Rehimjan Sabirhaji — uey
رەھىمجان سابىرھاجى
«شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ رەھبىرىي ئەزاسى، شەرقى تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ پىلانلىغۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى رەھىمجان سابىرھاجى 1906- يىلى غۇلجىدىكى چوڭ سودىگەر ھەم مەرىپەتلىك ئائىلىلەردىن بىرى بولغان سابىرھاجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇسرەت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
سابىرھاجى غۇلجىدىكى شەرقى تۈركىستان بويىچە تونۇلغان داڭلىق سودىگەر، باي ۋە غوللۇق ئائىلە بولۇپ، ئۇنىڭ نۇسرەت، زەيناۋۇدىن، ئەختەمباي ۋە مەسئۇد قاتارلىق ئوغۇللىرى بولغان. رەھىمجان چوڭ ئوغۇل نۇسرەتنىڭ ئوغلى شۇنداقلا تارىختا «ئۈچ ئەپەندىلەر» دەپ ئاتالغان ئەپەندىلەرنىڭ بىرىنچىسى بولغان مەسئۇد سابىرى بايقۇزى (1887- 1952) نىڭ جىيەنى ھەم كۈيئوغۇلى ئىدى.
رەھىمجان سابىرھاجى كىچىكىدىن باشلاپلا شەرت- شارائىتى تولۇق بولغان سابىرھاجىلار ئائىلىسىنىڭ مەرىپەتلىك قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلگەچكە، قۇيۇق مىللى روھ بىلەن ناھايىتى ياخشى تەربىيىلەنگەن.
…..
سابىر ھاجىلار ئائىلىسىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى زەيناۋۇدىننى ئايالى ۋە 22 ياشلىق ئوغلى رىشات بىلەن قوشۇپ 1933- يىلى غۇلجىغا كىرگەن سوۋېت قىزىل ئەسكەرلىرى ئۆز قورۇسىدا ئېتىپ شېھىت قىلىدۇ. سابىرھاجىلار ئائىلىسىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئەختەمباينىڭ ئوغۇللىرىدىن سىراجىدىن، ئەكبەر ۋە ئابدۇلئەزىزلەر 1937- يىلى شېڭ شىسەي (1897- 1970)نىڭ تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. رەھىمجان سابىرھاجى بولسا ئۆز ئائىلىسىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەر بىلەن تولغان زاماندا، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى چوڭقۇر ئۆچمەنلىك، قان- قىساس، چەكسىز غەزەپ- نەپرەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.
1944- يىلى 4- ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تاجاۋۇزچى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) غا قارشى
مەخپىي ھالدا «شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ئىسىملىك بىر تەشكىلات قۇرۇلىدۇ. بۇ
تەشكىلاتنى قۇرغۇچىلار جەمئىي 12 كىشى بولۇپ، رەھىمجان سابىرھاجىمۇ تەشكىلات
قۇرغۇچى رەھبىرىي ئەزالارنىڭ بىرسى ئىدى.
بىز ئەمدى بۇ تەشكىلاتنىڭ غايە- مەقسەتلىرى ۋە تەشكىلات قۇرغۇچىلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي پەرەز تەتقىقاتچىسى ۋاڭكې[1] تەرىپىدىن يېزىلىپ، 2013- يىلى خوڭكوڭ (شياڭگاڭ) دىكى خىتاي تىل ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرغان «شەرقى تۈركىستاننىڭ 1930- ۋە 1940- يىللاردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» دېگەن كىتابىغا قىسقىچە كۆز ئاتايلى.
ئۇ بۇ كىتابىدا شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدا 1930- يىلىدىن 1940- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ئارخىپلىرىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشىغا ئىلمىي ئاساس يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دەسلەپكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان.
مەزكۇر كىتابنىڭ بەشىنچى بابىدا «خىتايدىكى تۈركىي مىللەت مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدا جىھات قىلىشى» دېگەن ماۋزۇدا بايان قىلىنىشىچە، 1945- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە «شىنجاڭدىكى توپىلاڭنىڭ مەقسىتى» دېگەن ماۋزۇدا ئەنگلىزچە دوكلات يوللىغان. دوكلات «مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى» ۋە «بىز نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز» دېگەن تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
مەزكۇر كىتابتا دېيىلىشىچە، دوكلات ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىدىن تەركىب تاپقان.
شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى: بىرىنچى، مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشنىڭ سەۋەبى، ئىككىنچى، مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانى، ئۈچىنچى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاتنىشىشىنى مۇراجىئەت قىلىش.
دوكلاتتا تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز. ئىككىنچى، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز
قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، داغىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەر. ئۈچىنچى، خىتاي
تاجاۋۇزچىلىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ تۇپراقنى شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ غەربىي قىسمى قىلىۋالغان، ئۇلارغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ھاياتىدىن ئايرىلغان. تۆتىنچى، 1937- يىلىدىن باشلاپ شېڭ شىسەينىڭ باستۇرۇشىدا خوجىنىياز ھاجى (1889- 1938) ۋە شەرىپخان قاتارلىق مىللىي رەھبەرلەر ئۆلتۈرۈلگەن. بەشىنچى، خىتاي ئىستىلاچىلىرى مۇستەملىكىسى شىنجاڭغا خىتاي ۋە دۇڭبىلىق كۆچمەنلىرىنى يۆتكىدى.
…..
بۇ دوكلات 1945- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان.
بۇ دوكلاتتا يەنە، مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سانى، ئىسمى ۋە ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى تۆۋەندىكىدەك يېزىلغان:
1- ئېلىخان تۆرە[2] (ئۆزبېك)، 30 نەچچە يېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، تەسىرى كۈچلۈك دىنىي ئۆلىما.
2- ئابدۇكېرىم ئابباسوپ[3] (ئۇيغۇر)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، 20 نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن.
3- قاسىمجان قەمبىرى[4] (ئۇيغۇر)، شائىر.
4- ماھمۇتجان مەخسۇم (ئۇيغۇر)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، ئون نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن، زىيالىي.
5- جانى يولداشۇف (ئۇيغۇر)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، 20 نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن.
6- رەھىمجان سابىرھاجى (ئۇيغۇر)، ئىلىدىكى چوڭ سودىگەر، كاپىتالىست ئائىلىسىدىن.
7- ئابدۇرۇپ مەخسۇم (ئۇيغۇر)، ئۆلىما، سودىگەر- كاپىتالىست.
8- سالمان سالىجان (ئۆزبېك)، باي، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، كېيىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن، چوڭ سودىگەر، كاپىتالىست، زېمىندار.
9- زۇنۇن تايوف[5] (ئۇيغۇر). سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان، سوۋېت پۇقراسى، زىيالىي.
ئۇندىن باشقا تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكىگە سوئال بەلگىسى قويۇلغان بولۇپ، كېلىپ چىقىشى ئېنىق ئەمەس دېيىلگەن. بۇ كىشىلەر:
10- ئۆمەرجان (ئۇيغۇر). 11- مۇھىمىدىن (ئۇيغۇر). 12- نۇردىن بەگ (ئۇيغۇر).
يۇقىرقىلار ۋاڭكېنىڭ كىتابىدىكى «شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» غا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار.
1944- يىلى ئىلى ۋىلايىتىدە خىتايغا قارشى شەرقى تۈركىستان قوراللىق ئىنقىلابى رەسمىي باشلىنىدۇ. 1944- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ غۇلجا ئالتىشوئار مەھەللىسىدىكى ئۆيى شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ۋاقىتلىق قوماندانلىق شىتابى قىلىنىدۇ.
رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى ھەربىي ئۇنۋانى پولكوۋنىك ئىدى.
ئىنقىلاب قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەلىبە قىلىپ 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئېلىخان تۆرەمنىڭ رەھبەرلىكىدە مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلىدۇ.
…..
جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن رەھىمجان سابىرھاجى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.
1945- يىلى 8- ئايدا شەرقى تۈركىستان ئارمىيىسى غەلبىسىېرى ئىلگىرىلەپ، ئۈرۈمچىگە 140 كىلومېتىر كېلىدىغان ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەن ھەل قىلغۇچ پەيتتە، باشتىن تارتىپ شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوللىغان قىياپەتتە كۆرۈنگەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىردىنلا ئوتتۇرىغا چىقىپ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى ئۇرۇشنى توختىتىپ، مىللەتچى خىتاي بىلەن ئۈرۈمچىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلايدۇ. تېخى يېڭىلا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئامالسىز قېلىپ، دۆلەت رەھبەرلىرىدىن رەھىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى (1914- 1949) قاتارلىق 3 ۋەكىلنى مىللەتچى خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ.
خىتاي تەرەپ بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جاڭ جىجۇڭ (1890- 1969) باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىدۇ. ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان
مارافونچە سۆھبەت ئارقىلىق ئاخىرى 1946- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى «11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى» گە ئىمزا قويىدۇ.
…..
1949- يىلىنىڭ ئاخىرى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاستە ياردەم قىلىشى بىلەن كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ) تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىدۇ.
شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كوممۇنىست خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن
كېيىن رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ ھاياتىدىكى ئېغىر كۈنلەر باشلىنىدۇ.
…..
1961- 1962- يىلى ئىلىدىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاھالىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان رەھىمجان سابىرھاجى ۋەتىنىدىن ئايرىلىشنى رەت قىلىپ يەنىلا ۋەتەندە قېلىپ قالىدۇ.
…..
ئۇ 1972- يىلى «كۈرەش بىلەن ئۆزگەرتىش» ھەرىكىتىدە قايتا قولغا ئېلىنىدۇ.
رەھىمجان سابىرھاجى خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئىنسان چىدىغۇسىز قىيىن- قىستاق، ئېغىر بېسىم ۋە قاتتىق خورلۇققا ئۇچرايدۇ. ئۇ بولۇپمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۆزىنىڭ ھەم ۋەتىنىنىڭ تەقدىرىگە قاتتىق ئېچىنغان ھەمدە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشىغان.
«شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرىي ئەزاسى، شەرقى تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ پىلانلىغۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى رەھمەتلىك رەھىمجان سابىرھاجى 1973- يىلى 11- ئاينىڭ 21- كۈنى خىتاينىڭ ئۇرغان قاتتىق تاياقلىرى زەربىسىدە مېڭىسىگە قان چۈشۈپ 67 يېشىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ۋاپات بولغان.
ھازىر رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ تۈركىيىنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان چىچەن خانىم ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىكەن.
«100 مەشھۇر ئۇيغۇر» (2-قىسىم)، مۇھەممەت تۇرسۇن ئەمەت ئۇيغۇر. 2017-يىل 12-ئاي ئىستانبۇل نەشرى.
پايدىلانغان مەنبەلەر
http://www.rfa.org/uyghur/tarix-bugun/tarix-02042013082614.html .
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/sherqiy-turkistan-05172013222831.html .
http://uyghurstudies.org/?p=558 .
http://bbs.izdinix.com/thread-60892-1-1.html .
[1] ۋاڭ كې 王柯. 1956- يىلى خىتاينىڭ خېنەن Henan دە تۇغۇلغان خىتاي. دوكتۇرلۇقىنى توكيو ئۇنىۋېرىستېتىدە ئوقۇغان. 2013- يىلى東突厥斯坦独立運動:1930 年代至 40 年代 中文大学出版社 «شەرقى تۈركىستاننىڭ 1930- ۋە 1940- يىللاردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» دېگەن كىتابىنى يازغان.
ۋاڭكې ئاساسەن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىشغالىيىتىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىپ كىتاب ياكى ماقالە يازىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ۋاڭكې خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئاقلىغۇچى نوقتۇلۇق تەتقىقاتچى.
بىز پايدىلانغان مەنبەدە ۋاڭ كېنى بىپەرۋالىق بىلەن، «ياپونىيە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭكې» دەپ يازغان. (بۇ ئۇچۇرلارنى ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى تەمىنلىگەن)
[2] ئېلىخان تۆرە، 1885- يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماق (بالاساغۇن) شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر باشلىقى بولغان. 1976- يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ مېيىتى تاشكەنتتىكى شەيخ زەينىدىن بابا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
[3] ئابدۇكېرىم ئابباسوپ (1921- 1949). ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ قاراقول رايونىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەسلى تېگى ئاتۇشتىن. 1944- يىلى شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان. كېيىن ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. ھەربىي ئۇنۋانى سىياسىي كومىسسار. ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن بولۇپ، ھەر ئىككى قېتىم خىتايغا ئۆيلەنگەن. ئۇ 1946- يىلى 12- ئايدا نەنجىڭدە ئېچىلغان مىللەتچى خىتاينىڭ يىغىنىغا شەرقى تۈركىستان ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دوڭبىۋۇ بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇئېنلەينىڭ بىۋاستە تەستىقلىشى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. ئۇ يوشۇرۇنچە بىر دانە سىمسىز تېلېگرامما ئاپپاراتىنى شەرقى تۈركىستانغا ئېلىپ كېلىپ كوممۇنىست خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرغان. ئۇ ۋەتەن خائىنى، چوڭ مۇناپىقتۇر.
[4] قاسىمجان قەمبىرى (1910- 1956) نى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ «ئازات» ئىسىملىك مۇخبىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان خەۋىرىدە 1910- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى تۇغۇلغان دېيىلگەن. «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» دېگەن كىتابنىڭ 89- بېتىدە 1910- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان دەپ يېزىلغان. ھەربىي ئۇنۋانى پولكوۋنىك.
[5] زۇنۇن تىيىپ (1917- 1984). بۇ دوكلاتتا خاتا ھالدا «تاتار» دەپ يېزىلغان. زۇنۇن تىيىپ، ئۇيغۇر.
________________________________
[1] ۋاڭ كې 王柯. 1956- يىلى خىتاينىڭ خېنەن Henan دە تۇغۇلغان خىتاي. دوكتۇرلۇقىنى توكيو ئۇنىۋېرىستېتىدە ئوقۇغان. 2013- يىلى東突厥斯坦独立運動:1930 年代至 40 年代 中文大学出版社 «شەرقى تۈركىستاننىڭ 1930- ۋە 1940- يىللاردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» دېگەن كىتابىنى يازغان.
ۋاڭكې ئاساسەن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىشغالىيىتىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىپ كىتاب ياكى ماقالە يازىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ۋاڭكې خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئاقلىغۇچى نوقتۇلۇق تەتقىقاتچى.
بىز پايدىلانغان مەنبەدە ۋاڭ كېنى بىپەرۋالىق بىلەن، «ياپونىيە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭكې» دەپ يازغان. (بۇ ئۇچۇرلارنى ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى تەمىنلىگەن)
شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى: بىرىنچى، مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشنىڭ سەۋەبى، ئىككىنچى، مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانى، ئۈچىنچى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاتنىشىشىنى مۇراجىئەت قىلىش.
دوكلاتتا تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز. ئىككىنچى، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز
قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، داغىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەر. ئۈچىنچى، خىتاي
تاجاۋۇزچىلىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ تۇپراقنى شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ غەربىي قىسمى قىلىۋالغان، ئۇلارغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ھاياتىدىن ئايرىلغان. تۆتىنچى، 1937- يىلىدىن باشلاپ شېڭ شىسەينىڭ باستۇرۇشىدا خوجىنىياز ھاجى (1889- 1938) ۋە شەرىپخان قاتارلىق مىللىي رەھبەرلەر ئۆلتۈرۈلگەن. بەشىنچى، خىتاي ئىستىلاچىلىرى مۇستەملىكىسى شىنجاڭغا خىتاي ۋە دۇڭبىلىق كۆچمەنلىرىنى يۆتكىدى.
…..
بۇ دوكلات 1945- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان.
بۇ دوكلاتتا يەنە، مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سانى، ئىسمى ۋە ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى تۆۋەندىكىدەك يېزىلغان:
1- ئېلىخان تۆرە[1] (ئۆزبېك)، 30 نەچچە يېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، تەسىرى كۈچلۈك دىنىي ئۆلىما.
2- ئابدۇكېرىم ئابباسوپ[2] (ئۇيغۇر)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، 20 نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن.
[1] ئېلىخان تۆرە، 1885- يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماق (بالاساغۇن) شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر باشلىقى بولغان. 1976- يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ مېيىتى تاشكەنتتىكى شەيخ زەينىدىن بابا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
[2] ئابدۇكېرىم ئابباسوپ (1921- 1949). ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ قاراقول رايونىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەسلى تېگى ئاتۇشتىن. 1944- يىلى شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان. كېيىن ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. ھەربىي ئۇنۋانى سىياسىي كومىسسار. ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن بولۇپ، ھەر ئىككى قېتىم خىتايغا ئۆيلەنگەن. ئۇ 1946- يىلى 12- ئايدا نەنجىڭدە ئېچىلغان مىللەتچى خىتاينىڭ يىغىنىغا شەرقى تۈركىستان ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دوڭبىۋۇ بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇئېنلەينىڭ بىۋاستە تەستىقلىشى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. ئۇ يوشۇرۇنچە بىر دانە سىمسىز تېلېگرامما ئاپپاراتىنى شەرقى تۈركىستانغا ئېلىپ كېلىپ كوممۇنىست خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرغان. ئۇ ۋەتەن خائىنى، چوڭ مۇناپىقتۇر.
___________________________________
[1] ئېلىخان تۆرە، 1885- يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماق (بالاساغۇن) شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر باشلىقى بولغان. 1976- يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ مېيىتى تاشكەنتتىكى شەيخ زەينىدىن بابا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
[1] ئابدۇكېرىم ئابباسوپ (1921- 1949). ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ قاراقول رايونىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەسلى تېگى ئاتۇشتىن. 1944- يىلى شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان. كېيىن ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. ھەربىي ئۇنۋانى سىياسىي كومىسسار. ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن بولۇپ، ھەر ئىككى قېتىم خىتايغا ئۆيلەنگەن. ئۇ 1946- يىلى 12- ئايدا نەنجىڭدە ئېچىلغان مىللەتچى خىتاينىڭ يىغىنىغا شەرقى تۈركىستان ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دوڭبىۋۇ بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇئېنلەينىڭ بىۋاستە تەستىقلىشى بىلەن خىتاي كوممۇنىست
3- قاسىمجان قەمبىرى[1] (ئۇيغۇر)، شائىر.
4- ماھمۇتجان مەخسۇم (ئۇيغۇر)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، ئون نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن، زىيالىي.
5- جانى يولداشۇف (ئۇيغۇر)، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، 20 نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن.
6- رەھىمجان سابىرھاجى (ئۇيغۇر)، ئىلىدىكى چوڭ سودىگەر، كاپىتالىست ئائىلىسىدىن.
7- ئابدۇرۇپ مەخسۇم (ئۇيغۇر)، ئۆلىما، سودىگەر- كاپىتالىست.
8- سالمان سالىجان (ئۆزبېك)، باي، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، كېيىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن، چوڭ سودىگەر، كاپىتالىست، زېمىندار.
9- زۇنۇن تايوف[2] (ئۇيغۇر). سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان، سوۋېت پۇقراسى، زىيالىي.
ئۇندىن باشقا تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكىگە سوئال بەلگىسى قويۇلغان بولۇپ، كېلىپ چىقىشى ئېنىق ئەمەس دېيىلگەن. بۇ كىشىلەر:
10- ئۆمەرجان (ئۇيغۇر). 11- مۇھىمىدىن (ئۇيغۇر). 12- نۇردىن بەگ (ئۇيغۇر).
يۇقىرقىلار ۋاڭكېنىڭ كىتابىدىكى «شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» غا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار.
1944- يىلى ئىلى ۋىلايىتىدە خىتايغا قارشى شەرقى تۈركىستان قوراللىق ئىنقىلابى رەسمىي باشلىنىدۇ. 1944- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ غۇلجا ئالتىشوئار مەھەللىسىدىكى ئۆيى شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ۋاقىتلىق قوماندانلىق شىتابى قىلىنىدۇ.
رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى ھەربىي ئۇنۋانى پولكوۋنىك ئىدى.
ئىنقىلاب قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەلىبە قىلىپ 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئېلىخان تۆرەمنىڭ رەھبەرلىكىدە مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلىدۇ.
…..
[1] قاسىمجان قەمبىرى (1910- 1956) نى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ «ئازات» ئىسىملىك مۇخبىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان خەۋىرىدە 1910- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى تۇغۇلغان دېيىلگەن. «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» دېگەن كىتابنىڭ 89- بېتىدە 1910- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان دەپ يېزىلغان. ھەربىي ئۇنۋانى پولكوۋنىك.
[2] زۇنۇن تىيىپ (1917- 1984). بۇ دوكلاتتا خاتا ھالدا «تاتار» دەپ يېزىلغان. زۇنۇن تىيىپ، ئۇيغۇر.
_________________________________________________
پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. ئۇ يوشۇرۇنچە بىر دانە سىمسىز تېلېگرامما ئاپپاراتىنى شەرقى تۈركىستانغا ئېلىپ كېلىپ كوممۇنىست خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرغان. ئۇ ۋەتەن خائىنى، چوڭ مۇناپىقتۇر.
[1] قاسىمجان قەمبىرى (1910- 1956) نى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ «ئازات» ئىسىملىك مۇخبىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان خەۋىرىدە 1910- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى تۇغۇلغان دېيىلگەن. «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» دېگەن كىتابنىڭ 89- بېتىدە 1910- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان دەپ يېزىلغان. ھەربىي ئۇنۋانى پولكوۋنىك.
[1] زۇنۇن تىيىپ (1917- 1984). بۇ دوكلاتتا خاتا ھالدا «تاتار» دەپ يېزىلغان. زۇنۇن تىيىپ، ئۇيغۇر.