Zinet_Ekberova-85yashta
©Уйғур авази
قازاقستان خەلىق ئارتىستى زېنەت ئەكبەروۋا – 85 ياشتا
زېنەت ئەكبەروۋا ۋە ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى بېغىشلىغان ئۇيغۇر مۇزىكىلىق-دراما تېاترىنى “تەڭتۇشلار” دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەزكۈر تېاتر، ئۇنىڭدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئارتىستلارنىڭ ماھارىتىگە ئوخشاش، نادىر جاي. ئارتىستلار شۇ نادىر جايدا ناخشا ئېيتىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ ۋە شېكسپىرنىڭ، مۈسرېپوۋنىڭ مەتىنلىرىنى، شۇنداقلا ئۆلمەس ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى تاماشىبىنغا يەتكۈزىدۇ.
ئۇيغۇر تېاترىنىڭ دەسلەپكى كەسپىي ئاكترىسىسى، قازاقستاننىڭ خەلىق ئارتىستى زېنەت ئەكبەروۋا موشۇ سىناقلاردىن سۈرۈنمەي ئۆتۈپ، تاماشىبىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىنسان. ئۇ سەھنىنىڭ تىرىك رىۋايىتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روھىي برېندى.
يازنىڭ ئوتتۇرىلىرى، گاستروللار تازا قاينىغان پەيت. ھەتتا پوچتالئوننىڭ ئۆزى كامدىن-كام ئۇچرايدىغان ژىراقتىكى يېزىلارنىڭ بىرىدە نوۋەتتىكى سپېكتاكل. تېاترنىڭ مەزكۈر يېزىغا كەلگىنىنى ئاڭلىغان تۇرغۇنلارنىڭ خوشاللىغىدا چەك يوق. كەچقۇرۇنغا يېقىن يېزىنىڭ كىچىككىنە كلۇبى ئادەمگە لىق تولدى. تاماشىبىنلارنىڭ بارلىغى سەھنىدە كۆرسىتىلىۋاتقان درامىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاياقلىشىدىغانلىغىغا ئۈمۈت قىلىپ، ئارتىستلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت بىلەن كۆز سالماقتا. ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ بۇ ئۈمۈتى ئاياقلاشمىدى – ئۆزىنىڭ تەڭتۇشىغا ئاشىق بولغان گۆزەل ئانارخان قېرى بايغا تۇرمۇشقا چىقىشتىن باش تارتىپ، قېدىمىدىن قېلىپلاشقان ئەنئەنىگە بويسۇنمىغانلىغى ئۈچۈن، ئېغىر ۋە شەرمەندىچىلىك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. چىدىغۇسىز قىيناشلارغا ۋە ھاقارەتلەرگە دۇچار بولغان ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشىغى بىلەن بارچىنىڭ ئالدىدا كۆز ژۇمدى. ئادەم قەلبىنى تەۋرىتىدىغان ئېغىر مۇزىكا ئاستىدا پەردە يېپىلدى…
تاماشىبىن قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ ئۈلگەرگەن گۆزەل قىزنىڭ قازاسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن زالدا جىم-جىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە. ئادەملەرنىڭ كۆپچىلىگىنىڭ كۆزى ياشقا تولغان، ئۇلار نېمە دەرىنى بىلمەيدۇ… بىرازدىن كېيىن پەردە ياڭلىۋاشتىن ئېچىلىپ، يېڭىلا ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن سۆيۈملۈك قەھرىمانلىرىنىڭ ئامان-ئېسەن تازىمغا چىققىنىنى كۆرگەن تاماشىبىننىڭ كۆزىدە خوشاللىق ئالامەتلىرى بايقالدى…
– ئالمۇتا ۋىلايىتى پانفىلوۋ ناھىيەسىدە ئۆتكەن گاستروللىرىمىزنىڭ بىرىدە بىز تاماشىبىننىڭ ئەينە شۇنداق كەيپىياتىنىڭ گۇۋاچىسى بولغىنىمىز ھەقىقەت، – دەيدۇ ئانارخان رولىنى ئوينىغان زېنەت ئەكبەروۋا. – ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 ژىللىرىدىلا بىزنىڭ تاماشىبىن ئەينە شۇنداق ئاددىي، كۆڭۈلچەك، كەڭقوساقلىق بولغان ئېكەن. بىز سپېكتاكلنىڭ ئاخىرىدا تازىمغا چىققاندا ئادەملەر ئارىسىدىكى ھىسسىياتنى ئېيتىپ يەتكۈزۈش قىيىن. گۈلدۈرلىگەن چاۋاكلار، ئالقىشلار! ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى بىزنى قولى بىلەن تۇتۇپ، ئامان ئېكەنلىگىمىزنى بىلگۈسى كەلدى. ئانارخاننى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بارلىغىدا ئەينە شۇنداق قارشى ئالدى دېسەم، مۇبالىغە بولماس. مەن ئانارخان ئوبرازىنى 15 ژىل داۋامىداياراتتىم “ئانارخان” درامىسى بىلەن بىزنىڭ دەسلەپكى كەسپىي ئۇيغۇر تېاترىنىڭ تارىخى باشلاندى. 1934-ژىلى تېاترنىڭ ئېچىلىشى نەق موشۇ قويۇلۇم بىلەن بېۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. مەزكۈر سپېكتاكل بۈگۈنكى كۈڭىچە تېاتر رېپېرتۇارىدىن چۈشكىنى يوق. ئەندى تېاترنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلىرى ھەققىدە گەپ قوزغايدىغان بولساق، مەن ئۇلارنىڭ بىرى مېنىڭ دادام بولغانلىغىنى پەخىرلىنىش بىلەن ئېيتالايمەن.
– ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسمى رىۋايەتكە ئايلانغان ئەسكەرجان ئەكبەروۋنى نەزەردە تۇتۇۋاتىسىزغۇ؟
– دەل شۇنداق. ئۇ داپتىلا ئەمەس، ساتتار، غېجەك، دۇتار، تەمبۈر، راۋاپ، چاڭ، نەي، سۈرنەي، ناغرا، ساپاي ۋە باشقىمۇ ئەسۋاپلاردا ماھىرانە ئويناتتى. خەلقىمىزنىڭ دۇردانىسى بولغان “ئون ئىككى مۇقامنى” تولۇق بىلەتتى، شۇنداقلا كۆپلىگەن كونا ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنىڭ تېاتر سەھنىسىدە ئىجرا قىلىنىشىغا قول يەتكۈزگەن ئادەم. ياركەنتتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇ، موزدۇزلارغىمۇ شاگىرت بولغان. مومىمىز دۇنىيادىن ئەتىگەن ئۆتكەنلىكتىن، ئۇنى موزدۇزلار ئاسراۋالغان ئېكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەم يەرلىك، ھەم تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن كەلگەن كۆپلىگەن خەلىق ناخشىچىلىرى بولغان. دادام ئۇلار ئېيتقان ناخشىلارنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، يېزىۋالغان، بەزىلىرىنى سازغا سېلىپ، قايتا ئىشلىگەن. ئەگەر بىزدە ھازىر “ناۋا” فولكلورلۇق ئانسامبلى بار بولسا، ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر ناخشا ۋە ئۇسسۇللىرىنىڭ كونسېرت پروگراممىسىلا بولغان. دادام ئۇنىڭغا كولخوز ۋە سوۋخوزلاردىن، تېخى 20-ژىللاردا پەيدا بولغان بەدىىي ھەۋەسكارلار ئۆمەكلىرىدىكى تالانتلىق ئادەملەرنى جەلىپ قىلغان، ئۇلارنى ناخشا ئېيتىشقا ۋە ساز ئەسۋاپلىرىدا ئويناشقا ئۈگەتكەن. كېيىنىرەك مەرىيەم سېمەتوۋا، روشەڭۈل ئىلاخۇنوۋا، مەخپىر باقىېۋ، ئەخمەتجان شەمىېۋ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىمۇ ئاتاقلىق ئارتىستلار نەق دادامنىڭ مەكتىۋىدىن ئۆتكەن. ئۇ ھەربىر ناخشىنىڭ ژۇقۇرى دەرىجىدە ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ناخشىنىڭ ھەربىر قۇرىنى ئېيتىپ بېرەتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا ئېۋگېنىي برۇسىلوۋسكىي ئۆز شاگىرتى قۇددۇس غوجامىياروۋقا ياردەملىشىش ئىلتىماسى بىلەن مۇراجىەت قىلغان. “بۇ ژىگىت ناھايىتى تالانتلىق. ئۇنىڭدىن سۆزسىز ھەقىقىي كومپوزىتور چىقىدۇ. پەقەت شەھەردە ئۆسكەن بۇ ژىگىتنىڭ بويىغا خەلىق مۇزىكىسىنى سىڭدۈرۈش لازىم. ئەگەر، مۈمكىن بولسا، ئۆزىڭىز ھاجەت دېگەن نەرسىنى ئۇنىڭغا ئۈگەتسىڭىز”، دېگەن ئۇ. دادام قۇددۇس غوجامىياروۋقا نۇرغۇنلىغان ئەجايىپ ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئۈگەتتى. كېيىنىرەك دۇنىياغا تونۇلغان كومپوزىتور ئەينە شۇلارنىڭ بەزىلىرىنى داڭلىق “رىزۋاڭۈل” سىمفونىياسىدە پايدىلانغان. دادامنى ئاخمېت جۇبانوۋمۇ ناھايىتى ژۇقۇرى باھالايدىغان. بۇ ئۇلۇق تالانت ئېگىسىنى مۇخلىسلىرى «مېڭىپ ژۈرگەن خەلىق مۇزىكىسى» دەيدىغان. شۇنداق قىلىپ، دادام ئاكتېرلىق پاالىيەتتىن سىرت 25 ژىل داۋامىدا تېاترنىڭ مۇزىكىلىق بۆلۈمىنىڭ بەدىىي رەھبىرىمۇ بولدى. قوشۇمچە قىلماقچىمەنكى، دادام تۈپەيلى موسكۋا دەسلەپكى قېتىم ئۇيغۇر سەنئىتى بىلەن تونۇشتى.
– بۇ 1936-ژىلى ئۆتكەن قازاق سەنئىتىنىڭ دېكادىسى ۋاقتىدىمۇ؟
– ياق، سەل كېيىنىرەك – 1939-ژىلى. شۇ چاغدا موسكۋاغا 200 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان قازاقستانلىق دېلېگاسىيا سەپەرگە ئاتلانغان. مانا شۇلارنىڭ 40قا يېقىنى ئۇيغۇرلار بولغان. بۇ يەردە بولشوي تېاتردا ئى.ستالىن رەھبەرلىگىدىكى سەياسىي بيۇرونىڭ تولۇق تەركىۋىگە كونسېرت كۆرسىتىلدى. شۇ ژىللىرى ئانسامبلدا ئۇيغۇر يېزىسىدىن كەلگەن ماھىر ئۇسسۇلچى بولىدىغان. ئۇ دادام ئىجرا قىلغان داپ ئۇسسۇلىنى نامايىش قىلغان. تالانتلىق ئۇسسۇلچىنىڭ ئۇسسۇلى ھەممىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ھۆكۈمەت رەھبەرلىگىنىڭ كۆڭلىدىن چىقىپ، گۈلدۈرلىگەن ئالقىشلار بىلەن قارشى ئېلىندى. لېكىن ئۇ چاغلاردا نومېرنى تەلەپلەرگە بېناەن «قايتىلاش» دېگەن چۈشەنچە يوق ئېدى. ئەندى ئۇسسۇلچىنى داۋاملىق چاۋاكلار بىلەن سەھنىدىن قويۇپ بەرمەيدۇ. مانا شۇ چاغدا كونسېرتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار رۇخسەت سوراپ ستالىنغا مۇراجىەت قىلىدۇ. رەھبەر كۈلۈمسىرىگەن پېتى، قولىنى شىلتىپ، نومېرنى قايتىلاشقا كېلىشىدۇ! ئەتىسى موسكۋا شەھىرىنىڭ بارلىق گېزىتلىرىدا ئۇنىڭ سۈرىتى بىلەن ماقالىلار ئېلان قىلىندى.
– شۇ دەۋىرلەردە تېاترنىڭ بېناسى قەيەردە بولغان؟
– ئالمۇتىدا، ئىلگەركى مېچىتنىڭ بېناسىدا بولدى. ھازىر ئۇ نازارباېۋ ۋە ئىپەك يولى كوچىلىرىنىڭ دوخمۇشى. لېكىن ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تېاتر چېلەك يېزىسىغا كۆچىرىلىپ، بېنا گوسپىتال ئۈچۈن بېرىلدى. تېاتر 1960-ژىلغىچە چېلەكتە بولدى، ئاندىن قايتىدىن ئالمۇتىغا كۆچىرىلدى.
– سىز ئۆزىڭىزدە ئاكتېرلۇق خىسلەتنى قايسى ۋاقىتلاردا سەزدىڭىز؟
– مۇنداق ئېيتقاندا، مەن تېاتردا تۇغۇلدۇم دەسەممۇ بولىدۇ. دايىم سەھنە پەردىسىنىڭ ئارقىسىدا، رېپېتىسىيالەردە، گرىمېركىلاردا ژۈردۈم. ئۈچ ياشقا تولغاندا دەسلەپكى قېتىم سەھنىگە چىقتىم. مەن ئۇ چاغلاردا يەرنى قاتتىق دەسسەپمۇ مېڭىپ كەتمىگەن. ئەندى سەھنىگە چىقىشىمنىڭ سەۋەۋى، دادام داپتا ئەجايىپ ئوينايدىغان، دەسلەپكى قېتىم داپ ئۇسسۇلى بىلەن سەھنىگە چىقتىم. بۇ — مېنىڭ دېبيۇتىم. مەن يەتتە ياشقا تولغاندا، 1942-ژىلى ئالمۇتىدا ئۆتكەن پۈتكۈلىتتىپاقلىق بالىلار ئىجادىيىتىنىڭ بەدىىي ئولىمپىادىسىدا بىرىنچى ئورۇننى ئېگىلىدىم. بۇ يەردە مەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدىم. ئۆزىڭىز تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ، كېڭەش ئىتتىپاقىدا بىرىنچى ئورۇن! مەن مۇكاپات سۈپىتىدە ئالتۇن ساات ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، شۇنداقلا پەخرىي يارلىق ئالدىم ۋە كىنوژۇرنالغا چۈشتۈم. كېيىنىرەك ئاچارچىلىق ژىللىرى بىز ئالتۇن سااتنى بىر پۇت ئاشلىققا تېگىشىۋەتتۇق. ئولىمپىادىدا غالىپ چىققانلار ئارىسىدا ئۇكراىنىلىق سكرىپاچ قىز ئولگا پارخومېنكو، تاجىكستانلىق مەملىكەت ناخاڭوۋا ۋە موسكۋالىق ئالېكساندرا پاخمۇتوۋا بولدى. كېيىنكىسى پىانىنودا ئوينىدى ۋە تېخى يېڭىدىن مۇزىكا ئىجات قىلىشقا باشلىغان ئېكەن. 1956-ژىلى بىزنى 1942-ژىلى كىنوژۇرنالغا چۈشەرگەن رېژىسسېر ئارشا ئوگانېسوۋا موسكۋاغا ژىغىپ، “ئادەتتىن تاشقىرى ئۇچرىشىشلار” فىلمىنى چۈشەردى. شۇ ژىللىرى ئا.پاخمۇتوۋا نىكولاي دوبرونراۋوۋ بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار تۇرمۇش قۇرماقچى ئېكەن. كېيىنىرەك مەملىكەت تاجىكستان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوسېنتى، مەن – ئارتىست، ئولگا پارخومېنكو تونۇلغان سكرىپاچكا ئاتالدى. ھېلى يادىمدا، كىنونىڭ چۈشىرىلىشىگە باغلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىزنىڭ چېلەكتىكى ئۆيۈمىزنىڭ چېدىرى قايتا يېپىلىپ، ئاقارتىلدى. باشلىقلارنىڭ بۇيرۇغى بويىچە كوچىلار تازىلىنىپ، رەتكە كەلتۈرۈلدى. مېنى ناخشا، ئۇسسۇللىرىم بىلەن كىنوغا چۈشەردى. ئارىسىدا دادام، ئانام ۋە قېرىنداشلىرىممۇ تەسۋىرلەندى. ھازىر ئارىلاپ مەزكۈر فىلمنى كۆرگىنىمدە شۇ ۋاقىتلارنى سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن.
– ئولىمپىادىدىكى مۇۋاپپەقىيەت ھاياتىڭىزدا قانداقتۇ-بىر داۋامىنى تاپتىمۇ؟
– ئەلۋەتتە. موشۇنىڭدىن كېيىن مېنى مۇزىكىلىق-خورېوگرافىيالىك ئۇچىلىщئېغا ياكى شۇ چاغدىكى مۇزخوركومبىناتقا قوبۇل قىلدى. ئۇ ژىللىرى مەن ئىنتېرناتتا ئوقۇۋاتاتتىم. مەزكۈر بىلىم دەرگاھىدا ماڭا ئالېكساندر سېلېزنېۋ ۋە شارا ژىېنقۇلوۋا ئوخشاش ئەجايىپ پېداگوگلار بىلىم بەردى. 1955-ژىلى مەن ئۇچىلىщئېنى مۇۋاپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئۇيغۇر تېاترىدا مەخسۇس بىلىمگە ئېگە دەسلەپكى خادىم بولدۇم. مەن تېاترغا بالېت سولىستكىسى سۈپىتىدە ئىشقا ئەۋەتىلدىم. رېپېرتۇارىمدا ئۇيغۇر، ئۆزبەك، تاتار، ئۇكراىن، ھىند ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر ئۇسسۇللىرى بولدى. شۇندىمۇ ماڭا دراما ئاكترىسىسىنىڭ پاالىيىتى ناھايىتى ياقاتتى. دەسلەپكى رولنى ئانارخاننىڭ سىڭلىسى لەيلىخاندىن باشلىدىم، كېيىنىرەك ئانارخاننىڭ ئۆزىنى ئوينىدىم. ئۇ چاغلاردا ماكىياژ دېگەن نەرسە بولمىسىمۇ ۋە گرىمنىمۇ ئانچىلا پايدىلىنىپ كەتمىسەڭمۇ، سپېكتاكلىمىز دايىم تاماشىبىن كۆڭلىدىن چىقىپ، ئالاھىدە مۇۋاپپەقىيەت قازىناتتى. سەھنىدە ماڭا كېلىشكەن، ناخشىنى ناھايىتى ياخشى ئېيتىدىغان ئەكرەم مەڭسۈروۋ دايىم شېرىك بولدى. ئۇنىڭ بىلەن ۋە كېيىنىرەك ئابدرىم ئەخمەدىېۋ ۋە سۇلتان ئىسرايىلوۋ بىلەن مەن “غېرىپ – سەنەم”، “نۇرخان” ۋە باشقىمۇ سپېكتاكللاردا ئوينىدىم. ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرخىل جايلىرىدا ياشىغانلىقتىن تېاتر كۆپ ۋاقتىنى گاستروللاردا ئۆتكۈزەتتى. دادام ئايلاپ، ژىللاپ ئۆي كۆرمەتتى. ئۇ گاسترولغا كەتكەندە ئاپام ھامىلدار بولسا، قايتىپ كەلگەندە ئۆيدە نارېسىدە ئۆمۈلەپ ژۈرگەن. ئۇنىڭ شەخسەن ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بىرلا ئىشى — ئاپامنى ئېلىپ قېچىۋالغىنى.
– بۇنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟
– ئاپام ياركەنتنىڭ ھاللىق، تەربىيە كۆرگەن ئاىلىسىدە دۇنىياغا كەلگەن. 1935-ژىلى دادام بۇ يەردە گاسترولدا بولغان ۋە ئاپام بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار بىر-بىرىگە ئاشىق بولۇشقان. كۆپ ئۆتمەي دادام ئاپامنى ئالمۇتىغا ئېلىپ قېچىپ كەتكەن. ئاپام تېاترغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ ژۈرۈپ “ئانارخان” سپېكتاكلىدا ئويناشقا تەييارلانغان. ئەپسۇس، ماڭا ھامىلدار بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئارمىنى ئەمەلگە ئاشماپتۇ. ئېغىرچىلىقنى كۆپ تارتقان بولساقمۇ، ئاىلىمىزدە دايىم ئىناقلىق ۋە مېھرىۋانلىق ھۆكۈم سۈردى. ئۆزەڭلار ئويلاپ كۆرۈڭلار، دادامنىڭ 80 سوملۇق مااشى بىلەن ئانىمىزنىڭ قولىدا سەككىز بالا. دادام گاستروللاردا بولسا، ئاپام سەككىز بالا بىلەن چېلەكتە. يە ئوتۇن، يە يېمەك-ئىچمەك يوق. قولۇمىزدا بىر پارچە يەر، ئۇ يەرگە تەرگەننى سۇغىرىدىغان سۇمۇ يوق. ياڭىيۇنىڭ شاكىلىدىن سۇيۇق ئاش ئېتىپ يېگەن كۈنلەرمۇ بولدى. ئەندى تېاترچۇ؟.. تېاتر كۆپىنچە يولدا بولدى. ئۇنىڭ يوللىرى ھەرخىل.
جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار ياشايدىغان يېزىلىرى، قىرغىزستان، ئۆزبەكستان، قاراقالپاقستاننىڭ كولخوزلىرى ۋە سوۋخوزلىرى، يېڭى قۇرۇلۇش جايلىرى ۋە كارخانىلار، شەھەر مەيدانلىرى. ئەلۋەتتە، ئېغىر، لېكىن بىزنىڭ ھەربىر سپېكتاكلىمىز تاماشىبىنلىرىمىز ئۈچۈن مەيرەم بولدى. بۇ بولۇپمۇ يېزىلاردا ئالاھىدە بايقىلاتتى. بىزنىڭ نوۋەتتىكى سپېكتاكلىمىزنىڭ كەچقۇرۇنلۇغى ساات 8دە باشلىنىدىغانلىغىدىن بارلىغى خەۋەردار. بۇ ھەربىر ئاىلىدە تىرىكچىلىكنىڭ تازا قىزىيدىغان ۋاقتى، ئەلۋەتتە. شۇندىمۇ بەزى ئاتا-ئانىلار چۈشتىن كېيىن ساات ئىككىدىن تارتىپ ئورۇن ئېگىلەش ئۈچۈن كىچىك ئورۇندۇقلار بىلەن بالىلىرىنى ئەۋەتىشكە باشلاتتى. ئۇلار بىزنىڭ سپېكتاكللىرىمىزنى بىرنەچچە مەرتە كۆرگەن. كىمنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي قەھرىمان ئېكەنلىگىنى، بىرىنچى بۆلۈمنىڭ قانداق ئاياقلىشىدىغانلىغىنى، ھەربىر ئېپىزودنى ئالدىن-ئالا بىلسىمۇ، قايتا-قايتا كۆرۈشكە كېلەتتى. ئەندى بىز، ئاكتېرلارنى، قانداق ياخشى كۆرىدۇ دېسىڭىزچۇ! ئۆز نوۋىتىدە، بىزمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن چىقىش ئۈچۈن ھەر قېتىم سەھنىگە ئاخىرقى قېتىم چىقىۋاتقاندەك ئالدىراتتۇق.
– سىلەرنى ئالمۇتىدىمۇ كۈتتىغۇ!
– كۈتكەندە قانداق! ئۇيغۇرلار ئايىغى ئۈزۈلمەي بىزنىڭ سپېكتاكللىرىمىز بىلەن كونسېرتلىرىمىزغا كېلەتتى. بىر ۋاقىە زادىلا يادىمدىن چىقمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېڭىدىن دۇنىياغا كەلگەن قىزىمنى تاماقلاندۇرىمەن دەپ سپېكتاكلغا ئۆزەم كېچىكىپ قالدىم. “كازاخكونسېرت” بېناسىغا كەلسەم، خىزمەتچىلەر ئۈچۈن بېغىشلانغان ئىشىكلەرنىڭ بارلىغى يېپىق. شۇندا مەركىزىي ئىشىككە باردىم. ئىشىكنىڭ ئالدى ئادەملەرگە لىق تولغان. سپېكتاكلنىڭ باشلىنىشىنى خەۋەرلەيدىغان ئۈچىنچى قوڭغۇراق چېلىندى – نېمە قىلىش كېرەك؟ مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا “مېنى ئۆتكۈزۈۋەتسەڭلار” دېگەن سۆزلەر بىلەن كىردىم. قويۇپ بېرەر ئادەم يوق. شۇ ئارىدا كىمدۇ-بىرى “ھەي خۇدايىم، توۋۋا، ئانارخان بىزنىڭ ئارىمىزدا ژۈرسە، بىز نەگە شۇنچە ئالدىرايمىز؟”، دەپ قاتتىق ۋاقىرىدى. ئەتراپتىكىلەرنىڭ بارلىغى قاقاخلىشىپ كۈلۈشتى. ئىشىكتە تۇرغان كونترولېر ئايال ئىشىكنى ئاچتىدە، مېنىڭ بىلەن بىللە بارلىق تاماشىبىنلارنى بېنا ئىچىگە كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.
– سىز تېاترنىڭ يېتەكچى ئاكترىسىسى بولدىڭىز. قانچىمۇ رول ئوينىغانلىغىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن!
– يۈزدىن ئوشۇق. يەنە كېلىپ، تاماشىبىن كۆڭلىدىن چىققان بىرنەچچە قويۇلۇم ئونلىغان ژىللار داۋامىدا سەھنىدىن چۈشمەي كەلدى. بۇلاردىن تاشقىرى باش روللار، “غېرىپ – سەنەم”، “قارا روزا”، “نۇرخان”، “زىكوۋلار”، “سادىر پالۋان” ۋە باشقىمۇ سپېكتاكللاردىكى چوڭلارنىڭ روللىرى. “خانۇما” سپېكتاكلىدىكى خانۇمىنىڭ رولى مېنىڭ ئاخىرقى ئەمگەكلىرىمنىڭ بىرى بولدى. مەن مەزكۈر رولنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۇنى دايىم ئالاھىدە مەمنۇنىيەت بىلەن ئورۇنلىدىم.
– سىزگە قايسى سەھنە ژانرى كۆپىرەك ياقىدۇ؟
– كومېدىيا، چۈنكى ئۇنىڭدا ناخشىلار، ئۇسسۇللار، لەتىپىلەر ناھايىتى كۆپ. شۇنداقلا لىرىك قەھرىمانلارنىمۇ ياقتۇرىمەن. مەسىلەن، “ئارشىن-مالالاندىكى” گۇلچېھرەنىڭ رولى. شۇنداقلا “مالىنوۋكىدىكى توي” سپېكتاكلىدىكى بەڭۋاش يارىنكىنىڭمۇ رولى ياقىدۇ. بىزدە “قىز-ژىبېك” سپېكتاكلىمۇ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق سەھنىلەشتۈرۈلدى. پئېسا مۇەللىپى غ.مۈسرېپوۋنىڭ ئۆزى سپېكتاكلنى تاماشە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن، كېيىن بىزنى رېستورانغا تەكلىپ قىلىپ، مىننەتدارلىغىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى قازاق ئوپېرا ۋە دراما تېاترىنىڭ ئارتىستلىرىمۇ مەزكۈر سپېكتاكلنى تاماشە قىلغان. مەن بۇ سپېكتاكلدا تۆلېگېننىڭ ئانىسى كەمكىنىڭ ئوبرازىنى ياراتتىم.
– قازاقستاندا ئەكبەروۋلار سۇلالىسى كەڭ تونۇلغان…
– ھە، بۇ دېگىنىڭىز توغرا. بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزغا ياش چېغىدا ئوقۇش مۈمكىن بولمىدى، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ ھەممىمىزگە بىلىم بەردى. مەكتەپ-ئىنتېرناتلارغا ئورۇنلاشتۇردى، ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ يولى بىلەن كەتتى. مانا مېنىڭ قېرىنداشلىرىم سالىما گىتىسنى تاماملاپ، تېاترىمىزدا باش بالېتمېيستېر بولۇپ ئىشلىدى، ئادالەت خورېوگرافىيا ئۇچىلىщئېسىنى تاماملىغاندىن كېيىن تېاترىمىزغا بالېت سولىستكىسى بولۇپ كەلدى، نۇربۈۋى ۋە تېلمان ژۇبانوۋ نامىدىكى مۇزىكا مەكتىۋىدە تەھسىل كۆرۈپ، ھەر ئىككىسى كونسېرتمېيستېر ئاتالدى. رېژىسسېر بولۇشنى ئارمان قىلغان خالبۈۋى تاشكەنت تېاتر سەنئىتى ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۇزۇن ژىللار داۋامىدا شۇ يەردە رېژىسسۇرىدىن دەرىس بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەنۋەر – پروفېسسور، كامېرىلىق ئانسامبل ۋە كۋارتېتىنىڭ كافېدرا باشلىغى، قۇرمانغازى نامىدىكى كونسېرۋاتورىيادە ستۇدېنتلار ئوركېسترىنىڭ رەھبىرى. ئۇ ناھايىتى تالانتلىق مۇزىكانت. ئاىلىمىزنىڭ كەنجىسى – ئالىمجان ئەكبەروۋ “درۇژنىې رېبياتا” گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەربابى. ئۇ مەن، ئەڭ چوڭ ھەدىسى سۈپىتىدە، ئۆز ۋاقتىدا “بىزدىن سازەندىلەر يېتەمدېكىن!” دېگەن سۆزۈم ئۈچۈنلا ژۇرنالىستىكا ساھاسىغا كەتكەن. شۇندىمۇ قان دېگەن قاندە! ئۇنىڭ ئاۋازى ئەجايىپ، ناخشىنى بابىغا يەتكۈزۈپ ئېيتالايدۇ. يېقىندا ئۇ ئۆزىنىڭ كومپاكت-دىسكىسىنى چىقاردى، ئەندى نوۋەتتىكىسىنى تەييارلاۋاتىدۇ. ئۆزەم ئۇيغۇر تېاترىدا 60 ژىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئەمگەك قىلدىم. بىز، قېرىنداشلار، ناھايىتى ئىناق، ھەر كۈنى دېگىدەك ئۇچرىشىمىز ياكى تېلېفون قىلىشىمىز. سۆزسىز، بىر-بىرىمىزنى قوللايمىز ۋە ياردەملىشىپ تۇرىمىز.
– سىز ئۆتكەن ھاياتىڭىزغا قانداق باھا بېرەر ئېدىڭىز؟
– مەن ئۆزەمنى بەخىتلىك ئادەم دەپ ھېساپلايمەن. تەغدىر ماڭا بارلىق نەرسىنى – ئەجايىپ ئاتا-ئانىلارنى، كۆيۈمچان قېرىنداشلارنى، مېنىڭ ئارمانلىرىمنى روياپقا چىقارغان پەرزەنتلەرنى ۋە نەۋىرلەرنى، ئەڭ ئاساسى مىننەتدار ھەم ھىسسىياتچان تاماشىبىنلار بىلەن سەھنىنى بەردى.
– ئاخىرقى سوال – ئاكتېرلۇق ھاياتىڭىزدا سىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەت پەيت ھەققىدە ئېيتىپ بەرسىڭىز؟
– 60-ژىللىرى تېاتردا “كىم كىمگە ئاشىق” دېگەن كومېدىيا بولغان. ئۇنىڭدا مەن قاراۋۇل ئايالنىڭ رولىنى ئاتقۇردۇم. قولۇمغا ياغاچ ئاۋتوماتنى تۇتۇپ، زاۋودنى كۈزىتىمەن ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلارنى قوغلايمەن. ھەقىقەتەنمۇ قىزىق رول، ئۇنىڭدا، ئەلۋەتتە، ناخشا، ئۇسسۇللارمۇ بار. بىزنىڭ سپېكتاكل كۆرسىتىۋاتقان كلۇبنىڭ سىرتىدا چىدىغۇسىز سوغ. دېكابر ئېيى ئېدى، زال ئىسسىتىلمىغان، ئادەملەر پالتو، شۇبا، پىيمىلاردا… مانا مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېپىزودىممۇ يېقىنلاشتى، مەن ئۇنى بار ۋۇجۇدۇم ھەم ئىشتىياقىم بىلەن ئاتقۇردۇم. بىر ۋاقىتتا زالدىن قېرى موماي ئورنىدىن تۇرۇپ، سەھنە تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭغا زالدىكىلەر “سىز نەگە ماڭدىڭىز؟ تېخى ئەتىگەن، ئالدىرىماڭ!” دېيىشتى. موماي توختار ئەمەس. “قەھرىمانغا ناخشىسىنى تۈگىتىشكە بولسىمۇ مۈمكىنچىلىك بېرىڭ!”، دېيىشتى بەزىلەر. موماي سەھنىگە كۆتىرىلگەن پېتى مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، تازىم قىلىپ، ماڭا ئۈششۈپ قالغان ئۈچ گۈلنى سوغا قىلدى. ئاندىن مېنى قۇچاقلاپ، ئەتىمالىم، تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن قاتتىق ۋە تەنتەنىلىك تۈردە “مولودېس!” دېگەن سۆزنى ئېيتتى.
بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟ يە كۈلۈشنىڭ ياكى ژىغلاشنىڭ ئورنى يوق. موماينىڭ ئېغىزىدىن چىققان موشۇ “مولودېس!” سۆزىنى ھېلىغىچە ژۈرىگىمنىڭ تۆرىدە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. بۇ سۆز مېنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ماختاش ھەم مۇكاپاتلاردىن ئەۋزەلىرەك!
سۆھبەتلەشكەن
ناسىراخۇن روزاخۇنوۋ.
(سۈرەتلەر ز.ئەكبەروۋانىڭ ئارخىۋىدىن ئېلىندى).