HEYKELTARAShNINg TILSIM DUNIYaSI
ھەيكەلتاراشنىڭ تىلسىم دۇنىياسى
ئازنات تالىپوۋ،
«ئۇيغۇر ئاۋازى»
مۇزېينى ئەسلىتىدىغان ئۆي
ئىجات خىيالى بىلەن ياشاش ھۆزۈر بېغىشلايدۇ ھەم ئازاپلىنىش ھىسسىياتىدىن خالى قىلمايدۇ. چۈنكى ئىجادىيەت — بۇ ئىنساننىڭ ئەقلىي، ئوي-خىيال، تەپەككۈر كۈچى بىلەن ھايات تەجرىبىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى نەرسىلەرنى پەيدا قىلىش ياكى مەۋجۇت نەرسىلەرنى يېڭى ئۇسۇلدا تەغدىم قىلىش جەرىيانى.
ئىجادىيەت ھىسسىياتى، خىيالىدىكى تەسەۋۋۇر بىلەن كەچ كىرگۈزۈپ، ئۇخلىسىمۇ ئويىدىكى ئوبراز-قىياپەتلەر بىلەن مۇڭدىشىدىغان ئىجاتكارنى سىز ئۇچراتقانمۇ؟ بەلكىم، بۇ خىسلەت ھەرقانداق ئىجاتكارغا مەنسۈپ، ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش تەرىزى شۇنداق، دېيىشىڭىز مۈمكىن. لېكىن بۈگۈنكى بازار ئىختىسادىنىڭ تەلەپلىرى كۈچەيگەن ۋەزىيەتتە ئىجادىي ئەمگىگىنىڭ مەھسۇلاتىنى سودىغا سالماي، پەقەت ئىزدىنىش، يارىتىش روھى بىلەن ياشاپ، تىنىم تاپماي ئەمگەك قىلىۋاتقان ئىجاتكار بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ يولى چۈشتى.
فارخات كامالوۋنىڭ ھاشامەتلىك ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيىنىڭ ھەربىر قەۋىتىدە эستېتىكىلىق دىت بىلەن تىزىلغان ھەيكەللەر، ماسكىلار، تەسۋىرىي سەنئەت ئەسەرلىرى، بۇيۇملار گويا مۇزېينى ئەسلىتەتتى. ئۆزىمىزنى خۇددى مۆجۈزىلەر ئالىمىگە كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدۇق. دەرەق غولىدىن ياسالغان ھەرخىل ھەجىمدىكى ھەيكەللەر، ستاتۇэتكىلار، ماسكىلار، ئۈستەل-ئورۇندۇقلار ئۆي غوژايىنىنىڭ ئەجايىپ تالانتىدىن، مېھنەتكەشلىگىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. دەسلەپ ئېگىزلىگى ئىككى مېتردىن ئاشىدىغان «ئۇكراىنا» «ئۇچرىشىش» «مودى ۋە ئاننا» دەپ ئاتىلىدىغان قارىياغاچتىن ياسالغان ئەمگەكلىرىنى كۆزدىن كەچۈردۇق. ««مك» ۋ كازاخستانې» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئولگا زورىنا «ۋاياتېل گوتوۋىتسيا ك يۇبىلېيۇ. تېررىتورىيا ئى تراېكتورىيا سكۇلپتورا فارخادا كامالوۋا» ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق كۆلەملىك ياغاچ بىلەن ئىشلەيدىغان ھەيكەلتاراش ئېلىمىزدىلا ئەمەس، دۇنىيا يۈزىدە يېگانە بولسا كېرەك دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ. تەسۋىرىي سەنئەتكە بولغان چەكسىز مۇھەببەت ئۇنى «مەجنۇنغا» ئايلاندۇرغان. ئۇ يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىجادىي جەرىياندىكى دىققەت-نەزەرىنىڭ چېچىلىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ. ئادەملەردىن خالى بولغىنى بىلەن يېنىدا ئۆزىنىڭ ياراتقان ئوبرازلىرى. شۇلار بىلەن مۇڭدىشىدۇ. ئويىدىكى قەھرىمانىنىڭ قىياپىتىنى ئەكىس ئەتكۈزۈشكە ئايلار، ژىللار كېتىدۇ. بىر ئەمگىگىنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاڭ سەھەردىن كەچ كىرگىچە ئىشلەپ، ئىككى ژىلغا يېقىن ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپتۇ. ئىشقا شۇنداق بېرىلىپ كەتكەن پەيتتە، قوساق غېمىنىمۇ ئويلىمايدۇ. فارخات ئاكا تۇرمۇشنىڭ مەىشەتلىرى بىلەن ھاياتنىڭ ئالدامچى ھەۋەسلىرىگە بېقىنماي، ئۆزىنىڭ ئىچكى، مەنىۋىي دۇنىياسىنىڭ يېتىگىدە كېتىپ بارغان ئىجاتكار. ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىشىمۇ، تىرىكچىلىگىمۇ موشۇ ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيدە تەسۋىرىي سەنئەت دۇنىياسىدا يېڭىلىق بولغان ئەسەر-ئەتىقىلەرنى يارىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا ئۇ ھەرگىز بۇيرۇتما ئالمايدۇ. گېزىتخانلاردا «ئانداقتا كۈن كەچۈرۈش مەنبەسى نېمىدىن ئىبارەت؟» دېگەن سوال تۇغۇلۇشى مۈمكۈن. تۇرمۇشنىڭ كۈندىلىك تەلەپ-ئېھتىياجى بەزىدە غەم-تەشۋىشنى كۆپەيتىپ، ئىجاتكارنىڭ بەرپاكارلىق قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئەتا قىلىنغان تالانت، قابىلىيەتنىڭ ئۆمۈر سىناقلىرىدا ئۆچۈپ قالمايدىغانلىغىنىڭ كاپالىتى– ئىجاتكار قەلبىنى چۈشىنىدىغان، قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغان جانلارنىڭ يېنىدا بولۇشىدا. فارخات ئاكىنىڭ ئۆمۈرلۈك يارى روزا ئەينە شۇنداق جان. يولدىشىنىڭ ئىجادىي پاالىيىتى ئۈچۈن بارلىق شاراىتنى يارىتىپ بەردى. ئۆزىمۇ سەنئەتنى چۈشىنىدىغان ئىنسان. كونسېرۋاتورىيادا ئۇستازلىق قىلىپ ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، ئۆز كەسپى بويىچە شاگىرتلارنى تەييارلاۋاتىدۇ. يولدىشىنىڭ تاماملىغان ئەمگىگىنى بىرىنچى بولۇپ باھالايدىغانمۇ، ئۇنىڭغا «ئىسىم» قويۇدىغانمۇ روزا ھەدە. سكرىپكىنىڭ سېخىرلىق ئاھاڭىنى ياڭرىتىدىغان رەپىقىسىنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك، فارخات ئاكىنىڭ ھۈنەر تېمىپ تۇرغان قولىدىن نۇرغۇن «مۇزىكانتلار» ياسالدى. ئايال مۇزىكانتلار ئوبرىزىدا ئۆمۈرنىڭ ژۈكىنى بىللە كۆتىرىپ كېلىۋاتقان ئىنسانغا خاس ئوخشاشلىقلارنى بايقاش مۈمكىن. فارخات ئاكىنىڭ گالېرېياسىدە ئالېكساندر ماركوۋ، ئولگا كاцيۇبا، مىخاىل ماخوۋنىڭ رەسىملىرى بىلەن تونۇش رەسسام موي قەلىمىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن روزا ھەدىنىڭمۇ پورترېتى ئورۇن ئالغان. تەسۋىرىي سەنئەت بىلەن مۇزىكا سەنئىتىدىن بەختىنى ئىزدىگەن قوش ژۈرەك ئىجات پەزاسىدا بىر-بىرىگە ئىلھام بېغىشلىغۇچى بولدى. بۇ پىكرىمىزنى «مودى ۋە ئاننا» سكۇلپتۇرىسى تەستىقلەپ تۇرغاندەك…
«مودى ۋە ئاننا»
ھەيكەلتاراشنىڭ «مودى ۋە ئاننا» ئەمگىگىنى مەنىۋىي قەدرىيەت ئېگىلىرى –ئىجادىيەت ئادەملىرى ئارىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئورنىتىلغان ھەيكەل دېيىشكە بولىدۇ. رۇس شېىرىيىتىنىڭ كلاسسىك شاىرەسىگە ئايلانغان ئاننا ئاخماتوۋا بىلەن ئۇلۇق ئىتالىيالىك رەسسام ئامېدېو مودىليانىنىڭ مۇناسىۋىتى دىللاردا مۇھەببەت داستانىغا ئايلانغان. فارخات ئاكىدا ستۇدېنتلىق دەۋىردىن باشلاپ مودىليانىنىڭ ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئىشتىياق ئويغانغاندى. شاىرە بىلەن رەسسامنىڭ مۇھەببەت تارىخى ئۇنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئاننا ئاخماتوۋا بىلەن مودىليانى پارىژ شەھىرىدە تونۇشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر ھەپتىگە سوزۇلغان ئىشق-مۇھەببەتكە تولغان ئۇنتۇلماس دەقىقىلىرى ھەر ئىككىسىنىڭ كەلگۈسى ئىجادىيىتىدە ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا مودىليانى ناھايىتى كەمبەغەل ياشاتتى. ھەتتا تۇرۇۋاتقان پەتىرلىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنى تۆلەلمەي سەرسانچىلىقتا ھايات كەچۈرىدۇ. بىراق ئەسكى كىيىم ئىچىدە ئېسىل ژۈرەك بار ئېكەنلىگىنى شاىرە سېزەتتى. ئاننا ئاخماتوۋا ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىدۇ. ئىككى ئاشىق قايتا دىدارلىشىش پۇرسىتىگە ئېگە بولمايدۇ. ئايرىم مەنبەلەر بويىچە، رەسسام شاىرەگە 16 رەسىمنى تەغدىم قىلىپ، ئۆيىنىڭ تېمىغا ئېسىپ قوشنى ئىلتىماس قىلغان. بىراق ئوكتيابر ئىنقىلاۋى دەۋرىدە بۇ ئەمگەكلەر ژۈتۈپ كەتكەن. ئايرىم، سەنئەتشۇناسلارنىڭ پىكرىچە، مودىليانىنىڭ كۆپلىگەن رەسىملىرىدە تەسۋىرلەڭەن ئاياللاردىن ئاننا ئاخماتوۋاغا تەن ئوخشاشلىقلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئوتتۇز بەش يېشىدا ۋاپات بولغان رەسسامنىڭ نېكرولوگىدا «ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شۆھرەت بوسۇغۇسىدا دۇنىيادىن ئۆتتى» دېگەن سۆزلەر يېزىلىدۇ. ھايات ۋاقتىدا باھالانمىغان رەسسامنىڭ ئەمگەكلىرى ۋاقىت ئۆتۈپ پىكاسسو دەرىجىسىدىكى ئىجات دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. 2015-ژىلى ئۇنىڭ بىر ئەمگىگى ئاۇكцئىوندا 170،4 مىللىون دوللارغا سېتىلىدۇ. فارخات ئاكا بۈيۈك رەسسام بىلەن شاىرە ھەققىدە ناھايىتى كۆپ بىلىدۇ، ئېيتىپ بېرىشتىن يالىقمايدۇ.
بىزنىڭ دىققىتىمىزنى «ئېۋروپىنىڭ ئوغرىلىنىشى» سېرىياسىدىكى ئەمگەكلەر جەلىپ قىلدى. قېدىمىي گرېك مىفولوگىياسىگە ئاساسلىنىپ ياسالغان. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، فىنىكىي پادىشاسىنىڭ قىزى ئېۋروپا دېڭىز قىرغىغىدا دوستلىرى بىلەن ئويناپ ژۈرگىنىدە بۇقا قىياپىتىدىكى زېۋس ئوغرىلاپ كېتىدۇ. ئەينە شۇ كۆرۈنۈش ھەيكەلتاراشنىڭ تەسەۋۋۇرى بىلەن قارىياغاچنىڭ غولىدىن ياسالدى.
قارىياغاچنىڭ قۇدرىتى
خەلقىمىز ئەزەلدىن گۆزەللىككە ئاشىق ۋە كۈندىلىك ھاياتىدىكى گۆزەل مەنزىرىنىڭ ئىپادىسى يېشىلزارلىق. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ھويلىسىنى دەل-دەرەقسىز، گۈل گىياسىز تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ. تەبىەت بىلەن ماسلىشىپ، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن گارمونىيادە ياشاۋاتقانلىغىمىزنىڭ يارقىن كۆرۈنۈشى ئەجداتتىن ئەۋلاتقا ئۆتكەن، قېنىمىزغا سىڭگەن باغۋەنچىلىك، دېخانچىلىق ۋە گۈل ئۆستۈرۈش مەدەنىيىتىنى دېسەك بولىدۇ. فارخات ئاكا ھەربىر كۈنىنى ئۆيىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن گۈللەر ھەم قارىياغاچ دەرىغى بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك تۈرى–ھەيكەلتاراشلىقتا ئەستاىدىللىق بىلەن تەر تۆكۈۋاتقان ئۇ ئاساسەن قارىياغاچ دەرىغىدىن پايدىلىنىدۇ. «قارا» ۋە «ياغاچ» سۆزلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىرىككەن ئىسىمدىكى «قارا» سۆزى ئىزاھلىق لۇغىتىمىزدە «چوڭ، كاتتا، ئۇلۇق» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدېكەن. دېمەك، قارىياغاچ–چوڭ، كاتتا، ئۇلۇق دەرەق. مەزكۈر دەرەقنىڭ (ۋياز–رۇسچە ئاتىلىشى) تىلسىم قۇدرىتى ھەققىدە «قارىياغاچتىن ياسالغان تۇمار يولۇۋچىنى خېيىم-خەتەردىن ساقلايدۇ»، «ئايرىم خەلىقلەر ئۈچۈن بۇ دەرەق ئانا بولۇش ۋە ئاىلە قۇرۇشنىڭ رەمزى ھېساپلىنىدېكەن» دېگەن مەلۇماتلارمۇ موجۇت. قارىياغاچ ئۇزاق ياشايدۇ. بۇنىڭدىن بىرنەچچە ژىل مۇقەددەم ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى كۆكتال يېزىسىدا 700 ژىل بولغان («ئەۇلىې ئاغاش» دەپ ئاتىلىپ كەتكەن) قارىياغاچ ھەققىدە ئاممىۋىي ئەخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەرلەڭەن ئېدى. كۆكتالدىكى مۇقەددەس دەرەقنى كىمدۇ بىرلىرى ماي چېچىپ كۆيدۈرمەكچى بولغان. بىراق كۆيمىگەن. رېزىنا چاقنى كۆيدۈرۈپ، يەرنى يېرىپ چىققان يىلتىز-تومۇرىنى زەخمىلىگەن. ئامما ھېلىكەم بۇ دەرەق ھايات. بەك چىداملىق، ھە؟! بىزدە ئۇچرىشىدىغان قارىياغاچ يەر تاللىمايدۇ. بىرمۇ دەرەق ئۆسمىگەن دالادا يالغۇز قارىياغاچ دەرىغىنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. ئاندىن شاخلىرىنى كېسىۋەتسىمۇ، كۆكلەۋېرىدۇ. قاتتىق شامالمۇ شاخلىرىنى سۇندۇرالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋلادىنى ئۇچۇم قىلىشنى ئويلىغان قۇشلار قارىياغاچقا ئۇگا سالىدۇ. ۋېنېцئىيادە ژىللار ماباينىدا سۇدا قەد كۆتەرگەن ئۆيلەرنى كۆتىرىپ تۇرغان نەق موشۇ قارىياغاچتىن ئىشلەڭەن تاختايلار دېيىشىدۇ. غولىنىڭ زىچلىغى ۋە قاتتىقلىغى ئۇنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. بىر ژىلى شەھەردىكى پاركلارنىڭ بىرىدە قارىياغاچ دەرەقلىرى كېسىلدى. فارخات ئاكا تونۇشلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن ژىقىتىلغان دەرەقلەرنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ فارخات كامالوۋنىڭ ئۆيىدە «ئۇلۇق» دەرەقنىڭ ئىككىنچى ھاياتى باشلىنىدۇ. ھېرىسمەنلىك بىلەن چېپىش، يونۇش، ئويۇش ئارقىلىق دەرەق غولى مەلۇم شەكىل ۋە ھەجىمگە ئېگە بولىدۇ. بىراق ھەربىر ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق بىلمىسەڭ بۇزۇپ قويۇشىڭ مۈمكىن. ئىجادىيەتتە نەتىجە مۇھىم، ئامما جەرىياننىڭ ئۆزىمۇ ئەھمىيەتلىك. ھېچكىم مەلۇم نادىر ئەمگەكنى، مۇەللىپ تەسەۋۋۇرى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئىجادىيەت نەتىجىسىنى دەلمۇ-دەل قايتىلالمايدۇ. ھەربىر ئىجاتكارنىڭ ئۆزگىچىلىگىمۇ شۇنىڭدىن ئىبارەت.
ئىلاۋە: زامانىمىزدىكى ئۆزگىچە تالانت، ماھارەت ئېگىسى فارخات كامالوۋ ياسىغان ماسكىلارنى تەرىپلەشكە تەسۋىرىي سەنئەتكە ئاىت مەخسۇس بىلىمنىڭ ھاجەتلىگىنى ھىس قىلدىم. ھەقىقەتەنمۇ ھەيكەلتاراشنىڭ ئۆيىدىكى تىلسىم دۇنىيانى چۈشىنىش ئۈچۈن سەنئەتنى ھىس قىلىدىغان قەلب ھاجەت. مۇزېينى ئەسلىتىتىدىغان بۇ ئۆيگە يەنە بىر قېتىم كەلمىسەك بولمايدىغانلىغىنى چۈشىنىپ، ھەيكەلتاراش بىلەن خوشلاشتۇق.