڭ ھاكىمى تۈزۈپ چىقتى. يېزا تۇرغۇنلىرى بۇ تىزىمنىڭ ژۇقۇرىغا ئەۋەتىلىشىگە قارشى بولدى. بولۇسلۇق باشچىلىغى 31-ئىيۇل كۈنى ھاكىمغا ئىشچىلارنىڭ تىزىمىنى كۆرسىتىش بۇيرىغىنى بەردى. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن خوشنا ئوتتۇرا ۋە كىچىك ئاقسۇ، بايان-قازاق، دولاتا يېزىلىرىنىڭ تۇرغۇنلىرى چوڭ ئاقسۇ يېزىسىغا ژىغىلىشقا باشلايدۇ. تەخمىنەن 500گە يېقىن ئادەم ژىغىلىپ، قارا ئىشقا ئارقا سەپتە ئىشلەيدىغان ئادەم بەرمەيدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ، ھاكىمدىن تىزىمنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يېزا ستارشىناسى پادىشا بۇيرۇغىغا قارشى چىقىشقا بولمايدىغانلىغىنى ھەم قارا ئىشقا ئادەم ئەۋەتىش كېرەكلىگىنى تەكىتلەيدۇ. بىراق يېزا خەلقى ئۆز دېگىنىدە تۇرۇپ، ھاكىمغا تىزىمنى كۈچ بىلەن تارتىپ ئالىدىغانلىغىنى ئېيتىدۇ. ھاكىم تىزىمنى بەرمەيدىغانلىغىنى قەتئىي ئېلان قىلغاندا، توپ ئەگەر ئۇ قارشىلىق بىلدۈرسە، ئۇرۇپ تارتىپ ئالىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ژىغىلغان خەلىق يېزا ئىدارىسىنىڭ قۇلۇپىنى سۇندۇرۇپ كىرىپ، ۋەيران قىلىدۇ. كېيىنىرەك ئاتالغان يېزىلارنىڭ بارلىق ھاكىملىرىدىن پاال قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان راپورت ئېلىنىدۇ. ئۇلار: چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدىن – توخنىياز خوجامنىيازوۋ، مەڭسۈر ئەمىروۋ، تۆلەگەن ھوسمانوۋ، زىيام ئىسلامباقىېۋ، ئوتتۇرا ئاقسۇدىن – جەرۇللا تەجاللاېۋ، ئەلاخۇن سىراژدىنوۋ، بايان-قازاق يېزىسىدىن – كېرىماخۇن ئادىلاېۋ، مۇسا ئىزىزوۋ، مەڭسۈر ناسىروۋ، يەھىياروۋلار.
يېزا خەلقى ئەپىيۈن ژىققۇچى بىلەن ھەمكارلىقتا كەلگەن قۇراللىق كازاكلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تىنىچلىنىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاقسۇ ھەم ئاۋات يېزىلىرىغا جازالىغۇچى كازاك ئوتريادلىرى ئەۋەتىلىپ، قايقا داۋانىدا 12 قوزغىلاڭچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاقسۇ-چارىن بولۇسلۇغىدىكى قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرى باستۇرۇلىدۇ.

ۋېرنىي ئۇېزىنىڭ قورام بولۇسلۇغى
بۇ يەردىكى تەرتىپسىزلىكلەر قورام يېزىسىدا يۈز بېرىدۇ. 12-ئىيۇل كۈنى يەرلىك خەلىق كىچىك توپلارغا ژىغىلىپ، چوڭ مېچىت تەرەپكە، ئاندىن بولۇسلۇق باشچىسى ئارۇپ ئابدۇراسۇلوۋنىڭ ئۆيىگە كېلىپ: «سىز ئەسكەر قاتارىغا ئېلىنىۋاتقان ئىشچىلارنىڭ تىزىمىنى دۇرۇس تۈزمىدىڭىز. بىزگە تىزىمنى كۆرسىتىڭ» دېگەن تەلەپ قويىدۇ. بولۇس تىزىمنى ئېلىپ ئەكەلمەكچى بولغاندەك بولۇپ، كاتىۋى گرىگورىي سوكولوۋ بىلەن يوشۇرۇنىدۇ. غەزەپلەڭەن خەلىق ئۆيگە كۈچ بىلەن بېسىپ كىرىپ، بولۇسنى ئۆلتۈرىدۇ. قورام يېزىسى بولۇسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە باغلىق تەشكۈرەش ئىشلىرى ژۈرۈزۈلگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئاخچا ھەم ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىگى ئېنىقلىنىدۇ.
بولۇسىنىڭ ئۆلۈمى بويىچە ئەيىپلەڭەن 48 ئادەم تۇتقۇنغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ تىزىمى تاشكەنت شەھىرىدىكى تۈركستان ھەربىي ئوكرۇگىغا ئەۋەتىلىدۇ. يېزىنىڭ تۆرت تۇرغۇنىغا «بولۇسنىڭ ئايالىدىن 20 مىڭ رۇب. تارتىۋالغان» دېگەن ئەيىپ قويۇلىدۇ. ئازنىباقى مەمەتباقىېۋ ئىسىملىق تارانچىغا «ئامما ئارىسىدا ئۇنىڭغا لاشمانلىققا ئاىت تەتۈر تەشۋىقات تاراتتى» دېگەن ئەيىپ تېقىلىدۇ: گۇۋالىق قىلىدۇ.
قورام ئاھالىسى تىنىچلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، رۇس ئەمەلدارلىرى «بۇ ۋاقىەنىڭ لاشمانلىققا باغلىق ئورۇن ئالغان دەسلەپكى ۋاقىە ئېكەنلىگىنى، بىراق دەرھال قوبۇل قىلىنغان ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە تېز توختىتىلغانلىغىنى» خەۋەرلەيدۇ. ئەيىپلىك ئادەملەرنىڭ بارلىغى ئېنىقلىنىپ، تۇتقۇنغا ئېلىنىدۇ. ئۇلار قورام بولۇسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى، پادىشانىڭ پەرمانىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىك ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىدىن كېلىۋاتقان سىنىپىي دۈشمەنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ چۈشەندۈردى. ئۇلارنىڭ مۇنداق خۇلاسىگە كېلىشىگە – بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 1888-ژىلى، قورامدا خەلىقنىڭ يەرلىك بولۇسلۇقنىڭ باشلىغى ئابابەكىرنىڭ ئەكسى ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلۈشى سەۋەپ بولدى.
يەتتىسۇدىكى قوزغىلاڭ رۇس بىيلىگى تەرىپىدىن 1916-ژىلنىڭ ئوكتيابر ئېيىغا قەدەر باستۇرۇلدى. پادىشا ھۆكۈمىتى ئارقا سەپكە ئىشچىلارنى ئەۋەتىشكە باشلىدى. پەقەت ياركەنت ئۇېزدىدىن ئارقا سەپتىكى قارا ئىشلارغا كەمبەغەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن 1000 ئادەم ئاتلاندۇرۇلدى. يەتتىسۇدىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن ئەپىيۈن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەشقەرلىكلەر پايدىلىنىپ كەتتى. دېۋىد بروفى ئۆز تەتقىقاتلىرىدا قەشقەرلىكلەرنىڭ، ئاساسەن خىتاي پۇخرالىرى ئېكەنلىگىنى، تارانچىلار بولسا رۇس ئىمپېرىياسىنىڭ پۇخرالىرى ئېكەنلىگىنى تەكىتلەيدۇ. ئەپىيۈن سودىگەرلىرى نىقاۋىنى كىيگەن خىتاي تەسىرى ھەققىدە رەسمىي رۇس بىيلىك ۋەكىللىرىنىڭ ھېساۋاتلىرىدا بىر نەچچە قېتىم ئېيتىلغان. ئۇلارنىڭ بىرىدە «غۇلجىنىڭ قارا كۈچلىرى» دەپ غۇلجىلىقلار بىلەن قەشقەرلىكلەرنىڭ ئېقىمىنى يېنىكلەشتۈرگەن، ئوزۇق-تۈلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ قىممەتلەپ كېتىشىگە ئېلىپ كەلگەن «چوڭ ئەپىيۈن ھەرىكىتى» نەزەردە تۇتۇلىدۇ.
قەشقەرلىكلەر بىلەن تۇڭگانلارنىڭ 1916-ژىلقى قوزغىلاڭ ۋاقتىدا خىتايدا ئەپىيۈن سودىسى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللانغانلىغى ھەققىدە ئارخىۋ ماتېرىاللىرى بار. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى قازاق، قىرغىز ھەم تۇڭگانلار بىلەن خىتايغا قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. موشۇ ئارىدا چىققان 1916-ژىلقى قوزغىلاڭ ھەققىدىكى ھۆججەتلەر بىلەن ماتېرىاللار توپلىمىدا غۇلجىدىكى نكۋدىنىڭ رەسمىي ۋەكىلى ز.ئى.پېچاتنىكوۋنىڭ 1924-ژىلى يازغان چۈشىنۈك خېتى يورۇق كۆردى. ئۇنىڭدا مۇەللىپ يەتتىسۇدىن كەلگەن قاچاقلارنىڭ ئىچىدە 8000 ئۇيغۇر-تارانچى بار ئېكەنلىگىنى ئېيتىدۇ. بۇ قاچاقلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتايغا 1916-ژىلقى قوزغىلاڭدىن كېيىن ئەمەس، بەلكى 1918-ژىلقى يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئاممىۋىي رەۋىشتە ئېتىلىشىدىن كېيىن قېچىپ ئۆتتى. بۇ ۋاقىە يەرلىك ئاھالى ئارىسىدا «ئاتۇ» نامى بىلەن مەلۇم. 1916-ژىلقى قوزغىلاڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى ھەققىدىكى ئاساسىي خۇلاسىلەر يەتتىسۇ ۋىلايىتى ئاھالىسىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالدىن كېلىپ چىققان، قازاقلار بىلەن قىرغىزلار كۆتەرگەن قوزغىلاڭنىڭ ھەرىكىتى بىلەن شەرتىگە زىچ باغلىنىشلىق. بۇ ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ تۇڭگانلار قاتارىدا بىراز ژىل بۇرۇن خىتايدىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئېكەنلىگىدىن كېلىپ چىققان. رۇس ئىمپېرىياسى تەركىۋىدىكى يەرلەرگە كۆچۈپ چىقىش ئاھالىنىڭ ئۆز خاھىشى بىلەن ژۈرگۈزۈلۈپ، بۇ رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئىلى-تارانچى سۇلتانلىغىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە ئورۇن ئالغان. كۆچ-كۆچ ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار رۇس ئىمپېرىياسىنىڭ پۇخرالىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بارلىغىنى بىزمۇ ئورۇنلايمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن ئېدى.
موشۇ ئەھۋالغا باغلىق، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى باشقا يەرلىك خەلىقلەرگە قارىغاندا ئىتاەتچان تۇتۇشى كېرەك ئېدى. چۈنكى يەرلىك خەلىقلەرنىڭ پادىشا ھۆكۈمىتىگە قارشى قۇراللىق قوزغىلاڭغا كۆتۈرۈلۈشىگە باشقىمۇ سەۋەپلەر بار ئېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، رۇس پۇخرالىغىدىكى ئۇيغۇرلار يەتتىسۇنىڭ سەياسىي-ئىختىسادىي شەرتلىرىگە ئۆزلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، بىر نەچچە قېتىم رۇس ھاكىمىيىتى بىلەن توقۇنۇشقا چۈشۈپ ئۈلگەرگەن. بۇنىڭ يارقىن مىسالى رېتىدە، 1910-ژىلى ئانايەت قۇربانوۋ باشقۇرغان كۆتۈرۈلۈشنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا، يەتتىسۇدا قوزغىلاڭ باشلانغان چاغدا، ئۇيغۇرلار قازاق ھەم قىرغىزلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان.
1916-ژىلقى قوزغىلاڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى، ئاساسەن، ئىمپېراتورنىڭ لاشمانلىققا ئادەم ئېلىش پەرمانىنى ئورۇنلاشقا قارشى بولۇشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەكىتلەش كېرەككى، ئۇلار لاشمانلىققا دەسلەپكى باسقۇچتا قارشى بولسا، كېيىنىرەك ئىشچىلار تىزىمىنىڭ ئادىل تۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى: ئۇيغۇر كەمبەغەللىرىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلۇشىدا ئىجتىماىي فاكتورنىڭمۇ ئەھمىيىتى زور بولدى. 1916-ژىلقى ۋاقىەلەر ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ يادىدا ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان قايغۇلۇق ۋاقىە رېتىدە ساقلىنىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەزكۈر ۋاقىەلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم مەنبە بولغان قوشاقلارنىڭ بىر تۇتاش سىكلى موجۇت.
1916-ژىل يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى تارىخىنىڭ قايغۇلۇق بىر سەھىپىسى بولسىمۇ، كېيىنكى 1917-1918-ژىللىرى يۈز بەرگەن ئىككى رۇس ئىنقىلاۋى، كېڭەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىتىلىشى، گراژدانلىق ئۇرۇش، بولۇپمۇ 1918-ژىلقى يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرى ئاھالىسىنىڭ ئاممىۋىي ئېتىلىشى (ئاتۇ) بۇ ۋاقىەلەرنى قىسمەن ئۇنتۇلدۇردى.

Один комментарий к “ئابلەت كامالوۋ

  • ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئالىملارنى ناھايېتى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يېزىلغان ۋەقىئەلەرگىلا، ئەمەس، ھەر بىر سۆزگە ۋە ئىبارېلەرگە ئىشىنىدۇ، ئۈلگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، ئۆزىنىڭ ئالىملىرىدىن مۇستەققىللىقنى، سەمىمىلىكنى ۋە ئىلمى ئابروي قازىنىش مەخسېتىدە باشقىلاغا ئەگەشمەي، ئۆتكەنكى ۋە ھازىرقى ۋەقىئەلەرنى توغرا يورۇتۇپ باھالاپ بېرىشنى كۈتىدۇ.
    دوكتور ئابلەت كامالوۋنىڭ يازمىسىدا 1916 يىلدىكى ئوتۇرا ئاسىيەدە، رۇسىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى، يۈز بەرگەن ئىسيانلار ۋە ئۇ، ئىسيانلانىڭ باھانا، سەۋەپلىرى، رۇس تارىخچىلىق ئىلمى نۇختىسىدىن قارىغاندا، توغرا يورۇتىلغان، ئامما، مۈئەللىپ نىمىشقىدۇر، ئۇ، ئىسيانلارنىڭ يىلتىزلىق سەۋەپلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ (ئۇ، سەۋەپلەرنىڭ) ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىنمۇ ئۆزگەرمەي، شۇ پېتى قالغانلىقى توغرىسىدا گەپ ئاچمىغان. بۇ، بەلكىم دوكتورنىڭ دىپلوماتىيەسى بولۇش مۈمكىن، ئامما ماڭا ئوخشاش دىپلوماتىيەنىڭ يوشۇرۇن مەخسەتلىرىنى ۋە قۇلۇق- شۇملىقلىرىنى چۈشەنمەيدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماقالېنىڭ مەخسىدى چۈشىنىكسىز.
    شۇ قاتاردا، ماقالىدا نۇرغۇن سۆز، ئىبارە ۋە گراماتىكا خاتلىقلىلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ.
    «بولۇسنىڭ، باشچىسىنىڭ، تارانچىلارغا، تۇرغۇنلىرى، راپورت، ئوتريادلىرى، سەياسىي، يارقىن مىسالى رېتىدە، رۇس بىيلىگى، ئۇېزد، …» ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىدا يوق ئىبارېلارغا چۈشەنجە بىرىلمەي خاتا ئىشلىتىلگەن. شەرقى تۈكستاندا يۈز بەرگەن ۋەقىئەلەر: «خىتايدا يۈز بەرگەن» دىيىلگەن.
    قېرىندىشىمىز، دوكتور كامالوۋىنىڭ، بۇندىن كىيىنكى ماقالىلىرىدا ئۇنداق سەۋەنلىكلەرگە يول قويماسلىقىغا ئىشىنىمەن.
    ھۆرمەت بىلەن:
    ت، سەرگارى.

Обсуждение закрыто.