زامانىۋىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مودېرنىزم
ئالىمژان تىلىۋالدى- ھەمراېۋ ئەدەبىياتشۇناس
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 ژىللىرىغا قەدەر كېڭەش ئىتتىپاقى، خىتاي ۋە باشقىمۇ سوسىالىستىك لاگېرغا مەنسۈپ كوممۇنىستىك دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئوبئېكتىۋ ۋە سۇبئېكتىۋ سەۋەپلەرگە بولا ھەم شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئېغىر سۈنئىي سالمىغىغا، سىرتقى ۋە ئىچكى ئېقىم، مۇرەككەپ ژەرىيانلارنىڭ قىسىۋېلىشىغا ھەم قىسىۋېتىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي تۇيۇقلۇققا بېرىپ تىرىلىپ قالغانلىغى ھەممىگە مەلۇم. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەرگىزمۇ ئالغا قاراپ سىلژىش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئېدى. شۇ تۈپەيلى خىتايدا «ئىشىكلەرنى ئېچىۋېتىش»، كېڭەش ئىتتىپاقىدا «قايتا قۇرۇش»تەك بىر بىرى بىلەن ئوخشىمىغان سەياسىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلايدۇ. بۇ دەھشەتلىك تۈس ئالغان سەياسىي-ئىختىسادىي سەۋىيە، سۆزسىز، ژەمىيەتنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى تۈپ ئاساسىدىن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە پۇرسەت ياراتقان ئېدى. شۇنىڭغا ئېتىۋارەن كېڭەش ئىتتىپاقى ئۆزى باشلىغان سەياسىي دولقۇننىڭ ئۇتتۇر بىر قۇرۋىنىغا ئايلىنىپ كەتتى. ھە، خىتايدىكى «ئىسلاھاتلار»مۇ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ژوشقۇن تەرەققىياتىغا قارىماي، بۈگۈنكى كۈندە بارا-بارا نامەلۈم بىر يۆنىلىشلەرگە دۇچار بولۇپ، سەياسىي ئىدېولوگىيالىك قارىمۇ-قارشىلىقلارغا پاتماقتا. ئامما بۇ ئىژتىماىي ئۆزگىرىشلەر ئىككى تەرەپتىكى مىللىي مۇھىتىمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە، سەنئىتىمىزگە ھەم ئەدەبىياتىمىزغا ژىددىي تەسىر قىلماي قويماتتى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ژەمىيەتنىڭ ھەر خىل ساھالىرىدا سېزىلەرلىك نەتىژىلەر قولغا كەلتۈرىلدى. كۆپلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋاقىتتىن غېنىمەت بىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىشقا كىرىشتى. تارىخىي ۋەتىنىمىزدە بۇ ژەرىيان شۇنداق ئىشتىك رىۋاژلاندىكى، ھەتتا يەرلىك ھاكىمىيەت ئۇنىڭغا ئېگىدارچىلىق قىلىپ ئۈلگۈرەلمىدى دېسەكمۇ، خاتالاشقان بولمايمىز. راستى، ئۇلار بەزى ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنىڭ ئىژتىماىي –مەدەنىي تەسىرىنى ھەم ئاڭ-تەپەككۈرنى قوزغىتىۋېتىش قۇۋەت-كۈچىنى چۈشىنىپ كېتەلمىدى. تارىخىي ۋەتىنىمىزدە «ئىشىكلەرنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىگى» تۈپەيلى، تاشقىرىدىن تازا نەپەس ئالغان ژاپاكەش خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىر توپلىغان مىللىي-مەدەنىي غەزنىسىنى ياڭلىۋاشتىن نەشرىياتلاردىن ئېلان قىلىپ ئۈلگەردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، زۇنۇن قادىرى ئوخشاش مىللەتپەرۋەر نامايەندىلىرىمىزنىڭ يالقۇنلۇق،ئەرىكپەرۋەرلىك ئىژادىيىتىمۇ بار ئېدى. ئۇمۇمەن كېڭەش ئىتتىپاقىدا 1986 ژىلى يۈز بەرگەن«ژېلتوقسان» مىللىي دېموكراتىك قوزغىلىشىغا ئوخشاش خىتايدىكى «تەنئەنمىن» ياشلار ھەرىكىتى كوممۇنىزم ئېقىدىسىنىڭ پاچاق-پاچىغىنى چىقىرىۋەتكەن ئېدى. مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ سۈرئەتلىك رىۋاژلىنىشى ئۇيغۇر ژەمىيىتىگە مەژبۇرىي تېڭىلغان ئويدۇرما،كوممۇنىستىك ساختا ئىدېولوگىياسىگە قارىتىلغان سېزىلەرلىك زەربە بولدى.
دەرھەقىقەت، خىتايدا ژۈرگۈزۈلگەن «ئىشىكلەرنى ئېچىۋېتىش» سەياسىتى تۈپەيلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى بەدىىي ئېقىم شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇ ئېقىم توغرىسىدا ھەر خىل پىكىرلەر ئوۋژ ئالدى. ياش ئىژاتكارلار بۇ ئېقىمنى خىتايچە «گۇڭو» دەپ ئاتىدى. بەزى ئەدەبىياتچىلار «گۇڭو» دەپ ئاتاشنىڭ توغرا ئەمەسلىگىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ يۆنىلىشتىكى ئەسەرلەرنىڭ بەدىىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ژەزملەشتۇرىدىغان بىر ئاتالغۇنى تەكلىپ قىلالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۇ يېڭى ئېقىمنىڭ تەكتى-تۈۋىدە شەرىق بىلەن تەڭلا غەرىپنىڭ مودېرنىستىك ئۈلگۈلىرى ياتاتتى. ئۇيغۇر مودېرنىست شاىرى ئەخمەتژان ئوسمان بۇ يۆنىلىشنى «چاچما» شېىر ئەنئەنىسى بىلەن باغلىدى. راست، خخ ژىللارنىڭ بېشىدا پەيدا بولغان «چاچما» شېىر ئەنئەنىسى رۇس ۋە تاتار شېىرىيىتى بىلەن بېۋاسىتە باغلىق. بولۇپمۇ رۇس ئەدەبىياتىدا مەلۇم بىر ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن «فۇتۇرىزم» بەدىىي ئېقىمىنىڭ تەسىرىدىن ياش شاىر ئۆمەر مۇھەممەدىي ۋە ئىسماىل ساتتاروۋلار «چاچما» شېىرىتىنىڭ ئۈلگۈسىنى ياراتتى. ئامما ئۇلارنىڭ شېىرلىرىدا سوسىالىستىك رېالىزم ۋە پرولېتار ماۋزۇدىكى ئىدېيالەر بېسىم بولدى. شېىر مەزمۇنىدا مودېرنىزم ئىدېيالىرى بولمىدى. دېمەك، ئۇ چاغلاردا بىز مودېرنىزمنى پەقەت شەكلەن قوبۇل قىلدۇق. ئەندى خخ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە خخ! ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇر مودېرنىزمنى ئالاھىدە بىر بەدىىي نەمۇنە. ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلىمۇ ئالاھىدە. بىرىنچىدىن، بۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر مودېرنىزمى سوسىالىستىك رېالىزم بەدىىي ئۇسلۇبىغا خاتىمە بەردى. شۇ تۈپەيلى، سوسىالىستىك ھايات تەرىزىنى ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان رېاللىقنى رەت قىلدى. شۇڭلاشقا ياش ئىژاتكارلار ئۆزىنىڭ قارشىلىق مەۋقەسىنى ئۇلۇقلىدى. ئىككىنچىدىن، ئەدەبىياتىمىزدا قېلىپلىشىپ قالغان تەسۋىر ۋە ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىدىن ۋاز كەچتى. ھەتتا ژۈملە مەنتىقىسىدىنمۇ چەتنەشكە باشلىدى. ئۇلار يېڭى ژۈملە قۇرۇلمىسىنى تەكلىپ قىلدى. بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىشتا زامانىۋىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۈچلۈك بەدىىي دولقۇن پەيدا بولدى. ئاتاقلىق پروفېسسور، ئەدەبىياتشۇناس ئازات سۇلتاننىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، «سۈكۈت ئىچىدىكى شاۋقۇننىڭ» كۆتۈرىلىشىگە تالانتلىق يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل» پوۋېستى سەۋەپ بولدى. ئۇ بەش ئەسىر تەكلىماكانغا دۈملەڭەن روھىمىزنىڭ بېتىنى ئاچتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇملۇققا تۆزمەيدىغانلىغىنى ئاشكارە ژاكالىدى. بۇ ھالەت بىلەن بىر مىنۇتمۇ توختىماي، قاتماللىققا قارشى ئۈزلۈكسىز ئېلىشىشنىڭ ئۈلگىسىنى نامايەن قىلدى. مىڭ ئەسىر داۋامىدا ژوشقۇن توپلانغان روھىي-مەنىۋىي غەزنىمىز قۇملۇق شاراىتتا تەبىىي قىسىلىپ قالغان ئېدى. بۇ خىل ۋەزىيەتكە كۆنەلمىگەن ئانا دىيارنىڭ يەنە بىر پەخرى مۇھەممەت باغراش «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇغىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» پوۋېستى بىلەن تەكلىمانغا دۈملەڭەن روھىمىزنى ۋە مىللىي ھىسسىياتىمىزنى يەنە بىر دۆرەن پارتلاتتى. بۇ ئۇيغۇر مەدەنىي ئويغىنىشىنىڭ نوۋەتتىكى يۈزلىنىشىدىن ئۇچۇر بەردى، خالاس. ئۇزۇن ئەسىر داۋامىدا قەلبىمىزدە بىخسىپ كەتكەن، سىقىلىش ھالەتتە تۇرغان ئېڭىمىزنىڭ مەخپىي سىرلىرىنى ئۆزىنىڭ «ئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»، «ئاقساق بۇغا»، «تۆرت قۇلاق»، كۈلرەڭ رەسىم»، «تەنھا ماشىنا»، «ژەننەت چۈشى»، «ژەزىرە» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە ژارىي قىلدى. يازغۇچى ئۆزىگە تەن بەدىىي خاسلىغى بىلەن ھېچ كىمگە ئوخشىماسلىغى تۈپەيلى ئۆزىنى تونۇتۇپ، خەلقىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. ئۇ ئەختەم ئۆمەر بىلەن بىللە تەكلارلىنىۋېرىپ، يالىقتۇرۇشقا يۈزلەڭەن رېالىزم سەنئىتىنىڭ چېگارىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى مودېرنىستىك ئەدەبىياتنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. ئۇ مىللىي روھىمىزغا بېقىنغان خىيالىمىزدىكى سېخىرلىق رېاللىقنى ژارىي قىلدى. بۇ كۆچ-ئېستافېتىنى يەنە بىر يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇر تەدرىژىي ھالدا داۋاملاشتۇردى، بۇ يۆنىلىشتە يەتكەن ئۇتۇقلىرىمىزنى ژەزملەشتۈردى. ئۇنىڭ «قىرلىق ستاكان»، «چوشقىلارغا بايرام»، «ساراڭ»، «بۇرۇت ماژراسى»، «ئالتۇن چىشلىق ئىشت»، «داپ»، «قۇم باسقان شەھەر»قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن بىردىن خەلقىمىز سۆيىدىغان يازغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالدى.ئەدىپ يېڭى ساتىرىنى بەرپا قىلىپ، روھىي نامراتلىغىمىزغا خاتىمە بەردى، خالاس. ئوچۇغىنى ئېيتقاندا، ئەدىپنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ژەرىيانىدا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۈستىدىن، ئۆزىمىز كۈلدۇق، ئۆزىمىزنى زاڭلىق قىلدۇق. ئامما بۇ «مەسخىرە» بىزنى ساپ دۇنىياغا يېتەكلىدى، خالاس. دەرھەقىقەت، ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ بەيگىگە خالىدە ئىسراىل «ئېھ، ھايات»، «رەڭدار قۇيۇن»، «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، پەرھات تۇرسۇن «مەسىھ چۆلى»، «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى»، باتۇر روزى «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»، پەرھات ئىلياس «خىزىر تۆككەن سېدە»، كۈرەش ئۆمەر «ئاخۇنۇم ژىق-ژىق» چوڭ رومان پوۋېستلىرى، ئەخمەتژان ئوسمان، «خاىن تاغلار» شېىرلار توپلىمىلىرى بىلەن بېلىنى باغلاپ، ئەركىن چۈشتى. بۇ دولقۇننى مەنىۋىي ژەھەتتىنابدۇقادىر ژالالىدىن، ئەسەت سۇلېيمان، ئوسمان ئىسماىل، ئادىلژان تۇنىياز،ۋاھىتژان ئوسمان، ئىلغار سىدىق، ئەركىن ئىبراھىم،ئەزىزىي، ژېلىل خېلىل، مۇھەممەت تۇرسۇن ئەلى، ئايگۇل ھەمدۇللا ئوخشاش تالانتلىق ياشلار قوللىدى. يېڭى تۈركۈمدىكى كۆپلىگەن ئىژاتكارلار مودېرنىستىك ئەدەبىيات ئۈلگىلىرىنى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەرەققىياتىدا يېڭى سۆز سەنئىتىنى تېخىمۇ يۈكسەك چوققىلارغا كۆتۈرىشكە كىرىشتى. ياش يازغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بەلەنت قابىلىيەتكە ئېگە يالقۇن روزىنىڭ قاتماللىققا قارشى شىددەتلىك ژەڭگە قەتئىي ئاتلانغانلىغىنى تىلغا ئالماي مۈمكۈن ئەمەس. ئىژاتكار ھەر قانداق ساختا قىياپەتلەرگە، مىللىي قەلبىنى قوراي باسقان ئىنسانلارغا ھەرگىزمۇ چىداپ تۇرالماتتى. ئۇلار يېڭى بەرپاكارلىققا ئىنتىلغان ئۇيغۇر ئوبرىزىنى يارىتىشقا مۇۋاپپەق بولالىدى. بۇ توپتىكى نامايەندىلەرنىڭ ئىژادىيەت مېۋىسىدىن ئوزۇقلانغان يالقۇنلۇق ئىسىيانكار يازغۇچى نۇرمەھەمەت ياسىننىڭ بەدىىي نەمۇنىلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىش ئورۇنلۇق. تەكرارلايمىزكى، بۇ يۆنىلىش دۇنىيا ئەدەبىياتىدا پوستمودېرنىزم، خىتاي ئەدەبىياتىدا «گۇڭگو»، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «تەكلىماكانغا دۈملەڭەن روھ»، يەنى «يوپۇق، تۇتۇق» دېگەن ناملار بىلەن مەلۇم. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ پوېزىيا ژانرىدا ناھايەت زور مەدەنىي-ئىنقلاۋىي سىناقلار ئەمەلگە ئاشۇرىلىپ، بۇرۇن بولۇپ باقمىغان تەژرىبىلەرگە يول قويۇلدى. بۇ بەدىىي يېڭىلىقلار ئالدى بىلەن ياش ئىژاتكارلارنىڭ تەژرىبىسى تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشتى. كۆپلىگەن ئىژاتكارلار مىللىي ئەدەبىياتىمىزدىكى قاتماللىق بەدىىي ئەنئەنە شەكلىگە قەتئىي قارشى چىقتى. نۇرغۇنلىغان ئىژاتكارلار چەت ئەللەردە رىۋاژلانغان مودېرنىستىك ئەدەبىياتنىڭ ئۈلگىرىنى تەشۋىقات قىلدى. شۇ تۈپەيلى، ئۇلار زامانىۋىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېستېتىكىلىق يۆنىلىشىنى ۋە كونسېپسىيا-بولمىشىنى تۈپ ئاساستىن يېڭىلاشقا مۇۋاپپەق بولالىدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە كونسېرۋاتور –ئەنئەنىچىلەرنىڭ قارىمۇ-قارشىلىغىغا ئۇچرىدى. شۇنداق قىلىپ 80-90 ژىللىرى مىللىي ئەدەبىياتىمىزدا كونىچىلار بىلەن يېڭىچىلار ئارىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى، يېڭى ئەدەبىيات مۇنازىرىلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئېچىلىپ، ئوخشىمىغان بەدىىي –ئېستېتىك تەسەۋۋۇرلار قوزغىلىپ، يېڭى پىكىرلەر تەۋسىيە قىلىندى. ئالىملارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدىكى «ئىشىكلەرنى ئېچىۋېتىش» سەياسىتى تۈپەيلى، كۆپلىگەن مىللىي ئەدەبىياتلار چەت ئەللەردە ئوۋژ ئالغان «نېورومانتىزم»، «نېورېالىزم»، «سىمۋولىزم»، «مودېرنىزم»، «پوستمودېرنىزم»،«ئېتنو-مەدەنىي فۇندامېنتالىزم» ئوخشاش كۆپلىگەن بەدىىي-ئېستېتىك ئېقىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغان. بۇ ژەرىياندا تارىخىي-مەدەنىي يىلتىزى چوڭقۇر بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زور مەنىۋىي –روھىي مەدەت ئېلىپ، بەزى ئەدەبىياتلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئوزۇپمۇ كەتكەن. ھەتتا يازغۇچى-شاىرلىرىمىزنىڭ ئىژادى ھەققىقىي مەنادا يېڭى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاۋاڭاردىغا، يەنى باشلامچىسىغا ئايلىنىدۇ. قىزىقارلىق يېرى، بىزنىڭ تالانتلىق ۋە ئىستېداتلىق شاىر-يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر-خىيالىدا ھاسىل بولغان كاىنات، تەبىيەت، موژۇدات، ژەمىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە ئىزاھ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بەدىىي مودېلى-تەلقىنىنى روياپقا چىقىرىدۇ. سۆز زەرگارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتتىكى ئورنىنى ئۇلۇقلايدۇ، موژۇت شاراىتنى تەنقىتلەيدۇ ياكى ئۇنىڭ قارشى ئالتېرناتىۋ كۆرۈنىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ كوممۇنىستىك ئەدەبىياتىدا ئورۇن ئالغان بېشەخسلەشتۈرۈش ئىدېياسىنىڭ بەربات بولۇشى ئۈچۈن بارلىق ئەقىل-ئىدرىگىنى ۋە ئىمكانىيىتىنى سەرىپ قىلىدۇ.
دەرھەقىقەت، بۇ يۆنىلىشتە قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىژاتكارلىرى بەش ئەسىر داۋامىدا غەپلەت ئۇيقىسىغا كەتكەن مىللىي روھىمىزنى كەسكىن ئويغىتىپ، قەلبىمىزدىكى تۇيغۇ-سېزىملىرىمىزنى قوزغاپ، ئاستى-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. شۇ خىل ئۆزگىچىلىكلەر تۈپەيلى، كۆپلىگەن ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى «بۇلۇت قاپلىغان شېىرىيەت»، «4-ماي ھەرىكىتىنىڭ ئەنئەنىسى»، «يوشۇرۇنغان مەدەت»، «تارىم روھى»، «تىلسىم قۇدرەت» نامى بىلەن ھەر خىل ئاتىلىپ كەتتى. قانداقلا ئاتالمىسۇن، بۇ بەدىىي يۆنىلىش ئۆزىنىڭ «تۇتۇق»، يەنى يوشۇرۇنغان شەكلىنى بەرپا قىلىپ، موژۇت شاراىتقا نەپرەت ئۇرۇغىنى چاشتى. دەرھەقىقەت، ئەركىنلىك نەپەسىنى ئالغان ياش ئىژاتكارلار ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە قېلىپلاشقان ۋەزىيەتنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالماتتى. چۈنكى بۇ خىتايدا ھۆكۈم سۈرگەن شەخسنى بېسىش سەياسىتىگە ئۆتكۈر ژاۋاپ ئېدى. ئەندى بۇ خىل مەدەنىي ئويغىنىشنى قانداق قىلىپ توختىتىشقا بولاتتى؟ ياق! ئۇ ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئېدى. ئويلايمىزكى، بۇنداق سىلكىنىشتىن ھەر قانداق تۈزۈمنىڭ ئۆڭى كېتەتتى، ئەلۋەتتە. كوممۇنىستىك ئېقىدە ۋە ئۇنىڭ ياللانمىلىرى بۇ قۇدرەت ئالدىدا تىز پۈكۈشكە مەژبۇر بولدى. ئۇلارغا باشقا ئامال-چارىمۇ ھەم قالمىغان ئېدى. چۈنكى: «ئەي خاىن تاغلار؟ قېنى سېنىڭ ئەكسى سادالىرىڭ!»- ئوخشىغان مۇرەككەپ پوېتىك ئاۋازلار كۆپچىلىكنىڭ تەسەۋۋۇرىنى پارتلاش ئۈچۈن ژەمىيەتكە تاشلاندى. بۇنىڭغا ئوخشىغان ھەم ئوخشىمىغان قارىمۇ-قارشىلىقلارنىڭ تېگى-تەكتىدە خەلىق ئېغىز ئىژادىيىتى نەمۇنىلىرىنىڭ ئىز-تامغىلىرى بار ھەم ئۇلاردىن ئوچۇق پايدىلىنىش نەزەردە تۇتۇلغان. ئەپسانىغا ئاساسلانغان بەدىىي ئوبراز زامانىۋىيلىققا نۇقتىلانغان ئوبرازغا ھەر دايىم قارشى قويۇلىدۇ. دۇنىيانى يېڭىچە تونۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر شاىرلىرى (ئابلېكىم ھاسان «قەشقەر مېنىڭ ئويلىرىمدا»، چىمەڭۈل ئاۋۇت «ژۇدۇن»، «قۇرغاقچىلىق» ۋە باشقىلار، نۇرمەممەت ياسىن «ياۋا كېپتەر»، ت سامساك «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» ، ئو. ۋالى «بۆرە ئانا»، خېۋىر تۆمۈر «بالدۇر ئويغانغان ئادەم») قېدىمىي رىۋايەتلەرنى، چۈش تەدبىرلىرىنى، مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدىكى ئوبرازلارنى ھەم ھەر خىل زامانىۋىي فانتاستىكا ئۈلگۈلىرىنى ھەر تەرەپلىمە پايدىلانغان. قېدىمىي ئەسەر-ئەتىقىلەر كىملىك پەلسەپەسىنىڭ نېگىزى-تەكتى سۈپىتىدە بەلگۈلىنىپ،ئىنساننىڭ يېڭى ئاڭ-سەۋىيە شەكىللەندۈرىشىدىكى ئەھمىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئېنىقلاپ، كۆرسىتىپ بەرگەن. تەكلىماكانغا دۈملەڭەن روھىمىزدىن ئۇچ تارتقان يېڭى ئەدەبىيات ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئابلېكىم ھاساننىڭ ئىژادىيىتى. ئۇنىڭ شاھانە قەشقەرغە بېغىشلاپ يازغان بىر تۈركۈم شېىرلىرى ھەم مەزمۇن ھەم شەكىل ژەھەتتىن بىر تۇتاش، مىللىي ئىدېيانى مەڭگۈلۈككە ئاپىرىدىغان غەزىنە.
مەن ئاخشام چۈشۈمدە قەشقەرگە باردىم،
تار كوچا قوينىنى قازدىم تۈگىمەس.
ئوت بولۇپ كۆرۈندى ئېگىز-پەس يوللار،
يوللارغا مەيدەمنى ژاپالىغىم قالدى.
ئەدىپنىڭ «خىيالىمدىكى قەشقەر» ناملىق «تۇتۇق» مودېرنىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بۇ شېىرىدا ئۇلۇق قەشقەرنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىي گۆزەل بىر پۈتۈنلىگى ژارىي قىلىنغان. مۇەللىپ ئوت بولۇپ كۆرۈڭەن ئېگىز پەس يوللىرىدا مېڭىپ، ژۈتۈپ كېتىشكە مەھكۈم قىلىنغان مىللىي قەلبىلەردىكى ئېسىل گۈللۈك پۇراقلاردىن، ئۇلارنىڭ بېھوشلۇققا يېتەكلەيدىغان ھىددىدىن مەسخۇش بولۇپ بىر پەيت ئارامخۇدا گۆزەللىك دۇنىياسىغا چۆمۈپ،ھادۇغىنى چىقارغۇسى بارلىغىنى بارچە ئالەمگە ژاكالايدۇ. بۇ ھەر بىر مىللىي غۇرۇرى ئۈستۈن ئۇيغۇرنىڭ ئارمىنى، ئەلۋەتتە. گۇمانخورلۇققا مۇپتىلا بولغان ئىككى يۈزلۈكلەر چۈشىنىپ-سېزىپ كېتەلمەيدىغان بىر بۈيۈك ھىسسىياتتۇر. ئەدىپنىڭ پىكرىچە، شاھانە قەشقەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەژدىگاھىدۇر. ياراتقۇچى ئېگىمىزنىڭ خاھىشىدىن بەرپا بولغان مەنىۋىي قۇدرەت! ئۇ ئۇيغۇرنىڭ بۈيۈك كېلەچىگى، ئارمىنى، يېڭى ئويغىنىش تۈرتكىسى. مىللىيلىك ۋۇلكانىنىڭ يېرىلىشىدىن ئۇچۇر بېرىدىغان سىمۋول. دەرھەقىقەت، بوران-چاپقۇن يىلتىزى چوڭقۇر دەل-دەرەقلەرنى ھەرگىزمۇ ئورنىدىن قوزغىتالمايدۇ. قوزغىتىشمۇ ھەم تەس. قەشقەر ئەينە شۇنداق بۈيۈك بىر تىلسىم كۈچتىن خەۋەر بېرىپ تۇرىدۇ. توغراققا ئوخشاش چۆل –باياۋانلاردا ئۆسۈدىغان دەرەقلەرمۇ ھەم بار. ئۇلار سۇسىز، يامغۇر يېشىنسىزمۇ ئۆسۈۋېرىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ دەل شۇنداق. ئۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇپ كەتمەيدۇ. سەياسىي-ئىژتىماىي ۋەزىيەت بىلەن كارى يوق.ئۇ ئۆزىنىڭ بېۋاسىتى مىللىي تارىخىي يىلتىزىدىن نەپ ئېلىپ، كۆكلەۋېرىدۇ. ياراتقۇچىمىزنىڭ خەلقىمىزگە ھەدىيە قىلىنغان يەنە بىر ئېھتىراملىق شاىرىيەسى چىمەڭۈل ئاۋۇتتۇر. ئۇنىڭ ئىژادىيىتى مىللىي ئەدەبىياتىمىزدىكى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايدىغان مەڭگۈلۈككە ئەسىر، ھەم بىر سىرلىق ھادىسە. قازاقستاندا چىمەڭۇل ئاۋۇتنىڭ ئىژادىيىتىنىڭ سىر-قىرلىرى بىلەن تونۇشتۇرغان كلاسسىك شاىرىمىز، ئۇيغۇرنىڭ يەنە بىر ئىپتىخارلىق مۈتەپەككۈرى مەمتىمىن ئوبۇلقاسىم /ئالماسبەكتۇر/. ئۇ چىمەڭۈل ئاۋۇتنى «تىلسىم تەپەككۈر ساھىبى» دەپ ئاتايدۇ. شاىرەنىڭ «خىيانەتسىز خىياللىرى ئېھتىراسلىق ئوي ھەشقىپىچەكلىرى بىلەن چىرمالغانلىغىنى» تەكىتلەپ، ئىژادىنىڭ «ئېنىق ۋە ئىزچىل بولمىغان مىسرالار ئارقىلىق بىر سىرلىق زىددىيەت بىلەن تويۇنغان شېىرىي سەييارە سۈپىدە ۋۇژۇتقا كېلىدىغانلىغىنى» ئالاھىدە بەدىىي بىر مىزاندا ئىزاھلايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇنى، ئىستېداتلىق شاىرنىڭ «تۇتقۇن» ناملىق شېىرىدىن ئوچۇق ھىس قىلىۋالايمىز.
لەمپىدىن چىپىلداپ چۈشمەكتە يامغۇر.
كۈتكىنىم ئادەممۇ ياكى بىر تېلېفون.
يامغۇرمۇ تۇيۇقسىز ئايلاندى ئوتقا،
مەن يەنە ئۆزۈمگە بوپ قالدىم تۇتقۇن.
قەيت قىلىمىزكى، چىمەڭۈل ئاۋۇت چىگىچ بىر ۋەزىيەتنىڭ تۇتقۇنى. ئۇ كۆڭۈل غۇنچىسى ئۈچۈن يات دۇنىياغا ئەسىر. ئۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ، چىش-تىرمىغى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. ئۇنى يېرىپ چىقىپ كەتكۈسى كېلىدۇ. ئايال سۈپىتىدە ئارمىنى ھەم شۇ!
تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئوۋژ ئالغان بۇ يۆنىلىش قازاقستان ئۇيغۇر شاىرلىرى ئابلىز ھېزىموۋ، ئابدۇمېژىت دۆلەتوۋ ۋە تېلمان نۇراخۇنوۋلارنىڭ ئىژادىيىتىگە ناھايىتى قاتتىق ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزدى. بولۇپمۇ ت. نۇراخۇنوۋ «يوپۇق» شېىر سەنئىتىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتەردى، ئۇنىڭ مۇكەممەل بىر ئۈلگۈسىنى ياراتتى. دېمېك، يېڭى مودېرنىزم شېىر سەنئىتىنىڭ ئاساسى سېلىندى.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كلاسسىسىزم، رېالىزم، سوسرېالىزم، تەنقىدىي رېالىزم قاتارلىق بەدىىي ئېقىملار بىلەن بىرلىكتە يېڭى مودېرنىزم ئۈلگىسى روياپقا چىقتى.