Понедельник, 23 декабря, 2024
Уйғурлар

Муһәммәд Сидиқ Зәлили

Ялқунлуқ реалист __ романтик шаир Муһәммәд Сидиқ Зәлили-1674 йили Йәркәндә йәр-сусиз намрат аилидә туғулған. Зәлили өзиниң көзни қамаштуридиған гүзәл шеирлири билән уйғур шеирийитимизниң асминида чақниған йоруқ юлтуз иди. Зәлилиниң пасаһәтлик шеирлири һазирқи заман әдәбиятимизниң шеирийәт .тәрәқиятида өзиниң аҗайип гүзәллики билән чоң тәсир көрсәтмәктә

يالقۇنلۇق رېالىست __ رومانتىك شاىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى-1674 يىلى يەركەندە يەر-سۇسىز نامرات ئاىلىدە تۇغۇلغان. زەلىلى ئۆزىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل شېىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر شېىرىيىتىمىزنىڭ ئاسمىنىدا چاقنىغان يورۇق يۇلتۇز ئىدى. زەلىلىنىڭ پاساھەتلىك شېىرلىرى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ شېىرىيەت تەرەقىياتىدا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى بىلەن چوڭ تەسىر كۆرسەتمەكتە.

زەلىلى غەزەللىرى
(1)
كىمكى ئايرىلدى تىرىكلىك مەۋسۈمىدە يارىدىن,
زەئفەران بەرگى تۆكۈلگەي ھەر نەفەس دىيدارىدىن.
بۇيى زۇلفۇڭدىن جۇنۇنلۇقدىن بۆلەك ھاسىل ئەمەس,
كەلتۈرۈپ بوينۇمغا باغلاڭلار جۇنۇن تۇمارىدىن.
مەئرىفەت تاجىنى قەدرىن ئەھلى تائەت بىلمىگەچ,
خاتىرى خۇشتۇر ھەمىشە جۈببەۋۇ دەستارىدىن.
باغ ئارا شاپتۇلا ئۈزمەگلىككە كىردىم ئالما دەر,
باغىبان بىچارە بەردى ئاخىرى ئۆز نارىدىن.
دەردىسەر بەردى زەلىلى تەلبەگە سەۋدايى ئىشىق,
سەندەلى خۇشبۇيى كەلتۈر ئشقنىڭ ئەتتارىدىن.

(2)
ئەۋۋەلۇ ئاخىرۇ بۇ ئالەمدە,
جۇملە فەرزەند ئادەمى غەمدە.
سەن ئۆزەڭگە بۈگۈن تاماشا قىل,
ھەر ئەجايىبكى باردۇر ئادەمدە.
ئەقلى كامىل تەنىڭدە جەيھۇندۇر,
نە تىلەرسەن سۇ قەترەئى نەمدە.
ئەرغەنۇنننىڭ ساداسىدىن كۆيدۈم,
شۇئلە تاشلايدۇ زىر ئىلە بەمدە.
قايدا ئەيسا كەبى مەسىھايى,
كۆرگەي ئەسرارى ھەقنى مەريەمدە.
تەشنەلىك قانمادى لەبىڭ شورماي,
نى شارابۇ نە قامى زەمزەمدە.
سورما مەندىن نەدەپ قارا كىيدىڭ,
بۇ زەلىلى ھەمىشە ماتەمدە.
(3)
تەختەئى تابۇت ئېرۇر ئاقىل كۆزىگە تەختۇ تاج,
كىم گەدالىق بورىياسى مەسنەدى بى ئېھتىياج.
يەتكۈزۈر بىللا مەقامى فەقرىگە تەجرىدلىك,
بولماغىل ھۇرانى جەننەت بىلە ھەرگىز ئىزدىۋاج.
خەتنى ئازادى تىلەرسەن خاتىرىڭ ۋەيرانە قىل,
شاھ ئالمايدۇر دىيارىكى بۇزۇغ باجۇ خىراج.
ئەندەلىب ھەركۈن دىماغ ئاشۇفتەلىكتىن سايرادى,
جىلۋەگەر گۈل بولماسا بولمايدۇر سۇمبۇلدىن ئىلاج.
ساھىبى ئاۋازە بولماس سەن زەلىلى خەلق ئارا,
بەرمەگۈنچە مۇفتى ئىشىق بۇ دىۋانەغە رەۋاج.