ئەل ئۈچۈن يارالغان ئەرباپ

شەمشىدىن ئايۇپوۋ

«ئۇيغۇر ئاۋازى» ©

ئۆتكەن ھەپتىدە ئالمۇتا شەھىرىدىكى م. ياقۇپوۋ نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيانىڭ مەجلىسلەر زالىدا تىلشۇناس ئالىم، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور، قازاقستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ ئاكادېمىگى، قازاق سسرنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى، شۇنداقلا دۇنىيادىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەم ئۇنىڭ بىرىنچى مۇدىرى بولغان، قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئالتۇن كىتاۋىغا» ئىسمى يېزىلغان جەمىيەت ئەربابى غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋنىڭ تۇغۇلغىنىنىڭ 90 ژىللىغىغا بېغىشلانغان خاتىرە كەچ بولۇپ ئۆتتى.
رىياسەتچىلەر – ئابدۇقېيىم ئىمىروۋ ۋە مېھراي مەخسىموۋا ئاكادېمىكنىڭ ئۆمۈربايانىغا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، گىمنازىيا ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن يادقا ئوقۇلغان غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋنىڭ شېىرلىرى ۋە ئۇنىڭغا بېغىشلىنىپ يېزىلغان مىسرالار، شۇنداقلا ئەمگەك يولىدىن ئېلىنىپ تەييارلانغان سەھنىلىك كۆرۈنۈش بىلەن ق.غوجامىياروۋ نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيالىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق-كومېدىيا تېاترىنىڭ ناخشىچىسى فۇرقەت زايىروۋنىڭ ئىجرا قىلىشىدىكى ناخشىلار ۋە 101-مەكتەپ-گىمنازىيانىڭ «دىلرابا» ئۇسسۇلچىلار ئانسامبلىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئۇسسۇللار كۆپچىلىكنىڭ گۈلدىراس ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ژىرىك ئالىمنىڭ ئەمگەك يولى ئەكىس ئېتىلگەن ۋىدېورولىك خاتىرە كەچنىڭ تېخىمۇ تەسىرلىك ئۆتۈشىگە زەمىن يارىتىپ، كۆپچىلىك ئەل ئۈچۈن يارالغان ئوغلاننىڭ يارقىن قىياپىتىنى ئەسكە ئالدى.
غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋ دېگەندە، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغا –ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنى، مىللىي ماارىپ، مەتبۇات، سەنئەت، مىللىي مەدەنىيىتىمىز كېلىدۇ، — دېدى دەسلەپكىلەردىن بولۇپ سۆز ئالغان «ئاتامۇرا» كورپوراسىياسى ئۇيغۇر رېداكسىياسىنىڭ باشلىغى، «ئىجاتكار» ژۇرنالىنىڭ باش مۇھەررىرى مالىك مەھەمدىنوۋ ئۇستازى ھەم ژۇتدىشىنى ياد ئېتىپ. — غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە، تەرەققىي ئېتىشى ۋە بۈگۈنكى دەرىجىگە يېتىشىگە بېباھا تۆھپە قوشتى. ئۇ ئىنتايىن كەمتار ھەم ژۇتداشلىرىغا بولغان مۇھەببىتى چەكسىز ئىنسان ئېدى.
ئاندىن ناتىق بۈيۈك ئالىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 7 توملۇق ئەسەرىنى نەشىردىن چىقارغان ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك جۈپتى ئوماق ئانا ھاسانوۋانىڭ بېباھا ئەمگىگىگە باش ئېگىپ، قەيسەر ئانىغا مۇستەھكەم سالامەتلىك تىلىدى.
خەلقىنىڭ تەغدىرى، ياش ئەۋلاتنىڭ كېلەچىگى ئۈچۈن ئەمگەك قىلىپ ئۆتكەن ئاكادېمىك توغرىلىق ئەسلىمىلىرى بىلەن بۆلۈشكەنلەر قاتارىدا 101-مەكتەپ-گىمنازىيانىڭ مۇدىرى خۇرشىدەم نىيازوۋا، پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروۋ، كۆرنەكلىك شاىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق، جۇېمنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى رەىسىنىڭ ئورۇنباسارى مېسېنات دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل، سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ باش ژىگىتبېشى غەيرەت مەمەتەلىېۋ بولدى. ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەىسى ھوسمانجان ئوبۇلوۋ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىگە بېغىشلىغان ئالىمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى ياشلارغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئالىمنىڭ رەپىقىسى ئوماق ھاسانوۋاغا ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان تەشكىلاتنىڭ تەۋەللۇدلۇق مېدالىنى تاپشۇردى.
خۇلاسە سۆز ئاكادېمىكنىڭ رەپىقىسى ئوماق ھاسانوۋاغا بېرىلدى. نۇرانىي ئانا ئۆز سۆزىدە قازاقستان ئىلىم-پەنىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللىتىمىزنىڭ ھەرتەرەپلىمە رىۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئايانماي تەر تۆكۈپ، كەينىدىن ئۆلمەس غەزنە، تۈگىمەس مىراس قالدۇرغان بۈيۈك نامايەندە غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋنىڭ ھاياتىدا ئۆز مەنپىيىتى ئۈچۈن ئەمەس، خەلقىنىڭ تەغدىرى، ياش ئەۋلاتنىڭ كېلەچىگى ئۈچۈن ئەمگەك قىلىپ ئۆتكەن ئەرباپ ئېكەنلىگىنى قەيت قىلغاچ، ئۇشبۇ خاتىرە كەچكە ئىشتراق قىلغۇچىلارغا ھەم ئۇشبۇ چارە-تەدبىرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كۆپ كۈچ چىقارغان 101-مەكتەپ گىمنازىيانىڭ كوللېكتىۋىغا ۋە ئۇنى قوللاپ-قۇۋەتلىگەن ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىگە مىننەتدارلىغىنى بىلدۈردى.