ئانا ژۈرىگىگە قۇلاق سېلىڭلار

تارىختا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئانا ئوبرىزى ئەزەلدىن ئۇلۇق ۋە مەدھىيىگە لايىق بولۇپ كەلگەن. مۇستەقىللىكتىن ئايرىلىپ، مىللىي ئۆزلۈگى خوۋۇپ ئاستىدا قالغان بىزدەك مىللەتنىڭ ئانىلىرى قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تومىرىس، ئىپارخان، نازىگۇم، رىزۋاڭۈللەرنىڭ ئەۋلادى بولغانلىغىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىپ كەلدۇق. مۇستەملىكە شاراىتىدا ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدا ئەركىنلىك، ئىنسانلارچە ياشاش ئۈچۈن، خەلقىنىڭ پاراۋەن ھاياتى ئۈچۈن جېنىنى قىيغان، ھېلىكەم قۇرۋان بولۇۋاتقان، توتالىتارلىق تۈزۈمنىڭ تۈرمىلىرىدە ئىنسانغا خاس ئەمەس ئازاپلارنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان ئانىلىرىمىزنىڭ، قىزلىرىمىزنىڭ بارلىغىنى ئامما ئۇلارنىڭ ئىسمى دۇنىيا جامەتچىلىگىگە نامەلۇم پېتىچە قېلىۋاتقىنىنى بىز، ئۇيغۇرلار ياخشى بىلىمىز.

خخى ئەسىردە تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزنىڭ پاجىەلىك تەغدىرىنى دۇنىياغا ئاڭلىتالىغان ئانا كۈرەش مەيدانىغا چىقتى. ئۇ ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ باي شەخسلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، خەلقى جىغا-زېرە بىلەن ياشاۋاتقان زىمىندا ھەر قانداق ماددىي بايلىق ئۇنى ھەرگىز بەخىتلىك قىلالمايدىغىنىنى ئېنىق چۈشەندى. ئۆزىنى ياراتقان مىللىتىنىڭ كۆز-يېشىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ھەر قانداق جۇقۇرى دەرىجىلىك خىزمەت ئورنىغا، مەنسەپ تەختىگە ئولتىرىشنى ۋىجدانسىزلىق دەپ بىلدى. «مېنىڭ بايلىغىم بار، جەمىيەتتە ئېگەللىگەن ئورنۇم بار، ئۆزەمگىلا ياخشى بولسا، قالغىنى بىلەن كارىم يوق» دەپ ئۈنسىز ياشاشقا ئانا جۈرىگى چىدىمىدى. 1987-جىلى ھۆكۈمەت ئەزاسى، 1992-جىلى جۇڭگو خەلقى سەياسىي-كېڭەش جىغىنىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ تۇرۇپ، 1997-جىلى يۈز بەرگەن غۇلجىدىكى تېچلىق نامايىشىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ھەقىقەتنى ھۆكۈمەت مىنبىرىدىن ئوچۇق ئېيتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ تەقىپكە ئۇچراشقا باشلىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، خەلقىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى يېنىكلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئانا ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار ئېدى.

2000-جىلى خىتايغا رەسمىي سەپەر بىلەن كەلگەن ئامېرىكا كوڭرېسسىنىڭ ۋەكىللىرىگە ئانا ۋەتەننىڭ رېاللىغىنى ئېيتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشقا كېتىپ بارغىنىدا قاماققا ئېلىندى.ئۇيغۇرنىڭ ئەينى ئەھۋالىنىڭ دۇنىيا جاماەتچىلىگىنىڭ خەۋەردار بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى «دۆلەت بېخەتەرلىگىگە خوۋۇپ تۇغدۇردى»، «دۆلەت مەخپىيەتلىگىنى ئاشكارىلىدى» قاتارلىق يالا-تۆھمەتلەر ئۇنى قاماققا ئالدى. خىتاي تۈرمىسى ئانا ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىدى. ئانا جۈرىگى يەنىلا خەلقىنىڭ غېمىدا تېپىرلىدى.

تۈرمىدىكى ئازاپلىق جىللار ھەرگىز ئانا قەلبىدىكى ئارزۇ-ئۈمۈت، خەلقىنىڭ غېمى بىلەن ياشاش قاتارلىق ھىسسىياتلارنى يوق قىلالمىدى. خەلىق ئارا قىسىمدىن ۋە ئاقش دۆلەت كاتىۋى كوندولىزا رايسنىڭ كېلىشى بىلەن بوشىتىلغان ئانا تۈرمىدىن ئازات قىلىنغىنى بىلەن ۋەتەن،خەلقى ئۈچۈن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن توپراقتىن ئايرىلىش، جۇدالىق ھەسرىتى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۆزى بۇ زىمىندىن كەتكەندىن كېيىن پەرزەنتلىرىنى،قوم-قېرىنداشلىرىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغىنىنى ياخشى چۈشىنەتتى. ھەممىگە تەن بېرىپ، جان بېقىش ئۈچۈنلا ياشاشقىمۇ بولاتتى. مىللىونلىغان خەلقىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىك ھاياتىنى، جىغا-زېرىسىنى، تۈزۈم تەرىپىدىن بېگۇنا ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنىۋاتقان مىڭلىغان ياشلارنىڭ پاجىەلىك تەغدىرىنى، تۇغۇلماي تۇرۇپ يورۇق دۇنىياغا كۆز ئېچىش بەختىدىن مەھرۇم مىللىونلىغان نارېسىدىلەرنى ھەر بىر دەقىقىدە كۆرۈپ تۇرغان ئانا جۈرىگى بۇنىڭغا چىدىسىنمۇ؟ خەلقى ھايات-مامات بوسۇغىسىدا تۇرغان ۋاقىتتا پەقەت جان بېقىش قايغۇسى بىلەنلا ياشىغىلى بولامدۇ؟ ياق! پەرزەنتلىرىنى، قوم-قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى مۇددەتسىز تۈرمىلەرگە قامىدى. ئادەم چىدىغۇسىز قىيناش، سوال-سوراقلار ئاستىدىكى يېقىنلىرىنىڭ نامىدىن يېزىلغان تۈرلۈك-تۈمەن خەتلەر، ياڭمۇ-ياڭزا سەياسىي نەيرەڭلەر ئارقىلىق ئۇنى بۇ يولدىن قايتۇرماقچى بولدى. لېكىن مىللىونلىغان خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئانا تولىمۇ مەشەقەتلىك، ئۆزىگە نىسبەتەن شەپقەتسىز يولنى تاللاۋالدى.

خەلقىنىڭ مۇڭ-زارىنى جۈرىگىگە قاچىلىغان ئانا خەلىق ئارا مەيدانغا چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر داۋاسى يېڭىچە تۈس ئالدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدەك قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ ،دجوردج بۇشقا ئۇيغۇرنىڭ مىللىي دوپىسىنى كىيگۈزۈپ، ئۇيغۇرنىڭ مۇڭ-زارىنى يەتكۈزدى. 2007-جىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دېموكراتىيالىك پالاتا ۋەكىللىرى بېگۇنا تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بوشىتىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن سەياسىتىنى بىر قەدەر ئۆزگەرتتى. كېچە-كۈندۈز تىنماي خەلىق مەنپىيىتىنى خەلىقارا مەيداندا جاكالاۋاتقان ئانىنىڭ ئەجرى زور ئېدى. ماقالىمىزنىڭ بېشىدىن كۈرەشچان ئانا ئوبرازىدا ئېيتىلىۋاتقان شەخس ھەقىقىقىي مەنىدە خەلقىنىڭ مەنىۋىي ئانىسىغا ئايلىنالىغان رابىيە قادىر ھەققىدە سۆز بولۇۋاتقىنىنى ئوقۇرمەن بىردىنلا چۈشەڭەن بولۇشى كېرەك.

2009-جىلى دجېفف دېنىېلس تەرىپىدىن چۈشىرىلگەن رابىيە قادىر ھەققىدە «مۇھەببەتنىڭ ئون تەلىۋى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەن قىسىملىرىغا قارىماي مېلبۇرندىكى خەلىقارا كىنوفېستىۋالدا كۆرسىتىلدى.

ۋەتىنىگە، خەلقىگە بولغان مۇھەببىتى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن ئانىنىڭ كۈرەش يولىغا ئاتىغان قايتماس روھى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۈلگە-ئىبرەت بولۇپ قالدى.

ئىختىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق دۇنىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئىنتىلىۋاتقان خىتايدەك دۆلەتنىڭ تۈزۈمىگە قارشى چىققان ئانىمىزنىڭ نىداسىغا قۇلاق سېلىپ باقايلىچۇ؟ خەلقىگە كۆيۈنۈش، ۋەتەننىڭ غېمىدىن باشقا شەخسىي مەنپىيىتىگە تەەللۇق ھېچ نەرسە يوق.

ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە مېڭىشقا تالاي ئەر كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ئاجىزلىق قىلدى. جان بېقىش، ئۆز پاشىمىزنىلا قورۇش سەۋىيەسىدىن ئالقىپ ئۆتەلمىگەچكە، ئەڭ بولمىغاندا مەنىۋىي يار-يۆلەك بولۇش ھەققىدە ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ خەلقىمىزگە ئورتاق مەسىلىلەردە «مېنىڭلا ھەق» دېگەن كۆز-قاراش ھەرگىز كەتمەيدۇ. ھەر بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى ئۇمۇم مەنپىيەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ، بىر-بىرىمىزنى تولۇقلاش ئارقىلىق بىر مەخسەت يولىدا خېلە ئۈنۈملۈك ئىشلارنى ئاتقۇرۇشقا بولىدىغانلىغىنىنى ئويلاپ كۆردىقمۇ؟ خەلقىمىز تىل بىلەن يەتكۈزگىسىز پاجىەلىك ئەھۋالدا تۇرغاندا خەلىق ئۈچۈن يەڭ تۈرۈپ چىققان شەخسلەرنىڭ قىلچىلىك كامچىلىق-سەۋەنلىكلىرىنى بايراق قىلىدىغان، چەتكە قېقىۋېتىدىغان ئىشلىرىمىزدىن خالى بولماي بىرەر نەتىجىگە قول يەتكۈزگىلى بولارمۇ؟ خەلقىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاۋەتكەن ئىنسانلارنى لايىغىدا باھالالايمىزمۇ؟

ئابدۇقادىر داموللا : «مېنىڭ جۇتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەغدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر، مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەغدىردىمۇ سېخىدۇر»دېگىنىدەك خەلقىنى سۆيگەن كىشى ھەر قانداق ۋەزىيەتتە ئۆز خەلقىدىن ئۈز ئۆرىمەيدۇ. بىز ئۇنىڭغا بېرەلمىگەن مېھىر،بېخىللىق قىلغان شۇ مۇھەببەت ئانىنىڭ جۈرىگىدە ئورغۇپ تۇرۇپتۇ. ئىشەنمىسەڭلار ئانا جۈرىگىگە قۇلاق سېلىپ كۆرۈڭلارچۇ؟

«قانداق ئانا بولسا، شۇنداق بالا بولىدېكەن. پەرزەنت قانداق بولسا شۇنداق مىللەت بولىدېكەن» . قەھرىمان ئانىلار يېنىمىزدا. ئامما بىز، پەرزەنتلىرى شۇ ئانىلارغا لايىق ئەۋلات بولالىدىقمۇ؟

ۋاققاس ئابباس.

ئانا ژۈرىگىگە قۇلاق سېلىڭلار: 1 комментарий

  • 2018-04-19 в 05:07
    Permalink

    Izahat:

    Hormetlik Waqqas Ependi,

    http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/u-forum.html — bu menbe, Mezkur Torbet «Dostane Torbetimiz»dep bilgen Eziz Isagha Ait bolup, yillardin biri Men U torda Maqale ilan qiliwatimen. biraq Maqalelerimge «Link Menbe» birilmigen. shunga sizge korsetken Pakitlarni bu torbette biwaste achalmaysiz. buning sewebi iniq emes.Pakitlargha kirish uchun bu ish tertiwini orunlang:
    «menbe-مەنبە» — Chek.
    «DUD Sozchisi» — Chek
    «My Posts» -Chek
    _______

    Bu Torbetke Kormigenmu siz? : http://www.uyguria.com

    Sahipliqidiki

Обсуждение закрыто.