Atu heqqide-uey
يەنە ئاتۇ ھەققىدە
95 ژىل مۇقەددەم يۈز بەرگەن قانلىق ۋاقىە ھەققىدە بىرەر ماقالە يېزىشنى كۆپتىن بېرى نىيەت قىلساممۇ، نېمىشكىدۇ، قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا جۈرئىتىم يەتمەي ژۈردى. داىرىسى پەقەت ئۇيغۇر مەتبۇاتى بىلەنلا چەكلىنىپ كېلىۋاتقان موشۇ ماۋزۇغا باشقىچە ياندىشىش ئويۇممۇ بار ئېدى. چۈنكى بۇنىڭغىچە ئېلان قىلىنغان ماقالىلار بىرتەرەپلىمە كۆز قاراشتا، ئاساسەن بايانلاش ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئېدى ۋە ئۇ خېلە ئۈگىنىشنى تەلەپ قىلاتتى.
مەزكۈر ماۋزۇغا مەتبۇاتتا دەسلەپكىلەردىن بولۇپ مالىك كەبىروۋ، ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ، ئىبراھىم بارات، كامال ھاسامدىنوۋ، ئاسىم قاسىموۋ، ئابدۇمېجىت روزىباقىېۋ، نىنېلەم روزىباقىېۋا ۋە باشقىلار مۇراجىەت قىلغان. ئۇ ماقالىلارنى ئوقۇغاندا، مۇەللىپلەرنىڭ ژۇتلارنى ئارىلاپ، دېرەك توپلىغانلىغىدىن خەۋەردار بولىمىز. ماقالىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئاق ۋە قىزىل لاتىلارنى كۆرسىتىپ، «قايسىسىنى ياقلايسىلەر؟» دېسە، پاكىزلىقنىڭ، تازىلىقنىڭ بەلگۈسى سۈپىتىدە ئاقنى كۆرسىتىپ، پۇلېمېت ئوقىنىڭ ئاستىدا قېلىشى ياكى بولمىسا قازان قاينىتىپ، دەستىخان يېيىپ كۈتۈۋېلىشى ئوخشاش эپىزودلار مېنىڭدا گۇمان پەيدا قىلدى. ئۆزارا قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان خوشنا يېزىلار ئاھالىسىنىڭ بىر-بىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىەلەردىن خەۋەرسىز قېلىشىغىمۇ ئىشىنىش تەس. راستلىغىنى ئېيتقاندا، خەلقىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولغانلىغى ھەققىدە ئېيتىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىسىمۇ، ماقالىلاردا روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ كىمنى بولسىمۇ روھىي ئازاپلايدىغانلىغى سۆزسىز. ئاتاپ ئۆتۈش ئورۇنلۇقكى، كازاك-ئورۇسلارنىڭ قىرغىنى ھەققىدە خەلىق ئارىسىدا ھېلىغىچە نۇرغۇن پاراڭلار ئېيتىلىپ ژۈرسىمۇ، بۇ ماۋزۇغا، مېنىڭ بىلىدىغىنىم، بىرىنچى بولۇپ ئاتاقلىق ژۇرنالىست ۋە تارىخچى مەشۈر روزىېۋ قەلەم تەۋرەتكەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ «بورانلىق ژىللار» (1983-ژ.) ناملىق كىتاۋىدا بالىلىق چېغىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆزى كۆرگەن رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ زۇلۇمىنى تەسۋىرلەيدۇ. مەسىلەن، «ئاتۇ» پاجىەسى» ناملىق خاتىرىدە قانلىق ۋاقىەدىن ۋاقىپ بولغان خەلىقنىڭ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دەرھال چارە كۆرۈشنىڭ ئورنىغا، ئەسكەرلەرنى قازان قاينىتىپ، كۈتۈۋالغانلىغى ئىپادىلەڭەن. بولۇپمۇ ئەسەردىكى ۋاقىەلىكلەردىن دىندارلارنىڭ تاۋاكەلچىلىككە بېرىلىپ، مىللىتىنىڭ قىرىلىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولغانلىغىنى ئوچۇق بايقايمىز. مەسىلەن، تۆۋەندىكى پارچىغا دىققەت ئاغدۇرايلى: «قورام، لاۋارنىڭ كىشىلىرىنى مىلتىق، قىلىچ، نەيزە ھەم پۇلېمېت بىلەن قۇراللانغان مەس خوخوللار قىرىۋەتتى… مېنى ئاپام قورادا توقۇقلۇق تۇرغان ئاتقا مىندۈرۈپ، باغ ئارىلىتىپ قاچۇرۇۋەتتى. دادامنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، دەپ ئۆكسىدى بالا. مەن ئېتىمنى دەم ئالغۇزۇپ، تاققا تامىرلار تەرەپكە قاچىمەن. سىلەرمۇ قېچىڭلار، بەرى بىر بېكاردىن-بېكار قىرىۋېتىدۇ…
— موشۇ بالىنىڭ گېپىنىڭ جېنى بار، — دېدى بىرسى تەشۋىشلىنىپ، — بۇ يېغا ئاق-قارىنى ئىلغا قىلمايدىغان ئاپەت، يېغا كۆرۈنىدۇ. قاراپ ئولتىرىپ بېكاردىن-بېكار قىرىلىپ قالمايلى يەنە، ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالايلى…
— قېچىپ-مۆكسەك بۇلاردا گۇمان بار ئۈچۈن كېتىپتۇ دەپ، تېخىمۇ قىرىۋەتمەمدۇ بۇلىرىڭ.
— راست، ئۇ چاغدا خوتۇن-بالىنى قويمايلا قىرىۋېتەر.
— ئەڭ ياخشىسى، مەلىنىڭ چېتىدە مال سويۇپ، غىزا ھازىرلاپ، قارشى ئېلىش لازىم، — دېدى سالاپەتلىك سوپى قازى…
— گۇناسىزلارنى بېكاردىن-بېكار قىرمايدۇ. تېچلىق بىلەن قارشى ئېلىپ، مېھمان قىلساق، ئۇلار بىزگە تەگمەيدۇ، — دېدى قاياقتىندۇ يېتىپ كەلگەن ئىسمايىل ئاخۇن، — قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ بۇلاردىن…
— ئاخۇنۇم توغرا ئېيتتى. راست، شۇنداق قىلىش كېرەك، — دېدى ئاڭغىچە ژىغىلغان ژۇت چوڭلىرى…» (89-91-بەتلەر).
ئېچىنىشلىغى، دىندارلارنىڭ پىكرىنى توغرا دەپ چۈشەڭەن ئاددىي خەلىق بىرنەچچە قوي، كالا سويۇپ، سەككىز قۇراللىق ئەسكەرنى كۈتۈۋالىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۈچ يۈزگە يېقىن ئەر ئادەم مال قوراسىغا سولىنىپ، ئوققا تۇتۇلىدۇ. بۇ قاراتۇرۇق ۋاقىەسى ئېدى.
ماخمۇت ئابدۇراخمانوۋ تەرىپىدىن «ئاتۇ» پاجىەسىنىڭ 80 ژىللىغىغا داىر يېزىلغان بىر ماقالىدا: «ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ئىنقىلاپچىلىرى، ئالدى بىلەن ئابدۇللا روزىباقىېۋ قىرغىننىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى توختىتىش ئۈچۈن ھېچ پاالىيەت كۆرسەتمەي، تېچ بايقىغۇچى بولۇپ تۇرۇشى مۈمكىنمۇ؟ ئابدۇللا روزىباقىېۋ ئۆز خاتىرىلىرىدە ئاتۇ پاجىەسى توغرىلىق لام-مىم دېمەسلىگىدە سىر يوقتىمۇ؟» دېگەن جۈملىلەر ئۇچرىشىدۇ («ئۇيغۇر ئاۋازى» 16-ماي، 1995-ژىل).
مۇەللىپنى «خەلىقپەرۋەر ئەرباپنىڭ ئاتۇ پاجىەسى ھەققىدە بىر ئېغىز سۆز يازمىغىنى قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ». ئەندى بۇ سواللارغا ئۆز ۋاقتىدا ئابدۇمېجىت ۋە نىنېلەم روزىباقىېۋلار تەرىپىدىن «ئابدۇللا تېخى ياش ۋە خەۋەرسىز بولغان، مۇراېۋ ئوتريادى تاشكەنتتىن ئۇتتۇر چېلەك تامان ئۆتۈپ كەتكەن» دېگەڭە ئوخشاش جاۋاپلار بېرىلدى. موشۇنىڭدىن ئون ژىل ئاۋال ماڭا ھېلى مەرھۇم ماخمۇت ئاكا ئابدۇراخمانوۋ بىلەن ئاتۇ ماۋزۇسى ئەتراپىدا سۆزلىشىش نېسىپ بولدى. شۇ چاغدا ئۇ بۇ قانلىق ۋاقىەگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات توپلاش مەخسىتىدە چېلەك تەۋەسىنىڭ، ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ بىرقاتار ژۇتلىرىدا بولۇپ، يېشى چوڭ، شۇ قىرغىننىڭ گۇۋاچىسى بولغان مۆتىۋەرلەرنىڭ ئېغىزىدىن كۆپ نەرسىلەرنى يېزىۋالغانلىغىنى، مەزكۈر ماقالىنى يازغاندا، ئاساسەن شۇ فاكتلارغا ئاساسلانغانلىغىنى ئېيتىپ بەرگەن ئېدى.
ئۆز نوۋىتىدە مەنمۇ ئۇنىڭ ئابدۇللا روزىباقىېۋ توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنىڭ ئاساسسىز ئېكەنلىگىنى، ئا.روزىباقىېۋنىڭ قورامدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئوراز ژاندوسوۋ رەھبەرلىگىدىكى مىللەتلەر ئىشى بويىچە يەتتىسۇ ۋىلايەتلىك بۆلۈمىگە خەۋەر قىلغانلىغىنى ئىسپاتلايدىغان فاكتلارنىڭ بارلىغىنى ئېيتتىم. ماخمۇت ئاكا روزىباقىېۋنىڭ ئاتۇنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلغانلىغىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خوشال بولدى ۋە بۇ قانلىق قىرغىننىڭ پەقەت چېلەكنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ناھىيەسى بىلەن ياركەنت تەۋەسىنىمۇ ئۆز ئىلكىگە ئالغانلىغىنى ئېنىق فاكتلارغا ئاساسلانغان ھالدا ئېيتىپ بەردى. شۇ چاغدا ئۇ «ئاتۇ» ھەققىدە ماقالە يېزىش خېلىلا ئۈگىنىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىغىنىمۇ جېكىگەن ئېدى. يېقىندا ئىسمايىلجان ئىمىنوۋنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ ماقالىدىمۇ مىللەت ئەرلىرىنىڭ جادۇغا ئۈن-تىۋىشسىز بېشىنى قويغانلىغى، بەزىلەرنىڭ قېچىپ قۇتۇلغانلىغى، ئانىلىرىمىز بىلەن قىزلىرىمىزنىڭ زورلانغانلىغى ھەققىدە سۆز بولىدۇ. ئۇنىڭدىمۇ «قېچىپ قۇتۇلدى»، «تاققا كەتتى» دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەر ئۇچرىشىدۇ.
شۇلارنى كۆرۈپ، مېنىڭدا «بىز نېمىشكە شۇ مەزگىللەردە كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالغان ئايرىم شەخسلەرنىڭ قەھرىمانلىقلىرى توغرىلىق تەپسىلىي يازمايمىز؟» دېگەن ئوي پەيدا بولدى. تارىخ سەھىپىلىرىنى ۋاراقلىساق، ئۇنداق جاسۇر ئوغلانلىرىمىزنىڭمۇ ئاز بولمىغانلىغىغا كۆز يەتكۈزۈمىز. ئۆتكەن ژىلى ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئەسلى چارىنلىق رۇسلان ئاكا تۇرغانوۋ بىلەن ئالمۇتىدىن ئۇيغۇر ناھىيەسىگە بىللە مېڭىپ قالدۇق. ھەمرايىم لاۋارغا كەلگەندە «ئاتۇ» ۋاقىەلىرى ھەققىدە پاراڭ قىلىپ، مونۇ بىر ۋاقىەنى ئېيتىپ بەردى:
«دادام ژىرشە ماڭا بۇ توغرىلىق بىر نەچچە قېتىم سۆزلەپ بەرگەن، — دېدى ئۇ ھېكايىسىنى باشلاپ. — چارىندا رۇس تىلىنى بىلىدىغان، تېگى ئاقسۇلۇق بىر كىشى بولغان ئېكەن. قىرغىن توغرىلىق ھەرخىل گەپلەرنى ئاڭلىغان ژۇت چوڭلىرى ئۇنى «ئاتۇ» ۋاقىەسى توغرىلىق راست-يالغاننى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن قورامغا ئەۋەتىدۇ. مۇراېۋ بولسا، ئۇنى تەرجىمان ئارقىلىق سوراققا ئالىدۇ. شۇ چاغدا ئەلچى-ۋەكىل ئۇيغۇرچىلاپ، چارىن خەلقىنىڭ ئۇلارنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقىنىنى، قاچان كېلىدىغانلىغىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىگىنى ئېيتىدۇ. مۇراېۋ بولسا، تەرجىمانىغا: «ئېيت، كۈتۈپ تۇرسۇن، ئىككى كۈندىن كېيىن بارىمىز. شۇ ۋاقىتتا بۇلارنىڭ دەكىسىنى بېرىمىز»، دەيدۇ. تەرجىمان، ئەلۋەتتە، ئاخىرقى جۈملىنى تەرجىمە قىلمايدۇ. ئامما رۇسچە بىلىدىغان ئەلچى دەرھال چارىنغا ئات چاپتۇرۇپ بېرىپ، خەلىقنى خەۋەردار قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتىلا ژۇت ئاقساقاللىرى بىلەن ئاياللار، بالىلار يېزىدىن ئالدىراش چىقىپ كېتىدۇ. ژۈرىگىدە نومۇسى بار ئەرلەر بىرلىشىپ، بار قۇراللىرىنى ئېلىپ، ئۆز خەلقىنى قوغدىماقچى بولۇپ يېقىن يەرگە يوشۇرۇنىدېكەن. مۇراېۋ ئوتريادى چارىنغا كەلگەندە، ئاھالىنىڭ يوقلۇغىنى كۆرۈپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئېكەن».
رۇسلان ئاكىنىڭ ھېكايىسىنى مەن قىزىقىپ تىڭشىدىم. ئىككىمىز كېيىن بۇ ماۋزۇ ھەققىدە ئالاھىدە سۆھبەتلىشىشكە كېلىشكەن ئېدۇق. ئەپسۇس، ئۇ ئاكىمىز بىر ئايدىن كېيىن تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى.
«ئاتۇ» ژىللىرىدا خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى ئابدۇللا روزىباقىېۋ ركپ(ب) يەتتىسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى يېنىدىكى مىللەتلەر ئىشى بويىچە بۆلۈم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېدى. نوۋەتتىن تاشقىرى چاقىرىلغان ژىغىندا ئابدۇللا روزىباقىېۋ قورامدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بولشېۋىكلار تەرىپىدىن قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىغىنى يەتكۈزگەنلىگىنى خەۋەرلەپ، دوكلاد بىلەن سۆزگە چىقىدۇ. بۇ پىكرىمنىڭ ئاساسلىق بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئارخىۋ ماتېرىالىنى ئۆز ئەينىچە، يەنى ئىملا ۋە ئۇسلۇبىنى ساقلىغان ھالدا بېرىشنى توغرا كۆردۈم:
پروتوكول №12. 11 يانۋاريا 1919گ. 3. زاياۋلېنىې گراژدان كورامسكوي ۋولوستى ئوتنوسىتېلنو نارۇشېننىخ كازاچىم مياتېژېم ۋزاىمووتنوشېنىى مېژدۇ ناцئىونالنوستيامى. 3). ئا. روزىباكىېۋ دولوژىل كوللېگىى زاياۋلېنىې گراژدان كورامسكوي ۋولوستى ئو رازلىچنىخ پرىتېسنېنىياخ سو ستورونى رۇسسكوگو ناسېلېنىيا، نېپراۋىلنىخ دېيستۋىياخ دولژنوستنىخ لىц ئى ۋووبщئې ئو نارۇщئېنىياخ كازاچىم ۋوسستانىېم ۋزاىمووتنوشېنىى مېژدۇ ناцئىونالنوستيامى. پو ۋىسلۇشانىى ئى ئوبسۇژدېنىى эتوگو زاياۋلېنىى كوللېگىيا ناخودىت نېوبخودىمىم دليا ئۇرېگۇلىروۋانىى ۋزاىمووتنوشېنىى مېژدۇ ناцئىيامى ۋوستوچنوي چاستى ۋېرنېنسكوگو ئۇېزدا، ۋووبщئې، رازرېشېنىيا ۋسېخ نېدورازۇمېنىى ۋىزۋاننىخ كازاچىم مياتېژېم، پرېدلوژىت چلېنۇ كوللېگىى ئابدۇللا روزىباكىېۋۇ نېمېدلېننو ۋىېخات نا مېستا ۋمېستې س پرېدستوۋىتېليامى – ئودنىم ئوت ئۇىسپولكوما، ئودنىم ئوت پارتىى بولشېۋىكوۋ ئى دۋۇميا ئوت چرېزۋىچاينوي سلېدستۋېننوي كومىسسىى، ئونى دولژنى پوسېتىت ۋولوستى: كورامسكۇيۇ، مالىباېۋسكۇيۇ، سيۇگىتىنسكۇيۇ، ۋېرخنې-چىلىكسكۇيۇ ئى كاراسۇيسكۇيۇ، پرىچېم دليا ئوخرانى ۋىېزژايۇщئىخ پروسىت ناچالنىكا ئوخرانى ئوبلاستى كوماندىروۋات ك نىم ترېخ كونۋوينىخ ئىز эسكودرونا.(ئاوگا. ف.489،ئوپ.1، د.5)
*ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى*
1919-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى 12-نومۇرلۇق كېلىشىم. 3). ئا .روزىباكىيېۋ پۇقرالارنىڭ روسىيە نوپۇسىنىڭ ھەر خىل زۇلۇملىرى، ئەمەلدارلارنىڭ نامۇۋاپىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئادەتتە كازاك قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدە قورام پۇقرالىرىنىڭ باياناتىنى دوكلات قىلدى. ئالىي مەكتەپ بۇ باياناتنى ئاڭلىغان ۋە مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن، ۋېرنېنسكىي رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى، ئومۇمەن، كازاك قوزغىلاڭلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلىشنى، كوللىكتىپ ئەزا ئابدۇللا روزىباكىيېۋنىڭ ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە نەق مەيدانغا بېرىشىنى، ئۇلار ئىجرائىيە ھەيىتىنىڭ ئىككى ئەزاسى، بولۇسلار: كورام، مالىباي، سۇگىتى،، يەركەنت-چىلەك ۋە كاراسۇ ۋە رايون بىخەتەرلىك باشلىقىدىن بۇ ئەترەتتىن ئۇلارغا ئۈچ قوغدىغۇچى ئەۋەتىپ، ئايرىلغانلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ. (ئاوگا. ف. 489، ئوپ. 1، د. 5)
مىللەتلەر ئىشى بويىچە بۆلۈمگە كوللېگىيا ئەزالىرىنى سايلاش ژىغىنى 1918-ژىلى 2-دېكابردا ئۆتكەنلىگىنى ئىناۋەتكە ئالساق، مەتبۇات، مەكتەپ، تەرجىمە ئىشى، كىتاپخانا مەسىلىلىرى ۋە ئۇلاردا ئىشلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى قاراشتۇرۇش بويىچە ئاز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ ئۈلگەردى. ئارىدا بىر ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا روزىباقىېۋ قورامدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئاڭلاپ، ئۇنى دەرھال تەكشۈرۈش توغرىسىدا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئابدۇللىنىڭ قايغۇلۇق ۋاقىەدىن خەۋەردار بولغانلىغىنى تۆۋەندىكى قۇرلاردىنمۇ كۆرۈشكە بولىدۇ: «…پوسلې ۋىياسنىلوس – ئىز راسسترېلياننىخ ئۇ رېكى 2000 چېلوۋېك، ئون، ئېدىنستۋېننىي، ئوستالسيا ۋ ژىۋىخ. ئوب эتوم كروۋاۋوم راسسترېلې مۇناۋار ئى راسسكازال پوتوم سېلچانام. ئا چېرېز مېسياц ك نىم ۋ كىىكباي پرىېخال رېۋوليۇцئىونېر ئا. روزىباكىېۋ، مۇناۋار ئى ئېمۇ راسسكازال. چېرېز نېسكولكو لېت مۇناۋار پوۋېدال ئوب эتوي ئىستورىى ئى دۋويۇرودنومۇ براتۇ ئابدۇللى – ماژىتۇ روزىباكىېۋۇ. پرىمېرنو تاك ژې، كاك ۋ كىىكبايې، بىلو راسسترېليانو پو دۋې-ترى تىسياچى چېلوۋېك ۋ سېلاخ كورام، كاراتۇرۇك، لاۋار، مالىباي، بايسېىت. زا چىلىكوم، نا بېرېگۇ ئودنوىمېننوي رېكى، پود كوماندوۋانىېم ساموگو مۇراېۋا ئىسترېبلېنو ئىز پۇلېمېتوۋ بولېې شېستى تىسياچى.»
تەرجىمىسى:
«… كېيىن مەلۇم بولۇشىچە، دەرياغا قارىتىپ ئوق چىقارغان 2000 ئادەم ئىچىدە ئۇ بىردىنبىر ھايات قالغان. مۇناۋار كېيىن كەنتتىكىلەرگە بۇ قانلىق ئۆلۈم جازاسىنى سۆزلەپ بەرگەن. بىر ئايدىن كېيىن، ئىنقىلابچى ئا. روزىباكىيېۋ كىيىكبايدا ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلگەن، مۇناۋار ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، مۇناۋار ئابدۇللانىڭ نەۋرە ئاكىسى ماجىت روزىباكىيغا ئوخشاش ئۈچ خىل ھېكايە بىلەن ئوخشاش. مىڭ كىشى قورام، قاراتۇرۇك، لاۋار، مالىباي ۋە بايسېيىت يېزىلىرىدا ئېتىۋېتىلدى، ئوخشاش ئىسىمدىكى دەريا قىرغىقىدىكى چىلەكنىڭ سىرتىدا، ئالتە مىڭدىن ئارتۇق كىشى مۇرايېۋنىڭ قوماندانلىقىدا ئاپتومات بىلەن يوقىتىلدى ». (مۇكان ژۇبانىشۇلى، «سرېد بېلا دنيا»، «پروستور» ژۇرنالى)
ژۇقۇرىدا كەلتۈرۈلگەن بۇ مەلۇماتلار ئابدۇللا روزىباقىېۋنىڭ «ئاتۇ» پاجىەسىنى توختىتىشقا بېۋاسىتە ئارىلاشقانلىغىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە بۈگۈنكى كۈڭە قەدەر ئۇ توغرىلىق موجۇت بولغان ھەرخىل پىكىر، تالاش-تارتىشلارغا چېكىت قويىدۇ دەپ ئويلايمىز.
مىنەمجان ئاسىموۋ.
«ئۇيغۇر ئاۋازى»، 19.07.2013.