Воскресенье, 22 декабря, 2024
Абләт Камалов

«لاتىنچىلىق يولى» كامپانىياسىدە ئۇيغۇرلارمۇ پاالىيەتچانلىق كۆرسەتكەن

قازاقستان جۇمھۇرىيى¬تىنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازارباېۋ ئۆزىنىڭ «كېلەچەككە نىشان: مەنىۋىي يېڭىلىنىش» ناملىق پروگراممىلىق ماقالىسىدا 2025-ژىلغىچە قازاق تىلىنى تولۇغى بىلەن لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچىرىش ۋەزىپىسىنى قويدى. ئەندى قازاق تىلىنىڭ لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ساھالاردا ھازىر كىرىللىسىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان، قازاقلارغا تىلى ۋە مەدەنىيىتى جەھەتتىن يېقىن مىللەتلەرنىڭمۇ لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش مەسىلىسى كۆتىرىلدى. ئۇلارنىڭ قاتارىدا قازاقستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بار.
مەلۇمكى، قازاقستان ئۇيغۇرلىرى كېڭەش دەۋرىدە ئالفاۋىت ئىسلاھاتلاشنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتتى، يەنى ئەرەپ ئالفاۋىتىدىن لاتىن ئالفاۋىتىغا ۋە لاتىندىن كىرىللىسىغا ئۆتتى. خخ ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش تەجرىبىسىنى ئۈگىنىش قازاقستان جەمىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.
كېڭەش ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش تارىخى توغرىلىق ئېيتىشتىن ئىلگىرى، خەلقىمىزنىڭ ناھايىتى باي يازمىچىلىق مەدەنىيىتى بار خەلىقلەر قاتارىغا كىرىدىغانلىغىنى ئالاھىدە قەيت قىلىش لازىم. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ھەرخىل يېزىقلارنى قوللىنىپلا قالماي، تارىختا «ئۇيغۇر يېزىغى» دەپ ئاتالغان ئالفاۋىتنى كەشىپ قىلغان. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار پارس ۋارىانتىدىكى ئەرەپ ئالفاۋىتىنى پايدىلىنىشقا باشلايدۇ. كېڭەش ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن يېڭى ئىسلاھاتلار، جۈملىدىن يېزىق مەدەنىيىتى ساھاسىدىمۇ ئىسلاھاتلار باشلىنىدۇ. كېڭەش دەۋرىنىڭ دەسلەپكى ژىللىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئەرەپ ئالفاۋىتىغا ئۇيغۇر فونېتىكىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئەكىس ئېتىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزۈش مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللاندى. ئامما، موشۇ جەرىياندا، يەنى 1929-ژىلى كېڭەش ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئازىيا ۋە قازاقستان خەلقىنىڭ تىلىنى لاتىن ئالفاۋىتىغا ئۆتكۈزۈش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭغا نېمە سەۋەپ بولدى؟ بەزىلەر بۇنى 1928-ژىلى تۈرك تىلىنى لاتىن ئالفاۋىتىغا يۆتكىگەن ئاتاتۈرككە ئەگىشىش بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. بىراق بۇ خاتا چۈشەنچە. چۈنكى كېڭەشلەر ئېلىدە لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش 1921-ژىلى باشلانغان. 1925-ژىلى ئەزەربەيجان لاتىن ئالفاۋىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. كېڭەش ئىتتىپاقىدا بۇ قارار دۇنىياۋىي ئىنقىلاپ غايىسى ئاساسىدىمۇ باشلانغان. ئىنقىلاپچىلارنىڭ پىكرىچە، ئەرەپ يېزىغى مۇسۇلمان جەمىيىتىدىكى كونىلىقنىڭ، ساۋاتسىزلىقنىڭ رەمزى بولغان. ئەندى يېڭى مەدەنىي ئىنقىلاپ يېڭى رەمزلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دۇنىيانىڭ تەرەققىي ئەتكەن دۆلەتلىرىدە قوللىنىلىۋاتقان لاتىن ئالفاۋىتى موشۇ رەمزگە ئايلىنىدۇ.
كېڭەشلەر ئىتتىپاقىدا بۇ ئاممىۋىي كامپانىيانىڭ باشلىنىشىغا 1926-ژىلى باكۇدا ئۆتكەن بىرىنچى تۈركشۇناسلار قۇرۇلتىيى تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭغا ھەرخىل تۈركىي مىللەتلەر ۋەكىللىرى، موسكۋادىن، لېنىڭرادتىن ئالىملار ئىشتراك قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش بويىچە ئەزەربەيجان تەجرىبىسىنى باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ۋە ئاۋتونوم ۋىلايەتلەردە پايدىلىنىش قارارى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى تۈرك ئالفاۋىتىنىڭ پۈتكۈلىتتىپاقلىق كومىتېتى قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ رەھبىرى بولۇپ ئەزەربەيجانلىق ئەرباپ ئاگامالىوگلى سايلىنىدۇ.
موشۇ كامپانىيا داىرىسىدە ئوتتۇرا ئازىيا ۋە قازاقستاندا ياشاۋاتقان ئازسانلىق مىللەتلەر، شۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار، تاتارلار ۋە تۇڭگانلارنىڭ لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش جەرىيانىمۇ باشلاندى. 1920-ژىللاردىكى ئۇيغۇر پۇبلىسىستىكىسىدا بۇ كامپانىيا «لاتىنچىلىق يولى» دەپ ئاتالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن لاتىن ئالفاۋىتىنى ئىشلەپ چىقىش يەتتىسۇ تارانچىلىرى ۋە قەشقەرلىكلەر ئارىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقلارنى كۈچەيتتى. يېڭى ئالفاۋىتنى ئىشلەپ چىقىش تەشەببۇسىنى ئۆزبەكستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرى قولغا ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1928-ژىلى 29-ئاپرېلدا سەمەرقەنتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئورفوگرافىياسى بويىچە بىرىنچى كونفېرېنسىيا ئۆتىدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزبەكستاندىن، قازاقستاندىن، قىرغىزستاندىن ۋە تۈركمەنستاندىن 20 ئادەم تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئايرىم سەۋەپلەرگە بولا، 14 ئادەم قاتنىشىدۇ. ھۈسەن كەرىمىي رەھبەرلىگىدە ئۆتكەن كونفېرېنسىيا قاتناشقۇچىلىرى قىرغىزستانلىق ب.ناسىرىينىڭ (28 ھەرىپ)، قازاقستاندىن كەلگەن ل.ئەنسەرىينىڭ (33 ھەرىپ) ئالفاۋىتلىرىنى رەت قىلىپ، ئۆزبەكستانلىقلار تەكلىپ قىلغان، 31 ھەرىپتىن ئىبارەت ئالفاۋىتنى قوبۇل قىلىدۇ.
سەمەرقەنتتە ئۆتكەن كونفېرېنسىيانىڭ مۇھىم قارارى — ئوتتۇرا ئازىيا ۋە قازاقستاندا ھەم شەرقىي تۈركستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى بىر ئېكەنلىگى ئېتىراپ قىلىندى. ئامما تىلدا يەرلىك دىالېكت ۋە شېۋىلەر بار ئېكەنلىگى ھەققىدىمۇ ئېيتىلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ نورمىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش تىلشۇناس ئالىملارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئېكەنلىگى قەيت قىلىنىپ، شېۋىلەردە ھەرخىل تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سۆزلەرنى بىردەك يېزىش قارارى قوبۇل قىلىندى. مەسىلەن، «ئۆتەك»، «ئوتان»، «بولاب»، «خوتان» سۆزلىرىنى «ئۆتۈك»، «ئوتۇن»، «بولۇب»، «خوتۇن» دەپ يېزىش كېلىشىلدى. كونفېرېنسىيا قارارلىرىنى ئۆزبەكستان داىرىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىلمىي سېكسىياسى قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ رەىسلىگىگە ھ.كەرىمى، ئورۇنباسارلىغىغا ئا.مۇھەممەدى سايلىنىدۇ.
قوبۇل قىلىنغان لاتىن ئالفاۋىتى 1928-ژىلى 9 — 13-دېكابر كۈنلىرى قازاق ئاسسرنىڭ پايتەختى قىزىلوردا شەھىرىدە ئۆتكەن قازاقستاندا يېڭى ئالفاۋىتنى كىرگۈزۈش بويىچە بىرىنچى كونفېرېنسىيادە تەستىقلىنىدۇ. بۇ باش قوشۇشتا قازاق تىلىنى لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچىرىش ۋە ئورفوگرافىيا مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى ھەم يېڭى ئالفاۋىتنى كىرگۈزۈش مۇددىتى ئېنىق كۆرسىتىلدى. مەزكۈر كونفېرېنسىيانىڭ كۈن تەرتىۋىدە تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى – قازاقستاندىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈشى بولدى.
لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش پلانى بويىچە، يېزىقنى قوللىنىش 1929-ژىلى 1-يانۋاردىن باشلىنىدۇ. بىراق مەلۇم ۋاقىت ئىككى ئالفاۋىتنى قوللىنىش قاتار داۋاملىشىدۇ. قازاقستاندا لاتىن ئالفاۋىتىغا تولۇغى بىلەن كۆچۈش 1931 — 1932-ئوقۇش ژىلىغا مەخسەت قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئورفوگرافىياسىنىڭ نورمىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە ۋە لاتىن ئالفاۋىتىنى كىرگۈزۈشتە ئابدۇلھەي مۇھەممەدى چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنى يېڭى ئالفاۋىت بويىچە ئۆتۈۋاتقان كونفېرېنسىيا پاالىيىتى بىلەن تونۇشتۇرىدۇ ھەم لاتىن ئالفاۋىتىنى كىرگۈزۈش بويىچە ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئا.مۇھەممەدى جاي-جايلاردا يېڭى ئالفاۋىتتىن ئۈگىنىش بويىچە ئۆمەكلەرنى ئېچىشنى، يېزىلار ئارىسىدا لاتىن ئالفاۋىتى بويىچە مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى، ئۇستازلارنىڭ ئىشىنى جانلاندۇرۇش تەكلىۋىنى بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان گېزىت-ژۇرناللارمۇ لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش ئىشىغا چوڭ تۆھپە قوشىدۇ. ئالفاۋىتقا «f» ھەرىپى قوشۇلىدۇ. لاتىن ئالفاۋىتىنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن 1929-ژىلى «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتى مەخسۇس «ئۇيغۇر يېڭى ئېلىپبەسى» رۇبرىكىسىنى ئېچىپ، تۇراقلىق رەۋىشتە لاتىن ئالفاۋىتى، لاتىن شرىفتىدا ئەخباراتلار بېرىلىپ تۇردى. گېزىتنىڭ 1929-ژىلى 10-ئاپرېلدىكى سانىدا لاتىن ئالفاۋىتىدا ئىككى مەتىن بېرىلگەن ئېكەن. بىرىنچى مەتىن ئەخباراتلىق خاراكتېرغا ئېگە بولۇپ، تۆۋەندىكىچە يېزىلغان: «يەركەتنىڭ شۇڭقار يېزىسىدا بۇ ژىلى ئوقۇش زالىدا بىرىنچى بالداق مەكتەپىدە لاتىنچە ئۈگۈڭىلى باشلىغان ئىدى. ھازىر بالىلار ئوقۇپ يازىدىغان بولۇپ قالدى».
ئىككىنچى مەتىندە لاتىن ئالفاۋىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىلىق مەسىلىلەر سوال-جاۋاپ تېرىقىسىدە بېرىلگەن. تىپوگرافىيالەردە لاتىن شرىفتلىرى ئاز بولغاچقا، گېزىتتا لاتىن يېزىغىدا مەتىنلەرنى كۆپىرەك بېرىش ئىمكانىيىتى يوق ئېدى. گېزىت لاتىن ئالفاۋىتىنى تەشۋىقات قىلىش مەخسىتىدە ئۇيغۇر شاىرلىرىنىڭ شېىرلىرىنى لاتىن يېزىغىدا بېرىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن، ئۆمەر مۇھەمەدىينىڭ «گۈللەر تېرىدۇق» شېىرى لاتىن يېزىغىدا بېسىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئالىم غ.سەدۋاقاسوۋمۇ ئۆز ئەمگەكلىرىدە تەكىتلىگەن. بۇ مەسىلىگە تاشكەنتتە چىقىۋاتقان ئۇيغۇر نەشىرلىرىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەسىلەن، ساگۇدىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرىنىڭ «ئىنقىلاپچى شەرىق» ژۇرنالى 1929-ژىلدىكى سانلىرىدا ئوقۇرمەنلەرنى لاتىن ئالفاۋىتى بىلەن تونۇشتۇرۇپلا قويماي، شۇنداقلا ئايرىم ماقالىلارنى بېرىشكە باشلايدۇ.
تەكىتلەش لازىمكى، يېڭى ئالفاۋىتقا كۆچۈشتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇمۇمىي ئىملا كاىدىلىرىگە مۇھتاجلىق بايقالدى. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ستاندارتلىرىنى شەكىللەندۈرۈش مەسىلىلىرى 1930-ژىلى 13 — 18-ماي كۈنلىرى ئالمۇتىدا ئۆتكەن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئورفوگرافىياسى بويىچە ئىككىنچى كونفېرېنسىيادە مۇھاكىمە قىلىندى. ئۇنىڭغا ئاتاقلىق تۈركشۇناس ئالىملار ئا.سامويلوۋىچ ۋە س.مالوۋ تەكلىپ قىلىنىدۇ. س.مالوۋنىڭ پىكىرلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇر تىلىدىكى شېۋىلەر ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر تارانچى ۋە قەشقەر شېۋىلىرى توغرىلىق مەسىلە داىرىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئالىم «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ئورفوگرافىياسىنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدۇ ھەم تاشكەنتتە نەشىر قىلىنىۋاتقان «قۇتۇلۇش» گېزىتىغا يەتتىسۇ ستاندارتلىرىغا مۇۋاپىق ئىشلەش تەكلىۋىنى بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىلى-يەتتىسۇ شېۋىسى – ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىدۇ.
مەلۇمكى، كېڭەش ئېلىنىڭ ئۇيغۇرلىرى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە قارىغاندا لاتىن ئالفاۋىتىنى ئۇزاغىراق قوللاندى. باشقا مىللەتلەر 1940-ژىلى كىرىللىسىغا كۆچۈپ بولغان ئېدى. قازاق سسر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ رۇس ئالفاۋىتىغا كۆچۈش مەسىلىسى بىلەن 1946-ژىلى شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. كىرىللىسىغا ئۆتۈش لايىھىسىنى س.مالوۋنىڭ شاگىرتى، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ نامزىتى ئايشەم شەمىېۋا تەييارلايدۇ. كىرىللىسا ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئالفاۋىتىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئى.مېщئانىنوۋ، س.مالوۋ، ك.يۇداخىن، ئا.بوروۋكوۋ، ن.باسكاكوۋ، س.كېڭېسباېۋ ئوخشاش ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىملار قاتنىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قازاق سسر ئالىي كېڭىشىنىڭ 1947-ژىلى 4-فېۋرالدا قوبۇل قىلغان قارارىغا بېناەن ئۇيغۇر تىلى رۇس گرافىكىسى ئاساسىدىكى ئالفاۋىتقا كۆچىرىلىدۇ.
كېڭەش ئۇيغۇرلىرى لاتىن ئالفاۋىتىنى 1930 — 1947-ژىللار ئارىلىغىدا پايدىلانغان. بۇ ژىللىرى بارلىق قەرەللىك نەشىرلەر، كىتاپلار ۋە دەرىسلىكلەر لاتىن ئالفاۋىتىدا يورۇق كۆرگەن. لاتىن ئالفاۋىتىغا ئۆتكەندىن كېيىن «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتى نامىنى 1930-ژىلى «كولخوزچىلار ئاۋازىغا» ئۆزگەرتىدۇ. ئۇمۇمەن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-ژىللىرى ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى يوقىتىشتا چوڭ ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. 1937-ژىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 70 — 75 پايىزى ساۋاتلىق بولغان. مەسىلەن، 1937-ژىلى 65 ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئەمەس مەكتەپلەردە 7447 ئوقۇغۇچى بىلىم ئالغان. ئالمۇتىدىكى ئىككى ئۇيغۇر مەكتىۋىدە 1303 بالا ئوقۇغان. ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن مۇەللىملەرنى ياركەنت پېداگوگىكا ئۇچىلىщئېسى تەييارلاتتى. ئېيتماقچى، شۇ دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلار مەدەنىي ساھادىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، شۇ ژىللىرى ئۇيغۇر تېاترى تەشكىل قىلىنىدۇ، ئۇيغۇر ناھىيەسى قۇرۇلىدۇ.
كېڭەش ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار لاتىن ئالفاۋىتىغا ئۆتسىمۇ، ئەرەپ يېزىغىنىمۇ ئۇزاق ۋاقىت پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەرەپ يېزىغى ئاساسەن خوشنا شىنجاڭغا ئەۋەتىلىدىغان مەخسۇس نەشىرلەردە قوللىنىلدى. مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-ژىللىرى كېڭەش ئىتتىپاقى شېڭ شىسەينىڭ ھۆكۈمەت بېشىغا كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ ھەم شىنجاڭنىڭ ئۈستىدىن تولۇق نازارەت ئورنىتىدۇ. 1930 — 1940-ژىللار ئارىلىغىدا ئالمۇتىدا ۋە تاشكەنتتە شىنجاڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا نۇرغۇن دەرىسلىكلەر، سەياسىي ۋە ئەدەبىي نەشىرلەر چىقىرىلدى. شۇڭلاشقا «كېڭەش ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ۋاقىەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كېڭەشلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىللىسىغا ئۆتۈشىنى توختىتىپ تۇرغان بولۇشى مۈمكىن» دېگەن تەخمىنمۇ بار. ئۇيغۇر تىلىنى كىرىللىسىغا ئۆتكۈزۈش قارارى 1946-ژىلى قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇ ژىلى كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك قىسىمى تۈپەيلى شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتى گومىندانغا قارشى ھەرىكىتىنى توختىتىدۇ.
خخ ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ «لاتىنچىلىق يولى» تارىخىدا شىنجاڭدىكى يېزىق ئىسلاھىتىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر سەھىپە بار. كېڭەش ئىتتىپاقىدىكىگە ئوخشاش بۇ تەۋەدىمۇ خخج قۇرۇلغاندىن كېيىن (1949-ژ.) ئەرەپ يېزىغى ئىسلاھات قىلىندى. 50-ژىللىرى، يەنى كېڭەش-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولغان ژىللىرى، ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىنى كىرىللىسىغا كۆچىرىش لايىھىسى تەييارلىنىدۇ. ئامما 1973 — 1976-ژىللار ئارىلىغىدا خىتاي ھۆكۈمىتى كىرىللىسىغا كۆچۈشنى توختىتىدۇ ۋە لاتىن ئالفاۋىتىنى كىرگۈزۈشكە باشلايدۇ. چۈنكى لاتىن ئالفاۋىتى خىتاي ترانسكرىپسىيا سىستېمىسىغا يېقىن ئېدى. ئۇمۇمەن، خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچىرىش خىتاي يېزىغىنى لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچىرىش لايىھىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. ئەندى 1982-ژىلى لاتىن ئالفاۋىتى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىغىنى پايدىلىنىش تولۇغى بىلەن توختىتىلىپ، قايتىدىن ئەرەپ يېزىغى قوللىنىلىدۇ.
خۇلاسىلەپ ئېيتساق، ئۇيغۇر تىلىنىڭ لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك فاكتلار مانا موشۇنداق. كېڭەش ئىتتىپاقىدىكى لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق گەپ قوزغىساق، بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ جەمىيەت تارىخى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچى بىر پەيتتە يۈز بەرگەنلىگىنى تەكىتلەش ئورۇنلۇق. كېڭەش ئېلى ئۈچۈن لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش مەدەنىي ئىنقىلاپنىڭ رەمزىلا بولۇپ قالماي، شۇنداقلا ماارىپ-ئاقارتىش ساھادىكى سەياسەتتە نەتىجىدار ۋاسىتە بولغان. نەتىجىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-ژىللىرى كېڭەش ئىتتىپاقىدا ئىندۇسترىيالەشتۈرۈش ۋە كوللېكتىۋلاشتۇرۇش ئىشلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ساۋاتسىزلىق يوقىتىلدى، مەدەنىي مەھكىمىلەرنىڭ ئىنفراقۇرۇلۇمى شەكىللەندى.
بۈگۈنكى تاڭدا قازاقستان ئۆزىنىڭ يېڭى، سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-ژىللىرىدىكى لاتىن ئالفاۋىتىغا كۆچۈش سەياسىتىگە قايتىپ كەلمەكتە. بۇ ئەخبارات تېخنولوگىيالىرى ۋە ئالەمشۇمۇللاشتۇرۇش دەۋرىنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاپ بېرىدۇ ھەم قازاقستاننىڭ يۈكسىلىشىگە ۋە تەرەققىي ئەتكەن دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشىگە ياردەم قىلىدۇ.

ئابلەھەت كامالوۋ، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى.