مېنىڭ ئۈچۈن قوش ئەھمىيەتكە ئېگە

ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى 1984-1985 يىللىرى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ژىللىرى قازاقستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ ئەڭ گۈللەڭەن دەۋرى بولدى. بۇ دەۋىر ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ ھەرخىل ئاسپېكتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئۈچ پروفىللىق بۆلۈم تەسىس قىلىنغان 1986-ژىلنىڭ كۈز ئايلىرىدىن باشلاندى. قازاقستان سسر پەنلەر ئاكادېمىياسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدا پاالىيەت ئېلىپ بارغان كومپلېكسلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى تەركىۋىدە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى ۋە تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيا سېكتورلىرى قۇرۇلدى. ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە رەھبەرلىك قىلدى، ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمىي كاتىۋىمۇ بولغان. دەسلەپ بۇ لاۋازىمنى گېگېل ئىسقاقوۋ ئېگىلىگەن بولسا، كېيىنىرەك، بۆلۈمنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا باغلىق مەزكۈر لاۋازىمغا ۋالېرىي مەخپىروۋ تايىنلاندى.
مېنىڭ ئىلمىي پاالىيىتىمنىڭ باشلىنىشى نەق موشۇ دەۋىرگە توغرا كەلدى. 1984-ژىلنىڭ ياز ئايلىرىدا مەن تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي بۆلۈمىنى تاماملاپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ تارىخ ۋ ئېتنوگرافىيا سېكتورىغا لابورانت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندىم.
ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ كومپلېكسلىق بۆلۈمى ئۈچ بۆلۈمگە بۆلۈڭەن پەيتتە ئۇنىڭدا 23 خادىم ئىشلەتتى. مەن بۆلۈمنىڭ ئەڭ ياش خادىمى ئېدىم. لابورانت سۈپىتىدە مەن تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيا سېكتورىنىڭ تەتقىقاتلىق لايىھىسىگە قاتنىشالماتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز ئالدىمغا تاللاۋېلىنغان تەتقىقات ماۋزۇسى بويىچە شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولدۇم. مېنىڭ يولۇم بولدى، چۈنكى مەن ئىشقا ئورۇنلاشقىچە كېڭەش ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىياسى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى لېنىڭراد بۆلۈمىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسى ئوقۇشۇمغا ئورۇن ئاجرىتىش توغرىلىق كېلىشىم قولغا كەلتۈرۈلگەن ئېكەن. لېنىڭرادلىق ئىككى ئالىم – تۈركشۇناس سېرگېي گرىگورئېۋىچ كلياشتورنىي ۋە خىتايشۇناس ئېۋگېنىي ئىۋانوۋىچ كىگانوۋ ماڭا رەھبەر بولۇشقا كېلىشتى. گېگېل ئىسقاقوۋ س.گ. كلياشتورنىينىڭ رەھبەرلىگىدە خىتاي مەنبەلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر قاغاناتىنىڭ تارىخى بويىچە (744 – 840-ژىللار) دىسسېرتاسىيا يېزىشىمنى خالىدى. ئۆزەمنىڭ بولغۇسى نامزاتلىق دىسسېرتاسىيارىمنىڭ تەخمىنەن ماۋزۇسىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەزكۈر ماۋزۇ بويىچە قولدا بار ئىلمىي ئەدەبىياتنى ئوقۇش بىلەن شۇغۇللاندىم. قازاقستان سسر پەنلەر ئاكادېمىياسىنىڭ كىتاپخانىسىدىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي ئەدەبىيات، شۇ جۈملىدىن ئىڭلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئەدەبىيات بىلەن تولۇق تونۇشۇپ چىقتىم.
ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئىشلىگەن دەسلەپكى ژىللىرى ئەدەبىياتشۇناس ۋە مەنبەشۇناس ساۋۇت موللاۋۇدوۋنىڭ نارەسمىي غەمخورلۇغىدا بولدۇم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل چارە-تەدبىرلىرىگە قاتنىشىپ تۇردۇم. كېيىنىرەك بىلسەم، ساۋۇت ئاكا 1958-ژىلى غۇلجىغا قىلغان سەپىرى ۋاقتىدا بوۋامنىڭ ئاكىسى مۇتاۋالى خەلپەت كامالى بىلەن ئۇچراشقان ئېكەن. تونۇلغان مەرىپەتچى ۋە دىنىي ئۆلىما مۇتاۋالى خەلپەت شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنىي ئىشلار بويىچە مىنىسترى بولغان ئېكەن. ساۋۇت موللاۋۇدوۋ نەق چوڭ بوۋامدىن بىلال نازىم غەزەللىرىنىڭ مەتىنىنى ئېلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە داڭلىق شاىرنىڭ لىرىكىسىنى تونۇشتۇرغان ئېدى.
ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە بىر ژىل ئىشلەپ، مەن كوللېكتىۋنىڭ ئىجادىي ئەمگىگىنىڭ قىر-سىرلىرىغا چۆكۈپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلدىم ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن تونۇشتۇم.
1980-ژىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونى بىلەن ئالاقە ئورنىتىلدى. بىزنىڭ ئىلمىي ئىدارىمىزگە شۇارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كېلىشكە باشلىدى. 1985-ژىلنىڭ باھار ئايلىرىدا ئىنستىتۇتىمىزغا ئۈرۈمچىلىك بىر مېھمان كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ، غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋ مېھماننى بىز ئولتارغان چوڭ بۆلمىگە ئېلىپ كىردى. ئەپسۇس، بۇ چۈشلۈك غىزا ۋاقتى بولسا كېرەك، خادىملارنىڭ نۇرغۇنى ئىش ئورنىدا يوق ئېدى. يادىمدا قالغىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشتا بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى بىلەن ئىنستىتۇتقا كېلىپ قالغان مالىك ئاكا كىبىروۋ بار ئېدى. ئۇزاققا سوزۇلغان سۆھبەتتىن كېيىن ھەممىمىز مېھمان بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق.
بۇ سۈرەتتە ئوتتۇرىدا ئۈرۈمچىلىك مېھمان، سولدا غ.سەدۋاقاسوۋ، ئوڭدا م.كىبىروۋ، ئىككىنچى پلاندا نۇرگۈل رازىېۋا (سولدىن ئوڭغا)، ۋالېرىي مەخپىروۋ، ئاللا شكلوۋسكايا، ئابلەھەت كامالوۋ، قۇرۋان توختەموۋ، باتۇر ئەرشىدىنوۋ ۋە ساۋۇت موللاۋۇدوۋ. بۇ سۈرەتتىكى پېشقەدەم ئالىملىرىمىزنىڭ كۆپچىلىگى باقىلىق بولۇپ كەتتى.
مۇقاملار ئۈلگىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇزىكا سەنئىتى ھەققىدە دىسسېرتاسىيا يازغان سەنئەتشۇناس ئاللا شكلوۋسكايا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-ژىللىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كۆچۈپ كەتتى. نۇرگۈل رازىېۋا ھازىر ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشتا، فىلولوگىيا پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ۋالېرىي مەخپىروۋ ئابىلايخان نامىدىكى قازاق خەلىقارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنىيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەيدۇ. مەن بولسام، قازاقستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىسترلىگى ر.سۇلېيمېنوۋ نامىدىكى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى.
مەن مۇنداق سۈرەتنىڭ موجۇت ئېكەنلىگىنى بىلسەممۇ، ئۇنى ھېچقاچان كۆرمەپتېكەنمەن. يېقىندا رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروۋ تەرىپىدىن ئۇيغۇر تېاترى بېناسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان تارىخىي سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدە مەزكۈر سۈرەتنى كۆرۈپ، ناھايىتى خوشال بولدۇم. كۆرگەزمىدىن كېيىن مەن سۈرەتنىڭ كۆچەرمىسىنى ئالدىم. بۇ سۈرەت مېنىڭ ئۈچۈن قوش ئەھمىيەتكە ئېگە. بىرىنچىدىن، مېنىڭ ئىنستىتۇتتىكى دەسلەپكى ئىلمىي پاالىيىتىم ھەققىدە خاتىرە بولسا، ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى كەڭەيگەن دەۋىردىكى ئالىملار توپى ئەكىس ئېتىلگەن نادىر سۈرەتتۇر.
1985-ژىلنىڭ سېنتيابر ئېيىدا مەن ئاسپىرانتۇرىنىڭ كۈندۈزكى بۆلۈمىگە چۈشۈش ئۈچۈن لېنىڭراد شەھىرىگە ئېمتىھان تاپشۇرۇشقا ئاتلاندىم. دېكابر ئېيىدا شۇ شەھەرگە ئوقۇشقا كەتتىم. مېنىڭ ھاياتىمدا يېڭى باسقۇچ باشلاندى، يەنى دۇنىيانىڭ يېتەكچى شەرىقشۇناسلىق مەركەزلىرىنىڭ بىرىدە ئاسپىرانتۇرىدا بىلىم ئالدىم. كۆپ ئۆتمەي قازاقستان ئۇيغۇرشۇناسلىغى ئۈچۈنمۇ يېڭى باسقۇچ باشلاندى. قازاقستان سسر پەنلەر ئاكادېمىياسى يېنىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى…

ئابلەھەت كامالوۋ،
تارىخ پەنلىرىنىڭ
دوكتورى، پروفېسسور.