كەڭ  داىرىلىك ئالىم

شېرىپجان مەرۈۋاخۇن ئوغلى نادىروۋ 1948-ژىلى ئالمۇتا شەھىرىدە مەرۈۋاخۇن باھاۋدىن ئوغلى بىلەن شىرىن ئابدۇللا قىزىنىڭ ئاىلىسىدە دۇنىياغا كەلدى. دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى يەنى شېرىپجان نادىروۋنىڭ بوۋا-مومىلىرى دىنىي تەلىماتقا ئېگە كىشىلەردىن ئېدى. دادىسى مەرۈۋاخۇن 1909-ژىلى تۇغۇلغان بولۇپ مەدرىسىنىڭ 2-سىنىپىنى تاماملىغان ۋاقىتتا، 1918-ژىلى پۈتكۈل ئاىلە ئەزالىرى مۇراېۋ ئوتريادى تەرىپىدىن ئېتىلىپ كەتتى. بۇ دەھشەتلىك پاجىە توققۇز ياشلىق مەرۈۋاخۇن بىلەن ئۇنىڭ تۆرت ياشلىق ئىنىسى سەدۋاقاسنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن تۈننى ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ھەدىلىرى بىلەن ژۇتداشلىرى كۆمۈلگەن خەندەكلەرنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. «ئاتۇ» قىرغىنىدىن كېيىن ژىتىم قالغان بالىلار قاتارىدا مەرۈۋاخۇن بىلەن سەدۋاقاس  ۋېرنىي (ھازىرقى ئالمۇتا) شەھىرىگە كېلىپ، گۆدەك بولغىنىغا قارىماي ھاللىق ئادەملەرگە ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. 20-ژىللىرى ئاكا-ئۇكىلار، چوڭلارنىڭ تەربىيىسىنى كۆرمىگەن ژىتىم-يېسىرلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئېغىر «ئۆمۈر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى» بېشىدىن ئۆتكۈزدى.

«شۇنچىلىك شەپقەتسىز ژىللاردا دادامنىڭ باشلانغۇچ بىلىمنى ئېگەللەپ، ئىنىسىنىمۇ ئوقۇتۇشقا يەتكەن ئىرادە كۈچىگە قايىلمەن»، – دەپ ئەسلەيدۇ شېرىپجان مەرۈۋاخۇن ئوغلى. شېرىپجان مەرۈۋاخۇن ئوغلىنىڭ ئانىسى ئوتتۇرا مەكتەپنى  ئەلا باھالارغا تاماملاپ، ئاىلىلىك بولغىچە بۇخگالتېر بولۇپ ئىشلىگەن ئېدى. شېرىپجان 5-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چاغدا قايغۇلۇق ۋاقىە يۈز بەردى. ئۇزاق ژىللار پولىارترىت بىلەن ئاغرىيدىغان ئانىسى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىدە تا، 1981-ژىلغىچە ژىگىرمە ژىل بويى ئورنىدىن تۇرۇش مۈمكىنچىلىگى بولماي قالدى. ئاىلىنىڭ بېشىغا قارا بۇلۇت قاپلىغان ۋاقىتتا ئانىسىنىڭ كىچىك سىڭلىسى بارلىق ژۈكنى مۈرىسىگە ئارتىپ، ياشلىغى بىلەن شەخسىي ھاياتىنى ھەدىسىنىڭ ئاىلىسى ئۈچۈن قۇرۋان قىلدى. شېرىپجان بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى مەرھۇم شارخان ئانىنى «ئانىمىزنىڭ يوقلىغىنى بىلدۈرمىگەن مېھرىۋان ئىنسان» دەپ دايىم خاتىرىلەيدۇ.

ئۇ چاغلاردا دادىسىنىڭ سالامەتلىگىمۇ سىر بېرىشكە باشلىغان ئېدى. چوڭ ئاكىلىرى  يولداش، ئارۇپجان ۋە ھەدىسى روزا ئىمكانىيەتلەر داىرىسىدە ياردەم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان شېرىپجان ئون تۆرت يېشىدىلا ئەمگەك قىلىشقا باشلىدى. دەسلەپ رەسمىي بولمىسىمۇ، كېيىنىرەك 16 ياشقا تولغىنىدا  شېرىپجان رەسمىي تۈردە سانتېخنىك-سلېسار، قاراۋۇل، 1-دوختۇرخانىنىڭ ئىسسىتىش تارمىغىدا ئوت ياققۇچى (كوچېگار) بولۇپ ئىشلىدى. 1966-ژىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملايدۇ. بۇ بىلىم ماكانى شەھەردىكى ئىلغار مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئېدى. ئۇ بىلىم ئالغان مەكتەپتە بىر نەچچە پەن نامزاتلىرى، ئالدىنقى قاتارلىق ماتېماتىكلار، فىزىكلار، خىمىكلار، ئەڭ ئىلغار ئۇستازلار بىلىم بېرەتتى. شۇنداق ئۇستازلارنىڭ بىرى گېوگرافىيا پەنلىرىنىڭ نامزىتى، كېيىنىرەك قازدۇنىڭ گېوگرافىيا فاكۇلتېتىنىڭ دېكانى بولغان ئولېگ رۇتكوۋسكىي گېوگرافىيا پەنىدىن دەرىس بېرەتتى. شۇ ئۇستازىنى چوڭ ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئالىدۇ. شېرىپجان مەرۈۋاخۇن ئوغلى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىستىتۇتىنىڭ تەبىىي گېوگرافىيا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشۈپ، 1971-ژىلى بۇ بىلىم دەرگاھىنى ئەلا باھالار بىلەن تاماملىدى. ئىنستىتۇتنىڭ تەلىم ئالغان فاكۇلتېتىدا موسكۋادىكى لومونوسوۋ نامىدىكى موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇرۇش ژىللىرى كۆچىرىلىپ كېلىڭەن پروفېسسورلىرى، دوسېنتلىرى، كېيىنىرەك ئىلىم-پەن دۇنىياسىدا تونۇلغان داڭلىق ئالىملار قاتارىغا قوشۇلغان شەخسلەر ئىشلەتتى. 1971-ژىلى قازاقستاندا تونۇلغان ئىختىسادىي گېوگرافىيا پەنلىرىنىڭ نامزاتلىرى كۇليان ئاخمېدوۋا بىلەن مارگارىتا سېمېنوۋا تەرىپىدىن قازاق سسسر پەنلەر ئاكادېمىياسىدىكى گېوگرافىيا ئىنستىتۇتىغا (سېكتورىغا) تەكلىپ قىلىنىپ، كىچىك ئىلمىي خادىم بولۇپ پاالىيەت ئېلىپ باردى. ئىلىم-پەڭە بولغان ئېتىقاتىنىڭ كۈچىيىشىگە لومونوسوۋ نامىدىكى موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئۇچۇم بولغان نەق موشۇ ئالىملار سەۋەپكار بولدى.

1977–1988-ژىلغىچە قازاق سسسر ئاكادېمىياسىنىڭ گېوگرافىيا ئىنستىتۇتىدا ئاسپىرانت، ژدانوۋ نامىدىكى لېنىڭراد  دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېوگرافىيا فاكۇلتېتىدا  ستاژېر-تەتقىقاتچى رېتىدە ئىلىم يولىدىكى قەدىمى باشلىنىدۇ. موشۇ دەۋىردە «شەرقىي قازاقستاننىڭ ئىشلەپ چىقىرىش قۇۋىتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، بۇ ماۋزۇ دىسسېرتاسىيا ماۋزۇسى بولۇپ قالىدۇ. 1981-ژىلى كېڭەش ئىتتىپاقىدا تونۇلغان ئالىم، گېوگروف ۋېنىامىن دۋوسكىننىڭ ئىلمىي رەھبەرلىگىدە «ئېكونومىكو-گېوگرافىچېسكىې پروبلېمى فورمىروۋانىيا ئى رازۋىتىيا رۇدنو-ئالتايسكوگو تېررىتورىالنو-پروىزۋودستۋېننوگو كومپلېكسا» («رۇدنو ئالتاي تېررىتورىيالىق ئىشلەپ چىقىرىش كومپلېكسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەكىللىنىشىنىڭ ئىختىسادىي-گېوگرافىيالىك پروبلېمىلىرى») ماۋزۇسىدا نامزاتلىق دىسسېرتاسىيانى ژدانوۋ نامىدىكى لېنىڭراد  دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىدە ياقلايدۇ.

نامزاتلىق دىسسېرتاسىيانى ئۇتۇقلۇق ياقلىغان شېرىپجان مەرۈپ ئوغلى چوڭ ئىلمىي خادىم لاۋازىمىدا «ئىرتىش-قاراغاندا كانالى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجتىماىي-ئىختىسادىي  تۇنجا شەرتلىرى» ۋە  «سىبىر دەرىيالىرىنىڭ بىر قىسىم ئېقىمىنى قازاقستان ۋە ئوتتۇرا ئازىياگە ئاققۇزۇشتىكى ئىجتىماىي-ئىختىسادىي پروبلېمىلىرى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشىنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى بولدى.

ئەگەردە گېوگرافىيا پەنىدە قانداقلا ئۇتۇققا يېتىشكەن بولسا، ئۇ ئۇستازى ۋ.يا.دۋوسكىننىڭ غەمخورلىغىدا ئەمەلگە ئاشتى دەپ ئىشەشلىك تەكىتلەشكە بولىدۇ. لېنىڭراد ئۇنىۋېرسىتېتىدا نامزاتلىق دىسسېرتاسىيانى ياقلاش جەرىيانىدا ژىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى لېۋ نىكولاېۋىچ گۇمىلېۋ، ئولېگ ئالېكساندروۋىچ كونستانتىنوۋ، سېرگېي بورىسوۋىچ لاۋروۋ ۋە باشقىلارنىڭ لېكسىيالىرىنىڭ تىڭشىغۇچىسى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن ئېدى.

1985-ژىلى شېرىپجان نادىروۋ كونكۇرس ئاساسىدا ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تەبىىي گېوگرافىيا فاكۇلتېتىنىڭ ئىختىسادىي گېوگرافىيا كافېدرىسىغا كونكۇرس ئاساسىدا ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1989-ژىلى قازاقستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىياسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا چوڭ ئىلمىي خادىم رېتىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ. 1990–1991-ژىللىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خخج پەنلەر ئاكادېمىياسىدىكى گېوگرافىيا ئىنستىتۇتىدا ئىلمىي ستاژىروۋكىدىن ئۆتىدۇ. خىتاي تىلىنى ئۈگىنىش بىلەن بىللە خىتاي ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە قازاقستان بىلەن شۇارنىڭ رېگىوناللىق مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. قازاقستان–خىتاي سودا-سېتىق، ئىختىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە 1995-ژىلى «قازاقستان جۇمھۇرىيىتى ۋە خخج شۇاردا يېزا ئېگىلىگىدىكى زىمىن قۇرۇلۇملىرىنىڭ تۈرلىنىشى ۋە ئىنتېگراسىيالىك جەرىيانلارنىڭ  تەرەققىياتى»  ماۋزۇسىدىكى دوكتورلۇق دىسسېرتاسىيانى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدىكى گېوگرافىيا ئىنستىتۇتىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىدە ياقلاپ چىققان ئېدى. بىر نەچچە ژىل داۋامىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىختىسادىي ۋە سەياسىي مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىغى، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى، شەرىقشۇناسلىق  ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىنى ئېگىلەش بىلەن بىللە خەلىقارا مۇناسىۋەتلەر ۋە گېوسەياسەت مەسىلىلىرى بويىچە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ باردى. قازاقستان–خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە شىڭژاڭ مەسىلىلىرى بويىچە قىرىقتىن كۆپ ئىلمىي ماقالىلار ۋە بىر مونوگرافىيا يېزىلدى. قازاقستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى يېنىدىكى  ستراتېگىيالىق تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىدا 1998–2000-ژىللىرى ئىختىسادىي بېخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ باشلىغى خىزمىتىنى  ئاتقۇرىدۇ. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ رەھبەرلىگىدە  خخج بىلەن ھەمكارلىشىش بويىچە ئانالىتىكىلىق خەتلەر ھەم چېگارىلار ئارا ئۆتىدىغان دەرىيالارنى، سۇ ئېنېرگېتىكىلىق رېسۇرسلىرىنى بىرلىشىپ پايدىلىنىش (سىردەرىيا ئۈلگىسىدە)  ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار تەۋسىيە قىلىنىپ، قازاقستان جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىختىسادىي سەياسىتىنىڭ كونسېپسىياسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە نەزەرگە ئېلىندى.

شېرىپجان نادىروۋنىڭ ئىلمىي-پېداگوگىكىلىق پاالىيىتى قازاق  مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېوگرافىيا فاكۇلتېتىدىكى ئىختىسادىي ۋە ئىجتىماىي  گېوگرافىيا كافېدرىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. بۇ ئالىي بىلىم دەرگاھىدا 1997-ژىلدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولسا، ئىختىسادىي ۋە ئىجتىماىي گېوگرافىيا كافېدرىسىنىڭ باشلىغى، گېوگرافىيا فاكۇلتېتىنىڭ دېكانى لاۋازىمىغىچە كۆتىرىلدى. ئىلىم-پەن يولىدا ياشلارنى تەربىيىلەش ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، باكالاۋر، ماگىسترانت، دوكتورانتلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە رەھبەرلىك قىلدى. «دۇنىيانىڭ ئىختىسادىي ۋە ئىجتىماىي گېوگرافىياسى»، «تەبىىي بايلىقلار ۋە تەبىىي تەلەپلەرگە ئىختىسادىي باھا»، «سەياسىي گېوگرافىيا ۋە گېوسەياسەت»، «ئايماقنىڭ مۇھىتتىكى تەرەققىياتىنىڭ نەزەرىيەسى ۋە تەجرىبىسى»، «ئىختىسادىي، ئىجتىماىي ۋە سەياسىي گېوگرافىيانىڭ ئاكتۇال پروبلېمىلىرى» ئاساسىي كۇرسلاردىن ئېدى. ئۇنىڭ ئىلمىي رەھبەرلىگىدە بىر دوكتورلۇق، ئون ئۈچ نامزاتلىق دىسسېرتاسىيا ھەم بىر PHD فىلوسوفىيا دوكتورى ۋە ئوتتۇز ماگىسترانت ئىلمىي ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقلىدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئارىسىدا قازاقستان گراژدانلىرىلا ئەمەس، ئامېرىكا، گېرمانىيا، چېخىيا، خىتاي گراژدانلىرىمۇ بار. شېرىپجان مەرۈپ ئوغلى ئۇلار ئۈچۈن ئىلمىي ئىشلىرىدا ئىلمىي رەھبەر، ئىلمىي مەسلىھەتچى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپلا قالماي، ئىنسانىي خىسلەتلىرى بىلەنمۇ ھۆمەت-ئېھتىرامىغا ئېرىشتى. قازاقستاننىڭ ئاستانا، ئالمۇتا، قاراغاندا، ئۆسكەمەن، چىمكەنت، ئاتىراۇ شەھەرلىرى بىلەن ژىراق ۋە يېقىن چەت ئەلللەردە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى جاۋاپكەرلىك لاۋازىملارنى ئېگىلەپ، ئۆز ساھاسى بويىچە كەسپىيلىگىنى نامايىش قىلىپ، ئىستىقامەت قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشماقتا.

ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گېوگرافىيا پەنى بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاسىيا ياقلاش بويىچە دىسسېرتاسىيا كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، كېڭەش رەىسىنىڭ ئورۇنباسرى، كېڭەش رەىسى بولغان شېرىپجان مەرۈپ ئوغلى بۈگۈنكى كۈندە قىرغىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى يۈسۈپ بالاسۇغۇن نامىدىكى قىرغىز دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېوگرافىيا بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاسىيا ياقلاش كېڭىشىنىڭ ئەزاسى.

ئالىم شېرىپجان نادىروۋنىڭ ئىلمىي تەتقىقات داىرىسىنى ئۈچ يۆنىلىشكە بۆلۈپ قارىغىلى بولىدۇ.

بىرىنچى يۆنىلىش: زىمىننىڭ مۇھىتتىكى تەشكىللىنىشىنىڭ نەزەرىيەۋىي پروبلېمىلىرى، ئىنتېگرال تىپتىكى ئايماقلىق ئىشلەپ چىقىرىش بىرىكمىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىختىساتنى كۆلەملىك تەشكىللەش تەسىرىنى ئاشۇرۇش مەسىلىلىرى.

ئىككىنچى يۆنىلىش: تۇراقلىق تەرەققىيات، قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېپرېسسىيالىق زىمىنلىرىدىكى ئېكولوگىيالىك ۋە ئىختىسادىي  پروبلېمىلىرى.

ئۈچىنچى يۆنىلىش: گېوسەياسەت، خەلىقارا مۇناسىۋەتلەر ۋە رېگىوناللىق ۋە كۆلەملىك تەرەققىيات پروبلېمىلىرى.

ئۇنىڭ مۇەللىپلىگىدە نەشىردىن چىققان يۈز ئەللىكتىن كۆپ ئىلمىي ئەمگەكلەر، يەتتە مونوگرافىيا مۇتەخەسىسلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى. شۇنداقلا ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئۈچۈن قازاق تىلىدا «دۇنىيانىڭ ئىختىسادىي، ئىجتىماىي ۋە سەياسىي گېوگرافىياسى» دەرىسلىگىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تومى، تونۇلغان روسسىيالىك ئالىم ۋلادىمىر پاۋلوۋىچ ماكساكوۋسكىي بىلەن قوش مۇەللىپلىكتە 10-سىنىپ ئۈچۈن «دۇنىيانىڭ ئىختىسادىي ۋە ئىجتىماىي گېوگرافىياسى» دەرىسلىگى رۇس ۋە قازاق تىللىرىدا، 9-سىنىپ ئۈچۈن «قازاقستاننىڭ ئىختىسادىي ۋە ئىجتىماىي گېوگرافىياسى» دەرىسلىگى يورۇق كۆردى. كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلىرى رۇس، قازاق، ئىڭلىز، فرانسۇز، خىتاي، ۋە باشقا تىللاردا ئامېرىكا، ھىندىستان، فرانسىيا، خىتاي، تۈركىيە، ياپونىيا، رۇمىنىيا، بولغارىيا ۋە يېقىن چەت ئەل دۆلەتلىرى روسسىيا، ئۇكراىنا، ئۆزبەكستان، تۈركمەنستان، قىرغىزستان، ئەزەربەيجاندا بېسىلدى. ژۇقۇرى رېيتىڭقا ئېگە چەت ئەل ژۇرناللىرىدا ئون ماقالىسى يورۇق كۆردى.

شېرىپجان مەرۈۋاخۇن ئوغلى كۆپلىگەن خەلىقارا لاھىيىلەرنىڭ ئورۇنلىغۇچىسىلا ئەمەس، شۇنداقلا بۇ لاھىيەلەرگە رەھبەرلىك قىلدى.

يۇساىد فوندىنىڭ گرانتى: «چېگارا ئارا ئۆتىدىغان سىردەرىيا دەرىياسىنىڭ سۇ رېسۇرسلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش، رەتلەش پروبلېمىلىرى».

سوروس فوندىنىڭ گرانتى: «ئېتنىكىلىق ئازچىللىقنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش»، توكىو دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گرانتى «مەركىزىي ئازىيادىكى رېگىوناللىق پروبلېمىلارنىڭ تەتقىقات بالداقلىرى» (1998–2004-ژىللىرى).

ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە «ئىختىسادىي تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتى» ئاج، ئىختىسات ۋە بيۇدژېتنى پلانلاشتۇرۇش مىنىسترلىگى تەرىپىدىن  ئەمەلگە ئاشۇرغان «قازاقستان جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە رېگىونلارنىڭ ئىختىسادىي تەرەققىيات  پوتېنسىالىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى» لاھىيەسىنىڭ ئورۇنلىدى. بۇ لاھىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەرىيانىدا ئۇنىڭ مۇەللىپلىگىدە ئۈچ توملۇق «قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، رېگىونلارنىڭ ئىختىسادىي پوتېنسىالىنى تەتقىق قىلىش» مونوگرافىياسى يېزىلىپ، چەت ئەل ئىلىم ئەھلىدە چوڭ قىزىقىش ھاسىل قىلدى. 2011-ژىلى بولسا «قازاقستاننىڭ چوڭ ئاتلاسى» نەشىر قىلىندى. ئۇ بىر نەچچە تېماتىكىلىق خەرىتىلەرنىڭ مۇەللىپى. بۈگۈنكى كۈندە شېرىپجان نادىروۋ گرانت بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مەركىزىي ئازىيادىكى گېوسەياسىي ۋە رېگىوناللىق ئۆزگىرىشلەر سىستېمىسىدىكى قازاقستان» ماۋزۇسىدىكى تەتقىقاتلار لاھىيەسىنىڭ مۇەللىپى. 1998–2013-ژىللىرى ياپونىيا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، خىتاينىڭ ئىلمىي -تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىدا، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگىنىڭ سەياسىي تەتقىقاتلار  ئىنستىتۇتىدا ئىلمىي ستاژىروۋكىدىن ئۆتتى. گېرمانىيا، ئاۋسترىيا ۋە شۋېيسارىيانىڭ ئالتە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «Internationale Agentur fur Marketting unde Technologietransfer GmbH» («ITAMT»)، (IHTAMT) سېرتىفىكاتلىرىنى ۋە ئۇلۇق برىتانىيانىڭ University of Wolverhampton، The University of Greenwich، Heriot Watt University، University (Aberdeen)، DURHAM University (British Council-برىتانىيا كېڭىشى).سېرتىفىكاتىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى .

1976-ژىلدىن باشلاپ كۆپلىگەن خەلىقارا كوڭرېسسلاردا، پۈتكۈلىتتىپاقلىق، جۇمھۇرىيەتلىك، سىمپوزىۇم، كونفېرېنسىيالەردە  ئىلمىي دوكلادلارنى  ئوقۇدى. كېڭەش ئىتتىپاقىدىكى گېوگرافىيا جەمىيىتىنىڭ ۋە قازاقستان گېوگرافىيا جەمىيىتىنىڭ سئېزدلىرىغا ئىشتراك قىلدى. 2000-ژىلى قازاقستان جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگېتىكا مىنىسترلىگىنىڭ ئىختىسادىي بېخەتەرلىكنى ئۈگىنىش مەسىلىلىرى بويىچە ئىختىسادىي تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان دۈگلەك ئۈستەلگە ئىشتىراك قىلدى.

2000-ژىلى روسسىيا–قازاقستان ھەمكارلىغىغا بېغىشلانغان دۈگلەك ئۈستەلگە، ئوبسېنىڭ پراگىدا كونفلىكتلىق يەرلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سىمپوزىۇمىغا،  ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگى سەياسىي تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تېگېراندا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي ئازىيا پروبلېمىلىرىغا بېغىشلانغان ئىلمىي كونفېرېنسىياگە، «دۆلەت بۇيرۇتمىسىدىكى ئوبئېكتلارنىڭ ئىلمىي -تېخنىكىلىق ئېكسپېرتىزىسى» سېمىنار-ژىغىنغا، كازنىىموسك ئىلمىي-تەتقىقات، تەۋەللۇدلىق ئىلمىي-ئەمەلىي كونفېرېنسىياگە ئىشتراك قىلدى.

2004-ژىلى ئوبسېنىڭ «ئېكسترېمىزمغا قارشى» ئىلمىي كونفېرېنسىياسىگە، 2005-ژىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئازىيادىكى بېخەتەرلىك مەسىلىسىگە بېغىشلانغان خەلىقارا فورۇمنىڭ، 2007–2008-ژىللىرى قازاقستان جۇمھۇرىيىتى ئىختىسات ۋە بيۇدژېتنى پلانلاش مىنىسترلىگىنىڭ ئىختىساتنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتىنىڭ، 2009–2013 ژىللىرى قازاقستان سەياسىي قارارلار ئىنستىتۇتىنىڭ، لېيپسىگ شەھىرىدىكى لېيبنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، ئىنژىنىرىڭ ۋە تېخنولوگىيانىڭ دۇنىيايۈزلۈك كوڭرېسسىغا – WCET-2012، International Geograhhy Symposium، (2013-Kemer، Antaiya Turkye) ھەم تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئېۋرازىيا؛ سەياسەت ۋە جەمىيەت» (2014) ئىلمىي كونفېرېنسىيالىرىگە قاتناشتى.

شېرىپجان مەرۈۋاخۇن ئوغلى بۈگۈنكى كۈندە ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەبىەتنى باشقۇرۇش ۋە گېوگرافىيا فاكۇلتېتىنىڭ گېوگرافىيا، يەر قۇرۇلۇمى ۋە كاداسترى كافېدرىسىنىڭ پروفېسسورى. «قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا قوشقان ئۈلۈشى ئۈچۈن» مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغان. «ئالىي ئوقۇش ئورنىنىڭ ئىلغار ئوقۇتقۇچىسى»، «مىخاىل ۋاسىلئېۋىچ لومونوسوۋقا 300 ژىل» مېداللىرى، «ئەل-فارابى نامىدىكى قازدۇغا 75 ژىل» ھۆرمەت بەلگۈسى بىلەن تەغدىرلەڭەن. ئەمگەك قىلىۋاتقان كوللېكتىۋتىلا ئەمەس، يېقىن ۋە ژىراق چەت ئەل ئېكسپېرتلار جەمىيىتىدىمۇ ئابروي-ئىناۋىتى ئۈستۈن.

شېرىپجان نادىروۋ جەمىيەتلىك ئىشلاردىنمۇ چەتتە قالغىنى يوق. «ۋېستنىك»، «گېوگرافىيا ۋ شكولاخ ئى ۋۇزاخ كازاخستانا» ژۇرناللىرىنىڭ رېدكوللېگىيا ئەزاسى. «ئىنايەت» ئاسسوسىاسىياسىنىڭ بايقىغۇچى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى.

ئۆمۈرلۈك رەپىقىسى رابىيە ماخمۇت قىزى تۇرغانوۋا ئىككىسى ئىككى پەرزەنت سۆيۈپ، ئۈچ نەۋرىنى باغرىغا باستى. رابىيە ماخمۇت قىزى بۈگۈنكى كۈندە ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشتا. قىزى رازىيە دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئالمۇتا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېوگرافىيا-ئېكولوگىيا فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، گېرمانىيادىكى مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە ئۇستازلىق قىلماقتا.

ئىلىم-پەن ساھاسىدا ئىز-تامغىسى بار شېرىپجان مەرۈۋاخۇن ئوغلى گۆزەل باھار ئېيىنىڭ ماي ئېيىدا 70 ياشلىق تەۋەللۇدىنى نىشانلايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ داىرىلىك ئالىمنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەپ، ئىشىغا ئۇتۇق، ئاىلىسىگە خاتىرجەملىك، سالامەتلىك  تىلەيمىز.

ۋاققاس ئابباس

«ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئاسسوسىاسىياسى» ژەمىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ باشقارما ئەزاسى