Kumarajiwa

كۇماراجىۋا

دۇنيادىكى بۇددىزم ئېتىقادى بولۇپمۇ پۈتۈن خىتاي بۇددىزىم ئىدېئولوگىيە تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن كۇسەنلىك بۇددا مۇتەپەككۇرى كۇماراجىۋا ,Kumārajīva خىتايچە يېزىلىشى 鸠摩罗什 مىلادى 344- يىلى كۇسەن خانلىقى (كۇچا) دا تۇغۇلغان.
ئۇنىڭ دادا تەرەپ بوۋىسىنىڭ ئىسمى دارتا بولۇپ، ھىندىستانلىق ئىدى. دادىسى كۇماراتان تالانتلىق ھەم زېرەك كىشى ئىدى. كۇماراتان ھىندىستان ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنسەپ- ئەمىلىنى ۋە ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، پامىر تاغلىرىدىن ئۆتكەندە، كۇسەن خانى ئاقارى پاك ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئىززەت- ئېكرام بىلەن كۈتۈۋېلىپ، كۇسەن خانلىقىدا ئېلىپ قېلىپ، دۆلەت ئۇستازى قىلغانلىقى مەلۇم. كۇماراتاننىڭ ھىندىستاننى تەرك ئېتىشى ئېھتىمال ھىندىستاندىكى ماگادخا سۇلالىسىنىڭ مۇنقەرز بولۇشى، گوپتا سۇلالىسى ۋەكىللىكىدىكى فېئودال كۈچلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
كۇماراجىۋانىڭ ئانىسى جىۋا ئاقارى مىلادى 324- يىلى كۇسەن خانلىقىدا تۇغۇلغان ئىدى. ئۇ كۇسەن خانىنىڭ سىڭلىسى بولۇپ، 20 يېشىدا خاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كۇماراتانغا ياتلىق قىلىنغان. دېمەك، «كۇماراجىۋا» دېگەن بۇ ئىسىم ھىندىستانلىق دادا كۇماراتان بىلەن كۇسەنلىك ئانا جىۋانىڭ نامىدىن ئېلىنغان.
كۇماراجىۋا ياخشى ئائىلە شارائىتىدا ھەر قايسى تەرەپلەردىن ياخشى تەربىيىلەنگەن. ئۇ يەتتە يېشىدىلا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ راھىب بولۇپ، كۇسەندىكى خانلىق بۇتخانىسىدا مەشھۇر بۇددىست بوتۇشما ئاقارىدىن تەلىم ئېلىشقا باشلىغان. بوتۇشما ئاقارى پۈتۈن كۇسەنگە مەشھۇر ھىنايانا ئالىمى ئىدى. كۇماراجىۋا تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىش داۋامىدا مىليون سۆزلۈك بۇددا مۇناجاتىنى سۇدەك يادلاش بىلەنلا قالماي، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. شۇڭا، ئۇستازى ئۇنى «كارامەت تالانتلىق» دەپ ماختاپ كەتكەن.
بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئىلىم خۇمار قىلىپ تەربىيىلىگەن جىۋا كېيىنچە ئۆزىمۇ راھىبەلىك يولىغا ماڭغان. كۇماراجىۋا توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنى ئېلىپ تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ كەشمىرگە يېتىپ كەلگەن. كۇماراجىۋا ئاز كۆرۈلىدىغان تالانت ئىگىسى بولغاچقا، ئۇ يەردىمۇ نامى چىققان.
كەشمىر خانى كۇماراجىۋانىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ راھىبلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بۇددا ئىلىمى جەھەتتە مۇنازىرىلىشىپ بېقىشىنى بۇيرۇغاندا، ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن كۇماراجىۋا ئۆزىنى بالا چاغلاپ مەنسىتمىگەن رەقىبلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېڭىۋالغان.
كۇماراجىۋا كەشمىردە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك بۇددا دىنىنى ئۆگەنگەن. بۇ جەرياندا ھەر قايسى دۆلەتلەر دانىشمەن بالا كۇماراجىۋاغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى مەنسەپ، كۆپلەپ ئىش ھەققى بېرىشنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنى ئۆز دۆلەتلىرىدە ئېلىپ قېلىشقا تىرىشقان. ئۇ بارلىق تەلەپلەرنى رەت قىلىپ ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن.
مىلادى 356- يىلى كۇماراجىۋا ئانىسى جىۋا بىلەن بىللە كۇسەنگە قايتىش سەپىرىدە قەشقەرگە كېلىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان. ئۇ قەشقەردە بۇددا نوملىرىنى ئۆگىنىش بىلەنلا قالماي، يەنە قەدىمكى ھىندىستاننىڭ دىن، پەلسەپە، ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىق، تىبابەتچىلىك، ئىلمىي نۇجۇم قاتارلىق ئىلىملەرنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگەن.
ئانا- بالا ئىككىسى كۇسەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن خان، ئوردا ئەمىرلىرى، راھىبلار ھەمدە ئاۋام قاتناشقان كاتتا مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ كۈتۈۋالغان. كۇسەن خانى ئاقارى پاك مەخسۇس كۇماراجىۋا ئۈچۈن شىر شەكىللىك ئالتۇن پۇتلۇق تەخت ياسىتىپ، ئۇنى رۇم كىمخاپلىرى بىلەن بېزەپ، ئۆزى ئاشۇ ئورۇندۇقنىڭ ئالدىدا دۈم يېتىپ، كۇماراجىۋانى ئۆزىنىڭ دۈمبىسىگە دەسسىتىپ تەخىتكە چىقىپ بۇددا نوم- سۈتىرلىرىدىن تەلىم بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. كۇماراجىۋا بۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 20 ياشلارغا كىرگەن يىگىت ئىدى.
…..
كۇماراجىۋا 39 يېشىغىچە كۇسەن خانلىقىدا ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
مىلادى 379- يىلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك (خىتاي) راھىبلىرىدىن سېڭچۈن، تەنچۇڭ قاتارلىقلار كۇسەندە زىيارەت ھەم ئۆگىنىشتە بولۇپ، چاڭئەنگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن، كۇسەن خانلىقىدا ماھايانا بۇددىزمىنىڭ قالتىس روناق تاپقانلىقىنى، ماھايانا نوملىرىنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدىغان، غەربىي يۇرتقا داڭلىق كۇماراجىۋا دەپ ئاتىلىدىغان ئاجايىپ تالانتلىق بىر ئەۋلىيانىڭ بارلىقىنى ئالدىنقى خىتاي پادىشاھى فۇجىيەنگە ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ بەرگەن.
شۇ چاغلاردا خىتاي زېمىنى «16 پادىشاھلىق» دەپ ئاتالغان پارچە ھاكىمىيەتلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆز- ئارا ھاكىمىيەت تالىشىپ ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرلىككە كەلتۈرەلىگۈدەك تالانتلىق بىر ئادەمگە بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى. شۇڭا پادىشاھ فۇجىيەن سانغۇنى لۈيگۇاڭنى ئالدىغا چاقىرتىپ:
— غەربىي يۇرتتىكى كۇسەن خانلىقىدا كۇماراجىۋا ئىسىملىك ناھايىتى بىلىملىك بىر ئۆلىما بار دەپ ئاڭلىدىم، پۈتكۈل بۇددىزىم دۇنياسىدا تەڭداشسىز كامالەتكە ئىگىمىش. بۇ ئالىمنى قولغا كەلتۈرۈشتە قانچىلىك ھەربىي چىقىم كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر، غەربىي رايونغا ھەربىي يۈرۈش قىلىش لازىم. شەرت، كۇماراجىۋانى ساق- سالامەت ئېلىپ كېلىش،- دېگەن، كەسكىن تەلەپپۇزدا.
مىلادى 381- يىلى (بەزى مەنبەلەردە 383- يىلى دەپمۇ يېزىلغان) فۇجىيەننىڭ سانغۇنى
لۈيگۇاڭ خىللانغان 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن كۇسەن خانلىقىغا لەشكىرى يۈرۈش قىلىپ، كۇسەن خانى ئاقارى پاك قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. كۇسەنلىكلەر ھەم كۇسەن خانى ئاقارى پاك كۇماراجىۋانى قەتئىي قوغدىغان. شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇرۇش بىرقانچە يىلغا سوزۇلغان. كوماراجىۋا دۆلىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قان ئېقىتىشىنى خالىماي لۈيگۇاڭ بىلەن بىللە كېتىشكە قوشۇلغان.
«جىننامە. لۈيگۋاڭ تەزكىرىسى» دە يېزىلىشىچە: لۈيگۋاڭ قوشۇنلىرى قاراشەھەر (كىنگىت) دۆلىتىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقىنى قىرغىن قىلىپ، كىنگىت خانى نىلۇخاننى تەسلىم قىلىپ كۇسەنگە يۈرۈش قىلغان. كۇسەن خانى ئاقارى پاك ناھايىتى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئاخىر لۈيگۋاڭ كۇسەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ئاقارى پاكنى ئۆلتۈرگەن. لۈيگۋاڭ كۇسەن دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ھەشەمەتلىك كۇسەن مەدەنىيىتىدىن ھەيران قالغان. ئۇ كۇسەن دۆلىتى خەزىنىسى ۋە خەلقىنى بۇلاپ- تالاپ، يىگىرمە مىڭ تۇياق ئات، قېچىرغا ئالتۇن، كۆمۈش، قىممەتلىك زىننەت ئەشيالىرىدىن تەركىب تاپقان كۇسەن دۆلەت خەزىنىسىنى يۈكلەپ، ھەر خىل باغ قۇشلىرى، چالغۇ… لارنى يۈكلەپ، ھەم سازەندىلەرنى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىپ، كۇماراجىۋانى ئەسىر ئېلىپ كۇسەن دۆلىتىدىن بۇلاپ كەتكەن. خىتاي پادىشاھى كېيىن ئۆزلىرى تەرىپىدىن يېقىندا ئۆلتۈرۈلگەن كۇسەن خانى ئاقارى پاكنىڭ قىزىنى كۇماراجىۋاغا مەجبۇرىي ئېلىپ بەرگەن.
شۇنداق قىلىپ خىتاي، كۇسەن دۆلىتىنىڭ «دۆلەت گۆھىرى» بولغان كۇماراجىۋانى بۇلاپ، خىتاينىڭ لىياڭجۇغا ئېلىپ كەتكەن.
كۇماراجىۋا لىياڭجۇدا ھاياتىدىكى زور بۇرۇلۇشنى بېشىدىن كەچۈرگەن. لۈيگۇاڭ لىياڭجۇدا كۇماراجىۋاغا ئاتاپ مەخسۇس بۇتخانا سالدۇرۇپ بەرگەن. (بۇ بۇتخانا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.) ھەم دائىم ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى مەسلىھەت قىلىشقان. كۇماراجىۋا لىياڭجۇدا توپتوغرا 16 يىل بويىچە خىتاي تىلىنى ناھايىتى پىششىق ئىگىلىگەن. خىتاينىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى، پەلسەپىسى ۋە تارىخىنى ئۆگەنگەن. يەنە كۆپ خىل دىئالىكىتلارنىمۇ ئۆگىنىپ خىتاي تىلى ئاساسىنى پۇختىلىغان. بۇ ۋاقىتتا كۇماراجىۋانىڭ نامىنى ئاڭلىغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتاينىڭ ھەرقايسى خانلىقلىرى ئۇنى ئۆز خانلىقىغا ئېلىپ كېتىشكە تەقەززا بولۇپ، يىللارچە بىر- بىرسى بىلەن قانلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان.
شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، ئىنسانىيەت تارىخىدا ھازىرغا قەدەر ھاكىمىيەت، زىمىن، بايلىق تالىشىش ئۇرۇشلىرى ناھايىتى كۆپ يۈز بەرگەن. ئەمما كۇماراجىۋانى تالاشقاندەك «ئادەم تالىشىش» ئۇرۇشلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
مىلادى 401- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى كۇماراجىۋا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتاينىڭ چاڭئەن شەھرىگە قايتىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ياۋ شىڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، چاڭئەندە دۆلەت ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر خىل بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە- تەپسىر قىلىش ۋە شاگىرت تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. بۇ جەرياندا كۇماراجىۋا 800 گە يېقىن شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىققان. پۈتۈن خىتاينىڭ دىنى ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ باشقۇرۇش ۋە تەرجىمە ئاپپاراتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇددا نوم- سۇتۈرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئىزاھلاش، دەرس ئۆتۈش خىزمىتىنى باشلىغان. ھەر قايسى جايلاردىكى راھىبلارنى يىغىپ 800 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان غايەت زور تەرجىمە ئاپپاراتى تەسىس قىلغان. شاگىرتلىرى كۇماراجىۋانىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇددا نوم- بىتىكلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە شەرھىلەشكە كىرىشىپ، 401- يىلىدىن 413- يىلىغىچە بولغان 12 يىل ئىچىدە نۇرغۇن بۇددا ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
كۇماراجىۋانىڭ زادى قانچە جىلدلىق بۇددا نوم — سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. زېڭ يۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 32 پارچە، 300 جىلد، فېڭ چاڭفانىڭ كۆرسىتىشىچە 98 پارچە، 425 جىلد بۇددا نوم- سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغان. بۇلارنىڭ خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي زېمىنىدا ئومۇملىشىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
…..
ئۇ يەنە «ھەقىقىي ئالەم»، «كۇماراجىۋا تەلىم بايانلىرى»، «ھەقىقىي ھېكمەتكە بېرىلىش ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب»، «راھىب خۇي يۈەننىڭ 18 جەھەتلىك سوئالىغا جاۋاب» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان.
كۇماراجىۋا (344- 413)، جىڭ تى (Paramartha، 449- 569)، شۋەنزاڭ (602-664) بىلەن بىللە يەنە پۈتكۈل خىتاي بۇددىزىم پەلسەپە تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ مۇتەپەككۇر ئالىم، تەرجىمە- شەرھىشۇناس سۈپىتىدە شۆھرەتلەنگەن.
كۇماراجىۋانىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى يەنىلا تەرجىمە ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇ «ۋىمالا كىرتى سۇتراسى»، «ساددا ھاراما پوندانىكا سۇتراسى» قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن نادىر تېبابەتچىلىك رىسالىلىرىنىمۇ خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭدىن كۇماراجىۋانىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ساھەگە ئىخلاس قىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
كۇماراجىۋانىڭ ئانىسى جىۋا يالغۇز بۇددا ئىلىم ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ تېبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ مەشھۇر تېۋىپ بولغان. تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جىۋا «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەر ئىچكى بەش ئەزانىڭ نورمال خىزمىتى ۋە ئۇلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى، ھەر خىل دورىلارنىڭ نامى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلغان. بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك تارىخىدىكى يېزىلغان ۋاقتى بىرقەدەر بۇرۇن، مەزمۇنى خېلى مۇكەممەل بولغان تېبابەتچىلىك رىسالىسى دېيىشكە بولىدۇ.
1902- ۋە 1903- يىللىرى گېرمانىيە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىدىن ئالبېرت ۋون لېكوك Albert von Le Coq (1860–1930) ۋە ئالبېرت گرىنۋېدىلAlbert Griinwedel ((1856-1935 لار تۇرپاندا ئېلىپ بارغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» نى قېزىۋالغان. ئۇ ئىككى كىتابتىن تۈپلەنگەن قېلىن بىر دەپتەردىن ئىبارەت بولۇپ، دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپى «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئەسەر، تەتۈر تەرىپى «تېببىي رېتسېپلار جەۋھىرى» دېگەن ئەسەردىن تەشكىل تاپقان. «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» cm 13.5*20 ئۆلچەملىك كىتاب بولۇپ، كەمتۈكلىشىپ كەتكەچكە قانچە بەت كېلىدىغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغان.
كۇماراجىۋا مىلادى 383- يىلى ئەتراپىدا ئانىسى جىۋا يازغان «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق خاس ئەسەرنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇ يەنە «جىۋا كاپوستا»، 33 جىلدلىق «غەربىي دىيار تېۋىپلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رېتسېپلار»، ئۈچ جىلدلىق «غەربىي دىيار ئەۋلىيالىرىنىڭ مۇھىم رېتسېىپلىرى»، تۆت جىلدلىق «غەربىي دىيارىدىكى مەشھۇر تېۋىپلار توپلىغان مۇھىم رېتسېپلار»، تۆت جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ دورا رېتسىپلىرى»، ئىككى جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ ئىسرىقلاش ئۇسۇللىرى» ۋە 2600 جىلدلىق «ھەر يەرلەردىن
توپلانغان رېتسىپلار» قاتارلىق تېبابەت رىسالىلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
بۇلاردىن «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ۋە «جىۋا كاپوستا» دېگەن ئەسەرلەر دۇنخۇاڭدىكى مەخپىي نوم- پۈتۈكلەر ساقلانغان غاردا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ساقلانغان. 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىر گېرمانىيىنىڭ بۇرس ماگىستىرلار ئىنستىتۇتىدا ۋە لوندوندىكى ھىندىستانغا ئائىت ماتېرىياللار كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۇماراجىۋا شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نادىر تېبابەتچىلىك رىسالىلىرىنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق خىتاي تېبابەتچىلىكىگە ئاساس سالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى گۈللەنگەن تېبابەتچىلىك تارىخىنى مۇھىم تارىخىي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتكەن.
…..
دۇنيادىكى بۇددىزىم ئېتىقادى جۈملىدىن پۈتۈن خىتاي بۇددىزىم ئىدېئولوگىيە تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن كۇسەنلىك بۇددا مۇتەپەككۇرى كۇماراجىۋا مىلادى 413- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى 70 يېشىدا ئۆلگەن.
كۇماراجىۋانىڭ جەسەت كۈلى چاڭئەندىكى ئۇ تۇرغان ساۋياۋ باغچىسىغا دەپنە قىلىنغان.
پادىشاھ باشلىق ئوردا ئەمەلدارلىرى، چەتئەل ئەلچىلىرى، كۇماراجىۋانىڭ شاگىرتلىرى كاتتا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۇزاتقان. گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇ ۋېي شەھىرىدىكى شىمالىي كوچىغا سېلىنغان كۇماراجىۋانىڭ بۇتخانىسى ھازىرمۇ بارىكەن.
كۇماراجىۋا خىتاي، ياپۇنىيە، كۇرىيىلەردە ھېلىمۇ تەسىرلىك بۇددا پەيلاسوپى سۈپىتىدە ھۆرمەتلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئالاھىدە تۈجۈپىلەپ نەشىر قىلىنىدۇ.

…..

© https://www.facebook.com/memettursun.uygur