قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلىق قەھرىمانى تېيىپوۋ مۆردۈن
تېيىپوۋ مۆردۈن
قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلىق قەھرىمانى تېيىپوۋ مۆردۈن 1918-ژىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى، ئۇيغۇر ناھىيەسى، چوڭ ئاچىنوقا يېزىسىدىكى كەمبەغەل دېخان ئاىلىسىدە دۇنىياغا كەلگەن. دادىسى خۇدايبەردىېۋ تېيىپتىن 12 يېشىدا ژىتىم قېلىپ، ئانىسى خۇرسىمانىڭ تەربىيەسىدە بولىدۇ. چوڭ ئاچىنوقا يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە 1930-ژىلى قوبۇل قىلىنىپ، 1934-ژىلى پۈتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، شۇ ژىلى چوڭ ئاقسۇ ئوتتۇرا مەكتىۋىگە قوبۇل قىلىنىپ، شۇ مەكتەپنى 1940-ژىلى پۈتىرىدۇ.
1940-ژىلنىڭ ئىيۇل ئېيىدىن 1941-ژىلنىڭ ماي ئېيىغىچە يېزىدا ھەر تۈرلۈك ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. كېڭەش ئارمىياسى قاتارىغا 1941-ژىلى 14-ئىيۇلدا چاقىرىلىپ، ئالمۇتىدا تۈزۈلگەن قەھرىمان 316-گۋاردىيالىق پانفىلوۋچىلار دىۋىزىياسىنىڭ قاتارىدا ئۇرۇشۇپ، دۇبوسېكوۋو رازئېزىدا موسكۋانى قورغاش ۋاقتىدا بىرىنچى ھەربىي سىناقتىن ئۆتتى. بېلورۇسسىيانى، پرىبالتىكا رېسپۇبلىكىلىرىنى، شەرقىي پرۇسسىيانى، پولشانى، چېخوسلوۋاكىيانى ھەمدە ۋېڭرىيانى ئازات ئېتىشتە قاتناشتى. ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ قىيىن-قىستاق ژىللىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، مەيداندا ژۈرگەن ۋاقتىدا قەدىردان ئانىسى خۇدايبەردىېۋا خۇرسۇما زايىر قىزى 1944-ژىلى ۋاپات بولىدۇ.
1945-ژىلىنىڭ ئىيۇلىدا زابايكالئې مەيدانىغا ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭ سېپىدە ئىمپېرىالىست ياپونىيانى گۇمران ئېتىشقا قاتناشتى. سوقۇش ژىللىرى م.ت.تېيىپوۋ تۆرت قېتىم يارىلىنىپ، ژاراھىتىنىڭ ساقىيىشىغا يەنە سەپكە تۇرۇپ، دۈشمەڭە قارشى ئاتلىنىپ تۇردى. كېڭەش ئارمىياسىدىن قايتقاندىن كېيىن م.ت.تېيىپوۋ ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ «ئوكتيابر» كولخوزىدا پارتكوم خەتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلدى. 1952 ژىلدىن باشلاپ، تا پېنسىياگە چىققىچە، م.ت.تېيىپوۋ كىچىك ئاچىنوقا يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇەللىم بولۇپ خىزمەت قىلدى. ئۇ بىر نەچچە قېتىم يېزىلىق ۋە ناھىيەلىك كېڭەشلەرگە دېپۇتات بولۇپ سايلاندى.
مۆردۈن تېيىپ ئوغلى تېيىپوۋنىڭ جەڭلەردىكى ئەرلىگى ئۈچۈن I- ۋە II- دەرىژىلىك ۋەتەن ئۇرۇشى، «قىزىل يۇلتۇز»، II-ۋە III- دەرىژىلىك «شۆھرەت» ئوردېنلىرى ۋە كۆپلىگەن مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغان
1995-ژىلى ئۇلۇق غالىبىيەتنىڭ 50 ژىللىق ھارپىسىدا م.ت.تېيىپوۋقا ۋەتەن ئالدىدىكى ئەرلىگى ئۈچۈن قازاقستان رېسپۇبلىكىسى پرېزىدېنتىنىڭ پەرمانى بىلەن قازاقستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ خەلىق قەھرىمانى دېگەن پەخىرلىك ئاتاق بېرىلدى. قازاقستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ خەلىق قەھرىمانى مۆردۈن تېيىپ ئوغلى تېيىپوۋ 80 گە كىرگەندە يەنى 1998-ژىلى 1-فېۋرالدا ئۇزاققا سوزۇلغان ئاغرىقتىن كېيىن ۋاپات بولدى.