مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا

© 100 Meshhur uyghur, Mehemmettursun Emet Uyghur

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا

    شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ باش قوماندانى، يېقىنقى زامان شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى 3 ئەپەندى دەپ تونۇلغان ئەپەندىلەرنىڭ ئىككىنچىسى، دىنى ئالىم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا Mehmet Emin Buğra 1901- يىلى خوتەن شەھىرى ئىچىدىكى خەلىپىلىك ھويلا مەھەللىسىدە ئوتتۇراھال ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.   

    دادىسى فەرىددىن ھاجىم، خوتەننىڭ مۆتىۋەر دىنى ئالىملىرىدىن بولۇپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كىچىك چېغىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئۇ تۆت ئوغۇل، ئىككى قىز قېرىندىشى بىلەن ئانىسى سېكىنە بانۇ خانىمنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان. 21 يېشىدا خوتەن ۋە قاراقاشتىكى مەدرىسىلەردە يۈكسەك دىنى ئىلىم ئوقۇشىنى تاماملىغان. 1922- يىلىدىن 1933- يىلىغىچە خوتەن ۋە قاراقاشتا قۇرئان تەفسىرى ۋە ھەدىس ئىلىملىرىدە باش مۇدەررىسلىك قىلغان. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۈستۈن ئىلمى قابىلىيىتى بىلەن شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنى زاتلىرىغا بېرىلىدىغان «ھەزرىتىم» ئۇنۋانى بىلەن ئاتالغان.

     مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياش چېغىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە شېئىرلار يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمىدا ئەرەبچە ۋە پارسچە شېئىرلارنى خېلى كۆپ ئۇچرىتىمىز. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنى ھەر پۇرسەتتە زامانىۋى ئىلىملەر بىلەن يېتىشتۈرۈشكە تىرىشقان. شۇ دەۋرلەردە تەشەببۇس قىلىنغان «مائارىپتا يېڭىلىققا كۆچۈش» ھەرىكىتىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىگەن. مائارىپتا يۈرگۈزۈلگەن يېڭىلىق ۋە ئىسلاھاتچىلىق تەرەپدارى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن شۇ زاماننىڭ مۇتەئەسسىپ كىشىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان.

ئۇ قاراقاشتا ياش مۇدەررىس ۋە تالىپلارنى تەشكىللەپ، شەرقى تۈركىستاننى تاجاۋۇزچى، مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىشغالىدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇش يولىدا چارە- تەدبىر ئىزلىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىش بىلەن باشلىغان. مۇھىتىدىكى ناھايىتى يېتەرسىز ۋە ئاز ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشتىن باشقا خوتەندىن ھىندىستانغا بېرىپ- كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەرلەر ۋە ئەرەبىستانغا بارىدىغان ھاجىلار بىلەن تاغىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى قىزىقىپ ئاڭلاپ، بۇ كىشىلەر چەتئەلدىن ئېلىپ كەلگەن گېزىت- ژۇرناللارنى ئوقۇپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان. بۇغرا بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇ 1930- يىلى پۈتۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، بۇ جايلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچى ۋە خەلقنىڭ روھىي ھالىتى قاتارلىق ستراتېگىيىلىك ۋەزىيەتنى ئۆزى بىۋاستە كۆزەتكەن. دىنى ۋە سىياسى جەھەتتە مۆتىۋەر سابىت دەموللام (1883- 1941) قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكەن. نەتىجىدە خىتاي ئىشغالىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۇ ۋەزىيىتىدە قوراللىق مىللىي ئىنقىلابتىن باشقا چارە يوق دېگەن تونۇشقا كەلگەن. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1930- يىلى خوتەندە بىر يۇشۇرۇن «مىللىي ئىنقىلاب كومىتېتى» تەشكىلاتى قۇرۇپ چىققان.

1933- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى[1] مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن سابىت دەموللام ئۆز ئادەملىرىنى ئوۋ مىلتىقى، قىلىچ، چوماق قاتارلىق قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ قاراقاش ناھىيىسىدىكى خىتاي يامۇلىغا ھۇجۇم قىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە غەلىبە قازانغان. نەتىجىدە 4- ئاينىڭ 5- كۈنى خوتەندە «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغان. بۇ ھۆكۈمەتكە مۇھەممەت نىياز ئەلەم دېگەن كىشى دىنىي داھىي، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باش قوماندان، سابىت دەموللام ئالىي مەسلىھەتچى، سۈپۈرگە ھاجىم مەسلىھەتچى، قۇربان ھاجىم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان. بۇ تارىختىن باشلاپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا «ئەمىر ھەزرىتىم» ئۇنۋانى بىلەن، چەتئەلدە بولسا «خوتەن ئەمىرى» دەپ تونۇلغان.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1934- يىلىنىڭ ئاخىرىدا مىلىتارىست تۇڭگان ماخۇسەننىڭ ھۇجۇملىرىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىدۇ. ھىندىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقى تۈركىستانغا چېگرىداش بولغان پامىر ۋە ۋاخان تاغلىق رايونلىرىدا «قوراللىق يىغىلىش ۋە يۇرتقا قايتىش» پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئابدۇللاخان ياركەندى» دېگەن ئىسىمنى قوللىنىدۇ. ئۇ ئافغانىستان ۋە كەشمىرنىڭ شەرقى تۈركىستانغا تۇتاش بولغان «بۇرۇغىل» جىلغىسىغا ئورۇنلىشىپ، بۇ يەردىن پارتىزانلىق ئۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم زېمىن ئىگىلەپ، شەرقى تۈركىستان مىللى ئازادلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلايدۇ. ئۇ ۋاخان قەبىلىلىرى بىلەن قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزەپ، كېلىشىم بويىچە تەخمىنەن بىر مىليون سەر كۈمۈش تۆلەيدۇ[2]. لېكىن «ۋاخان» قەبىلىلىرىنىڭ كېلىشىمگە خىيانەت قىلىشى بىلەن سېتىپ ئالغان قوراللار ۋە ۋەدە قىلىنغان باشقا ياردەملەر قولغا كەلمەيدۇ[3].  

    ئۇ يىللاردا غەربىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان رۇسلار ۋە ھىندىستاندا ئەۋج ئېلىۋاتقان مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن ئىنگلىزلار ئۆز چېگرىلىرى ئەتراپىدا ئوتتۇرىغا چىققان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھەرىكىتىدىن چۆچۈپ كېتىشى تەبىئىي ئىدى. بىتەرەپلىك سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتە ئەندىشىلىك ئىدى. نەتىجىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىر يىل داۋام قىلغان چېگرىدىكى ئاكتىپ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ ئافغانىستانغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە 1942- يىلىغا قەدەر كابۇل شەھىرىدە سىياسى مېھمان سۈپىتىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقى تۈركىستان تارىخى ھەققىدە ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. تۆت يىللىق جاپالىق ئەمگەك نەتىجىسىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەتراپلىق بىر تارىخ كىتابى بولغان «شەرقى تۈركىستان تارىخى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابىنى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ.   

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇ ئەسىرىنى يازغانلىقىغا ھازىر يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئالدى بىلەن مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)، كېيىن كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ) ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى ئەڭ چوڭ خەۋپ دەپ تونۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستاندىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى يالقۇنلانغانسىرى ئۇلارنىڭ بۇ ئەندىشىلىرى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقى تۈركىستان مىللى ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرسى، ئىنقىلاب قوشۇنىدا زامانىۋى بىلىمگە ئىگە كىشىلەرنىڭ يوق دېگۈدەك ئاز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكتىن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستانلىق ياشلاردىن بىر قانچىسىنى ئافغانىستانغا ئېلىپ كېلىپ، پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇتىدۇ ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى تۈركىيىگە ئەۋەتىپ ھەربى مەكتەپلەردە ئوقۇتىدۇ.      

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئافغانىستاندا تۇرىۋاتقان ۋاقىتتا (1940- يىلى) ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مىللەتچى خىتاي مۇسۇلمانلىرى دوستلۇق ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئافغانىستانغا كېلىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن ئۇزۇن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىپ، بىر پىكىرگە

كېلىشىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، خاتىرىسىدە بۇ مۇزاكىرىنى مۇنداق دەپ يازىدۇ: 

— «ئىيسا بەگدىن جياڭ چېيىشى (1887- 1975) قاتارلىق خىتاينىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ ئەۋەتتىم. بىر مەزگىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مېنىڭ ھىندىستانغا كېلىپ خىتاي- تۈركىستان ئورتاق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋاپ خەت كەلدى…».

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1942- يىلى ھىندىستاننىڭ پېشاۋار شەھىرىگە كېلىدۇ. بۇ قېتىم

كالكۇتتىدىكى خىتاي ئەلچىسى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ۋە چاپسانراق خىتايغا كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خىتايغا بېرىشنى رەت قىلىدۇ. نەتىجىدە 1942- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى (دۈشەنبە) سائەت 15:00 تە ھىندىستاندىكى ئىنگلىز دائىرىلىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى «خەتەرلىك ئۇنسۇر» دەپ قولغا ئېلىپ، پېشاۋار مەركىزى تۈرمىسىگە قامايدۇ. ئۇ 1943- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى خىتايغا بېرىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1945- يىلىغا قەدەر چوڭ چىڭ (خىتاينىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى پايتەختى) دا تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە خىتاي ئىستىلاچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن يۈزمۇ- يۈز تۇرۇپ، سىياسىي مىللىي ئىنقىلاب ئېلىپ بارىدۇ. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا شەرقى تۈركىستاننىڭ مىللى ئازادلىق داۋاسىنى ئاڭلىتىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ كېلىشىدىن ئىلگىرى خىتايغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان سەپتاشلىرى دوختۇر مەسئۇت سابىرى بايقۇزى (1887- 1952)، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن (1901- 1995)، قادىر ئەپەندى سامانى ۋە ئىسمائىل ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن «يۇرتداشلار جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، سىياسى ساھەدە بىرلىكتە كۈرەش قىلىدۇ. خىتاي خەلقىگە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش، ھۆكۈمەت بېشىدىكى مىللەتچى خىتاي پارتىيىسىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان «چوڭ خىتاي مىللەتچىلىك» سىياسىتىنى پاش قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي نەشرىيات، ئاخبارات ئورگانلىرىدا، خىتايچە چىقىدىغان گېزىت- ژۇرناللاردا ماقالىلار ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماقالىلار خىتاي خەلقى ئىچىدە خېلە تەسىر قوزغايدۇ.

قەلەم كۈرىشى داۋامىدا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ماقالىلىرىدىن بىرسى 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، چوڭچىڭدا چىقىدىغان مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى «داگۇڭباۋ» دا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئەمەس شەرقى تۈركىستان» ۋە «شەرقى تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر» دېگەن ماۋزۇلاردىكى ماقالىلار ئىدى. ئىلمىي بەس- مۇنازىرە شەكلىدە داۋام قىلغان بۇ ماقالىلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئاتاقلىق مىللەتچى خىتاي تارىخ ئالىمى لىدۇڭپاڭنىڭ «داگۇڭباۋ» گېزىتىدە ئېلان قىلغان شەرقى تۈركىستاننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ماقالىسىغا  رەددىيە بېرىپ يېزىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساستا ۋە پۈتۈنلەي خىتاي تارىخى ماتېرىياللىرىنى پاكىت قىلىپ، رەددىيە بەرگەن بۇ ماقالىلىرى ئالدىدا لىدۇڭپاڭ «جاۋابسىز» قالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمىي ۋە ئاشكارە مۇنازىرىلەر خىتاينىڭ داھىيسى سۇنجۇڭسەن (1866- 1925) نىڭ ئوغلى دوختۇر سۇن باشچىلىقىدىكى شەرقى تۈركىستان داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر گۇرۇپپىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىدىن تارىخشۇناس جىيەنبۇزەن (ئەسلى مىللىتى ئۇيغۇر)، تىلشۇناس گومورۇ ۋە ما جۇڭيىڭلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى يوقلاپ كېلىپ تەبرىكلەيدۇ ۋە ھېسداشلىق قىلىدۇ.   

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1943- يىلى خىتاينىڭ ئاساسى قانۇن تۈزۈپ چىقىش قۇرۇلتىيىغا سەپتاشلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تەكلىپ لايىھىسىنى سۇنىدۇ. بۇ تەكلىپ لايىھىسىنىڭ مۇھىم ماددىلىرىدا «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنى «تۈركىستان» دەپ تۈزۈتۈلىشىنى ھەمدە تۈركىستان مىللىتىنىڭ «تۈرك» ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

    1945- يىلى، خىتايدا يالغۇز بىر پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان تۈزۈمدىكى مىللەتچى خىتاينىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ باشلىقى شەرقى تۈركىستانغا قارشى قارار چىقارماقچى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەجلىستىكى شەرقى تۈركىستان ۋەكىللىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مەجلىسنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ چاغدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىتاينىڭ باشلىقى قاتناشقان قۇرۇلتايدىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چىقىپ كەتكەن. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ قۇرۇلتايلىرىدا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال ئىدى. ئۇ، بۇ ھادىسە ھەققىدە خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «مەجلىس باشلاندى. مەن مەجلىس رەئىسى ئولتۇرغان سەھنە ئالدىغا كەلدىم. يىغىن زالىغا بىر قاراپ چىقتىم ۋە ئۇدۇل ماڭغان پېتىم زالدىن يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كەتتىم. پۈتۈن ۋەكىللەر ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قېلىشتى. بۇ بىر نارازىلىق نامايىشىغا ئوخشاش ھەرىكەت ئىدى. مەندەك يالغۇز بىر كىشىنىڭ مەجلىسنى تەرك ئېتىشىمگە باشقىلار ئانچە پەرۋامۇ قىلماس ئىدى. لېكىن، مەن بۇنى ۋەتىنىم ئۈچۈن بىر شەرەپ نامايىشى دەپ بىلىپ، ئاقىۋەتنىڭ نېمە بولىشىغا ھېچ پەرۋا قىلماستىن بۇ ھەرىكەتنى قىلدىم.»

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1945- يىلىنىڭ ئاخىرىدا شەرقى تۈركستانغا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شەرقى تۈركىستاندا ۋەزىيەت بەكمۇ ئېغىر ئىدى. مىللەتچى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە پۈتۈنلەي ئىككى يۈزلىمىچىلىك سىياسەت يۈرگۈزمەكتە ئىدى. ئىشلار ئېغىزدا بىرخىل، ئەمەلىيەتتە بولسا باشقا بىر خىل ئىجرا قىلىنماقتا ئىدى. قىلغان ۋەدىلىرىنىڭ ھەممىسى قەغەز يۈزىدىلا قالغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقى تۈركىستان خەلقىنى ئىككىنچى سىنىپ پۇقرا قاتارىدا تۆۋەن كۆرۈپ، ھاقارەتلەپ مۇئامىلە قىلاتتى. شەرقى تۈركىستاننىڭ مىللى بايلىقىنى

ئوچۇقتىن- ئوچۇق بۇلاڭ- تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇماقتا ئىدى.

    ئۇ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشى پائالىيەت باشلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللىي

ئويغىنىش، مىللىي سەۋىيىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان ئاقارتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. خىتايدىن قايتىپ كەلگەن سەپتاشلىرى مەسئۇد سابىرى ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرلىكتە «ئالتاي ژۇرنىلى» ۋە «ئەرك» كۈنلۈك گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، مىللەتنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا «شەرقى تۈركىستان مىللەتچى پارتىيىسىنى» نى قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىنى تاماملايدۇ. ئەمما رۇس ئەلچىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىدۇ. نەتىجىدە پارتىيە رەسمىي پائالىيەتكە ئۆتەلمەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ مەخپى ساقچىلىرى ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىشكە باشلايدۇ. ئۇ خوتەنگە سايلام ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بارغان ۋاقتىدا، خىتاي ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش سۈيىقەست پىلانى پاش بولۇپ قالىدۇ. كىرىيەگە بارغاندا، خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن يىغىلغان خەلق ئۈستىگە ئوق چىقىرىپ يەتتە كىشىنى شېھىت قىلىدۇ.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1947- يىلى قۇرۇلغان ئاتالمىش ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ۋە شەھەر قۇرۇلۇش نازىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. شۇنداقلا «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئىلمىي ھەيئەت رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ. ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى دارۇلفۇنۇنىڭ پەخرى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بىلەن دەرس بېرىدۇ ۋە بىرقانچە ئىلمىي يىغىنلاردا دوكلاتلار سۇنىدۇ. ئۇنىۋېرىستىت تارىخىدا تۇنجى قېتىم «ئاتۇم ئېنېرگىيىسى» ئۈستىدە ئىلمىي لېكسىيە سۆزلەپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1948- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. ئۈچ ئەپەندىلەر ئىچىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسەن نورمال بولغان.  

    بۇ يىللار مىللەتچى خىتاينىڭ جان تالىشىۋاتقان ئاخىرقى ۋاقىتلىرى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا نەشرىياتلاردىكى سوۋېت پەرەستلەر، كوممۇنىست پەرەسلەر، ئۈچ مەسلەكچىلەر، دىنىي گۇرۇھلار، تەرەپسىز مۇستەقىللىق خاھىشىدىكىلەر دەپ بۆلۈنگەن ھەر خىل سىياسىي ئېقىمدىكى

ئۇيغۇرلارنىڭ قەلەم كۈرىشى ئەۋجىگە چىققان ئىدى.

    بۇ ۋاقىتتا كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ) ئارمىيىسىنىڭ مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) نىڭ قولىدىن شىئەننى ئىشغال قىلغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. 1949- يىلى 7- ئايدا مىللەتچى خىتاي غەربىي شىمال مىلىتارىستى تۇڭگان ما بۇپاڭنى غەربىي شىمالنىڭ ھەربىي- مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئۇنىڭ جىيەنى ما چىڭشىياڭ بولسا ئۈرۈمچىدە گېنېرال ئىدى.

    بۇ ۋاقىتتا ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىر ھەيئەت بىلەن لەنجۇغا بېرىپ نامدا ما بۇپاڭنىڭ يېڭى مەنسىپىنى تەبرىكلەش، ئەسلى مەقسەت بولسا بۇ باھانە بىلەن بېرىپ مىللەتچى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى كوممۇنىست پەرەز باش قوماندانى تاۋسىيۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جىيەنى ما چىڭشىياڭنى ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلەشنى، مىللەتچى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدىكى قوراللارنىڭ يېرىمىنى ئۇيغۇرلارغا بېرىشىنى، شۇنداق قىلىپ كوممۇنىستلارنى شەرقى تۈركىستانغا كىرىشتىن توسۇشنى تەلەپ قىلماقچى بولىدۇ. ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ مەقسىتى؛ ئەگەر مىللەتچى خىتاي تەيۋەنگە چېكىنگەن تەقدىردىمۇ، شەرقى تۈركىستان كوممۇنىستلارغا ئەمەس، تەيۋەندىكى مىللەتچى خىتايغا قاراشلىق مۇختارىيەت (ئاپتونوم رايون) بولۇپ قالسىكەن دېگەن ئۈمىدلىرىنى بىلدۈرۈپ ياردەم سورىماقچى بولىدۇ.

    ما بۇپاڭ ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككىلىنىپ، مىللەتچى خىتاينىڭ مەركىزىگە تېلېگرامما يوللاپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. كەلگەن جاۋاپتا ئېنىق قىلىپ: «ھەرقانداق تىپتىكى مۇختارىيەت، ئاپتونومىيە دېگەنلەرگە يول قويۇشقا بولمايدۇ» دەپ جاۋاپ كەلگەن. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 9- ئاينىڭ 3- كۈنى لەنجۇدىن ئۈمىدسىز قايتىپ كەلگەن.

    بۇ ۋاقىتتا شەرقى تۈركىستاندىكى ما چىڭشىياڭ قاتارلىق مىللەتچى خىتايغا سادىق گېنېراللار ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغان. ئۇلار تاۋسىيۈ، بۇرھان شەھىدى (1894- 1989) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان 70 كىشىلىك بىر ئۆلۈم تىزىملىكى ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانى بويىچە، دەرھال مۇستەقىللىق جاكارلاپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى رەئىس قىلىش، ھەربىي ھوقۇقنى ما چىڭشىياڭ تۇتۇش، دەرھال ئەسكەر توپلاش قاتارلىق ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشىپ، بۇ ئىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنى مۇزاكىرىگە چاقىرىپ، ھۆكۈمەتكە سادىق 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ ھازىر ئىكەنلىكىنى، يەنە ئۇيغۇرلاردىن جىددىي ئەسكەر توپلاپ قوراللاندۇرۇشنى مەسلىھەتلەشكەن. قۇتۇبىدا بىر ھەربىي مەكتەپ قۇرۇپ، دەرھال بىر نەچچە يۈز ئوفىتسېر تەربىيلەپ، ئاندىن ئۇيغۇرلاردىن بىر دىۋىزىيە تەشكىل قىلماقچى بولغان.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر: «بىز ئۇرۇشقا قارشىمىز، كوممۇنىستلارنى توسۇۋالغان تەقدىردىمۇ، رۇسلار ئۈستىمىزگە غۇلجىدىكى مىللىي ئارمىيىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇيغۇر قېنى تۆكۈلىدۇ. بىز بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمايمىز. نەتىجىسى كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر ئۇرۇشقا قارشىمىز (ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن: «ئەسىر شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن») دېگەن. يەنە «مىللەتچى خىتاي 3 مىليون كىشىلىك ئەسكىرى بىلەن توسىيالمىغان كوممۇنىست خىتاينى 150 مىڭ ئەسكەر بىلەن

توسقىلى بولامدۇ، ئەڭ ياخشى چارە يۇرتنى تەرك ئېتىش» دېگەن[4].

    مىللەتچى خىتاي قۇتۇبىدا ئالدىراشلىق بىلەن بىر ھەربىي مەكتەپ ئېچىپ ئىككى يۈزدەك ئوقۇغۇچى يىغقان. ئەمما ئون كۈنگە بارماي مىللى دىۋىزىيە قۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن. تاۋسىيۈ: «بۇ دۆلەت ئايرىلىپ كەتمىسۇن، ئۇندىن كۆرە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ قولىغا قالسۇن» دېگەن.

ھىجرەت

    بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مىللەتچى خىتايغا خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسەتچىلىرى،

زىيالىيلارنىڭ كۆپ قىسمى كوممۇنىست خىتايغا ئىشەنچ قىلالمىغاچقا ھىجرەت قىلىش تەييارلىقىغا چۈشكەن. بۇلار دەسلەپتە: مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ئۇيغۇر ئادىل، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (‹1923- 1995› ئۇچتۇرپاندا بولۇپ، يولدىن ئېلىۋالىدىغان بولغان)، قۇربان قوداي، پولات قادىرى، باي ئەزىزى، چىڭگىزخان دەموللام (‹1906- 1952› بۈگۈردە بولۇپ، يولدىن ئېلىۋالماقچى بولغان)، ھاجى ياقۇپ ئانات (1920- 2001)، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، ئېمىن ۋاھىدى، ئابدۇرېھىم قىلىچ، ساتتار بۇلبۇل، مۇخپۇل چوپان، خېۋىر تۆمۈر (1922- 1992)، ھەمدۇل قاۋان، مۇھەممەدىن توختى، نۇر مۇھەممەد (تۇڭگان) قاتارلىق 53 كىشى بولغان. سەپەر زاپخوزلۇقىغا رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا بەلگىلەنگەن. مەسئۇد سابىرى بايقۇزى بولسا: «يېشىم 70 كە يېقىنلاشتى، مەن غۇربەتنى كۆرگەنمەن، ئۆلسەممۇ ۋەتىنىمدە ئۆلەي» دەپ ھىجرەتكە قوشۇلمىغان.

    بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇرېھىم قىلىچ 40 ياشلاردىكى كىشى بولۇپ، چوڭچىڭدا ئىستىخپارات (جاسۇسلۇق) مەكتىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، كېيىن ئۇنى ياپونىيىگە مەخپىي خىزمەتكە ئەۋەتكەن. ياپونىيىدىن قايتىپ مانجۇرىيىگە كەلگەندە ياپونلار سىزىپ قېلىپ تۇتۇۋالغان. ياپونلار ئۇنى پويىز بىلەن باش شتابىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا تىز پويىزنىڭ ھاجەتخانىسىنىڭ پەنجىرىسىدىن سەكرەپ قېچىپ كەتكەن، ناھايىتى قارام، قورقۇمسىز كىشى ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدا تەرەپلەرنىڭ قەلەم كۆرۈشى تازا قىزىغان چاغدا كوممۇنىست پەرەزلەرنىڭ ھۇجۇمىغا چىداپ تۇرالمىغان ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورغىنىغا ئايلانغان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئابدۇرېھىم قىلىچنى ۋەزىپىلەندۈرگەن ئىكەن. (ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن: «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن» 492- بەت) ئابدۇرېھىم قىلىچ كەچتە ئېچىلىدىغان يىغىن ۋاقتىدا بىرلا بۇرادىرى بىلەن بۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئوققا تۇتقان. ئۇيۇشمىدىكىلەر تامدىن ئاتلاپ قېچىپ كەتكەن ئىكەن. يەنە بىرسى تۇڭگان نۇرمۇھەممەت بولسا، سىبىرىيىدە رۇسلارنىڭ قولىدا ئەسىر چېغىدا، ئۈچ رۇس ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، شەرقى تۈركىستانغا قېچىپ كەلگەن، ئۈرۈمچىدە پولات- تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ مۇدىرى ئىدى.

    بۇلارغا ما چىڭشىياڭ ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى ھەل قىلىپ بەرگەن. يەنە 100 تال مىلتىق، 10 مىڭ تال ئوق، ئىككى دانە پىلىمۇت، 500 تال قول بومبىسى بەرگەن. بۇلار 1949- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان.

    1949- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى بۇرھان شەھىدى ماۋزەيدۇڭغا شەرتسىز تەسلىم

بولىدىغانلىقى توغرىلىق تېلېگرامما يوللىغان.

    بۇلار يولدىن چىڭگىزخان دەموللام بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئېلىپ 9- ئاينىڭ 30- كۈنى

قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. بۇ چاغدا قەشقەردە «تىنچ ھەقىقەتكە قايتىش مۇراسىمى» (قارشىلىق كۆرسەتمەي كوممۇنىست خىتايغا تەسلىم بولۇش مۇراسىمى) بولۇۋاتقان ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ ۋالىيسى ئۆمەر دەموللا يېڭى ۋالىي ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (1870- 1955) غا ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇلار قەشقەردىكى ھىندىستان ئەلچىخانىسىدا مەلۇم ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىغان. پۇلى بار كىشىلەر بۇ يەردە پۇللىرىنى كەشمىردىكى ئىمپېرىيە بانكىسىنىڭ قەشقەر شۆبىسىگە ئامانەت قويۇشقان. ھىندىستانغا چىققاندا ئۇ يەردىن ئېلىۋالماقچى بولغان. پۇلى يوقلار ئۇمۇمىي تەمىناتتىن بەھرىمان بولغان.

كارۋان يوللىرىنى داۋام قىلغان. يولدا بۇلارغا ئۈرۈمچى ئەينەك زاۋۇتىنىڭ مۇدىرى سۇلتان ھاجى، ئۆزبېكلەردىن مۇنەۋۋەر ھاجى، ئابدۇرېھىم جۇشقۇن، ئەرتۇغرۇل (مەسئۇد سابىرى بايقۇزىنىڭ ئوغلى) قوشۇلغان.

ئۇلار يەكەنگە كەلگەندە مىللەتچى خىتاي ئەسكەرلىرىدىن بىرقانچە چېدىر ئالغان. يەكەندىكى خىتاي ئەسكەرلىرى ما چىڭشىياڭدىن بۇ ھەقتە تېلېگرامما ئالغىنى ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە ھازىر ئىكەن. ئۇلار 10- ئاينىڭ 2- كۈنى يولغا چىقىپ، 3- كۈنى قۇربان ھېيت نامىزىنى قاغىلىقتا  ئوقۇغان. بۇلار مۇھەممەد رېھىمجان ئىسىملىك بىر ئاتچىدىن 100 ئات سېتىۋالغان. بۇ كىشى يول باشلىغۇچى بولغان. 10- ئاينىڭ 13- كۈنى كۆكيارغا كېلىپ بۇ ئۇزۇن ھىجرەت سەپىرى ئۈچۈن بىرەرقۇر تەييارلىق قىلىشقان. 16- كۈنى يەكەننىڭ ساقچى ئەمەلدارى بۇرھان شەھىدىنىڭ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ مۇھىم بىر مەسىلە ئۈچۈن يەكەنگە كېلىشى تەلەپ قىلىنغان تېلېگراممىسىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن. بۇنىڭ بىر تۇزاق ئىكەنلىكىنى ھەر كىم پەرەز  قىلالايتتى.

    بۇلار كۆكياردىن يولغا چىقىپ ھىندىستان چېگرىسىغا يېقىن، ئەڭ ئاخىرقى يېزا پۇساغا

كەلگەندە، بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يولغا چىققان ۋە ھەر خىل سەۋەبتىن ئارقىدا قالغان 300 چە ئادەم ئاتلىق، ئېشەكلىك، تۆگىلىك بولۇپ يېتىپ كەلگەن. بەزىلەر تۆگە ئۈستىگە مەھمىلگە ئوخشاش بىرنېمىلەرنى قىلىپ، خۇتۇن، بالا- چاقىلىرىنى ئولتۇرغۇزۇۋالغان ئىكەن. بۇ قەدەر چۇۋالچاق بىر توپ بىلەن ئېگىزلىكى تۆت مىڭ مېتىر كېلىدىغان قاراقۇرۇم تاغلىرىنى قانداق ئېشىش ھەقىقەتەنمۇ ئەقىل يەتمەس بىر ئىش ئىدى. كارۋانلارنىڭ يولى تەدرىجى ئېگىزلەپ تاغ چوققىسىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ ئالدىدا شۇنداق بىر تاغلىق دۇنيا باردىكى، بۇلۇتلارغا تاقاشقان بۇ سان- ساناقسىز تاغلار دۇنياسىدىن قانداق ئۆتۈشكە كۆز يەتمەيتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلاغلار ماڭالماي كىچىك بالىلاردىن باشقىلار ئۇلاغلاردىن چۈشۈپ قاتارلىشىپ پىيادە ماڭىدۇ.

    بۇلار 10- ئاينىڭ 22- كۈنى ئاق مەسچىتتىن يولغا چىقىپ 23- كۈنى خالاستان دەرياسىدىن

ئۆتۈۋاتقاندا، ئارقىسىدىن يېڭىسارنىڭ ھاكىمى ئائىلىسى بىلەن كېلىپ قوشۇلىدۇ. بۇ كىشى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەخمەتجان قاسىم (1914- 1949) باشلىق ۋەكىللىرىنىڭ ئايرۇپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «يىگىتلەر، ئاتتىن چۈشۈپ تاھارەت ئېلىڭلار»- دەيدۇ ۋە ئۆزى ئىمام بولۇپ ئايرۇپىلان قازاسىدا ۋاپات بولغانلارنىڭ غايىۋى جىنازا نامىزىنى ئوقۇيدۇ. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئاياللار، بالىلاردىن باشقا ھەممە كىشى نامازغا تۇرىدۇ. غايىۋى جىنازا نامىزىدىن كېيىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۇزاق دۇئا قىلىدۇ.

    نامازدىن كېيىن ھاجى ياقۇپ، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپ قالىدۇ:

    — بايا نامازغا تۇرمىدىڭىز، بۇنىڭ ئالاھىدە بىر سەۋەبى بارمۇ- يا؟

ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن:

    — «ئەگەر ئەخمەتجان ئەھلى جەننەت بولىدىغان بولسا، مەن دوزاخقا كېتىمەن؛ ئەگەر ئۇ دوزاخقا كىرسە مەن جەننەتكە كىرىمەن!» دەيدۇ.

    بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئاچچىقىنى تەستە بېسىپ، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە: «كىم ۋە نېمىچى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بىر مەزگىل بىللە ئىشلىدۇق، ئۆكتىچىمۇ بولدۇق، غايىداشمۇ بولدۇق، نېمىلا بولمىسۇن ئۇمۇ مۇشۇ ۋەتەننىڭ پەرزەنتى، ئۇمۇ مۇشۇ مىللەتنىڭ غېمىنى يېگەن… ئەمدى بىز مۇشۇ ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىدە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغان ۋەزىپىمىز بارلىقىنى تونىمىساق بولامدۇ» دېگەن. ئىيسا يۈسۈپ

ئالىپتېكىن ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

    كارۋان يولىنى داۋام قىلىپ 10- ئاينىڭ 25- كۈنى مايمۇن كېچىكىدىن ئۆتۈپ بىر كېچە

قونۇپ، ئەتىسى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەچتە «كۆك ئارت» دېگەن يەرگە يېتىپ كېلىپ دەم ئېلىش ئۈچۈن چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىدا ئەمدى پەقەت 500 مېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئەڭ كۆپ دېگەندە خىتاينىڭ 20 ئەسكىرى بېقىۋاتقان شەرقى تۈركىستان- ھىندىستان چېگرىسىدىن ئۆتۈشلا قالىدۇ. 

بۇ يەردە كۈنلەردىن بۇيان چېدىر قۇرۇپ ياتقان بەش يۈزگە يېقىن يەرلىك خەلق ئالتە توكتوك خىتاينىڭ توسۇۋېلىشى بىلەن چېگرىدىن ئۆتەلمەي ئۆز ۋەتىنىدە بىر تىيىنلىق قەدرى بولماي خىتايدىن ئىنساپ كۈتۈپ يېتىشقان ئىدى. خارلانغان بىچارە خەلق بۇلارنى كۆرۈپ، قايتىدىن ئۈمىدلىنىپ بەكمۇ خوشال بولىدۇ.

    بۇلار دەم ئېلىپ تۇرغاندا خىتاينىڭ 2 نەپەر چېگرا قاراۋۇلى ئەھۋال ئۇقۇشقىلى كېلىدۇ. بۇ ئەسكەرلەر ئۇيغۇر ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم قىلىچ ئۇلارنى تۇتۇپ ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولىدۇ.

ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇنىڭغا قارشى چىقىپ:

    — بىز سوقۇشقىلى كەلمىدۇق، ئۇ ئۇچۇرنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ بىز تىنچلىق بىلەن چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتسەكلا بولدى. بىز ئۇلارغا مۇشۇ نىيىتىمىزنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز لازىم دەيدۇ.

ئىبراھىم قىلىچ مەخسۇس تەربىيىلەنگەن رازۋېتچىك بولغاچقا بەكلا سەگەك ئىدى. ئۇ، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ كېلىشىنى ئادەتتىكى مەسىلە دەپ قارىمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە، شۇنچە قورالنى مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ يۈك قىلىپ كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدۇق، بىز يا چېگرىدىكى خىتايلارنى قىرىۋېتىپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز كېرەك ياكى بولمىسا ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز كېرەك دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كۆپچىلىك بۇ پىكىرگە قەتئىي قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم قىلىچ يېنىغا، ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، نۇر مۇھەممەد قاتارلىق ئوت يۈرەك بىر قانچە ياشلارنى ئېلىپ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ چېدىرىغا كېلىپ مەقسەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

    ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، قەتئىي بولمايدۇ دەپ سەكرەپ كېتىدۇ. ئۇ بىز ئۇرۇشقا قارشى ئادەملەرمىز، بىز تىنچلىقنىڭ تەشەببۇسچىلىرىمىز. ئۇرۇشنىڭ نېمە كېرىكى… دەيدۇ. بۇلار بۇغرا ئەپەندىمگە قارايدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ. (بەلكىم ئۇزۇن يىللىق سەپدىشىنى خاپا قىلىپ قويۇشنى خالىمىغاندۇ)

    بۇلار چېدىردىن چىقىپ ماڭغاندا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئارقىسىدىن چىقىپ، بۈگۈن بەرىبىر ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئەتىگىچە تاقەت قىلىڭلار دەيدۇ.

ئەتىسى ئىككى ئەسكەر كېلىپ بۇغرا، ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. بۇلار ئىككى ئەسكەر بىلەن باي ئەزىزى قاتارلىق بىر ھەيئەتنى ئەۋەتىدۇ. ھەيئەت قايتىپ كېلىپ؛ «چېگرا قاراۋۇل باشلىقى سۇن فۇگۇي مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى چايغا تەكلىپ قىلدى. شۇنداقلا قوراللىرىمىزنى تاپشۇرۇۋەتسەكلا باشقا رەسمىيەتلەرمۇ يوق ئىكەن، چېگرىدىن ئۆتۈۋەرسەك بولىدىكەن» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم قىلىچ قاتارلىقلار  قاتتىق غەزەپلىنىپ: «بىر قاراۋۇلنىڭ بىر ئۆلكە رەئىسىنىڭ مۇئاۋىنى ۋە باش كاتىپى بولغان ئادەمنى ئالدىغا چاقىرغىنى قانداق ئەدەپسىزلىكبۇ؟» دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قېيىدىغاندەك قىلىپ ئېتىغا مىنىپ بىر ياردەمچىسى بىلەن قاراۋۇلخانىغا كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ  توپتىن ئۈمىدى كېسىلىدۇ.

    تارىخ تەكرارلانماقتا ئىدى…

    بۇ ۋاقىتتا قوراللارنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئەسكەرلەر كېلىدۇ. بۇلار قوراللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەپ يېرىمىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. كەچكە يېقىن يەنە ھېلىقى ئۇيغۇر ئەسكەر كېلىپ ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ خېتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. خەت قىسقىلا بولۇپ: «سىلەر كۆسەيلىرىڭلارغا چىدىماي مېنى ئۆلسۇن دەمسىلەر» دەپ يېزىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇغرا ئەپەندىمنىڭ چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ… بارلىق قوراللار تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

    ئەتىسى قاراۋۇلخانىدىن چۈشكەن ئەسكەرلەر يۈكلەرنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ ئەسكەرلەر بىردىنلا ئۆزگەرگەن بولۇپ، بۇلارنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ. ئاختۇرۇش جەريانىدا بەزى قىممەتلىك ئەشيالارنى قىلچە تەپتارتماستىن ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالارنىڭ يۈكلىرى ئىچىدىكى دۇربۇن، رەسىم ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىمۇ ئېلىۋالغاندا ئىيسا ئەپەندىنىڭ ئايالى خىتايلار بىلەن زوكۇنلۇشۇپ، خىتاي تىلى بىلەن:

    — ھەي تەربىيىسىز!- بۇ كىمنىڭ دېمەيسىنا!- بۇ دېگەن مىشۇجاڭ ئىيسا ئەپەندىنىڭ جۇما!- دەپ ۋارقىرايدۇ. خىتاي ئەسكىرى پەرۋايى پەلەك ھالدا: «مىشۇجاڭ بولسا نېمە كارىم! بۇ تاغنىڭ ئارىسىدا ئاكاڭ قارىغاي مىشۇجاڭ!» دەيدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندىم بىلەن ئامىنە خانىم بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، توختاپ قالىدۇ.

ھەممىگە سۈكۈت قىلىش كېرەك ئىدى. 400 گە يېقىن ئۇيغۇر پەقەت قۇربان بېرىش روھىنىڭ كەملىكىدىنلا مانا مۇشۇنداق خورلۇقلارغا چىداپ، كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ قاراپ تۇرۇشاتتى. …

كەچتە بىر خىتاي كېلىپ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى چاقىرىدۇ…

بۇغرا ئەپەندىم مېڭىشقا تەمشەلگەندە، بۇ قېتىم ئۇنى ھېچ كىم توسمايدۇ…

بۇلار خۇددى قۇشخانىدا نۆۋەت كۈتۈۋاتقان قويلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. 

(قاراۋۇلخانىدىكى خىتايلار بۇ ئۇيغۇرلار توغرىلىق نېمە ئويلاۋاتقاندۇ؟)

قاراۋۇل باشلىقى خىتاي، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى تۇتۇپ تۆت

ئەسكىرى بىلەن گۇمىغا يوللايدۇ. بۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ تاڭ جىنرېن دېگەن قوماندانى بىرقانچە ئەسكىرى بىلەن يېتىشىپ كېلىپ بۇغرا ۋە ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا چىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، «ۋاي كېچىكىپ قاپتۇق» دېيىشىپ، ئىككى ئەپەندىلەرنىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ ئارقىغا- گۇمىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. يولدا قاراۋۇلخانىدىكى بىر ئۇيغۇر ئەسكەر بۇغرا ئەپەندىمنىڭ ئايالىغا، ئۆزلىرىنىڭ جەمئىي 16 ئەسكەر ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئالتىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ قانداق قىلارىنى بىلمەي قورقۇشۇپ ئارانلا تۇرۇشقانلىقىنى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بەكمۇ ساددىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئابدۇرېھىم قىلىچ قاتارلىقلار بۇ گەپتىن پۇچۇلۇنۇپ كېتىدۇ.

    بۇلار گۇما ناھىيىسىنىڭ سانجۇ دېگەن يېرىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر بىلەن ئۇزاق ئايرىلغان قېرىنداشلاردەك يىغلىشىپ كۆرىشىدۇ. بۇلارغا

گۇمىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ئىككى ئەسكەر بىلەن بىر پارچە خەت ئەۋەتكەن بولۇپ خەتتە:

    «ھۆرمەتلىك مۇئاۋىن رەئىس مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، باش كاتىپ ئىيسا ئەپەندى، دەپ باشلاپ،- ماڭا قەشقەردىكى گېنېرال جاۋشىگۈۋەن سىزلەرنى تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەچكە ۋەزىپەمنى ئادا قىلغان ئىدىم. سىلەرنى تۇتۇپ كېلىش بۇيرۇقىنى ئۈرۈمچىدىكى كوممۇنىست ئەسكەرلەرنىڭ بېسىمى بىلەن چىقارغان ئىكەن. مەن ھازىر گېنېرال تاۋسىيۈنىڭ، ئەگەر بۇلار چېگرىدا بولسا ئۆتكۈزۈۋېتىش، قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولسا، تاكى چېگرىدىن ئۆتكىچە ئۇزۇتۇپ قويۇش توغرىلىق تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالدىم…» دەپ يېزىلغان ئىكەن.

    بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر قاتتىق خورلۇق ھېس قىلىپ، «نېمە بولساق ۋەتىنىمىزدە بولايلى» دېيىشىپ ھىجرەت قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. بۇلار: سەلچۇق سۇلايمان، قۇربان قوداي، ئابدىرېھىم قىلىچ، ھەمدۇل قاۋان، خېۋىر تۆمۈر، مۇھەممەد ئىمىن مۇستاپا، يۈسۈپ ناجىدى، مۇھەممەدىن توختى، پەتھىدىن مەخسۇم، ئابدۇللاھ نامان، ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، باي ئەزىزى، ئۇيغۇر ئادىل، ھاجى ياقۇپ، رەھىم قاتارلىق كىشىلەر ئىدى.

    شۇنداق قىلىپ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى ھىجرەت

كارۋىنىى ئۈرۈمچىدىن 9- ئاينىڭ 20- كۈنى يولغا چىقىپ نۇرغۇن قىيىنچىلىق، ئېغىر خۇرلۇق، دىشۋارچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئايلاپ ماڭغان قورقۇنچلۇق تاغ يوللىرىدىن يېنىپ چۈشۈپ، 11- ئاينىڭ 12- كۈنى تەكرار يولغا چىقىپ، ئايلار سۈرگەن ئاشۇ قورقۇنچلۇق يوللارنى تەكرارلاپ، چېگرىدىن ئۆتۈپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، 1949- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى ھىندىستان ئىگىدارچىلىقىدىكى كەشمىرنىڭ لاداق دېگەن يېرىگە يېتىپ كېلىدۇ.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقى تۈركىستان چېگرىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شەرقى تۈركىستانغا

قاراپ، يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق» دېگەن.

    شۇنداق قىلىپ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مۇھاجىرەت ھاياتى باشلىنىدۇ.

مۇھاجىرەتتە

بۇ ۋاقىتتا كوممۇنىست خىتاينىڭ دەھشىتىدىن ۋەتەننى ۋە بار- يوق ھەممە نەرسىسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مىڭلارچە شەرقى تۈركىستانلىق كەشمىرگە يىغىلغان ئىدى. بۇلار ئۈچۈن دەرھال بىر ئىنسانىي ياردەم، يەنى، يېمەك- ئىچمەك ۋە باشلىرىنى قويۇپ ياتالىغىدەك بىر ماكان تېپىش كېرەك ئىدى. غەربىي تىبەتتە يەنە، يۈزلەرچە كىشى (ئاساسلىق قازاقلار) پانا تىلەپ، چېگرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن توپلانغان ئىدى. ئۇلار ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە چىگرىنى توسۇپ تۇرۇۋاتقان ھىندىستان چېگرا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالغان ئىدى. مانا بۇلارنى دەرھال ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە تېپىش مۇھاجىرلار ئۈچۈن ھايات- ماماتلىق بىر مەسىلە ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەھۋالغا كۈرە، بەزىدە «شەرقى تۈركىستان مىللەتچى پارتىيىسى باشلىقى»، بەزىدە «سابىق شەرقى تۈركىستان ئۇمۇمىي ۋالى مۇئاۋىنى» ۋە بەزىدە «پانا تىلەپ چىققان يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىلى» سۈپىتىدە كەشمىر ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ئالاقە باغلاپ، مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە باشقا سەپتاشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان جاپالىق تىرىشچانلىقلىرى ئاخىرى نەتىجە بېرىدۇ ۋە كەشمىرگە توپلانغان شەرقى تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىگە ئېرىشىدۇ.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئارقا- ئارقىدىن ئىلتىماس قىلىپ، مۇھاجىرلارنى تۈركىيىگە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 1952- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كابىنېتى رەسمى قارارنامە ماقۇللاپ 1850 نەپەر شەرقى تۈركىستانلىق سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەرنى (بۇلاردىن مىڭدىن كۆپرەكى قازاقلار ئىدى) رەسمىي كۆچمەن سۈپىتىدە تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك 1949 ۋە 1952- يىللىرى ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ تۇرغان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىقامەت (قانۇنلۇق تۇرۇش

رۇخسىتى) مەسىلىلىرىنىمۇ يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقلار بىلەن ھەل قىلىدۇ.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1952- يىلى تۈركىيىگە كېلىدۇ ۋە 1955- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىغا ئۆتىدۇ. بۇ، دۇنيادا «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ تازا ئەۋجىگە چىققان دەۋرى بولۇپ، تۈركىيە بولسا «غەرب دۇنيا» ئۇرۇش سېپىگە مەنسۇپ بولغان ۋە كۇرىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان يىللار ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ ۋەزىيەتتە سوۋېت رۇسىيىسى ۋە كوممۇنىست خىتايلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە غەربىي تۈركىستانلىق كافكاسىيە، ئىدىل ئورال ۋە ئەزەربەيجانلىق مىللى رەھبەرلەر بىلەن «تۈرك- بىرلىكى»، «تۈرك ئورتاق فۇرۇنتى» غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇ 1952- يىلىدىن باشلاپ، دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋەكىلى بولىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەككە، باغدات، كاراچى، تېھران ۋە قاھىرە قاتارلىق يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ.

    1953- يىلى ئىستانبۇلدا، تۈركچە «تۈركىستان» Türkistan ئىسىملىك ئايلىق ژۇرنال چىقىرىدۇ. شۇنداقلا شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەتەن داۋاسىنى، كۈرەشلىرىنى تۈرك خەلقىگە ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھارماي- تالماي خىزمەت قىلىدۇ. 1956- يىلى تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا «تۈركىستان ئاۋازى» ئىسىملىك ژۇرنالنى چىقىرىدۇ. ئەرەب ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلىتىدۇ. ئۇنىڭ «ئازادلىق رادىئوسى» ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق رادىئولاردىن سۆزلىگەن تۈركچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە نۇتۇقلىرى ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرقتە، شەرقى تۈركىستاندا ۋە پۈتۈن دۇنيادا ياڭراشقا باشلايدۇ.

ھىجاز قۇرۇلتىيى

    1954- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە تارىختا تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتاي بولغان «ھىجاز قۇرۇلتىيى» نى ئاچىدۇ.

قۇرۇلتايدا ئاساسلىق تۆۋەندىكى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

a. شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىنى جانلاندۇرۇش،

b. مۇستەقىللىقىمىزغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلىشىمىز لازىم،

c. مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش- قىلماسلىق،

d. مىللەتچى خىتايدىن ئىقتىسادى ياردەم ئېلىش- ئالماسلىق،

بۇ قۇرۇلتاي 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە، بەش كۈن داۋام قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ قۇرۇلتايغا قاتناشقۇچىلار: شەرقى تۈركىستاننى كوممۇنىست خىتاي ۋە زالىم

رۇسلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىللەتچى خىتايلار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مىللەتچى خىتايغا شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ئەگەر مىللەتچى خىتاي شەرقى تۈركىستاننىڭ تۇلۇق مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىسا، شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىنى «بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى» (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) غا سۇنۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق مىللەتچى خىتاينى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى شەرقى تۈركىستاندىكى سەككىز مىليون، مۇھاجىرەتتىكى ئون مىڭ ئۇيغۇرغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى قىلىپ سايلاپ چىقىدۇ. ۋاكالەتنامىغا تەخمىنەن ئىككى يۈز ئەللىك كىشى ئىمزا ئاتقان بولۇپ، بۇ ئىمزالاردىن 207 سىنى ئوقۇغىلى بولىدۇ. بۇ ۋاكالەتنامە ئىككى نۇسخا يېزىلىپ، بىر نۇسخىسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا، يەنە بىر نۇسخىسى ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلار 1958- يىلى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ۋە بولۇپمۇ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كۈچ سەرپ قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن شۇ چاغدىكى مىللەتچى خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى يالغان- ياۋىداق بايانلىرىغا قارىتا رەددىيە بېرىپ ماقالىلەر ئېلان  قىلىدۇ.

1961- يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا تۈركىيە پارلامىنتىدا مىنىستىر بولۇش توغرىلىق تەكلىپ سۇنىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغان تەكلىپىگە رەخمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە چىرايلىق رەت قىلىپ:

    — «بۇ تەكلىپ مېنى غۇرۇرلاندۇردى، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن رەت قىلىشقا مەجبۇرمەن، چۈنكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەرلىك سىياسەتكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ۋە ئۇلۇغ بىر مەسىلە» دېگەن.

ئۇ تۈركىيىنىڭ ئەينى زاماندىكى رەھبەرلىرىدىن ئىسمەت ئىنۆنۈ[5]، ئادنان مەندېرېس[6] ۋە جامال يۈكسەل پاشا؟ لار بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۈچ ئىسىم تۈركىيىدە بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ سىياسىي ئېقىمنى كۆرسىتىدۇ.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ پۈتۈن ھاياتى دىن، مىللەت ۋە ۋەتەن يولىدا جاپا- مۇشەققەتلىك، تىللارغا داستان بولىدىغان كەسكىن كۈرەشلەر بىلەن تولغان. ئۇ شەخسىي ھاياتىدا

مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئاددى- ساددا ياشىغان.

    مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۈركىيىدىكى ھاياتى ناھايىتى جاپالىق ۋە يوقسۇللۇق ئىچىدە

ئۆتكەن. ئېغىر- يېنىك ھەرقانداق ئىش بولسا قىلىپ، بىر تىيىن، بىر تىيىندىن ئىقتىساد قىلغان پۇللىرىغا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان يازمىلارنى شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانلىرىدا، تۆت كوچا دوقمۇشلىرى ۋە ئادەملەر كۆپ ئۆتىدىغان يوللارغا كېلىپ، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرگە تارقاتقان. كەچتە يېنىپ كېلىدىغان ۋاقتىدا كوچا ئاپتۇۋۇزىغا بېلەت ئالىدىغانغا پۇلىسى يوق، قەھرىتان سوغۇقتا ئاچ قۇرساق، 8- 10 كىلومېتىر يولنى پىيادە مېڭىپ ئۆيىگە يېتىپ بارغىچە ساقال- بۇرۇتلىرىنى مۇز تۇتۇپ كەتكەن. ئاغرىپ يېتىپ كەتكەنلىرىدە

داۋالىنىشقا پۇلىسى يوق، مەسچىت جامائىتى يىغىش قىلىپ ئاپىرىپ داۋالاتقان[7].

ئەسەرلىرى

    1. «قاسائىدى ۋەتىنىيە» 1937- يىلى. (ئافغانىستاندا نەشر قىلىنغان بولىشى مۇمكىن)

    2. «شەرقى تۈركىستان تارىخى» بىرىنچى نەشرى كەشمىر، 1941- يىلى. ئىككىنچى نەشرى   «مىللى ئىنقىلاب قىسمى» كەشمىر، 1970- يىلى. تولۇقلانغان نەشرى ئەنقەرە، 1987- يىلى. كىرىل ھەرپلىرى بىلەن كۆچۈرۈلگەن نەشرى ئالمۇتا، 1991- يىلى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە

نەشرى ئەنقەرە، 1998- يىلى

    3. «ئۇيغۇرچە، پارسچە، ئەرەبچە شېئىرلىرى توپلىمى» كابۇل، 1942- يىلى.

    4. «قەلەم كۈرىشى»- (ئۇيغۇرچە) بىرىنچى نەشرى ئۈرۈمچى، 1948- يىلى. ئىككىنچى نەشرى ئەنقەرە 1990- يىلى.

    5. «ۋەتەن قايغۇسى»- (تۇلۇقلانغان شېئىرلار توپلىمى) ئەنقەرە، 1990- يىلى.

    6. «Doğu Türkistan’in Tarihi, Coğrafi ve şimdiki Durumu» (شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى) (تۈركچە) 1952- يىلى، ئىستانبۇل.

    7. «Türk Yürtlarında Arab- İslam Futuhatı» (تۈرك يۇرتلىرىدا ئەرەب- ئىسلام فەتىھلىرى) (تۈركچە) ئىستانبۇل 1954- يىلى.   

    8. «Doğu Türkistan’ın Hürriyet davası ve çin siyaseti» (شەرقى تۈركىستاننىڭ

مۇستەقىللىق داۋاسى ۋە خىتاي سىياسىتى) (تۈركچە) 1954- يىلى، ئىستانبۇل.

    9. «Doğu Türkistan kızıl muhtariyeti Red Eder» (شەرقى تۈركىستان كوممۇنىست ئاپتونوم رايونىنى رەت قىلىدۇ) (تۈركچە) ئەنقەرە، 1955- يىلى.

    10. «Taşkent Konferansı’nın İç Yüzü ve kominist memleketlerdeki Yazarların

durumu» (تاشكەنت يىغىنىنىڭ ئىچكى يۈزى ۋە كوممۇنىست دۆلەتلەردىكى يازغۇچىلارنىڭ

ئەھۋالى) (تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە) ئەنقەرە، 1959- يىلى.

    11. «Tibet ve Doğu Türkistan Hakkında Bilinmeyen Siyasi Konular» (تىبەت

‹شىزاڭ› ۋە شەرقى تۈركىستان ھەققىدە بىلىنمىگەن سىياسى ئەھۋاللار) (تۈركچە) 1959- يىلى

    12. «Dehli Konferans‎ ve Tibet» (دېھلى يىغىنى ۋە تىبەت) (تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە) ئەنقەرە، 1960- يىلى.

    13. «Doğu Türkistanda Radioaktif Serpıntimı ya kızıl komplomu?» (شەرقى تۈركىستاندا ‹ئاتۇم بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بېرشمۇ› ياكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىپ پىلانلىغان سۈيىقەستىمۇ؟) (تۈركچە) ئەنقەرە، 1961- يىل.

    14. «Şarki Türkistan ve Hürriyet Savaşları» (شەرقى تۈركىستان ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار) (تۈركچە) ئەنقەرە، 1962- يىلى.

    15. «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرى» (تاللانمىلار)، (ئۇيغۇرچە) بۇ كىتاب مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 50- يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 2015- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەينى زاماندا بىر ئوپېرا يازغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ «قۇتلۇق تۈركان ئوپېراسى» Kutluk-Türkan Operasi ئىسىملىك سەھنە ئەسىرى، 1984- يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ئەدەبىياتتىكى تالانتىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئەسەرلەردىن بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تارىخى ئوپېرا 7 پەردە 17 كۆرۈنۈشلۈك بولۇپ، 8- ئەسىردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى خاقانى يۇلۇغ خاقاننىڭ ئوغلى قۇتلۇق تېكىن بىلەن كۇچا خاقانىنىڭ خاقانى كۈن خاننىڭ قىزى تۈركان تېرىمنىڭ مۇھەببىتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان قالايمىقانچىلىقلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

تەرجىمە ئەسەرلىرى

«تارىخى رەشىدىي»: مىكرو فىلىمگە ئېلىنغان ئورگىنال قول يازمىسى، پارسچە نۇسخىسى ۋە بىرىنچى تومىنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمىسى. بۇ ماتېرىياللارنىڭ بىر پوتو كوپىيىسى بۇغرا ئائىلىسى تەرىپىدىن ھاجى نۇرھاجى[8] ئارقىلىق خىتاي تارىخ پەنلىرى ئاكادېمىيىسىگە بېرىلگەن.

نەشىر قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسەرلىرى

    1. «شەرقى تۈركىستان تارىخى» 2- توم (ئورگىنال ۋەسىقىلەر ۋە ئىزاھاتلار قىسمى)،

    2. «خەلقارا تەشكىلاتلارغا، ھۆكۈمەتلەرگە يوللىغان مۇختىرا» (مېموراندۇم) لار ۋە مەكتۇپلىرى،  

    3. «خەلقارا يىغىنلاردا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار»،

    4. «گېزىتچى ۋە ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتلىرى»،

    5. «دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئالىملار بىلەن يېزىشقان خەتلىرى»،

    6. «نوت (شەخسى قىسقا خاتىرە) لىرى ۋە مەكتۇپلىرى»،

    7. «بۇغرا ئەلبوملىرىدىن تاللانمىلار» (فوتو سۈرەتلەر).

    ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە، تۈركچە ئەرەبچە، پارسچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ۋە ئېلان قىلىنمىغان 1400 مىسراغا يېقىن شېئىرلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ پامىر تاغلىرىدىكى سەپىرى جەريانىدىكى جاپالىق كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلغان ئېپىك داستانى، «شۇڭقارىم» ناملىق شېئىرى، «ۋەتەن بىزنىڭدۇر» قاتارلىق شېئىرلىرى ئۇنىڭ ئىچكى روھىي دۇنياسىنى ئېچىپ بەرسە، «ئويغان مىللەت»، «سىلكىن»، «توپلان» قاتارلىق شېئىرلىرى مىللەتنى ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشكە چاقىرىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ 4000 پارچىدىن ئارتۇق مەكتۇب ۋە ماقالىلىرى ئارخىپلاردا ساقلانماقتا ئىكەن.

يۇرت ۋە مىللەت

ئەقلى بار بولغان ئۆز يۇرتىنى جان ئۈستىدە،

تەجرۈبە ئەھلى تۇتار مىللىتىنى جانان ئۈستىدە.

يۇرتۇنى سۆيگەن ياشار ئىززەت ئىمان ئۈستىدە،

مىللىتىنى سۆيمىگەن ئۆلگەي پىشمان ئۈستىدە.

    شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، خوتەن ئىقىلابنىڭ باش قوماندانى، دىنى ئالىم، يېقىنقى زامان شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى 3 ئەپەندى دەپ تونۇلغان ئەپەندىلەرنىڭ ئىككىنچىسى، مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1965- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى 64 يېشىدا ئەنقەرەدىكى ئۆيىدە ھەسىرەت ئىچىدە ۋاپات بولىدۇ.

    مەرھۇمنىڭ جىنازىسىغا شەرقى تۈركىستان ھەم تۈركىيىنىڭ بايرىقىنى يۇپۇق قىلىپ يېپىپ، تۈركىيىنىڭ رەسمى دۆلەت مۇراسىمى بىلەن نامىزى ئوقۇلۇپ ئەنقەرەنىڭ جېبېجىدىكى ئەسرى

زاراتلىقى  Cebeci Asri Mezarlığıغا دەپنە قىلىنىدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر

. «شەرقى تۈركىستان تارىخى» مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا. 1998- يىلى، ئەنقەرە

. «نىجات يولى» 95- بەت. مۇھەممەت قاسىم داموللام ھەسرەتى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2000- يىل 6- ئاي ئىستانبۇل- تۈركىيە

.«ASYADA BEŞ TÜRK» ADİL HİKMET BEY. ئۆتۈكەن نەشرىياتى. تۈركچە 4- نەشرى. 337-338- بەتلەر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/muhammad-emin-bughra-12252011205026.html .

http://turkistantimes.com/uy/news-166.html .

http://www.akademiktarih.com/biyoiler-makaleler-51/787-mehmet-em-bua-ve-onun-k-ylk.html .

http://docplayer.biz.tr/10134187-Tarihte-duzenlenen-ilk-dogu-turkistan-kurultayi-hicaz-kurultayi-1-5-eylul-1954.html .

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/altay-neshiriyati-02012016225120.html .


[1]  بەزى مەنبەلەردە 1932- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى دەپ يېزىلغان.

[2]  بەلكىم يۈز مىڭ سەر بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئەڭ ئاز 2 توننا 736 كىلو كۈمۈش بولىدۇ.

[3]  بۇغرانىڭ يېقىن سەپداشلىرىدىن شىرئەلىخان ھاجىم، مەتقاسىم ھاجىم دەموللام ۋە غپپار ھاجىملارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئافغان قەبىلىلىرى بىلەن بولغان بۇ كېلىشىم مىللىتى ئافغان بولغان يەكەنلىك قۇربانىللاھ دېگەن كىشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كېلىشىمدە قوراللاردىن باشقا قوراللىق 1000 كىشىلىك ئاتلىق بىر ئەتىرەت بىلەن ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

[4]  «Doğu Türkistan Davası» (ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن. 1992- يىل نەشرى) نىڭ 209- 210-

بەتلىرىدە بولسا سەل يۇمشاقراق سۆزلەر ئىشلىتىلگەن.

[5]  İsmet İnönü (1884- 1973) جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىدىن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى، مۇستاپا كامالدىن كېيىنكى 2- جۇمھۇر باشلىقى.

[6]   Adnan Menderes (1899- 1961). دېمۇكرات پارتىيىسىدىن. 1950- 60- يىلى ئارىسىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان. سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ئەسكەرلەر تەرىپىدىن 1961- يىلى 9-

ئاينىڭ 17- كۈنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، دارغا ئېسىپ شېھىت قىلىنغان.

[7]  بۇ ئەھۋاللارنى ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئېلىپتېكىن (1941- 2011) ئېيتىپ بەرگەن.

[8]  ھاجى نۇر ھاجى (1929- 2001). تونۇلغان تارىخ تەتقىقاتچىسى. ئۇنىڭ «قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە

تارىخى»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار» قاتارلىق بىر قانچە ئەسەرلىرى بار.