ئىندىيا تاسىراتلىرى

ئىندىيا تاسىراتلىر

ئالىمژان تىلىۋالدى. قازاقستان پەنلەر ئاكادېمىياسى م. ئاۇېزوۋ نامىدىكى ئىنستۇتىتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ دوكتورى.

تۆھپىلەرگە تولغان تارىخ

تەرەققىياتقا يۈزلەڭەن دېھلى

2011 ژىلى ئىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپنامىسىگە بېناەن ئىلمىي سەپەرگە ئاتلاندىم. خوشاللىغىمغا ئورتاق، ھەمنەپەس، سىرداش، سەپەرداش بولغىدەك ئىنسان يوق. قازاقستانغا ۋاكالەتەن بىردىن بىر ۋەكىل سۈپىتىدە كېتىپ بارغىنىمنى ئاڭلاپ، ئېچىندىم. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس» دېگەندەك، مۇنداق چوڭ مەراسىمدا يېڭى تەۋسىيە-تەكلىپلەرنى بېرىش ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆز ئېلىڭ ئۈچۈن  ژاۋاپكەرلىك ژۈكلەڭەنلىگىنى  ئويلىساڭ، خىياللىرىڭنىڭ باش-ئۇچىنى تاپالمايدېكەنسەن.  ئەيتەۋىر، ھەر خىل ھىسسىياتلار مېنى چۇلغاۋالغانلىغىنى سېزىۋاتىمەن.  راست، بۇ دۆلەتتە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى ژارىي قىلىنغانلىقتىن، ئېيتىلغان پىكىرگە ناھايىتى چوڭ ھۆرمەت بار ئېكەنلىگىنى بىلىمەن. بۇ ھەر قانداق ئادەمگە روھىي مەدەت. شۇڭلاشقا چەت ئەللىكلەر بۇ دۆلەتتە ئەركىن ژۈرىۋېرىدۇ. خەيرىيات،  دېھلى شەھىرىنىڭ ئاېروپورتىدا مېنى ئۈچ كىشى  قارشى ئالدى. بۇنىڭدىن ئون  بەش ژىل بۇرۇن ئىندىستانغا بارغان ئېدىم.   بۇ ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپتۇ. بىرىنچىدىن، مېنى ئاېروپورتقا ئالاھىدە بۆلۈڭەن يەر مەيدانى ھەيران قالدۇردى. ئۇ چوڭ بىر شەھەرگە ئايلىنىپ كېتىپتۇ. ئۇ كۆپلىگەن شەھەرلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ تۇرغاندەك.  ئىككىنچىدىن، يول-قاتناش سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ھەيران قالارلىق. بۇرۇن سىزىلىپ، چېقىلىپ، تۈرىدىن كەتكەن ماشىنىلار قېدىمىي گۆزەل دېھلىنىڭ سۆلىتىدىكى چوقۇرلارنى ئەسلىتەتتى. ماشىنىلار بىر بىرى بىلەن ئۇرۇلغان تەغدىردە، شوفېرلار ئۆز ئارا ۋاقىرىشىپ-ژاقىرىشىپلا كېتىپ قالاتتى. گاى ۋە ژەرىمان دېگەن نەرسە يوق! ئۈچىنچىدىن، بۈگۈنكى دېھلى بۇرۇنقى مەينەتچىلىكتىن بارا قۇتۇلۇۋاتقەندەك. بۇرۇن شەھەر مەركىزىدىن باشقا ھەممە يەرلەر ئەخلەت-چىۋىنلارغا تولغان ئېدى. ئىندىيانىڭ مىللىي ترانسپورتى- رىكشىنىڭ ئورنىنى ئىنوماركىلار بېسىۋېتىپتۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەردىكى ھەيۋەتلىك مېھمانىخانىلار، رەسمىي مەھكىمىلەر، بانك ئىمارەتلىرى سەما بىلەن  تەكەببۇرلۇقنى ئوچۇق تالىشىۋاتقانلىغىنى بايقايسىز. چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتىۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق «لالىت»  مېھمانىخانىسىمۇ، ئۇلاردىن قېلىشمايدىكەن. ئۇنىڭ بىرىنچى، تۆرتىنچى ھەم يەتتىنچى قەۋىتىدە چۆمۈلۈش باسسېينلىرى بار بولۇپ، ھەر خىل دۆلەتلەردىن ئەنژۇمانغا كەلگەن بىر يارىم مىڭ يېقىن دېلېگاتنىڭ كۆڭلىدىن خۇش چىقىش ئۈچۈن تەييار تۇرۇپتۇ.  ئۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيلەردىن بۆلەك، ئالاھىدە نازارەت تېخنىكىسىمۇ بار ئېكەن. بۇ بۈگۈنكى ئىنسانلارغا  بولغان ئىشەنچىنىڭ قالمايۋاتقانلىغىدىن ئىشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ.  ئامما مېھمانخانا ئىچى رەڭگارەڭ. ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرى ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىم كېچەكلىرىنى كىيىپ ژۈرىدۇ، ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىپ ماختىنىۋاتقاندەك. مەنمۇ مەزكۈر خەلىق ئارا فورۇم ۋە ئۇنىڭ ئاساسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان  خەلىقارا ئەنژۇمانلار تاماملانغىچە  بېشىمغا رەڭلىك قەشقەر دوپىسىنى مەغرۇرانە كىيىپ، ئىش-چارىلەر تاماملانغىچە ئايرىلمىدىم.
بىر ھەپتىگە سوزۇلغان ئەنژۇمان
2011 ژىلى 25-دېكابر كۈنى  دېھلى  شەھىرىدە  سامبودخىپراپتى  گاۇتاما ساكىيامۇنىنىڭ (بۇددا) 2600  تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان خەلىقارا فورۇم رەسمىي داغدۇغىلىق  ئېچىلدى. ئۇنىڭغا يەتتە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئېگىدارچىلىق (پاتروناژلىق) قىلغان ئېكەن.  ئۇلار  تاىلاندىنىڭ پادىشاسى- پاترىارخى  نۇانسامۋارا سانشگاراياژا، شرى لانكىنىڭ پرېمئېر- مىنىسترى  د.م. ژاياراتنې، ئۇلۇق برىتانىيانىڭ  پرېمئېر مىنىسترىنىڭ ئورۇنباسارى  لۇونچېن ژىگمې يوسېر تھىنلېي،  مونغولىيانىڭ پرېمئېر مىنىسترى  سۇكباتاار باتبولت، ئىندىيانىڭ  مەدەنىيەت مىنىسترى كاران سىڭخ ۋە بىر تۈركۈم دۆلەت ھەم ژەمىيەت ئەرباپلىرى. فورۇمدا كۆپلىگەن  دىنىي  ئېقىملارنىڭ، شۇ ژۈملىدىن، بۇددىزم، ئىسلام، خرىستىان،  ئىندۇىزم ۋە باشقا كونفېسسىيالەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتراك قىلىپ، دۇنىيانىڭ تېچلىق يولىدا تەرەققىيات  قىلىشىنىڭ مۇھىملىغىنى ئىسپاتلاشقا كىرىشتى. ئەتىسى  فورۇمنىڭ ئاساسىدا خەلىقارا ئەنژۇمان  ئۆز پاالىيىتىنى رەسمىي باشلىدى. ئۇنىڭغا چەت ئەللەردىن كەلگەن 1500 ئارتۇق ئالىم-تەتقىقاتچىلار قاتناشتى.  ئەنژۇمان  «ئېتنوس ۋە مەنەۋىيات»، «مەدەنىيەتلەر ۋە توقۇنۇشلار»، «سەياسەت ۋە ژەمىيەت»، «ئىلىم  پەن ۋە تېخنولوگىيا»، «دۆلەتلەر ۋە ئىختىسادىي  كرىزىسلار»، «بۇددىزم ۋە دۆلەتنىڭ ساقلىنىش ھەم رىۋاژلىنىش ئاساسلىرى»، «تەررەققىيات ۋە ھەققانىيەت»، «روھىي چۈشكۈنلىك ۋە ئاڭلىق» ئوخشاش سەككىز يۆنىلىشتە ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇردى.  ھەيران قالارلىق يېرى، مەن تالاي خەلىقارا ئەنژۇمانلارغا قاتناشقان ئېدىم، ئامما مۇنداق دەرىژىدىكى ئەژايىپ چوڭ ئەنژۇماننى كۆرگەن ئەمەسمەن. بىر ھەپتىگە سوزۇلغان ئۇشبۇ ئەنژۇماندا  ئامېرىكا، ئۇلۇق برىتانىيا، ياپونىيا، ئېۋروپا، روسسىيا، كورېيا، باڭلادېش، خىتاي،  مالايزىيا كەبى نۇرغۇنلىغان مەملىكەتلەردىن كەلگەن  ئالىملار بۈگۈنكى زاماننىڭ ئاكتۇال مەسىلىلىرىگە ھەم  بۇددىزمغا يەنى باشقا دىنلارغا مەنسۈپ قېدىمىي  يادىكارلىقلارنى ئۈگىنىش ژەرىيانلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى. مەن  ئەۋېزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى نامىدىن «بۇرخان مۇھىتىدىكى  قېدىمىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ۋە «كى كى ئۇيغۇر بۇرخان شېىرىيىتىنىڭ پېشىۋاسى » ناملىق ئىككى ئىلمىي دوكلادىمنى ئالىملار دىققىتىگە ھاۋالە قىلدىم.  مۇنازىرە داۋامىدا كۆرنەكلىك يازغۇچى ئەخمەتژان ھاشىروۋنىڭ  ئۇيغۇر تېاترىدا قويۇلغان «ئىدىقۇت» دراما ئەسىرىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ  توختالدىم. راستىنى ئېيتقاندا،  ئەدىپنىڭ «ئىدىقۇت» ئەسەرى قېدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ 28 پەردىلىك «مايترىسمىت»   درامىسىنىڭ ۋارىسى.  دېمەك، بۇددىزم مۇھىتىغا ئاىت ئىككى دراما ئەسەرىنىڭ ئارىسى  كام دېگەندە 1500 ژىلغا بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز، زامانىۋىي ئۇيغۇرلار، قېدىمىي مەدەنىيىتىمىزگە ئاىت دراما يادىكارلىقلىرىنىڭ بېۋاسىتە  مىراسخورى ئېكەنلىگىمىزنى ئاشكارە ژارىي قىلىشقا باشلىدۇق.  يەنە باشقا  تەرەپتىن ئالغاندا، بۇ مەركىزىي  ئازىيا بويىچە قېدىمىي بۇددا مەدەنىيىتىگە دەسلەپكى قەدەم.  بۇ مەسىلىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئات سالغىنىمىز خۇرسەن بولارلىق ئىش، ئەلۋەتتە. يېقىندا قىرغىزستاننىڭ پايتەختى بىشكېك شەھىرىدىن 30 چاقىرىم نېرى  بىر ژايىدىن بۇددا ساق ستۇپاسى بىلەن ھەيكىلى تېپىلغان. ئارخېولوگ ئالىملار قازاقستاننىڭ سايرامەلىگە يېقىن يەردىن ساق دەۋرىگە  ئاىت بۇددا بېنا يادىكارلىغىنى ئاچتى. بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار كۆپلىگەن دۇنىيا  ئالىملىرىنىڭ  دىققىتىنى ژەلىپ قىلماقتا.
قېدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنىيا مەدەنىيىتىدىكى تۆھپىسى
قېدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ  بۇددا (بۇرخان) مۇھىتىدا بەرپا قىلغان مەدەنىيىتى  دۇنىياۋىي ئەھمىيەتكە ئېگە ئېكەنلىنى ئەينە شۇ دېھلى شەھىرىدە ئۆتكەن ئەنژۇماندا چوڭقۇر چۈشەندىم. بۇنى چەت ئەللىك ئالىملار بىر ئېغىزدىن تەكىتلىدى. كېلەچەكتە بۇ يادىكارلىقلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئابروي –شەنىنى تېخىمۇ ژۇقۇرى كۆتەرمەك. بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ كۆپ ساقلانغان ئەسەر –ئەتىقىلەر ھەم بۇددا مەدەنىيىتىگە ئاىت يادىكارلىقلار – بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تەەللۇقتۇر. ئالىملارنىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنىيا كىتاپخانىلىرىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك ۋە چوڭ ھەژىملىك قول يازمىلار بار. ئەندى ئارخېولوگىيالىك يادىكارلىقلارنىڭ  سانىنى ئېنىقلىغان ئادەم يوق. قېدىمىي بۇرخان ئۇيغۇرلىرى سۆز سەنئىتىنىڭ بارلىق ژانرلىرىدىن ۋە شەكىل-قۇرۇلمىلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن ژۇقۇرى ماھارەتتە پايدىلانغان. سەھنە ئەسەرلىرىدىن بۆلەك، پوېزىيا ۋە پروزا ژانرلىرىمۇ ناھايىتى ژۇقارقى بىر مەدەنىي باسقۇچتا تەرەققىي قىلغان.  بۇنىڭغا شۇ دەۋىردىن يېتىپ كەلگەن يادىكارلىقلار ئېنىق گۇۋا. يەنە شۇنى مەمنۇنىيەتلىك بىلەن تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇكى، ئۇيغۇر نامايەندىلىرىنىڭ مېھنىتى تۈپەيلى، قېدىمىي بۇددا دىنىغا باغلىق ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى مەدەنىي ماھىيىتى ۋە ئېستېتىك قىممىتى ساقلىنىپ قالغان. بۇنى دۇنىيا ئالىملىرى ئاشكارە ئېتىراپ قىلىۋاتماقتا. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، باشقا خەلىقلەرنىڭ  بۇ يۆنىلىشتىكى ئەدەبىياتى سانسكرىت تىلىدىكى ئورىگىنال ئەسەرلەردىن خېلىلا پەرقى بار ئېكەن. ماھىيەت ژەھەتتىن ئالغاندا، دىنىي چېكىنىشلەرگە يول قويۇلغان. ئۇيغۇر دىنىي ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار خېلىلا سۈنئىي دەرىژىدە ئىدېولوگىيالىك ئۆزگىرىشلەرگە ئۇچراپ، مەزمۇنى ژەھەتتىن قالايمىقانلىشىپ كەتكەن يەرلىرىمۇ كۆپ ئېكەن.  شۇڭلاشقا دېھلىدا دۇنىيا ئالىملىرى ئۇيغۇر تېكستلىرىنىڭ تارىخىي قىممىتىنى بەكمۇ ژۇقۇرى باھالىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر يادىكارلىقلارى  ساقىيامۇنى دەۋرىدىكى مەتىنلەرنىڭ ئىككىنچى ھاياتى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. شۇنىڭغا مۇناسىۋەتەن، قېدىمىي ئۇيغۇر بەگزادىسى كۇمارادژىۋانىڭ پاالىيىتى بۈگۈنكى بۇددا دىنىغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن بىردىن بىر ئۈلگە ۋە تەژرىبە ئېكەنلىگىنى ئاڭلاپ، خوشال بولدۇم. مەمنۇنىيەت ئېيتىش لازىمكى، بۈيۈك ئەل-فارابى شەرىقنىڭ ئىككىنچى ئارىستوتېلى بولغىنىدەك، كۇمارادژىۋا ژەنۇبىي ئازىيا تەۋەسىدە بۇددا ساقىيامۇنىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇلۇق مۇتەپەككۈر سۈپىتىدە باھالىنىدىكەن. قىزىقارلىق يېرى، ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىست ئالىمى،  دىنىي فىلوسوفى شىنقۇ سەلى تۇتۇڭمۇ بۇلاردىن قېلىشمايدىغان شان شۆھرەتكە ئېگە. ئۇنىڭ سانسكرىت، قېدىمىي خىتاي، تىبەت، توخار ۋە باشقا تىللاردىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرژىمە قىلغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ.  بۇ قاتاردا كى-كى، پراتيايا شرى، ئاتساڭ، چىسايا تۇتۇڭ، قالىم قايشى ئوخشاش قېدىمىي ئۇيغۇر بۇددىست شاىرلىرىنىڭ ئىژادىيىتىمۇ  زور ئەھمىيەتكە ئېگە. بۇ مەدەنىي تۆھپىلەر قېدىمىي ئۇيغۇر ئىدۇقۇت دۆلىتىنىڭ ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، چوڭ ژەمىيەتلىك باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىگىنىڭ ۋە شۇنداقلا زور مەدەنىي ئۇتۇقلارغا يەتكەنلىگىنىڭ ئېنىق بىر دەلىلىدۇر. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ ئۇيغۇرلار خ ئەسىردىن باشلاپ، بەش ئەسىر داۋامىدا چوڭ مەدەنىي ئۈلگىلەرنى يارىتىپ، تۈركىيلەرنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك ئويغىنىشىدا ئەژايىپ چوڭ رول ئوينىغان. ئامما ئېچىنىشلىق تەرىپى شۇكى، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئەۋلاتلىرىمىز بۇ مەنىۋىي بايلىقلاردىن مەھرۇم بولغىنىمىزنى ئاز دەپ، ئۇلارنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئۈگىنىشكىمۇ قىزىقمىدۇق.  ئامما كېيىنكى ژىللاردا روسسىيا، گېرمانىيا ۋە تۇرسىيا ئالىملىرى بۇ ساھادا بىراز ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىدى.  ئويلايمىزكى، كېلەچەكتە ژۇقۇرى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بايلىقلار ئۇيغۇر خەلقىگە ناھايىتى چوڭ شان-شۆھرەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغىنى شۈبھىسىز. بولۇپمۇ، روسسىيا تەۋەسىدە تېپىلىۋاتقان قېدىمىي ئۇيغۇر قاغانىتى دەۋرىدىكى بىر نەچچە چوڭ شەھەرلەر بىزنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن بېباھا قىممەتكە ئېگە. ئەگەر ئۇلار تېز ئارىلىقتا قېزىلىپ، ئېچىۋېتىلسە، ھە ئۇ چاغدا بىزگە بولغان كۆز قاراشلار تۈپ ئاساستىن ئۆزگىرىشى تەبىىي. تەنتەنىلىك ئېچىلغان مەراسىم دەرھەقىقەت، دېھلى شەھىرىدە ئېچىلغان ئەنژۇماننىڭ ئاخىرقى يەكۈن ژىغىنى پەقەت تىبەت خەلقىنىڭ روھىي لىدېرى  دالاي لامىغا  بېغىشلاندى.  دەسلەپ فورۇم ۋە ئەنژۇمان قاتناشقۇچىلىرى ماخاتما گاندى مىراسگاھىدا ژىغىلدى. بۇ يەردە مەراسىم تەنتەنىلىك ئېچىلىپ،  ئىندىستاننىڭ ئاساسىنى سالغۇچى دانىشمەن مۇتەپەككۈر ماخاتما گاندىنىڭ  تېچلىقپەرۋەر ئىدېيالىرىنى مۈمكىن قەدەر ئەتراپلىق تەرغىپ قىلىش كېرەكلىگى  تىلغا  ئېلىندى.  ئاندىن پايتەختنىڭ سەلتەنەتلىك سارىيىدا  دالاي لامىنىڭ مەخسۇس  دوكلادى  ئوقۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىدېيالىرى ئەتراپىدا رەسمىي مۇلاھىزىلەر باشلاندى.    ئۇمۇمەن، ناتىق  ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا نەپساۋارگەرچىلىگىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى تۈپەيلى، ژەمىيەتلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىچى قالايمىقانلىشىپ،   قاراڭغۇلۇقنىڭ بېسىپ كېتىۋاتقانلىغىنى ژىددىي تەكىتلەندى. بۇ خىل ھالەت  ھەتتا دىنىي ئەرباپلارغىمۇ سىڭىپ، ئۇلارنىڭمۇ ماددىي دۇنىيانىڭ بايلىقلىرىغا قىزىقىشى كۈچىيىپ، بۇ دۇنىيانىڭ لەززىتىدىن ۋاز كېچەلمەيۋاقانلىغىنى ئېچىنىشلىق تۇيغۇسىدا قەيت قىلىندى. مۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار ئادەملەرنى  ھېچ بىر ۋاقىتتا يېتەكلەشكە ھەرگىزمۇ بولمايدىغانلىغىنى ھەم شۇنداقلا بۇ خىل نۇقسانلار كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي   ۋە روھىي پاكلىكقا ئېرىشىشكە ئىنتىلىش-خاھىش-ئىستەكلىرىنى بەربات قىلىدىغانلىغىنى ئالاھىدە ئاتاپ ئۆتۈشتى.  ژاھاننى ئۇمۇميۇزلۈك مەنىۋىي دېگراداسىيا /چۈشكۈنلۈك ھەم چېكىنىش/ قاپلىغانلىغى ھەم شۇ تۈپەيلى، ھازىرقى ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت بۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئىككى ئادەم بىر بىرى بىلەن پېتىشمايدىغان دەرىژىگە يەتكەنلىگىنى ئاشكارە ئېيتىشتى.  ئەپسۇس،  ئەنژۇمان قاتناشقۇچىلىرى دۇنىيانىڭ بېۋاسىتە چوڭ بىر قالايمىقانچىلىققا، يەنى ئاخىرەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىغىغا يەنە بىر دۆرەن كۆز يەتكۈزۈشتى.   بۇرۇن مەن بۇ ئەھۋال پەقەت توتالىتارلىق ژەمىيەتلەرگە خاسمېكىن دەپ ئويلاتتىم.  بۇ خىل ژەمىيەتلەردە  مەزكۈر ژەرىيان ناھايىتى ئىشتىك ئېكەن، خالاس. دېمەك، دۇنىيادا توغرا مەنىۋىي ھەم روھانىي يول تېپىش ژىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بىز ئۇيغۇرلارمۇ  بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ئويلىمىساق بولمايدىغاندەك. چۈنكى  ئىچكى قەلبىمىزنى قاپلىۋالغان گۇمانخورلۇق، قارا نىيەتتىن پەيدا بولۇۋاتقان قۇرۇق سۆز ۋە قۇرۇق تۆھمەتتىن قۇتۇلۇش چارىلىرىنى ئىزدىمەيدىغان بولساق، ئاقىۋېتىمىز پاژىەلىكتۇر. دېمەكچى، ھەر قانداق ئىنسان ئىككى چوڭ قۇدرەتلىك كۈچكە بويسۇنۇپ ياشاۋاتقىنىنى ھىس قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى- ئادەم ئۆزىنىڭ ئىچكى مەناۋىياتىدىن ھاسىل  بولغان كۈچ بولسا، ئىككىنچىسى، ئەتراپىمىزنى قورشىغان مۇھىتنىڭ تەسىر كۈچى. دېمەك، ھەر قانداق ئىنسان ئۆز  ئاڭ سەۋىيەسىدىن سىرت، زور قۇدرەتلىك بىر تىلسىم كۈچكە مەھكۈم. ئەگەر  ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېقىمى، ئەڭ گۆزەل تەلىۋى  — ھەر قانداق نەپرەتتىن ۋاز كېچىپ، مۇھاببەتكە ئۇمۇميۈزلۈك بەت بۇرىمىساق كېلەچىگىمىز گۇمران. بۈگۈنكى كۈندە، ئېگىمىزنى، تۇرمۇشىمىزنى ۋە موژۇت دۇنىيانى ھەقىقىي   مۇھاببەت تۈپەيلى تونۇش،  ئۇمۇمىي ئىلاژىسىزلىغىمىزنى ھەم ئاژىزلىغىمىزنى چۈشىنىپ يېتىش، تەبىيەتنىڭ ژەمىيەتنى ۋەيران قىلىدىغان كۈچكە ئېگە ئېكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ  بىلىدىغىنىمىزدىن بىلمەيدىغانلىغىمىزنىڭ كۆپلىگىنى ھەققىقىي مەنادا چۈشىنىپ-بىلىشىمىزگە ئېلىپ كېلىدۇ.  تەكاببۇرلۇق ئىسىدا بۇرۇختۇم بولۇۋاتقانلار ئۈچۈن ياخشى بىر يول. ئۇنداقلار ئۆزلىرى ئىچى — ئىچىدىن  خىژىل بولىدۇ، دېمەك، بارا بارا ئىژابىي تەرىپىگە ئۆزگىرىشى  مۈمكىن.  بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار  روھىي ژەھەتتىن باي ۋە ئۈستۈن تۇرساق، بۇ  خەلقىمىزگە ناھايىتى چوڭ ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئېيتماقچى، بىزنىڭ خەلقىمىز  ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھەم چوڭ بىلىم مانا موشۇ.

مەلىكە ئۇيغۇر ئايالى.

مەزكۈر فورۇم داۋامىدا، موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋلادىمىر كۇروچكىن بۇ چوڭ سورۇنغا «ئۇيغۇر مەلىكىسىنىڭ»  ئىشتراك قىلىۋاتقانلىغىنى ئېيتىپ قالدى… بۇ خەۋەرنى ئاڭلىشىم بىلەنلا ژۈرىگىمنىڭ سوقۇشى ژانلاندى.  نەچچە كۈندىن بېرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىماغانلىغىمغا بەكمۇ ئېچىندىم. «ھەر ھالدا، يالغۇز ئەمەس ئوخشايمەن بۇ يەردە» — دېگەن ئويغا كەلدىم.  ئەنژۇمانغا بولغان قىزىقىشىم بىردىن سوۋۇدى.  ئۇنىڭ پاالىيەتلىرىگە تولۇق قاتنىشالمىدىم. چۈنكى خىيالىمدا ژاۋاپسىز سواللار كۆپەيدى.  نېمىشكە مەلىكە؟ ئۇ كىم؟  يە ئىچكىرىسىدىن كەلگەن  سېرىق ئۇيغۇرلاردىنمۇ؟ بەلكىم شۇلارنىڭ ئىچىدە خان ژاماىتىگە مەنسۇپ ئۇيغۇر قىزىدۇر؟!  بىر ئارىلىقتا ئالىم ۋلادىمىر كۇروچكىننى تېپىپ، يەنە تەپتىشلەپ سورىدىم. ئۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ دەل ھازىرقى ۋاقىتتا نەدە ئېكەنلىگىنى بىلمەيدىغانلىغىنى، لېكىن بۇ ئۇچرىشىشنى مۇقەررەر ئۇيۇشتۇر بېرىدىغانلىغىنى تەكىتلەپ، مېنى خاتىرژەم قىلدى.   قىزىق يېرى، ئۇ ماڭا كام دېگەندە ئىككى تىلماشنىڭ ھاژەتلىگىنى ئېيتتى. قىسقىسى، غەلىتە ئۇيغۇر قىزى بىلەن خىتايچىدىن ئىڭلىزچىغا، ئۇنىڭدىن رۇس تىلىغا تەرژىمە قىلىش ئارقىلىق سۆزلىشەلەيدىغانلىغىمنى ئويلاپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم. ھەژاۋا، ئانا تىلىمىز يارىمامدۇ نېمە؟   خەيرىيات، ئەنژۇمان تاماملىنىپ، چوڭ زىيارەت باشلاندى.  ئەنژۇمان قاتناشقۇچىلىرىغا ئاتاپ مەخسۇس ئۈچ سامولېت تەييارلىنىپ قويۇلغان ئېكەن. شۇنىڭ بىلەن بىز ئىندىستاننىڭ ئەڭ قېدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى  ۋاراناسىغا ئۇچۇپ كەتتۇق.  بۇ شەھەرنىڭ رەھبەرلىرى بىزنى ئىللىق كۈتۈۋېلىپ،  ناھايىتى چوڭ زىياپەت بەردى.  دەل غىزالىنىش پەيتىدە، بايىقى ئورۇس ئالىمى ماڭا «ئۇيغۇر مەلىكىسىنى»  كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ كەلگەنلىگىنى ئېيتتى.  ئۇ ئايال ئون نەچچە قەدەم نېرى بىرلىرى بىلەن بىللە تۇراتتى. «ئۇيغۇر مەلىكىسى»  ھەقىقەتەنمۇ گۆزەل ئېكەن. كىيىمى بەكمۇ يارىشىپتۇ! ئۇنىڭ تاشقى گۆزەللىگىمۇ باشقىلاردىن خېلىلا پەرىقلىنىدىكەن. قىياپىتى بىلەن مېڭىش تۇرۇشلىرىمۇ پادىشا ئەۋلاتلىرىغا ئوخشاپ كەتكەن… ئۇچرىشىش پەيتىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ، سۆھبىتىمىزنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ئويلاۋاتىمەن.  ئەپسۇس،  ماڭا بۇ يەردىمۇ ئۇچرىشىشقا نېسىپ بولمىدى…
دۇنىيادىكى ئەڭ دەسلەپكى شەھەرلەر
بىزنى ئاۋتوبۇس كارۋىنى كۈتۈپ تۇرغان ئېكەن. ھەممىمىز ئالدىراش سەپەرگە ئاتلاندۇق.  ۋاراناسى شەھىرىدىن چىقىپ، يەنە بىر قېدىمىي گۆزەل شەھەر رادژگىرغا كەلدۇق.  ئىندىستان  مۆژۈزىلەرگە باي مەملىكەت ئېكەن. ئەينە شۇنداق مۆژۈزىلەرنىڭ بىرى  بېپايان ئېتىزلىق. ۋاراناسى شەھىرى بىلەن رادژگىر شەھىرىنىڭ ئارىلىغى باش ئايىغى يوق ئېتىزلىق ئېكەن. ئاۋتوبۇستا ئالتا ساات يول مېڭىپ، بىرمۇ ئېگىز دۆڭنى ياكى بوش ياتقان يەرنى ئۇچراتماپتىمەن. يېزىلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. ئەتراپ پەقەتلا تېرىلغۇ مەيدانى. يول بويىدا كىچىك كىچىك ئۆيلەر كۆرۈنىدىيۇ، ئامما ئۇلار دېخانلارنىڭ مەۋسۈملۈك تۇرۇشلۇق ژايلىرى ئوخشايدۇ. كۆپىنچە كەپىلەر. بەزى ژايلار بۆلەكچە ئاۋاتلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭغا قاراپ،  بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن دېخان خەلىق بولغاچقا، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان يېزىلىرىمىزنى، كوچا-ژايلىرىمىزنى ئۇمۇميۈزلۈك  ئاۋاتلاشتۇرىدىغان بولساق، تازىمۇ كۆكلەيدىغان تۈرىمىز بار. يوللارنىڭ  چېتىگە گۈل تېرىپ،  كۆچەت تىكىپ، سەرامژان قىلىۋەتسەك، بىز كۆچ بېشى بولىدىغىنىمىز تەبىىي.  ئۇمۇمەن، ئاۋاتلاشتۇرۇش  بۇ بىر مىللىي  ئىدېياگە ئايلىنىشى لازىم ئېكەنلىگىنى چۈشەندىم. …ئىندىستاننىڭ بۇ يەرلىرىدە ئۈچ قېتىم ھوسۇل ئالىدىكەن.  يەنە بىر مۆژۈزە — ئۇ  يولنىڭ ئىككى قانىتىدا تىزىلىپ كەتكەن ژۈك ماشىنىلىرى. بىر كۈن تولۇق  يول مېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسى ئۈزۈلگىنىنى كۆرمىدىم. مەخسىتى ھوسۇل ژىغىش. بۇ ماشىنىلارغا قاراپ، ئىندىستاندىكى ئادەم نوپۇسىنىڭ ھەققىقەتەنمۇ بىر مىللىاردتىن ئېشىپ كەتكەنلىگىگە كۆزىڭىز يېتىدۇ. ئۇزاق سەپەردىن كېيىن بىز رادژگىرغا يېتىپ كەلدۇق. ئۇ پادىشالار پايتەختى نامى بىلەن مەشھۇر ئېكەن. رادژگىر بىزنىڭ ئېرامىزدىن بۇرۇن ئالتىنچى ئەسىردە پەيدا بولغانمىش.  ئېگىز تاغ باغرىدىكى تاشتىن ياسالغان قورغانلار سىرتتىن كېلىدىغان تەھدىتنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بولغانلىغىنىڭ گۇۋاچىسىدەك كۆرىنىدۇ.  بۇ يەردە  قېدىمىي ئىمارەتلەر ناھايىتى نۇرغۇن ئېكەن.   رادژگىردىن كېيىن بىز بودخىگايا شەھىرىگە ئاتلاندۇق. بۇ شەھەرمۇ  باشقىلاردىن قېدىمىيلىقنى ھەم ئىپتىداىيلىقنى تالىشىدېكەن.  بودخىگايا «مۇقەددەس ژاي» دېگەن نامنى بىلدۈرىدۇ. شەھەرلىكلەر روھىي ژەھەتتىن ئۆزىنى ناھايىتى باي ھىس قىلىدېكەن. كەمبەغەللىرىنىڭ ئۈزىدە ھەر دايىم تەبەسسۇم. ئۇلار بېغەم.  مالۋاران توپلاپ، تام سوقۇشنىمۇ ئويلىمايدۇ. نامراتلىغىغا قارىماي، ئۇلار ئۆزلىرىنى ناھايىتى بەخىتلىك ھىس قىلىدېكەن. تۇرمۇشىنىڭ يار بەرمىگىنى بىلەن كارى يوق، ئامما توپلىشىپ مۇقەددەس ژايلارغا ھەر دايىم بېرىپ، دۇا-تەدبىر تىلەپ تۇرىدېكەن.  بۇ ژايلارنىڭ ئۇلارغا  چوڭ روھىي مەدەت بېرىدىغانلىغىغا ئىشىنىدېكەن. ھېچ كىمدىن رەنژىمەيدىكەن ھەم رەنژىتمەيدېكەن.  قىزىق يېرى،  ئەنژۇمانغا قاتناشقان ئالىملار بۇ سەۋدالىق مۆژۈزىنىڭ  تېگىگە يېتەلمىدى.  چەت ئەللەردە بولسا، نامراتچىلىق چوڭ غۇلغۇلىنىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئامما ئىندىستاندا ئەسىرلەر بويى ئۇنداق ئەمەس. تەغدىرنىڭ تەققازاسىغا بويسۇنۇش زور بىر بەخىت ئوخشايدۇ. بۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس ژايلارغا ئالاھىدە ئىبادەت قىلىشى، مېنى بىر خىل خىياللار دۇنىياسىغا ئېلىپ كىردى…بىز ئۇيغۇرلار كېڭەش دەۋرىدە ھەر خىل دىنىي چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ، مەنىۋىي ئېقىدىمىزنى كەدىمكىدەكلا زەيىپلەشتۈرۈۋالغان ئېكەنمىز. مۇقەددەس روھىي يادىكارلىقلىرىمىزنى بىر ئەسىر داۋامىدا ژىتىم قالدۇردۇق. ئوچۇغىنى ئېيتقاندا، توتالىتارلىق ۋەيرانچىلىقتىن ساقلىنىپ قالغان ياركەنت ۋە غالژات مېچىتلىرى بىزنىڭ روھىي بايلىغىمىزنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك ئېدى. بۈگۈنكى كۈندە، ياركەنت مېچىتى چىرايلىق  پەدەزلەڭەن بىر بېنا مۇزېي. غالژات چوڭ مېچىتى  قېرىپ كەتكەن، مۈكچەيگەن بىر ھالەتتە. بۇ مېچىتنىڭ بېشىدىن  نېمىلەر ئۆتمىدى! كولخوز ئامبىرى، سورۇنژاي، كىنوزال ۋە ھاكازىلار.  ئامما مەزكۈر مېچىتلار بىر نەچچە دەۋىرلەرنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، دۆلەت-ژەمىيەتلەرنىڭ تىكلىنىشى بىلەن ھەم  بەربات بولۇشىدىن خەۋەردار. تارىخىمىزنىڭ  بېۋاسىتە گۇۋاچىسى.  مۇقەددەس روھانىيىتىمىزنىڭ ئالتۇن سىمۋولى. ئامما بىز  بۇنىڭغا يارىشا ئىشلارنى قىلالمايۋاتقانلىغىمىز ئېچىنىشلىق.   مېچىتلارلارنىڭ ھاياتى بۆلەك، ھەم ئۇ ژىتىمسىرىۋاتقاندەك.  ئەسىرلەر بويى ئۇ بىزنى كۈتۈپ، ئۆز باغرىغا ئالغۇسى كېلىۋاتقاندەك. بىراق بىز ئۇنىڭغا ئىنتىلىۋاتىمىزمۇ؟. ئەڭ بولمىغاندا، ژىلىغا بىر قېتىم بۇ مۇقەددەس ژايلىرىمىزغا بېرىپ، ئاتا بوۋا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھىغا كۆپچىلىك بولۇپ دۇا-تەدبىر ئوقۇپ قويساق، كىم قارشى بولار؟ ئىماملىرىمىز ياشلارنى ئەگەشتۈرۈپ،  ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئىسلام ئېقىدىلىرىنىڭ رىۋاژلىنىشى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسا، نۇر ئۈستىگە نۇر بولماسمېدى! ئەسىرلەر بويى يالغۇزسىرىغان ۋە ژىتىمسىرىغان روھىمىز تىرىلمەتتىمۇ؟ راست، كۇزىېۋلار ئاىلىسى ھەم شەخسەن ئازات رەخمىتۇللاېۋ، ئەكۋەر شارىپوۋ ۋە تىلەپژان يۈسۈپوۋلار ۋېلىۋاي يولداشېۋنىڭ ئىزى بىلەن مېڭىپ، زامانىۋىي مېچىتلارنى سالدى، خەلقىمىزنىڭ مەناۋىي ھاياتىغا سېزىلەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى.  بۇ ساخاۋەتلىك ئىشلار، ئەلۋەتتە. ئامما بىز ئۇيغۇرلار ئاۋال قېدىمىي مېچىتلارنى كۆز قارچۇغىمىزدەك ساقلىشىمىز كېرەك ئېدىغۇ؟. چۈنكى مەزكۈر روھىي دەرگاھلىرىمىز  بۇ تەۋەدىكى ماددىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ چوڭ بىر ئىسپاتى. روھانىيىتىمىزنىڭ ئېسىل تۈۋرۈگى ھەم غەزنىسى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنى ھەر تەرەپلىمە يېتىلدۈرۈشىمىز ئۈچۈن تۈگىمەس-پۈتمەس بۇلاق. بۇ ژايلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەم مەدەنىي مەركەزلىشىش ئېتىقاتىغا ئايلاندۇرۇش  ئىنتايىن زۆرۈر.  كەمبەغەل ئىندۇسلار چېغىدا، مۇقەددەس  دەرگاھلارغا  ھەر دايىم بېرىپ تېۋىنىدېكەن. بىزنىڭ تۆرت مۈچىمىز ساق، ئامما روھىمىزنى يېتىلدۈرۈشنى ئويلىمايمىز، يەنىلا قوساق غېمى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتىمىز. بەزىلىرىمىز تۇرمۇش ئېقىدىسى يەنە شۇ ئابدۇقېرىن «قېرىنقۇلى».   خەيرىيات، ئىندىستاندىكى يەنە بىر مۆژۈزە- ئۇ سىزنى قورشاپ تۇرغان مۇھىتنىڭ بىر بىرىگە زىتلىغى، يەنى كونتراستلىغى. بىر قارىغاندا، تەبىيەتنىڭ ۋە قېدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ گۆزەللىگى، سىزنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغاندەكلا، ئامما يەنە بىر دەقىقىنىڭ ئىچىدىلا كەيپىياتىڭىز بۇزۇلۇشى ئېھتىمال. يېنىڭىزدا تۇرغان نامەلۈم بىرسى  مال ۋاراننى  ئەگىشىپلا، ئارقىسىدىن ئوچۇقلا تەرەت ئېلىۋاتقىنىنى كۆرىسىز. بىرىدىن قاچسىڭىز، ئىككىنچىسىگە دۇچ كېلىسىز.  بۇ ئىنسانلارنىڭ  ئىپتىداىيلىغى بىلەن تەبىيەتكە ماس ئېكەنلىگىنىڭ بىر بەلگۈسى. بۇنىڭدىن ھېچ كىم نومۇس قىلمايدۇ. ئۇمۇمەن، سىز بۇ مەملىكەتتە تەرەت ئېلىش مەدەنىيىتىنىڭ تېخى رىۋاژلانمىغانلىغىنى بايقاپ، ئېچىنىسىز. بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە، بەزى شەھەرلەردە ئۇمۇميۈزلۈك  مەينەتچىلىكنىڭ ئوۋژ ئېلىشىغا  ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭغا قاراپ، ژەمىيەت  تېخى زامانىۋىي تەرەققىياتقا تەييار ئەمەس ئېكەن، دەپمۇ ئويلايسىز.  چۈنكى بۇرۇن، ئىنسانلاردىن قالغان ھەر قانداق ئەخلەتنى تەبىيەت سىڭدۈرىۋالاتتى، بۇ پاسكىنىچىلىقنى كۆتىرەتتى. ئەخلەتلەر كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي باشقا ماددىلارغا ئايلىنىپ كېتەتتى، خالاس.  ئىلىم پەن رىۋاژلىنىپ، خىمىيالىك ھەم بىولوگىيالىك مەھسۇلاتلار كۆپەيدى.  ئەتراپنى سالافان سۇمكىلار ۋە  پلاسماسسىلار  قاپلىدى. ئىنسانلار ئۇنى ناھايىتى  خۇرسەنلىك بىلەن پايدىلىنىشنى  بىلسىمۇ، ئامما تالا تۈزگە تاشلاۋېتىدىغان ئادىتىدىن ۋاز كەچمىدى.  ئىندىستاندا دەل شۇنداق. شۇ سەۋەپتىن بەزى شەھەرلەر چوڭ مەينەتچىلىككە پېتىپ قالغان.  زىيارىتىمىز داۋاملىشىپ، گايا شەھىرىگىمۇ كەلدۇق. بۇ يەرنىڭ تەبىيىتىمۇ ئالامەت ئېكەن. ئۇنىڭ ھەممە مىراسگاھلىرىنى ئايلىنىپ بولۇپ، شەھەرنىڭ شىمالىي بىر چېتىگە باردۇق. بۇ خ!خ ئەسىردە ئۇلۇق برىتانىيالىك ئارخېولوگلار تەرىپىدىن قېزىلغان ھالاندا شەھىرى ئېكەن. ئۇ  شەھەرنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىغى  ئىككى گېكتار يەر مەيدانىنى ئېگىلىگەن ئەڭ قېدىمىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بېنا ۋە تاملىرى. 1500 ژىل ئىلگىرى سېلىنغان ئۇنىۋېرسىتېتتا ھەر ژىلى 2000 غا يېقىن ستۇدېنت بىلىم ئالاتتېكەن. ئۇنىۋېرستىتېتنىڭ  ئاساسىي پەنلىرى ماتېماتىكا، گېوگرافىيا، ئاسترانومىيا، پەلسەپە ھەم  دىن.  بۇ يەردە بىلىم ئالغان ستۇدېنتلار ئىندىيانىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە خىزمەت قىلاتتىكەن. ئامما بۇ  دەسلەپكى ئۇنىۋېرستىتېت سىۋىلىزاسىيالەرنىڭ بىر بىرىگە قارشى تۇرۇش ئاقىۋېتىدىن ۋەيران بولۇپ كېتىپتۇ!  ئۇمۇمەن بىھار ۋە ئۇتتار پرادېش   شتاتلىرىدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەرنى ئايلىنىپ، مۇقەددەس ژايلىرىنى زىيارەت قىلدۇق . بۇ شەھەرلەر  بىر بىرىدىن گۆزەل!

ۋاراناسى شەھىرىدىكى فېستىۋال

بىز ئۈچ كۈندىن كېيىن ۋاراناسىغا قايتىپ كەلدۇق.  بۇ يەردە  شەھەر رەھبەرلىرى چوڭ فېستىۋالنى تەييارلاپ قويغان ئېكەن. ئۇلۇق گاڭا دەرىياسى بويىدا قېدىمىي مەدەنىيەت ئۈلگىلىرى بىزگە ھاۋالە قىلىندى. تەسەۋۋۇرنى يارىدىغان  ئوت ئۇسسۇلىنىمۇ، يوگىلارنىڭ  غەلىتە ئويۇنلىرىنىمۇ تاماشە قىلدۇق. فېستىۋالدا دەستىخانغا يېيىۋەتكەن تاماق تۈرلىرىنىڭ چېكى يوق! ئامما كەمبەغەللىرىنىڭ تاماقنى ناھايىتى ئاز ئىستىمال قىلىدىغانلىغى ئاڭلاپ، ھەيران قالدىم. ئاچكۆزلۈك تامامەن يوق! قىزىق يېرى، يېرىم ئاي داۋامىدا تاماقنى تاللاپ يەۋېرىپ، قوساقمۇ ئاچمايدىغان دەرىژىگە يېتىپ قاپتۇ. تاماقلارنىڭ تۈرىگە قاراپ، ئىشتەيلىرىمىزمۇ تۇتۇلۇپ كەتتى.  قىيمىسى سوزۇلۇپ چۈشكەندە، ئۇنى يېگىڭىزمۇ كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ پۇرىغىدىندىنلا، تويۇپ قالىسىز. مېھمانخانىلىرىدىن ئايرىلىپ، щئەھەرنىڭ ئادەتتىكى كوچىلىرىغا كىرىپ قالسىڭىز، سەسكىنىپ ئاچ قېلىشىڭىز تەبىىي. ئىندىستان سەپىرى تاماملىنىپ، قازاقستاننىڭ ئاېرواستانا سامولېتىدا تاماق بەرگەندە، يېرىم ئاي ئىچىدە يوقاپ كەتكەن ئىشتەيمۇ، قىيمىنىڭ پۇرىغىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئامما يېنىمدا ئولتارغان ئىندۇس تازىمۇ قىينىلىپ كېتىپتۇ. بېچارە قىيمىسىنى گۈرۈچىدىن تازالاپ ئاۋارە. گۆشنىڭ پۇرىغىدىن سەسكىنىپ، گۈرۈچىنىمۇ يېيەلمىدى. «سەنمۇ ماڭا ئوخشاش تاماقنىڭ دەردىنى تارتتىۋېتىپسەنا، بايقۇش»-دېگەن ئوي بىردىنلا كەلدى.  تاماق مەدەنىيىتىنىڭ زىتلىغىمۇ ئىنسانلارنى قىيناپ قويىدېكەن.  ئىندۇسلارنىڭ تامىغى قىممەت ئەمەس. ئۇنىڭ ئاساسىنى ئۆسۈملۈك ۋە دېڭىز كۆكتاتلىرى تەشكىل قىلىدېكەن. بىز بىر كۈن گۆشلۈك تاماق يېمىسەك، ئۆزىمىزنى مۇساپىر چاغلاپ، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك سېزىمىز.  بىر چاغدا فېستىۋالغا كەلگەن چەت ئەللىك مېھمانلار ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. ئامما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر مەلىكىسىنىڭ ئۇسۇلى بۆلەكچە ئېدى. ئۇنى مېھمانلار ئالاھىدە تەلەپ بىلەن سەھنىگە تارتقان ئېكەن. مىللىي ئۇسسۇلىمىزنىڭ ھەر قانداق ئىنساننىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتالايدىغان قۇدرەتكە ئېگە ئېكەنلىگىگە يەنە بىر قېتىم كۆز يەتكۈزدۈم. چۈنكى ئۇيغۇر ئۇسۇلىدا ئەينە زاماندىن قېلىپلاشقان ئالاھىدە رىتم بىلەن بىللە چوڭقۇر مىللىي ھىسسىيات مۇژەسسەم. ئەينە شۇنداق ئۇسسۇللارنىڭ بىرىنى مەسىم ياقۇپوۋ نامىدىكى ئۇيغۇر مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغاندا چوڭقۇر ھاياژانلانغان ئېدىم. ئۇلار «بابا مەشرەپ» ئۇسسۇلىنى دەسلەپ سەھنىگە ئېلىپ چىققاندا، تاماشىبىنلار تەۋرەپ كەتكەن ئېدى. ئەزىز ئالمۇتىمۇ يادىمغا چۈشۈپ كەتتى. خەيرىيات،  ئۇسسۇل ئارقىلىقمۇ ئۇزۇن ئەسىر داۋامىدا ئېيتالماي كەلگەن ئويلىرىمىزنى ۋە قاتلام-قاتلام بولۇپ كەتكەن روھىي ھەم مەنىۋىي ھىسسسىياتلىرىمىزنى ئاشكارە ئىپادىلەۋېلىشكە بولدىكەن. بۇنى ئۇيغۇر مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاستانا شەھىرىدە ئوچۇق دەلىللىگەن ئېدى.  دەرۋاقە،  ئۇيغۇر مەلىكىسىنىڭ ئۇسسۇلى داۋاملىق ئالقىشلار ۋە ۋاقىراشلار  بىلەن يەكۈنلەڭەندە، مەن تەرژىمانلارنى كۈتمەيلا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇنى ھەم ئىڭلىزچە تەبرىكلىگەچ، رەسىمگە چۈشىۋېلىشقا شەرەت قىلدىم. ئۇ «ۋاي، بۇ قانداق گەپ! ئۇيغۇرچە بېمالال سۆزلەۋېرىڭا»- دېگىنىدە خوشاللىغىمنىڭ چېكى بولمىدى. نەچچە كۈندىن بۇيان سىز توغرىلىق خەۋەرنى ئاڭلاپ، تېچ تۇرالمىدىم. زادىلا پۇرسەت بولغىنى يوق. بىردە تەرژىمان تېپىلىپ، بىردە تېپىلماي، خىژالەت بولدۇم. ھە، ھازىر، تاقىتىم تۈگەپ، باشقىلارنى كۈتمەيلا، ئۆزەملا ئالدىڭىزغا كەلگەن ئېدىم.مېنىڭ ئىسمىم ماھىنۇر. كۇچالىق غوپۇر دېگەن كىشىنىڭ قىزى بولىمەن. ماڭا سىز توغرىسىدا  روسسىيا ئالىملىرى سۆزلەپ بەرگەن ئېدى. مەنمۇ سىز بىلەن ئۇچرىشىشقا بۆلەكچە تەشنا بولۇۋېدىم. قەشقەر دوپىڭىزغا قاراپ، زوقۇم كەلدى.  سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كېلەي دېسەم، ئايال كىشىلىك ۋىژدانىم يار بەرمىدى. قارىسام، سىزمۇ باشقا ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ كېتىپسىز.  ئاخىرى ئۈمۈتىم يوقاپ، سىزنى ئارقىڭىزدىن بولسىمۇ، سۈرەتكە تارتىۋالاي، ئۇچرىشالماي قالسام، ئەڭ بولمىغاندا،  خاتىرە بولۇپ قالار، دېدىم. سىزنى بۇ مېھمانلار «ئۇيغۇر مەلىكىسى» دەيدىكەن…راست، مەن بۇلارغا كۈچارلىق غوژىلار ئەۋلادى ئېكەنلىگىمنى سۆزلەپ بەرگەن ئېدىم. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئىدىقۇت ئاق سۈيەكلىرىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ئوتتۇرا ئەسىرلەرگىچە بارىدۇ. مېنىڭ ئاتاممۇ ناھايىتى بىلىملىك كىشى ئېدى. ئۇنىڭ  ئابروي-شەنى ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ بولىدىغان. بوۋىمىزمۇ نەق شۇنداق.  مەنمۇ قېدىمىي ئۇيغۇر يېزىغىنى ئۈگىنىپ، نۇرغۇنلىغان قول يازمىلارنى ئوقۇۋاتىمەن. ئوچۇق ئېيتقاندا، مەن ناھايىتى چوڭ بىر غەزنە دۇنىياسىغا كىرىپ قالغىنىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن. ئۇمۇمەن، بىز قۇچارلىقلارنىڭ  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى بەلەنت…سۆھبىتىمىز تازا قىزىغان بىر پەيتە خىتاي بۇددا دېلېگاسىياسىنىڭ رەھبىرى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ،  رۇسچە مۇامىلىدە: «سىلەر ئۆز ئارا چوقۇم سۆھبەتلىشىۋالىسىلەر، ئۇنىڭغا يەنە ۋاقىت بولىدۇ.  ھە، ھازىر، بىزنىڭ ئالدىمىزدا بىر ئاز ئىشلار بار!- دېدىدە  قوپاللىق بىلەن ماھىنۇر ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتىنى بۆلۈۋەتتى. مەن ناھايىتى خاپا بولدۇم. ژەمىيەتلىك تۈزۈم قاتتىق بولسا، ئىنسانلارمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ كېتىدىكەن. بۇ پىكرىمنى كۆپلىگەن ئالىملارغا ئېيتىۋېدىم، ئۇلارمۇ ئۆز نارازىلىغىنى يوشۇرمىدى. كېيىنەرەك ماھىنۇر غوپۇر بىلەن ئۇچرىشىپ قالساق، ژىراقتىن شەرەت ئارقىلىقلا، سالاملىشىپ ژۈردۇق. شۇنداق قىلىپ، تەغدىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قولىدا ئەمەسلىگى تۈپەيلى، مۇڭدىشىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، بىز ھەتتا بىر بىرىمىز بىلەنمۇ خوشلىشىيالمىدۇق.  ئۇمۇمەن، فېستىۋال داۋامىدا بايقىغىنىم، ئىندىستانلىقلار ۋاراناسى شەھىرىنى بۆلەكچىلا ئەتىۋالايدىكەن. ئۇ دۇنىيا يۈزىدىكى ئەڭ قېدىمىي شەھەر سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.  مەزكۈر شەھەر دۇنىيا بويىچە ئەڭ چوڭ دەرىيا، گاڭىنىڭ بىر قانىتىغا ژايلاشقان ئېكەن. ھاكىمىيەت دەرىيانىڭ ئىككىنچى قانىتىغا ئۆيلەرنى سالغۇزمايدىكەن. ئۇنىڭ بىرلا سەۋەۋى بار ئېكەن. ئادەملەر دەرىيانىڭ بۇ قانىتىدىن كۈن چىقىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىدىكەن. كۈننىڭ ئوتلۇق ئالتۇن چەمبىرى دەرىيا قىرغاق-قانىتىدا پەيدا بولۇشى بىلەنلا، ئادەملەر توپلىشىپ چۆمۈلۈشكە باشلايدىكەن. بۇ قېدىمىي ئۇرپا ئادەت بولۇپ، ئۇ  كۇننىڭ قۇدرەتلىك ماھىيىتىگە ئىشىنىشتىن كېلىپ چىققان ئېكەن. گاڭىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ئادەم بەخىتلىك بولارمىش ۋە ئۇ ھەممە گۇناھلىرىنى ژۇيۇۋېتەرمىش. ئۇمۇمەن، بۇ دەرىيا توغرىسىدا رىۋايەتلەر كۆپ. ئامما مېنىڭ ئەقىل پاراسىتىمدىن ئۆتمىگەن نەرسىلەرنىڭ يەنە بىرى موشۇ گاڭا دەرىياسىغا باغلىق.  ئۇ دۇنىيادىكى ئەڭ پاسكىنا دەرىياغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ! ھەتتا سۈيىنى لاي دېيىشكە، تىلىم بارمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرنىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن ئېقىپ كېلىپ، گاڭىغا قويۇلىۋاتقان ئېرىقلاردىكى سۇلارنىڭمۇ رەڭگى بىر قىسمىلا، سۈپەتلەشكە يارىمايدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگۈسىز! يېقىمسىز پۇراقتىن قاچىسىز. يەنە بىر كۆرۈنۈشنى زادىلا قوبۇل قىلالمىدىم. بۇ گاڭا دەرىياسى بويىدىكى كرېماتورىياگە ئاژرىتىلغان مەخسۇس ژايلار. بۇ يەردە ۋاپات بولغان ئادەملەرنى كۆيدۈرىۋېتىپ، ئاندىن كۈلىنى دەرىياغا ئېقىتىۋېتىدىكەن. بۇ ھەقىقىي مەنادىكى دوزاقنىڭ كۆرۈنىشى. ئىنسانلارنىڭ روھى كەتمەيلا، دوزاققا ئاتلىنىدىكەن. بىز گاڭا دەرىياسىدە كېمە بىلەن سەياھەتكە چىققاندا، كرېماتورىيانى زىيارەت قىلىشقا توغرا كەلدى. قىسقىسى، مەيىتنى ئۈچ-تۆرت مېتر ئارىلىقتىن كۆرۈپ، چىدىيالمىدىم. بېچارىنىڭ پۇتى تىزىغىچە كۆرۈنىپ قاپتۇ. بۇ ئوتۇنغا پۇلى يەتمىگەنلىگىنىڭ ئىشارىسى ئېكەن! باش تەرىپى كۆيۈپ پۈتكەندە، ئوتۇنچى ئۇنىڭ پۇتىنى كۆسەي بىلەن ژىغىشتۇرۇپ، ئوت ئىچىگە تاشلاۋەتتى.  ئامما بۇ ئەنئەنىلەر ئىنسانلارنىڭ ئېتىقات ئىشەنچىسىگە دەخىل بولالمايدىكەن! ئەيتەۋىر، ئىندىيا ئالىملىرى گاڭا ھەققىدە گەپ قوزغالسا، تىل تىلىغا تەگمەي ماختىنىدۇ، خوشاللىغىنى يوشۇرمايدۇ.  ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ۋاراناسى شەھىرى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالمىشى تۈپەيلى پەيدا بولغانمىش. شۇ سەۋەپتىن ئىنسانلارنىڭ ئېقىدىسى چاپسان ئۆزگىرىشكە ئۇچرىغانمىش.  بۇ يەردە بارا بارا ئىپتىداىي شەھەر ئېتىقاتى قېلىپلاشقان ئېكەن. بەلكىم، بۈيۈك مۇتەپپەككۈر ئالىم ئەل — فارابىنىڭ «شەھەر ئۇتوپىياسى»نىڭ ئىدېياۋىي يىلتىزى- ئەينە شۇ ۋاراناسىغا بېرىپ تىرىلەمدېكىن، ئۇمۇ ئېھتىمالدىن ژىراق ئەمەس.  قىزىق يېرى، ساق قەبىلىسىنىڭ دانىشمىنى ساقىيامۇنىمۇ /بۇددىمۇ/ ئىنسانىيەتنىڭ، تەبىيەتنىڭ ھەم كاىناتنىڭ بىر خىل ھەرىكەت سىستېمىسىدا ياتقانلىغىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر بىرىدىن ئاژرالمايدىغان ماددا ئېكەنلىگىنى تونۇپ بىلگەن. بۇ يېڭىلىقنى تەرغىبات قىلىشنى ئەينە شۇ ۋاراناسىدىن باشلىغان ئېكەن. شۇ تۈپەيلى، بۇ شەھەر كۆچمەن ساقلار  (ئېۋروپىلىقلارنىڭ تەرىپلىشىچە  ئارىيلار) ئۈچۈن دەسلەپكى قوزغىلىش مەركەز-ئورنىغا ئايلانغان. ئۇلار دۇنىيانى كېزىشتىن بۇرۇن، گاڭا دەرىياسىدىن يول يورۇق ۋە سالامەتلىك تىلەپ، ئاندىن يولغا ئاتلىناتتىكەن. ئۇلار كۈڭە قاراپ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئېيتاتتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ساقلار ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا توپلىغان ئەخباراتلارغا تايىنىپ، يەرنى  ئايلىنىش ئېقىدىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن. سوغ چۈشىشى بىلەن ئىسسىق ژايلارغا ھەر دايىم يۆتكىلىپ تۇرغان.  كۆچمەنلىك ھايات ئېقىدىسى تۈپەيلى، ئۇلار دۇنىيانىڭ بارلىق يېرىنى دېگىدەك ماكانلىغان. شۇڭلاشقا ھازىر نېمىسلار فىن- ئۇگورلارنى ئەگىشىپ ئۆزلىرىنى ساق ئەۋلادى دېسە، ئىڭلىزلار قوپۇپ، بىزمۇ ساق دەپ ئالدىغا چىقىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلۇق رۇس شاىرى ئالېكساندر بلوكمۇ ئالەمگە، «بىز ساق ئەۋلادى» دەپ ژار سالغان ئېدى. ئۇ ۋاقىتلارمۇ كەتتى. كېڭەش ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، بۇرياتلار «بىزنىڭ ئەسلى نامىمىز ساق» دەپ، ئۇنى ئۆزگەرتتى. تىبەتلىكلەر بىلەن مونغوللار ساقلارنىڭ نامى چىققان يېرىدە تىنىچ تۇرالمايدۇ. ئۇلارنىڭ تا بۈگۈڭە قەدەر قېدىمىي ساقلارنىڭ سىمۋولىكىسىغا ئېتىقات قىلىشى، شەخسەن مېنى ھەيران قالدۇردى. بىز تۈركلەرمۇ ساق.  شەرقىي ئىندىيالىكلەر ئۆزلىرىنى ئەسلى ساق ئېكەنلىگىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئامما خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنى بۆلەكچە قارايدىكەن. ئەيتەۋىر، دۇنىيانىڭ يېرىمى دېگىدەك،  ساق قەبىلىلىرىگە مەنسۇپ. شۇڭلاشقا ھازىر بۇ ئەھۋالغا قاراپ، ئالىملار ئارىسىدا دۇنىيا بىرلىگىنى ھەم تىنىچلىغىنى ئەكسىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ دېگەن چۈشەنچە قېلىپلاشماقتا. بولۇپمۇ ياپون ئالىملىرى ساق قورغانلىرىنىڭ يەر يۈزىدە ئورۇنلىشىش پرىنسىپىنى ئىناۋەتكە ئېلىپ، كۆچمەنلىك ئېقىدىسىنى (كېيىنەرەك ئىپەك يولى ئېقىدىسى) ياڭلىۋاشتىن ژانلاندۇرۇش كېرەكلىگىنى ئالغا سۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى ئىپتىداىي كاىناتلىق تەڭرى ئېتىقاتىنى ياڭلىۋاشتىن  ئۈگىنىش ھاژەتمىش. ئەلۋەتتە، ھازىرقى ئېۋروازىيالىك ئىختىسادىي بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرىۋاتقان چارە-تەدبىرلەرنىڭ ئىقبالى ئۈچۈن  قېدىمىي ساق قەبىلىلىرىنىڭ ئىدېياۋىي ۋە مەنىۋىي بىرلىگى بويىچە توپلىغان تەژرىبىسىنىڭ، تۆھپىسىنىڭ ئەھمىيىتى باردە قىلىدۇ!  مۇستەققىللىقنى ژارىي قىلغان كۈندىن بېرى پرېزىدېنتىمىزمۇ موشۇ ئىدېيانى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتماقتا. يېقىندا بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىزغا ئەگىشىپ، روسسىيا فېدېراسىياسىنىڭ رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىنمۇ مەزكۈر ئىدېيانى تەرغىبات قىلىشقا باشلىدى.  تەكىتلەيمىزكى، بۇ ئىختىسادىي ئالاقىلارنى كۆزلىگەن تەكلىپ. ئامما ئۇنىڭ ئىدېياۋىي تومۇرى ساق قەبىلىلىگە مەنسۇپ. بۇ يېڭى بىر ئويغىنىشنىڭ بەلگۈسى، ئەلۋەتتە.قىسقىسى، ساقلار بىر يەردىن ئىككىنچى بىر يەرگە كۆچكەندە، كۈن ئۇلارغا ھەر دايىم ھەمرا بولۇپ تۇرغانلىغىنى ھېساپقا ئېلىپ، ئۇنىڭغا  ئېتىقات قىلىش سەۋىيەسى بارغانسېرى كۈچەيگەن ھەم ئۇنى مۇقۇملاشتۇرغان. قېدىمىي ئىندىيا ئېپوسادا كۈن خۇداسى را، زورووسترىزمدا مىترا، مازدا، قېدىمىي ئۇيغۇرلار «كۈنتۇغدى»، ئاتىلىپ كەتكەن. بۈيۈك دانىشمەن يۈسۈپ خاس ھاژىپنىڭ ئەسەرىدە كۈن ئۆز نۇرىنى بىر خىل تۇراقلىقتا چېچىپ تۇرىدىغان خاسىيەتكە ئېگە. ئۇنىڭغا ئۆزگىرىش خۇسۇسىيىتى تامامەن زىت. بۇ مەڭگۈلۈكنىڭ بىر سىمۋولى. قىسقىسى،  قېدىمىي ساقلار كۈننىڭ سىمۋولىك رەڭگىنى ئېتىۋارغا ئېلىپ، ئالتۇننى ئالاھىدە ئەتىۋالاشقا باشلىغان. شۇ تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ ھەممە تامغىسى، ياسىغان بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلىرى ئالتۇن بىلەن بېزەندۈرۈلگەن. سېرىق رەڭ – بۈيۈك رەڭلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئالتۇننىڭ ۋېرتۇاللىق قىممىتى ئەينە شۇنىڭدا. قەيت قىلىمىزكى، قازاقستاندا تېپىلىۋاتقان «ئالتۇن ئادەملەر» دۇنىيا خەلقىنى ھەيران قالدۇرماقتا.   دەرۋاقە، ئالتۇننىڭ سىمۋوللۇق ماھىيىتى  ئېقىدىلەرنىڭ ئالمىشىغا سەۋەپ بولغان. ساقلار تۆمۈرنىڭ ئورنىغا ئالتۇنغا چوقۇنۇشقا باشلىغان. شۇڭلاشقا ئۇلار ئىمارەتلەرنىڭ چوققىسىنى ئالتۇن بىلەن يالاتقان. بۇ ئادەت بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز ئەمەلىياتىنى تاپقان دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، كوتولىكلار چىركوسىنىڭ، پراۋوسلوۋيانلار سېركوۋىنىڭ بۇددا ستۇپاسىنىڭ چوققىسى ياكى گۈمبىزى ئوخشاش ئالتۇن بىلەن يالىتىلغان. قازاقستاننىڭ مۇستەققىللىككە ئاتاپ ئورنىتىلغان «قازاق ئېلى» مونۇمېنتىنىڭمۇ ئۈستى ئالتۇنرەڭ.  ھازىرقى ئادەملەرنىڭ قۇلىغىدىكى ھالقا، قولىدىكى ئۈزۈك ھەم بىلەي ئۈزۈكلەرنىڭ ھەممىسى شۇ ساق دەۋرىدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىلەر. قېدىمىي ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرى شىنقۇ سەلى تۇتۇڭ ئۆز ئەمگىگىنى «ئالتۇن يارۇق» دەپ ئاتىغىنىمۇ بېژىز ئەمەس. بۇ ئىدېياۋىي ۋە مەنىۋىي يول يورۇق ئۇقۇمىدۇر.  شۇنداق قىلىپ، ژاھاننىڭ بارلىق يېرىدە دېگىدەك ياشىغان  ساقلارنىڭ كۈڭە سىغىنىش ئېتىقاتى كۈچەيگەن، ئادەملەر ئۇنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىپ، بويسۇنغان ھەم دەسلەپكى ئىبادەت قورغانلىرىنى ياسىغان. بۇ ساق قورغانلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار دۇنىيانىڭ ھەممە يېرىدە دېگىدەك بار ئېكەن. ساق قورغانلىرى قازاقستاندا تازىمۇ كۆپ. بۇ قورغانلار ساق قەبىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇچۇر ئېلىش مەركىزىگە ئايلىنىپ، ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەڭىيىشىگە يول ئاچقان. ئۇلار قورغانلارغا توپلىشىپ بېرىپ، ئىبادەت قىلىشقا باشلىغان. چۈنكى قورغانلار مىسىر فاراونلىرىنىڭ پىرامىدىلىرى كەبى، مەڭگۈلۈكنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.  بەلكىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەخپىي پىرامىدىلارمۇ ئەينە شۇنىڭ ئەنئەنىۋىي داۋامى بولۇشى ئېھتىمال. قىسقىسى، قورغانلار كۆپلىگەن ساق قەبىلىرىنىڭ بىر بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۆتۈشىدە ھەل قىلغۇچى رول ئوينىغان. كېيىنەرەك ئۇ ئۇلۇق ئىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈنمۇ ئۇبدان تۈرتكە بولغان.  دېمەك، ساقلار ئىنسان تەسەۋۋۇرىنى لال قىلىۋېتىدىغان پاالىيەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۇلار  يەرنىڭ كۈننى ئايلىنىدىغانلىغىنى ئېۋروپىلىق گالېلېيدىن 20 ئەسىر بۇرۇن  بىلىپ بولغان.  تەكىتلەيمىزكى، بۇ قورغانلار دۇنىيانىڭ ھەر خىل ژايلىرىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ساق قەبىلىرىنىڭ بىر بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۆتۈشىدە ئەژايىپ چوڭ خىزمەت ئاتقۇرغان.  ساقلار ئۆزلىرى بەرپا قىلغان قورغانلارنىڭ ئارىلىغىنى ھەم تەبىيەت ماھىيىتىنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالىغاچقا، يولغا قورقمايلا ئاتلىناتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆچمەنلىك ھاياتنىڭ  تەلەپ -مۇھتاژلىقلىرىنى ئەۋزەل كۆرگەن.  كۆچمەنلىك ھايات ئىنسانلاردا يول ئېتىقاتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. شۇڭلاشقا بىز ئۇيغۇرلار، باشقا تۈركىيلەرگە ئوخشاش، بىر بىرىمىزگە  «ئاق يول» تىلەيمىز. قىزىق يېرى بۇ تىلەك ئورۇس، نېمىس، مونغول، تىبەت ۋە  باشقا خەلىقلەرنىڭ تۇرمۇشىدا بار ئېكەن. دېمەك، مەزكۈر ئۇقۇم كۆپلىگەن خەلىقلەردە ساقلىنىپ قالغان ۋە ئۇ ئۇلۇق تىلەكلىرىنىڭ بىرى.دەرھەقىقەت، بۇددا-ساقىيامۇنىنىڭ دۇنىيانى كوسموگونىيالىك نەزەردە تونۇشى ۋە ئۇنى تەرغىبات قىلىشى، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىككىنچى بىر چوڭ باسقۇچقا ئاتلانغانلىغىنىڭ ئۇچۇرى ئېكەن. چۈنكى ساقىيامۇنى دەۋرىدە غەلىتە ئۇرۇشلار پەيدا بولغان ئېكەن. ئالىملارنىڭ تەكىتلىشىچە بۇ خىل ئۇرۇشلارنىڭ تېگىدە بىر مۇنچە سەۋەپلەرنىڭ بارلىغىنى بىلىشكە بولىدۇ. ساقىيامۇنى دەۋرىدە يېزا ئېگىلىگىنىڭ رىۋاژلىنىشى تۈپەيلى، ئەمگەكمۇ ھەر خىل تۈرلىنىپ كەتكەن. سودا ئېتىقاتىنىڭ كۈچىيىشى، يوشۇرۇن پايدا كۆزلەشكە ئاساس بولغان. شۇ سەۋەپتىن ئادەملەر ئارىسىدا رىقابەت كۈچەيگەن. بۇ ژەمىيەتلەرنىڭ دەسلەپكى توقۇنۇشىغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆچمەنلەر يەرلىشىپ، دېخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى تۈپەيلى، ئۆزلىرى ياسىغان قورغانلارنىڭ ماھىيىتى ئۇنتۇلۇپ، نەزەرىياتى تارايغان. ئامېرىكىلىق ئالىم ئا بېرزىننىڭ تەكىتلىشىچە، كوللېكتىۋلىق، ژاماەلىك قاراشلار بەربات بولۇپ، تار قەبىلىلىك ئاڭ-سەۋىيەلەر ئوۋژ ئالغان. بۇنى ساقىيامۇنى چۈشەڭەن ھامان ۋاراناسى شەھىرىدە دەسلەپكى قېتىم روھىي نۇرلىنىش ئېقىدىلىرىنى تەرغىبات قىلىشقا باشلىغان. ئۇ چوڭ مەنىۋىي غەلىبىلەرگە ئېرىشكەن. شۇنىڭغا باغلىق مەنىۋىي ژەھەتتىن ئۈزۈلىپ قالغان قورغانلارنىڭ ئورنىغا يەنە بىر «مۇقەددەس ژاي» ستۇپالار سېلىنىپ، ئۇلار ئىبادەت ژايلىرىغا ئايلاندۇرۇلغان. دېمەك، ستۇپالار ئەينە شۇ بۇرۇنقى ساق قورغانلىرىنىڭ ئىدېياۋىي ۋە مەنىۋىي ۋارىسى. ئۇمۇمەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئەينە شۇنداق «مۇقەددەس ژايلاردا» ئىبادەت قىلىشى يەنە شۇ ساقلاردىن قالغان ئۇرپا ئادەت. بۇ ئېتىقات كۈچىيىشى بىلەنلا، ئىپەك يولىمۇ ژانلانغان. ۋاقىتلار ئۆتۈپ، ستۇپالار دەۋرى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئورتا ئەسىرلەردە كاتولىكلارنىڭ چىركوسى، خرىستانلارنىڭ خرامى، پراۋوسلوۋيانلارنىڭ سېركوۋى ۋە بىزنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مېچىتى پەيدا بولغان. قىسقىسى، دەسلەپكى دىنىي «مۇقەدەس ژاي»نىڭ ئورنى – ئەينە شۇ ساقلارنىڭ قورغىنىدۇر.    قىزىق يېرى، ساقلارنىڭ ستۇپاسى، قورغانلارغا ئوخشاشلا دۇنىيانىڭ بارلىق ژايلىرىدا دېگىدەك بار ئېكەن.

چىڭىز ئايتماتوۋنىڭ ئوغلى بىلەن سۆھبەت

شەخسەن ماڭا بۇ يەرلەردىكى مۇزېيلارنى ئارىلاپ، قېدىمىي دەۋىرلەرگە شۇڭغۇپ كىرىشكە پۇرسەت يارىتىلدى. بولۇپمۇ ساقىيامۇنى دەۋرىدىن قالغان يادىكارلىقلار، تاش سۈرەتلىرى كۆپلىگەن ئەخباراتلارنى بىزگە يەتكۈزگەن. ئۇلارغا قاراپ،  ساقىيامۇنى ئۆزىنىڭ نۇرلىنىش ئىدېياسىنى تەرغىپ قىلىشتا، ھەر قانداق ژانلىقلارنىڭ ئۆمۈرىنى قىيىشتىن ۋاز كېچىشتىن باشلىغان. ئۇنى مۇزېيدىكى يادىكارلىقلاردىن ئېنىق بايقاۋالغىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ھەممە ھايۋانلار توتېملىق ھەم سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئېگە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە  مايمۇنلار، شىر-يولۋاسلار، پىل ھەم مارال — كېيىكلەرنىڭ ئورنى ئالاھىدە. بۇددا مۇھىتىدا يېزىلغان ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى ئىچىدە «بەگزادە ۋە شىر» رىۋايىتى دۇنىياغا مەلۇم. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر بەگزادىسى ئاچ قېلىپ، ئۆلۈم گىرۋىگىدە ياتقان ئانا شىرغا مېھرى چۈشۈپ، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، قولىنى قومۇچ بىلەن كېسىپ،  قېنىنى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەگزادە ژېنىنى قۇرۋان قىلىدۇ. رىۋايەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىدېيا- ئۇ ژانلىقلار ئۈچۈن ئۆمۈر سۈرۈش. ئۇمۇمەن، بۇ يەردە ھايۋانلار توغرىسىدا رىۋايەتلەر كۆپ ئېكەن. بولۇپمۇ مېنى ساكيامۇنىنىڭ ئىككى مارال بىلەن بولغان سۆھبىتى قىزىقتۇردى. چۈنكى بۇ رىۋايەتتە مارال ۋە كېيىكلەر ئىنسانلارغا ئەڭ يېقىن ھايۋان سۈپىتىدە شەرھىلىنىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر فولكلورىدىمۇ موژۇت ۋە ئۇنىڭ  ئەپسانىۋىي-ئېستېتىك قىممىتى بەلەنت. ئۇمۇمەن، مارال ۋە كېيىكلەر ئىنسانلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يارالغانمىش ۋە ئۇلارنىڭ يارىلىشىدا چوڭ رول ئوينىغانمىش. ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، ئۇلارنى قوغدىغانمىش، ھەمرا بولغانمىش. شۇڭلاشقا مارال ۋە كېيىكلەرنىڭ  ئۆمۈرىنى قىيىش ناھايىتى چوڭ گۇنالارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ساقىيامۇنى ئانا مارالغا ئۆزىنىڭ مۇڭ ھالىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ژەمىيەت ھاياتىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغان. بۇ رىۋايەتنى ئاڭلاپ، مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى  چىڭىز ئايتماتوۋنىڭ ئوغلى ئاسقارنى گايا شەھىرىدىكى قېدىمىي مۇزېيغا تەكلىپ قىلدىم. مەلۇمكى، چىڭىز ئايتماتوۋنىڭ «ئاق كېمە» ئەسەرىدىكى ئانا مارال بىلەن بالا ئوبرازى نەق ساقىيامۇنى رىۋايىتى بىلەن ئاھاڭداش، ھەم مەنىۋىي ژەھەتتىن ئوخشاش. مەن ئاسقارغا بۇ ئوخشاشلىقنىڭ سىرىنى قىرغىزلارنىڭ ئېتنىك يىلتىزىدىن ئىزدەش لازىملىغىنى ئېيتقاندا، ئۇ مېنىڭ  پىكىرىمگە قارشى چىقمىدى. چۈنكى ئۇلۇق قىرغىز ئېپوسى «ماناس»قا تېگىشلىك ئەخباراتمۇ ھەيران قالارلىق. «ماناس» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيالىك يىلتىزى ئۇماي ئانا خۇداسىغا ئوخشاشلا  سانسكرىتقا  بېرىپ تىرىلىدىكەن. ئۇمۇمەن، كۆپلىگەن قېدىمىي مىف-ئەپسانىلەرنىڭ تېگىنى سانسكرىت ئەدەبىياتىدىن ئىزدىگەن توغرا ئوخشايدۇ.

قەشقەر دوپىسىنىڭ سىرى

زىيارەت داۋامىدا كۆپلىگەن ئالىملار قەشقەر دوپىسىغا قىزىقىپ، مېنىڭ بىلەن رەسىمگە چۈشتى. بولۇپمۇ ئىڭلىز ئالىمى بىلەن بولغان سۆھبەت، قەشقەر دوپىسىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەر بويى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەخپىي سىرلىرىنىڭ بىرىنى ئاچتى. ئۇمۇمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر دوپىسى قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ «شاڭىراق» چۈشەنچىسى ئوخشاشلا، ناھايىتى قىممەت گۆزەل دۇنىيا قارىشىنىڭ بىر بەلگۈسى. بىرىنچىدىن، قەشقەر دوپىسىنىڭ ئاستى تەرىپى چەمبەر شەكلىدە بولۇپ، ئۈستى تۆرت بۇرۇچ شەكلىدە كېلىدۇ. چەمبەر – ئۇ يەر بىلەن كۈننىڭ ۋەھدەتلىك ئىپادىسى بولسا،  تۆرت بۇرۇچ – ژاھاننىڭ  تۆرت  ئۇلۇق تەرىپى.  يەكۈنلەپ ئېيتقاندا، قەشقەر دوپىسىدا  دۇنىيا سىمۋولى  مۇژەسسەم. دېمەك، ئۇنىڭدا قېدىمىي تۈرك-ئۇيغۇرلىرىنىڭ ژاھان ئېگىسى كەبى سىمۋوللۇق ئېتىقاتى ئىپادىلەڭەن. تەڭرىچىلىك نەزەرى بويىچە ئېيتقاندا، قېدىمىي ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۆزلىرىنى دۇنىيانىڭ مەركىزىدە، يەنى ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىدا ياشايدىغانلىغىنى ھىس قىلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار، ئۆزلىرىنى تەڭرى  بەلگۈلەپ بەرگەن يەر غوژايىنلىرى دەپ چۈشەڭەن. قېدىمىي ئۇيغۇر ئېپوسى «ئوغۇزنامىدا» ئوغۇزخان «مەن ئۇيغۇر خاقانى بولىمەن، يەرنىڭ تۆرت تەرىپى ماڭا تەەللۇق» دەپ ژارىي قىلغان.  دەرھەقىقەت، قەشقەر دوپىسىنىڭ تۆرتكە بۆلۈنىشى قېدىمىي ئېتىقاتلىرىمىز بىلەن زىچ باغلىق.  فىن ئالىمى ئالپو راتىا قەشقەر دوپىسىنى قولىغا ئېلىپ،  تۆرت بۇرۇچنىڭ ئىچىدىكى سەككىزلىككە كۆز ژۈگەرتتى. ئۇنىڭ تەخمىنىچە، قېدىمىي ئۇيغۇرلاردا «سەككىز چوڭ بىلىم» سەۋىيەسى ژەمىيەت ئىچىدە كەڭ تارىغان ھەم ئۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىدېياۋىي ئەھمىيەتكە ئېگە بولغان. بۇ بىلىمنىڭ ئىدېياۋىي مەزمۇنى ئىنساننى توغرا يولغا يېتەكلەش بىلەن چەمبەرچاس باغلىق بولۇپ، ئۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زور ئورۇننى ئېگىلىگەن. قەشقەر دوپىسىدىكى تۆرتلىك بىلەن سەككىزلىكنى بىر بىرى بىلەن زىچ باغلاپ تۇرىدىغان نەقىشلەر  بار. بۇ دۇنىيانىڭ ھەر خىللىغىدىن ئىشارەت بېرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى، ژاھان بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇش چوڭ ئەھمىيەتكە ئېگە. بۇ ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى. شۇڭلاشقا بىزنىڭ خەلقىمىز قىسىلىش مۇھىتىدا ياشاشنى ئەڭ يات ئادەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قارايدۇ. دەرھەقىقەت، قەشقەر دوپىسىنىڭ سىرى ئەينە شۇنىڭدا.

يېڭى –دېھلىدىكى سۆھبەت

زىيارىتىمىز ئاياقلىشىپ، سامولېتقا ئولتاردۇق. كەيپىياتىمىز بەكمۇ ژۇقۇرى. ئالغان تەسىراتلىرىمىزنىڭ چېكى يوق. ئالىملار ئارىسىدا مۇنازىرىلەر قىزغىن. روسسىيا پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ ئاكادېمىگى ژاڭىر بادماېۋىچ پيۇرۋېېۋ ئىككىمىز تالاش تارتىشلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولدۇق. دېھلى شەھىرىگە ئۇچۇپ كەلگەندە، رەسمىي ئۇچرىشىشلار باشلاندى. ئەينە شۇنداق ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرى ئىندىستاننىڭ مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە مىنىسترى لونچېن تۇلكۇ، ياپونىيانىڭ ئىختىسادىي تەرەققىيات بويىچە رەسمىي ۋەكىلى ماسازۇمى شولىن ئوكانو، ئىتالىيانىڭ خەلىقارا مەدەنىيەتلەرنى قوللاش فوندىسىنىڭ رەھبىرى كونستانتىنو ئالبىنى بىلەن بولدى. ياپونىيانىڭ ئاتاقلىق دىنىي فىلوسوفى دژېنساي تەراساۋىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن بۈگۈنكى قازاقستاننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سەياسىتى، دىن ساھاسى بويىچە ئىسلاھاتلار، مىللەتلەر مەدەنىياتىنىڭ تەرەققىياتى بويىچە دوكلاد بەردىم. ئۇمۇمەن، لونچېن تۇلكۇ قازاقستاندا ژۈرگۈزىلىۋاتقان ئىسلاھاتلارغا ژۇقۇرى باھا بەردى. ئۇ ئىندىيا ھۆكۈمىتى نامىدىن قازاقستانغا «بودخى» / «مۇقەددەس» مەناسىدا/ دەرىغىنى سوغا قىلدى. ئۇنىڭ نۇتقى تامالانغاندا، مەن قازاق چاپىنىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئارتىپ، مالىخاينى بېشىغا كىيگۈزۈپ قويدۇم. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىللىق پىكىرلەرنى ئېيتقان ياپونىيالىك ئوكانوغا بولسا، ئۇيغۇر دوپىسىنى سوغا قىلدىم. ئۇمۇمەن قازاقستان توغرىسىدىكى سۆھبەت قىزىق ئۆتتى. ياپونىيا ھەم ئىتالىيا مەدەنىيەت مەھكىمىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مېنى قوللاپ، تەكلىپنامە ئەۋەتىدىغانلىغىنى رەسمىي ئېيتقاندا، خوشاللىغىمنىڭ  چېكى بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ دوكلادىم بىلەن ئامېرىكىلىق ئالىم ئا.بېرزىننىڭ ماقالىسى ئاساسىدا، يېڭى  تەۋسىيەلەر قوبۇل قىلىنىپ، مەتبۇاتتا ھەم ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلىندى. كېلەچەكتە مەركىزىي ئازىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە قېدىمىي مەدەنىيىتىمىز بويىچە چوڭ بىر ئەنژۇمان ئۇيۇشتۇرۇلماقچى.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئىندىستانغا بولغان ئىلمىي سەپىرىم ئەينە شۇنداق ئۇتۇقلۇق تاماملاندى. ئاندىن قازاقستان پەنلەر ئاكادېمىياسى م. ئاۇېزوۋ نامىدىكى ئىنستۇتىتىنىڭ ئىلمىي مەژلىسىدە  رەسمىي ئەخبارات بېرىپ، يېڭى لاھىيەلەرنى سۇندۇم.   دەرھەقىقەت، بۇ خىل سەپەرلەر ھەر قانداق شەخسكە ئىلھام بېغىشلاپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا يېتەكلەيدىغانلىغى شۈبھىسىز. بىز ئۇيغۇرلار  كېچە –كۈندۈز ئەمگەك قىلىپ، تىرىشىدىغان بولساقلا، ئارمانلىرىمىز، سۆزسىز، روياپقا چىقىدىكەن، خالاس. ھە، ئۇنىڭغا پەقەتلا ئىنتىلىش كېرەك!ئالمۇتا-دېھلى-ۋاراناسى-رادژگىر-ئالمۇتا