Четверг, 5 декабря, 2024
Аммибаб

مۇنىر ئېرزىن: «ئۇيغۇر مەتبۇاتىنىڭ تارىخى — مېنىڭ ئۈچۈن باش ماۋزۇ»

تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزىتى مۇنىر ئېرزىننى خخ ئەسىردىكى ئۇيغۇر مەتبۇاتىنىڭ تارىخىنى مۇكەممەل تەتقىق قىلغان بىردىن-بىر ئالىم دېسەك، مۇبالىغە بولماس. ئەينە شۇڭلاشقىمۇ كەسپىي مەيرىمىمىز ھارپىسىدا مىللىي مەتبۇاتىمىزنىڭ ئۆتمۈشى ھەم بۈگۈنى ھەققىدە پىكىرلىشىش مەخسىتىدە بىز ئۇنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدۇق.

— مۇنىر ئاكا، سىزنىڭ، يەنى قېرىنداش تاتار مىللىتى ۋەكىلىنىڭ ئۇيغۇر مەتبۇاتىنىڭ تارىخىغا قىزىقىشىغا نېمە سەۋەپ بولدى؟

— قېدىمىي ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن مېھىر-مۇھەببىتىم، قېرىنداشلىق رىشتىلىرىم، شۇنداقلا ياش ۋاقتىمدىلا ئۇيغۇر مەتبۇاتى ۋە ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىشىم مېنىڭ نەق موشۇ ئىلمىي يۆنىلىشنى تاللاۋېلىشىمغا سەۋەپ بولدى. ئۇزۇن ژىللىق تەتقىقات نەتىجىسىدە مەن ھەجىمى جەھەتتىن ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، پۈتۈنلەي بىر خەلىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە «ئۇيغۇر سوۋېت مەتبۇاتىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتاپنى بارلىققا كەلتۈردىم.

— سىزچە، ئۇيغۇر مەتبۇاتىنىڭ تارىخىنى قاچاندىن ھەم قايسى نەشىردىن باشلاندى دېيىشكە بولىدۇ؟

— ئۇمۇمەن، ئۇيغۇر مەتبەەچىلىك سەنئىتىنى ىخ ئەسىردە تۇرپاندا قولغا ئېلىنغان دەپ ھېساپلايمەن. ئەندى خىىى ئەسىردە بولسا، بۇ ھەرىكەت سەل سۇسلىشىپ، ئىجاتكارلار ئەسەرلىرىنى قول يازمىدا تارىتىشقا كۆچىدۇ. ئەندى يېقىنقى ئۆتمۈشكە كېلىدىغان بولساق، دەسلەپكى باسما نەشىر — «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى» ئىلى ۋىلايىتىنىڭ كۈرە شەھىرىدە 1910-ژىلى يورۇق كۆرگەن. ئۇيغۇر تىلىدا چىققان بۇ نەشىر ئاساسەن شۇ دەۋىردىكى ئىجتىماىي مەسىلىلەرگە كۆپىرەك كۆڭۈل بۆلگەن. دەسلەپكى مۇھەررىرى ئابدۇلقېيىم خىفزىي دېگەن ئادەم بولغان. گېزىتنىڭ بىر نەچچە نۇسخىسى بۈگۈنكى كۈندە قازاقستان پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ كىتاپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئەندى قازاقستاندا، ئېنىغىراغى، يەتتىسۇ تەۋەسىدە ئەڭ دەسلەپ يورۇق كۆرگەن گېزىت — «ساداىي تارانچى». ئۇ ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ رەھبەرلىگىدىكى ئۇيغۇر-تۇڭگان كومىتېتىنىڭ ئورگىنى بولغان. 1918-ژىلنىڭ بېشىدا چىققان بۇ نەشىرنىڭ بارى-يوقى 6 سانىلا يورۇق كۆرگەن. ئۇلار تولۇغى بىلەن شاىر قادىر ھاسانوۋنىڭ قولىدا بولغان. ئامما ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مەزكۈر گېزىتلار تەغدىرىدىن بېخەۋەر قالدۇق. ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ كېڭەش ھاكىمىيىتى ئورنىغاندىن كېيىن بارلىق مەتبەە قۇراللىرىنى ئېلىپ، غۇلجىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

1918-ژىلى ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ «يەتتىسۇ ئىشچى-خەلىق مۇخبىرى»، «كۆمېك»، «ئۇچقۇن»، «بۈقارا» گېزىتلىرى يورۇق كۆرۈشكە باشلايدۇ. قازاق، ئۇيغۇر، تاتار ئوقۇرمەنلىرىگە ھاۋالە قىلىنغان بۇ نەشىرلەر شۇ خەلىقلەرگە ئورتاق چۈشىنىشلىك تىلدا چىقىدۇ. 1921-ژىلنىڭ 1 — 3-ئىيۇن كۈنلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى ئابدۇللا روزىباقىېۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنت شەھىرىدە ئالتىشەر — جوڭغار ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «قەشقەرلىك»، «تارانچى» دېگەڭە ئوخشاش بۆلگۈنچىلىكلەرگە چەك قويۇپ، مىللەت نامىنىڭ بىرلا — «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن مەزكۈر قۇرۇلتاي ئېچىلغان كۈنى ئۇنىڭ غايىسىنى تەرغىبات-تەشۋىقات قىلىش مەخسىتىدە «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتى بارلىققا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ئا.روزىباقىېۋ، ئى.تايىروۋ، ن.ئابدۇسېمەتوۋ قاتارلىق مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ دانا ئوي-پىكىرلىرىگە تولۇپ-تاشقان چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ماقالىلىرى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-ژىللىرى، يەنى كېڭەش ئىتتىپاقىدا ئاممىۋىي كوللېكتىۋلەشتۈرۈش ھەرىكىتى باشلانغاندا، ۋكپ(ب) قازاق ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ قارارىغا بېناەن، گېزىت رېداكسىياسى ئالمۇتىدىن ياركەنتكە كۆچىرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ناھىيەلىك گېزىت سۈپىتىدە «كولخوزچىلار ئاۋازى»، «يېڭىلىق ئاۋازى»، «ئوكتيابر نۇرى»، ھە، بۈگۈنكى كۈندە بولسا، «ژاركېنت ئۆڭىرى — ياركەنت تەۋەسى — ژاركېنتسكايا نوۋ» (قازاق، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا) نامى بىلەن چىقىۋاتىدۇ. ئۇمۇمەن، قازاقستان ۋە ئوتتۇرا ئازىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ھەر خىل ژىللاردا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر گېزىتلىرىغا كەلسەك، جۇمھۇرىيەتلەر ئارا «قۇتۇلۇش» (1927)، ئالمۇتا ۋىلايەتلىك «قىزىل تۇغ» (1935)، جۇمھۇرىيەتلەر ئارا «كۈن چىقىش ھەقىقىتى» (1936، ئۇ كېيىنىرەك «شەرىق ھەقىقىتى» دەپ ئاتالدى) شۇلار جۈملىسىدىندۇر.

كېڭەش دەۋرىدە يورۇق كۆرگەن نەشىرلەر ئىچىدە 1957-ژىلى 1-مارتتىن ئالمۇتىدا چىقىشقا باشلىغان جۇمھۇرىيەتلەر ئارا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ ئورنى بۆلەك. بۈگۈنكى كۈندە «ئۇيغۇر ئاۋازى» دەپ ئاتىلىپ، قازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەنىۋىي تەشنالىغىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ نەشىر ھەققىدە توختالمىساممۇ، ئۇنىڭ بېباھا ئەھمىيىتىنى گېزىتخانلار ياخشى بىلىدۇ.

— سىزنىڭ ژۇرنالىستىك پاالىيىتىڭىزنىڭ شەرقىي تۈركستاندا باشلىنىپ، قازاقستانغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، «كوممۇنىزم تۇغىدا» داۋاملاشقانلىغىنى ياخشى بىلىمىز…

— توغرا ئېيتىسىز. ئەسلى مېنىڭ ئۇيغۇر مەتبۇاتىغا، ئېنىغىراغى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قېلىشىم تەسادىپى بولدى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا، تەتىل پەيتلىرىدە ئازىراق پۇل تېپىش ئۈچۈن قۇرۇلۇشتا ئىشلەتتۇق. شۇ چاغدا مەن ئورخان ئىسىملىق ژىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ئارقىلىق ژۇرنالىست ئاكىسى ئۇيغۇر سايرانىي بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇ مېنى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «شىنجاڭ» گېزىتى رېداكسىياسىگە ئىشقا تەكلىپ قىلدى. مەن ئەمگەك پاالىيىتىمنى شۇ نەشىردىن باشلىدىم. 1947-ژىلى سېنتيابردىن باشلاپ، غۇلجا شەھىرىدە چىقىدىغان «ئىنقىلاۋىي شەرقىي تۈركستان» گېزىتىدا تەرجىمان ۋە مۇخبىر بولدۇم. ئۇ پەيتلەردە گېزىت ئىشلىرىغا ئەخمەتجان قاسىمىي رەھبەرلىك قىلاتتى. بۇ جەرىياندا مەن ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، ھايات-نەپەسى ۋە باشقىمۇ قىر-سىرلىرىنى ئۈگەندىم. 1955-ژىلى قازاقستان تەۋەسىگە كۆچۈپ چىققاندا، ئۇيغۇر سايرانىينىڭ تەۋسىيەسى بىلەن كۆرنەكلىك يازغۇچى ھەم ژۇرنالىستلار قادىر ھاسانوۋ ۋە مەشۈر روزىېۋ بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلار مېنىڭ مەتبۇات ئىشلىرىغا يېقىندىن ئارىلىشىشىمغا ياردەم قىلدى. كېيىن «كوممۇنىزم تۇغىغا» چوڭ كوررېكتور بولۇپ يۆتكەلدىم. ئۇ يەردە مەن مەخسۈت نورۇزوۋ، شاكىر تۇردىېۋ، ئەخمەتجان مەمەتوۋ، سېيىتاخۇن مەشۈروۋ، ئەنۋەر لوقمانوۋ، تۇرسۇن دەرىيا، تۇرداخۇن نەزەروۋ، ھېزمەت ئابدۇللىن، نۇرەخمەت ئىسمايىلوۋ، ھېزىم بەخنىيازوۋ، كامال ھاسامدىنوۋ ئوخشاش ھەقىقىي سۆز زەرگارلىرى بىلەن تونۇشۇپ، كەسىپداش بولدۇم. ئەينە شۇنداق سالاھىيەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىجاەتلىك ئەمگىگى تۈپەيلى گېزىت ناھايىتى مەزمۇنلۇق چىقاتتى، دەپ ئىشەشلىك ئېيتالايمەن. ئۇلار گېزىتنىڭ سۈپەتلىك چىقىشى ئۈچۈن بار كۈچ-غەيرىتىنى، بىلىم-قابىلىيىتىنى سەرىپ قىلدى. ئۇمۇمەن، «كوممۇنىزم تۇغى» ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى.

— ئۇيغۇر مەتبۇاتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى سىزنى قاناەتلەندۈرەمدۇ؟

— بۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، بىرتەرەپلىمە باھا بېرىش تەس. چۈنكى دەۋىرگە، تۈزۈمگە باغلىق تەلەپمۇ ئۆزگەردى. شۇندىمۇ ئۇيغۇر گېزىتلىرى كۆچتىن قالماي، مىللەتنىڭ مەنىۋىي تەشنالىغىنى قاندۇرۇشتا، دۆلەت سەياسىتىنى قوللاپ-قۇۋەتلەشتە، ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە يول تېپىشتا تىلغا ئالارلىق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئىشەشلىك ئېيتقان بولار ئېدىم. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بارلىق ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنى كەسپىي مەيرىمى بىلەن چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەپ، ئۇلارغا مۇستەھكەم سالامەتلىك ھەم ئىجادىي ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

سۆھبەتلەشكەن

ئېرشات ئەسمەتوۋ