ئۇيغۇر يېزىقلىرى

ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىنىڭ (<уйғурлар һәққидә қисқичә чүшәнчә> نىڭ ئىككىنچى بۆلىكى) دىكى پاكىتلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخىي دەۋرگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى يېزىق بىلەن تىلنىڭ شەكىللىنىشى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى بىر- بىرىدىن مۇتلەق ئايرىۋېتىش ماركىسىزىملىق تىلشۇناسلىق ئىلمىگە ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىغا قاراپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ پەيدا بولىشىنىمۇ پاكىتلارغا تايانغان ئىلمىي پەرەز ئۇسۇلى بىلەن مىلادىدىن خېلى ئۇزاق بىر دەۋرگە سۈرۈش مۇمكىن.

ھەممىگە مەلۇمكى، ھونلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، شەرقىي تېنچ ئوكياندىن غەربىي كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەرنى ۋە مانژۇرىيە، سىبىرىيەدىكى پۈتۈن قەبىلىلەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇپ، بۇ كەڭ زىمىندىكى 26 تۈركىي دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ژاھاننى زىل- زىلىگە سالغان بۈيۈك ھون ئىمپىرىيەسىنى قۇرغان. خېيۋا خانى ئوبۇلغازى باھادۇرخان ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى <тарихий шәжәриий түрк> تە “ئوغۇزخان ئۆزىگە ئۇيغۇر ئاقساقالى ئىرقول غوژىنى ۋەزىر قىلغان” دىگەن سۆز بار.

ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا، تارىختا ئوغۇزخان دىگەن شەخس ئۇچىرىمايدۇ. ئەمما تارىخ ئىلمىي تېخى مەيدانغا كەلمىگەندە، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئەپسانە ۋە رىۋايەت، چۆچەك قاتارلىقلار تارىخنىڭ رولىنى ئوينىغانلىقى ئىلمىي ھەقىقەت. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تارىختىكى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوغۇزخان دىگەن نام ئالغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھون ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئۇيغۇر ئاقساقالى ئىرقول غوژىنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلغانلىقى رىياللىققا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ھون ئىمپىرىيەسى چىن ۋە ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم ئىمپىرىيەسى) قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، سودا كېلىشىملىرىنى تۈزگەنلىكى تارىختىن مەلۇم. بۇ كېلىشىملەر ئەلۋەتتە يېزىق بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك. بىر تەرەپنىڭلا يېزىقى بىلەن يېزىلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق بولۇش تارىختىكى ھىچقانداق دىپلوماتىيە قاىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى زىل- زىلىگە كەلتۈرۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن ۋە شۇنچە كەڭ زىمىندىكى شۇنچە كۆپ خەلقنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرالىغان شۇنداق قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ يېزىقى بولمىغان، دىيىش ئەقىلدىن تولىمۇ يىراق، ئەلۋەتتە.

چىننىڭ غەرب بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋىتى خەن ۋۇدى زامانىدىن باشلانغانلىقى بىزگە تارىختىن مەلۇم (مىلادىدىن بۇرۇنقى 137- يىللىرى ژاڭ چىيەن كەلگەندىن باشلاپ). ئەمما ھونلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 770- يىللىرى ئۆتكەن ژۇ سۇلالىسى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 403- يىللىرىدىكى ژەڭو دەۋرلىرىدە چىننىڭ شىمالىغا ھۇژۇم قىلىپ كىردى. يەن، ژاۋ، بەگلىكلىرى دەۋرىدە، چىن ھونغا قارشى سېپىل سوقۇشقا مەژبۇر بولدى. كېيىن چىن شىخۇاڭ بۇ سېپىللارنى بىرلەشتۈرۈپ، تارىختا مەشھۇر ئاتالغان 3000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سەددىچىن سېپىلىنى ۋۇژۇتقا كەلتۈرۈپ، ھونلارنىڭ ھۇژۇمىنى توستى. چىن شىخۇاڭ ھايات ۋاقتىدا ھونلار سىددىچىن سېپىلىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىگەن ئىدى.

خەن گاۋزۇڭ زامانىسىغا كەلگەندە، ھونلار باتۇر تەڭرىقۇت رەھبەرلىكىدە سەددىچىن سېپىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شەنشىنىڭ داتۇڭ دىگەن يېرىدە خەن گاۋزۇڭنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇلارنى ناھايىتى قورقىتىۋەتتى. خەن سۇلالىسى پادىشاسى خەن گاۋزۇڭ ھونلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشقا مەژبۇر بولۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا كېلىشىم تۈزۈلدى ۋە باتۇر تەڭرىقۇتقا خەن سۇلالىسى پادىشاسىنىڭ قىزى ماۋژۈننى ياتلىق قىلدى. شۇ ۋاقتىدا تۈزۈلگەن بېتىملەر، ئەلۋەتتە ئىككى خىل تىل ۋە ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلغان بولىشى مۇمكىن.

ئۇندىن باشقا، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، خەن سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھون تەڭرىقۇتىغا يازغان بىرنەچچە پارچە خېتى بار. بۇ خەتلەر يالغۇز خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان، دىيىشكە ئاساس يوق. بۇنداق خەتلەرنىڭ خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى بىزگە چىن يىلنامىلىرىدىن مەلۇم.

يۇقۇرىدىكى پاكىتلار شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، ھون ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ھازىر ئېيتىلىۋاتقاندەك 4-، 5- ئەسىرلەردە ئەمەس، بەلكى مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن يارىتىلغان بولىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، ھون ئىمپىرىيىسى ئىشلەتكەن تىل ئۇيغۇر تىلى، ھون ئىمپىرىيىسى ئىشلەتكەن يېزىقمۇ ئۇيغۇر يېزىقى، دىيىشكە ھەقلىقمىز.

شۇڭا مەشھۇر تۈركشۇناس ۋىڭىر ئالىمى ژورف تىورنىڭ تۆۋەندىكى پىكرىنى ئاساسسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ: “ئەڭ قەدىمىي زامانلاردىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېزىقلىرى ۋە تۈرك تىللىرىدا يېزىلغان ھەر خىل ئەدەبىياتلىرى بار ئىدى. ئۇيغۇر يېزىقلىرى قەدىمقى زامان تارىخىغا داىر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بىزنىڭ پىكرىمىزنى قەدىمقى ژۇڭگو، ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم) ۋە پارس مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان تارىخىي ھۆژژەتلەر ئىسپاتلايدۇ. بارلىق تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىسى ھىساپلانغان ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇن ۋۇژۇتقا كەلتۈرگەن ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل يېزىقلىرى ۋە مۇستەقىل ئېلىپبەلىرىگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ بەدىىي ئەدەبىياتى بولسا، ناھايىتى چىرايلىق ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇمۇ مىلادىدىن بۇرۇن ۋۇژۇتقا كەلگەن…… مىلادىدىن 1000 يىل بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپ، ئۆزلىرىگە خاس بولغان يىلنامەلەرنى ياراتقان…” دەيدۇ. (ۋ. تىورى <14- әсиргичә түрк санлирида тарихий абидиләр>، <түрк йурти мәжмуәси> 1915- يىل، <шәрқ һәқиқити> 1949- يىل 11- سان) ئۇنىڭ بۇ پىكرىنى 10- ئەسىردە شىنژاڭغا كەلگەن ۋاڭ يەندىنىڭ <уйғур дөләтлири тоғрисида хатирә> لىرىدىمۇ ۋە مەتمەرىبنى تاھىر ئەلممۇقەتتاسنىڭ <китабулбәдғ вә ттарих> دىگەن ئەسىرىدىكى پىكىرلەرمۇ تەستىقلايدۇ. ئەپسۇسكى مانا دەپ پاكىت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ زاماندا يېزىپ قالدۇرغان خەت- چەك ۋە ھۆژژەت ئەسەرلىرىدىن بىزنىڭ زامانىمىزغىچە ھىچبىر نەمۇنىلەر يېتىپ كېلەلمىگەن.

يۇقۇرىدىكى قاىدە- داۋلىدىن ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ۋە ئورخۇن يېزىقىدىن باشقا يەنە قانداقتۇر بىر يېزىقتىن پايدىلانغان بولىشى ياكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولىشى مۇمكىن، دىگەن خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىن. يېقىندا خوتەندىكى ئاق سېپىل خارابىسىدىن تېپىلغان كېسەكلەردىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بۇ داۋلىنى ئىسپاتلاشقا ياردەم بېرىدۇ. لېكىن بۇنى تېخىمۇ تولۇق ۋە ئېنىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن چوڭقۇر ئىزدىنىش كېرەك.

خۇلاسە قىلغاندا، قەدىمقى ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ پىكىر- مەقسەتلىرىنى، ئارزۇ- ئۈمىتلىرىنى بىرەر شەكىل ۋە بىرەر بەلگە بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئىنتىلگەن. بۇ ئىنتىلىش ئۇلارنىڭ يېزىقىنى ۋۇژۇتقا كەلتۈرگەن. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ، بۈگۈنكى دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقتا تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، ئابىدىلەر، مەڭگۈ تاشلار، پەن- مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ئاىت بولغان ھەر خىل ئىلمىي، ئەدەبىي، دىنىي، پەلسەپەۋىي ئەسەرلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى دەۋرلەردىن باشلاپ خېلىلا تەرەققى قىلغان پارلاق مەدەنىيەتكە، مۇكەممەل ئەدەبىي تىلغا ۋە بۇ تىلنى تولۇق، بىمالال ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئېلىپبەلىك ئىلغار يېزىققا ئىگە مەرىپەتپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى روشەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تارتىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى تۈركولوگلار، ئۇيغۇرشۇناسلار دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلارنىڭ ماكان، زامان، تىل ۋە يېزىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار مىلادى 4- ئەسىرلەردە رەسمىي يېزىققا ئىگە بولغان، دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى، تۇرپان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى ژايلىرىدىن تېپىلغان يازما ۋە ئويما يادىكارلىقلارنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى، تىلى ۋە يېزىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئېلىپبەلىك يېزىقتىن پايدىلىنىش تارىخىلا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئۇيغۇرلاردا رەسىملىك يېزىق ۋە بوغۇملۇق يېزىق بولۇشتىن سىرت، تارىخىي مەلۇماتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خوتەندىن تارتىپ كۇچار، ئاقسۇ ئەتىراپىغىچە توخار، تىبەت، سانىسكىرىت (ھىندى)، مانى يېزىقلىرىنى ئىشلەتكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىي ژەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ۋە ئىسىل ئەخلاق- پەزىلەتلىرىنى ژارى قىلدۇرۇپ، خوشنا مىللەتلەرنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، باي ۋە گۈزەل مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

يۇقۇرقىلاردىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىي مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈش ژەريانىدا، <кона уйғур йезиқи> نى <орхун- йенсәй йезиқи> نى، <соғди йезиқи> نى، قىسمەن خەنزۇ يېزىقىنى، كېيىن ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىژات قىلغان ھازىر ئىشلىتىۋاتقان <уйғур йезиқи> نى ئىشلىتىپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىنى ئۆچمەس ئۇتۇقلار بىلەن بېيىتتى.

1. ئورخۇن- يېنسەي (تۈرك- رونىك) يېزىقى

تارىخ 9- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا قەدەم قويغاندا، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز يېزىقى بولغان <түрк- роник йезиқи> نى <қәдимқи уйғур йезиқи> غا راۋاژلاندۇردى ۋە ئۇنى ئومۇمىي يۈزلۈك قوللىنىشقا باشلىدى. بۇ يېزىق تۈرك خانلىقى دەۋرىدە ئىژات قىلىنغىنى ئۈچۈن <түрк йезиқи> دەپ ئاتالدى. بۇ يېزىق ئىسكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىدىن تېپىلغان قەدىمقى نېمىسلار قوللانغان <роник йезиқи> غا ئوخشاپ كەتكىنى ئۈچۈن، تۈركشۇناسلار ئۇنى <роник йезиқи> دەپ ئاتىدى. ئەمەلىيەتتە تۈركىي خاندانلىقى زىمىنىدىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەر، ژۈملىدىن ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن، بۇ يېزىق ژەمىي 40 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان.

ئورخۇن- يېنسەي (تۈرك- رونىك) يېزىقىنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان 300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قوللانغان.

بۇنىڭ بىلەن يېزىلغان يادىكارلىقلار ئورخۇن- يېنسەي ۋادىسىدىن كۆپرەك تېپىلغىنى ئۈچۈن <орхун- йенсәй йезиқи> دەپ ئاتىدى.

بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان يادىكارلىقلار 18- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغىچە، رۇس، فئىن، شىۋىت، فرانسۇز، نېمىس، دانىيەلىك ۋە باشقا چەتەللىك ئارخىولوگلار، ئالىملار تەرىپىدىن سىبىرىيە، ئورخۇن- يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرى، بايقال كۆلى ئەتىراپى، ئالتاي رايونى، شىنژاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇ يادىكارلىقلارنىڭ تىلىنى بىرىنچى قېتىم دانىيەلىك تومسىن، رۇسىيەلىك رادلوپ قاتارلىق ئالىملار ئوقۇپ چىققان ۋە بۇ يېزىقنىڭ تۈركىي خەلقلەر 5- ئەسىرلەردە ئىشلەتكەن يېزىق ئىكەنلىكىنى، تىلىنىڭ تۈركىي خەلقلەر تىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلار ئېلان قىلغان. بۇ يادىكارلىقلار 5- ئەسىردىن كېيىنكى دەۋرلەرگە مەنسۈپ بولغىنى ئۈچۈن ئالىملار بۇ يېزىقنى 5- ئەسىردىن كېيىن ئىشلەتكەن يېزىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

بۇ يېزىق تۆت سوزۇق تاۋۇش ھەرپى، 36 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئوڭدىن سولغا قاراپ يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا يارىتىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىژتىماىي ئەھۋالىنى، تىل- يېزىقى، ئەدەبىيات- سەنىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا غايەت زور قىممەتكە ئىگە.

2. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى

ئۇيغۇر يېزىقلىرى-داۋامى

ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ <түрк- роник йезиқи> نى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل قوللاندى. مىلادى 840- يىللىرى، قارا بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى سىياسىي توقۇنۇشلار، تەبىىي ئاپەت ۋە ئىچكى نىزا- ماژرا تۈپەيلىدىن يىمىرىلىشكە يۈزلىنىپ، غەربتىكى ئۆز قېرىنداشلىرى يېنىغا كۆچكەندىن كېيىن، تۈرك- رونىك يېزىقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىدىدە ئۆز تىلىنى بىرقەدەر مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، تىخىمۇ ئىلغارراق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىغا راۋاژلاندۇردى ۋە ئۇنى 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ كەڭ تۈردە قوللىنىشقا باشلىدى. 10- ئەسىردىكى ژۇڭگونىڭ مەشھۇر سەيياھى ۋاڭ يەندى: “قارا قۇژۇدىكى ئۇيغۇر خانلىقىدا بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن پادىشالىقتىن تەمىنلىنىدىغان مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. ئۇيغۇرلار شېىر- قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن. ئۆز يېزىقلىرىنى ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك، كۈندىلىك ھاژەتلىرىگە ئىشلىتىدىكەن. راھىپلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتاپلار بەك كۆپ ئىكەن” دەپ يازغان.

بۇ يېزىق شۇ چاغدا شىنژاڭدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلغان. ھەتتا كېيىنكى دەۋرلەردە، مانژۇلار، موڭغۇللار، شىۋەلەرمۇ مۇشۇ يېزىق ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يېزىقلىرىنى يارىتىۋالغان. ئەخمەت زەكى ۋەلىد توغان ئۆزىنىڭ <түрк- татар тарихий> دىگەن ئەسىرىدە ۋە نەژىپ ئاسىم ئۆزىنىڭ <түрк тарихий> دىگەن ئەسىرىدە، ئوخشاش مەزمۇندا: “بۇ يېزىق ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقان. ئىسلامىيەت يېيىلىپ تاكى ھىژىرىيە 9- ئەسىرگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىڭەن، ھەتتا تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرچىغا تەخلىدەن دىۋان خېتى (ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خەت- چېكى) دەپ ئاتالغان بىر خىل يېڭى يېزىقمۇ ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇر يېزىقى تۆمۈرىلەر دەۋرىدىن خېلى كېيىنمۇ قوللىنىلغان” دەپ يېزىشقان.

ۋامبىرى تەرىپىدىن ئىستامبۇلدىن ئېلىپ كېتىلگەن <қутадғубилиг> نىڭ نۇسخىسى بىلەن ۋىنا كۈتۈپخانىسىدىكى يەنە بىر نەزمى ئەسەرنىڭمۇ ئەينەن ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈپ يېزىلغانلىقى بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.

ئۆزبېكىستان تۈركشۇناسلىرى ف. كامال <һазирқи заман өзбек тилиға муқәддимә> دىگەن ماقالىسىدا: “كونا ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىغا ئاىت يازما يادىكارلىقلار ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدا ۋۇژۇتقا كەلگەن. ئەمما بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىش يۈرگۈزۈش 18- ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. بەزىبىر تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئايرىم يازما يادىكارلىقلار 15- ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە يېزىلغان. مەسىلەن، <бәхтийарнамә> (1432- يىل)، <тәзкирәи әвлийа> (1436- يىل)، <мираж намә> (1439- يىل) ۋە باشقا يادىكارلىقلار ھىرات شەھرىدە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە كۆچۈرۈپ يېزىلغان ئىدى” دەپ يازىدۇ. بۇ ئەھۋال بۇ يېزىقنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىدا، ئەرەپ يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن <чағатай> يېزىقى بىلەن پاراللىل ھالدا 900 يىلغا يېقىن گۈللىنىپ كېلىڭەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىژات قىلىنغان ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، <идиқут текистлири> ۋە <идиқут хәт- чәклири> دە 18 ھەرپ ئىشلىتىلگەن. بۇ سولدىن ئوڭغا، يۇقۇرىدىن تۆۋەڭە يېزىلىدىغان يېزىق بولۇپ، ھەر بىر سۆز بېشىدا، سۆز ئوتتۇرىسىدا ۋە سۆز ئاخىرىدا يېزىلىدىغان شەكىللەرگە ئىگە. بۇلاردىن 5 ھەرپ 8 سوزۇق تاۋۇشنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە بىر قەدەر ئويغۇنلاشقان يېزىق بولۇپ، تىلنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىش ژەھەتتە تۈرك- رونىك يېزىقىغا قارىغاندا ئۈنۈملۈكرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىن باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ كەڭ قوللىنىلغاندىن تاشقىرى، مىللىي ئەدەبىي تىلنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگۈچى ئاكتىپ ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نەتىژىدە، بۇ يېزىقنى قوللانغان ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى. ئۇيغۇرلار بۇ ئىژادىي يېزىقنى قوللانغاندىن كېيىن، تۈرلۈك ھۆكۈمەت ھۆژژەتلىرى ۋە دىنىي، پەلسەپەۋىي، پەن- تېخنىكا، تىببىي ساھەدىكى ئەسەرلەر، شۇنداقلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتنى ئاساس قىلىپ شەكىللەڭەن بەدىىي ئەدەبىياتى ناھايىتى تېز سۈرەتتە راۋاژلاندى. نەتىژىدە ئەدەبىي تىل تەرەققىياتى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇيغۇر خەلقى بۇ يېزىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئېھتىياژىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، بەلكى <алтун йаруқ>، چۈشتانى ئىلىك بىگ>، <шуәнжаңниң тәржимәһали> (<самтисо ачариниң тәржимәһали>)، <икки текинниң һикайиси>، <оғузнамә>، <идиқут текистлири> قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى مۇشۇ يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇردى. بۇ يېزىق ئارقىلىق يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقانلىرىنىڭ سانى 8000 پارچىدىن ئاشىدۇ. بۇ مىراسلار قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى، يېزىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئومۇمەن ئالغاندا، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق سەمەرىسى بولۇپ، ئۇ خەلقىمىز تارىخىنىڭ ئۆچمەس نامايەندىسى ھىساپلىنىدۇ.

3. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى

ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت قوللانغان يېزىقى بولۇپ، ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 10- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن قوبۇل قىلغان. بۇ يېزىق قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىژى ھالدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى بۇ يېزىققا بوشىتىپ بەردى. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن قاراخانىلار زىمىنىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلاپ، 15- ئەسىرلەرگە كەلگەندە، پۈتۈن شىنژاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە يېرىدە كەڭرى ئىشلىتىلگەن بىردىن- بىر يېزىق بولۇپ قالدى.

ئەرەب يېزىقى بويىچە ئەينەن قوبۇل قىلىنغان بۇ يېزىق 12- ئەسىرگىچە ھىچقانداق ئۆزگەرتىلمەي قوللىنىلدى. 12- ئەسىردىن ئېتىبارەن بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلىشكە باشلاپ، ئۇنىڭدىكى ئەرەب يېزىقىغا خاس بولغان شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلاندى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قاىدىسىگە ماسلاشتۇرۇلدى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىھتىياژىغا ئاساسەن، ئەرەب تىلىدا بولمىغان <ч, п, г, ж> قاتارلىق 4 ھەرپ پارىس يېزىقىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسىگە كىرگۈزۈلدى. 13- ئەسىردىن كېيىن <чағатай йезиқи> نامى بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقى ژەمىي 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپتى. ئەينى دەۋردىكى شىنژاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقىغا ئايلانغان بۇ يېزىق ھەر بىر دەۋر ئېھتىياژىغا ئاساسەن تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىژاد قىلغان بۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىغا مىڭ يىل بولدى. مۇشۇ ژەرياندا بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە تەدرىژى ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئېھتىياژىدىن تولۇق چىقىپ كەلدى. ئاشۇ مىڭ يىل ژەريانىدا خەلقىمىزنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن مول مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىپ قالدۇرغان. ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇد قەشقەرىنىڭ <түркий тиллар дивани>، بۈيۈك مۇتەپەككۈر يۈسۈپ خاس ھاژىپنىڭ <қутадғу билиг> داستانى قاتارلىق كىشى ئەقلىنى تاڭ قالدۇرىدىغان نامايەندىلەر بۇنىڭ ژانلىق پاكىتى بولۇپ، ئۇلار قالدۇرغان بۇ يادىكارلىقلار خەلقىمىزنىڭ پۈتكۈل تارىخىدىكى مەدەنىي مىراسلار خەزىنىسىدە ۋە دۇنيا خەلقلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدە نۇر چېچىپ چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ <түрк- роник йезиқи> نى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل قوللاندى. مىلادى 840- يىللىرى، قارا بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى سىياسىي توقۇنۇشلار، تەبىىي ئاپەت ۋە ئىچكى نىزا- ماژرا تۈپەيلىدىن يىمىرىلىشكە يۈزلىنىپ، غەربتىكى ئۆز قېرىنداشلىرى يېنىغا كۆچكەندىن كېيىن، تۈرك- رونىك يېزىقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىدىدە ئۆز تىلىنى بىرقەدەر مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، تىخىمۇ ئىلغارراق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىغا راۋاژلاندۇردى ۋە ئۇنى 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ كەڭ تۈردە قوللىنىشقا باشلىدى. 10- ئەسىردىكى ژۇڭگونىڭ مەشھۇر سەيياھى ۋاڭ يەندى: “قارا قۇژۇدىكى ئۇيغۇر خانلىقىدا بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن پادىشالىقتىن تەمىنلىنىدىغان مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. ئۇيغۇرلار شېىر- قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن. ئۆز يېزىقلىرىنى ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك، كۈندىلىك ھاژەتلىرىگە ئىشلىتىدىكەن. راھىپلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتاپلار بەك كۆپ ئىكەن” دەپ يازغان.

بۇ يېزىق شۇ چاغدا شىنژاڭدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلغان. ھەتتا كېيىنكى دەۋرلەردە، مانژۇلار، موڭغۇللار، شىۋەلەرمۇ مۇشۇ يېزىق ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يېزىقلىرىنى يارىتىۋالغان. ئەخمەت زەكى ۋەلىد توغان ئۆزىنىڭ <түрк- татар тарихий> دىگەن ئەسىرىدە ۋە نەژىپ ئاسىم ئۆزىنىڭ <түрк тарихий> دىگەن ئەسىرىدە، ئوخشاش مەزمۇندا: “بۇ يېزىق ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقان. ئىسلامىيەت يېيىلىپ تاكى ھىژىرىيە 9- ئەسىرگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىڭەن، ھەتتا تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرچىغا تەخلىدەن دىۋان خېتى (ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خەت- چېكى) دەپ ئاتالغان بىر خىل يېڭى يېزىقمۇ ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇر يېزىقى تۆمۈرىلەر دەۋرىدىن خېلى كېيىنمۇ قوللىنىلغان” دەپ يېزىشقان.

ۋامبىرى تەرىپىدىن ئىستامبۇلدىن ئېلىپ كېتىلگەن <қутадғубилиг> نىڭ نۇسخىسى بىلەن ۋىنا كۈتۈپخانىسىدىكى يەنە بىر نەزمى ئەسەرنىڭمۇ ئەينەن ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈپ يېزىلغانلىقى بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.

ئۆزبېكىستان تۈركشۇناسلىرى ف. كامال <һазирқи заман өзбек тилиға муқәддимә> دىگەن ماقالىسىدا: “كونا ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىغا ئاىت يازما يادىكارلىقلار ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدا ۋۇژۇتقا كەلگەن. ئەمما بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىش يۈرگۈزۈش 18- ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. بەزىبىر تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئايرىم يازما يادىكارلىقلار 15- ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە يېزىلغان. مەسىلەن، <бәхтийарнамә> (1432- يىل)، <тәзкирәи әвлийа> (1436- يىل)، <мираж намә> (1439- يىل) ۋە باشقا يادىكارلىقلار ھىرات شەھرىدە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە كۆچۈرۈپ يېزىلغان ئىدى” دەپ يازىدۇ. بۇ ئەھۋال بۇ يېزىقنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىدا، ئەرەپ يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن <чағатай> يېزىقى بىلەن پاراللىل ھالدا 900 يىلغا يېقىن گۈللىنىپ كېلىڭەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىژات قىلىنغان ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، <идиқут текистлири> ۋە <идиқут хәт- чәклири> دە 18 ھەرپ ئىشلىتىلگەن. بۇ سولدىن ئوڭغا، يۇقۇرىدىن تۆۋەڭە يېزىلىدىغان يېزىق بولۇپ، ھەر بىر سۆز بېشىدا، سۆز ئوتتۇرىسىدا ۋە سۆز ئاخىرىدا يېزىلىدىغان شەكىللەرگە ئىگە. بۇلاردىن 5 ھەرپ 8 سوزۇق تاۋۇشنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە بىر قەدەر ئويغۇنلاشقان يېزىق بولۇپ، تىلنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىش ژەھەتتە تۈرك- رونىك يېزىقىغا قارىغاندا ئۈنۈملۈكرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىن باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ كەڭ قوللىنىلغاندىن تاشقىرى، مىللىي ئەدەبىي تىلنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگۈچى ئاكتىپ ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نەتىژىدە، بۇ يېزىقنى قوللانغان ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى. ئۇيغۇرلار بۇ ئىژادىي يېزىقنى قوللانغاندىن كېيىن، تۈرلۈك ھۆكۈمەت ھۆژژەتلىرى ۋە دىنىي، پەلسەپەۋىي، پەن- تېخنىكا، تىببىي ساھەدىكى ئەسەرلەر، شۇنداقلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتنى ئاساس قىلىپ شەكىللەڭەن بەدىىي ئەدەبىياتى ناھايىتى تېز سۈرەتتە راۋاژلاندى. نەتىژىدە ئەدەبىي تىل تەرەققىياتى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇيغۇر خەلقى بۇ يېزىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئېھتىياژىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، بەلكى <алтун йаруқ>، چۈشتانى ئىلىك بىگ>، <шуәнжаңниң тәржимәһали> (<самтисо ачариниң тәржимәһали>)، <икки текинниң һикайиси>، <оғузнамә>، <идиқут текистлири> قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى مۇشۇ يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇردى. بۇ يېزىق ئارقىلىق يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقانلىرىنىڭ سانى 8000 پارچىدىن ئاشىدۇ. بۇ مىراسلار قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى، يېزىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئومۇمەن ئالغاندا، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق سەمەرىسى بولۇپ، ئۇ خەلقىمىز تارىخىنىڭ ئۆچمەس نامايەندىسى ھىساپلىنىدۇ.

3. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى

ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت قوللانغان يېزىقى بولۇپ، ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 10- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن قوبۇل قىلغان. بۇ يېزىق قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىژى ھالدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى بۇ يېزىققا بوشىتىپ بەردى. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن قاراخانىلار زىمىنىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلاپ، 15- ئەسىرلەرگە كەلگەندە، پۈتۈن شىنژاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە يېرىدە كەڭرى ئىشلىتىلگەن بىردىن- بىر يېزىق بولۇپ قالدى.

ئەرەب يېزىقى بويىچە ئەينەن قوبۇل قىلىنغان بۇ يېزىق 12- ئەسىرگىچە ھىچقانداق ئۆزگەرتىلمەي قوللىنىلدى. 12- ئەسىردىن ئېتىبارەن بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلىشكە باشلاپ، ئۇنىڭدىكى ئەرەب يېزىقىغا خاس بولغان شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلاندى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قاىدىسىگە ماسلاشتۇرۇلدى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىھتىياژىغا ئاساسەن، ئەرەب تىلىدا بولمىغان <ч, п, г, ж> قاتارلىق 4 ھەرپ پارىس يېزىقىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسىگە كىرگۈزۈلدى. 13- ئەسىردىن كېيىن <чағатай йезиқи> نامى بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقى ژەمىي 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپتى. ئەينى دەۋردىكى شىنژاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقىغا ئايلانغان بۇ يېزىق ھەر بىر دەۋر ئېھتىياژىغا ئاساسەن تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىژاد قىلغان بۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىغا مىڭ يىل بولدى. مۇشۇ ژەرياندا بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە تەدرىژى ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئېھتىياژىدىن تولۇق چىقىپ كەلدى. ئاشۇ مىڭ يىل ژەريانىدا خەلقىمىزنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن مول مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىپ قالدۇرغان. ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇد قەشقەرىنىڭ <түркий тиллар дивани>، بۈيۈك مۇتەپەككۈر يۈسۈپ خاس ھاژىپنىڭ <қутадғу билиг> داستانى قاتارلىق كىشى ئەقلىنى تاڭ قالدۇرىدىغان نامايەندىلەر بۇنىڭ ژانلىق پاكىتى بولۇپ، ئۇلار قالدۇرغان بۇ يادىكارلىقلار خەلقىمىزنىڭ پۈتكۈل تارىخىدىكى مەدەنىي مىراسلار خەزىنىسىدە ۋە دۇنيا خەلقلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدە نۇر چېچىپ چاقناپ تۇرىدۇ.