ئابدۇللا روزىباقىېۋ
مەشھۇر ئىنقىلاپچى، دۆلەت ۋە جەمىيەت ئەربابى.
1917-ژىلقى ئوكتيابر ئىنقىلاۋى ھارپىسىدا شەھەرلىك ۋە ئالمۇتا ئۇېزلىق مۇسۇلمان كوممۇنىستلىرى ئىتتىپاقىنى، «ئۇيغۇر» ياشلار ئىتتىپاقىنى، كېيىنىرەك «قوشچى» ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىپ، رەھبەرلىك قىلغان. خەلقىمىز تارىخىدا مۇھىم رول ئاتقۇرغان ئەرباپ ئۇيغۇر ماارىپى ۋە مەتبۇاتىنىڭ تىكلىنىشىگە زور ھەسسە قوشقان.
ئۇدۇل يول
(«كەمبەغەللەر ئاۋازى»، 1930، 14-ماي)
ئالمۇتىدا بولىدىغان ئۇيغۇر ئىلمىي كونفېرېنسىياسىنىڭ تارىخىي ھەم ئەمەلىي ئورنى چوڭ. بۇ كونفېرېنسىيادە قارىلىدىغان ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ ئىملاسى، تىلىمىزنىڭ لۇغەت-ئاتالغۇ مەسىلىلىرى يېڭى، چوڭ ھەم ئېغىر مەسىلە. بۇ مەسىلىنىڭ توغرا ھەل بولۇشى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ مەدەنىي-سەياسىي ئۆسۈشى يولىدا، مەدەنىي كۈچلەر بۇ مەسىلىلەرنى، ئاساسەن، توغرا ھەل قىلار، دەپ، ئىشىنىمىز.
كونفېرېنسىيادە قارىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئەمەلىي تەكشۈرۈشنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ، بىز پەقەت كونفېرېنسىيانىڭ تۈپكى يولى توغرىسىدا ئۇمۇمىي پىكىرلىرىمىزنى يازماقچى بولىمىز.
***
تۈپ مەسىلە: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرلەشكەن ئەدەبىي تىل قۇرۇلۇشى مۈمكىنمۇ، مۈمكىن ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوالغا جاۋاپ بېرىشتا.
موشۇ سوالغا ئوچۇق، توغرا جاۋاپ تاپماي تۇرۇپ، باشقا مەسىلىلەرنى توغرا يەشمەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆسۈش يوللىرىنى ئەمەلىي بەلگۈلىمەك ھەددىدىن ئارتۇق قىيىن.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەتبۇاتىنىڭ ئۆسۈش يولىنى توسۇغان مايدا چاتاقلاردىن قۇرۇلغان زەنجىرنىڭ يېشىنىلىدىغان تۆڭگىسى موشۇ مەسىلە. بۇ ياش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نېگىز مەسىلىسى.
ئۇيغۇر بىرلەشكەن ئەدەبىي تىلى – مانا ئۇدۇل، كەڭ ھەم ئوڭاي يولى، بىرلەشكەن ئەدەبىي تىلنى ياقلىماسلىق ياكى بىرلەشكەن ئەدەبىي تىلغا قارشىلىق موشۇ كەڭ، ئۇدۇل يولدىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتمەي، بۇ يولدىن چىقىپ، خەتەرلىك كەشكىندىن ئۆتۈمەن دەپ، ئاۋارە بولۇش بىلەن تەڭ. بەختىمىزگە قارشى، «باتۇر» كۆشكىنچىلەر كۈندىن – كۈڭە كېمىمەكتە. پرولېتارىات ھاكىمىيىتى شاراىتىدا ئۆسكەن ئۇيغۇر ژۇتدارچىلىغىنىڭ «سوقۇر باتۇرچىلىق»دىن ئوڭچۇلۇق ھەم «قۇرۇق سولخايلىق»لاردىن قۇتۇلۇپ، ماركسىزم-لېنىنىزم بىلەن يورۇتۇلغان كەڭ سىنىپىيەت يولىغا كىرىشتە شەك يوق.
بىرلەشكەن ئەدەبىي تىل ئۈچۈن كۈرەش – سىنىپىي كۈرەش
چۈنكى، كوممۇنىست پارتىياسى، ئىشچى سىنىپى مەھكۈم مىللەتلەرنى (ئۇيغۇرستان ئىپادە) ئازاتلىققا يەتكۈزىمەن، دەيدۇ. چۈنكى، ھەقىقىي ئازاتلىققا يېتىش مەدەنىيەتنىڭ سىرتىدا، يەنى مەدەنىيەتكە ئېگە بولماي تۇرۇپ ،مۈمكىن ئەمەس.
چۈنكى، بىر مىللەت تىل قۇرالىغا ئېگە بولماي تۇرۇپ، مەدەنىيەتكە يېتەلمەيدۇ.
چۈنكى، بىرلەشكەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىگە قارشىلىق ئەشۇ تىل قۇرالىنى پارچىلاش، مەدەنىي ئۆسۈش يولىنى قىيىنلاشتۇرۇش دېگەن سۆز.
كونفېرېنسىيادە قارىلىدىغان مەسىلىلەر قۇرۇقلا ئىلمىي مەسىلىلەر بولماي، شۇنىڭ بىلەن سىنىپىي مەسىلىلەر، دەپ سانىلىش كېرەك. ئىلمىي-پەننىي يولنى سىنىپىيەت مەنپىيىتىگە بويسۇندۇرماق كېرەك.
ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىدىن چىققان ئىلمىي كۈچلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ يوللىرىنى بىرلەشتۈرۈش – ئوپ-ئوچۇق تۇرغان سىنىپىي يول.
دېمەك، كىشى بېشىغا بىر ئەدەبىي تىل قۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇمۇم بىر ئەدەبىي تىل يولىنى ئىزدەش ۋە شۇ بىر ئەدەبىي تىل ئۈچۈن كۈرەش – ئېنىق سىنىپىي مەنپىيەت يولى ئېكەنلىگى شەكسىز.
تارانچى – قەشقەرلىق بىر مىللەتمۇ؟
بۇ سوالنى ياڭلىۋاشتىن، 1930-ژىلى قويۇش كۈلكە. قەشقەرلىك، تارانچىلار ئارىسىدىكى بەزى بىر لۇغەت ئايرىمىچىلىقلىرىنى دەسمىيە قىلىپ، بۇلار ئىككى تۈرلۈك مىللەت، دەپ داۋا قىلىش ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۈلكە. ئەندى بىر مىللەتنىڭ بىر تىلىدىكى تەبىىي بولغان مەھەللىي پەرىقلىرىگە بېقىپ، نەچچە تۈرلۈك «ئەدەبىي تىللارنى» قۇرۇمەن دەپ، مەيدىسىگە سوقۇپ كۆرەڭلەش – ئوچۇقلا مەسقەرىچىلىك. ئەگەر بىز رۇس، ئۆزبەك، قازاق تىللىرىنىڭ ئىچىدىكى مەھەللىي پەرىقلەرنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىدا بىرلەشكەن ئەدەبىي تىلى بارلىغىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، بايىقى مەسقىرىلىك ياپ-يالاڭاچلىنىدۇ. بۇ «مەسقەرىۋازلىقتىن» قۇتۇلۇش كېرەك، بۇرادەرلەر! «تارانچى – قەشقەرلىك باشقا مىللەت» دېگەن سۆز ئىلمىي يول بىلەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چىققان سۆز ئەمەس. بۇ – ئۇيغۇرلارغا مەنسۈپ بولغان تارىخىي شاراىتلاردىن تۇغۇلغان (ئوچۇغىراق ئېيتقاندا، مەدەنىيەتسىزلىكتىن كېلىپ چىققان). ئاندىن تەرەپۋازلىق، شەخسىيەتچىلىكتىن، يولسۇزلۇقتىن، ئىلمىي، سىنىپىي يولغا زىتلىقتىن كېلىپ چىققان سۆز. بۇ تالاش قانچە بالدۇرىراق يوقالسا، بىز شۇنچە ئىلگىرىرەك ئاتلايمىز.
ئەدەبىي تىل قايسى شېۋىچەككە ئاساسلىنىدۇ؟
شۇ كەمگىچە بۇ توغرىسىدىكى تالاشلار تۈپلۈك بىر نەتىجە بەرمىدى ھەم ھازرانلىق، تۈپلۈك بىر نەتىجە بېرىدۇ، دەپ ئېيتىش قىيىن. مېنىڭچە، مەسىلىنىڭ مۇنداق تىلدىكى شېۋىچەكلەردىن بىرنى ئېلىپ، «موشۇ ئەدەبىي تىل بولسۇن» دەپ دېكرېت يولى بىلەن جاكالاش ئىلمىي يولغا سىغمايدۇ، چەك تاشلاپ ئوينىغاندەك بولىدۇ. چۈنكى، بىزدە تولۇق ئۇيغۇر تىلى بىر چەتتە تۇرسۇن، ئايرىم بىر شېۋىچەكمۇ ئىلمىي ياقتىن تەكشۈرۈلۈپ يەتكىنى يوق.
مەن «بىزدە تىل – ئەدەبىيات مەسىلىلىرى» («ك.ئا.»، 27-ژىل) ھەم «يوقسۇل مەپكۈرىسىنى قايمۇقتۇرۇشقا قارشى» («ك.ئا»، 28-ژىل) دېگەن ماقالىلىرىمىزدا بۇ توغرىسىدىكى پىكىرلىرىمىزنى يازغان ئېدىم. بۇ پىكىرلەر تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ئىچىدە:
«بىزنىڭ ئەدەبىيات ۋە مەتبۇاتىمىز «ئۇيغۇرستانغا يېقىنلىشالمىدى، ئۇنىڭ غەزىنىلىرىدىن پايدىلىنالمىدى…»
«مۇندىن كېيىنكى ۋەزىپىلىرىمىز شۇ غەزىنىلەرگە يېقىنلاشماق، پايدىلانماق ۋە شۇ يول بىلەن تىل ۋە ئەدەبىياتىمىزنى بېيىتماق».
«پەرغانە، يەتتىسۇ، قەشقەر، غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق يەرلەردە ياتقان خەلىق ئەدەبىياتى ۋە تىل غەزىنىلىرىگە ئېگە بولغان، ئەمگەكچىلەر ژۇتدارچىلىغىغا نېگىزلەڭەن كۈچلۈك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋۇجۇتقا كەلگۈسىدۇر» («ك.ئا»، 27-ژىل).
بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئەدەبىي تىل بىر شېۋىچەككە ئاساسلانسۇن، دېگەن مەنىگە تامامەن زىت. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ سۆزلەر بىرلەشكەن ئەدەبىي تىل كېرەك، دېگەن يولنى قۇۋەتلەيدۇ. پروفېسسور مالوۋ ئۆز ماقالىسىدا بۇ پىكىرنى تەكىتلەيدۇ.
«پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى ئۈچۈن بىر ئورتاق ئەدەبىي تىل ئىشلەش مۈمكىن، بۇنىڭدىن باشقا يولمۇ يوق.» («ك.ئا»، 30-ژىل 18-سان). ئۇيغۇر تىلىنى مەخسۇس تەكشۈرگەن پروفېسسور مالوۋنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن بىرلەشكەن ئەدەبىي تىلنىڭ دۈشمەنلىرى ئەندى تېچلىق تاپار، دەپ ئىشىنىمىز.
خاتالىقنى بوينىغا ئېلىپ، ئۆز قولى بىلەن تۈزەتكەندە كەتكەن خاتالىق ئۈچۈن ئەيىپلەشكە بولمايدۇ. پەقەت خاتالىقنى تاشلاپ، توغرا، ئۇدۇل يولغا كىرىش كېرەك.
بىرلەشكەن ئەدەبىي تىل قاچان قۇرۇلىدۇ؟
كونفېرېنسىيا بۇ سوالغا توغرا جاۋاپ بەرسە، ئىلمىي كۈچلەرگە دۇرۇس ئورىېنتاسىيا بېرىدۇ، يەنى ئەمەلىي ھەرىكەت يولىنى توغرا بەلگۈلەپ بېرىدۇ.
بىر كونفېرېنسىيانىڭ توختاملىرى بىلەن ئەدەبىي تىل قۇرۇلۇپ قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ كونفېرېنسىيا پەقەت ئەدەبىي تىلغا يېتىش يوللىرىدىكى چوڭ چامدام. سەمەرقەنتتە ئۆتكەن ئىلمىي كېڭەشمۇ ئەدەبىي تىل مەسىلىسىنى ئاساسەن توغرا يەشتى، ئالدىمىزدىكى كونفېرېنسىيا بۇ كېڭەشمىنىڭ يولىنى كۈچەيتىپ، كەڭەيتىپ ئۆتۈش كېرەك. ئەدەبىي تىلىمىز رەسمىيلىشىپ بولغانچە، مۇنداق كۆپ كونفېرېنسىيا، كېڭەشمىلەرنى ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ھەربىر يېڭى كونفېرېنسىيا ياكى تىل تەكشۈرۈش بالدۇرقى تەكشۈرۈشنىڭ كامچىلىقلىرىنى تېپىپ تۈزىتىپ، تولتۇرۇپ بارغۇسى ۋە موشۇ تەرتىپ بىلەن مەلۇم بىر تارىخىي دەۋىرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەدرىجىي سۈرئەتتە رەسمىيلىشىپ، بالاغەتكە يەتكۈسىدۇر.
بۇ تارىخىي دەۋىرنىڭ مەزگىلىنى قەتئىي بەلگۈلەش مۈمكىن ئەمەس.
موشۇ دەۋىرنى مۈمكىن بولغۇنىچە قىسقارتىش – مانا ئىلمىي كۈچلەرنىڭ نېگىز ۋەزىپىسى.
«بىزدە تىل-ئەدەبىيات مەسىلىلىرى» دېگەن ماقالىدە بىز:
«بىزنىڭ ئەدەبىي تىلىمىز ئويغىنىش دەۋرىنى كەچۈرىپ، تۈزىلىش، رەسمىيلىشىشنىڭ باشلاپقى دەۋرىگە كىردى»، دەپ كېلىپ، ھېلىقى دەۋىر توغرىسىدا مۇنداق مۇلاھىزىمىزنى يازغان:
«ھازىرقى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تىلى قاچان پۈتكۈل ئۇيغۇرستاندىكى كۆپچىلىككە تىغىز يېقىنلاشسا، بىرلا سۆزنىڭ مەنىسىنى بەرگەن نەچچە تۈرلۈك ئىستىلاھلاردىن ئازات بولسا، قاچان قەتئىي بەلگۈلەڭەن مەخسۇس قاىدىلەرنىڭ ئىچىگە كىرسە، شۇ چاغدا بىز تىلىمىز رەسمىيلىشىپ، تۈزۈلۈپ بولدى، دەپ ئېيتالايمىز. بۇ يولدا تېخى ئۇزۇن زامان (بەلكى 20–30 ژىل) ئىشلىمەك لازىم».
ھازىرقى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تىلىنى («قۇتۇلۇش» ھەم «قەمبەغەللەر ئاۋازى»نىڭ تىللىرى) ئىدېاللاشتۇرماق، يەنى بالاغەتكە يەتكەن ئەدەبىي تىلىمىز موشۇ، دەپ كۆرەڭلىمەك – خەتەرلىك يول.
ھازىرقى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تىلىغا تەنقىدىي كۆز بىلەن قاراش، بۇ يولدا تېخى نۇرغۇن ئىشلەش (بەلكى (20 –30 ژىل) كېرەك.
موشۇ قاىدىنى ئەستە ساقلىساق، ئۇدۇل يول بىلەن كېتىمىز. ئەدەبىي تىل مەسىلىسىنى، ئۇمۇمەن ئەدەبىياتىمىزنى «قاقتى-سوقتى»لىقلاردىن قۇتۇلدۇرىمىز.
تىلچىلار، يازغۇچىلار، شاىرلار توغرىسىدا
كېڭەشلەر سويۇزىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ ھازىرقى مەدەنىي – ئىجتىماىي ھالىتىگە يارىشا، بىر نەچچە ژىل تىل تەكشۈرگۈچىلەر، يازغۇچىلار، شاىرلار يېتىشتى. بۇلارنىڭ خىزمىتى چوڭ، مۇھىم، بۇلار كۈندىن-كۈڭە ئۆسۈپ، كامالەتكە يېتىدۇ، ئەلۋەتتە.
لېكىن كۆڭۈلنى قۇرۇقلا خۇش قىلىش يولىغا كىرمەس كېرەك. بىزدە ئىلمىي قۇرالنى تولۇق قاناەتلەڭىدەك پايدىلىنىدىغان بىرمۇ ئىلمىي كۈچ يوق تېخى، بۇ سۆزدىن – كامالەتكە يەتكەن ئىلمىي كۈچ تەييار بولغۇنچە قاراپ يېتىش كېرەك، دېگەن مەنا كېلىپ چىقمايدۇ، ئەلۋەتتە.
مۇنداق پىكىرلەر تولا خەتەرلىك. ھازىرقى بار كۈچلىرىمىزگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئۇلارنى پرولېتار يولىدىن تايغۇزماي، شۇلار بىلەن ئىلگىرى ئاتلاش كېرەك. ئۆز ئارا سىناش-تەنقىت يولىنى كۈچەيتىش كېرەك. تراكتورغا يېتىشكىچە ساپاننى تاشلاپ، سوقىغا يېپىشماق لازىم. بىزنىڭ پىكرىمىزچە، مەدەنىي كۈچلىرىمىزنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك بىر يول بار: ئۇلار چەتلەردىن، بىر-بىرىدىن ساۋاق ئېلىش، ئۈگىنىش قاىدىسىنى ئەستە تۇتمايدۇ، ئۇلار تۈپلىگىرەك كىتاپقا قارىمايدۇ (مۇتالىپ ئەتمەيدۇ).
ئاز بىلىمنى ئارتۇرۇش يولىغا ئۇبدان يېپىشمايدۇ، بەزى چاغلاردا ئاز بىلگىنىنى كۆپ بىلگەڭە ساناپ كېتىدۇ.
مەن-مەنلىكمۇ يوق ئەمەس. بىلىمچانلىق مونوپولىياسىگە ئېگە بولۇشنىڭ تېندېنسىيامۇ يوق ئەمەس. «مېنىڭلا دېگىنىم توغرا، باشقىلارنىڭ خاتا»، دەپ داۋا قىلىشقا ئوخشاش. بۇ ئادەتلەر – بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىلمىي كۈچلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ چوڭ زىيان كەلتۈرىدىغان (بەلكى بىر مۇنچە زىيان كەلتۈرگەن) كامچىلىق.
بىز پەقەت ئىلمىي كۈچلىرىمىزنى ژىغىپ، بىرىكتۈرۈپ، ھەركىمنىڭ تەجرىبىسىنى جەملەپ، خالىسلىق بىلەن تەكشۈرەپ ئولتۇرۇپ، شەخسىي يولغا چۈشمەي، ئۆز ئارا تەنقىتنى كۈچەيتىپ ئولتىرىپلا، ئىلگىرى ماڭالايمىز. ھازرانلىق مۇندىن باشقا يول يوق. كونفېرېنسىيا بۇ مەسىلىنى ئەسكە ئالسا ئايانسىز بولماس.
كېڭەشلەر سويۇزى، شۇ جۈملىدە ئوتتۇرا ئازىيا ھەم قازاقستاندا سوسىالىزم قۇرۇشنىڭ ئۆسۈشى بىلەن، بۇ قۇرۇلۇشتا ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ قاتنىشى كۈچىيىشى بىلەن بىر قاتارلاپ، ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنى مەدەنىيىتى ئۆسىدۇ، مەدەنىي كۈچلىرىمۇ كۈچىيىدۇ، ئۇيغۇرستاننىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئولتىرىپ، ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيىتىنىڭ نېگىزى كېڭەش توپرىغىدا سېلىنىدۇ.
«مەدەنىيەتنى بەلگۈلەيدىغان نەرسە ھەم مەدەنىيەتكە ئېگە بولۇشتا ئەڭ چوڭ قۇرال تىلدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلمىي كۈچلەرنىڭ بىرلەشكەن ئەدەبىي تىل يولىدا كەتمەن چېپىش كېرەك. چۈنكى، بىرلەشكەن ئەدەبىي تىل مەدەنىيەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەڭ ئۇدۇل يول. موشۇ ئۇدۇل يولغا كىرىپ ئالغاندا باشقا مەسىلىلەرنى يەشمەك، باشقا قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلماق تولا ئوڭايلىشىدۇ. موشۇ ئۇدۇل يولغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئىملا ھەم ئاتالغۇ مەسىلىلىرىنى يەشمەك ناھايىتى يېنىكلىشىدۇ.ئىلمىي كونفېرېنسىيانىڭ ئىشلىرىغا يېنىكلىك تىلەيمىز.
ﻗﺌﺰﺋﻠﻮﺭﺩﺍ. 2-ﻣﺎﻱ، 1930-ﮊﺋﻞ.
(ﻣﻪﺗﺌﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭘﯧﺘﺌﭽﻪ ﺑﯧﺮﺋﻠﺪﻯ.)
«بىزنىڭ ئىزىمىز — » ئىنتېرنېت سەھىپېسىدە نەشىر قىلىنغان يازمىلارنىڭ كۆپىچېلىكى مەنا جەھەتتىن ياخشى دىيىشكە بولىدۇ. ئامما مۈئەللىپلارنىڭ ئۇيغۇر ئىبارېلىرىنى خاتا ئىشلېتىشى، ئۇيغۇر تىلىدا بار ئاتالغۇ ۋە ئىبارېلارنىڭ ئورنىغا غەيرى، ئۇيغۇر تىلىغا يات، ئاتالغۇ ۋە ئىبارېلارنى ئىشلېتىشى ۋە ماقالىلاردىكى سانسىز ئىملا خاتالىقلار، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىكسىز ھالەتكە كەلتۈرىپ قويۇپتۇ.
مەسىلەن:
ئىملا خاتالىقلىرى — روزى باقىيۇۋ — ﺭﻭﺯﺋﺒﺎﻗﺌﯧﯟ؛ ئىنقىلاپچى — ﺋﺌﻨﻘﺌﻼﭘﭽﻰ؛ جەمىئەت — ﺟﻪﻣﺌﻴﻪﺕ؛ كوممۇنىسنلار ئىتىپاقىنى — ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﺌﺴﺘﻠﺌﺮﻯ ﺋﺌﺘﺘﺌﭙﺎﻗﺌﻨﻰ؛ قوشۇمچە — «ﻘﻮﺷﭽﺌ» ؛ مەتبۇئاتىنىڭ تىكلېنىشىگە — ﻣﻪﺗﺒﯘﺍﺗﺌﻨﺌﯔ ﺗﺌﻜﻠﺌﻨﺌﺸﺌﮕﻪ، ۋە باشقا نۇرغۇن ئىملا خاتالىقلىرى مەۋجۈت.
سۆز خاتالىقلىرى – ئۇيغۇر تىلىدا – مائارىپ، مەتبۇئات تىكلىنىدۇ ئەمەس، قۇرۇلىدۇ؛ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﺋﻐﺌﻨﺌﯔ ﺋﺌﻤﻼﺳﻰ — ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسى؛ ﻛﯧﯖﻪﺷﻠﻪﺭ ﺳﻮﻳﯘﺯﺋﺪﺋﻜﻰ ئەمەس، كىڭەش ئىتىپاقىدىكى؛ مەنپىيىتى ئەمەس، مەنپېئېتى ياكى مەنپىئەتى؛
بۇ ئەھۋال ئوقۇغۇچىلارنى ژىركەندۈرىپ، سەھىپېدىن قاچۇرىشى ۋە «بىزنىڭ ئىزىمىز»- نىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرىۋېتىشى مۈمكىن.
سەھىپېنىڭ ئىچىلغانلىقى ھەممېمىزنىڭ خۇرسەنت قىلىدۇ، ئامما سەھىپېنى تەشكۈللىگۈچىلەر، مەسىلېگە ئۈزە قارىغاندەك قىلىدۇ. سەھىپېنىڭ ئاساسى مەخسېدى ھەر يانغا چېچىلىپ كەتكەن مىللېتىمىزنىڭ زىيالىلىرىنى بىر نىيەت ۋە مەخسەتكە كەلتۈرىپ، ئۇيغۇر مىللېتىنىڭ كەلگۈسىگە پايدىلىق خىزمەت قىلدۇرۇش ئىدى. ئەپسۇسكى، ھازىرچە، سەھىپېدە ئۇ، مەخسەتنىڭ شەپېسى يوق.
«бизниң изимиз — » интернет сәһипесидә нәшир қилинған язмиларниң көпичелики мәна җәһәттин яхши дийишкә болиду. Амма мүәллипларниң уйғур ибарелирини хата ишлетиши, уйғур тилида бар аталғу вә ибареларниң орниға ғәйри, уйғур тилиға ят, аталғу вә ибареларни ишлетиши вә мақалилардики сансиз имла хаталиқлар, уларниң мәзмунини чүшиниксиз һаләткә кәлтүрип қоюпту.
Мәсилән:
Имла хаталиқлири — рози бақиюв — розбақев; инқилапчи — нқлапчи; Җәмиәт — җәмйәт; Коммуниснлар итипақини — коммунстлри ттпақни; Қошумчә — «қошч» ; Мәтбуатиниң тикленишигә — мәтбуатнң тклншгә, вә башқа нурғун имла хаталиқлири мәвҗүт.
Сөз хаталиқлири – уйғур тилида – маарип, мәтбуат тиклиниду әмәс, қурулиду; уйғур йезғнң мласи — уйғур йезиқиниң имласи; Кеңәшләр союздки әмәс, киңәш итипақидики; Мәнпийити әмәс, мәнпеети яки мәнпиәти;
Бу әһвал оқуғучиларни жиркәндүрип, сәһипедин қачуриши вә «бизниң изимиз»- ниң абруйини чүшүриветиши мүмкин.
Сәһипениң ичилғанлиқи һәммемизниң хурсәнт қилиду, амма сәһипени тәшкүллигүчиләр, мәсилегә үзә қариғандәк қилиду. Сәһипениң асаси мәхседи һәр янға чечилип кәткән миллетимизниң зиялилирини бир нийәт вә мәхсәткә кәлтүрип, уйғур миллетиниң кәлгүсигә пайдилиқ хизмәт қилдуруш иди. Әпсуски, һазирчә, сәһипедә у, мәхсәтниң шәпеси йоқ.
Ассалам Тарим Сәргари әпәндим
Имла хаталиқини оңшап қойдуқ
Программида хаталиқ чиқип қапту
Рәхмәт сизгә
سالام توربەت ساھىبخانىسى، مەنمۇ «تارىم سەرگارى» نىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن. تور بەتنىڭ ۋە ماقالىلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئانا تىلىمىز غا چوقۇم ھۆرمەت قىلىپ، ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن.
بۇ بېكەت ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت.
سالام ، رەخمەت سىلىگە.