Ömer_Muhemmediy-UEYda

پىلدىرلىغان چىراقلىرىڭ ئۆچمەس، ئۆمەر

(ئۆمەر مۇھەممەدىينىڭ تۇغۇلغىنىنىڭ 105 ژىللىغىغا داىر)

مىللىي مەتبۇاتىمىزنىڭ تۇنجىسى «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ نەشىر قىلىنغىنىغا بىيىل 90 ژىل تولدى. ئابدۇللا روزىباقىېۋ ئاساسىنى سېلىپ، ئۆزى مۇھەررىرلىك قىلغان مەزكۈر گېزىت خەلقىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىنى ئويغىتىشتا، ياش زىيالىلىرىمىزنىڭ، تالانت ئېگىلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينىغانلىغى تالاشسىز. ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغان سەھىپىلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولسىڭىز، بۇنىڭ يارقىن مىساللىرىنى كۆرىسىز. جۈملىدىن كېڭەش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئۆمەر مۇھەممەدىينىڭ كۆپلىگەن شېىر ۋە ھېكايىلىرى ئەينە شۇ گېزىتتا يورۇق كۆرگەن. مەسىلەن، گېزىتنىڭ 1927 — 1928-ژىللىرى چىققان سانلىرىدا ئەدىپنىڭ «گۈللەر تېرىدۇق»، «ئۈزمەڭلار»، «ئالدىمىزدا تېخى»، «ئەندى تالغىمامسەن» شېىرلىرى بىلەن «ئېغىر كۈنلەردە»، «پايدىسىز پۇشمانلار» ناملىق ھېكايىلىرى بېسىلغان.

ئەندى گېزىتنىڭ 1931-ژىلى 18-مارتتىكى سانىدا شاىرنىڭ ۋاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك نېكرولوگ بېرىلىپتۇ. ئۇنىڭدا ئۇستاز-شاىرنىڭ ھايات يولى، ئەمگەك پاالىيىتى قىسقىچە ئېيتىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭى شېىرلىرى بېرىلگەن. ئۇنى ئوقۇپ، ھەددىدىن تاشقىرى نامراتچىلىق تۇرمۇش ئاقىۋىتىدىن ياشلىغىدىنلا سىل كېسىلىگە دۇچار بولۇپ، ھاياتىنىڭ بەكمۇ بېۋاقىت قىيىلغىنىغا ئېچىندىم. ئۆمەر بارى-يوقى 25 ژىل ھايات كەچۈرۈپ، بەش-ئالتە ژىللا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئەدەبىياتىمىز تەرەققىياتىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۆچمەس ئىزىنى قالدۇرۇپ ئۈلگىرەلىدى. ئەدىپ جەمىيىتىمىزدە، ھاياتىمىزدا بولۇۋاتقان زور ئىجتىماىي-تارىخىي ئۆزگىرىشلەر دولقۇنىدا ئۈزۈپ، ئۆزىگە خاس ئاۋازى بىلەن ئىجات قىلدى، كەينى-كەينىدىن يېڭى ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىسمى ئاممىباپلىققا ئايلاندى. ئۆمەر مۇھەممەدىي موشۇ تەۋەدىلا ئەمەس، شەرقىي تۈركستان زىمىنىدىكى تالاي قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە تونۇلدى.

ئۆمەر مۇھەممەدىينىڭ تۇغۇلغىنىغا بىيىل 105 ژىل ۋە ۋاپات بولغىنىغا 80 ژىل بولۇپتۇ. بۇمۇ ئۇلۇق نامايەندىمىزنى بىر ئەسكە ئالىدىغان پەيت. ئۆمەر 1906-ژىلى ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەر يېزىسىدا باتراق ئاىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى توقا بوۋاي يازدا ئېتىزغا چىقىپ، قىشتا تاغدىن ئوتۇن توشۇپ، ئاىلىسىنى ئاسرىسا، ئانىسى ھاللىقلارنىڭ نېنىنى يېقىپ، كىر-قاتىنى ژۇيۇپ، تىرىكچىلىك قىلاتتى. مەشەقەتلىك ئەمگەك، يوقسىزچىلىق ئۇلارنىڭ سالامەتلىگىگە خېلە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۆمەر ئالتە ياشقا كىرگەندە، غەمگۈزار ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇ 1918-ژىلغىچە يېزىدا دادىسى بىلەن موشۇنداق ئېغىر ھايات كەچۈرۈپ، ئاندىن تۇققانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئالمۇتىدىكى سايبويى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىدۇ ۋە موشۇ يەردە ئۆز تىرىكچىلىگىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

كېڭەش ھاكىمىيىتى ئورنىغاندىن كېيىن، يوقسۇللارنىڭ بىرى ئۆمەر مۇھەممەدىيمۇ ئوقۇپ، بىلىم ئېلىش مۈمكىنچىلىگىگە ئېگە بولىدۇ، يەنى ئون تۆرت يېشىدىن مەكتەپ ئىشىگىنى ئاچىدۇ. ئۇ 1922-ژىلى ئالمۇتىدا ئېچىلغان ئۈچ ئايلىق كۇرسنى پۈتىرىپ، تاشكەنتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلىم ئورنىدا ئوقۇيدۇ. ئۇنى 1927-ژىلى ئۈلگىلىك تاماملاپ، ئالمۇتىغا كېلىدۇ ۋە «زەرۋات» مەكتىۋىدە بىر ژىل مۇەللىم بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئاندىن چېلەككە كېلىپ، ئۇستازلىق پاالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. موشۇ يەردىن ئۆمەر ياركەنت شەھىرىگە كۆچىرىلگەن «زەرۋات» (كېيىن ئۇ پېدتېخنىكۇمىغا ئايلاندۇرۇلدى — ئا.ت.) مەكتىۋىگە ئەۋەتىلىپ، ياش ئەۋلاتقا بىلىم ۋە تەربىيە بېرىشكە ئىجدىھاتلىق بىلەن كىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، ئىلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنىمۇ ئاتقۇرىدۇ. زامانداشلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆمەر مۇھەممەدىينىڭ ماتېماتىكا پەنى بويىچىمۇ ئىختىدارى كۈچلۈك بولغان ئېكەن. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا ۋە ئەدەبىيات پەنلىرىدىن چوڭقۇر بىلىم بېرىشكە بارلىق كۈچ-قۇۋىتىنى سەپەرۋەر قىلىدۇ. شۇنداقلا ئىجادىيەت بىلەنمۇ ئاخىرقى دەملىرىگىچە قىزغىن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھېزىم نىغمەتوۋ، مۇسا خالىقوۋ، شېرىپ سوپىېۋ، ئابدۇغوپۇر روزىباقىېۋ، ئابدۇراخمان كامالوۋ، شاكىر ئادىلوۋ ۋە باشقا كۆرنەكلىك زىيالىلار پاالىيەت ئېلىپ باراتتى. ئۇلار مىللىي ماارىپىمىزنىڭ دەسلەپكى قالىغاچلىرىدىن ئېدى. ئۇستازلار ئارىسىدا ئۆمەر مۇھەممەدىينىڭ ئىسمى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىناتتى.

ئۆمەر ياركەنتتە چىقىۋاتقان «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ رېداكسىياسى بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ سەھىپىلىرىدە ئەسەرلىرى پات-پات يورۇق كۆرۈپ تۇراتتى. مەلۇمكى، ئۇ ژىللىرى ئۇيغۇر شېىرىيىتى تېخى يېڭىدىن شەكىللىنىش جەرىيانىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتاتتى. ئۆمەر بولسا، ئۇنىڭ باشلامچىسىدىن بولۇپ، يېڭىدىن قولىغا قەلەم ئالغان تالانتلارغا ئۇستاز بولالىدى. بۇ ھەققىدە ھايات ۋاقتىدا كۆرنەكلىك مەرىپەتچى سىدىق ئاكا زۇلىياروۋنىڭ ماڭا سۆزلەپ بەرگەنلىرى خاتىرە دەپتىرىمدە يېزىقلىق تۇرۇپتۇ: «1929-ژىلى ئالمۇتىدىن «زەرۋات» مەكتىۋى ياركەنتكە كۆچۈپ كېلىشى بىلەن بىر توپ ئۇيغۇر زىيالىرىمۇ بىللە كەلدى، — دېگەن ئېدى ئۇ. — شۇ ژىللىرى مەن ناھىيەلىك ماارىپ بۆلۈمىنى باشقۇرۇۋاتاتتىم. شۇڭلاشقا يېڭى بىلىم دەرگاھىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلىشىپ ژۈردۈم. ئۆمەر مۇھەممەدىي ئىش بابى بىلەن پات-پات ماارىپ بۆلۈمىگە كېلەتتى، ئۈزمۇ-ئۈز سۆزلىشەتتۇق. ئۇ چىرايى جۈدەڭ، ناھايىتى كەمتار، سىلىق-سىپايە، ئۆز پەنىنى يېتۈك بىلىدىغان پېداگوگ ئېدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاغرىغىنىڭ ئېغىرلىغىغا قارىماي، ئىلھام بىلەن يازاتتى. گېزىتتا داۋاملىق بېسىلىپ تۇرىدىغان شېىر، ھېكايىلىرى ئادەملەردە ئالاھىدە تەۋرىنىش ھاسىل قىلاتتى، ئۇلارنى ئوقۇپ، بەھىرلىنەتتۇق.

ئۆمەر ياركەنتتە مۇرىخ دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئىشلىدى، ئۆي ئېگىلىرىمۇ ئۇستازلاردىن ئېدى، ئۇلار ئۆمەرنى تۇققىنىدىنمۇ ئوشۇق كۆرەتتى. 1931-ژىلى يېڭىدىن باھار كېلىپ، ئادەملەر قەلبى ياشناۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شۇ رۇس ژىگىتى تاڭ سەھەردە ئۆمەرنىڭ ۋاپات بولغانلىغى توغرىلىق شۇم خەۋەرنى بىزگە يەتكۈزدى. كۆپ ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ باردۇق. شاىر ياغاچ كارىۋەتتە، بىر قولى ساڭگىلىغان ھالەتتە يېتىپتۇ. ئاغزىدىن ئاق كۆۋۈك چىقىپ كېتىپتۇ، چىرايى زەپىرەڭدەك سارغايغان. ئۈستەل ئۈستىدە قەغەزلىرى چېچىقلىق تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىرىگە يېزىلغان شېىر مىسرالىرىنى ئوقۇدۇق:

پىلدىرلىغان چىراقلىرىڭ

ئۆچتى ئەندى،

ھۇر ھاياتىم قارا يەرگە

كۆچتى ئەندى…

ئارمانلىرىم كۆپ ئېدى…

شېىرىنى ئاياقلاشتۇرالماپتۇ.

مۇرىخنىڭ ئايالى بىزگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شۇ كېچىسى ئۆمەرنى ئاغرىغى قاتتىق بېارام قىلىدۇ. ئاغرىققا چىدالمىغان شاىر تامنى ئۇرۇپ، ئۆي ئېگىسىنى چاقىرىدۇ. يولدىشى دوختۇرنى چاقىرىپ كېلىشكە كېتىدۇ، ئايالى ئۆمەرنىڭ يېنىدا سەكپارە بولۇپ قالىدۇ، كەلگەن دوختۇرمۇ ھېچ نەرسە قىلالمايدۇ. ئاخىرى ئۆمەر مۇرىخنىڭ ئايالىنىڭ قولىدا جان بېرىدۇ.

كۆپ ئۆتمەي، ئالمۇتىدىكى سايبويى مەھەللىسىدىكى ئاغرىق دادىسى توقا بوۋايمۇ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ ئۆمەرنىڭ ۋاپات بولغىنىدىن بېخەۋەر ئېدى…

شۇ كۈنى ياركەنت تەۋەسى ماتەمگە چۆمىدۇ، ئېغىر جۇدالىق خەۋەر بارلىق جايلاردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ژۈرىگىنى موجۇيدۇ. مەكتەپلەردە ئوقۇش توختىتىلىدۇ. پېدتېخنىكۇمدا تۇراقلىق چىقىپ تۇرغان تام گېزىتىنىڭ نوۋەتتىكى سانى ئۆمەرنىڭ ھاياتىغا بېغىشلىنىدۇ. مەرھۇمنىڭ مۇردىسى بىلىم دەرگاھىنىڭ زالىغا قويۇلۇپ، ۋىدالىشىش رەسمىيىتىدىن كېيىن، ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزىتىلىدۇ. جەسىدى شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىدىكى «پاشالىق باققا» دەپىن قىلىنىدۇ…»

شۇنىڭدىن بۇ يان توپ-توغرا 80 ژىل ئۆتۈپتۇ. ئارىلىقتا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئامما خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى ئۆمەر مۇھەممەدىينىڭ يارقىن قىياپىتى، ئۆلمەس مىراسلىرى قەلبىمىز تۆرىدىن ھېلىغىچە مۇستەھكەم ئورۇن ئېگىلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئىسمى، قالدۇرغان روھىي مىراسى ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا ئۆتۈپ، مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئوتتۇز ژىل مۇقەددەم ياركەنتلىك مەرت-مەردانە ئوغلانلىرىمىزنىڭ بىرى تۇرسۇن سېمەتوۋنىڭ تەشەببۇسى ۋە بېۋاسىتە كۈچ چىقىرىشى، مەبلىغى تۈپەيلى ئۆمەر مۇھەممەدىينىڭ مۇردىسى «پاشالىق باغدىكى» خارابىيلىققا ئايلانغان جايدىن شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قەبىرستانلىققا قايتىدىن دەپىن قىلىنىپ، ئۇنىڭغا يادىكارلىق ئورنىتىلدى.

مىننەتدار ئەۋلات بۈيۈك ئەدىپ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرىنى قىلىپ، ئۇنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا ئۆمەر مۇھەممەدىي نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، ياركەنت شەھىرىدە شاىر نامىدا ئاتىلىدىغان كوچا ۋە مەھەللە بار. ئۇلۇق ئەدىپنىڭ تۇغۇلغىنىنىڭ 100 ژىللىغى پانفىلوۋ ناھىيەسى رەھبەرلىگىنىڭ ھەم ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن كەڭ داىرىدە تەنتەنىلىك ئاتاپ ئۆتۈلدى.

پۇرسىتى كەلگەندە، شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەدەبىيات ساھاسىدىكى تەتقىقاتچى-ئالىملار، شاىر-يازغۇچىلار ئۆمەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ ھاياتى، ئىجادىي پاالىيىتى توغرىلىق خېلە ئەسەرلەرنى يازدى. شۇلارنىڭ بىرى — ئاتاقلىق يازغۇچى جامالىدىن بوساقوۋنىڭ «يالقۇن» پوۋېستى. مەشھۇر ئالىم مۇرات ھەمراېۋ بولسا، 1968-ژىلى «ئۆمەر مۇھەممەدىينىڭ تاللانما ئەسەرلىرى» كىتاۋىنى نەشىر قىلدى.

ئويلاپ كۆرسەك، ئارىدىن قىرىق ئۈچ ژىل ئۆتۈپتۇ. ئۇلۇق ئەدىپنىڭ تۇغۇلغىنىنىڭ 110 ژىللىغىمۇ يېقىنلىشىۋاتىدۇ. شۇڭغىچە ئۆمەر مۇھەممەدىينىڭ تاللانما ئەسەرلىرىنى توپلاپ، نەشىردىن چىقىرىشقا ھامىيلىق قىلىدىغان بىرەر مەردانە ئوغلانلىرىمىز مەيدانغا چىقسا، ناھايىتى سوۋاپلىق ئىش قىلغان بولار ئېدى…

ئابدۇكېرىم تۇدىياروۋ،

قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي ژۇرنالىستى.
© ئۇيغۇر ئاۋازى