ژۈرىگى ئىككىگە تىلىنغان ئەدىپ. كۆرنەكلىك شاىر دولقۇن ياسېنوۋنىڭ تۇغۇلغىنىغا – 80 ژىل

ھەقىقەت شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، قازاقستاندىكى زامانىۋىي ئۇيغۇر شېىرىيىتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىنىڭ بىرى – شاىر دولقۇن ياسېنوۋنىڭ ئىجادىي پاالىيىتىدىن مەكتەپ پارتىسىدا ئولتارغىنىمدا ئانچىمۇ خەۋىرىم بولمىغان. بۇنىڭغا نېمە سەۋەپ؟ ئۇنى كېيىنىرەك، شاىرنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن بىلدىم. دولقۇن ياسېنوۋ 1938-ژىلى شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونىنىڭ سۈيدۈڭ شەھىرىدە، ئەمەلدار ئاىلىسىدە دۇنىياغا كەلگەن ئېكەن. 1961-ژىلى ئۆزبەكستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئازىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيا فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. شۇ ژىلى ئۇ شەرقىي تۈركستانغا قايتىپ بېرىپ، شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونى يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ «تارىم» ژۇرنالىدا بۆلۈم باشلىغى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. 1963 – 1968-ژىللىرى «رېۋىزىونىست» (ئىشچىلار ھەرىكىتىدە ماركسىزمغا دۈشمەن ئېقىم) قالپىغى كىيدۈرۈلۈپ، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ كارامۇچكا يېزىسىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 1968-ژىلى تۇغۇلغان دىيارىنى تەرك ئېتىپ، يوشۇرۇن تۈردە قازاقستانغا قېچىپ چىقىدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلەرارا «كوممۇنىزم تۇغى» (ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى») گېزىتىنىڭ رېداكسىياسىدە چوڭ ئەدەبىي خادىم، ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىغى خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرىدۇ. دەسلەپكى توپلىمى – «گۈلنارنىڭ دوستى» كىتاۋىنى 1971-ژىلى قازاقستانلىق كىتاپخانلارغا تەغدىم قىلىدۇ.
تەرجىمىھالىدىن كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، دولقۇن ياسېنوۋ، قازاقستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئاتمىشىنچى ژىللىرىنىڭ ئاخىرىلىرىدا قوشۇلۇپ، تونۇلۇشقا باشلىغان. شۇڭلاشقىمۇ يەتمىشىنچى ژىلنىڭ باشلىرىدا مەكتەپ تاماملىغان مېنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى نامەلۇم پېتى قالغان ئېكەن دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. ئامما ئالمۇتىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بۇ بوشلۇقنى تولتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېگە بولدۇم. ئالمۇتا شەھىرىدىكى قازاقستان كومپارتىياسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باسمىخانىسىدا، كېيىنىرەك جۇمھۇرىيەتلەرارا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشىم جەرىيانىدا دولقۇن ئاكا بىلەن قويۇق ئارىلاشتىم. ئاق كۆڭۈل، ئوچۇق چىراي دولقۇن ئاكا قانداقلا سوال بىلەن ئالدىغا كىرمە، بىسىڭنى قايتۇرماي، ئۇزاقتىن-ئۇزاق سۆزلىشىشكە ۋاقىت تاپاتتى. ھېچبىر سوالىڭ جاۋاپسىز قالماتتى.
مەن دولقۇن ئاكىنىڭ ئانا-ۋەتەن توپرىغىدا نۇرغۇنلىغان تەغدىر تەنىلىرىگە ئۇچرىغانلىغىنى ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىن ئەمەس، دوستلىرىنىڭ لەۋزىدىن ئاڭلىغان. بىلىم ئېلىش نىيىتىدە كېڭەش ئىتتىپاقىغا كېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تىرىگىدە ئونلىغان ژىللار ئۇلارنى كۆرۈشكە زار بولۇپ، سېغىنىش ئىلكىدە ژۈرگەنلىرىدىن خەۋەر تاپقانمەن. يەنە بىر ئاڭلىغىنىم، دولقۇن ئاكىنىڭ قاراتۇرۇقتا ئەيسا نەزەروۋ دېگەن ئاغىنىسى بولغان ئېكەن. مەن ئۇ كىشىنى توناتتىم. ئۇ قاراتۇرۇق يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇەللىملىك قىلىپ، تارىخ پەنىدىن دەرىس بېرىدىغان. كېيىن بىلسەم، ئەيسا ئاكىمىز دولقۇن ئاكا بىلەن كىچىگىدىنلا ئاجرالماس ئاغىنىلەر ئېكەن. ئەيسا ئاكاملارنىڭ ئۆيىدىن مېھمان ئايىغى زادىلا ئۈزۈلمەيدىغان. پات-پاتلا دۇتار بىلەن تەمبۈرنىڭ ئاۋازى ياڭراتتى. مۈمكىن، شۇ نەغمە-ناۋالار ياڭرىغان ۋاقىتلاردا دولقۇن ئاكام مېھمانغا كەلگەن بولغىدى!؟
1983-ژىلى شاىرنىڭ «يەر ئاۋازى» ناملىق توپلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇر شاىرلىرى ئارىسىدىن بىرىنچى بولۇپ قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئىلىياس ژانسۈگۈروۋ نامىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىگىنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن. كۆپچىلىك «باشقا ئەسەرلىرىمۇ بارغۇ؟ نېمىشكە «يەر ئاۋازى؟» دەپ سورىشى مۈمكىن. سەۋەپ شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، مۇكاپاتنى «ژۇيۇش ئۈچۈن» دولقۇن ئاكام يېشىنىڭ چوڭلىغىغا، ئابرويىنىڭ ژۇقۇرىلىغىغا قارىماي، دەسلەپ ماڭا ئىلتىماس بىلەن مۇراجىەت قىلغان. «ئاۋۇت، ئۇكام، سېنىڭدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئەۋۇ كۆك بازارنىڭ تۆۋىنىدىكى «كوپتورگ» دۇكىنىنى بىلىسەنغۇ؟ كىرىپلا، «دولقۇن ئاكام ئەۋەتتى» دېسەڭ، كېرەك نەرسىلەرنى ساڭا يۆگەپ بېرىدۇ. شۇلارنى ئېلىپ چىقساڭ» دەپ ئىلتىماس قىلغان ئېدى «يەر ئاۋازىنى» “ژۇيغان” ۋاقىتتا. شۇ-شۇ بولدى، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز يېقىنلاشتى. ھەتتا ئىلپەتچىلىكتىكى «ئاكا، ئۇكا» دەرىجىسىگە كۆتىرىلگەندى.
ئالمۇتا شەھىرىدىكى نامى مەشھۇر كۆك بازارنىڭ قارشىسىغا – ژۇقۇرىسىغا ئورۇنلاشقان مەتبۇات ئۆيىنىڭ سەككىزىنچى قەۋىتىدە «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ رېداكسىياسى ئورۇنلاشقانلىغىنى ھازىرقى ياشلىرىمىز بىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇ ھاشامەتلىك ئىدارە ھازىرمۇ قەددىنى تىك، مەغرۇر تۇتۇپ ئۆز ئورنىدا تۇرىدۇ.
ئەينە شۇ ئۇيغۇر گېزىتىنىڭ رېداكسىياسىگە كۈنىگە ژىگىرمە ئادەم يولۇقسا، قىزىق يېرى، ئۇلارنىڭ يېرىمى دولقۇن ئاكىنى ئىزدەپ كېلىدىغان. ئىسمى رىۋايەتكە ئايلانغان غېنى باتۇر، خەلىق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى، ژىگىرمە سەككىز يېشىدا فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئاتالغان مۇرات ھەمراېۋ، داڭلىق كومپوزىتور قۇددۇس غوجامىياروۋ شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
1991-ژىلى مەن قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا ئىشقا يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى يېنىدا نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان «ئارزۇ» ژۇرنالىنىڭ مەسئۇل كاتىۋى خىزمىتىنى ئاتقۇردۇم. كۈندە دېگىدەك گېزىت رېداكسىياسىنىڭ دەلىزىدە كۆرۈشىدىغان دولقۇن ئاكام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم سۇسلىشىپ قالدى. ئەدىپ بىلەن پەقەت يازغۇچىلارنىڭ باش قوشۇشلىرىدا، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلاردا كۆرۈشۈپ قالىمەن. كېيىن بولسا، دولقۇن ئاكام، “يېڭى زامان” گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولدى.
دولقۇن ياسېنوۋ 1997-ژىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيا شتاتىدىكى خەلىقارا پەن-ماارىپ، ساناەت ۋە سەنئەت ئاكادېمىياسىنىڭ ئاكادېمىگى بولۇپ سايلاندى. بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىگىدە تارالدى. ئۇيغۇر ژىگىتى – چەت ئەل ئاكادېمىياسىنىڭ ئاكادېمىگى! ئاڭلىماققا ئەجايىپ، قۇلاققا يېقىملىق خەۋەر. ئەندى ئاكادېمىك دىپلومىنى زامانىمىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، ئىسمى رىۋايەتكە ئايلانغان چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ ئۆزى ئالمۇتا شەھىرىگە كېلىپ تاپشۇرغان ئېدى. شاىرغا بۇنىڭدىن ئارتۇق ھۆرمەت بولمىسا كېرەك! ئۇ شۇنداقلا نوبېل مۇكاپىتى تەسىس قىلىنغانلىغىنىڭ 100 ژىللىغىغا بېغىشلاپ چىقىرىلغان ئالتۇن مېدالغا ئۇيغۇر زىيالىلىرى – شاىرلىرى ئارىسىدىن بىرىنچى بولۇپ سازاۋەر بولدى. دولقۇن ياسېنوۋ، شۇنداقلا ساخاۋەتلىك ئىنسان، دىلمۇرات كۇزىېۋ تەسىس قىلغان مۇستەقىل بىرىنچى دەرىجىلىك «ئىلھام» مۇكاپىتىنىڭ ئەدەبىيات نومىناسىياسى بويىچە ساھىبىدۇر.
بىر ژىللىرى ئالمۇتا ۋاگون رېمونتلاش زاۋودىدا ماستېر بولۇپ ئىشلەپ ژۈرگىنىمدە، بوش ۋاقتىم كۆپ بولغاچقا، قوشۇمچە، مۇەللىملەرگە بېغىشلانغان «مەرىپەت»، بالىلار ئۈچۈن «ياش ئەۋلات»، چاقچاقچىلارغا مولجالانغان «خۇش كەيپىيات»، خانىم-قىزلىرىمىزغا ئاتاپ «ئىنتىزار» ناملىق ژۇرنال، گېزىتلارنى چىقىرىشقا قاتناشتىم. بىر كۈنى «دولقۇن ئاكا ئاغرىپ، يېتىپ قاپتۇ» دېگەننى ئاڭلاپ، خەلىق ئارىسىدا فوتومۇخبىر بولۇپ تونۇلغان پەيزۇللام ئەخمەتوۋ ئىككىمىز ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق. دولقۇن ئاكا يالغۇز ئېكەن. سالامەتلىگىنىڭ ناچارلاشقانلىغىدىن ھېچ بىر ئىزنا يوق. ئۆزى چاي قۇيۇپ، سايىپخانلىق قىلدى. كېيىن، ئىش بۆلمىسىگە باشلىدى. تازىمۇ ئۇزۇن بىر تېمىنىڭ تورۇسىغىچە كىتاپلار تىزىلىپتۇ. پەيزۇللام دىققىتىنى بىردىنلا كىتاپلارغا ئاغدۇرۇپ، ۋاراقلاپ ئوقۇشقا كىرىشتى. مەن ئەرەپ يېزىغىنى بىلمىگەنلىكتىن، دولقۇن ئاكام ۋەتەندىن كەلتۈرۈلگەن كىتاپلارنىڭ ماۋزۇلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق مېنى گايى مۇەللىپلار كىتاپلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. گەپارا بىز تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى مەتبۇات يېڭىلىقلىرىدىن بۈگۈنكى كۈڭە، قازاقستاندىكى ھاياتىمىزغا يۆتكەلدۇق.
– مەتبەەچىلىك قىلغىنىڭ توغرا، ئۇكا. ئامما مېنىڭ بىر بايقىغىنىم، سەن ئىجاتكار. بالىلار ئەدەبىياتىغا ئىشتىياقىڭ كۈچلۈك. دېمەك، مېنىڭ ئويۇمچە، سەن ئىجادىيەتكە قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈشۈڭ، توختىماي يېزىشىڭ كېرەك. مانا، قارا ئۇكا، سەن ھازىر نەچچىدە؟ – دەپ سەمىمىي پىكرىنى سوالغا ئۇلاشتۇردى دولقۇن ئاكام.
مەن ھەيرانلىقتا يېشىمنى ئېيتتىم. دولقۇن ئاكام تېخىمۇ قايناپ سۆزلەشكە باشلىدى.
– ھە، مانا، كۆردۈڭما. قىرىقتىن ئېشىپسەن. ئۆمرۈڭنىڭ يېرىمىدىن كۆپى ئۆتۈپ كېتىپتۇ. مەن بولسام، پېشانەمگە يازغىنى شۇ ئوخشايدۇ، ئوتتۇز يېشىمدا، تۈرمىدە يېتىشىم بىلەن ھاياتىمنىڭ ئالتە ژىلىنى بېكاردىن-بېكارغا تام ياقىلاش، كۈن ساناش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. «ئىسىت، ياشلىغىم» دەپ ھازىرقى كۈنلەردە ئېچىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمەن.
– «باشقا كەلسە باتۇر دەيدېكەنغۇ؟» – دېدىم مەن دولقۇن ئاكىنىڭ كۆڭلىنى ياسىماقچى بولۇپ.
– ئۇ دېگىنىڭگە قوشۇلىمەن. خەلىق ھېچقاچان خاتالاشمىغان. توغرا دەيدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن، ئۇكا. مابادا، قىرىقتا قىرىلىپ قالمىساڭ، يېشىڭ ئەللىكتىن ئاشسا، سېنىڭدىن مەنلىكمۇ كېتىدۇ.
ئاتا-بوۋىمىز «ئەللىك – مەندىن كەتتى مەنلىك» دەپ بېكار ئېيتمىغان. شۇڭلاشقا ياشلىغىڭنى پايدىلىنىپ، كۆپىرەك يازغىنىڭ توغرا. مانا مەن ئاتمىشقىچە، تۈرمىدە ئولتارغان ئالتە ژىلىمنى ھېساپلىمىغاندا، ئانچە-مۇنچە بىر نېمىلەرنى يېزىپ قويىپتېكەنمەن، ئاللاغا مىڭ قاتلىق شۈكرى، ئىسمىم ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئاتمىشتىن ئالقىۋېدىم، ھورۇنلۇغۇم تۇتامدۇ، زادىلا ئولتىرالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ، تىتىرەپ، قولۇمدا قەلەم تۇرمايدىغان بولۇپ قالدى، – دېدى.
– دولقۇن ئاكا، تونۇشلىرىڭىز كۆپقۇ، دوختۇرغا كۆرۈنسىڭىز بولمامدۇ؟ ھازىر تىبابەتچىلىگىمىز ناھايىتى كۈچلۈكقۇ. تۇتقاقلىق ئاغرىغىنىمۇ تېزلا داۋالايدىغۇ؟ – دەپتىمەن ئۆز ئويلىرىمنى جەملىمەيلا.
دولقۇن ئاكام كۈلۈپ كەتتى. يەنىلا ئۆزىنى بېسىپ، ماڭا ئېيتقان نېسىھەتلىرىنى تەكرارلاشقا كىرىشتى.
– گەپ ئاغرىقتا ئەمەس، ئۇكا. مېنىڭ ژۈرىگىم پارە، ئىككىگە تىلىنغان. كۆڭلۈم يېرىم. بۇ گەپلىرىمنىڭ مەناسىنى كېيىن چۈشىنىسەن. ئۇنى ئاز دېگەندەك، ۋاقىتمۇ غۇيۇلداپ ئۆتمەكتە. «نان بولسا، ناخشىمۇ بولىدۇ» دېگىنىدەك، كۆڭلۈم توق بولسا، شېىرلارمۇ يېزىلىدۇ. ئۇكا، يەنە قايتىلايمەن، ياشلىغىڭنى خار قىلماي، مۈمكىنچىلىگىڭنىڭ بارىچە ۋاقىتتىن توغرا، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ قال، – دېدى.
شۇ كۈنى دولقۇن ئاكام ئۆزىنىڭ سالامەتلىگى ھەققىدە «ئاغرىۋاتىمەن» دېگەننى بىزگە ئېيتمىغان. ۋەتەندە داڭلىق ئارىشاڭلاردا بولۇپ، دەم ئېلىپ قايتقانلىرىنى تەۋرىنىش ئىلكىدە سۆزلەپ بەرگەن. ئەپسۇس، شۇم ئەجەل ئەجايىپ تالانت ئېگىسى، شېىرىيىتىمىزنىڭ يەنە بىر پىرى دولقۇن ئاكا ياسېنوۋنى ئارىمىزدىن بىر پەسنىڭ ئىچىدىلا ژۇلۇپ ئېلىپ كەتتى. «بۇ قانداق بولغىنى؟ تۈنۈگۈنلا ساق-سالامەت كۆرىۋېدۇققۇ» دېيىشتىن باشقا سۆز بىزنىڭ ئېغىزىمىزدىن چىقمىدى. تەغدىرگە بەرداشلىق بېرىشتىن باشقا چارە تاپالمىدۇق.
بىردە ئانا-ۋەتەن توپرىغىنى ئويلىسا، بىردە ئاتا-ئانا، قېرىنداشنى سېغىنغان، كۆڭلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، پەرۋانە بولغان، ئەندىشىدە قالغان دولقۇن ئاكىنىڭ قەلىمىدىن، ئامما، كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەر دۇنىياغا كەلدى. «گۈلنارنىڭ دوستى» (1971)، «تاشتىكى گۈل» (1973)، «كارىزلار» (1976)، «ھايات قوڭغۇراقلىرى» (1979)، «يەر ئاۋازى» (1982)، «تۇغۇلغان يەرنىڭ مېھرى» (1986)، «ئۇپۇقلار» (1988) كىتاپلىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر. «ساادەت»، «كارىز توغرىلىق پوۋېست»، «ئاخىرقى پەيتتە»، «ئابدۇللا روزىباقىېۋ»، «ئۈنسىز ئۆلۈم»، «ۋەتەن ۋە شېىر»، «تۇغۇلغان يەر قەدرى»، «چاڭقاش»، «كارۋان يولى» ۋە باشقىمۇ ئەسەرلىرى دولقۇن ئاكىنى پەزالارغا كۆتەردى. شېىرلىرى ئۆزبەك تىلىدا، قاراقالپاق، قازاق، رۇس، ئۇكراىن، تۈرك، ئاۋار تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. 1972-ژىلى ئاباينىڭ تاللانما شېىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، «كۆزىمنىڭ قاراسى» دېگەن نامدا يەككە كىتاپ قىلىپ چىقارغان. پۇشكىن، لېرمونتوۋ، تۋاردوۋسكىي ئوخشاش رۇس كلاسسىكلىرىنىڭ، ئۆزبەك ئابدۇللا ئارىپوۋ، ئاۋار راسۇل غامزاتوۋ، بالكار قايسىن كۇلىېۋنىڭ، قازاق شاىرلىرى ئولژاس سۈلېيمېنوۋ، ژۇبان مولداغالىېۋ، مۇختار شاخانوۋنىڭ شېىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
ماقالەمنىڭ ئاخىرىدا شاىرنىڭ يەنە بىر قىرىنى ئاتاپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ. ئۇ كۆپ چاغلاردا قەلەم ئىشلەتمەتتى. ھەرقانداق ماتېرىال – ئوچېرك، پۇبلىسىستىكا، پروبلېمىلىق ماقالىلار، سۆھبەتلەر بولسۇن، ئۇتتۇر ماشىنىستكا قىزلارغا ئېيتىپ تۇرۇپ يازدۇراتتى. رېداكسىيادىكى ژىگىتلەر ئۇنىڭ شۇنداق خىسلىتىنى موشۇ كەمگىچە مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيدۇ.
ئەپسۇس، ئەينە شۇنداق قايتىلانماس تالانت ئېگىسى، دولقۇن ياسېنوۋ بارى-يوقى 67 ژىللا ئۆمۈر سۈردى. ئەگەر ھايات بولغىنىدا بۇ كۈنلەردە مۇبارەك 80 ياشلىغىنى تويلايدىغان ئەدىپنىڭ قەلىمىدىن يەنە قانچىلىك ئەسەرلەر پۈتۈلەر ئېدى، دېسىڭىزچۇ!؟ ئەپسۇس…

ئاۋۇت مەسىموۋ،يازغۇچى.

سادىق بولدۇڭ مەغرۇرلۇق، ئۆرلىگىڭگە
ئەل ئەزىزلەپ ئۆتىدۇ ئەركىسىنى،
سىيلاپ قەدىر تۇتىدۇ سەركىسىنى.
مۈمكىن بولسا ئەجەلگە ئارا تۇرۇش،
قىياتتىمۇ ئۆلۈمگە – يەرگە سېنى؟!

ئۆز خەلقىڭنىڭ دەردىگە داۋا ئىزدەپ،
ئىستىقلالى – ھۇرلۇغىن تىلەپ، كۆزلەپ.
ناخشاڭ بىلەن ھەممەدەت، ھەمدەرت بولۇپ،
ئۆتتى پۈتۈن ھاياتىڭ ھەقنى سۆزلەپ.

ئاشىق ئېدىڭ ئۆمۈرگە يارىلىشتىن،
تارتتىڭ بىراق ئۆزەڭنى جار سېلىشتىن.
چىن ئىجاتكار تەغدىرى چۈشەڭەڭە،
يېنىك ئەمەس، جان بېرىپ، جان ئېلىشتىن!

نالە قىلماي،
ھال ئېيتماي توققۇزىغا،
تۆزدىڭ تەغدىر تەنىسى، سوققىسىغا.
ساڭا ئوخشاش شاىر كام، چىققان ئەلنىڭ،
ئوي-تەپەككۈر،
پاراسەت چوققىسىغا!

قول يەتكىچە شۇ بۈيۈك ئارمىنىڭغا،
قاۋىغانلار بولدى كۆپ كارۋىنىڭغا.
بار ئىختىدار، تالانتىڭ ھەر بالادىن،
ئاسراپ قالدى ئايلىنىپ قورغىنىڭغا.

ژىراق بولدۇڭ – خوشامەت، ماختاشلاردىن،
مەنسەپدارلار ئالدىدا “تاخلاشلاردىن”…
يېنىكلىكتىن ئۆزىنى بۇلغاۋېلىپ،
كېيىن بارماق چىشلەتكەن ئاقلاشلاردىن.

ئىلىنساڭمۇ مەككارنىڭ قىلتىغىغا،
كىرگىنىڭ يوق زورلارنىڭ قولتۇغىغا.
سادىق بولدۇڭ مەغرۇرلۇق، ئۆرلىگىڭگە،
بېرىلمەستىن چۈشكۈنلۈك، داغ-دۇغىغا.

بۇ دۇنىيادىن ھەممىمىز ئۆتىمىزكەن،
ياخشى-يامان ئېيتىشىپ، كېتىمىزكەن.
سېنىڭدەك ئەل ئۈچۈن جان ئاتقانلارنىڭ،
قەدرىگە زەپ كېچىكىپ يېتىمىزكەن…

ئەيىپلىك دەپ ھەممىگە بەندىچىلىك،
ئۆزىمىزنى ئاقلايمىز ئەندى كېلىپ.
شۇنداق ئېگىز-پەسىنى يېڭىلىشنىڭ،
تەكشىلەشكە بولسېدى رەندە سېلىپ؟!

نادانلىقنىڭ ئازاۋى پاتسا جانغا،
گاھى سىغماي قالىمىز كەڭ جاھانغا.
ئىشى ئۈچۈن بەزىبىر ئەقىلسىزنىڭ،
رەنجىپ گۇنا ئاتماق تەس بار ئىنسانغا؟!

مايدىلىماي شاىرلىق ئامىتىڭنى،
ئەگمەي ئۆتتۈڭ باش، قەددى-قامىتىڭنى.
بېغىمىزنى ۋارىسسىز قالمىسۇن دەپ،
ياپتىڭ تالاي شاگىرتقا قانىتىڭنى.

ئاشسېكەن دەپ ئەمەلگە كۆزلىگىنى،
تىكلەپ كېلەر ھەرقايسى ئۆزلىگىنى.
تۆزمىگىنى جاپاغا – چەتتە قېلىپ،
سەپتە كېلەر – ئۈمۈتنى ئۈزمىگىنى!

ئۆرگە تارتىپ قۇدرىتىڭ يولۇمىزنى،
كېلەر روھىڭ يورۇتۇپ دىلىمىزنى…
…ئويچان، سىنچى كۆزلىرىڭ ئۈستىمىزدىن،
تۇرغان ئوخشاش كۈزىتىپ ھېلى بىزنى!!!

جەمشىت روزاخۇنوۋ

(C)