چاقىرغانغا كېلەرمۇ تېنىتىلگەن روھ
پىكىر ۋە مۇلاھىزە
ۋاققاس مەمەدىنوۋ
ئالمۇتا شەھىرى.
چاقىرغانغا كېلەرمۇ تېنىتىلگەن روھ
پسىخولوگلارنىڭ تەخمىنىچە، ئىنساننى كۆپ ۋاقىتتا مەنتىقە (لوگىكا) ئەمەس، بەلكى ھىس-تۇيغۇ (ئېموسىيا) باشقۇرىدېكەن. ئامما بۈگۈنكى كۈندىكى مىللىتىمىزگە نىسبەتەن رېاللىقنى ئازغىنا بولسىمۇ، كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزگەن ئادەم ئۈچۈن ھىس-تۇيغۇلار دولقۇنىدا كۆۋۈكتەك لەيلەپ ژۈرۈشنىڭ ئۆزى چوڭ جىنايەت. جەمىيەتلىك ئىشلارغا پاال ئارىلىشىپ ژۈرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرى، باشقا مىللەت ۋەكىللىرىمۇ ئىشتراك قىلغان چوڭ ژىغىندا، ئۆز نۇتقىنى «بىزنىڭ مىللەت نېمە دېگەن بەخىتلىك!» دېگەن جاراڭلىق سۆزلەر بىلەن ئاياقلاشتۇردى. ھەر بىر شەخسنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى ھېچ كىم چەكلىمەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئامما پۈتۈنسۈرۈك مىللەتنى بەخىت يۆگىگىگە يۆگەشتىن ئىلگىرى، مىللەتنىڭ ژۈرەك سوقۇشىغا قۇلاق سېلىپ كۆرەيلىچۇ؟ بەخىت ساداسى كېلەمدېكىن؟ بۈيۈك مۇتەپەككۈر يۈسۈپ خاس ھاجىپ «خەلقىڭنى ئويلا، خەلىق مەنپىيىتىنىڭ ئىچىدە سېنىڭمۇ مەنپىيىتىڭ بار» دېگەن ئېكەن. مىللەت ھەقىقىي مەنادا بەخىت-ساادەتكە ئېرىشكەندە، شۇ مىللەتنىڭ ھەر بىر ۋەكىلى ئۇنىڭدىن چوقۇم بەھرىمەن بولالايدۇ. ئامما مىللەتكە تەن بەخىت كاتېگورىياسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى توي-تۆكۈندە ياڭرىغان ناخشا-ساز، چاقچاق ۋە قاچا-قومۇچلارنىڭ تاراقلىشى بىلەنلا ئۆلچىگىلى بولارمۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ. شۇ قېرىندىشىمىز دېگەن مەزكۈر سۆز-پىكىر ئادەتتىكى كوچا پارىڭى ئەمەس، جەمىيەتلىك پىكىر تۇغدىرىدىغان، مەلۇم مەخسەتتە ئۆتكۈزۈلگەن سورۇندا، يەنى جەمىيەتلىك تەشكىلاتىمىزدا بەلگۈلۈك رول ئاتقۇرۇپ ژۈرگەن، ئۆزىنىڭ ئاڭلىق ھاياتىنى ئەۋلات تەربىيىلەشتەك شەرەپلىك ئىشقا بېغىشلىغان ئىنسان لەۋزىدىن چىققانلىغى تۈپەيلى مېنى تېخىمۇ ئويلاندۇرۇپ، ئوي-پىكىرلىرىم، مۇلاھىزىلىرىم بىلەن بۆلۈشمەكچى بولدۇم.
«چاقىرغانغا كەلمەيدۇ بەخىت، قوغلىغانغا كەتمەيدۇ غەم» دەپ ئاتاقلىق شاىرىمىز ساۋۇتژان مەمەتقۇلوۋنىڭ قەلىمىگە مەنسۈپ مىسرالاردا ئېيتىلغىنىدەك، تېنەتكەن روھىمىزنى چاقىرىپ كەلتۈرەلەيمىزمۇ؟
غەپلەت ئۇيقىسىدىكى سەۋىيەمىزنى سىلكىپ ئويغىتىپ، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئاڭلىق قارىغان ھالدا ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر تەھلىل-مۇلاھىزە قىلىشنى ئۈگىنىشكە تىرىشساق قانداق ياخشى بولار ئېدى. روھىي كورلۇق – مىللەتنى چۈشكۈنلۈككە يېتەكلەيدۇ. ئۇنداق بولغىنى «قارغۇ توخۇ تاشنىمۇ دان دەپ يەيدۇ».
ئالەمشۇمۇللاشتۇرۇش دەۋرىدە مىللىي قەدرىيەتلەر قىممىتى تۆۋەنلەپ، مەناۋىيىتىمىز ئاستىن-ئۈستۈن بولدى. مەنىۋىي دۇنىيا، روھىي غەزنە تەڭداشسىز دۇنىيا بولسىمۇ، ئالەمشۇمۇللاشتۇرۇش جەرىيانىنىڭ بەلگۈلىشى بىلەن ماددىي بايلىق ئۇلاردىن ئۈستۈن تەكچىگە قويۇلدى. دۇنىيا سەھنىسىدە ھۆكۈمرانلىقنى تالىشىۋاتقان ئالپ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپىيىتى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن سەياسىي ئويۇنلىرى ئوۋج ئالماقتا. ئالپلارنىڭ مەنپىيەتلەر توقۇنۇشىدا كىچىك دۆلەتلەرلا ئەمەس، پۈتۈنسۈرۈك بىر خەلىقنىڭ تەغدىرى قۇرۋانلىققا بېرىلىدىغىنى تارىختىن مەلۇم.
سەياسىي ئۆزگىرىشلەر تولۇپ-تاشقان بۈغۈنكى تاڭدا، بىزنىڭ مىللەتنىڭ نەپەس ئېلىشى سەكراتتا ياتقان ئاغرىق ئادەمنى ئەسلىتىدۇ. ھە، بۇ مىللىي موجۇتلىغى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا قالغان مىللەتنىڭ ئەينى رېاللىغى. پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە تەرەققىي ئېتىشىمىز، رىۋاجلىنىشىمىز ئانا ۋەتەندىكى ئىنسانىي ھوقۇقلىرى چەكلەڭەن مىللىونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھەر قانداق ۋاقىتتا مىللەت پۈتۈنلىگىنى ھىس قىلىشىمىز مۇھىم. قەيەردە، قانداق شاراىتتا ياشىمايلى بىزنى بىرلەشتۈرىدىغان قانداشلىق، كېرىنداشلىق رىشتى، ئەلۋەتتە.
تارىخ-ھامان تارىخ. تارىخىي ۋەتىنىمىزنىڭ بار ئېكەنلىگىنى ئېيتىش، ئۇ گۇنا ئەمەس. ئۇنىڭدىن چۆچۈپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. لېكىن ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى دۇرۇس ئېيتالمايدىغان ئەۋلاتنىڭ يېتىشىپ چىققىنى ئېچىنىشلىقلا ئەمەس – پاجىە. تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان قانداشلىرىمىزنىڭ ئىجتىماىي، سەياسىي، دېموگرافىيالىك ئەھۋالى «مەن ئۇيغۇر» دېگەن شەخسنى تەشۋىشلەندۈرمەي قويمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىزدە ئەڭ بولمىغاندا، ھىسداشلىق تۇيغىسى بىلەن ياشاشنىڭ ئۆزى ئەزىمەتلىكنىڭ بەلگۈسى. ئېسىمدا، ئابخازىيا مەسىلىسى بويىچە روسسىيا بىلەن گرۇزىيانىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كەسكىنلىشىپ، ئۇرۇشقا ئايلىنىش دەرىجىسىگە يەتكەن پەيتتە روسسىيا پۇخراسى
ۋاختاڭ كىكابىدزې روسسىيا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ئوردېندىن باش تارتتى. شۇ ۋاقىتتا روسسىيانىڭ مەتبۇات ۋاسىتىلىرىدە «بىزنىڭ ياخشىلىغىمىزنى ئۇنتىدى»، «بىزگە خاىنلىق قىلدى» دېگەن مەنادا ھەر خىل پىكىرلەر ئېيتىلدى، قارىلاشلارمۇ بولدى. بىزچە بولغاندا، مىللىتى گرۇزىن ئاتاقلىق ناخشىچىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۆز مىللىتىگە بولغان ساداقەتلىگى، خالاس. ئۆزىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن مىللەتكە ساداقىتى بار ئادەم ئۆز مەنپىيىتى ئۈچۈن خەلقىنىڭ شان-شۆھرىتىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ، ۋەتىنىگە خاىنلىق قىلمايدۇ. ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر ئېيتقاندەك، «ئۆز مىللىتىنىڭ ئازاۋى ھېساۋىدا ياخشى كۈن كۆرۈش تولىمۇ ژىركىنىشلىك ئىش»، ئەلۋەتتە.
تەغدىر تەققازىسى بىلەن دۇنىياغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن خەلقىمىز ۋەكىللىرى قايسى ئەلدە ياشىمىسۇن، خۇددى يەرگە تۆكۈلگەن ئوغۇتتەك تۇرۇشلۇق ماكانىنى گۈللەندۈرۈپ، ئىستىقامەت قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇپ كەلدى ھېلى ھەم قوشماقتا.
تارىختا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش باسقۇچلار بولىدۇ. ئەينە شۇنداق ۋاقىت-پەيتلەردە مىللەتپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك شەخسلەرلا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، سەياسىي شاراىت يارىتىپ بەرگەن مۈمكىنچىلىكلەرنى مىللەت مەنپىيىتى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تىرىشىدۇ. ئەپسۇس، ئالدىن-ئالا ئىش يۆنىلىشىنى مولجالالايدىغان ئۇنداق دانالار بارماق بىلەن ساناۋالغىدەكلا. مىسال رېتىدە، كېڭەش ھۆكۈمىتى ئورنىغان دەۋىردە – 1917-ژىلدىن كېيىن بارلىق كۈچ-غەيرىتىنى مىللىتىنى جاھالەت، خۇراپىيلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان ئابدۇللا روزىباقىېۋ، XX ئەسىرنىڭ 40-ژىللىرى خەلقىنى ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ھوقۇقىغا يېتىشتۈرمەكچى بولغان ئەخمەتجان قاسىمىي، 1990-ژىللىرى كېڭەش ئىتتىپاقى غۇلاپ، مۇستەقىللىكنى ئالغان قازاقستاندا مىللىي موجۇتلىقنىڭ كاپالىتى بولغان مىللىي ماارىپنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەشكەن ئەنۋەر ھاجىېۋلارنىڭ ئىسىم-شەرىپلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇ.
تارىخنىڭ يېڭى سەھىپىلىرى ئېچىلغاندا، قېلىپلاشقان ۋەزىيەتتە مىللىتىنى تەرەققىيات بالدىغىغا ئېلىپ چىقماقچى بولغان بۇ ئۈچ ئوغلاننىڭ ژۈرىگى گويا قاراڭغۇلىقتا يورۇق بېرىپ، ئوتقاشتەك يالقۇنلاپ ئۆتتى. ژۈرىگىنى ئېلىپ، ئەتراپىنى يورۇتۇپ يول باشلىغان م.گوركىينىڭ دانكوسىدەك، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ باشلامچىلار ئېدى. تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ، چوڭقۇر چۈشەنچىگە، كەڭ مىقىياسلىق سەۋىيەگە، ئالاھىدە ئەقىل-ئىدرەككە ئېگە ھەقىقىي مىللەتپەرۋەرلەرلا يول كۆرسىتىش ئىختىدارىغا ئېگە بولالايدىغان ئوخشايدۇ. ئەسلىدە، بىزدەك ئۇرۇلۇپ-سوقۇلغان مىللەتتە، ھايات-مامات يولىدا كۈرەش كېتىپ بارغان زاماندا مىللەتنى زاۋاللىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىدىغان تاكتىك، ستراتېگلارنىڭ يېتىلىپ چىقىشى مۇقەررەردەك بىلىنىدۇ. ئامما ئىسمى ئاتالغان نامايەندىلەرنىڭ ئورنىنى بۈگۈن كىم تولتۇرالايدۇ؟
مىللىي موژۇتلىغىمىزنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئىمكانىيەتلەر يارىتىلغان ۋەتىنىمىز قازاقستاندىكى جەمىيەتلىك پاالىيىتىمىز مىللىي تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن قانچىلىك نەپ بېرىۋاتىدۇ؟ جەمىيەتلىك تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئىش-رېجىلىرى پەقەت كونسېرت، تەۋەللۇد ئۆتكۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتامدۇ؟ «مىللەتنى ساقلاپ قېلىش پەقەت دەستىخان راسلاشتىن ئىبارەت»، دەپ پەرەز قىلىدىغان كالتە پەملىك شەخسلەرنىڭ مىللىي ئۇيۇشمىلارنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، ئاتىكاچىلىق قىلىشى ئىلگىرىلەش كاپالىتى بولماي، ئەكسىچە، چېكىنىشنىڭ ئۈلگىسى بولسا كېرەك. ئەسلىدە، ئېچىنىشلىق تەغدىرگە ئېگە مىللەتنىڭ ۋەكىلى ئويۇن-تاماشە، كەيپى-ساپادىن ژىراق ژۈرۈشى كېرەك، دېسەم ئارتۇق كەتكەن بولارمەن. ھەر ھالدا ھەددىدىن ئېشىپ، مەنمەنچىلىككە بېرىلمەي، يەنى كەمتەر بولۇپ، ژۇگاچ بولماي ھەر قانداك ئىشتا مەسئۇلىيەتچانلىقنى يوقاتماي ئۆز يولىدا ئىش ئېلىپ بارساق نۇر ئۈستىگە نۇر بولار ئېدى. مەرھۇم يۈسۈپبەك ئاكا مۇخلىسىي «مىللىتىم كۈلمىگىچە، مېنىڭ يايراشقا ھوقۇقۇم يوق» دەپ ئويۇن-تاماشە بار يەرگە بارماي، ئۆمرى ئۆتۈپ كەتتى. ئېتىراپ قىلىش كېرەك، بۇمۇ پەقەت خەلقىنى چىن سۆيگەن، يۈكسەك ئېتىقاتقا ئېگە مىللەتپەرۋەر ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان قەھرىمانلىق. بۇ قۇرلار ئارقىلىق شاتلىقتىن مەھرۇم قىلىپ، زاھىتلىققا، تەركى دۇنىياچىلىققا (بۇ دۇنىيانىڭ شاتلىغىدىن ۋاز كېچىش) دەۋەت قىلىش نىيىتىدە ئەمەسمەن. ئامما، «مېنىڭ قولۇمدىن نېمە كېلەتتى ؟» دېگەن مەۋقە بىلەن خوشلىشىپ، «مەنمۇ مىللەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى» دەپ، قىلغان ئىش-ھەرىكىتىمىزگە جاۋاپ بېرىپ، مىللەتپەرۋەرلىكنى تۇغ قىلساق، پەقەت ياخشى خىسلەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگىلەرگە تونۇشتۇرالىساق، شۇ چاغدىلا مىللەت، تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئىش بابى بىلەن تونۇشۇپ قالغان يەھۈدىي بۇرادىرىم تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتىپ بەرگەن ئېدى: «سانى مىڭدىن كۆپ غەيرى مىللەت ئارىسىدا يالغۇز يەھۈدىي ياشاپ قالغىدەك بولسا، ئۇنىڭ ھەتتا ھاۋانى ژۇتىشى، نەپەس ئېلىشىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.»
«قېدىمدا بىز ئۇلۇق مىللەت ئېدۇق». «تارىختا كۆپلىگەن خانلىقلىرىمىز ئۆتكەن». «ئەجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتقان ئېدۇق»، دېگەن سۆزلەر ئارىمىزدا كۆپ ئېيتىلىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئەجداتلىرىمىز بىز ماختانغىدەك تارىخ ياراتقان ئېكەن. بىزچۇ؟ بۈگۈن كەلگۈسىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالىدۇق؟ باي تارىخىمىزگا لايىق ۋارىسلىق مەجبۇرىيىتىنى قانداق ئاتقۇرىۋاتىمىز؟ ئەجداتلىرىمىزنىس مىراسخورلۇق كۆرۈگى بىزگە كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قالدىمۇ؟ موشۇ سواللار ئۈستىدە ئويلانغان ۋاقتىمدا بىر بوۋاي ئۆز ئاىلىسى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىتى زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ: «بوۋام ئۆزى لايدىن ياساشقا كىرىشىپ، تېخى ئاخىرى چىقمىغان كومزەكنى دادامغا قالدۇرغان ئېكەن. دادام بۇ كومزەككە گۈل، نەقىشلەرنى چېكىپ بابىغا يەتكۈزۈپ ماڭا تاپشۇردى. مەن ئۇنىڭ ئىچىگە ژىلىغا ئىككى قېتىم ئېچىلىدىغان گۈل ئولتارغۇزۇپ بالامغا مىراس قالدۇردۇم،- دېدىدە، ئېغىر ئۇھ تارتىپ سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن،- بالام ئۇ كومزەكنى بىر بۇتۇلكا ھاراققا تېگىشىۋېتىپتۇ»، دېگەن پېتى ھەسرەت چەككەن ھالەتتە ئىككى كۆزىگە ژىقكىدە ياش ئالدى… ئۆتمۈشىمىزگىلا قاراپ ياشىمايلى، ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىمىز ئىستىقبالىمىزنىڭ ھۇلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى زۆرۈر.
موشۇ ئورۇندا خەلقىمىزنىڭ «ماڭغان ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانچىلار» دېگەن چوڭقۇر مەناغا ئېگە داھىيانە ھېكمىتىنى كەلتۈرۈش ئورۇنلۇق بولسا كېرەك.
زامان ئۆزگىرىشى بىلەن مىللىي تەشكىلاتلىرىمىزغا تىجارەتچىلەر كەلدى. ئىجتىماىي ستاتۇسىدىن قەتئىي نەزەر، ئاڭلىق، ھەقىقىي مىللەتپەرۋەر، روھ-كەيپىياتى ئۈستۈن، ۋىژدانلىق ئىنسانلار جەمىيەتلىك پاالىيەتنىڭ بېشىدا تۇرۇشى شەرت. دەرھەقىقەت، مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىق -رېسۇرسىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىلىشنىڭ ئۆزى بىر ماھارەت.
جۇمھۇرىيەتلىك تەشكىلات پاالىيىتىگە جاي-جايلاردىكى ژىگىت باشلىرى جەلىپ قىلىندى. ئەلۋەتتە، ھەر بىر ژۇتتىكى ژىگىت باشلىرى بىلەن جەمىيەتلىك ئىشلارنىڭ ئاكتىۋىستلىرى، خەلقى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئىزگۈ ئىشلارغا ئۆز ئۈلۈشىنى
قوشۇشى، ھەممەيلەننى خوشال قىلىدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىشىنى كونسېرتلارغا بىلېت سېتىش، ژىغىنلارغا ئادەم ژىغىش ياكى مىللىي گېزىتىمىزغا مۇشتىرى توپلاش بىلەنلا چەكلەپ قويغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتار ھەر بىر ژىگىت بېشى مەھەللىدىكى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقنى ئۆتكۈزۈش داىرىسىدىن ئالقىپ، مىللەتكە خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ژۈكلەڭەنلىگىنىمۇ، دىل ۋۇژۇدىدا ھىس قىلىشى كېرەك. شەخسىي مەنپىيىتىدىن كېچەلەيدىغان، مىللەتكە كۆيۈنەلەيدىغان بىلىملىك شەخسلەردىن كۆپىرەك ژىگىت بېشى سايلانسا، ئۇنىڭدىن پەقەت خەلقىمىز ئۇتقان بولار ئېدى. قايسى ژىگىت بېشىنىڭ خاتىرە دەپتىرىدە قازان، قاچا-قومۇچ، ئۈستەلنىڭ سانىدىن بۆلەك ژۇتىدىكى بالىلارنىڭ قانچىسى غەيرى تىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىغى ھەققىدە مەلۇمات يېزىلدېكىن؟ ژىلدىن-ژىلغا تەربىغات ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ نەتىژىسىدە مىللىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئەكسىنچە ئەھۋالمۇ؟ مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموگرافىيالىك ئەھۋالى قانداق؟ «مانا موشۇ سواللار ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان ژىگىت باشلىرى بارمېكىن؟» دېگەن ئوي كېلىدۇ بەزىدە. ئۆز ۋاقتىدا ياشلارغا باش بولۇپ، ھەر قانداق مۇەممانى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ، مەھەللىسىدە ئۇيغۇر سىنىپىنى ئېچىشتا تالاي قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئابدۇخالىق ھەمراېۋنىڭ تەدبىرچان ئىش-ھەرىكىتى ھازىر ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكتىۋىست ياشلارغا ئۈلگە — نەمۇنە بولالايدۇ.
ئېتنوسنىڭ تەرەققىي ئېتىشى ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە شەرت-شاراىتلار يارىتىلغان مۇھىت، داىرە خۇددى ئىنسانغا نەپەس ئېلىش ئۈچۈن كېرەك بولغان ھاۋادەك ھاجەت. قازاقستان جۇمھۇرىيىتىدە خەلقىمىز زىچ جايلاشقان مەھەللىلەرنىڭ بولۇشى ۋە بۇ جايلاردا مىللىي ماارىپنىڭ، مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ پاالىيەت ئېلىپ بېرىشى مىللەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئاتقۇرىدۇ.تەبىەتتە ھەر بىر تىرىك جاننىڭ ئۆز قوۋمى بىلەن ياشىشى، ئۆزىنى-ئۆزى ساقلاش، قوغداش ئىنستىنكتى رېتىدە قارىلىدۇ.ئەينە شۇنداق خەلقىمىز زىچ جايلاشقان ژۇتلاردىكى ژىگىت باشلىرىنىڭ رولى قانچىلىك چوڭ ئېكەنلىگىنى تەكرارلاپ ئولتىرىشنىڭ ھاژىتى بولمىسا كېرەك.
ئېسىمىزدا بولسا، 2011-ژىلى قازاقستان جۇمھۇرىيىتى «مېدىاسىيا ھەققىدە قانۇن» قوبۇل قىلدى. «مېدىاسىيا» لاتىن تىلىدا «تېچلىق ئورنىتىش» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. يەنى تالاش-تارتىشلارنى، ئىختىلاپلارنى، داۋالارنى قانۇن ئورۇنلىرىغا يەتكۈزمەي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى. ژىگىت باشلىرى قانۇنلارنى ساۋاتلىق ئۆزلەشتۈرگەن ھالەتتە كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان سەلبىي ئىشلارنى، ژۇتداشلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى جىددىيلەشتۈرمەي ھەل قىلالايدىغان «مېدىاتور» رولىنى ئاتقۇرالىسا، جەمىيەتتىكى ئىجابىي تەسىرى تېخىمۇ ئۆسەتتى.
ئۆز ۋاقتىدا ژۇتداشلىرىنىڭ مەنپىيىتىگە دەخىل يەتكۈزىدىغان ئىشنى قىلغانلارغا پۈتكۈل ژۇت ئەھلى بولۇپ، ھەر خىل چارە-تەدبىرلەرنى، ھەتتا ژۇتتىن چىقىرىۋېتىش قاتارلىق ناھايىتى قاتتىق چارە قوللىناتتى. بۇ ئىشلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاققا قارىتىلغان تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى چوڭ ئېدى. بۈگۈنكى ئەھۋالچۇ؟ ئاداشقانلارغا يول كۆرسىتىپ، چۈشەندۈرىدىغان، يولى كەلگەندە قاتتىق تەنبىھ بېرىپ سىناقتىن ئۆتكۈزىدىغان ژۇت مۆتىۋەر ئاقساقاللىرى ئازىيىپ، بېپەرۋالىق كۈچىيىپ كەتتىمۇ؟! قارا كۆزلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا باشقا دىنغا ئۆتۈپ كەتكەن، ھاراقخورلۇققا، نەشىخورلۇققا بېرىلگەن، ئەدەپ-ئەخلاقتىن چەتنەپ، ناتوغرا يولغا چۈشۈپ كېتىپ بارغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىغىنى كۆرىدىغان دىققەت-نەزىرىمىز قاشاقلىشىپ قالدىمۇ؟!
خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي رېسۇرسى، روھىي يېتەكچىسى — زىيالىلار. مىللەت بىرلىگى دەسلەپ زىيالىلارنىڭ ئىتتىپاقلاشقان، ئۇيۇتقىسىدىن تۇرىدۇ. «گالستۇك تاقىغان» ھەممىسى زىيالى ئەمەس، ئۆزىنى زىيالى كۆرسىتىپ جاراڭلىق سۆزلىگەن بىلەن ئىش ھەل بولمايدۇ، بەلكى ئاڭلىق، ئەتراپلىق سەۋىيەگە، ساغلام پىكىرگە ئېگە، قېلىپلاشقان ۋەزىيەتنى دۇرۇس مولجالاش ئېڭى شەكىللەڭەن، ئەڭ مۇھىمى پاك ۋىژدان ئېگىسى بولغىنى ئەۋزەل. ئۇنداق بولمىغان ھالەتتە، چوڭ ئىشلار چەتتە قېلىپ، پايدا-نەتىجىسى ئاز، ئۇششاق-چۈشەك نەرسىلەرگە بار كۈچ غەيرىتىمىزنى سەرىپ قىلىپ ژۈرىۋېرىمىز. كۆپچىلىگىمىز مىنبەرلەردە، دەستىخان ئەتراپىدا چىرايلىق، جاراڭلىق سۆزلەشكە بەك ئۇستا. ئەمەلىياتتىچۇ؟ موشۇنداق تىپتىكى ئادەملەرنى ئۆزىمىز تەربىيىلەپ چىقاردۇقمېكىن دەيمەن. نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىياتنى سېلىشتۇرماي، ئۆز ۋاقتىدا رەددىيە بېرەلمىدۇق، توختاتمىدۇق، «خوش-خوش» بىلەن چاۋىگىمىزنى ئايىمىدۇق. خۇللەس كالام، بۇرۇن ئىسمى ئاددىي، ئىشى ئۇلۇق كىشىلەر كۆپ بولسا، ھازىر ئىسمى ئۇلۇق، ئىشى ئاددىي كىشىلەر كۆپەيمەكتە.
كېيىنكى پەيتلەردە بەزى ئاممىۋىي ئەخبارات ۋاسىتىلىرىدە مىللىتىمىزنىڭ شەنىگە تېگىدىغان ماقالىلار بېسىلىشقا باشلىدى. مېنىڭ ئويۇمچە، ئەخبارات ۋاسىتىلىرىدە مىللىتىمىزگە قارىتا ئېيتىلغان ھەر قانداق سەلبىي پىكىرلەرگە، ھەرىكەتلەرگە ئۆز ۋاقتىدا رەددىيە بېرىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن مىللىتىمىز ئارىسىدا ئەقىل-ئىدرەك، پەم-پاراسەت، مۇھىمى يۈكسەك روھ ئېگىلىرى خەلىقنى ئېتىلغان «ئوقتىن» قوغدايدىغان «قالقان» رولىنى ئاتقۇرىشى ھاجەتمېكىن دەيمەن. «ئەخباراتلار ئۇرۇشى» ئوۋج ئالغان پەيتتە، مىللەت مەنپىيىتىنى قوغداش ۋەزىپىسى مىللىي مەركەز ئەتراپىغا توپلانغان «باش مىيە» زىممىسىگە چۈشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلغار پىكىرلىك زىيالىرىمىز بىلەن ياشلىرىمىزنى بىرلەشتۈرىدىغان ئانالىتىكىلىق كېڭەش پاالىيىتىنى جانلاندۇرساق نۇر-ئۈستىگە نۇر بولار ئېدى. ئۆز ۋاقتىدا ھوقۇقشۇناس ئالىم ئەنۋەر ھاژىېۋ جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يېنىدا ئانالىتىكىلىك كېڭەشنى باشقۇرغان ئېدى. چوڭقۇر ئانالىز، ئېنىق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق توغرا يەكۈن چىقىرىپ، كەلگۈسى ئىش-ھەرىكىتىمىز بىلەن تۇتقان يۆنىلىشىمىزنى ئېنىقلاۋېلىش ناھايىتى مۇھىم. ئەكسىچە بولغان تەغدىردە، ئۇرۇلغان قەدەھلەرنىڭ جاراڭلىشىدا، ياڭرىغان داپ-دۇمباقلارنىڭ ساداسىدا مىللەتنىڭ نىداسى ئاڭلانماي قېلىشى مۈمكىن.
قولىدىن ھەقىقىي ئىش كېلىدىغان، بىلىملىك، ئىچكى دۇنىياسى تازا شەخسلەرنى چەتكە قېقىۋەتمەي، «كۆرەلمەسلىك» ئاغرىغى ژۇققان نىيىتى بۇزۇقلار بىلەن شۇمپېيىللىق كۈچلەرنىڭ چاپارمەنلىرىگە «خام تالاش» قىلدۇرماي قوغداپ قېلىش، مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ساقلاش ئىنستىنكتى. بۇ ئورۇندا قازاق خەلقىنىڭ نامايەندىسى ئاخمېت بايتۇرسىنۇلىنىڭ «بالام دەيدىغان خەلقىڭ بولمىسا، خەلقىم دەيدىغان بالا نەدىن بولسۇن» دېگەن دانا سۆزلىرىنى كەلتۈرۈش ناھايىتى ئورۇنلۇق بولسا كېرەك.
مىللەتكە نەپ بولىدىغان ھەر قانداق باشلانما ئەتراپىغا توپلىشىپ، قوللاپ-قۇۋەتلەشنىڭ ئورنىغا، تاماشىبىن قاتارىدا «نېمە بولارېكىن؟» دېگەن نىيەتتە چەتتىن قاراپ تۇرىمىز. شۇڭلاشقا، مىللىتىمىزگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىزگۈ نىيەتتىكى باشلانمىلار يېرىم يولدا تۇنجۇقىدۇ. ياخشى ئىشنى قولغا ئالغانلار بارلىق ئاتاق-ئابرويغا كۆمۈلۈپ، ئۆزلىرى داق يەردە قالىدىغاندەك ھىس قىلىدىغان ھەسەتخورلار ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بىرلىك سېپىنى ئاجىزلاشتۇرۇش تاكتىكىسىنى تاللاۋالىدۇ. ئاقىۋەتتە، مىللىتىمىز ئارىسىدا ئەرىزخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، غېۋەت-شىكايەت ئوۋج ئالىدۇ. «ياخشىلىق قىلىش قولۇڭدىن كەلمىسە، يامانلىق قىلما» دەيدىغان دادام رەھمىتى. پىتنە-پاسات تۇغدۇرىدىغان ئايرىم كىشىلەرنى جەمىيەتلىك ئىشلىرىمىزدىن ئۆز ۋاقتىدا چەتنەشتۈرىدىغان ئاڭ-سەۋىيە قېلىپلاشمىغىچە زىيىنى كۆپ ئىشلاردىن خالى بولالمايدىغان ئوخشايمىز. پايدىسى يوق شەخسنىڭ، زىيىنى تېگىپ كەتمىسە…
مۇستەقىل پىكرى، ئېنىق مەخسىتى يوق، ژۈرىگى ناپاكلار بىرەۋلەرنىڭ مۇدىاسى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئويۇنلاردا، «قوچاق» رولىنى ئاتقۇرىدىغانلىغى سىر ئەمەس. ژىپنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇپ تۇرغانلار يەنە بىر ئۇچىدا باغلانغان «قوچاقلارنى» ھەرگىز ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەيدىغانلىغى ئېنىق. مەلۇم ۋە نامەلۇم كۈچلەرنىڭ سسېنارىياسى بويىچە بىر-بىرىنى سەھنىدىن ئىشتىرىپ چۈشۈرىشتىن باشقىسىنى بىلمەيدىغان قوچاقسىماقلارغا ئايلىنىپ قېلىشتىن، بىرىنچىدىن، ئاللا ئۆزى ساقلىغاي. ئىككىنچىدىن، «ساقلانغاننى ئاللا ئۆزى ساقلايدۇ» دېگەندەك، بۈگۈنكى دەۋىر سىنىغىغا تاقابىل تۇرالايدىغان مۇستەھكەم روھ بولۇشى كېرەك.
مەشھۇر ئالىم پەيلەسوپ ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن: «روھنى
ساغلاملاشتۇرۇش — مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى»، — دەپ يازىدۇ. ئەپسۇسكى، تېنىگەن روھىمىز كۈندىن-كۈنىگە بىزدىن ژىراقلاشماقتا.قۇلاق سېلىپ كۆرۈڭا،ئەگەر سىزدە پاك ۋىژدان بولۇپ، ھەقىقىي ئۇيغۇرنىڭ ژۈرىگى سوقۇۋاتقان بولسا تەنتىرىگەن روھنىڭ نالىسىنى ئاڭلايسىز…ئويغانمىساق، روھسىز قۇرۇق تەڭە ئايلىنىمىز. تىرىك مۇردا ھالىتىدە تۇرۇپمۇ، ئۆزىمىزنى «بەخىتلىك ھىس قىلىپ» ژۈرىۋېرىمىز.
روھ تاشلاپ كەتكەن تەڭە پەقەت كېپەنلا يارىشىدۇ. ماقالەمنى ئەسلا پېسسىمىزم بىلەن ئاياقلاشتۇرغۇم يوق. ئۈمۈت بار. چاقىرغانغا كېلەرمۇ تېنىتىلگەن روھىم؟ ئۈمۈت بار… «ئۈمۈتسىز-شەيتاننىڭ ئىشى» دەيدۇ خەلىق. چوغ ھالىتىدە تۇرغان ئۈمۈتنى ئىككى مەخسەتتە پۈۋدەشكە بولىدۇ. بىرىنچىسى، كۈلگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىككىنچىسى، يالقۇنلىتىش ئۈچۈن. ئىلاھىم، تارىخ چاقپېلىگى ئۈمۈت ئوتۇمىزنى لاۋلىتىدىغان تەرەپكە پېقىرىغاي.
شەخسىي ئوي-پىكىر–مۇلاھىزىلىرىمنى تۆۋەندىكى نەقىل بىلەن خۇلاسىلايمەن: «ئىختىسات ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات، ماارىپ ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل، ئېتىقات بىرلىگى بولمىغان مىللەت خاراپ بولىدۇ».