چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى

چاغاتاي يېزىقى ئوتتۇرا ئاسىيا تېمۇر ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە (1370 ~ 1500 يىللىرى) شەكىللەڭەن شەرقىي تۈرك تىلىنىڭ كىتابىي تىلى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلىنىڭ ئاساسى. تېمۇر ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى ئەدىبلەر ‹‹تۈرك تىلى›› (يېزىقى) دەپ ئاتىغان. 15-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكەن مەشھۇر ئەدىب، چاغاتاي ئەۋلادى نەۋاىي بۇ دەۋىردىكى ئەدەبىي تىلىنى ‹‹چاغاتاي تىلى›› دەپ ئاتىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدىن كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەر بۇ خىل يېزىقتا پۈتۈلگەن ئەسەرلەرنى ‹‹ئىدىقۇت تىلى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىپادىلەڭەن يات ئەللەرنىڭ ئەسەرلىرى›› دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭدىكى باشقا 11- ئەسىرىدىن كېيىن تۈرك تىلىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرى كۈنسايىن ئېشىپ بارغان. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەدىبلىرى ئەرەبچە، پارسچە يېزىلغان ئەسەرلىرىدە كۆپلەپ تۈركچە سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. 13-ئەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خارەزم تۈرك ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن 13- ئەسىرىدىن 15- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى پارس تىلىدىكى ئەسەرلەردىمۇ پارس يېزىقىدا ئىپادىلەڭەن تۈرك تىلى ياكى موڭغۇلچە سۆزلۈكلەر كۆپلەپ پەيدا بولۇشقا باشلىغان ھەمدە تەدرىژىي تەرەققىي قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەرلىك ئەدەبىياتىغا ئايلىنىپ قالغان. مانا بۇ چاغاتاي تىلىدۇر. ئۇ تېمۇر ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە تارقىلىشقا باشلاپ، تەدرىجىي يوسۇندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋە سۈرىيە يېزىقىدىكى تۈركچىنىڭ ئورنىنى ئېگىلەپ، شەرقىي تۈرك تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاممىباپ تىلىغا ئايلانغان، بۇنىڭدا ئەسلىي مەنىسى بىلەن كۆچۈرۈپ كېلىڭەن پارسچە ۋە ئەرەبچە سۆزلۈكلەر كۆپرەك خەنزۇچە ئەسەرلەردە ‹‹مۇسۇلمانلار تىلى›› ياكى ‹‹مۇسۇلمانلار يېزىقى›› دەپ ئاتالغان
ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە مەلۇم دەرىژىدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەرەب تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتى، فونىما سىستېمىسى ئاساسىدا لايىھىلەڭەن يېزىق بولغاچقا، ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، فونېما سىستېمىسىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىدى. شۇڭا 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شۇ دەۋىرنىڭ ئەدىبلىرى، تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن بۇ يېزىق داۋاملىق ئىسلاز قىلىنىپ، تولۇقلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىر قەدەر توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، ئۈگىنىشكە، يېزىشقا ئەپلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.
شىنژاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىغى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، دىنىي ۋە سودا ئالاقىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىن باشقا پارس تىلىدىنمۇ نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىندى. بۇ خىل سۆزلەرنى ئاساسلىغى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى توغرا ئىپادىلەشكە ئەرەب يېزىقىدىكى ھەرىپلەر يېتىشمىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پارس يېزىقىدىن «پ، چ، گ، زھ» قاتارلىق ھەرپلەر چاغاتاي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە قوبۇل قىلىندى. شۇنداقلا بۇ يېزىقتىكى ھەرپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق ئايرىلدى. مەسىلەن، «ح، ث، ذ، ص. ض. ط. ظ، ع » ھەرپلىرى پەقەتلا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى خاتىرىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان، ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەر بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا ئەنئەنىسى بويىچە يېزىلىدىغان بولدى. موشۇنداق بىر قاتار ئىسلاھاتلاردىن كېيىن 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بۇ رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىققا ئايلاندى.
چاغاتاي دېگەن نام 14 – ئەسىردىن باشلاپ شىنژاڭ بىلەن ئامۇ دەرىياسى ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نامى بولۇپ، شۇ دەۋىردىكى موشۇ كەڭ رايوندا قوللىنىلغان تىل ھەم يېزىق شۇ نام بىلەن ئاتالغان.
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغىچە قوللىنىلدى. بۇ دەۋىرنىڭ دۇنىياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىبلىرى، شاىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى موشۇ يېزىق بىلەن يېزىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇردى. ئالەمشۇمۇل شاىر ئەلىشىر نەۋاىي «چاھار دىۋان»، «مۇھاكىمە تۇللۇغەتەين»، «خەمىسە نەۋاىي» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغان دەۋرى ئۇزۇن، يېزىلغان ئەدەبىي، تارىخىي، تېببىي ئەسەرلەر ھەم ھەر خىل ژانردىكى ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ، بۇلاردىن ھازىرقى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن، ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئېگىلىرىدىن:
«تارىخىي رەشىدى» (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر)، «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام»، «شاھنامە تۈركىي»، «دىۋان زەلىلى»، «دىۋان نۆبىتى». «تەزكىرەئى ئەزىزان» (مۇھەممەد سىدىق قاشىغەرى)، «پەرھاد-شىرىن» ۋە «لەيلى-مەژنۇن» (ئۆمەر باقى)، «يۈسۈپ-زۈلەيخا»، «كىتابى غېرىب»، «نەسىھەتنامە»، «دۇررىلنىژاد» (ئابدۇرېھىم نىزارى)، «ئادالەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا»، «سەددى ئىسكەندەر»، «پەندىنامە»، «زەپەرنامە – شاھ باھادىر»، «تارىخىي مۇسقىيۇن»، «زەپەرنامە»، «غېرىبى»، «ئىماملار تەزكىرىسى»، «غازات دەرمۈلكى چىن»، «غەزەلىيات»، «مەھزۇنىلۋاھىدىن» (زىيائى)، «بەرقى تەژەللى» ۋە «سەبەق مۇژەللى»، «تارىخىي ئەمىنىيە» (موللا مۇسا سايرامى)، «غېرىب-سەنەم» (مۇھەممەد يۈسۈپ)، «نورۇزنامە»، «نۇزۇگۇم»، «چاغاتاي لۇغىتى» مانژۇ خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان «بەش تىللىق لۇغەت»..، قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

ترانسلىت نا كىرىللىسۇ ئى پراۋكا ئامراق. سانكت پېتېربۇرگ. 31.01.2012 0:27:21.