Абдуреһим Өткүр

ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس

ھىدايەتنامە

ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىن ماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى,

تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنە يەنە جانلىق پاساھەتنى,

دىلىم ئىستەيتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.

سۆزۇمنىڭ باشى بىسىمىللاھ بۇ مۆمىنلىك ۋەزىپەمدۇر,

قۇرۇق, تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل, ئەقىدەمدۇر,

بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر.

تىلەيمەن رەببىم ئاللا دىن قۇلۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەتنى,

تەەجۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن.

ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن.

ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن,

شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۇڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن.

ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ, ماڭا بۇ بەختۇ – ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆىمىندىن ئۈتۇپ ئەللىكتە سەككىز يىل,

نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل,

جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە,

نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.

ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە,

ئۆمۈرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى,

ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى.

مۇيەسسەر قىلسا مەقسىتىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى,

ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى.

ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى.

سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە.

نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە,

ئۈمىدىم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە.

جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە.

 – ساسد, 

ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۈمىدىمگە يەنە جىقراق.

ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشاقەتنى.

پىكىر دەرياسىگە قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن,

كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى, تارقىدى ئەپسۇن.

ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن,

ۋە لېكىن جان كىتابىگە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن.

يېقىن كەلتۇرمە ئى رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى.

ئادەمزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە,

ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە.

ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ – ھىكمەتنى.

كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونار ئۆز زاتىنى خوپراق.

مىسال: قارىغۇ نىچۇك بىلسۇن, قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق,

بىلۇر ئەمما گۆدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نېچۈك ياپراق.

– پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل – دانىش,

ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش.

بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش,

ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش.

ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى.

مىسال: بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپباق,

ئانا قارنىدا بۇ جايغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق.

تۇغۇلماق ساىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق,

بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق.

شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى – پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن,

ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن.

لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نېچۈك مۇمكىن.

ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى.

نېمىشقا ئاياغ ئىككى, كۆز ئىككى, ئېغىز بىردۇر,

يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر.

قېنى ئېيتىڭچۇ? بۇ سىرغا نېچۈك سۆز توغرا تەبىر دۇر.

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن,

تۇغۇلماق سوڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن.

 – دەۋراندىن, 

ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى.

ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنە.

ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا,

دېيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا.

دېمەك مۆمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

قۇياش, ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساما سەيىر ئېتىپ ھەر كۈن,

مۇەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئىتەر ھەر كۈن.

بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەب بىر مۇنتىزىم قانۇن,

بۇ چەكسىز كاىنات تاپمىش ئاشۇ خىلدا تولا مەزمۇن.

يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەڭەنچە بۇھالەتنى.

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىەتتۇر,

بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر,

شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر, زۇمرەتلەر – زۇمرەتتۇر.

تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل – جاھالەتنى.

مىسال: پەن – ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھېكمەت دۇكانىنى,

يەنە ھەم ئاشقۇسى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى,

لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى.

ياسالماس ھەر نېچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى.

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان,

تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان.

ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققىي قىلسىمۇ دەۋران,

دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى.

تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا.

ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بولۇپ قالسىدى ئىنسانغا,

زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا.

ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر,

بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە, ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر.

كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھىكمەتلەر ئەھيادۇر,

ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز – يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان

ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان.

خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى

«سۈرە رەھمان».

كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە

«ما تۇكەززىبان».

قۇلۇپلۇق بۇلمىسا قەلبىڭ قوبۇل ئەيلەر بۇ نېمەتنى.

نىمىكى دېسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر.

ئۇنىڭ تەرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىب, شاىر.

نېسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى.

ئۆتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر – بىر,

بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەنەن بولمىغاي تەغيىر.

بىراۋلار قەسىت بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر,

لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ, بىرەر ساكىن ياكى زىر.

چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە – كارامەتنى

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات,

ئوقۇپ بىر كۈن

(ئىقرە بىسمى رەببىكەللەزى) نى ھايھات.

نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات.

نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى.

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇ تارىخنى ئەجەب بىر ئەسرى ھىكمەتتۇر,

مۇبارەك تەرجىمەھالى تامامى پەزلى – خىسلەتتۇر.

بۇ زاتنىڭ ئىسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەەەەددۇر.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىڭ ھالىنى ئەسلەڭ,

جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ.

زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ,

مىسال: بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ.

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلەام دېيىشتى بىر زامان ھۆكمەن,

ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان.

ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان,

نېمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنچى بىر قۇرئان.

نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى.

بىراۋلار قىلدىلەر دەۋا, نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا,

تېپىپ مىڭ ھېلە – نەيرەڭلەر, ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.

يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر, ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غوۋغا.

جاھاندىن كەتتىلەر لېكىن, بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.

تاپالماس چۈنكى باتىللىق, ھەقىقىي شانۇ – شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىىى ج ج ئۇ ئۇ ە ە ە ە ە ە ە ە ە ە ە,

ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق, قاناەتتە,

ئەگەرچە ياق دېسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە.

ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل, مەردانە پىكرەتنى.