تۆرت دەرۋازا ئىچىدىكى تۈگىمەس سىر


جەنۇبىي قازاقستان ۋىلايىتىنىڭ سوزاق يېزىسىدا قىرىققا يېقىن ئۇيغۇر ئاىلىسىنىڭ ئىستىقامەت قىلىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ، بىزدە بۇ تەۋەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھاياتى، تۇرمۇش-تەرىزى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش ئىستىگى پەيدا بولدى.
تارىخىي مەنبەلەرگە مۇراجىەت قىلساق، قېدىمدا ئۇلۇق ئىپەك يولى بويىغا جايلاشقان تۆرت دەرۋازىلىق قورغان ئىچىدىكى شەھەر — سوزاقنىڭ «سىرلىق قاپقىلىرىنىڭ» قۇلۇپىنى قىيا بولسىمۇ ئېچىپ كۆرۈش مەخسىتىدە يولغا چىقتۇق.

سوزاق — مەنزىل ئۇزاق

18-ئوكتيابرئ كۈنى كەچقۇرۇنلۇغى ساات يەتتىدە ئالمۇتىدىن قوزغالغان ئاۋتوبۇس 19-ئوكتيابرئ كۈنى سەھەرلىگى ساات يەتتىدە چىمكەنت شەھىرىگە كېلىپ توختىدى. بۇ يەردىن يەنە 310 كىلومېتر غەربىي-شىمالىغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك. مەنزىل ئۇزاق. شۇڭلاشقا بارىدىغان جايىمىزغا ئەتىگەنىرەك يېتىۋېلىش مەخسىتىدە «سامال» ئاۋتوۋوكزالىغا كەلدۇق. بىز قانچە ئالدىرىساقمۇ، سوزاق ناھىيەسىنىڭ سوزاق يېزىسىغا ئاۋتوبۇس پەقەت كۈندۈزى ساات بىر يېرىمدا ماڭىدېكەن. ساات تېخى — ئون. ئۈچ-تۆرت ساات ئاۋتوبۇس كۈتۈپ ئولتارغىچە، ئىلدامىراق «گازېلئ» مىكرواۋتوبۇسلىرى بىلەن كەتمەيمىزمۇ، دېگەن ئويدا ئۆز ئارا پاراڭلىشىپ تۇرغان ژىگىتلەرگە مۇراجىەت قىلدۇق. مانا قىزىق. ئاۋتوۋوكزال ھويلىسىدا قاتىرىسىغا تىزىقلىق تۇرغان «گازېلئلارنىڭ» بىرسىمۇ بىز يول تۇتقان سوزاق يېزىسىغا بارمايدىغان بولۇپ چىقتى. ئەندىكى ئۈمۈت ئاۋتوۋوكزالنىڭ سىرتىدا خېرىدارلارنى كۈتۈپ تۇرغان تاكسىلاردا. ئۆز ئارا بەس-بەسكە چۈشۈپ، ‘تاكسى، تاكسى!»، دەپ چاڭىلداۋاتقان ئاكىلىرىمىزنىڭ يېنىغا كەلدۇق. بارىدىغان جايىمىزنى ئېيتىۋېدۇق، بىر-ئىككى ئاكىمىزنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ، ئىككى قولىنى كۆتەرگەن پېتى «ياق، بارمايمىز» دەپ چەتكە چىقىشتى. يەنە بىر ئاكىمىز بولسا، بېشىنى ئېغىتىپ، «ھە، بارسا-كەلمەسكە ماڭدىڭلارمۇ؟»، دەپ مىيىغىدا كۈلدى.
شەھەردىن ژىراقلىغانسىرى يول بويى ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان يېزىلارنىڭمۇ سانى ئازىيىپ، چەكسىز قارا دالا ئۆز قوينىغا ئالدى. ئەتراپتا تاماشە قىلغىدەك بىرەر نەرسە كۆزگە چېلىقمىغاچقا، يولنىڭ قىسقىرىمىغىمۇ بەك قىيىن ئېكەن. كىمدۇ ئۈگدەپ، كىمدۇ ئۇخلاپ، قىسقىسى، ھەر كىم ھەر نەرسىنى ئەمەك قىلىپ، ئۈچ-تۆرت سااتلىك يولدىن كېيىن سوزاق ناھىيەسىنىڭ مەركىزى چولاق قورغانغا يېتىپ كەلدۇق. بىزنىڭ بۇ تەۋەگە بىرىنچى قېتىم كېلىۋاتقانلىغىمىزدىن ۋاقىپ بولغان ئاۋتوبۇس ژۈرگۈزگۈچىسى ناھىيە مەركىزىدە بىر ساات تۇرىدىغانلىغىنى ھەم سوزاق يېزىسىغا يەنە 80 كىلومېتر قالغانلىغىنى ئاگاھلاندۇردى…
خەيرىيات، سوزاققا كەچقۇرۇنلۇغى ساات يەتتىدە يېتىپ كەلدۇق. ئاۋتوبۇس بېكەتكە توختاپ، ئىشىگى ئېچىلىشى بىلەن سىرتتىن ئۈزىمىزنى سىيپاپ ئۆتكەن سالقىن ھاۋا دولقۇنى بىلەن بىللە «ئالمۇتىدىن كېلىۋاتقان ژىگىتلەر بارمۇ؟!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
بىزنى ئۆزىنى ئارسلان باب دەپ تونۇشتۇرغان يېشى ئاتمىشلاردىن ئالقىغان كىشى ئىللىق قارشى ئالدى. ئۇنىڭغا بىزنىڭ كېلىدىغانلىغىمىزنى بۇ تەۋەگە بولغان سەپىرىمىزنىڭ تەشەببۇسكارى ھەم بىزنىڭ بېرىپ-كېلىشىمىزگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان قازاقستان پاڭلار ژەمىيىتى ئالمۇتا شەھەرلىك ئوقۇش ئىشلەپ چىقىرىش كومبىناتىنىڭ مۇدىرى ۋاققاس مەمەدىنوۋ تېلېفون ئارقىلىق خەۋەردار قىلىپ قويغان ئېكەن. شۇ كۈنى ئارسلان ئاكىلارنىڭ ئۆيىدە مېھماندا بولدۇق. تۈن يېرىمىگىچە مۇڭداشتۇق. ئارىمىزدىكى سۆھبەت ئۆزبەك تىلىدا ژۈرگۈزۈلدى. شۇندىمۇ ئۇ ئۆزگە خەلىق تىلى ئارقىلىق ھەر بىر سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېكەنلىگىنى تەكىتلەپ تۇراتتى. بىز سۆھبەت قىيامىنى بېرى تارتىمىز، بىراق خاتىرىلەر يەنىلا نېرى ئېلىپ كېتىدۇ. كەتكەندە ژىراققا، ئەڭ ئاۋال — ئۆتمۈشكە، ئۆتمۈش بولسا، ئۇمۇمژۇت تارىخىنى، يېرى مۇنبەت، سۈيى زىلال، سايلىرىدا تىزىلىپ ئۆسكەن تاللارنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ سۇلار — ئەژداتلار ئىچكەن بۇلاق سۈيى، ئېچىلمىغان سىرلىرى كۆپ قېدىمىي تاللىق دىيار. ژۇقۇرىدا مەغرۇر قاراتاغ، سوزاق سىرلىرىنى تومۇرلىرىغا سۈمىرىۋالغان قېرى ئاق تېرەكلەر بوي سوزۇپ بۇ تەۋەگە كەلگەنلەر يولىغا قاراپ تۇرغاندەك…
مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئازىيا خەلىكلىرى تارىخىدا ئۇيغۇرلاردەك تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىپ، ئاقىۋەتتە چېكىنىشنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى پەلەمپىيىگە ژىقىلغان خەلىق بەلكى يوق بولسا كېرەك. ئەگەر ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلىسىڭىز، بەر-پاكارلىق ساداسى ئۆچۈپ، جۇدالىق-يوقىتىش نىداسى كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەۋى نېمە؟ ئۇ ئوب»ئېكتىۋ سەۋەپ ئانچە كۆپ ئەمەس، ئىككىلا: بىرىنچىسى، ئۆز ئارا ھەسەتخورلۇق بىلەن سىرتقى دۈشمەن ھېيلىسى، ئىككىنچىسى، ئۆز ئىچىدىن چىققان خاىنلار كاساپىتى…
تارىخقا بىر نەزەر. 17-ئەسىر. جۇڭغارىيا خانلىغى بىلەن ماڭژۇرلار پادىشالىغى ئۈچۈن شەرقىي تۈرستان دىققەت-مەركىزىدىكى ئەڭ گۆزەل ۋە باي دىيار ئېدى. ئاپپاق غوجام ئەينە شۇ يەكەن دۆلىتىنى مانجۇرلارغا تۇتۇپ بەردى. ئاندىن بۇرھانىددىن غوجا ئىلىنى مانژۇرلارنىڭ تاپىنى ئاستىغا تاشلىدى.
…سۆھبەتدىشىمىز ئارسلان بابنىڭ بوۋىلىرى ئاپپاق غوجىنىڭ كۆپلىگەن مۇرىتلىرىنىڭ قاتارىدا بولۇپ، سوپىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن. ئانا ژۇتى قەشقەردىن پىيادە چىقىپ، مۇقەددەس جايلارنى ئايلىنىپ، ئۆزلىرى پىر تۇتقان ئەۋلىيالار روھىغا تاۋاپ قىلىپ، جاھانكەزلىك قىلغان. سوپىلىق ھاياتنىڭ گۇۋاچىسى دەرۋىشلەر كەچگۈلى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئارسلان ئاكىنىڭ بوينىدىن چۈشمەپتۇ. ئۆزىنىڭ گېپىگە قارىغاندا، بوينىغا ئېسىۋالغان كەچگۈلى ئىككى ئەسىردىن بېرى ئاتىدىن بالىغا مىراس بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاللا تاالا تەرىپىدىن ئىۋرايىم ئەلەيھىسسالامغا قۇرۋانلىق قىلىش ئۈچۈن چۈشىرىلگەن قوينىڭ ئىچ-قارنى دەرىياغا تاشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر مېۋىلىك دەرەق ئۈنۈپ چىقىپتۇ. كەچگۈل — ئەينە شۇ دەرەقنىڭ قوغۇنسىمان مېۋىسىدىن تەييارلانغان ئېكەن. «بۇ بىزنىڭ دىپلومىمىز»، دەيدۇ ئۇ سۆھبەت ئارا. ئۆيىنىڭ قېشىدا قەد كۆتەرگەن قارا بۇرا ئەۋلىيانىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىپ كەلگۈچىلەر پىتىر سەدىقىسىنى ئارسلان ئاكىنىڭ بوينىدىكى كەچگۈلگە سېلىپ، ئۇنىڭغا دۇگا قىلغۇزىدېكەن. بەزى كۈنلىرى بوينىغا كەچگۈلىنى ئېسىۋېلىپ، بازارنى بىر ئايلىنىپ چىقىدىغىنىنىمۇ يوشۇرمىدى. قىزىق يېرى، ئۇ يولدا كۆرۈڭەن يېنىك ماشىنىلارغا قولىنى كۆتەرسە، ئېگىلىرى دەرھال توختاپ، ئارسلان ئاكىنىڭ دۇگاسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، پىتىر-سەدىقىسىنى بېرىپ، ئاندىن يولىغا راۋان بولىدېكەن. ئارسلان ئاكىنىڭ پىكرىچە، بۇ دۇنىيادىن ئۆتكەن ئەۋلىيا-ئەنبىيالار روھىغا ئاتاپ بېرىلگەن دۇگا ھەققى…

ئەۋلىيالار ژۇتى

سوزاق — خاسىيەتلىك جاي. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سوزاق، يېزىسىدا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا زامانىسىدا قىرىققا يېقىن ئەۋلىيا ياشىغان. بۈگۈنكى كۈڭىچە سوزاق يېزىسىدا ياشاپ، ژۇتداشلىرىغا ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى تەرغىپ قىلغان شايھى ئەخمەت ئىشان، قارا بۇرا، ئەژى ئاتا، ژىلتىراق ئاتا، ئابدۇلەزىز قەشقەرىي (قازانچى ئاتا دەپمۇ ئاتىشىدۇ)،

قۇلاق ئاتا، مۇھەممەد خەدىفا ئىسىملىق يەتتە ئەۋلىيالارنىڭ مەقبەرىلىرى ساقلىنىپ قاپتۇ. ئابدۇلەزىز قەشقەرىينىڭ گۈمبىزى، ئەپسۇسكى، دىققەت-نەزەردىن سىرت قالغان. يەرلىك ئاھالىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ كۆرنەكلىك شەخسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھۈنەرۋەنچىلىگى بىلەن داڭقى چىققان كۆرۈنىدۇ…
قاراخانىيلار دەۋرىدە ئوتتۇرا ئازىيادە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا چوڭ ئۈلۈش قوشقان ئەۋلىيا سۈپىتىدە خەلىق ئىچىدە ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئېگە بولغان دىنىي زات قارا بۇرانىڭ مەقبەرىسىمۇ — سوزاقتا. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇچ يۈزگە يېقىن تۆمۈر ساندۇقچىلارغا ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىشتا ئالاھىدە رولئ ئوينىغان دىنىي زاتلارنىڭ قەبىرلىرىدىن ئېلىپ كېلىڭەن توپراق سېلىنغان ئېكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «شاھقاسىم ئاخۇن ئۇيغۇر 18 ئەسىر»، دېگەن يېزىققا كۆزىمىز چۈشتى.
خەيرىيات، سوزاق يېزىسى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان تارىخىي يادىكارلىقلارنى — قېدىمىي شەھەرنىڭ ئورنىنى، مازارلارنى، ئەۋلىيالار مەقبەرىلىرىنى كۆرگەن كىشى ئۆزىنى، خۇددى ئوچۇق ئاسمان ئاستىدىكى مىراسگاھقا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ.
ئەندى بۇ تەۋەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار ھەر تۈرلۈك ۋاقىتتا، تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆبېجان داموللا، ئاتاقلىك باتۇر ھەم ئىز كەسكۈچى بولغان پاچاق، ئۇنىڭ بالىسى ئەكىباي، ئېسجان ئابدۇكەرىموۋ، ئۇنىڭ بالىلىرى — نۇرپولات، ئەرپولات، ئىنىسى يولداش ئابدۇللاېۋ، ئۇنىڭ بالىلىرى مۇرات، قۇۋەت، بەكتۆمۈر، ئۇنىڭ بالىسى — ئەبېن، ئۇنىڭ بالىلىرى ئەكىتاي، پولات، زاكىر، شۇنداقلا قۇرباش، مەمەدەلى ۋە باشقىلارنىڭ ئاىلىلىرى بار. بۇ تەۋەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن دېخانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدېكەن. تۇرۇۋاتقان ئۆي-جايلىرىمۇ ئاددىي. ھاشامەتلىك ئۆيلەرنى سالمىسىمۇ، ھەر ھالدا زامان بىلەن ھەمنەپەس ئۆز تىرىكچىلىگى بىلەن بەنت بولۇپ، ئۆزلىرى بىلەن ئۆزلىرى ياشاۋاتقانلىغىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
تارىخ ئۆزىنىڭ سىرلىق سەھىپىلىرىگە ئالەمشۇمۇل ھادىسىلەر بىلەن يارقىن سىمالار شەرىپىنى بىردە سىيادا، بىردە قاندا يېزىپ كەتكەنلىگى ياخشى مەلۇم. سوزاقلىقلار ئەستاىدىل ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزىگە پىر تۇتىدىغان قارا بۇرا، ئابدۇلەزىز قەشقەرىي، شايھى ئەخمەت ئىشان ئەۋلىيالار شۇ جۈملىدىن. بۇ ئېسىل ئىنسانلارنىڭ ئۆز خەلقى قىسمىتىدە قىلغان ئېقىدىسى بىلەن ئىجتىماىي ھاياتىدا تۇتقان ئورنى ئالاھىدە.

قۇملۇغىنى قىزىتقان قېرىنداشلىق پىراق

  

سوزاق يېزىسىنىڭ ھاكىمى رىسباي ئابدۇرامانوۋنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يېزىدا 8،5 مىڭ ئاھالى ئىستىقامەت قىلىدۇ.
— ھە، ئېيتماقچى، بىزدە بىر ئەزەربەيجان تۇرىدۇ، — دەپ قوشۇمچە قىلدى ھاكىم سۆھبەت داۋامىدا.
رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە، سوزاقتا ئۇيغۇرلار يوق. ئاھالىنىڭ 60 پايىزىنى قازاقلار، 40 پايىزىنى ئۆزبەكلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەلۇمكى، ئۆز پەيتىدە، يەنى توتالىتارلىق تۈزۈمنىڭ 30-40-ژىللىرى ئۈزلۈكسىز تەقىپلەشلەر تۈپەيلى ژۈرىگى موجۇلغان يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ھالاك بولگان تەغدىردىمۇ، بالا-جاقىلىرىنى، نەۋرە-چەۋرىلىرىنى ئامان ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىم-شەرىپىنى، مىللىتىنى، ئىژتىماىي كېلىپ چىقىشىنى ئۆزگەرتىپ يازدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەلۋەتتە، پاسپورتىغا ئۆزبەك دەپ يېزىلىپ، ئۆزبەك مىللىتىنىڭ نوپۇسىنى كۆپەيتكەن قېرىنداشلىرىمىزنى ئەيىپلەش ئويىدىن تامامەن ژىراقمىز. ستالىن دەۋرىدە ئاممىۋىي رەۋىشتە ئۆزبەكلەشكەن بۇ دىياردا بىر نەچچە ئەۋلات ئالمىشىپمۇ ئۈلگەرگەن. يوشۇرىدىغىنى يوق، جېنىنى قورغاپ، قەغەز يۈزىدە تېگىنى ئۆزگەرتكەن ئاتىلارنىڭ ۋارىسلىرى ئانا تىلى بىلەن مىللىي مەدەنىيىتىدىن، ئۇرپى-ئادەت، رەسىم-يوسۇنلىرىدىن ژۇدا ئەۋلات بولۇپ قالغان…
مەغرۇر كاۋكاز خەلقىنىڭ سوزاقتىكى يېگانە ۋەكىلى ھەققىدە ئۈزۈلۈپ قالغان سۆزىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى. ئۇرۇش ۋە ئەمگەك ۋېتېرانى شامىلئ تاگىېۋنىڭ ئاتا-ئانىسىنى شەخسكە سىغىنىش ژىللىرى ئانا-ۋەتىنى ئەزەربەيجاندىن مەجبۇرىي رەۋىشتە قازاقستان دىيارىغا يەر ئاۋدۇرۇش قىلىپتۇ. مۆتىۋەر سوزاق يېزىسىغا ئۈچ ياش ۋاقتىدا كەلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئانا تىلىنى ئۇنتىماپتۇ. ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتكە تەەللۇقلۇغىنى مەغرۇرلىنىش بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇزاق ژىل ئاگرونوم بولۇپ، بۇ تەۋەنىڭ گۈللىنىشىگە ئۆز ئۈلۈشىنى قوشقان ئاقساقالنىڭ يېشى سەكسەڭە تاقاپ قالسىمۇ، تېخى ئەمگەكتىن قول ئۈزمىگەن.
— بۇ مېھنىتىمنىڭ مېۋىسى، — دېدى ئاقساقال بىزگە بىر خالتا ئالمىنى ئۇزاتقاچ.
ئالمىسى شۇنداق بېجىرىم. تەكچىگە تىزىپ قويسىڭىز، كۆرگەن ئادەم سۇۋېنىر دەپ قېلىشى مۈمكىن. مەھەللىدە پەقەت شۇ كىشىنىڭلا ئالمىلىق بېغى بار ئېكەن. مېۋىنىڭ قايسى سورتىنى قانداق كۈتۈم بىلەن سوزاق قۇملۇغىدا پەرۋىش قىلىشقا بولىدىغانلىغىنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ مەخپىيلىك قۇلۇپىنىڭ ئاچقۇچىنى ھازىرچە ھېچ كىمگە ئېيتماپتۇ. ھېلى يادىدا، بالىلىق چاغلىرىدا كىمدۇ-بىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋىش قىلىنغان ياڭزا-ياڭزا ئالمىلارنى كۆرۈپ، چېچەكلىرىگە ئۇچۇپ-قونۇۋاتقان ھەرىلەرنى، خۇش پۇرىگىدىن بەھرىمەن بولۇپ سايرىشىۋاتقان قۇشلارنىڭ شاختىن-شاققا سەكرەشلىرىنى گۆدەكلىك ھەۋەس بىلەن تاماشە قىلاتتى. شۇ ئۆي كىمنىڭ ئېكەنلىگى ھازىر ئېسىدا يوق.
ئامما ژۇتنىڭ يەنە بىر تۇرغۇنى — ئاقارغان ھەر بىر چېچىدا ھەم تال-تال قورۇقلىرىدا ئۆتمۈشنىڭ غەم-تەشۋىشى بىلەن تۈگىمەس پەرزەنت غېمى يوشۇرۇنغان، ئۆزىنى قەشقەرلىك ئۇيغۇر، دەپ تونۇشتۇرغان بۇۋايدەم ئانىنىڭ كۆز ئالدىدا شۇ ئالما دەرىغى ھېلىكەم كۆكلەپ تۇرىدۇ. ژۇلغۇن بىلەن زاكتىن باشقا دەرەق ئۆسمىگەن بۇ توپراققا ئاتىسى ئالما كۆچىتىنى تىكىپ، بىر ئالما دەرىغىدىن سەككىز تۈرلۈك ئالما سورتىنى ئالغىنىدا، ژۇتداشلىرى ھەيران قېلىشقان ئېكەن. «بۇ ھۈنەرنى نەدىن ئۈگەندىڭ؟»، دەپ سورىغانلارغا «بىز، قەشقەرلىكلەر، چۆلنى گۈلستان قىلىشقا يارالغان»، دەپ جاۋاپ بېرەتتېكەن.
بارا-بارا ئانا تىلى ئۇنتۇلۇپ، ۋارىسلىق ژىپىنىڭ ئۈزۇلۈ-ۋاتقانلىغىنىڭ گۇۋاچىسى بولغان ئالما دەرىغىمۇ قۇرۇپ كېتىپتۇ.
— ئاتىمىزنىڭ ھۈنىرىنى پەرزەنتلىرىدىن ھېچ قايسىمىز ئۈگەنمەپتىمىزغۇتاڭ، — دەپ ئېغىر «ئۇھ» تارتتى نۇرانىي ئانا.
ھە، بۈگۈنكى يېزىنىڭ قىياپىتى تامامەن ئۆزگەرگەن. ھازىر بۇ تەۋەدىكى ئۇيغۇرلار ئاتا-بوۋىلىرى ئوخشاش ئالمىلىق باغ بەرپا قىلمىسىمۇ، ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئۆلچۈك يەرلىرىدە كۆكتاتچىلىق قىلىش بىلەن بەنت. مېھنەتكەش خەلىق مەھەللىنى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرغان. ھاياتقا بولغان چەكسىز تەشنالىغىنىڭ ئىپادىسىدەك قۇياش تامان بوي تارتقان تاللار، گويا ئۆزىنىڭ ژامالى بىلەن مەغرۇرلانغاندەك، كۈزنىڭ سالقىن شامىلىدا ئۇ ياق-بۇ ياققا سەل-پەل ئېگىلىپ قويىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ غولىنى تۇتسىڭىز، ئالاھىدە ئىسسىقلىق تەپتىنى ھىس قىلىسىز. سوزاق قۇملۇغىنى قىزىتقان قۇياشنىڭ ئىسسىق تەپتىلا ئەمەس، بىر نەچچە ئەسىردىن بېرى بىر-بىرى بىلەن ئىناق-ئىجىل ياشاۋاتقان قازاق، ئۆزبەك، ئۇيغۇر خەلىقلىرىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت ئوتى ئۆچمەي، ھامان يالقۇنلىنىۋاتقانلىغىنى بايقايسىز…

دەۋىر بورانلىرى ئۇچارتالمىغان ۋاراقلار

سوزاققا يېتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى بۇ تەۋەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قازانچى ئەۋلىيا سۈپىتىدە سوزاق زىمىنىغا تونۇلغان ئەژدادىمىز، ژۇت چوڭلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن 6—7 ئەسىر مۇقەددەم دەپىن قىلىنغان ئابدۇلەزىز قەشقەرىينىڭ گۈمبىزى يېنىدا ئۇچرىشىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. تېلېفون ئارقىلىق خەۋەر قىلغانلارنىڭ كۆپچىلىگى كېلەلمىسىمۇ، ئۇ كۈنى مەمەدەلى تۇرسۇنباېۋ، مەدەزىم تۇرغۇنباېۋ، تاشپولات ئەكىباېۋ، ئارسلان باب قاسىموۋ، بۇۋايدەم ئەكىباېۋا بىلەن ئۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدۇك. ئۇلار «بارمۇسىلەر، قېرىنداشلىرىم!» دەپ بىزنى باغرىگا بېسىپ، خېلىغىچە قويۇپ بەرمىدى. شۇ ئارىلىقتا تاشپولات ئاكىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئارسلان ئاكا سوزاق يېزىسىنىڭ ھاكىمى رىسباي ئابدىرامانوۋ بىلەن سوزاق ناھىيەلىك مەسلىھەتنىڭ دېپۇتاتى سابىرخان تاڭاتوۋنى باشلاپ كەپتۇ.
ئابدۇلەزىز قەشقەرىينىڭ روھىغا ئاتاپ قۇر»ئان تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن، بىز تەۋەگە كەلگەن مەخسەت-مۇددىامىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىگى، ھايات-تەرىزى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش ئېكەنلىگىنى ئېيتىپ، قوللىرىغا ئۆزىمىز بىلەن ئېلىۋالغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنى تۇتقۇزدۇق. يېزا ھاكىمىغا گېزىتنىڭ 50 ژىللىق تەۋەللۇدىغا چىقىرىلغان مەخسۇس سانى تەككەن ئېكەن. ئۇ گېزىتىمىز سەھىپىسىدە بېسىلغان ماقالىلار بىلەن تەبرىكلەرنى ھېچ دۇدۇقلىماي، راۋان ھەم ئۇنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى. «ئۇيغۇرچىنى ھېچ قىينالماي ئوقۇيدېكەنسىز»، دېگەن سوالىمىزغا ئۇ: «ئەگەردە مالاللىق كۆرمىسەڭلار، مېنى ئانا تىلىڭلاردىكى گېزىتقا مۇشتىرى قىلىپ قويۇڭلار. ئاللا نېسىپ قىلسا، كېلەر ژىلى بۇ تەۋەگە يەنە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالساڭلار، ئالدىڭلارغا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ چىقىمەنمۇ تېخى»، دەپ چاقچاق قىلدى.
— ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گېزىتىنى مەنمۇ ئوقۇپ كۆرەي، — دەپ ئاق نىيىتىنى بىلدۈردى ناھىيەلىك مەسلىھەتنىڭ دېپۇتاتى.
بىز ئۆز نوۋىتىدە گېزىتىمىز ھەم مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جان كۆيەرى ۋاققاس ئاكا مەمەدىنوۋنىڭ سوزاقتىكى 15 ئۇيغۇر ئاىلىسىنىڭ 2008-ژىلغا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىغا مۇشتىرى بولۇشى ئۈچۈن ھامىيلىق قىلغانلىغىنى، دېمەك، كېلەر ژىلدىن سوزاقتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ 50 ژىلدىن ئوشۇق ۋاقىتتىن بېرى ئانا تىلىمىزدا يورۇق كۆرۈۋاتقان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنى ژىل داۋامىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدىغانلىغىنى ئېيتتۇق. ئاندىن ئۆتكەن ئايدا بۇ تەۋەگە كېلىپ كەتكەن ۋاققاس مەمەدىنوۋنىڭ دىنىي ئۆلۈما ئابدۇلەزىز قەشقەرىينىڭ گۈمبىزىنىڭ ئۆپ-چۆرىسىنى قورشىمىسا. ئەژدادىمىز ياتقان توپراقنى مال چەيلەيدىغانلىغىنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ نامىدىن ئەۋەتكەن ئامانىتىنى قازانچى ئەۋلىيانىڭ گۈمبىزىنى كۈتۈمگە ئېلىشنى ئۆز ھۆددىسىگە ئالغان تاشپولات ئاكىغا تۇپشۇردۇق.
— «بىرلىشىپ كۆتەرگەن ژۈك يېنىك»، دەيدۇ دانالار، — دەپ گەپكە ئارىلاشتى تاشپولات ئاكا ھاياجانلىنىپ. — بىزنى ئىزدەپ كېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى، ژىراقتا ژۈرسەڭلارمۇ كۆڭلىمىز يېقىنلىغىنىڭ بەلگۈسى. بوۋىمىز ياتقان جاينىڭ ئەتراپىنى قورشاشقا كېتىدىغان بارلىق چىقىمنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ۋاققاس ئاكىغا دەسلەپ ئاللا، ئاندىن ئەۋلىيالار روھى مەدەت بولغاي.
سۆھبىتىمىز جەرىيانىدا بىز ئابلۇلەزىز قەشقەرىي ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئالماقچى بولىۋېدۇق. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ توغرىلىق مەلۇماتلار ئىنتايىن ئاز ئېكەن. يەرلىك ئاھالىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇلەزىز قەشقەرىي ئەمىر تۆمۈر دەۋرىدە (14 ئەسىر) ياشاپ ئۆتكەن دىنىي زات. ئۇ ژۇقۇرى دەرىژىدە دىنىي ساۋاتقا ئېگە بولۇشى بىلەن بىللە، ھۈنەرۋەن سۈپىتىدىمۇ داڭقى چىققان كۆرنەكلىك شەخس، ئېنىغىراغى، قازان ياساشنىڭ ئۇستىسى بولغان دېيىشىدۇ.
ئەمىر تۆمۈر نوۋەتتىكى ژۈرۈشكە ئاتلانغاندا، ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى تاماقلاندۇرۇش ئۈچۈن سان-ساناقسىز قازان ئېسىشقا توغرا كېلىدىغانلىغىنى، كېچىسى كۆيۈۋاتقان ئوتنى، كېچىسى چىقىۋاتقان ئىسنى دۈشمەن تىڭچىلىرى ئوڭايلا بايقاپ قالىدىغانلىغىنى ئېيتىپ، نۆكەرلىرىگە بۇنىڭ بىر ئامالىنى تېپىشنى بۇيرۇپتۇ. باشقىلار قاتارىدا ژىراق-يېقىنغا داڭقى چىققان ئۇستا ئابلۇلەزىز قەشقەرىيگە بىر تاينىڭ گۆشى پاتىدىغان قازان ياساش تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇستا بىر مەزگىلدە تۆرت مىڭ ئادەمگە تاماق تەييارلاشقا بولىدىغان، چۆرىسىدە تۆرت قوڭغۇرىغى بار قازان ياساپتۇ. پەم بىلەن ياسالغان قازاننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەمىر تۆمۈر «يارايسەن، كازانچى ئۇستا!» دەپ ماختاپ، خەلقى ئالەم ئالدىدا ئۇنى مۇكاپاتلىغان ئېكەن. «قازانچى» دېگەن ناممۇ ئەينە شۇنىڭدىن قالغان بولۇپ، بارا-بارا ئۇ ئابدۇلەزىزگە لەقەم سۈپىتىدە سىڭىشىپ كەتكەن.
شۇ نەرسىنى ئالاھىدە قەيت قىلماقچىمىزكى، ئېغىز يۈزىدە ساقلىنىۋاتقان بۇ مەلۇماتلارنى تارىخىي فاكت سۈپىتىدە كۆرسىتىش نىيىتىدە ئەمەسمىز. ئامما ئۆز دەۋرىنىڭ يارقىن نامايەندىسى، تارىخىي شەخسنىڭ ھايات يولىنى تەتقىق قىلىش تارىخچى ئالىملىرىمىزنىڭ دىققەت-نەزەرىدىن سىرت قالمايدىغانلىغىغا ئۈمۈت قىلىمىز. چۈنكى ھەر بىر خەلىق ئۆزىنىڭ كۆرنەكلىك ئەژداتلىرىنى بىلىشى لازىم.
زامانىسىدا سوزاقتىن چىققان ۋە بۇ تەۋەگە كېلىپ ئورۇنلاشقان دىنىي ئۆلۈمالار مېچىت-مەدرىسىلەرنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىغا زەمىن ياراتقان. كېڭەش ھاكىمىيىتى ئورنىغىچە بۇ تەۋەدە ژىگىرمىگە يېقىن مېچىت ۋە مەدرىسىلەر پاالىيەت ژۈرگۈزگەن. يېڭى تۈزۈم ئورنىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىنىپتۇ. شۇلارنىڭ قاتارىدا شايھى ئەخمەت مېچىتىنىمۇ بۇزماقچى بولىدۇ. شۇ مەخسەتتە سىرتتىن ئۇستىلارنى چاقىرىدۇ. ئىشاننىڭ مۇردىسى قويۇلغان جايغا سەھنە ياسىماقچى بولىدۇ. ئامما مېچىتنى بۇزۇۋاتقان ئۇستىلارنىڭ بىرى تۇيۇقسىز ژىقىلىپ چۈشۈپ، پۇتىنى سۇندۇرۇۋالىدۇ. مانا شۇنىڭدىن كېيىن مېچىتنى بۇزۇشقا كەلگەن ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشتىن باش تارتىدۇ. ئەندى ئۇنىڭغا يېزىغا مەكتەپ سېلىش ئۈچۈن كەلگەن رۇسلار جەلىپ قىلىنىدۇ. بوۋىلىرىنىڭ قەبرىنى ئاياق-ئاستى قىلغۇسى كەلمىگەن ئىشاننىڭ ئەۋلاتلىرى يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن بىر كېچىدە شايھى ئەخمەت ئىشاننىڭ قەبرىنى ئېچىپ، مۇردىنى تاققا ئاپىرىپ دەپىن قىلىدۇ. مانا شۇنىڭدىن كېيىنلا مېچىت بىردە كلۇب، بىردە ئاشلىق ئامبىرى سۈپىتىدە پايدىلىنىلىدۇ. قازاقستان ئۆز مۇستەقىللىگىگە ئېگە بولغاندىن كېيىن مېچىت قايتىدىن مۇسۇلمان ئەھلىگە ئۆز ئىشىگىنى ئاچىدۇ.
1930-ژىلى سوزاك يېزىسىدا يۈز بەرگەن «كووپېراتىۋلار ژەمىيىتىنى قۇرۇش» چارە-تەدبىرلىرى كۆپچىلىكنى تۇيۇققا تىرەيدۇ. ئاچارچىلىق قانات يايىدۇ. ھەر خىل ژۇقۇملۇق كېسەللەر كەڭ تارىلىدۇ. يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر كۆپچىلىك نارازىلىغىنى قوزغايدۇ. ئۇمۇمخەلىق نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي سەۋەۋى، ئەسىرلەر بويى شەكىللەڭەن تۇرمۇش-تەرىزىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، ئوتتۇرا ھاللىقلار بىلەن كەمبەغەللەرنى كۇلاكلار سۈپىتىدە يوقىتىشقا قارشىلىق قىلدى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەرەپلىرىدە ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنسىزلىقلىرىنى ئەيىپلەش بىلەن بىللە دىنىي خاھىشلارمۇ ئىزھار قىلىنىدۇ. قوللىرىغا ئاق بايراق تۇتقان، بېشىغا ئاق بۆك كىيگەن، بىلەكلىرىگە ئاق ماتا باغلاۋالغان قوزغىلاڭچىلار «ئاللاھۇ» دەپ شىار كۆتىرىپ، غازاتقا چىقكان. شۇڭلاشقا سوزاكتا يۈز بەرگەن بۇ ۋاقىە «ئاللاھۇ قوزغىلىڭى» دەپ نام ئالغان ئېكەن. ئىسىيان باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئاممىۋىي تەقىپلەشلەر باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىە يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى ژامخان بولۇسنىڭ كۆتىرىلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن تارىخىمىزدىكى قانلىق سەھىپىلەرنىڭ بىرى «ئاتۇ» پاجىەسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. تەقىپلەشلەر دەۋرىدە ژۈرەك ئالدى بولغان يېزا تۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىدە بار نۇرغۇن كىتاپلارنى قۇم بارخانلىرىدا كۆمۈۋەتكەن. موللا، ئىماملار بىلەن بىللە، ئېغىزىدا ئىلىمى بار كىشىلەرمۇ ئانا ژۇتىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.
— شۇ كۈنلەردە ئات-ئېشەكلەر قېتىلغان ھارۋۇلارنىڭ تاراق-تۇرۇغى تاڭ ئاتقىچە بېسىلماتتى، — دەپ ئەسلەيدۇ 85 ياشلىق بۇۋايدەم ئانا.
ئەتىسى پەقەت شاماللا ئىشىگىنى غىچىلدىتىپ ئېچىپ-يېپىۋاتقان ئۆيلەرنىڭ يېنىغا كەلگەن گۆدەك بۇۋايدەمنىڭ ئالدىغا ئېگىسىنى كىنىگەن ئىشتلار ژۇگرىشىپ چىقاتتى. ژۇتتا ئەنسىزچىلىك باشلانغان ئېدى. ئېگىسىز ئاچ قالغان ئىشتلارنىڭ قاۋاشلىرىغا دالادىكى بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى قوشۇلۇپ كېتەتتى. بۇۋايدەمنىڭ ئون ياش ۋاقتى. تۇيۇقسىز چىققان بوران بارا-بارا كۈچىيىپ، قۇم-توپىنى ئاسمانغا كۆتەرگەچكە، بىر نەچچە قەدەم ئارىلىقتىكى نەرسىنى ئىلغا-پەرىق قىلغىلى بولماتتى. دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرگان ئانىسى «يا-ئاللا، بۇ نېمىدۇ؟!» دەپ ئىچىدە بىر نېمىلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى. بۇۋايدەم تالاغا قارىۋېدى، سان-ساناقسىز ۋاراقلارنىڭ ئۇچۇپ ژۈرگىنىنى كۆردى. بوران كۆمۈكتىكى كىتاپلارنىڭ ۋاراقلىرىنى كۆككە كۆتىرىپ چىقىپتۇ. كۆمۈلگەن كىتاپلار ئارىسىدا بېباھا مەنبە ھېساپلىنىدىغان قول يازمىلارنىڭمۇ بولۇشى ئېھتىمالدىن ژىراق ئەمەس. دەۋىر بورانلىرى شۇ قىممەتلىك مەنبەلەرنىڭ سەھىپىلىرىنى نەلەرگە ئۇچارتىپ كەتتى، دېسىڭىزچۇ؟!
تەغدىرنىڭ جۇدۇن-چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ساقلىنىپ قالغان بەزى بىر كىتاپ بەتلىرى ئابدۇلەزىز قەشقەرىينىڭ گۈمبىزىنىڭ يېنىدىن تېپىلىپتۇ. ژىللار يۈزىنى سارغايتقان سىرلىق ۋاراقلار سالافان خالتىغا سېلىنىپ، گۈمبەزنىڭ ئىچىدە ئېسىقلىق تۇرىدۇ. بۇ بەتلەر تېپىلغان پەيتتە كۆرگەنلەر ئۇلارنى قۇر»ئان كەرىمنىڭ سارغايغان بەتلىرى ئېكەنلىگىنى ئېيتقان. لېكىن قايسى ژىلى قەيەردە نەشىر قىلىنغان كىتاپنىڭ بەتلىرى ئېكەنلىگىنى، بۇ يەرگە كىمنىڭ كۆمگەنلىگىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ.
خۇللەس، دەۋىر بورانلىرى ئۇچارتالمىغان بۇ سىرلىق ۋاراقلارنىڭ سەھىپىلىرىگە يېزىلمىغان تارىخ ھەققانىيىتى ھامان ئۆز ئۈزىنى كۆرسىتىدىغانلىغىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

تارتىدۇ ئۆزىگە تونۇشلا پۇراق

قازانچى ئەۋلىيا بوۋىمىزنىڭ قەبرى بېشىدىكى قىزغىن سۆھبەتتىن كېيىن تاشپولات ئاكا «پۇغانىمىز قانغىچە مۇڭدىشايلى»، دەپ ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. دەستىخان ئەتراپىدا مەمەدەلى، مەدەزىم، ئارسلان، تاشپولات ئاكىلار ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتىرىمىز. جەنۇپنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىگە تولغان جوزىنىڭ يېنىدا يوغان ساموۋار تۇرىدۇ. دەسلەپ چەينەكلەردە چاي كەلتۈرۈلدى. بىز ئۇلارغا «ئەتكەن چاي ئىچەمسىلەر» دەپ مۇراجىەت قىلىۋېدۇق، ھەممىسى «ئۇ نېمە؟» دېگەندەك سوال نەزەرىدە بىزگە باقتى. ئەتكەن چاينىڭ قانداق تەييارلىنىدىغانلىغى توغرىلىق تەپسىلىي ئېيتىپ بېرىشكە توغرا كەلدى.
— ھە، بىزدە (سوزاقتا دېمەكچى) ئۇنى «شىل» چاي دەيدۇ. ئۇنى ياش تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ماغدىر كىرسۇن دەپ ئىچكۈزىدۇ، — دەپ گەپكە ئارىلاشتى باياتىن پايپېتەك بولۇپ ژۈرگەن تاشپولات ئاكىنىڭ رەپىقىسى خەيرىيە ھەدە. — لەڭمەن قىلساققۇ، ياخشى بولاتتى، لېكىن بۇ يەردە ھېچ قايسىمىز ئۇيغۇرنىڭ لەڭمىنىنى قاملاشتۇرالمايمىز، — دېدى ئۇ خىجالەت بولۇپ.
«ئاۋال تاام — ئاندىن كەلام» دېگەندەك، دەستىخانغا دۇگا ئوقۇلغاندىن كېيىن، قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتتۇق. ژۇت مۆتىۋەرى مەدەزىم ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، سوزاقتا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان قىرىققا يېقىن ئۇيغۇر ئاىلىسىنىڭ تېگى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئۆزلىرىنى غوجىلار ئەۋلادى ھېساپلايدېكەن.
— ئەگەر، سوزاق — ئۇلۇك ئىپەك يولى بويىغا ئورۇنلاشقان سودا-سېتىق قاينىغان قېدىمىي شەھەر بولغانلىغىنى نەزەردە تۇتساق، بۇ تەۋەگە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن بىللە، دىننى تەرغىپ قىلىپ، سوپىلىق يولىدا كېلىپ قالغانلىغىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ، — دېدى مەمەدەلى ئاكا سۆھبەت ئارا.
ئارسلان ئاكا ئارىلاپ-ئارىلاپ «بىز ئاپپاق غوژىلار (ئاپپاق غوژىنىڭ ئەۋلادى دېمەكچى)»، دەپ گەپكە ئارىلىشىپ قويىدۇ. موشۇ يەردە بىز «ئىشقىيە»، «ئىسھاقىيە» مەزھەپلىرى بويىچە بىر مىللەتنى ئىككىگە بۆلۈپ، تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئاداۋەت تىكىنىنى ئۈندۈرگەن، قانلىق قىرغىنلارنى ئۇيۇشتۇرغان غوجىلار توغرىلىق ۋە مىللەت بىرلىگىنى يوقىتىش ئارقىلىق 17 ئەسىردە خەلقىمىزنى مانژۇرلارغا مۇستەملىكە قىلىپ بەرگەن ئاپپاق غوجا ھەققىدە ئېيتىپ بەرمەكچىمۇ بولدۇق. ئامما تارىختىن بېخەۋەر ئاق كۆڭۈل، ساددە ئاكىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقۇمىز كەلمىدى. شۇندىمۇ سىلىقداپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىجتىماىي كېلىپ چىقىشىدىن قەت»ئىي نەزەر، قان تومۇرلىرىمىزدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئاقىدېكەن، بىز ھامان شۇ مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ قالىدىغانلىغىمىزنى ھەم ئۆز ۋاقتىدا «تارانچى»، «قەشقەرلىك» دەپ مىللىتىمىزنى بىر نەچچىگە بۆلۈشكە تىرىشقان كۈچلەرگە قارشى كۈرەشكەن خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى ئابدۇللا روزىباقىېۋ ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەردۇق.
تاشپولات ئاكا بىر پەيتتە راۋاۋىنى كۆتىرىپ كىرىپ، «مەن داڭلىق ئىز كەسكۈچى پاچاق باتۇرنىڭ ئەۋلادى ئېكەنلىگىمدىن سىلەر خەۋەردار. بوۋىمىز ئوخشاش باتۇرلىغىمىز بىلەن كۆزگە چۈشمىسەكمۇ، ناخشا-سازىم بىلەن ژۇتداشلىرىمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ كەلدىم’، دەپ ناخشا باشلىدى.
مەدەزىم ئاكىغا دوختۇرلار كۆپ ھەرىكەت قىلىشنى مەن»ئىي قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ھاياجانلانغانلىغىدىن ئۇسسۇلغا چۈشتى. نەغمە-ناۋادىن كېيىن بىز ئۇلارگا «سىلەر ئۆز ئارا قايسى تىلدا سۆزلىشىلەر، ئۆزبەكچىمۇ، يە قازاقچىمۇ» دېگەن سوالنى قويدۇق. چۈنكى ئۇلارنىڭ جانلىق تىلى يە تازا قازاقچىغا، يە تازا ئۆزبەكچىگە ئوخشىماتتى.
— بىز ئاساسەن سوزاق شېۋىسىدە سۆزلىشىمىز، بالام، — كۈلۈمسىرىدى كام سۆزلۈك مەمەدەلى ئاكا سوالىمىزگا جاۋاۋەن. گەپكە باياتىن خىيال سۈرۈپ ئولتارغان تاشپولات ئاكا ئارىلاشتى.
— سوزاقتىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلىدا سۆزلەشمىسىمۇ، «بىز — قازاقستان ئۇيگۇرلىرى» تېلېكۆرسىتىشىنى ئۇزلۈكسىز كۆرۈپ تۇرىمىز، — دېدى گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ. — قازاقستان خەلىق ئارتىستى مۇرات ئەخمەدىنىڭ قازاقستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى مەجلىسىنىڭ دېپۇتاتى بولۇپ سايلانغانلىغىنى ئاڭلاپ، بېشىمىز كۆككە يەتتى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن كىچىگىمدىن تونۇش. مۇراتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چۈشىرىلگەن «ئاتىلار زىمىنى» فىلئمىنى بالا ۋاقىتلىرىمىزدا بىر نەچچە قېتىم كۆرگەنمەن. ئەندى ئۇنىڭ قىزى دىلناز ئەخمەدىېۋانىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقىنىنى كۆرسەك، بارلىق تىرىكچىلىگىمىزنى تاشلاپ قويۇپ، ئاىلىمىز بىلەن تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن كەتمەيمىز…
خۇللەس، سوزاقتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە لەڭمەننىڭ پۇرىگى بىلەن ئەتكەن چاينىڭ ھىدى سېزىلمەيدۇ. ئامما بۇ قۇتلۇق ئۆيدە قانداقتۇ-بىر تونۇشلا پۇراقنىڭ بارلىغى بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ قانداق پۇراق؟ ئىز-تىزسىز ژۈتمەي، زەرىسى -توزىڭى بولسىمۇ، بۇ تەۋەدە ساقلىنىپ قالغان مىللىي پۇراق…

ئۆچمىگەي ئەۋلاتلار قولىدىكى چىراقلار

ئۇمۇمەن، سوزاقلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ژۇتداشلىرى، ئەل-ئاغىنىلىرى ئالدىدا ئابرويلۇق ياشاۋېتىپتۇ. ئەڭ ئەۋزىلى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېكەنلىگىنى تىلىدا بولمىسىمۇ، دىلىدا ساقلاپ قالغان. بىز تاشپولات ئاكىنىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى خۇسنىدىندىن «مىللىتىڭ كىم» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ ھېچ ئويلانماستىنلا «ئۇيغۇر» دەپ جاۋاپ بەردى. قەلبىدىن چىققان بۇ سۆز تاشپولات ئەۋلادىنىڭ كىم ئېكەنلىگىدىن دېرەك بەرسە كېرەك. ئىلاھىم، دۇنىيانىڭ بارچە نۇقتىلىرىدا تېرىقتەك چېچىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز پەرزەنتلىرىنىڭ شۇ تازا قەلبلىرىگە ئۆزىنىڭ باي تارىخى، ئۆتمۈشى بىلەن تونۇلغان خەلقىمىزنىڭ نامى چوڭقۇرىراق ئورناپ، ئاتىلىرى ياققان چىراق ئۆچۈپ قالمىسېكەن.
يىلتىزىلا قۇرمىغان دەرەق ھاۋا رايىنىڭ قەغىشلىگىگە قارىماي، ھەر باھاردا كۆكلىگىنى كۆكلىگەن. شۇنىڭ ئوخشاش مىراسخورلۇق كۆرۈگى بۇزۇلمىغان، ۋارىسلىق ژىپى ئۈزۈلمىگەن مىللەت ئەتىكى كۈڭە دادىل قەدەم تاشلايدۇ. ھە، بىزنىڭ سەپىرىمىز سوزاقتىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق تەسىرات قالدۇردى. ھازىرچە ئۇ تەرىپى بىزگە نامەلۇم، ھەر ھالدا، ئۇلار بىزنى ئۇزاتقاچ، «بىزنى ئىزدەپ كەلگىنىڭلارغا كۆپ رەخمەت. بىراق ئەندى بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭلار»، دېگەن سۆزلەرنى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىدى. ئانا تىلىنىڭ قوللىنىش داىرىسى يوق مۇھىتتا تەربىيىلەڭەن قانداشلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان كىتاپ، گېزىت ۋە ژۇرناللارنى، كونسېرت ۋە كىنوفىلئملارنىڭ دىسكىلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشىمىزنىمۇ ئىلتىماس قىلدى. چۈنكى ئانا تىلىمىزدا ئاز بولسىمۇ چىقىۋاتقان مىللىي نەشىر-ئەپكارلىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ تامامەن خەۋىرى يوق. مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلىرىمىزدىن دۇتار بىلەن تەمبىر پەقەت بىز بىلەن دىدارلىشىش نېسىپ بولمىغان نۇرپولات ئاكىنىڭ ئۆيىدىلا بار ئېكەن (ئۇ كىشى بالىلىرى بىلەن تاشكەنت شەھىرىگە كېتىپ قاپتۇ). قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي روھىنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىغى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەر بىرىمىز ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز كېرەكمېكىن. ئاللا بۇيرىسا، 2008-ژىلدىن باشلاپ سوزاقلىق 15 ئۇيغۇر ئاىلىسى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنى ئېلىشقا باشلايدۇ. دېمەك، بىر ژىل ماباينىدا گېزىتىمىزنىڭ نامىلا ئۇلارنىڭ كىم ئېكەنلىگىنى ئەسكە سېلىپ تۇرىدۇ، دېگەن سۆز.


سەپىرىمىزنىڭ بەشىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە سوزاقتىن چىمكەنتكە قاراپ يولغا چىقتۇق. بىزنى قارادالانىڭ قاراڭغۇلۇغى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، ئەندىلا يېنىشقا باشلىغان يېزىنىڭ چىراقلىرى بىزدىن ئاستا-ئاستا ژىراقلاشتى. ئىلاھىم، ئەشۇ ئاتىلار ياققان چىراق، ئەۋلاتلار قەلبىدە ئۆچۈپ قالمىغاي…

ئازنات تالىپوۋ
شەمشىدىن ئايۇپوۋ .
2007-ژىل.