قانلىق ۋاقىە: جاۋاۋى يوق سواللار نۇرغۇن

مەلۇمكى، 1918-ژىلى ماي ئېيىدا يەتتىسۇدا مۇراېۋ رەھبەرلىگىدىكى قىزىل گۋاردىياچىلەر ئوتريادىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋىي قىرىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خخ ئەسىردىكى ئەڭ پاجىەلىك سەھىپىلىرىنىڭ بىرى بولدى ھەم بۇ ۋاقىە تارىختا «ئاتۇ پاجىەسى» دېگەن نام بىلەن قالدى. سابىق كېڭەش دەۋرىدە موشۇ ۋاقىەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەلۇماتلار مەخپىي بولغان. پەقەت 1970-ژىللىرى «ئاتۇ» ھەققىدە ئىلمىي ۋە پۇبلىسىستىكىلىق ماقالىلار يېزىلدى. ئۇمۇمەن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋىي قىرىش ۋاقىەسى كېڭەش دەۋرىنىڭ تارىخىدا مەنئىي قىلىنغان ماۋزۇلار بولۇپ قالدى. 1918-ژىلى يۈز بەرگەن قانلىق ۋاقىەلەر دەسلەپكى قېتىم ئاممىۋىي ئەخبارات ۋاسىتىلىرىدە كېڭەش تارىخىنىڭ ۋە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئاممىۋىي تەقىپلەش سەياسىتىنىڭ «ئاق داغلىرى» سۈپىتىدە قايتا قۇرۇش ۋە ئاشكارىلىق دەۋرىدە بېرىلىشكە باشلاندى. قازاقستان ئۆز مۇستەقىللىگىنى ئالغاندا «ئاتۇ» پاجىەسىنىڭ قۇرۋانلىرىنى خاتىرىلەش بويىچە نۇرغۇن ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئۇلاردىن بۇيان «ئاتۇ» پاجىەسى توغرىلىق چوڭ ماقالىلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىلدى. مۇەللىپلەر ئۆز ئەمگەكلىرىدە ئەينە شۇ قانلىق ۋاقىەلەرنىڭ ئېنىق دەلىللىرىنى تېپىپ، پاجىەلىك ۋاقىەلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشقا تىرىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ ئەسەر سۈپىتىدە خەمىت ھەمراېۋنىڭ «غۇلجا يولى» رومانىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.
«ئاتۇ» پاجىەسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى، قازاقستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ پاجىەلىك ۋاقىەلەرگە بولغان مۇناسىۋىتىنى يېقىندا ئاۋسترالىيالىك ئالىم دېۋىد بروفى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «موشۇ كەمگىچە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار مۇراېۋ تېررورىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى، «ئاتۇ» پاجىەسىنىڭ سىرلىرىنى تېخى ئېچىلىدىغان سىرلار دەپ كۈتمەكتە» («ئۇيگۇرسكايا ناسىيا: رېفورما ئى رېۋوليۇسىيا رۇسسكوم-كىتايسكوم پرىگرانىچئې». كېمبرىدژ، 2016-ژ. 150-بەت). ھەقىقەتەنمۇ موشۇ كۈڭىچە يۈز ژىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋاقىەلەرنىڭ بارلىق سىرى ئېچىلمىدى. «ئاتۇ» پاجىەسى تېخى تەتقىق قىلىشنى ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
موشۇ يەردە ئاساسىي مەسىلە – ئاممىۋىي قىرغىننىڭ سەۋەپلىرىنى ئېنىقلاش مەسىلىسى تۇرىدۇ. بۇ ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى ئەشۇ سواللارغا جاۋاپ تېپىلغاندا ئاممىۋىي قىرغىننىڭ تارىخىي باھاسى بېرىلىدۇ. ھازىر «ئاتۇ» پاجىەسىنىڭ سەۋەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى كۆزقاراش موجۇت. ئىككىلىسى بولشېۋىكلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋىي قىرىشقا مۇناسىۋەتلىك جاۋاپكەرلىگى بىلەن باغلىق. ئەينە شۇلارنىڭ بىرىگە مۇۋاپىق، يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋىي قىرىش ئەكسىل ئىنقىلاۋىي كۈچلەر تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پاجىەگە بولشېۋىكلارنىڭ ھېچ مۇناسىۋىتى ۋە جاۋاپكەرلىگى يوق.
يەنە بىر كۆزقاراش بويىچە، «ئاتۇ» پاجىەسى – ئوكتيابر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن بولشېۋىكلارنىڭ ئۆز مەخسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن «قىزىل تېررور» تاكتىكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ياققال كۆرۈنۈشى. باشقىچە ئېيتقاندا، موشۇ قانلىق جىنايەتكە بولشېۋىكلار جاۋاپكەر.
بىرىنچى كۆزقاراشنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى. بۇ پىكىر كېڭەش دەۋرىدە پەيدا بولغان ۋە كېڭەش ئىدېولوگىياسىنىڭ ئەكسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇنى دەسلەپكى قېتىم تارىخچى ئالىم مالىك كەبىروۋ ئۆزىنىڭ «ئوچېركى ئىستورىى ئۇيگۇر سوۋېتسكوگو كازاخستانا» ناملىق كىتاۋىنىڭ قوليازمىلىرىدا 1960-ژىلى تەكىتلىگەن (كېيىنىرەك بۇ پىكىرلەر «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 1992-ژىلى مايدىكى سانىدا يورۇق كۆرگەن ماقالىسىدا ئېيتىلدى).
تەكىتلەش لازىمكى، م.كەبىروۋ — «ئاتۇ» پاجىەسى ھەققىدە يازغان ۋە ئۇنىڭغا تارىخىي باھا بېرىشكە تىرىشقان دەسلەپكى ئالىم. ئۇ 1950 – 1960-ژىللاردا موشۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىاللارنى توپلىغان. ئالىم ئارخىۋ ماتېرىاللىرىدىن تاشقىرى شۇ ژىللاردا ياشىغان ئادەملەرنىڭ، پارتىيا خادىملىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ژىققان.
ئۇمۇمەن، مۇراېۋ ئوتريادىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋىي ئېتىشىنى م.كېبىروۋ كېڭەش ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە بولشېۋىكلارنىڭ سەياسىي دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان جىنايەت دەپ يازغان. قىزىل گۋاردىياچىلەر ئوتريادىنىڭ كوماندىرى مۇراېۋ «سولچى ئېسېر»، يەنى سولچى سوسىال-ئىنقىلاپچىلار پارتىياسىنىڭ ئەزاسى، ئۇ بولشېۋىكلارنىڭ قاتارىغا نىقاپ ئاستىدا كىرىۋالغان. ئالىم مۇراېۋنىڭ 1918-ژىلى 20-مايدا ۋېرنىي شەھىرىدە مۇەللىملەر ئالدىدا سۆزلىگەن سۆزى (گۇۋاچى د.پرىگورودوۋنىڭ ئېيتىشى بويىچە) ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ۋېرنىي شەھىرىگە كېلىپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە مۇەللىملەر ئالدىدا سۆزلىگەن سۆزى سولچى-ئېسېر مۇراېۋنىڭ ئېنىق سەياسىي پورترېتىنى نامايىش قىلدى. بىراق ئۇ تۇركسىكنىڭ (تۈركستان مەركىزىي ئىجراىي كومىتېتى – ئا.ك.) پەۋقۇلاددە ۋەكىلى ئېدى. شۇڭلاشقا ھەربىي ئىنقىلاۋىي كېڭەش ۋە يەتتىسۇ ۋىلايەتلىك كېڭەشلەر دېپۇتاتلىرى دەسلەپكى كۈنلىرى ئۇنىڭغا ئىشەنچە بىلەن قارىدى. بۇنى – تۈركستان ھەربىي ئوكرۇگى ھەربىي كومىسسارى ئوسىپوۋنىڭ ۋەكىلى مۇراېۋ ياخشى پايدىلاندى» (قوليازما 166-بەت).
ئامما مۇراېۋنىڭ ئېسېرلار پارتىياسىنىڭ ئەزاسى ئېكەنلىگى ھېچقانداق بىر ھۆججەت ياكى مەنبەلەر بىلەن دەلىللەنمەيدۇ. بۇ يەردە مۇراېۋنىڭ سولچى-ئېسېرلار پارتىياسى بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ بارلىغىغا سەۋەپچى بولغان تۆۋەندىكى ئىككى فاكت ئاساس بولىدىغانلىغىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ: 1) ئىنقىلاپتىن كېيىن بولشېۋىكلار كېڭەشلەر تەركىۋىگە ئېسېرلارنى كىرگۈزگەن؛ 2) مۇراېۋنىڭ رەھبەرلىگىدىكى ئوترياد تاشكەنتتىن يەتتىسۇغا تۈركستان ھەربىي ئوكرۇگىنىڭ ھەربىي كومىسسارى ك.ئوسىپوۋ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن. ئوسىپوۋ بولسا، 1919-ژىلى تاشكەنتتە كېڭەش ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتەرگەن. شۇڭلاشقا كېڭەش تارىخچىلىرى مۇراېۋنى ئېسېرلار پارتىياسىنىڭ ئەزاسى دەپ قارىغان.
م.كەبىروۋ مۇراېۋنىڭ ئېسېرلار پارتىياسىگە ئەزا ئېكەنلىگىنى تۈركستاندا ئېسېرلارنىڭ ئاكتىۋلىغى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. ئالىم يەتتىسۇدا كېڭەش ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا قاتناشقانلارنىڭ بىرى س.مىلېتىننىڭ پىكرىنى كەلتۈرۈپ، ۋېرنىي شەھىرىدە «سولچى-ئېسېرلارنىڭ» تەشكىلاتلىرى بولغانلىغىنى ۋە ئۇلارنىڭ كېڭەش ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىغىنى ئېيتىدۇ.
مۇراېۋ ئوتريادىنىڭ تەركىۋى ھەققىدە ئېيتقاندا، م.كەبىروۋنىڭ پىكرىچە، بۇ ئوترياد تاشكەنتتە قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ تەركىۋىدە 40 ھەربىي بولغان. ۋېرنىي شەھىرىگە يېقىنلاشقانسىرى ئۇلارنىڭ سانى 400گە يەتكەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مۇراېۋنىڭ ئوتريادىدا تاشكەنتلىك ۋە ۋېرنىيلىق قىزىل گۋاردىياچىلەرنىڭ سانى ئاز بولغان. ئوتريادنىڭ كۆپ قىسمى … يول بويى كۇلاكلار، قاراقچىلار، ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن تولۇقتۇرۇلغان» (177-بەت). يەنە بىر يەردە ئالىم «ئوترياد كۇلاكلارنىڭ بالىلىرى ۋە ئەكسىلىيەتچىلەردىن» قۇرۇلغان دەپ ئېيتىدۇ. م.كېبىروۋ شۇنداقلا: «چېلەكتە ئوتريادقا ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئەكسىيەتچىلىرى قوشۇلغان» دەيدۇ (177-بەت). شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن رۇسلارنىڭ، قازاقلارنىڭ ۋە تۇڭگانلارنىڭ دوستلۇغى ھەققىدىمۇ كۆپ مىساللارنى كەلتۈرىدۇ.
م.كەبىروۋنىڭ قوليازمىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋىي قىرىشتا جاۋاپكەرلىك بولشېۋىكلاردىن ئېلىنسىمۇ ۋە بارلىق جاۋاپكەرلىك ئەكسىل-ئىنقىلاپچىلارغا ژۈكلەنسىمۇ، 1975-ژىلى يورۇق كۆرگەن كىتاپتا «ئاتۇ» پاجىەسى توغرىلىق مەتىن ئېلىنىپ تاشلىنىدۇ. بۇ ئاممىۋىي قىرغىن توغرىلىق مەلۇمات ئىككى جۈملە ئارقىلىقلا بېرىلىدۇ: «كېڭەش ھاكىمىيىتىگە قارشى تەشۋىقاتقا ئىشىنىپ ۋە ئاقگۋاردىياچىلەر، بايلارنىڭ قورقۇتۇشىدىن ھەم غۇلجا ھاكىمىيىتىنىڭ ئاگېنتلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، 1918-ژىلى ماي ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا ۋېرنىي ۋە ياركەنت ئۇېزدلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى غۇلجا تەۋەسىگە كۆچۈپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا كۆچۈشىگە ئۇيغۇر ئاھالىسىغا مۇراېۋ رەھبەرلىگىدىكى قىزىل گۋاردىيا ئوتريادىنىڭ تەركىۋىگە كىرىۋالغان ئەكسىل ئۇنسۇرلارنىڭ تەقىپلەشلىرى تۈرتكە بولدى» («ئوچېركى ئىستورىى ئۇيگۇروۋ سوۋېتسكوگو كازاخستانا» ئالما-ئاتا، ناۇكا، 1975. 149-150-ب.).
شۇنداق قىلىپ، م.كەبىروۋ ئۆز ئەمگىگىنىڭ كىتاپ نۇسخىسىدا «قىزىلگۋاردىياچى» دەپ ئاتالغان مۇراېۋتىن قىرغىنغا مۇناسىۋەتلىك گۇنانى ئېلىپ تاشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ گۇنانى بولسا، ئۇنىڭ ئوتريادىغا كىرىۋالغان «ئەكسىل ئۇنسۇرلارغا» ژۈكلەيدۇ.
تەكىتلەش لازىمكى، مۇراېۋنىڭ ئىسمى جەمىيەت ئەربابى ۋە يازغۇچى مەشۈر روزىېۋنىڭ «ۋوزروژدېننىي ئۇيگۇرسكىي نارود» (1976-ژىل) دېگەن كىتاۋىدا ئۇمۇمەن ئاتالمايدۇ. قوشۇمچە قىلساق، مەزكۈر كىتاپتا م.كەبىروۋنىڭ كىتاۋىغا قارىغاندا قانلىق ۋاقىەلەر توغرىلىق تەپسىلىي يېزىلغان. مەشۈر روزىېۋمۇ بۇ ۋاقىەنى قىزىل ئارمىياگە ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ ھېساپلايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئەكسىل ئىنقىلاپچىلار قىزىقگۋاردىياچىلەر نىقاۋى ئاستىدا ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بۇلاڭچىلىق قىلغان، ئادەملەرنى پۇلېمېتلار ۋە مىلتىقلار بىلەن ئاتقان. بۇ مىللەتلەرارا زىددىيەتنى پەيدا قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ كېڭەش ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. («ۋوزروژدېننىي ئۇيگۇرسكىي نارود» 1976.132-133-ب.). مۇەللىپنىڭ پىكرىچە، قىزىلگۋاردىياچىلەر «ۋەھشى باندىتلارنى» قۇرالسىزلاندۇرۇپ، قانلىق قىرغىننى توختاتقان.
م.كەبىروۋ مۇراېۋنىڭ ئەكسىل-ئىنقىلاپچى، سولچى-ئېسېر بولغانلىغى ھەققىدە دەسلەپكى قېتىم دەلىللىگەن پىكرى كېڭەش دەۋرىدىن كېيىنمۇ يورۇق كۆرگەن ماقالىلاردا ئورۇن ئالغان. بىراق موشۇ كەمگىچە ئارخىۋلاردا مۇراېۋنىڭ قانداقتۇ-بىر ئەكسىل ئىنقىلاۋىي پارتىيا ياكى توپنىڭ، شۇنىڭ ئىچىدە ئېسېرلار پارتىياسىنىڭ ئەزاسى ئېكەنلىگىنى ئۇتتۇر دەلىللەيدىغان بىرمۇ ھۆججەت تېپىلمىدى.
قىزىق يېرى، نۇرغۇنلىغان ئارخىۋ ماتېرىاللىرى مۇراېۋنى پەقەت فامىلىياسى بىلەن كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ياكى ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلمىغان. كېڭەش دەۋرىدىن كېيىنكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە مۇراېۋ «ئېگور» دېگەن ئىسىم بىلەن تەكىتلىنىدۇ. بىراق مۇراېۋنىڭ ئىسمى «ئېگور» ئەمەس، بەلكى «مىتروفان ئىۋانوۋىچ» ئېكەنلىگىنى بىلدۈرىدىغان ھۆججەتلەرمۇ بار. بۇ ئىسىم دەسلەپكى قېتىم سۇلتان جامالنىڭ «تۈزۈم – باشقا، پاجىە ئوخشاش» («ئۇيغۇر ئاۋازى» 2008-ژ. 23-ماي) دېگەن ماقالىسىدا كۆرسىتىلدى. «م» ئىنىسىالى مۇراېۋنىڭ ئىمزاسىنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىلگەنلىگى توغرىلىق مەلۇماتنى يېقىندا ئارخىۋلاردىن ئازنات تالىپوۋ ۋە رىاد قۇربانوۋ تېپىشقا مۇيەسسەر بولدى.
«مىتروفان ئىۋانوۋىچ مۇراېۋ» دېگەن تولۇق ئىسىم قىسقا، بىراق ناھايىتى مۇھىم ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەن. مەزكۈر ھۆججەت ئۆزبەكستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي دۆلەت ئارخىۋىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھۆججەت «سپىسوك ئاكتىۋنىخ ئۇچاستنىكوۋ تۇركېستانسكوگو سوۋېتسكوگو فرونتوۋ پېرىودا س 1917 پو 1920 گگ.» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تىزىمدا كېڭەش ھاكىمىيىتى ئۈچۈن جەڭگىۋارلىق خىزمەتلىرى چوڭ ئون بىر قىزىل ئارمىيا كوماندىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلار كۆرسىتىلگەن. شۇلارنىڭ ئارىسىدا م.مۇراېۋنىڭمۇ كېڭەش ھاكىمىيىتى ئالدىدىكى خىزمەتلىرى تەكىتلەڭەن. مەزكۈر ھۆججەت تەييارلانغاندا (1920-ژىل) ئۇنىڭ ئاخىرقى لاۋازىمى تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي كومىسسارىنىڭ ياردەمچىسى دەپ كۆرسىتىلگەن. «ئۇنىڭ (فرونتتا – ئا.ك.) ئەمگىگى قەيەردە ئەكسىنى تاپتى» دېگەن گرافادا مۇراېۋ ھەققىدە 1917 – 1920-ژىللار ئارىلىغىدىكى مەلۇماتلارنى تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىدۇ: «1) 1917-ژىلدىن باشلاپ جاۋاپكەر كېڭەش خادىمى؛ 2) 1918-ژىلى خەلىق كومىسسارلىرى كېڭىشىنىڭ پەرمانىغا مۇۋاپىق، ئايرىم ئوتريادنىڭ كوماندىرى سۈپىتىدە يەتتىسۇدا ئاقگۋاردىياچىلەرنىڭ قوزغىلىڭىنى بېسىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن؛ قوزغىلاڭ مۇراېۋ تەرىپىدىن باستۇرۇلدى؛ 3) كوماندىر سۈپىتىدە بۇخارا فرونتىدا جەڭ قىلدى؛ 4) زاكاسپىيسك فرونتىدا پولك كوماندىرى؛ 5) تۈركستان جۇمھۇرىيىتى باش شتابىنىڭ ھەربىي بۇيرۇغى ۋە خەلىق كومىسسارلىرى كېڭىشىنىڭ پەرمانى بويىچە تېرمېز قەلئەسىدىن دۈشمەننىڭ ئوقى ئاستىدىن ئوق-دورا ئېلىپ چىقىپ، تاشكەنتكە ۋە فرونتلارغا يەتكۈزدى. باشقىمۇ جاۋاپكەر ھەربىي بۇيرۇقلارنى ئورۇنلىدى». مەزكۈر ھۆججەتتە مۇراېۋ توغرىلىق: «ئۆزىنىڭ قەتئىيلىگى ۋە ئادىللىغى بىلەن ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغانلىغى ئۈچۈن ئالاھىدە تەكىتلىنىشكە سازاۋەر» دەپ كۆرسىتىلگەن.
مانا ژۇقۇرىدا كەلتۈرۈلگەن مەتىندىن كۆرۈپ تۇرىمىزكى، م.مۇراېۋ يەتتىسۇدا قوزغىلاڭنى باستۇرغاندىن كېيىن بۇخارا ۋە زاكاسپىيسك فرونتلىرىدىكى جەڭلەرگىمۇ قاتناشقان (بۇخارا فرونتى بۇخارا ئەمىرلىگىنىڭ تېررىتورىياسىدە، زاكاسپىيسك فرونتى بولسا، خىۋا خانلىغىنىڭ زاكاسپىيسك ۋىلايىتى تېررىتورىياسىدە، ئامۇ دەرىيانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا بولغان. 1919-ژىلى 22-نويابردا «زاكاسپىيسك ئارمىيا توپى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن). ئۇ شۇنداقلا تېرمېزدىكى جەڭلەرگىمۇ قاتنىشىپ، «بىرقاتار جاۋاپكەر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغان». كۆرۈپ تۇرىمىزكى، مۇراېۋ لاۋازىم جەھەتتىن دايىم ئۆسۈپ تۇرغان: ئەگەر ئۇ بۇخارا فرونتىدا ئوترياد كوماندىرى بولغان بولسا، زاكاسپىيسك فرونتىدا پولك كوماندىرى لاۋازىمىغىچە ئۆسكەن.
كۆرسىتىلگەن ھۆججەتتىكى م.مۇراېۋنىڭ لاۋازىملىرى ۋە خىزمەتلىرى ئۇنىڭ سولچى-ئېسېرلار پارتىياسىنىڭ ئەزاسى ئېكەنلىگىنى ۋە ك.ئوسىپوۋ بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئېكەنلىگىنى يوققا چىقىرىدۇ. مەلۇمكى، «ئوسىپوۋ قوزغىلىڭى» 1919-ژىلى 18 – 23-يانۋار كۈنلىرى تاشكەنتتە يۈز بەرگەن ھەم موشۇ ھۆججەت يېزىلغان پەيتكىچە (1920-ژىل) تولۇغى بىلەن باستۇرۇلغان. ئەگەر مۇراېۋ ئوسىپوۋنىڭ سەپدىشى بولغان بولسا، «ئوسىپوۋ قوزغىلىڭى» باستۇرۇلغاندىن كېيىن بىز ژۇقۇرىدا تەكىتلىگەن قىزىلگۋاردىياچىلەر كوماندىرلىرىنىڭ تىزىمىغا كىرگۈزۈلمەتتى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى بۇ تىزىمغا مۇراېۋ بىلەن بىرقاتاردا يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەربىي كومىسسارى ب.شاگابۇدىنوۋمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئۇ بۇخارىنىڭ «ھەربىي نازىرى» بولغان ۋە ئوسىپوۋ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئاكتىۋ قاتناشقان. دېمەك، ئوسىپوۋنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان شاگابۇدىنوۋ ھەم ئوسىپوۋنىڭ سەياسىي كۆزقاراشلىرىنى قوللىغان مۇراېۋنىڭ بىر تىزىمدا بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە، مۇراېۋ ۋە ئوسىپوۋنىڭ ئالاقىسى كېيىن پاش قىلىندى دېگۈچىلەرنىڭ بولۇشىمۇ ئېھتىمالدىن ژىراق ئەمەس. بىراق بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ ھەم ئۇنى ئىسپاتلىغىدەك تارىخىي فاكتلارمۇ يوق.
دېۋىد بروفىنىڭ روسسىيا دۆلەت ھەربىي ئارخىۋىنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئاساسلىنىپ، مۇراېۋقا بەرگەن خاراكتېرىستىكىسىدا ئۇ ھەقىقىي بولشېۋىك سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن: «مۇراېۋ باشقىمۇ تۈركستان بولشېۋىكلىرىغا ئوخشاش تۆمۈر يول ئىشچىلىرىدىن. ئۇ 1917 – 1918-ژىللىرى كۇشكىدا سەياسىي جەھەتتىن كېڭەشلەردە پاالىيەتچانلىق كۆرسەتتى، ئىراندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كازاكلارنى قۇرالسىزلاندۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشتى، بۇخارا فرونتىدا جەڭ قىلدى» (رگۋا 110/31290/1.1؛ بروفى د. ئۇيگۇرسكايا ناسىيا…، 307-ب.).
تەكىتلەش لازىمكى، م.مۇراېۋنىڭ تەغدىرى ناھايىتى سىرلىق. م.كېبىروۋنىڭ پىكرىچە، ئۇ «ئادىل سوتتىن قېچىپ قۇتۇلمىغان ۋە جازالانغان». دەلىللەنمىگەن تەخمىنلەر بويىچە، ئۇ پەرغانە ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. د.بروفى بولسا، روسسىيا ئارخىۋلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ، مۇراېۋنىڭ 1921-ژىلى روسسىيادە ئۆلگەنلىگىنى ئېيتىدۇ.
ھەرقانداق پاجىەلىك ۋاقىەلەرگە ئوخشاش «ئاتۇ» پاجىەسىنى ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرىدا ئۆز ئەكسىنى تاپتى. دەسلەپكى قېتىم «ئاتۇ» پاجىەسى ھەققىدە يېزىلغان قوشاقلار ئا.ئەلاخۇنوۋ تەرىپىدىن «ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى» دېگەن توپلامدا 1977-ژىلى يورۇق كۆردى. يەنە شۇ ئا.ئەلاخۇنوۋ ئۆزىنىڭ 1993-ژىلى «ئارزۇ» ژۇرنالىدا يورۇق كۆرگەن ماقالىسىدا 1970-ژىللىرى «ئاتۇ» پاجىەسى توغرىلىق قوشاقلارنى نەشىرگە تەييارلىغان پەيتتە قوشاقلاردىكى «بولشېۋىكلار»، «قىزىل ئارمىيا» دېگەن سۆزلەرنى باشقا سۆزلەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىغى ھەققىدە سۆز قىلىدۇ. تەكىتلەش لازىمكى، ئا.ئەلاخۇنوۋ تەرىپىدىن «ئارزۇ» ژۇرنالىدا نەشىر قىلىنغان قوشاقلاردا «بولشېۋىكلار» دېگەن سۆز تۆرت قېتىم تەكرارلىنىدۇ (ئا.ئەلاخۇنوۋ. «جۇدالىق قوشاقلىرى». «ئارزۇ»، №7، 1993، 83-ب.).
مۇراېۋنىڭ قىزىل گۋاردىياچى سۈپىتىدە پاالىيىتى ھەققىدە يەتتىسۇدا مەدەنىي ئاقارتىش ئىشلىرىغا پاال قاتناشقان سابىرجان شاكىرجانوۋ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «كازاكلارنى تار-مار قىلىشتا تاشكەنتتىن كەلگەن مۇراينىڭ ئوتريادى ئاكتىۋ قاتناشتى. كازاكلارغا ياخشى ساۋاق بولدى… ئىنقىلاپقا قارشى ھەرىكىتى ئۈچۈن مۇراېۋ ئوتريادى 15 مۇسۇلمان يېزىسىنى جازالىدى» («دنېۋنىك شاكىردزيانوۋا» قج مەركىزىي دۆلەت ئارخىۋى. ف. 1261، ئوپ.1، د،1، ل.8).
شۇنداق قىلىپ، كېڭەش دەۋرىدە شەكىللەڭەن «يەتتىسۇدا ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋىي قىرىش بولشېۋىكلار نىقاۋىنى كىيىۋالغان ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئىشى» دېگەن پىكىر ھەقىقەتكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بۇ پىكىر كېڭەش ئىدېولوگىياسى داىرىسىدە پەيدا بولغان. ئۇ بولشېۋىكلارنىڭ بۇ جىنايەتتىكى جاۋاپكەرلىگىنى يوققا چىقىرىپ، كېڭەش ھاكىمىيىتىنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئارتىشنى مەخسەت قىلدى. بارلىق قولدا بار مەنبەلەر بۇ ئاممىۋىي قىرغىن يەتتىسۇدا كازاكلارنىڭ قوزغىلىڭىغا قارشى ھەرىكەتتە قىزىل ئارمىيانىڭ ئاممىۋىي قىرىش ئامىللىرىنىڭ بىر قىسمى بولغانلىغىنى دەلىللەيدۇ.

ئابلەھەت كامالوۋ، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور.