Пятница, 22 ноября, 2024
АммибабУйғурлар

Awut Masimov

ئاۋۇت مەسىموۋ
قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى.

«بۇغۇلدا سەن، دۇتارىم، ئۈنۈڭ زادى ئۆچمىسۇن…»

دۇتار

گەۋھەرىم سەن يوغان باش، ئۇزۇن ساپلىق دۇتارىم،
ئۆي تۆرىنىڭ مېھمىنى، ئامان بولغىن ئىلايىم!
مىراس قالغان ئەجداتتىن، دۇتارىم سەن، قوش تارىم.
توپا بېسىپ ياتمىغىن، سايرا، تىنماي، ھەردايىم.

مىللىتىمنىڭ دەردىنى، مۇڭغا سېلىپ ئېيتقىن سەن.
باتۇر ئۇيغۇر بولۇشنى، دىللارغا ھەم سەپكىن سەن.
ئوتتۇز ئوغۇل مەشرەپنى قىزىتقىن سەن، گۈلى سەن،
دەردى تولا خەلقىمنى، بەزلە، كۆڭلىن خۇش ئەت سەن.

بۇغۇلدا سەن، دۇتارىم، ئۈنۈڭ زادى ئۆچمىسۇن.
كۆك بۆرىنىڭ ئەۋلادىن، ھۇۋلات، تېچلا ياتمىسۇن.
قاتقان كۆڭۈل، دىللارغا، قۇياش نۇرى سېپىلسۇن،
ئوخاتقىن ئەۋلادىمنى، غەپلەتتە ئۇ ياتمىسۇن!؟

تۇتقۇزما سەن سېپىڭنى، سىيپاتما ھەم بېشىڭنى،
پاسكىنىغا، ساتقۇنغا — ئۇنسۇر دۈشمەن ھەم ياتقا.
بىرىڭ زىلۋا ئاۋازلىق، يەنە بىرسىڭ بومبوم تار،
بىرلەشسەڭلار ئىككىڭلار، تەخىت بولار بىزگە يار!

ئۇلۇق قازاق دىيارىم
(خورغا بېغىشلانغان ناخشا مەتىنى)

ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، تۇرۇڭلار دوستلار،
قولنى مەككەم تۇتۇڭلار، تۇتۇڭلار دوستلار.
بىر بىرىڭنىڭ كۆزىگە، كۆزىگە دوستلار،
ئىللىق چىراي قاراڭلار، قاراڭلار دوستلار.

قول ئېلىشتىڭ مەڭگۈگە، مەڭگۈگە دوستلار،
بۇ دوستلۇق ئىپادىسى، نىشانى دوستلار.
چىڭ قىسىلغان بارماقلار، بارماقلار دوستلار،
ئايرىلمىسۇن مەڭگۈگە مەڭگۈگە دوستلار.

ئەسكىلىكنى تاشلايلى، تاشلايلى دوستلار،
يېڭىلىقنى باشلايلى، باشلايلى دوستلار.
چوڭنى چوڭچە ھۆرمەتلەپ، قەدىرلەپ دوستلار،
كىچىكلەرگە قول بېرىپ، ئۆتەيلى دوستلار.

ئۇلۇق قازاق دىيارى، دىيارى دوستلار،
ئىتتىپاقلىق ماكانى، ماكانى دوستلار.
قېرىنداشلىق دوستلۇقنى، دوستلۇقنى دوستلار،
قەدىرلەيلى مەڭگۈگە، مەڭگۈگە دوستلار.

كۆك بايرىغىم يەلپىسۇن، يەلپىسۇن دوستلار،
مېنىڭ، سېنىڭ بەختىمگە، بەختىمگە دوستلار.
زامانىمىز تېچ بولسۇن، تېچ بولسۇن دوستلار،
كۆرمەيلى غەم-قايغۇنى، قايغۇنى دوستلار.

قار لەيلىسى

قار لەيلىسى – كۇچۇلا،
ئاق دەستىخان يېيىپتۇ.
توڭلاپ قالغان قىرلارغا–
دىلغا نۇرلار چېچىپتۇ.
قار ئەركىسى – كۇچۇلا،
ساڭا بار بىر سوالىم،
ئېيتقىن ئوچۇق، يوشۇرما،
ئاڭلاپ قالسۇن دوستلىرىم.
ھەر ژىلىلا بېغىمدا،
ياڭزا گۈللەر ئېچىلار.
سېنىمۇ نەچچە تەردىم،
ھەجەپ سەن گۈل بەرمىدىڭ؟
يە،
ئاياق ئىزى چۈشمىگەن،
دەسسىلىپ، چىڭدالمىغان،
قىر بىلەن ئىدىرلارنى.
كەڭ دالا، تازا ھاۋا،
ئازاتلىق ھەم ھۇرلۇقنى،
باغدىكى تار تاختىغا،
قورشالغان تار قەپەزگە،
تېگىشكۈڭ يوقمۇ، لەيلى؟
بوپتۇ، لەيلى، ئاق لەيلى،
ھەر ژىلى گۈللە مەيلى.
سوغلاردا ئۈششۈپ كەتمەي،
چىداملىق بولغىن، لەيلى،
سەھەردە خۇش ئېچىلىپ،
خەلقىمگە ئۈمۈت بېرىپ،
ۋەتەن دەپ ھەم ئەركىنلىك،
ياخشىلىق تىلە، لەيلى.

ئال، دوستۇم…
(ناخشا مەتىنى)

ئال، دوستۇم، قولۇڭغا دۇتار، تەمبىرنى-ساتارنى،
چالغىنا خەلقىمنىڭ گىمنى، سازىنى.
مۇز باسقان دىللارنى، خىيال ئويلارنى-ئويلارنى،
ئېرىتىپ، سۆزلەتكىن، ئويغات دىللارنى.

ئال، دوستۇم، قولۇڭغا، دۇتار، تەمبىرنى-ساتارنى،
قاتايلى ناخشىغا غېنى، سادىرنى.
باتۇرلار روھلىرى قوللاپ ئەۋلاتنى-ئەۋلاتنى،
ئىنتىقام ئېلىشقا باشلار ئۇيغۇرنى.

جان دوستۇم، جاپاكەش خەلقىم ئارمىنى-ئارمىنى،
بىر كۆرۈش ۋەتەننى، مۇستەقىل ئەلنى.
يەلپۈگەن ئاي يۇلتۇز كۆپ كۆك بايراقنى-بايراقنى،
قوللاردا چىڭ تۇتۇپ ئۆتۈش ئارمىنى-ئارمىنى.

سوغۇلمىغاي بۇلىغى دانالىقنىڭ
(داستان)

كۆپ ژىللار ئىلگىرى مەكتەپتە، ئۆيدە،
ئوقۇغان ئىجاتكار كىتاپلىرىنى.
بەخنىيازوۋ ھېزىم، مۇڭلۇق باقىېۋ،
ئىلىيا بەختىيا ئىسىملىرىنى.

ئاچىنوقا ژۇتى ئەزىز جانلارنىڭ،
كىندىك قان تامچىغان جاھانى ئېكەن.
تاغ سۈيى، ھاۋاسى ئىلھام بېغىشلاپ،
يىلتىزىن بۇ ژۇتقا چىڭ تارتقان ئېكەن.

بىلمىگەن ئېكەنمەن ئەزىز ئاكىلار،
ئەجدادى زۇلۇملار ئاستىدا ئۆتكەن.
ھە دېسە، باسقۇنچى، قالماقلار كىرىپ،
مال مۈلكىن، ئوزۇغىن تارتىپ ھەم كەتكەن.

قالماقنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا ياشاپ،
قىينالغان، دەرت كۆرگەن مىللەتلەر كۆپكەن.
تاغ باغرى، يېزىلىق ئۇيغۇر، قازاقلار،
شۇ زۇلۇم، ئوقۇبەت قۇرۋانلىرىكەن.

تالاي ژىل ئىلگىرى بىر توپ تالانتلار،
بەختىنى ژىراقتىن ئىزدىگەن ئېكەن.
شىپالىق ساپ ھاۋا، تاغنىڭ باغرىنى،
كۆك ئىسلىق شەھەرگە تېگىشكەن ئېكەن.

ئىلىيا خادىم «ئۇيغۇر ئاۋازىدا»،
مۇڭلۇق باقىېۋ تەرجىمان بولغان.
ئۇلارغا يېشى چوڭ، مېھرىۋان ئاكا،
بەخنىياز ھېزىمزە باش پانا ئېكەن.

بەخنىياز ھېزىمنىڭ كۆرمىگىنى «بەش»،
قونالغۇ ئۆيلىرى دايىم بولغان لەش.
بېشىدىن ئۆتكەشكە جاپا-ماشاقەت،
ئىككىسىگە كۆيۈمچان بولغانكەن ژۇتداش.

تاشكەنتتە ئوقۇدى، ساگۇ دېگەندە،
شەرىقنىڭ غەزىلىن ئۈگىنىپ چوڭقۇر.
غەزەلخان ئاتىلىپ ئۇيغۇر ئىچىدە،
ھۆرمەتكە يېتىشتى بەخنىياز «چوقۇر».

يېتىشتىم دېگەندە قېرىنداش، دوستقا،
قۇياش كەبى ئوغۇل، ئايدەك قىزىغا،
باجىلىرى مەھەمەت*، مىنەمجانغا*،
خەپ، ئۆزى كېتىپ قالدى باقىيلىققا.

كىچىكمۇسەن، چوڭمۇسەن، چاقچاق قىلىپ،
كۈلكىگە ئايلاندۇرغان خاپىلىقنى،
ئاق كۆڭۈل، دىلكەشلىكنى ھەمرا تۇتۇپ،
ھېچ بىر سۆزگە بەخنىياز رەنجىمىگەن.

بۇ ئۇنىڭ ئەجايىپ خىسلىتى ئېدى،
ئىككىنچى خىسلىتى كۆينىگىگە خاس.
ئاق كۆينەك، كۆك كۆينەك، قىزىل كىيسىمۇ،
گەل تۈگمە ئىلىدۇ، گالستۇك تاقىماس.

ئۈچىنچى خىسلىتى ئۆزىگىلا ماس،
چەككەندى تاماكا «قازاقستان» ناملىق.
سورىغان ئادەمگە زادى يوق دېمەس،
كۆرسىتەر تارتمىسىن يازما ئۈستەلنىڭ.

كۆرگەنمەن بەخنىياز يازغان ئۈستەلنى،
ھەم مۇڭلۇق باقىېۋ ئولتارغان جاينى.
بىرىنىڭ تارتمىسى غەزەل ئوردىسى،
ئىككىنچى تارتمىدا – دراما ھەم رومان.

ئۇزۇن ژىل ئىلگىرى، مەلىدە بولۇپ،
ئەزىزلەر ئۆيلىرىن ئارىلاپ چىققان.
بەختىيا ئولتىرىپ شېىرلار يازغان،
قارا تاش سۇپىنى ھەم سىيپاپ كۆرگەن.

تاغمۇ تاغ مەن ئېشىپ، سەلىم چورماقنىڭ،
ئۆيىدە، بېغىدا، مېھماندا بولغان.
شۇ باغدا بوينىغا تۇمار ئاسقان بىر،
گۆزەلنى بالبال تاش ھەيكەلدە كۆرگەن.

ئوردېنلىق سەلىمبەگ باغنى ھايداتسا،
سوقىغا ئىلىنىپ چىقىپتۇ شۇ تاش.
كىم ئويغان، كىم سالغان بىلمەيدۇ ھېچ كىم،
ھازىر سورىسام، «يوقاپتۇ» ئۇ باش.

تاغ باغرى، داۋانلار ئاتلاپ يەنە بىز،
تاش تىزىپ سىزىلغان چەمبەرلەر كۆرگەن.
نېمە بۇ، قەبىرمۇ، ئۆينىڭ ھۇلىمۇ،
مۆجۈزە چەمبەرنى كىم تىزىپ، سىزغان؟

ژۇت دېسە ئۇنتۇغاق يېگەن، ئىچكىنىن،
سەپەردە توختاسۇن بىزگە باش بولغان.
خەيرۇللام ئىسىملىق ئەجايىپ بىر جان،
ھامىيلىق قىلىپ، ھەم، دەستىخان يايغان.

«ئاچىنوقا» ناخشىسىن ياڭراتقان ئون رەت،
دۆلەتوۋ باجىسى داۋۇتوۋ پەرھات.
تاغ ئۈستى، ساپ ھاۋا، ئوچۇقچىلىقتا،
بۇ ناخشا كەتكەن ھەم چېگارا ئاتلاپ.

شاىرلار تۇغۇلغان سوقما تاملارنىڭ،
بۈگۈنزە ئورنىدا چىرايلىق ئۆيلەر.
قۇرۇلۇش ئىشلىرى باشلانغان جاينىڭ،
يېنىدا ئورازالىن نۇرلان تۇرغان ئۆي.

شاىر، يازغۇچى، جەمىيەت ئەربابى،
سېناتور بولغان مىرقاسىم ئوغلى.
يازغۇچى، شاىرلار ئىتتىپاقىنى،
كۆپ ژىللار باشقۇرغان قازاقنىڭ ئوغلى.

كۆپ ژىللار ئىسمىنى چاڭ-توپا باسقان،
يەنە بىر باتۇرنىڭ ئۆيىن كۆرسەتتى،
تېيىپوۋ مۆردۈندەك قەھرىمان ئوغلان،
تۇغۇلۇپ بۇ ژۇتتا ئەر يەتكەن ئېكەن.

ئازاتلىق ئالغاچقا قازاق قېرىنداش،
تېيىپوۋ مۆردۈننىڭ ئىسمى نۇرلاندى.
يەنە قانچىمۇ، باتۇر ئوغلانلار،
ناھەقتىن ئۆلدى، مەيداندا قالدى.

تۇغۇلۇپ بۇ ژۇتتا ئەر يەتكەن كىشى،
نۇرۇمنىڭ ئوغلى شايمەردان دېگەن.
چېگارا، كۈزەتتە ئۆتۈپ ھاياتى،
كېيىنكى بەش ژىلى مەجلىستە ئۆتكەن.

كوممۇنار تالىپوۋ ئىسىملىق ژىگىت،
پەلسەپەدىن يېتۈك، ئالىم بولغاندى.
ئۇرۇش باتۇرى زامانبېك باتتالخان،
ئىلى ناھىيەنى كۆككە كۆتەردى.

ئۇيغۇرنىڭ سەنئىتىن سۆيۈپ چوڭ بولغان،
ساۋۇتژان سونۇروۋ موشۇ ژۇتنىڭكى.
ئەكرەمژان ئەخمەتوۋ دېسىمۇ زالدا،
ياڭرايدۇ چاۋاك، تاماشىبىننىڭكى.

يېقىندا ئاغىنە، دوست بىلەن تويدا،
ئولتىرىپ، گەپلىشىپ، بەسلىشىپ قالدۇق.
بۈگۈنكى «ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىن» ئويلاپ،
پىكىرلەر ئىلكىدە مۇڭدىشىپ قالدۇق.

تاغ باغرى ئاچىنوقا يېزىسىدىن،
چىققانكەن زامانىدا تالاي مەشئەل.
سوغۇلماپتۇ بۇلىغى دانالىقنىڭ،
«ئۇيغۇر ئاۋازىدۇر» شۇنىڭغا مىسال.

ئېرشات ئەسمەتوۋ – باش مۇھەررىر ئېكەن،
ئىۋرايىم باراتوۋ ئورۇنباسارىدۇر،
شەمشىدىن ئايۇپوۋ — بۆلۈم باشلىغى،
يولداش مولوتوۋ — ئىشلەمچان مۇخبىر.

«ماتا»، «چاقماق»، «كىندىك»، «پەنجىر»، «بايۋەچچە»،
«سۈپ تاش»، «ئايدىڭ»، «ئۈڭكۈر» ھەمدە «داۋۇز تاش»،
«ئىڭىرچاق» ھەم «ژېلدى گېزەڭ»، «توشقانلىق»،
«پەندى»، «ئېيىق»، «تېرەك ساي» ۋە «پىيازلىق»،

«قۇش ئۇگىسى»، «توپچا»، «ژىرقاي»، «ماي تۆپە»،
«لاڭقا»، «تاللىق»، «ئۇچۇن»، «باغ» ھەم «تاش قورا»،
«غوجا ئۆڭكۈر»، «قىدىر يايلاق»، «كۆك ئۆزېڭ»،
«راماقۇل» ھەم «قىزىل تام»، «قىيسىق مولا»،

«شاۋقا»، «كۆكساي»، «بوستان قورغان» غوللىرى،
«پاتقاقلىق»، «سەكرەتمە»، «شامال»، تۆشۈك يار،
«يالغۇز قارىغاي»، «قىر يول» ھەم «توقا داۋان»،
سۈيى سۈزۈك، مېيىزلىك، «سوغ بۇلاقمۇ» بار.

«قارا چوققا»، «قىشلاق يېزا»، «ئۆشكىلىك»،
«ھارۋۇ غۇلىغان»، «ئۇلۇق غوجام مازارى»،
«غالجات ئېغىز»، «ئىككى ئاچا» ھەم «چۈڭكۈت».
ئاچىنوقا مەلىسىنىڭ تارىخى.

تالاي ژىل باھار-كۈز چوپاننى ژىققان،
داڭقى مول «چالكۆدە» موشۇ يەردىدۇر.
تاپ-تازا ھاۋاسى، سۈزۈك سۈيىمۇ،
دىللارنى باغلىغان چارباغ ئۆزىدۇر.

ئۇزۇن ژىللار كۆلەڭگىدە سەن قالغان،
بەل يېزىسى ئاچىنوقا ئامان بول.
بۇلاق بولۇپ تالانتلارنى كۆپ بەرگەن،
سوغۇلمىغاي قۇدۇقلىرىڭ ھامان بول!

ئىلاۋە:
ھەي، قاياش، ئىسمىڭنى ئۇنتۇغان بولسام،
كەچۈرگىن سەن مېنى، زامانداش، قۇرداش،
مىللىتىڭ ئامانۇ، روھىڭ چۈشەرمە،
تېپىلىپ قالىدۇ يازغىدەك قانداش.

ھۇر پەرىلەر
(ناخشا مەتىنى)

ھىدى كېلۇر جاھانىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلى دىيارنىڭ،
چۈشسە مامۇق، يۇمشاق بېسىپ ھۇر پەرىلەر سەنەمگە.
گۆزەللىككە ئاشىق-تەشنا قېدىم خەلقىم ئۇيغۇرۇم،
كۆرۈپ ئۇنتار، دەرت-ھەسرەتنى سۈڭگۈپ ئارمان ئېلىگە.

ئويناڭ، ئويناڭ، قاس-قاس ئويناڭ، گۆزەللەر، ھۇر پەرىلەر،
ئاشىق جانلار ئارام ئالسۇن پەيزىڭدىن ھۇر پەرىلەر.
ئىللىق چىراي، ساپ كۈلكىڭىز ژۈرەكتە ھۇر پەرىلەر،
سۆيگۈ ئوتىن ياندۇرىدۇ گۆزەللەر ھۇر پەرىلەر.

تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىم نازۇك بەللەر ھۇر پەرىنىڭ،
چېھرىسىدىن نازلىق كۈلكە كەتمەيدۇ ھۇر پەرىنىڭ.
قالىغاچنىڭ قانىتىدەك قاشلىرى ھۇر پەرىنىڭ،
تارام-تارام سۇمبۇل ساچى تولغىنار ھۇر پەرىنىڭ.

ھاياتلىق داۋامى سىز، ئەي، گۆزەللەر، ھۇر پەرىلەر،
كۆڭۈللەر ئارامى سىز، ئەي، گۆزەللەر، ھۇر پەرىلەر.
قۇياش كەبى نۇرغا تولغان كۆزلەردىن ھۇر پەرىلەر،
تۇتۇپ ئالاي ھۇرلۇق قۇشىن گۆزەللەر ھۇر پەرىلەر.

ئەلەم ياشلىرى

ھەي، دوستۇم، قۇلاق سال، ئويغان بىر پەسكە،
ئەتراپقا قارىغىن، مىللەتنى ئەسلە.
ئاڭلىنار شەرىقتىن ژىغا ئاۋازى،
قېرىلار، ئانىنىڭ، بوۋاقنىڭ زارى.

ھەي، توۋۋا، بۇ قانداق، ۋەھشى، ئىپلاسلىق،
مېنىڭچە، مەن ئېيتاي، بۇ– چىدىماسلىق.
ئانىنىڭ سۈتىنى سېغىپ ساتقاننى،
كىم كۆردى، ئېيتقىنا، يەر، جاھان باشلىق!؟

ئۇيغۇرنىڭ ژۈرىگى، كۆزىدە ژىغا،
ئۇيغۇرنىڭ كۆكرىگى، دىلىدا ژىغا.
زورلانغان ياش قىزنىڭ، ھەم ياش ژىگىتنىڭ،
قەلبىدە نەپرەت ئۆچمەنلىك، كۆزىدە ژىغا.

دانالار، ھاياتنى كۆرگەن دەيدېكەن،
ئاتاڭدىن ئايرىلساڭ، بىر كۈنلۈك ژىغا،
ئاناڭدىن ئايرىلساڭ، بىر كۈنلۈك ژىغا.
قېرىنداش، قاياشمۇ بىر كۈنلۈك ژىغا،
ئامما دوستۇم،
بىلىپ قوي،
ۋەتەندىن ئايرىلىش –
مەڭگۈلۈك ژىغا!؟

ئەۋلاتقا خىتاپ

ھەي، زامانداش، جان قانداش، ئاچ كۆزۈڭنى، ئويلانغىن،
كەينىڭدىكى كېلەچىگىڭ- ياش ئەۋلاتقا كۆز سالغىن.
بايقىدىڭمۇ، سۆزلىمەيدۇ ھازىر ئۇلار ئۇيغۇرچە،
تىڭشىماس ھەم ئاتا-ئانا، كۆزگە ئىلماس داناسىن،

خىزمەت قىلغۇڭ كەلسە بۈگۈن ئۇيغۇرۇڭغا خەلقىڭگە،
يېتىلىگىن ئەۋلادىڭنى، سەپنى قورقماي سەن باشلا.
مىللىتىڭگە كۆيۈپ-پىشقان مۇشتۇمدەك ژۈرەك بولسا،
مەمەدانلىق، ئىچىتارلىق، زۇغۇيلۇقنى سەن تاشلا!

زامان يامان دەيمىز بىزلەر، ئامما گۇنا ئىنساپنى،
ئۇنتۇپ، دەسسەپ يەكسەن قىلغان خام سۈت ئەمگەن سەن، مەندە.
ئۆزەڭ تويساڭ كۆزۈڭ تويماي ژىغدىڭ كۆپلەپ بايلىقنى،
ئويلىمىدىڭ زادىلا، يالىڭاچ كېپ، كېتىشنى.

ژىگىرمىدىن سەكسەنگىچە ھەممىمىزلا مەمەدان،
تىڭشىمايمىز چوڭ-كىچىكنى، بولدى كۆڭۈل بىزنىڭ تار.
ئاڭلاپ قالساق دىلغا يېقىن يېڭىلىق ھەم خۇش خەۋەر،
چىرايىمىز تۇتۇلىدۇ، قاپاقلاردىن ياغىدۇ قار.

كىيمەيدىغان بولدۇق بىزلەر ئىزا تارتىپ ھال تارتىپ،
ئۇيغۇرۇمنىڭ نىشانىنى چىمەن دوپا تۆرت قىرلىق.
تىزدىن تۆۋەن كۆينەك ھەمدە ئاق ياقلىقنى بىز تاشلاپ،
نىقاپ تارتىپ ئۈزىمىزگە، قارا رەختكە ئوراندۇق.

ھەي، زامانداش، جان قانداش نەگە كېتىپ بارىمىز،
سادىقلىقنى سېتىپ بولدۇق، يوقالدىغۇ ھارىمىز.
ھۆججىتىدە ئۇيغۇر دېگەن مىللىتىم قايماقلىرى،
ئانا تىلدا سۆزلەشتىن، دۇتار چېلىشتىن قالدى.

ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپتە مېنىڭ، سېنىڭ خوشناڭنىڭ،
پەرزەنتلىرى ئوقۇدى، ئانا تىلدا سۆزلىدى،
يانچۇغىدا پۇلى بار ئاكام بىلەن ھەدەمنىڭ،
بالىلىرى چەت ئەلگە — چەت ئەللىك بولدى، كەتتى.

ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا خانۇم-ئايىم ئاتالدى،
بالا بېقىش، تاماق ئېتىش، كىر ژۇيۇشتىن ئۇ قالدى.
ئەتىۋارى بىر تىيىنلىق ئالقىش قەغەز ئېلىشچۈن،
ئۆينى تاشلاپ ژىغىن-سورۇن بەگلىرىگە ئايلاندى.

ئۇيغۇرۇمنىڭ كۆك چۆشۈرى، لەڭمەن، مانتا، سامسىسى،
كېكەچلىگەن ئىنىلارغا ئامەتلەرنى كۆپ بەردى.
تاقاش ئۈچۈن مەيدىسىگە ئوردېن ھەمدە مېدالنى،
ئىنساۋىنى، ۋىژدانىنى ھەم غۇرۇرنى ئۇ ساتتى.

ئوقۇدۇققۇ ھەممىمىزلا فارابىينى، ھەيييامنى،
بالاساغۇن، قەشقەرىي، دانىشمەندىن ئاباينى.
دانالارنىڭ سۆزلىرى قۇلاققا كىردى، چىقتى،
ئەندى ئويلان، ئادەم بول، تۈزە خىيال، پەيلىڭنى.

بار ئېدىغۇ ۋەتەن بىزدە، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقمۇ ھەم،
مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلگەن ئۇيغۇر دېگەن خەلىقمۇ ھەم.
ئورخون يېزىق، مىڭ ئۆي، كارىز، تەكلىماكان چۆللىرى،
سەنئىتىمنىڭ دۇردانىسى ئون ئىككى مۇقام، سازلىرى.

ئۇيغۇرۇم تارىخىدا مىڭ ژىللاپ دۆلەت بولغان،
پادىشا ھەم خانلىرى خەلىقنى ئۇيۇل تۇتقان.
بېشىمىز قوشۇلاتتى، بولاتتى ھەم ئىتتىپاق،
ئارىدىن كېلىپ چىقسا شىر ژۈرەك بىر-باتۇر ئوغلان!

بېيىش ئۆيى

ھەي، قانداش، ئۆمرۈمىز ئۆتۈپ بارىدۇ،
ئارىمىز شالاڭلاپ، ئۆلۈپ بارىدۇ.
قەشقەرىي، ھېزمەتنىڭ، قۇددۇس، زىيانىڭ،
سۆزلىرى ژۈرەكتىن كۆچۈپ بارىدۇ.
ئىنسانلار بايلىق دەپ ئۆلۈپ بارىدۇ،
پۇل ئۈچۈن دوستىنى سېتىپ بارىدۇ.
شاىرلار نە قىلسۇن، چۈشتى سەكراتقا،
بىلگىنىن، كۆرگىنىن يېزىپ بارىدۇ.
ئېسىڭدا بولسۇن دوست، ئارتۇق پۇلۇڭنى،
ئىچ ئۆيدە بېشىڭغا ئېگەم قويغۇزماس.
كۆڭلۈڭنى ھەم ئاشقان ئازدۇ پۇلۇڭنى،
بۆلگىن سەن قېرىنداش، دوست ھەم قاياشقا.
بۇ ئالەم كەڭ ئالەم، ھەممە سېتىلار.
ۋىژدانمۇ، يەرلەرمۇ ھەم قەۋەت ئۆيلەر.
ئېسىڭدا ساقلا، دوست، زادى سېتىلماس،
ئاللاھنىڭ دەرگاھى بېيىشتىن ئۆيلەر.

ئاكام ئېدىڭ
(ناخشا مەتىنى)

پىشماي تۇرۇپ ئۈششۈك ئۇرغان كۈز ئالمىسى سەن بولدىڭغۇ،
بەش كۈنلۈك بۇ كەڭ ئالەمنىڭ مېھمىنى ھەم بوپ قالدىڭغۇ.
تىل تەگدىمۇ، سۆز تەگدىمۇ، يە دۈشمەننىڭ سۆز ئوقىمۇ،
قېرىنداشنىڭ، قاياشنىڭ، سۆيگەن يارنىڭ جا ئوتىمۇ؟

قۇياش كەبى ئوغلۇڭ قالدى، ئايغا قىياس قىزىڭمۇ ھەم،
بىر بىرىدىن تاتلىق ئوماق نەۋرىلىرىڭ ژۈرەر ھەمدەم.
كۆڭلى يېرىم بولدى بۈگۈن ئاتا-ئانا، قېرىنداشنىڭ،
قارا قازان بۆلەك بولغان دوست-ياراننىڭ كۆڭلىدە غەم.

بىر قوساقنى ھەمرا قىلغان باغرىم ئۆزەڭ، ئاكام ئېدىڭ،
پارچە ناننى بۆلۈپ يېگەن قىيامەتلىك ئاكام ئېدىڭ.
قارا قاشلىق، سۇمبۇل چاچلىق بەك چىرايلىق ئاكام ئېدىڭ.
نازۇك ئۈنلۈك، ھەسەل سۆزلۈك باغرىم ئۆزەڭ، ئاكام ئېدىڭ.

ياشلىغىم
(ناخشا مەتىنى)

ياشلىغىم بىر غۇنچە گۈلۈم،
دىلىم خوشال يايرايمەن.
ئانا ۋەتەن باغلارىدا،
بۇلبۇل بولۇپ سايرايمەن.

قايتارمىسى:
ئەزىز ئاتا، ئەزىز ئانا،
يېنىمدا بولسا،
گۈلزارلاردا ھادۇق ئېلىپ،
ئوينارمەن شۇندا.
ئەزىز ئاتا، ئەزىز ئانا،
تىرەگىم بولسا.
قارلىغاچتەك پەرۋاز قىلىپ،
ئۇچارمەن شۇندا.

ئوتلۇق ژۈرەك ئىلھام قېقىپ،
چالدىم قەلبىم تارىنى.
دوسلىرىمغا سوغا قىلدىم،
كۆڭلۈمدىكى بارىنى.

قايتارمىسى:
ئەزىز ئاتا، ئەزىز ئانا،
يېنىمدا بولسا،
گۈلزارلاردا ھادۇق ئېلىپ،
ئوينارمەن شۇندا.
ئەزىز ئاتا، ئەزىز ئانا،
تىرەگىم بولسا.
قارلىغاچتەك پەرۋاز قىلىپ،
ئۇچارمەن شۇندا.

قاراتۇرۇق — ژاھانىم
(ناخشا مەتىنى)

ئەژداتلىرىم ئىزلىرى قالغان،
ژۇت ئۆملۈگى بەكمۇ ياراشقان. 2
تاجۇ-تەختىم بەختىم ئاتالغان،
قاراتۇرۇق ئۇلۇق جاي بىلس-ئەڭ -ئەڭ. 2

قايتارمىسى:
مەرت-مەردانە ژىگىت-قىزلىرى،
دانا ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى. 2
تىل تۇمارىم بەرىكىتىم،
قاراتۇرۇق جاھانىم. 2

ئىژاتكارى ھۆرمەتكە يەتكەن،
سەنئەتكارى ئەلگە نامايەن. 2
مەرىپەتنىڭ كانى ئاتالغان،
قاراتۇرۇق ئۇلۇق جاي بىلس-ئەڭ-ئەڭ. 2

قايتارمىسى:
مەرت-مەردانە ژىگىت-قىزلىرى،
دانا ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى. 2
تىل تۇمارىم بەرىكىتىم،
قاراتۇرۇق جاھانىم. 2

لۇتپۇللىنىڭ روھى ئۆچمىگەن،
گاھاپ، پولات ئىمانى ئايان. 2
غازى ھاجىم دىلنى يورۇتقان،
قاراتۇرۇق ئۇلۇق جاي بىلس-ئەڭ-ئەڭ. 2

قايتارمىسى:
مەرت-مەردانە ژىگىت-قىزلىرى،
دانا ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى. 2
تىل تۇمارىم بەرىكىتىم،
قاراتۇرۇق جاھانىم. 2

ئانا مەكتەپ
(مەكتەپ گىمنى)

ئانا تىلىن ئەزىزلىگەن، تۇغ تۇتقان،
مۇرات ھەمرا نامىدىكى مەكتىۋىم.
ھەسەل سۆزلۈك، قۇياش نۇرلۇق ئۇستازلار،
مېھرىن بېرىپ، ئەجرىن تۆككەن مەكتىۋىم!

قايتارمىسى:
تارىخىم داۋامى سەن – ئانا مەكتەپ ،
ئەجداتلار ئارمىنى سەن — ئانا مەكتەپ،
ئۇيغۇرۇم غۇرۇرى سەن — ئانا مەكتەپ،
كېلەچەك ئۈمۈتىم سەن — ئانا مەكتەپ، دانا مەكتەپ!

خەلقىمنىڭ كېلەچىگى ئانا مەكتەپ،
ئەلا ئوقۇش دىلدىكى ئالىي مەخسەت.
ماھمۇت قەشقەر، مۇرات، بىلال، خاس ھاجىپ،
ناۋاىيلار بولماس ئۈچۈن خىجالەت.

قايتارمىسى:
تارىخىم داۋامى سەن – ئانا مەكتەپ،
ئەژداتلار ئارمىنى سەن — ئانا مەكتەپ،
ئۇيغۇرۇم غۇرۇرى سەن — ئانا مەكتەپ،
كېلەچەك ئۈمۈتىم سەن – ئانا مەكتەپ، دانا مەكتەپ!

سىڭلىمغا

جاپانى تولا تارتقان، مېھرىۋان ھەم كۆيۈمچان،
مېنىڭ سىڭلىم مېلىكەم، كىرىپ قاپتۇ ئاتمىشقا.
بالا-جاقا، دوستلارنىڭ، ئۇرۇق-تۇققان تىلىگى،
ئولتىرايلى تويلاردا، كەلگەندە ئۇ يەتمىشكە.

ئاتمىشقا سەن تولغىچە، تارتتىڭ كۆپلەپ جاپانى،
كۆردىڭ ئاتام كۆرمىگەن، ژىراق ژۇتنى، سۈمبىنى.
سۆيگەن يارىڭ بەكراخۇن، سېنى نەگە چاقىرسا،
ياق دېمەستىن سەن كىردىڭ، ئوتقىمۇ ھەم سوغ سۇغا.

ئاتمىش ياشلىق ئۆمرۈڭدە، ئايرىلدىڭ سەن ئاناڭدىن،
مېھرىڭنى سەن كۆپ تۆككەن، قېرىندىشىڭ ئاكاڭدىن.
ھەممىدىن ئېغىر بولدى، ئايرىلىش جۈپ تارىڭدىن،
ئىللىق سېزىم، مۇھەببەت، بەرگەن ساڭا يارىڭدىن.

ئانىسىن، قېرىندىشىن، بۆلەپ ئىللىق سېزىمگە،
بەكراخۇننىڭ چىرىغىن، ياندۇرۇپ سەن كېلىسەن.
شۇڭا تىلەك ئىنىسى، ھۆرمەت قىلىپ ھەدەم دەپ،
يوقلاپ تۇرار سېنى پات، ساىدەمنى قىزىم دەپ.

جېنىم سىڭلىم، جىگەرىم، سەن مەسىموۋ ئەۋلادى،
باۋدۇن بوۋاي يۈسۈپوۋ، ئەۋلادىڭنىڭ داۋامى.
قۇدىچىلىق رىشتىسى بۇزۇلمىغاي ھېچ قاچان،
پاراۋەنلىك تۇرمۇشتا قول تۇتۇشۇپ ئۆتەيلى.

ساىدا، قىزىڭمۇ ھەم چوڭ بوپتۇ ئەقىل كىرىپ،
قېرىنداش، قاياشلارنى، دەستىخانغا كەڭ، ژىغىپ.
ئىنساپلىق بولسۇن بۇ يان، كۈيوغلۇڭ سېرگېي بىلەن،
تەمتىلەپ مېڭىپ قالغان ئالان ئىسىملىق نەۋرەڭ.

يېشىڭغا ياش قوشۇلسۇن، ئاغرىما، ساغلام بولغىن،
يەتمىشتە يېتىپ قالما، ژۈگرىگىن، تىمەن بولغىن.
سەكسەندىن سەكرەپ ئۆتۈپ، توخسەندە توختاپ قالماي،
يۈز ياشتا رېستوراندا، سەن تۆردە تىك ئولتارغىن.

تۇپراق بېشىدا

كۆپ بوپتۇ كەلمىگەن ئېكەنمەن سايغا،
جان بېقىش كويىدا ئىشلەپ مەن بايغا.
تاڭ قالما، سۆزۈمگە، ئويۇمغا دوستۇم،
ھەق، ئاخىرقى ۋاقىتتا، ئىشلىگىنىم ياتقا.

بۇ سايدا ئەجدادىم، تومۇرىم ياتۇر،
بوۋا-مومىلار –تالاي، كۆپ باتۇر.
ھاياتنىڭ بىر كۈنلۈك دۆلىتىن كۆرمەي،
تۇغۇلۇپ، چاچرىغان بوۋاقمۇ ياتۇر.

ئاينىڭ ئورنىغا قىپ قىزىل بەش يۇلتۇز،
ئورناتقان تۇپراقتا ياتۇر ۋېتېران.
ژىگىرمە يېشىدا فرونتقا ئاتلىنىپ،
بىر پۇت-قول، تىلىدىن جەڭدە ئايرىلغان.

چۈشۈپتۇ فاشىستنىڭ ئەسىر-قولىغا،
قولىنى، پۇتىنى ئوق چاققان سولدات،
ئالالماي ئۇنىڭدىن يېڭى مەلۇمات،
كەسكەنكەن تىلىنى ئېيتسىمۇ ۋاي، دات.

بىز كىچىك، بىلمەستىن، چولاق دەپتىمىز،
ھاسىغا تايىنسا، توكۇ دەپتىمىز.
سۆزلىمەي، بارماقتا شەرەتلەر قىلسا،
ئويلانماي بىز ئۇنى كېكەچ دەپتىمىز.

مونۇ تۇپراقتا ھە، يازغۇچى ياتۇر،
يەنە بىرسىدە شاىرىمىز باتۇر.
تاختايغا يېزىلغان ئىسمى ئۆچۈپتۇ،
ھە، راستلا، بۇ يەردە چوڭ ئالىم ياتۇر.

بۈگۈنزە بۆلەكچە قارىدىم سايغا،
تولۇپتۇ ئويمان-ساي بالبال باشلارغا.
رەسىملەر سىزىلىپ، يېزىق يېزىپتۇ،
ئاق، قارا، قىزىل ھەم چىپار تاشلارغا.

مەرمەرنىڭ ھەر خىلى، تۆمۈرنىڭ تۈرى،
قورشاپتۇ تومپايغان تۇپراق ئۈستىنى.
رەڭمۇ رەڭ خىشلاردىن تىزىلغان سېپىل،
چۆرەدەپ قورشاپتۇ، دۆڭ ئەتراپىنى.

دەۋرىمىز ئۇتۇغى گاز بىلەن يورۇق،
تارتىلسا بۇ يەرگە شەھەر بولغۇسى.
بىراقتا ئۆلۈككە كېرەكمۇ شۇلار،
ئويلىنىپ كۆردۇقمۇ ئەي، قانداش دوستلار.

پۇل بولسا يانچۇقتا، جاڭگالدا شوۋا،
دېگىنى چوڭلارنىڭ بولغانمۇ توغرا.
ئۆلچەگلىك ئىككىدە ئىككىگە يەرگە،
قۇرغىنى نېمىسى خىشتىن چوڭ بېنا؟

خام سۈتنىڭ تەمىنى تارتقان ئىنسانمىز،
ھەم دەۋىر تەپتىدە پىشقان بەندىمىز.
ياراتقان ئېگەمگە شۈكرى قىلماستىن،
ماختىنىپ، ھۈرپەيگەن، مەخلۇق نادان بىز.

ئادەم بول، تۈزىگىن نىيەت پەيلىڭنى،
بېيىشتىن ئۆي ئېلىپ، ياشايمەن دېسەڭ.
ئاپارما ھەرەمگە ئاتا- ئاناڭنى،
ئۇلارغا يېتىدۇ ئىللىق سۆز بىلسەڭ.

جېنىم قانداش — تاپقان، ئاشقان پۇلۇڭنى،
خەشلىگىن، ئىشلەتكىن قېرىنداشلارغا.
مىللەتنىڭ تىلىنى، غېمىنى يېگەن،
مۇەللىم، شاىر ھەم يازغۇچى دوستقا.

تىلىڭنى، دىلىڭنى، مىللەتلىگىڭنى،
تونۇتۇپ، ساقلايدۇ، شاىر-يازغۇچى.
بىر كىتاپ چىقىرىشقا قىلساڭ سەن ياردەم،
ئېچىلدى دەلىۋەر بېيىش ئىشىگى…

ژۈرىگىم
(دوختۇرخانىدا ياتقاندا تۇغۇلغان ئوي)

مايلىق تاماق كۆپىرەك، يەپ قويدۇممۇ مەن نېمە؟
مەيدەم كۆيۈپ بىر قىسما، بولۇپ تۇرار ژۈرىگىم.
دېگەن ئويدا، كۆكسىمنى، سىيپاپ-سىيپاپ قويىمەن،
ئامما ژۈرەك بېكاردىن ھەلەيكۈنگە چۈشمىگەن.

نېمە بولدى، ھەي، ساڭا، كىچىككىنە ژۈرىگىم،
ھېرىپ قالدىڭمۇ نېمە، يېرىم يولدى سەن تېلىپ.
ھورۇنلۇق قىلما جېنىم، جوش-جوش ئۇرغىن ژۈرىگىم.
ئاشكارىلا ساتقۇننى، ۋىژدانسىزنى قان ئېتىپ.

ئېگىزدىن ئېگىز شاختا، مابادا، ئالما پىشسا،
بىلىسەنغۇ ژۈرىگىم، ئېلىش ئۈچۈن تاش ئاتار.
سەن قەلبىمنىڭ تۆرىدە دۈپۈلدەپ پاك ئۇرغاچقا،
تېپىلىدۇ دۈشمەنلەر، قارا نىيەت باش ئاتار.

تولۇپ كەتتى ئەتراپقا مەمەدانلار، ھارسىزلار،
شەخسىيەتنىڭ قۇللىرى، ئىككى ئۈزلۈك كارسىزلار.
ئىلىم-پەننى تامامەن يوق ئەھۋالغا ئاپاردۇق،
ئەدەبىيات، ماارىپنىڭ ئىشلىرىمۇ بەك چاغلىق.

مەھمۇت بوۋام، خاس ھاجىپ سۆزلىرىنى قىلغىدەك،
ژۇت ئىچىدە ئاقساقال، بوۋاي، موماي قالمىدى.
زىيالىلار مابادا، ئىككى ئېغىز سۆز قىلسا،
تىڭشىغۇدەك ئۇلارنى ياشلارمۇ ھەم قالمىدى.

بىلگىن ژۈرەك، توق زامان، زادىلا ھېچ بولمىغان،
كام كوتىنى ئېيتىشقا تىلمۇ ھەم قىسقا بولغان.
ئېيتساق تىلىمىز كۆيدى، ژۈرەكلەر پارە-پارە،
ئېيتمىساق دىلىڭ ئىچرە، ژۈرەكتە نالە، نالە.

چىدا، دوستۇم، ژۈرىگىم، سەن ئۈمۈتۈم، بارىمسەن،
يېرىلما، گۈرس-گۈرس ئۇرغىن، تومۇرىمغا جان بەرگىن.
بولغان بىلەن مۇشتۇمدەك، بەك چوڭ سېنىڭ ھۆرمىتىڭ،
ھەلەيكۈنگە سالمىغىن، دوستلىرىمنى، ئۆي ئىچىن.

ئوغۇل بالا چىدايدۇ، مابادا سەن يېرىلساڭ،
ژىغلاتمىغىن قىزىمنى، ئاتا-ئانام، نەۋرەمنى.
قېرىنداشمۇ چىدايدۇ، ئۆيى بۆلەك بولغاچقا،
قاخشاتمىغىن جورامنى، كەلسۇن ئۇ ياق يۈز ياشقا.

يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموۋنىڭ تەرجىمەھالى
2007-ژىلدىن قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، بالىلار يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموۋ 1953-ژىلى 16-مارت كۈنى ئالمۇتا ۋىلايىتى چېلەك (ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق) ناھىيەسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئىشچىلار ئاىلىسىدە دۇنىياغا كەلگەن. ئاۋۇت ساتتاروۋ نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىۋىنى 1970-ژىلى تاماملىغان. 1971-1973-ژىللىرى كېڭەش ئارمىياسى سېپىگە بولغان. 1973-ژىلى «دەۋىر» باسمىخانىسىغا بەت ياسىغۇچى بولۇپ ئورۇنلىشىپ، ئەمگەك پاالىيىتىنى باشلايدۇ. ئىشتىن قول ئۈزمەي روسسىيانىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى نەشرىيات-باسمىخانا تېخنىكۇمىنىڭ تېخنىكىلىق رېداكتور بۆلۈمىدە، 1986-ژىلى قازدۇنىڭ ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىدا تەھسىل كۆرىدۇ.
1976-ژىلى «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىغا ئىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. 1991-ژىلغىچە مەزكۈر رېداكسىيادە كوررېكتور، مۇخبىر، جاۋاپكەر كاتىپنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىملىرىدا ئەمگەك قىلىدۇ. 1991-ژىلى قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدا «ئارزۇ» ژۇرنالى تەشكىل قىلىنغاندا ئىككى نەشىر رەھبەرلىگى كېلىشىپ مەتبۇات ساھاسىدا تەجرىبىسى مول ئاۋۇت مەسىموۋنى ژۇرنالغا جاۋاپكەر كاتىپ قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ژۇرنال 1995-ژىلغىچە نەشىر قىلىنىدۇ. 1997-ژىلى ئۇ ئالمۇتا ئېلېكتر-ۋاگون زاۋودىغا ئىش باشقۇرغۇچى بولۇپ ئورۇنلىشىدۇ. كېيىنىرەك ترانسپورت سېخىنىڭ برىگادىرى، ماستېرى لاۋازىمىغا كۆتىرىلىدۇ. 2013-ژىلى ئاۋۇت مەسىموۋ «ئازىيا بۈگۈن» گېزىتىغا باش مۇھەررىر بولۇپ كېلىپ، تا ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققىچە، يەنى، 2016-ژىلغىچە ئۇيغۇر مەتبۇاتىدا ئەمگەك قىلىدۇ.
ئا. مەسىموۋ مەتبۇات ساھاسىدىكى كۆپ ژىللىق ئەمگىگى ماباينىدا ژۇت مۆتىۋەرلىرى، ئەمگەك ئىلغارلىرى، زامان قەھرىمانلىرى ھەققىدە ئونلىغان ئوچېرك، يۈزلىگەن ماقال يازدى. 1988-ژىلى قازاقستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىغىغا قوبۇل قىلىندى. ئىشتىن قول ئۈزمەي، ئاياللارغا مولجالانغان «ئىنتىزار»، بالىلارغا بېغىشلانغان «ياش ئەۋلات»، مۇەللىملەرنىڭ «مەرىپەت»، چاقچاقچىلارنىڭ «خۇش كەيپىيات» ژۇرنال-گېزىتلىرىغا باش مۇھەررىرلىك قىلدى. مىللىي مەتبۇاتىمىزنىڭ يەنە بىر يېڭىلىغى – 2012-ژىلى يورۇق كۆرگەن، بالىلارغا بېغىشلانغان «غۇنچە» ژۇرنالىنىڭمۇ باش مۇھەررىرى – ئاۋۇت مەسىموۋ.
ئاۋۇت مەسىموۋ ئۇيغۇر مەتبۇاتىغا سادىق بولغان ژۇرنالىستلا ئەمەس، مىللىي گۆزەل ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ساپاسى ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن كۈرىشىۋاتقان يازغۇچى. 1986-ژىلى بالىلار ئۆمرىگە بېغىشلانغان، قىزىق ۋاقىەلەرگە تولۇپ-تاشقان دەسلەپكى «دەستىخان» پوۋېستى «ژازۇشى» نەشرىياتى تەرىپىدىن يورۇق كۆردى. كېيىنىرەك، «بەلگۈلەر بەسلىشىشى» سۈرەتلىك كىتاپچىسى ۋە «ھەپتە ۋە ئون ئىككى ئاي» پوۋېستى دۇنىياغا كەلدى. 2005-ژىلى «ئاغمىخان» زامانىۋىي چۆچەكلەر توپلىمىنى، «بارماقلار ئويۇنى» سۈرەتلىك كىتاپچىسىنى كىتاپخان قىزغىن قارشى ئالغان بولسا، 2008-ژىلى «بەش كۈن بوش، ئىككى كۈن دەم ئېلىش» كىتاۋى يورۇق كۆردى. مەزكۈر كىتاپ 2013-ژىلى ساناەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئېگىلىگى خادىملىرى ئاسسوسىاسىياسىنىڭ مېسېناتلىرى تەسىس قىلغان «ئىلھام» مۇكاپىتىغا سازاۋەر بولدى. 2013-ژىلى مەكتەپ يېشىغىچە ۋە باشلانغۇچ سىنىپ بالىلىرى ئۈچۈن مولجالانغان «ئاق بۇلۇت» توپلىمى نەشىردىن چىقتى. 2019-ژىلى «زېھنىڭنى سىناپ كۆر» شېىرلار ۋە «سىرلىق خەت» پوۋېستى يورۇق كۆرگەن بولسا، 2020-ژىلى «قاراتۇرۇق– ئۇلۇق جاي، بىلسەڭ» كىتاۋىنى يېزىپ چىقتى. 2021-ژىلى تاللانما نەسرىي ئەسەرلىرىنىڭ 1-تومى بىلەن بالىلارغا بېغىشلانغان «تېپىشماق قۇرلار» كىتاۋىنى دۇنىياغا ئېلىپ كەلدى. 2016-ژىلقى تۇرغان توختەموۋ نامىدىكى پروزا ژانرى بويىچە كونكۇرسنىڭ لاۇرېاتى. يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموۋنىڭ ھېكايە، شېىر، تېپىشماقلىرى مەكتەپ يېشىغىچە ۋە باشلانغۇچ سىنىپ بالىلىرى ئۈچۈن مولجالانغان توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ تەرجىمە ھالى بىلەن ئەسەر، ھېكايىلىرى 5-سىنىپ «ئوقۇش كىتاۋىغا» كىرگۈزۈلۈپ، مەكتەپ پروگراممىسى داىرىدە ئوقۇتۇلىدۇ.
يازغۇچى دراماتۇرگىيا ساھاسىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بالىلارغا بېغىشلانغان «ئۆمۈر شىرنىسى»، چوڭلارغا مولجالانغان «ژەرىمان» سەھنە ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تېاترىنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمى قوبۇل قىلىپ ئالغان. 2011-ژىلى يازغۇچىنىڭ سسېنارىيسى بويىچە «سىرلىق سېزىم» بەدىىي فىلمى رېژىسسېر باۋدۇن ئامۇتوۋ بىلەن بىرلىكتە چۈشىرىلىپ، كەڭ ئاممىغا تارىدى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇش كېچى قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ 70 ژىللىغىغا بېغىشلىنىپ، ئىتتىپاقنىڭ كونفېرېنس زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. 2012-ژىلى كۈلكە ماھىرلىرى سەنجەر باراتوۋ، جامالىدىن روزىېۋ، ئاخموللام مەمىروۋنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ «ئۇيغۇرچە كىنوكونسېرت» رۇبرىكىسىدا «سەبا شوۇ» دىسكىسىنى يورۇققا چىقاردى. 2017-ژىلى بالىلاراغا بېغىشلانغان «ئۆمۈر شىرنىسى» چۆچەك-سپېكتاكلى ئۇيغۇر تېاترى سەھنىسىدە قويۇلدى.
ئەسەرلىرى باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. جۈملىدىن 2010-ژىلى بىر تۈركۈم ھېكايىلىرى «لىتېراتۇرنىي كازاخستان» ژۇرنالىدا رۇس تىلىدا، 2012-ژىلى «ژۈلدىز» ژۇرنالىدا «خات قۇپىياسى» پوۋېستى، 2016-ژىلى «ژاس ئۆركېن» ژۇرنالىدا بالىلارغا بېغىشلانغان ھېكايىلىرى قازاق تىلىدا يورۇق كۆردى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە بالىلارغا بېغىشلانغان پوۋېست، ھېكايىلىرى ئەرەپ گرافىكىسىدا، چۆچەكلىرى تۈركىيانىڭ ستامبۇل شەھىرىدە تۈرك تىلىدا، مىنسك شەھىرىدە بېلورۇسس تىلىدا نەشىر قىلىنغان.