Суббота, 21 декабря, 2024
СәнәтТарихУйғурларУйғуршунаслиқ

Gojahmet Sadvaqasov

غوجاخمەت سادۋاققاس
تونۇلغان ئالىم، تۈركشۇناس، تىل تەتقىقاتچىسى ۋە جامائەت ئەربابى غوجاخمەت سادۋاققاس Gojahmet Sadvaqasov 1929- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى قازاقىستاننىڭ چوڭ ئاقسۇ دېگەن يېرىدىكى ئاددى دېھقان سادۋاققاس ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
غوجاخمەت سادۋاققاس باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇغان. 1949- يىلىدىن 1950- يىلىغىچە ئاباي نامىدىكى قازاق پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇغان. 1957- يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە قازاق پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە كاندىدات بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تىل- شېۋە تەتقىقاتى گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرى، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل- شېۋىسىدە سوبيېكتىپ ئامىلنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ۋاسىتىلەر توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتى سالماقلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
غوجاخمەت سادۋاققاس بىر ئۇيغۇر ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى توغرىسىدىكى نەتىجىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا چوڭ، ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ئۇ 1961- يىلى 16 مىڭ سۆزدىن تەركىب تاپقان «ئۇيغۇرچە- رۇسچە لۇغەت»نى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 1963- يىلى ئەخمەت ئېلىيوف ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»نى تۈزۈپ چىقىدۇ. كېيىن ئابدۇۋېلى قايداروف بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» ۋە «ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى دەرسلىكى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 1962- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە پەرغانە ۋادىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا 1970- يىلى «پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى» (ئىككى قىسىم) ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىقىدۇ.
…..
1976- يىلى غوجاخمەت سادۋاققاسنىڭ ئىسمى قازاقىستاننىڭ تۆھپىكارلىرىنىڭ ئىسمى يېزىلىدىغان «ھۆرمەت ئالتۇن كىتابى» غا كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇ 1977- يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن چوقان ۋېلىخانوۋ نامىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. غوجاخمەت سادۋاققاسنىڭ 1951- يىلى ئاسپىرانتلىقتا بىرلىكتە ئوقۇغان ساۋاقدىشى، تۈركشۇناس ئالىم ئابدۇۋېلىجان قايداروف غوجاخمەت سادۋاققاس توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ:
— «ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى ياشلار ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىمىدى. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتىگە، ئۆز خەلقىگە بېغىشلىغان ئادەم. ئۇ سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، 1- قېتىم، 1- بولۇپ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى› ناملىق كىتابى شەرقى تۈركىستاندا نەشىر قىلىندى، كېيىن خىتايچىغا تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە، ‹بۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن بىردىن بىر ئوقۇشلۇق› دەپ يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن چوڭ باھا» دەيدۇ.
غوجاخمەت سادۋاققاس 1950- يىللىرىدىن باشلاپ يازغان ماقالىلىرىدىلا، شۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىدا، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە نېمىلەرنىڭ كېرەك، نېمىلەرنىڭ كەملىكى توغرىلىق مەخسۇس توختالغان. ئۇ 1950- يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخچى، يازغۇچى، تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىلىرىدىن بىر گۇرۇپ تەشكىللەيدۇ. 1957- يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ «ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىيات دەرسلىكى»نى تۈزۈپ چىقىدۇ. 1955- يىلى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنىدىغان ۋاقىتتا بۇ توپلامغا مۇقەددىمە يېزىپ بېرىدۇ. ئۇ يازغان مۇقەددىمىسىدە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ۋەزىپىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
…..
ئۇ 1983- يىلى پېروپېسورلۇق ئۇنۋانى ئالىدۇ. شۇ يىلى قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا قازاقىستانغا خىزمەت كۆرسەتكەن پەنلەر ئەربابى دېگەن نام بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ رەھبىرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقشۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكا خەلقلىرى تارىخى تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1983- يىلى ئۇنىڭ «تۈرك تىللار دىۋانىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە» قاتارلىق بەزى ئىلمىي ماقالىلىرى ئاتالمىش شىنجاڭ خەلق
نەشرىياتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.
غوجاخمەت سادۋاققاس 1985- يىللىرى «پەرۋاز» ناملىق يىلدا 2 سان چىقىدىغان ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ژۇرنالنى تەسىس قىلىدۇ ھەمدە بۇ ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «سوۋېت تۆھپىكارلار ژۇرنىلى»نىڭ تەھرىر ئەزاسى بولىدۇ.
غوجاخمەت سادۋاققاسنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى بولسا 1986- يىلى قازاقىستاندا
ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ چىققانلىقىدۇر. ئۇ بۇ ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ جاپا چېكىدۇ ۋە ھەر تەرەپلىمە بېسىمغا ئۇچرايدۇ.
ئەزمەتوۋ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ئۈستىدە توختىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «مەن 1984- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە موسكۋادىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا غوجاخمەت سادۋاققاس ئۇيغۇر شۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن موسكۋاغا بىر قانچە قېتىم كەلگەن ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن كۆپ جاپا چەكتى، ئەتىدىن كەچكىچە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرىگە يۈگرەپ ھېچ ھالى قالمايتتى شۇنداق بولسىمۇ پەقەتلا ئۈمىدسىزلەنمەيتتى. بەزى كۈنلىرى كەچتە بىر قانچىمىز ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىپ قالاتتۇق. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۇيغۇر شۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئېچىلىشىنى نەقەدەر ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ‹ئۇنىۋېرسىتېتىمىز ئېچىلسا، ئىلىم- پەننىڭ چوڭ مەركىزىگە ئايلانسا، ياش ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيىلەپ كەلگۈسىدە شۇنداق- شۇنداق ئالىم، ئىنژېنېرلارنى، سىياسەتچى، تەتقىقاتچىلارنى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرسەك…›» دەپ، ئارزۇ- ئارمانلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى.
ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئېچىلغاندىن كېيىن چەكسىز ئۈمىد ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ھەر بىر بۆلۈملەرگە تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ تەربىيىلەيدۇ. ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، موسكۋا، تاشكەنتلەردىكى بەزى شەرقشۇناس ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەپ بېرىشى ئۈچۈن توختام تۈزىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسى ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنى خوشال قىلىدۇ ۋە ھاياجانلاندۇرىدۇ. بۇ ئىنستىتۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئەدەبىياتى، ئاسارە- ئەتىقىلىرى كەڭ كۆلەمدە تەتقىق قىلىنىدۇ.
ھازىر ئۇ قۇرۇپ چىققان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تەۋەسىدە بىردىن بىر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى بولۇپ قالغان.
غوجاخمەت سادۋاققاس ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدىن باشقا يەنە ئالمۇتا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ، تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق پاكولتېتىنىڭ يېنىغىمۇ بىردىن ئۇيغۇر بۆلىمى ئاچىدۇ.
ئۇنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ھەر ساھەدىن كۆپلىگەن ئالىملارنى تەربىيىلەپ چىقىدۇ. ئۇ يەنە چەت ئەللەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئوقۇغۇچىلىرى موسكۋا، تاشكەنت، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە شەھەرلەرگىچە بېرىپ ئوقۇيدۇ. ھەتتا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەسەرلىرىگە بېرىپ، شەرقى تۈركىستاندىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققى قىلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.
غوجاخمەت سادۋاققاس ھەر يىلى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئېچىلىپ تۇرىدىغان خەلقارا يىغىنلارغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ. شۇنداقلا ئۆزى باش بولۇپ نۇرغۇن يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە، مەدىنە شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. يەنە «ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارىخى ۋە ئاساسلىرى» دېگەن تېمىلاردا تەكرار- تەكرار لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى كۈندىن- كۈنىگە تەرەققى قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ: «كېيىنكى 12 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە خېلە ياخشى ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى. بۇ يېڭىلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولسا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى. شۇنىڭدىن كېيىن ماۋزۇ كېڭەيدى. ئىلگىرى شەرقى تۈركىستان ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىلىق سۆز قىلىش مۇمكىن ئەمەستى، ھازىر بولسا باشقا مىللەتلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمۇ مۇشۇ تېمىنى مەخسۇس ئۆگىنىۋاتىدۇ. ھازىر 6 كىشىلىك بىر گۇرۇپ قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ئۆز ئارا مۇزاكىرىلىشىدىغان بولدۇق.» دەيدۇ.
…..
غوجاخمەت سادۋاققاس پەقەت ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپلا قالماستىن، ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقى تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى كۆپ خىزمەت ئىشلەيدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى غوجاخمەت سادۋاققاسقا مۇنداق باھا بېرىدۇ:
— «ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرىنى بىر يەرگە يىغىش ئۈچۈنمۇ كۆپ تىرىشقان. ئۇ ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەشكىلات باشلىقلىرىنى يىغىپ 1991- يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى بىر چوڭ يىغىن ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ يىغىندا «سىلەرگە نېمە كېرەك؟» دەپ قويۇلغان سۇئال كۈنتەرتىپكە كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى»نى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە 11 كىشىلىك تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، بۇ تەشكىلاتنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىلىق نىزامنامىلەرنىمۇ بېكىتىپ بەرگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرغان. بىز ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە تەرەپلىرىنى تېخى بىلمەيمىز. يىغىپ ئېيتقاندا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي پروگراممىسى مۇشۇ كىشىنىڭ بىۋاستە قول تىقىشى بىلەن شەكىللەنگەن.»
ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى ئۇ قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا ئالىملارمۇ بار. ئىنستىتۇت قۇرۇش دېگەن ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس. بولۇپمۇ باشقا بىر دۆلەتتە.
ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە غوجاخمەت سادۋاققاسنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تۈركشۇناسلىقنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. غوجاخمەت سادۋاققاستەك ئالىملار بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان مۇھىم ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن بىر قىسىم ئالىملار، تەتقىقاتچىلار، كادىرلار ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا كۆپلىگەن يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىدۇ. مىللى مائارىپ، ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ھەم مىللى روھنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ.
تونۇلغان ئالىم، تۈركشۇناس، تىل تەتقىقاتچىسى ۋە جامائەت ئەربابى غوجاخمەت سادۋاققاس 1991- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى 62 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
1994- يىلى ئۇنىڭ جاپالىق خىزمەتلىرىنىڭ مىۋىسى بولغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا «غوجاخمەت سادۋاققاس ئىنستىتۇتى» دەپ نام بېرىلىدۇ. ئۇ ياشىغان ئۆيگە يادىكارلىق تاختىسى ئورنىتىلىدۇ.
…..
غوجاخمەت سادۋاققاس ۋاپات بولغاندىن كېيىن غوجاخمەت سادۋاققاس ئىنستىتۇتىدا ھەر يىلى ئۇنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە ئىكەن.