Четверг, 26 декабря, 2024
ТарихУйғурлар

Kroran-qachan-weyran-bolghan

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

كروران قاچان، قانداق سەۋەب بىلەن ۋەيران بولغان؟
ۋاقتى: 2012-03-01 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 142 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

© http://www.lopnuri.com/?p=2001

كروراننىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق، لېكىن بىز پاكىتلارغا ئاساسەن بۇ شەھەرنىڭ مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنلا قۇرۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىردىكى ۋەقەلەرگە چېتىلىدىغان كروران لوپ كۆلىگە يۈزلىنىپ تۇرىدىغان شەھەر، شۇنداقلا كروران دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى، بىز مانا مۇشۇلارغا ئاساسلىنىپ بۇ شەھەرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىردىن خېلى بۇرۇنلا قۇرۇلغان بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز. بۇ شەھەر ئەتراپىدىكى ئۈچ بۇرجەك رايون، يەنى كۆنچى ۋە تارىم دەريا ئەتراپلىرىدا پەيدا بولغان بوستانلىقلار ناھايىتى قەدىمكى دەۋردە، كېيىن دېگەندىمۇ ئۇششاق تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت ئورنى بولۇپ تۇرغان، شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار كۆجۈم ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەن بولۇپ، تەدرىجىي شەھەر بارلىققا كەلگەن.

بىز چەكلىك ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن، بۇ شەھەر خارابىسىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ ئىزلار بايقالمىدى دەپ قاراپ، شەھەرنىڭ خېلى بالدۇرلا قۇرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلساق ئاقىلانىلىك بولمايدۇ. بۇ شەھەر خارابىسىنىڭ نۇرغۇن ئىزلىرىنىڭ قاتتىق شەرقىي شىمال بورىنىدا يىمىرىلىپ يوقالغانلىقىنى ھېچبىر كىشى ئىنكار قىلمىسا كېرەك، بىز ھازىر ئۇچراتقان ئىزلار ئاساسەن ئېگىزلىكلەرگە جايلاشقان، ئەجەبا بىز كۆرۈۋاتقان ئىزلاردىن باشقا جايلاردا ئەزەلدىن ھېچقانداق بىرەر ئىز يوق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بىز بەزى قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ناۋادا تارىخىي خاتىرىلەر دىن بۇرۇنراق يېزىلغان بىرەر ئەسەر بولسا ئىدى، كروران ئەتراپلىرىدا يۇرتلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرۇلغان بولاتتى. بىز شەكسىزكى كروراندىن ئىبارەت بۇ شەھەرنىڭ بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ تارىخىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنلۇقىدىن خەۋەر تاپقان بولار ئىدۇق، ھازىرقى گەپ پەقەت ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئاتالغان تارىخ كىتابىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا، خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتالايمىزكى، كروران مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىردىنمۇ بۇرۇن قۇرۇلغان بىر قەدىمىي شەھەر بولۇشى مۇمكىن.

 كروراننىڭ ۋەيران بولغان دەۋرى ھەققىدە بىرقەدەر ئومۇملىشىۋاتقان قاراش مىلادىيە 4 – ئەسىر، يەنى 330 – يىللار ئەتراپىدا دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭ دەۋر ئۆلچىمى پەقەت خەنزۇچە يادىكارلىقلاردا خاتىرىلەنگەن ئەڭ ئاخىرقى يىل چېكىنىڭ 330 – يىلى بولغانلىقىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇشى مۇمكىن، چەرچەن خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت يېزىقىلىق رولىنى ئوينىغىلى بىر ئەسىردەك بولغان قارۇشتى يېزىقىمۇ قانچە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولسا شۇنچە تۇيۇقسىز يوقالغان، بۇمۇ بىر تارىخىي سىر. ئۇنداقتا بىز قارۇشتى يېزىقىنىڭ يوقىلىشىنى نېمىنىڭ دەۋر چېكى قىلىپ ئالىمىز؟ پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندىنىڭ 400 – يىلى راھىب فاشەننىڭ قاراشەھەرگە بېرىشىدا ئۆتكەن شەھەرنىڭ باشقا جاي ئەمەس، دەل كروران ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا مۇشۇ قاراش يەنىمۇ ئىسپاتلىنىدىغان بولسا، 400 – يىلى ئەتراپىدا كروران شەھىرى ئىنتايىن گۈللەنگەن، 4000 دىن ئارتۇق ھىنايانا راھىبى بار بىر چوڭ شەھەر ئىكەنلىكى بىزنى ئىشەنچ قىلىشقا ئۈندەيدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا 5 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياكى 6-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاندىن كروران شەھىرى ۋەيران بولغان بولۇشى مۇمكىن. 445 – يىلى خاقان بەگ روڭنىڭ كروران )توغرىراقى ئاشۇ دەۋر يادىكارلىقلىرىدا يېزىلغان چەرچەن خانلىقى ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى باشلاپ سارمادان شەھىرىگە قاراپ كۆچكەنلىكىنى ئالساق، شۇ ۋاقىتتا يەنە كەم دېگەندىمۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى )4000 دەك نوپۇس نىڭ قالغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ. ئارخېئولوگلار شەھەر خارابىلىرىدە بەزى ئۆيلەرنىڭ مال ئېغىلى قىلىپ پايدىلىنىلغانلىقىنىمۇ بايقىغان. 

كروران شەھىرى قانداق سەۋەب بىلەن ۋەيران بولغان؟ بۇ ھەقتە ئالىملار يىپەك يولىنىڭ ئۆزگىرىشى، دەريانىڭ ئېقىن يۆتكىشى، ياتلارنىڭ تاجاۋۇزى، كىلىماتنىڭ قۇرغاقلىشىشى… قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان بولساق، كروراننىڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ئىكەنلىكىدە شەك يوق، ئەمما يىپەك يولى بۇ يەردىكىلەرنىڭ بىردىنبىر ھاياتلىق يولى ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قاراشنى قەتئىي رەت قىلىمىز. ياتلارنىڭ تاجاۋۇزى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇمۇ تامامەن مۇمكىن، لېكىن يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان بۇ شەھەرنى تالاشقۇچى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى ئويلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىشىدە ئۆزلىرىنى باقىدىغان ئىشلەمچى ئاھالىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى مەسىلىسىگە كەلسەك، بەزى ماتېرىياللاردا ھۇنلار، خەنزۇلار، سىيانپىيلار، توخرىلارنىڭ تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەققىدە بايانلار بار. بۇلارنىڭ ھېچ يېرىدە ئاھالىنى قىرغىن قىلىپ تۈگەتكىنى ياكى يۇرت – ماكانىدىن ھەيدىۋەتكىنى ھەققىدە ئۇچۇر يوق، شۇڭا بىز بۇ قاراشنى قوللىمايمىز. تۇپراقنىڭ شورلىشىش مەسىلىسىمۇ بەك ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمايدۇ، چۈنكى بۇ يەردىكى ئاھالىلەر بېلىقچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى تەڭ ئېلىب بارغان، چارۋىچىلىقمۇ مۇئەييەن نىسبەتنى ئىگىلىگەن، ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە شورنى ئېقىتىپ تۇپراقنى ياخشىلاش ئادىتى ساقلىنىپ قالغان، شۇڭا ئېيتالايمىزكى، تۇپراقنىڭ شورلىشىپ كېتىشى، بۇ شەھەرنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولالمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ شەھەر قانداق سەۋەب بىلەن تاشلىنىپ قالغان؟ ھازىرقى ئەھۋاللارغا قارىغاندا، كروران شەھىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى بۇ قۇرغاق رايوننىڭ ھايات – ماماتىنى بەلگىلەيدىغان سۇ، دەريا – ئېقىن ۋە كىلىمات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ رايونغا كېلىدىغان سۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش – قالماسلىقى بۇنىڭدىكى بىردىنبىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. كۆنچى دەرياسىنىڭ كروراننىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇ ھەل قىلغۇچ كۆنچى دەرياسى شۇ ۋاقىتلاردا زادى ئېقىن يۆتكىگەنمۇ، ئېقىنى قىسقىراپ كەتكەنمۇ، بۇنى بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ، بەزىلەر بۇ ھەقتە تەتقىقات يۈرگۈزگەندە، بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەيدۇ، بۇنى كونكرېتراق ئېيتقاندا، تارىم ۋە كۆنچى دەريا ۋادىلىرىدا تېرىقچىلىق كۆلىمى زورىيىپ، دەريا ئېقىنى قىسقىراپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان سۇ ئۈزۈلۈپ قالغاچقا ۋەيران بولۇپ كەتكەن، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ئەينى ۋاقىتتىكى تارىختىن خەۋەرسىزلا ھازىرقى ھالەتكە قاراپ چىقارغان ھۆكۈم بولسا كېرەك.

بىز تۆۋەندە شاچۈنچېڭ، فەن زىلى قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتىدىن چىقارغان مۇنۇ بايانلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. ئازادلىقتىن كېيىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 1949 – يىلىدىكى 01 مىليون 600 مىڭ مودىن 1980 – يىلىغا كەلگەندە 19 مىليون 300 مىڭ موغا كۆپەيگەن، ساپ كۆپەيگىنىلا سەككىز مىليون 700 مىڭ مو. بۇ يېڭى ئېچىلغان بوز يەر كۆپىنچە ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ چەت ياقىلىرىغا جايلاشقان، ئەسلىدىكى بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن، مۇشۇ كۆپەيگەن تېرىلغۇلارنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئېرىق چېپىلغان، دەريادىن تارتىلغان سۇلار سۇغىرىش تەلىپىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن ئەتىيازدىكى تېرىلغۇدىكى قۇرغاقچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېقىنلارنى تەڭشەپ سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلغان. پۈتۈن ئويمانلىقتا چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 206 سى قۇرۇلغان، سۇ سىغىمى 30 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن. تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدىلا چوڭ ياكى ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 19 ى قۇرۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي سىغىمى 920 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.قۇرغاق رايون شىنجاڭنىڭ 4 – ئىراسىغا ئائىت ماقالىلەردىن توپلام، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرىگە قاراڭ.مانا بۇ سانلىق مەلۇمات 1980 – يىلىغىچە بولغان ماتېرىيال بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ قۇيۇلۇش ئورنى داشكۆل سۇ ئامبىرى بولغان، تارىم دەرياسىنىڭ ئېقىنى 300 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقىراپ كەتكەن. 1949 – يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى ئۈچ مىليون 39 مىڭ 400 بولسا، 1982 – يىلىغا كەلگەندە ئالتە مىليون 141 مىڭ 300 گە يەتكەن. مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ نوپۇسى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئىككى مىليوندىن ئېشىشى ناتايىن.

لوپ كۆلى ۋە تارتما كۆلى 1970 – يىللارنىڭ بېشىدا قۇرۇپ كەتكەن، شۇڭا بۇ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇش ئۈچۈن ئەينى تارىخىي دەۋردە تۆت – بەش مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بولۇشى كېرەك، لېكىن ئەينى دەۋردە ئۇنچىلىك نوپۇسنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا بولۇشى ئېھتىماللىقتىن تولىمۇ يىراق. ئۇنداقتا يەنىلا دەريانىڭ ئېقىن يۆتكىشى ئېھتىماللىق بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئېكولوگىيىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، قۇرغاقچىلىق بولغانمۇ – يوق؟ ھازىرچە بۇنى ئىسپاتلايدىغان يازما پاكىت يوق. ئالىملار شىنجاڭنىڭ كىلىمات تارىخى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەن، لېكىن ئۇلار ئاساسەن يازمىلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قىياس قىلىنغان. شىنجاڭ مېترولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن لى جياڭفېڭ ئەپەندى شىنجاڭنىڭ 3000 يىللىق كىلىمات ئۆزگىرىشى ناملىق ماقالىسىدە يېزىشىچە، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000 – يىللاردا تېمپېراتۇرا ھازىرقىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ – تۆت گرادۇس يۇقىرى بولغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 246 – يىلىدىن مىلادىيە 22 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تېمپېراتۇرا ھازىرقىدىن بىر گرادۇس يۇقىرى بولغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1 – ئەسىرلەردە تېمپېراتۇرا ھازىرقىدىن ئىككى، ئۈچ گرادۇس تۆۋەن بولۇپ، ھۆل – يېغىن ئاز، سۇ قىسلىشىپ كرورانغا ئوخشاش بىر تۈركۈم شەھەرلەر ۋەيران بولغان، دەپ قارايدۇ.

مىلادىيە 581 – يىلىدىن 907 – يىلىغىچە بولغان 300 يىلنىڭ 2/3 قىسىم ۋاقىتتا كىلىمات سوۋۇپ ھازىرقىدىن بىر – ئىككى گرادۇس تۆۋەن، ھۆل – يېغىن كۆپ بولغان. 907 – يىلىدىن 1368 – يىلىغىچە بولغان دەۋردە، بولۇپمۇ 13 – ئەسىرگىچە سوغۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ھازىرقىدىن بىر گرادۇس تۆۋەن بولغان، ھۆل – يېغىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن، 1285 – يىلىدىن باشلاپ 1290 – يىلىغىچە قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن كىلىمات سوۋۇپ ھۆل – يېغىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. 1368 – يىلىدىن 1911 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، 16 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 17 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىلىمات سوۋۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ خىل ھاۋارايى 18 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە داۋام قىلغان. 1750 — 1769 – يىللىرىغىچە ھاۋا ئىللىپ، 1770-يىللىرىدىن باشلاپ 1790- يىللىرىغىچە سوۋۇغان. 1791- يىلىدىن 1815- يىلىغىچە ئىللىپ، 1769- يىلىدىن 1800- يىللىرىغىچە داۋام قىلغان. 19- ئەسىردە ھاۋا سوۋۇغان بولسا 20- ئەسىردە ئىللىق كىلىمات بولغان. بۇلار پەقەت پارچە خاتىرىلەر ئاساسىدا چىقىرىلغان يەكۈن بولۇپ، بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

شىنجاڭ، بولۇپمۇ تارىم ۋادىسى دېڭىز – ئوكيانلاردىن تولىمۇ يىراق، يەنە كېلىپ تەڭرىتاغ، قاراقۇرۇم تاغلىرى، ئالتۇنتاغ قاتارلىق ئېگىز تاغلارغا ئورىلىپ تۇرغاچقا، ھاۋاسى ئىنتايىن قۇرغاق، دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، تارىم ئويمانلىقى بەئەينى بالىياتقۇغا ئوخشايدۇ. پەقەت غەرب بورىنىلا ھۆل – يېغىن پەيدا قىلىپ قار – مۇز جۇغلايدۇ. ئەمەلىيەتتە تارىم ۋادىسىنىڭ سۇ مەنبەسى ئاشۇ قار – مۇزغا قاپلانغان تاغلاردىن ئىبارەت. كىلىماتنىڭ بىرقانچە يىللىق ئۆزگىرىشى بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيىسىگە زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بىز يۇقىرىدا كۆرگەن مىلادىيە 4 – ئەسىردە كروران ۋەيران بولغان، دېگەن يەكۈن مۇشۇ ۋاقىتتىكى كىلىماتنىڭ ئىللىغانلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپ قالدى، ئەمما پاكىتلارنىڭ زورىيىشى بىلەن كروراننىڭ 4 – ئەسىردە ئەمەس، بەلكى 6 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاندىن ۋەيران بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

كىچىك دەريا بويلىرىدا بايقالغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزلار 6 -، 7 – ئەسىرلەردە گۈللىنىپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇنداقتا كروران قانداق ۋەيران بولغان؟ ئەمەلىيەتتە كروران تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ ھازىرقى ئېقىنى بويىچە جەنۇبقا كەلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك )كۆنچى دەرياسىنىڭ ئېقىنى بىلەن ئاققان ئاز مىقداردىكى سۇ كىچىك دەريا ئارقىلىق جەنۇبقا ئېقىپ تارىمغا قۇيۇلغانلىقى، ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى سۇنىڭ كروران لوپ كۆلىگە قۇيۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن، مانا بۇ كروراننىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىنبىر سەۋەبتۇر. شەھەرنى كەلكۈن بېسىپ كېتىپ ۋەيران بولغان دېگەن قاراشمۇ مەۋجۇت. ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشىچە، شەھەر خارابىسىدە كەلكۈن ئىزناسى بار ئىكەن، بۇ، شەھەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ، بەلكى مەلۇم مەزگىللىك كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

خۇلاسە قىلغاندا، پەقەت تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئېقىن يۆتكەپ بۇ يەرگە كېلىدىغان سۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىلا بۇ شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مىلادىيە 6 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى كروران شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا كېلىدىغان سۇ دەريانىڭ ئېقىن يۆتكىشى نەتىجىسىدە ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئازلاپ شەھەر تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرەلمىگەنلىكىدىن بولغان، شەھەر خارابىلىرىدە ئاز ساندىكى چارۋىچىلار خېلى مەزگىلگىچە ياشىغان بولسىمۇ 11 – ئەسىرلەرگە بارغاندا سۇنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈشى بىلەن بۇ يەردە ھاياتلىق قالمىغان. ئالىملار كروراننىڭ قانداق ۋەيران بولغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوللىنىۋاتقان يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ھاۋا بوشلۇقىدىن تارتىلغان سۈرەتنى تەتقىق قىلغاندا، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئىككى يېرىدە گۈمۈرۈلۈش بولۇپ ئېقىننىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقى، كروران شەھەر قەلئەسىگە كېلىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىدىن ۋەيران بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، كۆنچى دەرياسىنىڭ كروران قەلئەسىگە 5.8 كىلومېتىر ۋە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككى يېرىدە گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەنلىكىنى )ئالدىنقى جايدىكى گۈمۈرۈلۈش بوشراق، كېيىنكىسى چوڭراق بولغان ئېنىق كۆرۈشكە بولىدۇ. تەتقىقاتچىلاردىن خې يۇخۇا ۋە سۇن يوڭجۇنلەر مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقارغان. بۇ قاراش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلار، جۈملىدىن ئىنكار پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كروراننىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى ھەققىدە كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋاڭ شۇچۈن ئەپەندى بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىپ، ئەينى جاينىڭ جۇغراپىيىسىگە ئېتىبار بېرىلمىگەن، كروران قەلئەسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى يارداڭلىقنىڭ ئېگىزلىك پەرقى ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ 20 مېتىردىن ئاشمايدۇ، غەرب تەرەپتىكى يارداڭلىقلارنىڭ ئېگىز – پەسلىك پەرقى، 20 كىلومېتىرلىق جايدىكى يارداڭلىقنىڭ ئېگىزلىك پەرقى ئۇنچە چوڭ ئەمەس، تارىم دەريا ۋادىسى تۈزلەڭلىك بولغاچقا كەلكۈن كېلىپ ئېقىن يۆتكىشى مۇمكىن. گۈمۈرۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ. تەتقىقاتچى مېڭ فەنرېن: ئەگەر گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەن دېيىلسە، ئۇنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىقلاش لازىم، شۇنداقلا گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەن دەۋر بىلەن كروراننىڭ ۋەيران بولغان ۋاقتى ماس كېلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى مەركىزىدىكى لى يەنچى بۇددا ئەللىرى خاتىرىسى ناملىق ئەسەردىكى ۋەيران بولۇشنى ئەنە شۇ گۈمۈرۈلۈشنىڭ ئىسپاتى، لوپ كۆلى ئەنە شۇ ۋاقىتتا قۇرۇپ كەتكەن دەپ، بۇ، دەۋرى ماس كېلىشنىڭ پاكىتى دەپ قارايدۇ. مېڭ فەنرېن يەنە راھىب فاشەننىڭ كروراندىن ياكى لوپ كۆلىدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق، فاشەن لوپ كۆلىدىن ئۆتكەن بولۇشى ناتايىن، ئۇ لوپ كۆلى ھەققىدە ھېچنىمە يازمىغان دېسە، ۋاڭ چاڭلىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى تەھلىل قىلىنمىغان، دەيدۇ. يېراقتىن سېزىش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى بۇنىڭ، تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىدا بىر خىل ئىلگىرىلەش، شۇنداقلا بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئېنىقلاشتا رولى ناھايىتى چوڭ. شۇنداقتىمۇ مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاڭ شۇچۈن، مېڭ فەنرېن، ۋاڭ چاڭلىنلارنىڭ مۇھاكىمىسى ئىنتايىن توغرا بولغان. مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشنىڭ سۇ لىنىيىسىنى توسۇۋېلىش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس، ناۋادا گۈمۈرۈلۈش يۈز بېرىپ دەريا ئېقىنىنى توسۇۋالغان تەقدىردىمۇ، بۇ، ئۇ جايلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ، چۈنكى قانال قېزىپ پايدىلىنىشنى بىلگەن كرورانلىقلار ئەنە شۇ گۈمۈرۈلگەن جايدا قانال قېزىپ سۇنى كروران قەلئەسىگە باشلاپ كېلەلىشى تامامەن مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتىدىغان بولساق، گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ دەريا ئېقىنى گۈمۈرۈلگەن لاي – قۇملارنى يەنىلا ئېقىتىپ كېتىشى مۇمكىن. ناۋادا كروران شەھىرىگە كېلىدىغان سۇ ئۈزۈلدى دېيىلگەندىمۇ، ئۇلارنىڭ 20 كىلومېتىر نېرىغا يۆتكىلىپ قايتىدىن يۇرت بەرپا قىلالماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ مېڭ فەنرېن ئەپەندى ئېيتقاندەك، يىل دەۋرى جەھەتتىن ماس كېلىشى كېرەك، ئەللىرى تەزكىرسى دىكى ۋەيران بولۇش بۇنىڭ ئىسپاتى دېگەنلىك تولىمۇ مەنتىقىسىز قاراشتۇر. ناۋادا گۈمۈرۈلدى دېگەن جايدىن تېپىلغان مەلۇم دەۋرىيلىكنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولغان بۇيۇم ئارقىلىق گۈمۈرۈلۈش دەۋرىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولسا، يەنە كېلىپ كروراننىڭ ۋەيران بولۇش دەۋرى بىلەن ماس كەلسە، ئاندىن بۇ قاراشنى قوللاشقا بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇ شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرەلىسە، بۇ خىل قاراشنى مۇشۇ سىرنى ئاچتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.

مەنبە:شىنجاڭ ئارخىلوگىيە تەزكىرسسىدىن

توردىكى مەنبەسى:قۇتيار مۇنبىرى

يازما خەتكۈچى: كروران،ۋەيران بولۇش،سەۋەب
يازماھوقۇقى: lopnuri غا تەۋە، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!