1864-يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە مەغلۇپ بۇلۇشى
شېرىپ نىياز خۇشتار
تەيپىڭ تىيەڭو ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا – ئارقىدىن پارتلايدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسى، ئىقتىسادى كىرىزىسكە دۇچ كېلىدۇ.
ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلىقنىڭ ئۈستىدىكى ئىقتىسادى سېلىقىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرىدۇ. ئىلىدىكى ژىياڭژۈن مەھكىمىسى ئىلگىرى ھەر بىر تۈتۈننىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە يىلىغا تاپشۇرىدىغان 4 خو ( 256 كىلوگرام ) بۇغداي غەللە پاراقنى 1863-يىلىغا كەلگەندە 32 خوغا ئۆستۈرىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئىقتىسادى زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن ئىلى دېھقانلىرى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىققا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. دەسلەپتە 1863-يىلى 3-ئايدا ياڭ سەنشىڭ، ماېرلەنلەر باشچىلىقىدا باياندايدىكى خۇيزۇلار قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ، بۇ قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن خۇيزۇلار غۇلژا شەھرىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئابدۇرۇسۇلبەگ باش قوماندان بولۇش شەرتى بىلەن بۇ تەكلىپكە قوشۇلىدۇ.
ئابدۇرۇسۇلبەگ مەخپى تەييارلىقلاردىن كېيىن، 1864-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى غۇلژا شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلكىنى جاكارلايدۇ. قوزغىلاڭچىلار شۇ كۈنى غۇلژا شەھىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. ئەتىسى مۇھىم ھەربى قورغان چىلپەڭزىنى ئىشغال قىلىپ، زور تۈركۈمدىكى قورال — ياراغ، ئوق — دورا، ماددى ئەشيالارنى غەنىمەت ئالىدۇ ھەمدە بايانداي قورغىنىغا يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلارمۇ قوزغىلىپ، ئۇ يەردىكى چىڭ قۇشۇنلىرىغا قورشاپ ھۇژۇم قىلىدۇ. قوزغىلاڭچىلار غۇلژا شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا بارغانسىرى كېڭىيىپ، ئادەم سانى 30 مىڭغا يېتىدۇ. ئابدۇرۇسۇلبەگ ئەمىر باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىدۇ.
1865-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى قوزغىلاڭچىلار بايانداي قورغىنىنى ئىشغال قىلىدۇ. ئارقىدىنلا كۈرە بىلەن سۈيدۈڭنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قورشاۋغا ئالىدۇ. ۋە تارباغاتايدىن ياردەمگە كەلگەن چىن قۇشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. يۇلتۇزدىكى تورغاۋۇت ۋاڭلىرىنىڭ ياردەمگە ئەۋەتكەن قوشۇنىمۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چاپچالدا تۇرۇشلۇق قوشۇنى دەرھال بىتەرەپلىك ئېلان قىلىدۇ. 1866-يىلى 1-ئاينىڭ بېشىدا قوزغىلاڭچىلار بايانداينىڭ شىمالىدىكى شەندۇڭ جاڭزىسىنى، 1866-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈرە قەلەسىنى ئىشغال قىلىدۇ. ئىلى جىياڭجۈنى مىڭ رۈي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. سابىق جياڭژۈن چاڭ چىڭ ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. 4،5 — ئايلاردا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈيدۈڭدە تۇرۇشلۇق قوشۇنى تەسلىم بولىدۇ. قورغاس جەڭ ئارقىلىق ئىشغال قىلىنىدۇ. ئىلى خەلقى بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇغاراق قان كېچىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىغىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، ئاقسۆڭەك — پومېشچىكلارنىڭ يەر زېمىن، مال مۈلكى قوزغىلاڭچى دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ. قەرىز ھۆججەتلىرى يىرتىپ تاشلىنىدۇ. يانچىلار ئازات قىلىنىدۇ. ئېغىر باژ – سېلىق، ئالۋان – ياساقلار بېكار قىلىنىدۇ.
قوزغىلاڭچىلار بايانداي قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا، ئىلى جىياڭژۈنى مىڭ رۈي مەزەمزات ھېكىمنى تۈرمىدىن چىقىرىپ (مەزەمزات ئەسلىدە ئىلىنىڭ ھېكىمبېگى بولۇپ، 1864-يىلى ئۆستۈرمە سېلىقلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىدى، دېگەن باھانە بىلەن زىندانغا تاشلانغان ئېدى). تارتۇقلار بېرىپ، ئۇنى قوزغىلاڭچىلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئەۋەتىدۇ. مەزەمزات قوزغىلاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرگەندىن كېيىن خەلىق تەرەپتە تۇرىدۇ ۋە قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈشكە كىرىشىدۇ.
بايانداي ئۇرۇشى بولۇۋاتقان پەيتتە، ئۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن خەلىق بىر رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە قازى نەسرىدىن ئەلەمنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن كېڭەش مەژلىسى ئېچىلىدۇ. مەژىلىسكە نەسرىدىن ئەلەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. قۇرۇلتاي مەزەمزاتنى مەزەمخان ئۈنۋانى بىلەن خان قىلىپ تىكلەيدۇ. ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئەمىر، نەسرىدىن ئەلەمنى قازى كالان، شەۋكەت ئاخۇننى قازى ئەسكەر، موللا روزىنى مۇپتى قىلىپ، ئالاھەزەل سۇلتاندىن يۈز بېشىغىچىلىك ھەممە مەنسەپدارلارنى تەيىنلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىلىدا دىنى ھاكىمىيەت — ئىلى سۇلتانلىغى قۇرۇلىدۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇلتانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەزھەپچىلىك، ھوقۇق تالىشىش كۈرۈشى ئەۋج ئالىدۇ. نەتىژىدە سۇلتان مەزەمزات ئەمىر ئابدۇرۇسۇلنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. 1865-يىلى مۇھەممەت پوچى غوژا (ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن)، مەزەمزاتنى ئۆلتۈرۈپ سۇلتانلىقنى تارتىۋالىدۇ. ئۇ ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خەلىققە بارلىق بەگلەرنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلىق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ۋە مۇھەممەت پوچىنىڭ قىلمىشى خەلىقنىڭ قاتتىق نارازىلىغىنى قوزغايدۇ. ئارا ئۆستەڭلىك شەمسىدىن خەلپەم پۇرسەت تېپىپ مۇھەممەت پوچىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ سۇلتان بولغان ۋاقتى ئاران 36 كۈن بولىدۇ. مۇھەممەت پوچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن غۇلژا شەھىرىدە قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، موللا شەۋكەت ئاخۇن سۇلتانلىققا تەيىنلىنىدۇ. موللا شەۋكەت سۇلتانلىققا ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئەمىر لەشكەر ئۇبۇلەلاغا سۇمۇلدىكى شىبەلەرنى جازالاش بۇيرۇغىنى چۈشۈرىدۇ. ئۇبۇلەلا 500 ئاتلىق ئەسكەرنى ئېلىپ قاراتام كېمىسى ئارقىلىق شىبە يېزىلىرىغا ئۆتىدۇ. قوشۇن سەككىز سۇمۇلدىن ئۆتۈپ، شىبە سەككىز تۇغ باش بۇغىسى جايلاشقان ئالتە سۇمۇلغا بارغۇچە ھېچ قانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايدۇ. ئەمىر لەشكەرنىڭ چاپچال تەۋەسىگە ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان توقىلەك يۈزبېگى 300 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئېلىپ ئالتە سۇمۇلغا يېتىپ كېلىدۇ. توقىلەك يۈزبېگى ئۇبۇلەلانىڭ شىبەلەرنى جازالاش مۇددىاسىغا ئاشكارا قارشى تۇرىدۇ. ئاشۇ جىددى پەيىتتە سەككىز تۇغ باشبۇغى قارماڭا ئۇبۇلەلا بىلەن توقىلەك يۈزبېگىنى ئۆز مەھكىمىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇبۇلەلا تەسلىم بولۇش شەرتىنى قويىدۇ. شىبە باشبۇغىسى قارماڭا بىرىنچى، ئىلى سۇلتانلىغىدىكىلەر شىبەلەردىن قىز ئالماسلىق، ئىككىنچى شىبەلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلىماسلىق، ئۈچىنچى، ئۆز قەبىلىسىنى ئۇرۇشقا سالماسلىق شەرتىنى قويىدۇ. ئەمىر ئۇبۇلەلا بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. نەتىژىدە شىبەلەر يۇقارىقى شەرتلەر ئاستىدا تەسلىم بولىدۇ. بۇ سورۇنغا شىبە ئايال سۇخا مېھمان كۈتۈشكە چاقىرتىلىدۇ. ئۇبۇلەلا سۇخاغا كۆز ئۈزمەي قارايدۇ. بۇنى سەزگەن باشبۇغ قارماڭا كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكىدۇ. يۇقارقى شەرت بويىچە قان تۆكۈلمەي مەسىلە ھەل قىلىدۇ. شىبە قوشۇنى ئەمىر ئۇبۇلەلا قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ. بۇ قوشۇن ئىچىدە ئۇيغۇرچە خەنزۇچە، ۋە ئاز — تولا رۇس تىلىنى بىلىدىغان فۇشەن ئىسىملىك بىر شىبە ياش بولۇپ، ئۇ ئەمىر ئۇبۇلەلا يېنىدا تەرجىمان بولىدۇ.
سۇلتان موللا مەۋكەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا، مۇستەبىتلىكنى يولغا قويىدۇ. ئۇ تولىمۇ قابىلىيەتسىزلىگى ۋە ئەمىر ئۇبۇلەلا بىلەن بولغان زىددىيىتى سەۋەپلىك 1870 -يىللىرى ئەتراپىدا قاش دەرىياسى بويىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا، ئەلا پالۋان « جاھان پالۋان، سۇلتان باھادىر غازى، ئۇبۇلەلاخان » ئۇنۋانى بىلەن خانلىققا كۆتۈرۈلىدۇ. شىبە يىگىتى فۇشەن ئوردىدا ئۇبۇلەلا يېنىدا بولىدۇ. بۇ كۈنلەردە ئوردىدا زىددىيەتلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سۈركىلىش ئېغىر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە فۇشەن ئوردىدىكى قۇرال – ياراق، ئەسكىرى كۈچ ۋە باشقا ئىشلارنى ئېگىلەيدۇ – دە، شىبە باشبۇغىسى قارماڭانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئوردا ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى دوكلات قىلىدۇ. بۇ چاغدا قارماڭا تەسلىم بۇلۇش سورۇنىدا ئەمىر ئۇبۇلەلانىڭ سۇخاغا تىكىلىشىنى ئويلاپ، تېخىمۇ كۆپىرەك ماتېرىالغا ئېگە بولۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان سۇخانى ئېرىدىن ئاجرىتىپ ئەلا سۇلتانغا سوۋغا قىلىدۇ. سۇخا شۇ كۈندىن باشلاپ سۇلتان ئەلانىڭ يېنىدا بولۇپ، ئوردا ۋە سۇلتاننىڭ ئىچكى مەخپىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە تەرجىمان فۇشەن ئارقىلىق باشبۇغ قارماڭاغا يەتكۈزىدۇ. (سۇخا سۇلتان ئۇبۇلەلاغا تەككەندىن كېيىن خەلىق ئۇنى شىۋە سارىخان دەپ ئاتايدۇ)، ئۇلار مەسلىھەت قىلىشقاندىن كېيىن، فۇشەن ئوردىدىن چىقىپ چارروسىيىگە ئۆتۈپ، چارروسىيىدىكى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كونسۇلىغا سۇلتان ئەلانىڭ ئوردىسىكى ئىچكى سىرلارنى يەتكۈزىدۇ. كونسۇل چارروسىيىنىڭ ئىلىغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، ئىلى سۇلتانلىغىنى ئاغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلايدۇ. (بۇ ئەھۋالنى مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چارروسىيە كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان، رۇسچە بىلىدىغان تەرژىمان شىبە فرانسىيىلىك بىر كونسۇل خادىمىگە سۆزلەپ بېرىدۇ، فرانسىيىلىك دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، بۇنى فرانسۇز تىلىدا كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتاپ كېيىن رۇسچىغا تەرژىمە قىلىنىدۇ. رۇسچىدىن شۆمۈتۇڭ ئەپەندى خەنزۇچىغا تەرژىمە قىلىدۇ).
ئەلا پالۋان سۇلتانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن ھەر دەرىژىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيدۇ. جۈملىدىن موللا توختى ئاخۇننى ئەمىرلىككە كۆتۈرىدۇ. كېيىن ئەلا سۇلتان بىلەن موللا توختى ئاخۇن ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىدۇ. ئەخمەتخان غوژا(ئىلىدىكى چوڭ غوژا)، بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇلتانغا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدۇ. لېكىن توپىلاڭ تېزلىكتە بېسىقتۇرۇلىدۇ. ئەخمەتخان غوژا بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن خۇيزۇاتامانى ياگۇرنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان ياگۇر ئىلىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى داۋۇت خەلپە بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ھەمدە ئەلاخان سۇلتاننىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى رەت قىلىپ، ئۇرۇش قوزغايدۇ. نەتىژىدە ئەلاخان بىلەن ياگۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللى قىرغىنچىلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇرۇشتا ياگۇر مەغلۇپ بولىدۇ، موللا شەۋكەت ئاخۇن بىلەن، ئەخمەتخان غوژا ئۆلتۈرۈلىدۇ.
ئەلاخان سۇلتان ياگۇر ئۈستىدىن غەلبە قىلغاندىن كېيىن چارروسىيە ھۆكۈمتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ. چارروسىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ تېكەسكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئىلى سۇلتانلىغى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. چارروسىيە 1869-يىلى چوڭ مازارغا ئەسكەر كىرگۈزىدۇ. 1870-يىلى 6-ئايدا تېكەسكە ئىككىنچى قېتىم ئەسكەر كىرگۈزۈپ پاراكەندىچىلىك سالىدۇ. شۇ يىلى 9-ئايدا مۇزداۋاننى بېسىۋېلىپ، ئىلى سۇلتانلىغىغا يولسىز تەلەپلەرنى قويىدۇ. ئىلى سۇلتانلىغى بۇنداق يولسىز تەلەپلەرنى رەت قىلىدۇ ۋە مۇزداۋانغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ بۇنداق قاتتىق پوزىسىيەسى چارروسىيىنىڭ قارا نىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارلايدۇ. جۈملىدىن 1871-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ14-كۈنى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى رەسمى قارار قىلىدۇ ھەمدە كالپاكوۋسكىينى باش قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ، بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا قازاق دالاسىدا چارروسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىلىپ، چارروسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلىدۇ. قازاق ئاتامانى تازبېك ئالبان قەبىلىسىنى باشلاپ ئىلىغا كېلىپ پاناھلىنىدۇ. ئەلاخان سۇلتان ئۇلارنى توققۇز تارا تەۋەسىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. چارروسىيە داىرىلىرى ئىلى سۇلتانلىغىدىن تازبېكنى چارروسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىلى سۇلتانلىغى تەلەپنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى سۇلتان ئەلاخانغا «ئەگەر سىلەر تازبېكنى تۇتۇپ بېرىشنى خالىمايدىكەنسىلەر، ئۇ ھالدا ساڭا ۋە سېنىڭ خەلقىڭگە پايدىسىز بولىدۇ. بىز سىلەرگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىپلا قالماي، چوقۇم سىلەرنىڭ يۇرتىڭلارنىمۇ ئىشغال قىلىۋالىمىز»، دېگەن مەزمۇندا نوتا تاپشۇرۇپ تەھدىت سالىدۇ. لېكىن ئەلاخان سۇلتان بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئىلىغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغايدۇ.
ئۇرۇش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ : 1871-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چونجىنى بېسىۋالغان چارروسىيە قوشۇنلىرى داۋاملىق شەرىققە ئىلگىرلەپ تېكەسكە ھۇجۇم قىلىدۇ. مۇزداۋاننى بېسىپ ياتقان چارروسىيە قوشۇنلىرى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىنى بويلاپ كەتمەڭە ھۇژۇم قىلىدۇ. ئىلى دەرىياسىنىڭ شىمالىدا 5-ئاينىڭ 18-كۈنى چارروسىيە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرى بېسىۋالغان بۇرۇغچىر دېگەن يەردىن يولغا چىقىپ، قورغاس دەرياسىغا قىستاپ كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى جەنۇپ ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى شەكىللىنىدۇ. شىمالى تەرەپتە چارروسىيە ئەسكەرلىرى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مازارنى بېسىۋالىدۇ. 20-كۈنى ئىلى قوشۇنى قايتۇرما ھۇژۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى قورغاسقا چېكىندۈرىدۇ. 21-،22-كۈنلىرى دۈشمەننى ئاقكەنت (ھازىرقى قازاقىستان چىگارىسىدا)، كىچە قوغلاپ بارىدۇ. جەنۇبى سەپتە 5-ئاينىڭ 19-كۈنى دۈشمەن قوشۇنىغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، 21-كۈنى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىگە چېكىندۈرۈلىدۇ. 26-كۈنى ئىلى ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەڭە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ : چارروسىيە قوشۇنلىرى ئۆز قوشۇنلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلى سۇلتانلىغىدىكى تەسلىمىچىلەرنىڭ باشلىغى بېشىر بەگنى سېتىۋالىدۇ. بېشىر بەگ ئىلى ئارمىيىسىنىڭ مەخپىيىتى ۋە باشقا ئىچكى سىياسى ئەھۋاللارنى چارروسىيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئىچكى جەھەتتە بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چارروسىيە قوشۇنلىرى چونژى بىلەن بۇرۇغجىردىن بىرلا ۋاقىتتا كەتمەڭە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا ئىلى سۇلتانى ئەلاخان ھەم تازبېكلەرمۇ بىۋاستە قاتنىشىدۇ، لېكىن ئىلى ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بۇولۇپ، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى كەتمەن قولدىن كېتىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ : 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چارروسىيە قوشۇنلىرى غۇلژا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئىلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، خەنزۇ، شىبە قاتارلىق مىللەتلەردىن 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەشكىللىنىپ، چارروسىيىگە قارشى سەپ تۈزىدۇ. لېكىن قوماندان تەنشىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇپ چېكىڭەنلىكتىن، قورغاسقىچە بولغان يەرلەر قولدىن كېتىدۇ. 6-ئاينىڭ 30-كۈنى چىڭسىخوزا (سۈزۈكسۇ)، قولدىن كېتىدۇ. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى چارروسىيە قوشۇنلىرى سۈيدۈڭگە ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە تەسلىمىچىلەرنى قۇترىتىپ، خەلىق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرىسىدا مىللى ئىرغىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.
ئىچكى جەھەتتە تەسلىمىچىلىك، ئىتتىپاقسىزلىق، قىرغىنچىلىق، تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك ئىمپېرىيانىڭ تاژاۋۇزى ئاستىدا ئەلاخان سۇلتان تەسلىم بۇلۇشقا مەژبۇر بولىدۇ. چارروسىيە ئىلىنى قۇراللىق بېسىۋالىدۇ. 1871-يىلى چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئەلاخان سۇلتاننى ئاىلىسى بىلەن چارروسىيگە ئېلىپ كېتىدۇ. سۇلتان ئۇبۇلەلاخان ئۈچ يىل روسسىيا تەۋەسىدە تۇرغاندىن كېيىن روسسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ غۇلژا شەھىرىگە قايتىپ كىلىدۇ ۋە 1874-يىلى ۋاپات بۇلىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى غۇلژا شەھ رى ئىچىدىكى «تېرەك بۈزرۈكۋار» غا قۇيۇلىدۇ.
چارروسىيە ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىلى دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئىككى رايون تەسىس قىلىدۇ. ھەمدە غۇلژا شەھىرىنى شىمالى رايوننىڭ مەركىزى، قاينۇقنى جەنۇبى رايوننىڭ مەركىزى قىلىپ بەلگىلەپ، ئىككى رايوندا 14 بولۇش تەشكىل قىلىدۇ. بېشىر بەگنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ھەرەمباغ ۋە سايبويى مەھەللىسىدە ھەربى كازارما قۇرۇپ، رەسمى مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىغىنى تىكلەيدۇ.
1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى خەلىقنىڭ بېسىمى ۋە زوزۇڭتاڭ باشچىلىغىدىكى ھەربى گۇرۇھنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، ئىلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چارروسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىدۇ. 1878-يىلى 12-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى چىڭخۇنى سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ روسسىياگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجە چىقىرالمايدۇ. 1880-يىلى يەنە چىڭ ھۆكۈمىتى زىڭ جىنى چارروسىيىگە سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ئىككى يىل سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 1881-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى «جۇڭگو روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىدۇ. بۇ تەڭسىز شەرتنامىگە ئاساسەن قورغاس دەرىياسىنىڭ ژجەنۇبىدىكى رايونلار چارروسىيىگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ. ئىلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش بەدىلىگە 9 مىللىون رۇبلى تۆلەم تۆلىنىدۇ. لېكىن، چارروسىيە ھۆكۈمىتى چىڭ ھۆكۈمىتىگە مەژبۇرى تاڭغان تەڭسىز شەرتنامىدا «تەڭرىتاغنىڭ ئاساسى غول ئومۇرتقىسى چېگارا سىزىقى قىلىنىدۇ» دەپ ئۇچۇق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ بەلگىلىمىگە خلاپ ھالدا چېگارا سىزىقنىڭ جەنۇبىدىكى گۈڭگۈرىتلىق تاغنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ.
شېرىپ خۇشتار © http://www.uyghur.co.uk/wiki/index.php
«شىنژاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر»دىن قىسقارتىپ ئېلىندى.