مەتبۇاتىمىزنىڭ دەسلەپكى قالىغىچى

(«ساداىي تارانچىنىڭ» نەشىر قىلىنغىنىنىڭ 100 ژىللىغىغا داىر)

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇر-خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى 1864-ژىلى ئىلى دىيارىدا كۆتىرىلگەن مىللىي-ئازاتلىق كۈرىشى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، 1881 – 1883-ژىللىرى 140 مىڭدىن ئوشۇق ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئانا ژۇتىنى تەرك ئېتىپ، ھازىرقى قازاقستان ۋە مەركىزىي ئازىيا دۆلەتلىرىنىڭ تېررىتورىياسىگە كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. يەتتىسۇغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار قارىسۇ، قورام، مالىۋاي، ئاقكەنت، ئاقسۇ، چارىن، كەتمەن بولۇسلۇقلىرىغا بۆلۈنۈپ، ۋېرنىي ۋە ياركەنت ئۇېزدلىرىغا ئورۇنلاشتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بىشكېك، قارىقول، تاشكەنت شەھەرلىرىگە ۋە مەرۋە ئۇېزىغا بېرىپ ئولتىراقلىشىپ قالدى. لېكىن ئۇلار مۇنبەتلىك ياخشى يەرلەرگە ئېگە بولالمىدى. شۇنىڭغا قارىماستىن ئەمگەكچان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئېغىرچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېگىلىكلىرىنى ئاساسلىق يولغا قويۇش، مەنىۋىي ھاياتىنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، جايلاشقان يەرلىرىنى ئاۋات يېزىلارغا ئايلاندۇردى. ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىغى، ئەمگەكچانلىغى ۋە يېزا ئېگىلىگىنى رىۋاجلاندۇرۇش ساھاسىدىكى ئەنئەنىۋىي تەجرىبىلىرى تۈپەيلى پەيدىن-پەي ھاللىق، پاراۋەن تۇرمۇشقا قول يەتكۈزۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىختىسادىي جەھەتتىن قەد كۆتىرىشى، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆسۈشىنى تەمىنلىدى. مەدەنىي-ماارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇش، جاماەتچىلىك پاالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش كېچىكتۈرۈپ بولمايدىغان مەسىلىلەر قاتارىدا كۈن تەرتىۋىگە قويۇلدى.
1917-ژىلى يەتتىسۇدا تۈركىي خەلىقلەرنىڭ مىللىي تەشكىلاتلىرى ۋۇجۇتقا كەلدى. ئالمۇتىدا مارت ئېيىدا ئۇمۇممۇسۇلمان «قۇرۇلتاي» كومىتېتى، ماي، ئىيۇن ئايلىرىدا قازاقلارنىڭ مىللىي “ئالاش” كومىتېتى، ئۇيغۇرلارنىڭ «تارانچىلار كومىتېتى»، ئۆزبەكلەرنىڭ «شوراى ئىسلامىيا» تەشكىلاتلىرى قۇرۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەشكىلاتىنى دەسلەپ ئابدۇساتتاروۋ دېگەن كىشى باشقۇردى. كېيىن ئۇنىڭغا جەدىتچىلىك ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى مەرۈپ مەسۇدى رەھبەرلىك قىلدى.
بۇ كومىتېت ھۈنەرۋەنلەرگە، ياشلارغا، ئۇششاق ئەمەلدارلارغا، كاسىپلارغا تايىناتتى. ياز ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەشكىلاتىنىڭ تەركىۋىگە تۇڭگان شىلازا ماېۋنىڭ كىرىشىگە باغلىق «تارانچى-تۇڭگان كومىتېتىنىڭ» ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ ئۇنىڭ رەىسى بولۇپ سايلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۈر تاشكىلاتى ئۇمۇممۇسۇلمان «قۇرۇلتاي» كومىتېتى (رەھبىرى زەينىدىن ھاجى تازېتدىنوۋ)، قازاقلارنىڭ «ئالاش» كومىتېتى (رەھبىرى ئىبراھىم ژايناقوۋ) بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى.
1918-ژىلى فېۋرالنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالمۇتىدا «تارانچى-تۇڭگان كومىتېتىنىڭ» ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتايغا ياركەنتتىن ئاسىم داموللا، ئابۇبەكرى يۈسۈپوۋ باشلىق ۋەكىللەر كەلدى. ۋېلىۋاي يولداشېۋ ئۇنىڭغا رەىسلىك قىلدى. قۇرۇلتايدا ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل كۈچ ئېكەنلىگىنى ۋە ئۇلار بىلەن ھېساپلىشىشنىڭ كېرەكلىگىنى، ئىلى قوزغىلىڭى (1864-ژ.) دەۋرىدە ئۇيغۇرلار قانداق قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن بولسا، ئۇ قەھرىمانلىقنى ھازىرقى كۈرەشتىمۇ نامايىش قىلىش كېرەك، دەپ بىلدۈردى.
قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە جاماەتچىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان «مىللىي شورا» («مىللىي كېڭەش») تەشكىل قىلىندى. “مىللىي سارمايە” دەپ ئاتىلىدىغان مىللىي فوند بارلىققا كەلدى. بۇ فوند مەبلىغى مەكتەپلەرگە، مەتبۇات ۋە نەشرىيات ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىنىدىغان بولدى. مانا شۇ ئاساستا گېزىت چىقىرىش ئۈچۈن زەمىن ھازىرلاندى ھەم گېزىتنىڭ نامىنى «ساداىي تارانچى» دەپ ئاتاش قارار قىلىندى. گېزىتنىڭ مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسى زارىف بەشىرىيگە (1888 –1962) ژۈكلەندى (ئۇ ئالمۇتىدا 1917 – 1918-ژىللىرى تاتار تىلىدا چىققان «ساداق» ژۇرنالىنىڭ مۇھەررىرى ئېدى، ئۆز ۋاقتىدا «سادىر خاڭرۇق» ناملىق پئېسا يازغان ھەم 1925-ژىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەل ئەدەبىياتى» ناملىق ئەمگەك مۇەللىپلىرىنىڭ بىرى). شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجا گېزىت – «مىللىي كېڭەشنىڭ” نەشىر ئەپكارى دۇنىياغا كەلدى.
گېزىتنى نەشىر قىلىشتا ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگۈلەشتە شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېولوگى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ ئاساسىي رول ئوينىدى. بۇنى ھۈسەيىنبەگنىڭ گېزىتنىڭ دەسلەپكى سانىدا بېسىلغان “مىللەت ئوغلىنىڭ مىللەت ئوغلىغا خېتى” ناملىق ماقالىسى ھەم قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
گېزىتنىڭ ئىككى سانى يەتتىسۇدا كېڭەش ھاكىمىيىتى تېخى ئورنىتىلمىغان شاراىتتا چىقتى. بىرقانچە سانى (مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 6 سان) 1918-ژىلى 2-مارتتا ھاكىمىيەت بولشېۋىكلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىنكى مەزگىلدە نەشىر قىلىندى.
«ساداىي تارانچى» گېزىتىنىڭ ئاساسچىسى ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ (1890 – 1935) كېڭەش ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىشىغا قارشى بولغانلىقتىن، 1918-ژىلى 4-مارت كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىن كېتىپ قالىدۇ. ئۇ ياركەنت ئارقىلىق چېگارىدىن ئۆتۈپ، دەسلەپ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ كۈرە شەھىرىگە ئورۇنلىشىدۇ. 1919-ژىلى شۇ شەھەردە «ھۇر سۆز» ناملىق گېزىتنى نەشىر قىلىدۇ، گېزىت ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن مەتبەەسىدە بېسىلىدۇ. ئۇ 1920-ژىلى مەتبەەسىنى غۇلجا شەھىرىگە كۆچىرىپ ئەكېلىدۇ. نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوۋنىڭ («ئۇيغۇر بالىسى») «ئوماق بىلەن ئامراق» ناملىق ئەسەرى 1921-ژىلى غۇلجىدا شۇ مەتبەەدە بېسىلغان ئېدى. ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوۋ 1935-ژىلى ئاپرېلدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلغان ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، قايتىپ كېلىۋاتقاندا، يولدا ماشىنا ھالاكىتىگە ئۇچراپ، قازا بولىدۇ. ئۇ غۇلجا شەھىرىدە ياشىغان ۋاقىتتا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىي-ماارىپ، سەنايى-نەپىسە ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە چوڭ ھەسسە قوشتى. ئۇنىڭ مەتبەەسىدە كۆپتىراژلىق ئوقۇش قۇراللىرىنىڭ بېسىلىپ چىققانلىغى مەلۇم.
بىزنىڭ قولۇمىزدا «ساداىي تارانچى» گېزىتىنىڭ نۇسخىلىرى يوق، ئۇلارنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالمىساقمۇ، شۇ چاغدىكى ئەھۋاللار بويىچە يېزىلىپ ساقلانغان مەلۇماتلاردىن گېزىت پاالىيىتىنىڭ ئايرىم تەپسىلاتلىرىنى بىلىشكە بولىدۇ.
گېزىتتا ئۇيغۇر مۇەللىپلىرىنىڭ ماقالىلىرى، شېىرلىرى بېسىلىپ تۇرغان. ماقالە، شېىرلار ئاساسەن مىللەتپەرۋەرلىك روھىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇلاردا ئۇيغۇر جاماەتچىلىگىنى ھىمايە قىلىش ئىدېيالىرى، ئۇيغۇر خەلقى ئەسىرلەر داۋامىدا ئەھمىيەتلىك دەپ ھېساپلاپ ۋە ھۆرمەتلەپ كەلگەن ئۇرپى-ئادەتلەرنى ساقلاپ قېلىش، يەتتىسۇدىكى يەرلىك خەلىقلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە، بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش مەسىلىلىرى ئالغا قويۇلغان ۋە ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئەھۋاللار بايان قىلىنغان. شۇنداقلا 1917 – 1918-ژىللاردا قېلىپلاشقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزقارىشى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۇتقان مەۋقەسى ئىپادىلەڭەن.
ئامما، ئەپسۇسلىنىدىغان يېرى شۇكى، ئوكتيابر ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردە ئورۇن ئالغان ۋاقىەلەر بىزگە پەقەت كېڭەش يۆنىلىشىدىكى مەتبۇات ئارقىلىقلا مەلۇم. شۇ جەرىياندىكى ھەق ۋە ناھەق ئىشلار ھەققىدە مەلۇماتلار تەكشۈرۈلمىدى، ئۇلار كۆپىنچە “ئاق داغ” سۈپىتىدە قېلىۋاتىدۇ. مانا شۇنداق “ئاق داغلارنى” يوقىتىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى – «ساداىي تارانچى» گېزىتى تېپىلماي قېلىۋاتىدۇ. نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرى دۇنىياغا كەلگەن يازما يادىكارلىقلىرىمىز ساقلىنىپ كېلىۋاتقاندا، تۈنۈگۈنلا نەق موشۇ يەرلەردە يورۇق كۆرگەن گېزىت نەگە كەتتى؟ نېمىشكە ئۆز خەلقىنىڭ نەزەرىدىن چەتكە قالدۇرۇلدى؟ بۇ ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە، ئەلۋەتتە.
1960-ژىللىرى مەن ئۇيغۇر مەتبۇاتى بويىچە ماتېرىاللارنى ژىغىپ ژۈرگەن چېغىمدا، كۆرنەكلىك شاىر قادىر ھاسانوۋتىن «ساداىي تارانچى» گېزىتى ھەققىدە ۋە ئۇنى قەيەردىن ئىزدەپ تېپىشقا بولىدىغانلىغى توغرىلىق بىرقانچە قېتىم سوراپ كۆردۈم. مەن شاىر بىلەن تونۇش ئېدىم ۋە ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا بېناەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قېدىمىي زامان مەدەنىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى خەنزۇ تىلىدا چىققان ماتېرىاللاردىن تەرجىمە قىلىپ بېرەتتىم. ئۇ مېنىڭ ئىلتىماسىمغا سەلبىي جاۋاپ بەرمىدى. «مېنىڭدە “ساداىي تارانچىنىڭ» 6 سانى بار، ئۇلارنىڭ گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ ئارىسىدا ياتقىنىغا خېلە ۋاقىت بولدى، ئاختۇرۇپ كۆرۈش كېرەك، قولايلىق بىر ۋاقىت بولغاندا، مۈمكىن، كۆرۈپ قالارسىز” دەپ مېنى خاتىرجەم قىلغان بولسىمۇ، گېزىت توغرىلىق ھېچنەرسە ئېيتمىدى. ئۇنىڭ قان بېسىمى بىلەن ئاغرىپ ژۈرگەنلىگىدىن خەۋىرىم بار ئېدى، شۇڭلاشقا بېارام قىلىپ، كەينىگە كىرىۋېلىشنى ئورۇنسىز دەپ بىلدىم. كۆپ ئۆتمەي قادىر ھاسانوۋ ۋاپات بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن گېزىت ھەققىدە ئۇنىڭ ئوغلى دىاسقا مۇراجىەت قىلغىنىمدا، «دادامدىن قالغان گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ ھەممىسى ساقلاقلىق، ۋاقىت تېپىپ قاراش كېرەك»، دەپ چۈشەندۈردى. دىاس ئۆيىدىن مېنى قۇرۇق قول چىقارمىدى – ئا.خ. خالىقوۋنىڭ «تاتار خەلقىنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتاۋىنى سوغا قىلدى. مەن رەخمىتىمنى ئىزھار قىلدىم، لېكىن ئۇنىڭ جاۋاۋىغا كۆڭلۈم تولمىسىمۇ، ئىشەنچەمنى يوقاتمىدىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئۈمۈتلىرىممۇ يوققا چىقتى – دىاسمۇ ئۇ دۇنىيالىق بولۇپ كەتتى. بەزى ماتېرىاللاردىن «ساداىي تارانچى» گېزىتىنىڭ نۇسخىلىرى ياركەنتتە چىقىدىغان «كولخوزچىلار ئاۋازى» گېزىتىنىڭ رېداكسىياسىدە ساقلانغان بولۇشى كېرەك” دېگەن خەۋەرنى ئوقۇپ، خوشال بولغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولدى، لېكىن ئۇنىڭمۇ نەتىجىسىنى كۆرەلمىدۇق.
ئۆز ۋاقتىدا «ساداىي تارانچى» گېزىتىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان ۋە ئۇنى كۆرگەن، ئوقۇغان شەخسلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلار، شېىرلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇەللىپلىرى توغرىلىق مەلۇمات قالدۇرمىدى.
1917-ژىلى ۋە 1918-ژىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر جاماەتچىلىگىنىڭ بېشىدا تۇرغانلار يەتتىسۇدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتكە جاۋاپكەرلىك بىلەن قارىدى ۋە مىللەتپەرۋەرلىك روھىنىڭ دىنىي ئېتىقات بىلەن ماسلىشىشى ئاساسىدا ئۇيۇشقان ئۇيغۇر جاماەتچىلىگىنى تىكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ سەياسىتىگە قوشۇلمىدى ۋە مىللەتنىڭ مەنپىيىتىگە ئاىت مەسىلىلەرنىڭ داۋاسىنى كۆتىرىپ چىقتى. ئىشچى-دېخان داۋاسى بىلەن مەيدانغا چىققان ئۆزگىرىش تەرەپدارلىرى بولسا، ئۇيغۇر جاماەتچىلىگىنى ئۆزلىرى تەرەپكە قارىتىۋېلىش مەخسىتىدە «مىللىي شورانىڭ» يېتەكچىلىرىنى «بۇرژۇا مىللەتچىلىرى»، «بۇرژۇازىيانىڭ مالايلىرى»، «ئەكسىلىنقىلاپچىلار»، «پانىسلامچىلار» دېگەن قالپاقلار ئاستىدا ئەيىپلەپ، ئۇلارغا قارشى جىددىي كۈرەش ئېلىپ باردى.
بولشېۋىكلارنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى دەپ تونۇلغان «مىللىي شورانىڭ» نەشىر ئەپكارى «ساداىي تارانچى» ئەمەلىياتتا زىيانلىق نەشىر سۈپىتىدە ئاخىرى مەنئىي قىلىندى. ئۇنىڭ يورۇققا چىققان سانلىرى، بەزى شەخسلەرنىڭ قولىدا ساقلىنىپ قالغان ئايرىم سانلىرىنى قوشمىغاندا، يوقىتىلغان بولۇشى مۈمكىن. دېمەك، ئۇنىڭ كىشىلەر قولىدا ساقلىنىشىغا ۋە ئوقۇلۇشىغا يول قويۇلمىدى.
«ساداىي تارانچى» يوق يەردىن بارلىققا كەلگەن گېزىت ئەمەس، ئۇنىڭ دۇنىياغا كېلىشى ئۈچۈن زەمىن ھازىرلانغان ئېدى. ئانا ژۇتىدىن جۇدا بولۇپ، يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار مەتبەەتچىلىك ھۈنىرىنى ىخ ئەسىرنىڭ ئۆزىدىلا ئېگىلىگەن ئەجداتلىرىنىڭ قېدىمىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش روھىدا ياشىدى ۋە بۇ ئەمەلىنى ئۈنۈملۈك ھالدا داۋاملاشتۇردى. يەتتىسۇدا ئۇيغۇر مەتبۇاتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى بۇ ۋارىسلىق روھىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
«ساداىي تارانچى» گېزىتى شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ئىختىسادىي، ئىجتىماىي-سەياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ، ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەخبارات ۋاسىتىسى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ نۇسخىلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ۋە ئۇنى كەڭ ئۇيغۇر جاماەتچىلىگىگە تونۇشتۇرۇش بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ نوۋەت كۈتۈپ تۇرمايدىغان ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى دەپ قارىلىشى كېرەك. گېزىت نۇسخىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرى غەزنىسىگە قايتۇرۇلۇشى چوڭ ئەھمىيەتلىك تەدبىرلەردىن بولۇپ قالغۇسى. بۇ يولدا كۈچ چىقىرىش ھەممىمىزنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
كېڭەش دەۋرىدە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر گېزىتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بىر ئۇمۇمىيلىق بار. «كەمبەغەللەر ئاۋازى»، «قۇتۇلۇش»، «كوممۇنىزم تۇغى»، «يېڭى ھايات» گېزىتلىرى پارتىيا ۋە ھۆكۈمەت سەياسىتىنى، چارە-تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر جاماەتچىلىگىنىڭ ئۆزىگە خاس مەسىلىلىرىگە – تارىخىغا، مىللىي مەدەنىيىتىگە، تىلى بىلەن ئەدەبىياتىغا، ماارىپىغا، ئۇرپى-ئادەتلىرىگە ۋە تىلەك-ئىستەكلىرىگە ئاىت مەسىلىلىرىنى ئىككىلەنمەستىن كۆتىرىپ كەلگەن بولسا، بۇ يۆنىلىشنى ھازىر «ئۇيغۇر ئاۋازى» داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن مەتبۇاتىمىزنىڭ بىر-بىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئەنئەنىسىنى ئوچۇق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز بۇ سەنەنى پەقەت «ساداىي تارانچىنىڭ» دۇنىياغا كەلگەنلىگىگە 100 ژىل تولۇشى بىلەن بىللە مەتبۇاتىمىزنىڭ دۇنىياغا كەلگەنلىگىگە 100 ژىللىغى سۈپىتىدە نىشانلاشقا ھەقلىقمىز.

مۇنىر ئېرزىن، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزىتى.