Ussuli Jedit- UEY

ئابلەت سەمەت

قىرىم تاتارلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان داڭلىق مائارىپچى، نەشرىياتچى ۋە سىياسەت ئەربابى ئىسمائىل  غاسپىرالى 1881- ؟يىلى “تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك” شوئارى بىلەن نەشر قىلىشقا باشلىغان تۈركى تىلىدىكى “تەرجىمان” گېزىتى ئارقىلىق تۈركى تىللىرىنىڭ ساپلىقى ۋە كەڭ قوللىنىشچانلىقى ئۈچۈن يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئېدى. ئىسمائىل  غاسپىرالىنىڭ 1884-يىلى قىرىمدا باشلىغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىغا، ھەتتا ياۋرو-ئاسىيادىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىگە قەدەر كېڭەيگەن “ئۇسۇلى جەدىد” مائارىپى، قىرىمدىن ھىندىستانغىچە، ئىستانبۇلدىن شەرقىي تۈركىستانغىچە بولغان بىپايان تۇپراقلاردىكى خەلقلەردە زامانىۋى مائارىپنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئېدى.

ئىسمائىل  غاسپىرالىنىڭ 1893-يىلى ۋە 1907-يىلى قىرىمدىن تۈركىستان تۇپراقلىرىغا قىلغان ئىككى قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش سەپىرى، غەربىي تۈركىستاننىڭ يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىدە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغان بولسا؛ شەك-شۈبھىسىزكى، شەرقىي تۈركىستاندا زامانىۋى مائارىپنىڭ تۇغۇلۇشى ھەم دەسلەپكى تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغانلىقى مەلۇم. بىر قىسىم ئەسلىمىلەر ۋە خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان كوللېكتىپ ئەستىلىكلەرگە قارىغاندا، ئىسمائىل  غاسپىرالى تۈركىستان ساياھىتى مەزگىلىدە غەربىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇنەۋۋەرلىرى بىلەنمۇ دىدارلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئېكەن. يەنە بىر قىسىم يازما مەنبەلەردە ۋە ئەسلىمىلەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى بالدۇر ئويغانغان تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ كاللىسى ئېچىلغان بىر قىسىم ياشلارنى قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى باغچەسارايغا ئەۋەتىپ، ئىسمائىل  غاسپىرالى ئاچقان ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىدە تەھسىل ئالدۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

1909-يىلى يازدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ئىسمائىل  غاسپىرالى ئىستانبۇلغا بېرىپ، ئۇسۇلى جەدىد مائارىپى ھەققىدە بىر يۈرۈش دوكلات ۋە لېكسىيەلەرنى بەرگەن. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىستانبۇلدا ئىسمائىل  غاسپىرالىنىڭ تۇنجى لېكسىيەسى باشلىنىش ئالدىدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋە داڭلىق يازغۇچى مەسۇم ئەپەندى ئەپەندى، تونۇشتۇرۇش نۇتۇقى سۆزلەپ، غاسپىرالىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن مۇنداق نەقىل كەلتۈرگەن: “… چىن مۇسۇلمانلىرى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ بالدۇر ھەرىكەتلىنىپتۇ. ئىسمائىل  غاسپىرالى ئەپەندى ھەزرەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن چىندىكى تۈركلەر كۆركەم بىر مەكتەپ بىنا قىپتۇ. ئارىلىرىدىن مەسۇم ئەپەندى ئىسىملىك بىر كىشىنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپتۇ. ئۇ كىشى بىر نەچچە يىل بۇ يەردە تەلىم ئېلىپتۇ. ھازىر يۇرتىدا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ”.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلىرىدىن بولغان “سىراتىلمۇستەقىم” (توغرا يول) نىڭ 1909-يىلى 5-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان مەسۇم ئەپەندى ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى چېكىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇسۇلى جەدىد مائارىپى بويىچە دەسلەپ ئېچىلغان مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى ۋە مۇدىرى بولغانلىقى، ھەتتا قىرىمغا بېرىپ ئىسمائىل  غاسپىرالىدىن ئۇسۇلى جەدىد مائارىپىنىڭ مېتودىنى ئۆگەڭەنلىكىدەك ئۇچۇرلاردىن، مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئىسمائىل  غاسپىرالى بىلەن يېقىن تونۇش ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس. ئەمدى ئىسمائىل  غاسپىرالى تىلغا ئالغان چىندىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرى ئاچقان مەكتەپنىڭ ئېنىق ئورنى ھەققىدە “ۋاقىت” گېزىتىنىڭ 1908-يىلى 1-ماي سانىغا بېسىلغان “غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەھۋالى” ماۋزۇلۇق خەۋەردىن جاۋاب تاپالايمىز. ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: “بۇ يىللاردا مۇسابايوفلار ‛ئۇسۇلى جەدىد‚ مەكتىپى ئېچىپ، ماھىر مۇئەللىملەر كەلتۈردى. بالىلارنى نىزام ۋە تەرتىپ بىلەن ئوقۇتۇشقا باشلىدى”.

ئۇنداقتا، مەشھۇر مائارىپچى ئىسمائىل  غاسپىرالى تىلغا ئالغان مەسۇم ئەپەندى كىم؟ ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا، جۈملىدىن ئىلىدا تۇنجى “ئۇسۇلى جەدىد” مەكتىپىنىڭ ئېچىلىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن؟ ئۇ نېمە مەقسەت بىلەن غاسپىرالىنىڭ يۇرتى، يەنى ئۇسۇلى جەدىد مائارىپىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان جايى بولغان باغچەسارايغا بارغان؟ ئۇنى كىملەر ئەۋەتكەن؟

غۇلجادا تۇغۇلۇپ كېيىنچە تاتارىستاندا ياشىغان، شۇنداقلا قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان داڭلىق تارىخشۇناس مىرقاسىم گوسمانوف 2006-يىلى ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە مەسۇم ئەپەندى ۋە ئۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن ئورېنبۇرگقا بېرىپ ئۇسۇلى جەدىد مائارىپى بويىچە تەھسىل ئالغان يەنە بىر ئۇيغۇر مائارىپچى ئابدۇلكېرىم ئەپەندى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. ئۇ بۇ ماقالىسىگە “تەرجۈمان گېزىتى” نىڭ 1900-1902-يىللىق مۇناسىۋەتلىك سانلىرىدىكى بىر قىسىم خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى مەنبە قىلىپ كۆرسەتكەن. تارىخچى مىرقاسىم گوسمانوفتىن كېيىن مەسۇم ئەپەندى ھەققىدە تەپسىلىي ئىزدەڭەن يەنە بىر تەتقىقاتچى “ئۇيغۇر مىللىتى” ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى دېيۋىد بروفىي (داۋىد بروپھي) دۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياقلىغان دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىدە مەسۇم ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم مەلۇماتلارغا ئورۇن بەرگەن.

ئوبزورچى ۋە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان يالقۇن روزى بىلەن ئىلىنىڭ مائارىپ تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان دولقۇن روزى قاتارلىق كىشىلەر، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە يازغان ماقالە ۋە ئوبزورلىرىدا تارىخچى مىرقاسىم گوسمانوفنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مەسۇم ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان “ئانا يۇرت” ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدىكى “ئۇيغۇر جەدىدچىلىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا قىسقىچە نەزەر” ماۋزۇلۇق ماقالىدىمۇ مەسۇم ئەپەندى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىلگەن.

ھالبۇكى، مەسۇم ئەپەندى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ئۇچۇر بەرگەن كىشى غۇلجادىكى ھۈسەيىنىيە مەكتىپىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىسى ۋە مەسۇم ئەپەندىنىڭ شاگىرتى، شۇنداقلا 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا كۆزگە كۆرۈڭەن شەخس-مەسۇد سابىرى بايقوزى ئىدى. مەسۇد سابىرى 1947-يىلى “شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت” نىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن، “ئۈچ ئەپەندى” لەر تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلىنغان “دەرنەك” ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە ئولتۇرۇشىدا، ئۆزىنىڭ ئىلىم تەھسىل تارىخى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىنىڭ ئۆتمۈشى توغرىلىق لېكسىيە بەرگەن. ئۇ 1948-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى “دەرنەك” تە سۆزلىگەن شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىچە مائارىپىنىڭ تۇغۇلۇشى توغرىسىدىكى لېكسىيەسىدە مەسۇم ئەپەندى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق دوكلاتى “شىنجاڭ گېزىتى” نىڭ 1948-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈڭىچە بولغان ئارىلىقتىكى سانلىرىدا ئۇلاپ بېسىلغان. مەسۇد سابىرى “يۇرتىمىزدىكى تەجەددۇد تارىخى” ماۋزۇلۇق بۇ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يازغان: “…1899-يىلى ئېدى. مەن بىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتىم. مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ياشلار ئەرەبچە ‛زەرفى تەجۋى‚ باشلىغان بىر ۋاقىت ئېدى. مۇئەللىمىمىز بىر تۈرك مۇئەللىم. بىز بىرەر يۈزگە قەدەر شاگىرت ئىچىدىن 4-5 شاگىرتنى ئايرىپ يېزىۋالدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ قوللىرىغا بىر پارچىدىن كىتاب تۇتقۇزدى. بۇنىڭ بىرى كىچىك جۇغراپىيە كىتابى، يەنە بىرى ھېساب كىتابى. مۇئەللىم ئېيتتى: ‛بۇندىن كېيىن ئۆزىمىزچە ئوقۇيسىلەر. ھەر كۈنى كىتابتىن دەرس بېرىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىمتىھان ئالىمەن‚ دېدى. ”

مەسۇد سابىرى دوكلاتىنىڭ داۋامىدا يېڭىچە مائارىپنىڭ ئىلىدا باشلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغىنىدا، شۇ يىللاردا رۇسىيەدە تىجارەت قىلىۋاتقان ھۈسەيىن مۇسابايوفنىڭ رۇسىيەنىڭ پەرقلىق يەرلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلىرى ئارىسىدا تارقالغان يېڭىچە مائارىپ بىلەن تونۇشقانلىقىنى بايان قىلغان. مەسۇد سابىرى دوكلاتىدا ھۈسەيىن مۇسابايېفنىڭ يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە داڭلىقلىرىدىن “ئورېنبۇرگ دارىلمۇئەللىمىن” نىڭ قۇرغۇچىسى مەرىپەتپەرۋەر باي ئەھمەتباي ھۈسەيىنوف بىلەن بىلەن ئۇچراشقىنىدا، ئۇنىڭ ئۆزىگە “سىلەرمۇ ئۆز يۇرتۇڭلاردا مۇشۇنداق مەكتەپ ئاچقان ۋە شاگىرت تەربىيەلىگەن بولساڭلار ئېدى” دېگەنلىكىنى قەيت قىلغان. مەسۇد ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، 1899-يىلى غۇلجادا ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپىدە مۇئەللىم بولغان كىشى ئەسلىدە 1897-يىلىدىن باشلاپ تاتارىستاننىڭ قارغالى دېگەن يېرىدە ئېچىلغان قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش كۇرسىنى پۈتتۈرگەن كىشى ئىكەن. مۇسابايوفلار مەسلىھەتلىشىپ غۇلجادىكى بۇ مەكتەپتە ئىككى سىنىپ ئاچماقچى بولغان ۋە ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسۇم ئەپەندى ئىسىملىك كىشىنى باغچەسارايغا ئەۋەتمەكچى بولغان.”

مەسۇد سابىرى ئەپەندى دوكلاتىدا، مەسۇم ئەپەندىنىڭ باغچەسارايدىن تۈركىيەگە بارغان ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ ئۆزىنى 40-50 ياشلاردا دېگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئۇچۇردىن ئۇنىڭ 1904-يىللىرى تەخمىنەن 50 ياشلار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، قىياس قىلىش مۇمكىن.

“تەرجۈمان” گېزىتىنىڭ 1900-يىلى 16-يانۋار سانىدا ئېلان قىلىنغان مەسۇم ئەپەندى ھەققىدىكى “غۇلجالى مۇئەللىم” ناملىق خەۋەر “تەرجۈمان” گېزىتىنىڭ 1900-يىلى 16-يانۋار سانىدا ئېلان قىلىنغان مەسۇم ئەپەندى ھەققىدىكى “غۇلجالى مۇئەللىم” ناملىق خەۋەر

رفا/ئابلەت

***

مەسۇم ئەپەندىنىڭ يىراق شەرقىي تۈركىستاندىن قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى باغچەسارايغا كېلىپ يېڭىچە مائارىپتىن تەلىم ئېلىش ئارزۇسى ۋە جاسارىتى ئىسمايىل غاسپىرالىنىمۇ ھەيران قالدۇرغان. “تەرجۈمان” گېزىتىنىڭ 1900-يىلى 16-يانۋاردىكى سانىغا بېسىلغان “غۇلجالى مۇئەللىم” ناملىق خەۋەردە مەسۇم ئەپەندى ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: “چىن دۆلىتىگە تەۋە غۇلجا بەلەدىيەسى ساكىنلەرىدىن (تۇرغۇنلىرىدىن) ۋە تۈركلەرنىڭ تارانچى تائىپەسىگە مەنسۇپ بولغان مۇئەللىمى سۇبىيان ئەپەندى مەسۇم ھاجى سۇپى ئوغلى مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە “ئۇسۇلى سەۋىتىيە” (يېڭىچە ئۇسۇل) دا ئوقۇتۇشىنى بىر مەزگىل شەخسەن ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىلىمىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن جاپالىق يول ئازابى تارتىپ باغچەسارايغا كەلدى. مەسۇم ئەپەندى ئوچۇق پىكىرلىك، مەدەنىيەتلىك بىر كىشىدۇر. تۆمۈر يول، پاراخوت ئىجاد قىلىنىشتىن بۇرۇن ئات ئايىغى، قۇش قانىتى يەتمەيدۇ دېيىلگەن ئۇزاق ۋە چەتتىكى غۇلجا ھەم قەشقەرگىچە مائارىپ گۈزەللىكىنىڭ يېتىپ بارغانلىقى، بۇ مۇئەللىم بىلەن نامايان بولدى”.

ھازىرغىچە بىز ئېرىشكەن مەلۇماتلاردىن، مەسۇم ئەپەندىنىڭ باغچىسارايدا زادى قانچىلىك ئوقۇغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر جاۋابقا ئىگە بولالمىساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ئىسمايىل غاسپىرالى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغانلىقى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتلارغا ئېگىمىز. شۇنداقلا ئۇنىڭ باغچەسارايدا بىر يىل ئەتراپىدا تۇرغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئىستانبۇلغا بارغانلىقىنى بىلەلەيمىز.