9 uey
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى
(9)
مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر
(داۋامى)
ئابدۇنىياز كامال ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوسراپ يېزىسى ئەتراپىغا كېلىدۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن سوۋېت رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى ئابدۇنىياز كامال ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى بايقاپ قالىدۇ. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن روتا كوماندىرى يۈسۈپكە[1] ئۇنى تۇتۇپ كېلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئۇ ئاتلىق روتىسى بىلەن يولغا چىقىپ، كوسراپ يېزىسىدىكى بىر جىرا ئىچىدە چۈشكۈن قىلغان ئابدۇنىياز كامالنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئابدۇنىياز كامالنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغاندا ئابدۇنىياز ئۇلارنى توسۇپ، روتا كوماندىرى يۈسۈپكە:
— ئەمدى ئۆزئارا قان تۆكۈشمەيلى، ھېلىمۇ بىزدىن نۇرغۇن قانلار بىھۇدە ئاقتى. ئەگەر سىز بىزگە قوشۇلسىڭىز، بۇ ئەزىز ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى، خالىغان ئەسكىرىڭىز بىز بىلەن بىللە ماڭسۇن،- دەيدۇ.
يۈسۈپ بولسا:
— مەن بۇيرۇق بويىچە چىقتىم، مەن سىلەرنى تۇتۇپ يەكەنگە قايتىمەن،- دەيدۇ.
ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئابدۇنىياز كامال قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، ھەسرەت بىلەن:
— توغرا، بۇيرۇق بويىچە چىقتىڭىز، سىز بۈگۈن بۇيرۇق بويىچە مېنى تۇتۇپ بېرىسىز، ئەتە باشقا بىرسى بۇيرۇق بويىچە سىزنى تۇتۇپ بېرىدۇ، بىز قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى تۇتۇپ بېرەرمىز! ھەي بىزنى خاراب قىلغان پەيلىمىز، مانا، ئېلىڭ،- دەپ قورالىنى روتا كوماندىرى يۈسۈپكە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇلار يەكەنگە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئايروپىلانى ئۇلارنى ئېلىپ كەتكەن؟… بۇ 1937-يىلى 10-ئاي ئىدى.
شۇنداق قىلىپ باش قوماندان، گېنېرال ئابدۇنىياز كامال رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قېلىش ئۇرۇشى تۆت يىلدىن كېيىن، 1937-يىلى 10-ئايدا دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى باش قوماندانى ئابدۇنىياز كامالنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن ئاياغلاشقان.
قوشۇمچە:
1937-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ بېسىپ كىرگەن ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن رۇس نارىن گۇرۇپپا ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى ن. نورېيكو ۋە سوۋېت ن ك ۋ د باش چېگرا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ن. كرۇچىنىكىن قاتارلىقلار باشلىقلىرىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇرۇشتا شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ 8000، تۇڭگان قوشۇنىدىن 5612 ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى دوكلات قىلغان. بىز بۇنىڭدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى باش قوماندانى ئابدۇنىياز كامال ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ھەم قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
2024-يىلى 11-ئىيۇل، ئىستانبۇل
— تۈگىدى —
پايدىلانغان مەنبەلەر:
* «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»، 2-قىسىم، مۇھەممەت تۇرسۇن ئەمەت ئۇيغۇر. سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. 2017-يىلى ئىستانبۇل نەشرى. 72، 73، 74، 75، 79، 83-بەتلەر.
* «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»، 2-قىسىم، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. 2017-يىلى ئىستانبۇل نەشرى. 159، 160،
161، 163-بەتلەر.
* «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» (17). ئابدۇقادىر ھاجى. خەلق نەشرىياتى. 1985 — يىلى 1 — ئاي — 1 — نەشرى، 3 — ئاي 1 — بېسىلىشى. 60، 61، 62، 63 — بەتلەر.
* «تەپسىرى زەرىف» (7 توم). مۇھەممەد زەرىف قارىھاجىم. سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. 2018-يىلى ئىستانبۇل نەشرى. 7 -، 8 — بەتلەر.
* «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»، 2-قىسىم، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. 2017-يىلى ئىستانبۇل نەشرى. 120، 121، 122، 123، 136 — بەتلەر.
* «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»، 2 — قىسىم، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. 2017 — يىلى ئىستانبۇل نەشرى. 23، 27، 32، 33 — بەتلەر.
* «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر»، شېرىپ نىياز خۇشتار. خەلق نەشرىياتى. 2003 — يىل 1 — ئاي 1 — نەشرى. 2012 — يىل 4 — ئاي 5 — بېسىلىشى. سۈرەتلىك قىسمى ۋە 131 — بەت.
* «سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىمجان ھاجى توغرىسىدا» ئۆمەرجان. (ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى) 2011.01.03.
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/qasimjan-haji-12312010163816.html
* «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»، 2 — قىسىم، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. 2017 — يىلى ئىستانبۇل نەشرى. 23، 27، 31، 32، 169، 170 — بەتلەر.
* «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر»، شېرىپ خۇشتار. خەلق نەشرىياتى. 2000 — يىل 9 — ئاي 1 — نەشرى، 2014 — يىلى 4 — ئاي 6 — بېسىلىشى. 312، 314، 316، 317، 333 — بەتلەر.
* «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. 2017 — يىلى ئىستانبۇل نەشرى. 2 — قىسىم، 60 — بەت.
* «تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغاندا»، ئىككىنچى توم ئىككىنچى كىتاب. ۋاڭ شىلۇڭ. مىللەتلەر نەشرىياتى بېيجىڭ. 2014 — يىل — 1 — ئاي 1 — نەشرى. 12، 34، 35 — بەتلەر.
* «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر»، 2000 — يىلى 9 — ئاي 1 — نەشرى. سۈرەتلىك قىسمى ۋە 213، 214، 215، 216، 217، 218، 219 — بەتلەر.
* «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»، 2 — قىسىم، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. 2017 — يىلى ئىستانبۇل نەشرى. 186، 187، 188، 192، 193، 195 — بەتلەر.
* «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر»، شېرىپ خۇشتار. خەلق نەشرىياتى. 2000 — يىل 9 — ئاي 1 — نەشرى. 9، 10 — بەتلەر.
* «تارىخ سەھنىسىدە»، 1 — توم. مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى. مىللەتلەر نەشرىياتى بېيجىڭ. 2014 — يىلى 1 — ئاي 1 — نەشرى. 300، 306 — بەتلەر.
* «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر»، شېرىپ نىياز خۇشتار. خەلق نەشرىياتى. 2003 — يىلى 1 — ئاي 1 — نەشرى. سۈرەتلىك قىسمى ۋە 255، 256، 257، 258 — بەتلەر.
* «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»، 2 — قىسىم، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. 2017 — يىلى 12 — ئاي ئىستانبۇل 1 — نەشرى. 129 — بەت، ئىزاھات قىسمى.
* «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»، 2 — قىسىم، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى. 2017 — يىلى ئىستانبۇل نەشرى. 331، 332، 334، 335، 336، 337، 338، 339، 340، 341، 342، 343، 344، 345 — بەتلەر.
[1] روتا كوماندىرى يۈسۈپ: شېڭ شىسەي كېيىن ئۆزىگە خىزمەت قىلغانلاردىن روتا كوماندىرى يۈسۈپنىمۇ ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىپ قاتتىق قىينىغان. ئۇ 1940-يىلى تۈرمىدە ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەپ ئۆلگەن. بەزى مەنبەلەردە: رۇسلار ئۇنى ئابدۇنىياز كامالنى تۇتۇپ بەرگەنلىك تۆھپىسى ئۈچۈن بىر تاپانچا بىلەن مۇكاپاتلىغان، كېيىن خوتەننى ئېلىش ئۇرۇشىغا سېلىپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن، دەپ يېزىلغان.